بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ئەسەرلەر >> ئاشكارلاش .... ( نەسىرلەر )

ئاشكارلاش .... ( نەسىرلەر )

يوللانغان ۋاقتى : 2007-10-12 05:48:12    كۆرۈلۈش سانى : 753  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

 ئاشكارلاش ....

( نەسىرلەر )

1
ئاتام جۈمەنى تەرك ئەتكەن كۈنى قىساس خەنجىرىنى يۈرىكىمگە بايراقسىمان قاداپ قويدى . قان قەسىرىدىن بىتاھارەت قولۇمغا چىققان قەلەم ، ئازغۇنلار قەبىلىسىنىڭ كېنزەكلىرى بىلەن ھاياسىز تۈنەپ قالدى .....

2
بىلەتسىز ئويۇنغا قىزغىنلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىۋاتقان قەدەملىرىمدىن، زېمننىڭ سۈتتەك تېرىسى چاك - چاك يېرىلىپ ، تەن قىقاسلىرىنىڭ خۇنسىز ھوجۇمىدا يارىدار سامادىكى قۇشقا ئايلىنىپ قالدىم !

3
لەھەت ئىچىدە چىرقىرىغان قىنىمنىڭ ئېچىنىشلىق نىداسى ، رەھ سەلتەنىتىنىڭ مۇقەددەس خانىقاسىغا ساراڭلارچە پاسىق بىشى بىلەن ئۈستى ...ئاي شارى جەينامازدىكى ھىدايەتكارىنىڭ دىققىتىنى چېچىۋەتتىم . ئۇ كامىل ئىنسان بولماي چىقتى ......

4
ئەلەڭلەپ يۈرگەن كائىناتتىكى تۇرقۇمدىن زوقلاندىم . ئالقانلاردا كېپەنلىنىۋاتقان تەكلىماكان تېنىقلىرى ، بىچارە توغراقنىڭ سۈبھىدىكى قەبرىگاھىغا باش قويۇپ ، قۇم ساھىلىدا ئۇسسۇزلۇقنىڭ زەھەرلىك تامچىسىغا تېنى قوشۇلماي ، قىنى قوشۇلۇپ كەتكىنىدىن ئەندىكتىم ....

5
تاۋۇتۇم قاغىنىڭ چاڭگىسىدا يۇيۇپ - تاراقسىز،ھەتتا : كېپەنسىز قالدى ... جۇدۇن كاچكۇللىرىدا تېنەشلەرگە چۆككەن ھۈجەيرىلەردە ، غورۇرنىڭ سىماسى يوق ئەپتىمگە ئىلتىجا قىلىۋاتقان سۈكۈتسىز قۇش ، قارىچۇقۇمدىن پاجئەلىك قىسمەتنىڭ مەقسىدىنى چەبدەسلىك بىلەن يۇلۇپ چىقتى .....

6
تۇمانغا كۆنۈپ كەتتىم ! ئەممالىكىن ، مەڭگۈلۈك كۆنۈشكە تاقىتىم بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ !!!

7

قارىچۇقۇڭدىن ئاققان كۆڭۈل زەردابلىرىڭدىن ، ئۆزۈمنىڭ بىچارە ھالىتىنى سۈزۈلۋالدىم .

8

يۈرىكىڭ دەھشەتلىك سېلىپ ، ئالامنى - مالەم قىلىپ بېشىغا پۈتۈن كېيگەن دەقىقە ، جۇدالىق خەنجىرى رەھىمسىزلەرچە جار سالدى ...مۇھەببەتتىن مەھرۇم بىر سەرگەردانغا ئايلاندىم .

9

بەخىت شارابى لىۋىمدىن كەتمىدى .... ئەمما ، ۋىسال قۇشى يىراق - يىراققا ئۇچۇپ كەتتى،،،

10

تۇيغۇلىرىمنىڭ غېرىبلىقىدا ، ئازابلارنىڭ ئېزىق چېشىدا چاينالماقتىمەن .... پارتىلاش ﻫالىتىدىكى نېرۋامنىڭ سېستىمىلىرى ئاخىرقى بۇيرۇققا مەجنۇنلارچە تەلمۈرۈپ ، قارىچۇقۇمنىڭ تومۇرىنى ، گويا لەگلەكنىڭ پېيىنى يېغىۋالغاندەك مەجبۇرىي تارتقۇشلىماقتا ...

11

جۇدالىق پەريادلىرنىڭ دۇمبالاشلىرىدا چېﻬرىمدە خۇن يوق ! كۆزۈمدە نۇر يوق !! كېشەنلەنگەن ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن ناتونۇش مەنزىلنى ئارمان قىلماقتىمەن !!

12

بىر قۇش يۈرىكىمنى چوقۇۋالدى .... تېنىم بىر چەكسىز گۈلخاندا چاراسلاپ كۆيمەكتە ......


2007- 4 - 27 ياركەنىت --- ئالمەت


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەدەبىياتىىمىزدىك...
●  بەربادلىق2
●  سەن كېتىپ...
●  ئاشكارلاش .... ( نەسىرلەر )...
●  ياخشى ساتىرا، بىللە كۆرەيلى...
●  تاشبوران: تەنﻬا ئايال...
●  سۆيۆلگۈچىگە خىتاب...
●  مۇۋەششەﻫ
●  سىلەر سۇنغان،سۇناي مەنمۇ جام.....
●  (پاسئان) قانداق قۇش ئۇ...
●  ئۈچ شائىر يازغان بىر پارچە شېئىر توغرىسىدا...
●  تېڭىرقاش..
●  چۆكۈپ كەتكەن سۇئاللار.....
●  تۈندىكى نىدا
●  سۇمرۇغ چايخانىسىدىن نىمىشقا پايدىلانمايمىز.؟...
●  ئىپتىدائىي سەنئەتتە بۆرە تەسۋىرى...
●  يادىكار: ئۈچ شېئىر...
●  [ئەسلى] ئادەملەرگە قارار كۆزۈم يوق !...
●  قەشقەر
●  سەن بار

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەدەبىياتىىمىزدىكى قار...
●  بەربادلىق2
●  سەن كېتىپ...
●  ئاشكارلاش .... ( نەسىرلەر )...
●  ياخشى ساتىرا، بىللە كۆرەيلى...
●  تاشبوران: تەنﻬا ئايال...
●  سۆيۆلگۈچىگە خىتاب...
●  مۇۋەششەﻫ
●  سىلەر سۇنغان،سۇناي مەنمۇ جام.....
●  (پاسئان) قانداق قۇش ئۇ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى