ئۈچ شائىر يازغان بىر پارچە شېئىر توغرىسىدا
يوللانغان ۋاقتى : 2007-10-11 22:05:03 كۆرۈلۈش سانى : 407
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[color=Blue][size=6][/size][/color]ئۈچ شائىر يازغان بىر پارچە شېئىر توغرىسىدا يارى
شېئىر يازىدىغانلار ۋە شېئىرلار ئۆزلىكسىز تۈردە چەكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ . بۇ ئەﻫۋالنىڭ ﻫەقىقىي تۈردە بىزگە چاپلاشقان كېسەل(ۋابا) بۇلۇپ قالماي ، بەلكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئالتۇندەك گۈللىنىش شەجەرىسى بۇلۇپ قېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا شېئىر يازىدىغانلار ۋە شېئىر ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئوخشاشلا چۇقۇم مەسئۇلىيىتى بار . چۈنكى ئۇلار كېسەللىكنى ئالدىن بايقۇغۇچىلاردۇر ﻫەم شىپاﻫ ئىزدىگۈچىلەردۇر .
<پەيسىز ئوق> نىڭ سېلىشتۇرما مۇنازىرىسىگە ئاساسەن مەن بۇ ئۈچ پارچە شېئىرنى ئۆزەمنىڭ ئۇيى بۇيىچە تۆۋەندىكىدەك سېلىشتۇرۇپ باقتىم :
ئەي چىڭ يازغان <ئەينەك> تە شائىر ئەينەكنىڭ كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئالاﻫىدىلىكىنى تۇتقا قىلغان ﻫالدا ئۇنىڭ راسچىللىقىنى مەدىﻬلىگەن ۋە ئۇنى ئادەملەردىكى ساختىلىق بىلەن راستچىللىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا قۇيۇپ ، ئەينەكنى بۇ ئىككىسىنىڭ تەڭپۇڭ نوقتىسى قىلغان . شۇنداقلا ئەينەكنى راسچىللىقنىڭ تارازىسى دەپ كۆرسەتكەن . يەنى يىغىنچاقلىغاندا ئەينەك - دەل ئەمەلىيەتتۇر .
ئابدۇرېﻬىم ئۆتكۈر يازغان <ئەينەك> تە شائىر ئەينەكنىڭ كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئالاﻫىدىلىكىنى ﻫەقىقەت دەرىجىسىگە كۆتۈرمەكچى بولغان ، يەنى : بىر سى خاتا ئىشنى قىلىپ ، <بۇ توغرا ئىدى> دېسىلا ئۇ ﻫەرگىزمۇ توغرا بۇلۇپ قالمايدۇ . بەلكى ئۇنىڭ (شۇ ئىشنىڭ) بۇرۇندىن خاتانى خاتا ، توغرىنى توغرا دەيدىغان ئەمەلىيەتتىن ئىبارەت بىر ئۆزگەرمەس ﻫەقىقىتى بولغان . ئۇنى ئۆزگەرتىمەن دەپ كۈچەشنىڭ ئۆزى خاتا . چۈنكى بۇنداق قىلىش سەۋەبلىك توغرا نەرسە خاتا ، خاتا نەرسە توغرا بۇلۇپ قالمايدۇ . يىغىنچاقلىغاندا ئەمەلىيەت - دەل ﻫەقىقەتتۇر .
ئارىسلان يازغان <ئەينەك> تە شائىر ئەينەكنى ﻫەقىقەتنىڭ جارچىسى دەپ ئۇدۇللا ئوتتۇرىغا قويغان . ئۇ سەن ياخشى ياكى يامان بول ﻫەقىقەت ئەنە شۇنداق . ئۇنى يوققا چىقىرىشنىڭ ئۆزى ﻫەقىقەتتىن قېچىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرگەن . يىغىنچاقلىغاندا ئەينەك ياكى ئەمەلىيەت - ﻫەقىقەتنىڭ جارچىسى !
يىغىنچاقلىغاندا مۇنداق خۇلاسە قىلىشقا بولىدۇ : ئەي چىڭ نەرسىنى گەۋدىلەندۈرگەن . ئابدۇرېﻬىم ئۆتكۈر بولسا بىر قەدەر چوڭقۇرلاپ ، نەرسە ئارقىلىق ئادەمنى گەۋدىلەندۈرگەن . ئارىسلان بولسا نەرسە ۋە ئادەمنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئەينەكنىڭ نەرسە بىلەن ئادەمنىڭ ئەمەلىيىتىنىڭ يەنى ، ﻫەقىقەتنىڭ جارچىسى ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلىغان . يوقارقى تەﻫلىل توغرا بولغاندا ، قىسقىسى - ئەينەك توغرىسىدا ئالدى بىلەن ئەي چىڭ قەلەم تەۋرەتكەن . ئابدۇرېﻬىم ئۆتكۈر ئۇنىڭدىن ئىلﻬاملىنىپ ، ئۆزىنىڭ <ئەينەك> ىنى ئىجاد قىلغان . ئارىسلان يوقارقى ئىككى شېئىردا چىقمىغان خۇلاسە <ئەينەك> نى مەيدانغا كەلتۈرگەن . لېكىن ، شېئىرىي بالاغەت جەﻫەتتە ئابدۇرېﻬىم ئۆتكۈر ئەپەندى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان . ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرگەن ئىدىيىسى ۋە قوللانغان بەدىئىي ماﻫارىتى ئىككى شائىرنىڭكىدىن خېلىلا ئۈستۈن بۇلۇپ ، يوقارقى تەﻫلىلىمىزنىڭ تۈۋرىكى دىيىشكە بولىدۇ . |
|