ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> كونا مۇنبەردىكى تېمىلار >> سىلەر سۇنغان،سۇناي مەنمۇ جام..

سىلەر سۇنغان،سۇناي مەنمۇ جام..

يوللانغان ۋاقتى : 2007-10-12 05:52:23    كۆرۈلۈش سانى : 17  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ئاپتۇرى: باتۇر روزى

ئوسا يەرلەر ئۇيۇپتۇ تۇتاش
تىكەنلەرگە يامىرماقتا نەم.
بەلباغ-بەلباغ نۇر سىپەر قۇياش
بېرىپ يەرگە تەبەسسۇم شۇ دەم.
چانا ﻫەيدەپ كەلگەنچە بىر قىز
ئۆتۈپ كەتتى سۈركىلىپ غىل-پال
ئۇ دالامنى ئايلىنىپ تېز-تېز
زەڭگەر رەڭدە ﻫەل بەردى دەرﻫال.
قاپتاللاردا ياڭرىتىپ سادا،
تۆمۈر تۇمشۇق چوقۇلار ئورمان.
ئۇمۇ بىزدىن بولىدۇ جۇدا،
زەڭگەر چۈشلەر كۆرمەيدۇ ئىنسان.
تەبىئەت گاﻫ ياستاق ئايۋان
كەيمە تازغا ئوخشايدۇ گاﻫى
ئۇ ﻫېچكىمگە بولالماس ماكان
ۋە ﻫېچكىمنىڭ ئەمەس پاناﻫى
دوستلار،دوستلار كۆڭلۈڭلار بەك كەڭ،
سىغار ئاڭا مەن تۇرغان ئالەم
ئۇ تۈزۈمەس ﻫەرئان ﻫەر خىل رەڭ
ئۇ ياسايدۇ مىليۇنلاپ ماتەم.
ئەي، تەبىئەت سەن شاللاق، رەڭباز
گۈل كۆرۈندىڭ بولغاچ دوسلار ساز
دوستلار،دوستلار كېلىڭلار بۇ ياق
بەدەشقانغا بولاي پايانداز
يادلانمىسۇن رەمەتلىك ئاتام،
ماتەملەرگە ئەمەس كۆڭلۈم جاي
سىلەر سۇنغان، سۇنغان مەنمۇ جام
ئىچە-ئىچ مەي!
ئىچە،شەلپەر چاي.

1985-يىل


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

ئەدەبىياتىىمىزدىك...
بەربادلىق2
سەن كېتىپ...
ئاشكارلاش .... ( نەسىرلەر )...
ياخشى ساتىرا، بىللە كۆرەيلى...
تاشبوران: تەنﻬا ئايال...
سۆيۆلگۈچىگە خىتاب...
مۇۋەششەﻫ
سىلەر سۇنغان،سۇناي مەنمۇ جام.....
(پاسئان) قانداق قۇش ئۇ...
ئۈچ شائىر يازغان بىر پارچە شېئىر توغرىسىدا...
تېڭىرقاش..
چۆكۈپ كەتكەن سۇئاللار.....
تۈندىكى نىدا
سۇمرۇغ چايخانىسىدىن نىمىشقا پايدىلانمايمىز.؟...
ئىپتىدائىي سەنئەتتە بۆرە تەسۋىرى...
يادىكار: ئۈچ شېئىر...
[ئەسلى] ئادەملەرگە قارار كۆزۈم يوق !...
قەشقەر
سەن بار

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

ئەدەبىياتىىمىزدىكى قار...
بەربادلىق2
سەن كېتىپ...
ئاشكارلاش .... ( نەسىرلەر )...
ياخشى ساتىرا، بىللە كۆرەيلى...
تاشبوران: تەنﻬا ئايال...
سۆيۆلگۈچىگە خىتاب...
مۇۋەششەﻫ
سىلەر سۇنغان،سۇناي مەنمۇ جام.....
(پاسئان) قانداق قۇش ئۇ...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316