ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> كونا مۇنبەردىكى تېمىلار >> ئەدەبىياتىىمىزدىكى قارا نۇپۇس – ۋېناس

ئەدەبىياتىىمىزدىكى قارا نۇپۇس – ۋېناس

يوللانغان ۋاقتى : 2007-10-12 15:33:07    كۆرۈلۈش سانى : 1  
كىچىك | نورمال | چوڭ             

ئەدەبىياتىمىزدىكى قارانۇپۇس - ۋېناس

(مىكرۇ مۇلاﻫىزە)

تاشپولات روزى ئاتا


يېقىندا مەلۇم بىر مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان مەلۇم بىر مۇﻫەببەت تېمىسىدىن شېئىرنى ئوقۇپ قالدىم، شىئېر ﻫەرقايسى جەﻫەتلەردىن خىلىلا دىلنى تارتقۇدەك يېزىلغان ئىكەن بىراق ،ئاپتورنىڭ شېئىردا ۋەسلىگە يەتمەكچى بولغان مەشۇقىنى بىلىپ - بىلمەي ئاتالمىش "گۈزەللىك "ۋە "مۇﻫەببەت" ئىلاﻫەسى ۋىناسقا تەڭداش قىلغىنى دىتىغا قەتئىيلا ياقمىدى.
ﻫالا ،بۈگۈنمۇ ئىتېرنىتتىكى مەلۇم ئەدەبىيات مۇنبىرىدە شۇنداق بىر شىئېردا ﻫىلىقى يۇنانلىق ۋىناسنى يەنە ئۇچرىتىپ قالدىم.
بۇ يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى چولاق ئىلاﻫە قاچاندىن بىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا گۈزەللىكنىڭ سىمۋولى بولوپ قالدى ؟
ئەﻫۋالدىن قارىغاندا پىرۇمىتىيمۇ ئەدەبىياتىمىزنىڭ قايسى بىر بۇلۇڭلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۇچۇن مۇقەددەس ئوتنى ئوغورلاپ ، يۇنان تەڭرىلىرى تەرىپىدىن جازالىنىپ يۈرگەن ئوخشىمامدۇ؟!
ﻫەيرانمەن. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى بەزى ئاتاقلىقلىرىمىز ئەسەرلىرىنى بارغانچە سىرلىقلاشتۇرۇپ ، ﻫەرمىسراسىنى نەچچە يىل ئىخلاس بىلەن تەپسىرقىلغۇدەك "مۇقەددەس كالام" يارىتىش ئىنقىلابىغا كىرىشىپ كەتتى!
ئەمدى ،بەزى ئەدىبلىرىمىزبولسا ياۋروپالىقلار سانائەت ئىنقىلابىدا تاشلىۋەتكەن ئاتالمىش يۇنان ئىلاﻫلىرى ،ئەپسانىۋى قەﻫرىمانلىرى بىلەن ئەسەرلىرىنى بىزەپ ،ئۆزىچە "دۇنياۋى" تۈس بېرىشكە تېرىشىۋىتىپتۇ!
ۋېناس - ئۇ مەڭگۈ ۋېناس خالاس . مەندەك بىر ئۇيغۇرنىڭ نەزەرىدە ئۇنىڭ قانچىلىك گۈزەل ئەپسانىيلەربىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ،ئۇ بىر چولاق ﻫەيكىلىدىن باشقا ﻫېچنىمە ئەمەس .
قەدىمكى مەدەنىيەت تارىخى يۇنانلىقلاردىن قېلىشمىغۇدەك ،بىز ئۇيغۇرلار دا ،چەتئەلدىن ۋېناس ئوبرازىنى ئىمپورت قىلمىساقمۇ مۇﻫەببەت ،گۈزەللىككە سىموۋول قىلغۇدەك تىپلىرىمىز ئىشىپ-تىشىپ تۇرۇپتۇ..
بۇ يەردىكى قارانۇپوس سىمۋوللۇق ئوبرازلارنى قەستەنگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نىقتاپ كىرگۈزۈش قىپقىزىل دورامچىلىق ۋە دەبدەبىيچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس!
ئەشۇ ، ۋىناسچىلارغا ئاخىرىدا دەيمەنكى :
ياۋرۇپا كلاسسىك ئەسەرلىرىگە دائىر پارچە-پۇرات نەرسىلەرگە ياكى ئەدەبىياتنى خەلقتىن يىراقلاشتۇردىغان غەيرى ئىزىملارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كېچىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيەت مەنبەيىڭىزنى ۋاقتىدا تېپىۋېلىڭ.

2007 -يىلى 12- ئۆكتەبىر.غۇلجا


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

ئەدەبىياتىىمىزدىك...
بەربادلىق2
سەن كېتىپ...
ئاشكارلاش .... ( نەسىرلەر )...
ياخشى ساتىرا، بىللە كۆرەيلى...
تاشبوران: تەنﻬا ئايال...
تۈن لېرىكىسى
تەڭىرىتاغ ژورنىلى
سۆيگۈ ۋە قىساس روما...
بىر قىسىم ئۇيغۇر نا...
(تارىخى رەشىدىي)نەشىر قىلىندى...
تەڭىرىتاغ ژورىنىلن...
ئوت يۇلتۇزى
سۆيۆلگۈچىگە خىتاب...
مۇۋەششەﻫ
سىلەر سۇنغان،سۇناي مەنمۇ جام.....
(پاسئان) قانداق قۇش ئۇ...
ئۈچ شائىر يازغان بىر پارچە شېئىر توغرىسىدا...
تېڭىرقاش..
چۆكۈپ كەتكەن سۇئاللار.....

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

ئەدەبىياتىىمىزدىكى قار...
بەربادلىق2
سەن كېتىپ...
ئاشكارلاش .... ( نەسىرلەر )...
ياخشى ساتىرا، بىللە كۆرەيلى...
تاشبوران: تەنﻬا ئايال...
تۈن لېرىكىسى
تەڭىرىتاغ ژورنىلى
سۆيگۈ ۋە قىساس رومانىدى...
بىر قىسىم ئۇيغۇر ناخشىچ...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316