بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ئەسەرلەر >> سۆيۆلگۈچىگە خىتاب

سۆيۆلگۈچىگە خىتاب

يوللانغان ۋاقتى : 2007-10-12 02:12:32    كۆرۈلۈش سانى : 1153  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
[color=Green][color=Green][color=Green][color=Green][color=Red][size=6]سۆيۈلگۈچىگە خىتاب[/size][/color]
(1)
ئەي مىنىڭ كۆزۈمدە ئەكىسلەنگۈچى،
بۇلاقتەك كۆزۈمدىن كۆرگىن ئۆزۈڭنى.
سۈپسۈزۈك ئاسماننى ئەسلەتسەم ساڭا،
قاراڭغۇ پەردىدە ياپما يۈزۈڭنى.

قولۇڭنى تۇتسام گەر كۆيۈك قولۇمدا،
مۇز ئەمەس قولۇمغا تۇتقۇزغىن چوغنى.
قانسىراپ يىقىلسام ئاياغ ئاستىڭغا،
تىكلىگىن قەبرەمگە مۇقەددەس تۇغنى.

سۆيگۈ دەپ يىقىلسام،
سۆيگۈ دەپ ئۆلسەم،
كىپەنلىك قىل ماڭا مۇﻫەببىتىڭنى.
يەرلىكىم ئويۇلسۇن قەلبىڭگە پەقەت،
قارا يەر يەكلىسە مۇزدەك تېنىمنى.

جەسىتىم ئالدىدا تۇرما تەمتىرەپ،
چېتىلسۇن ئىڭېكىم ئەتلەس شارپاڭدا.
كۈتمەيمەن سىنىڭدىن ئۆزگە تەسەللى،
دوئاغا قول كۆتۈر ﻫەر كۈنى تاڭدا.

(2)
ئالدىمغا گۈل تۇتۇپ كىلەلمىسەڭمۇ،
چىچەكلىك شاخلارنى كەلگىن سۇندۇرۇپ.
قەلبىڭدىن تەڭلىسەڭ بىر قەدەﻫ دۇغ سۇ،
مەن ئۇنى قولۇمدا ئىچەي تىندۇرۇپ.

مۇﻫەببەت مۇﻫتاجمەس ﻫەرخىل رەڭلەرگە،
قولۇڭدا كەشتىلە ئاددىي قولياغلىق.
بىرىلمەي ياشايلى كاتتا ئەڭ لەرگە،
بۇ سۆيگۈ ماڭا ﻫەم ساڭىلا تالىق.

ياشايلى ۋەيرانە كەپىدە مەيلى،
سارايلار بىز ئۈچۈن نە كېرەك ئەركەم.
چۆللەرنى گۈلشەن دەپ قىلايلى سەيلى،
سۆيگۈدىن بىزەيلى تاڭلارنى كۆركەم.

تىكەنلەر تېنىڭنى تىلغىسا ئەگەر،
يىغلىما قولۇمغا ئېسىلغىن مەﻫكەم.
يىلانلار يۈزۈڭگە چاچراتسا زەﻫەر،
گۈللەردىن ياراڭغا ئىزلەيمەن مەلﻬەم.

ساقايماس كىسەلگە بولسام مۇپتىلا،
باغرىڭدا پەپىلەپ ئەملىگىن مېنى.
قىسمەتتىن ئاغرىنىپ يۈرمە ئاﻫ ئۇرۇپ،
يۈزۈمدىن قاچقاندا روﻫىمنىڭ قېنى.

جەسىتىم ئالدىدا تۇرما تەمتىرەپ،
تىكەنلىك يوللارغا يەرلىگىن مېنى.
روﻫىمنىڭ ئوزۇقى قالمىسۇن كەملەپ،
دوئاگۇي دەملەردە كۈتەي مەن سىنى.

2007.يىلى.ئۆكتەبىر (ئۈرۈمچى)






[/color][/color][/color][/color]


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەدەبىياتىىمىزدىك...
●  بەربادلىق2
●  سەن كېتىپ...
●  ئاشكارلاش .... ( نەسىرلەر )...
●  ياخشى ساتىرا، بىللە كۆرەيلى...
●  تاشبوران: تەنﻬا ئايال...
●  سۆيۆلگۈچىگە خىتاب...
●  مۇۋەششەﻫ
●  سىلەر سۇنغان،سۇناي مەنمۇ جام.....
●  (پاسئان) قانداق قۇش ئۇ...
●  ئۈچ شائىر يازغان بىر پارچە شېئىر توغرىسىدا...
●  تېڭىرقاش..
●  چۆكۈپ كەتكەن سۇئاللار.....
●  تۈندىكى نىدا
●  سۇمرۇغ چايخانىسىدىن نىمىشقا پايدىلانمايمىز.؟...
●  ئىپتىدائىي سەنئەتتە بۆرە تەسۋىرى...
●  يادىكار: ئۈچ شېئىر...
●  [ئەسلى] ئادەملەرگە قارار كۆزۈم يوق !...
●  قەشقەر
●  سەن بار

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەدەبىياتىىمىزدىكى قار...
●  بەربادلىق2
●  سەن كېتىپ...
●  ئاشكارلاش .... ( نەسىرلەر )...
●  ياخشى ساتىرا، بىللە كۆرەيلى...
●  تاشبوران: تەنﻬا ئايال...
●  سۆيۆلگۈچىگە خىتاب...
●  مۇۋەششەﻫ
●  سىلەر سۇنغان،سۇناي مەنمۇ جام.....
●  (پاسئان) قانداق قۇش ئۇ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى