(پاسئان) قانداق قۇش ئۇ
يوللانغان ۋاقتى : 2007-10-11 05:55:06 كۆرۈلۈش سانى : 38
قانداق قۇش ئۇ
قانداق قۇشتۇر ئۇ، گوياكى ئوقيادەك قارىقۇيۇق ئىستەكلەشنى رەت قىلغان؟ ئىسىنىشتا كىرىپ قېلىپ ئۆزىگە، ئىچىدىكى شاماللاردەك يېرىلغان. قانداق قۇشتۇر ئۇ، تاشلارغا ئۇچقانچە پەسلەۋېتىپ كاۋاكلارغا ئايلانغان؟ بۇلۇتلارنىڭ ئىدىيالى ئالدىدا، كۆتۈرۈلگەن پالاقسىمان، يايسىمان. قانداق قۇشتۇر ئۇ، پۈتۈنلەي سۇدەكلا، دەرەخلەرگە كېتىۋېتىپ ئويغانغان؟ ياياقلىقى، ئاستىلىقى تۈپەيلى، ئىﻬ، مەنىلىك كومزەكلەرگە سولانغان. قانداق قۇش ئۇ، پۇچۇلانغان تۈنسىمان، چۆرىسىدە ئۆسۈملۈكلەر باراقسان...؟ تىرنىقىنى تۇزغا سۈركەپ يىغلىسا، بەدىنىنى تۇتۇۋالماق بەك ئاسان. قانداق قۇش ئۇ، مەنمۇ تولۇق بىلمەيمەن، لېكىن مېنىڭ كۆز ئالدىمدا چوڭ بولغان. بېشى، پۇتى، مەركىزى يوق... سۆزى يوق... شۇنداق قۇش ئۇ، قانات ياساپ ئولتۇرغان...
2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى
|
|