بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : ئەدەبىيات >> ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ئەسەرلەر >> ياخشى ساتىرا، بىللە كۆرەيلى

ياخشى ساتىرا، بىللە كۆرەيلى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-10-12 22:26:42    كۆرۈلۈش سانى : 1472  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
ئىلاۋە: قايسى كۈنى كىتابلىرىمنى ئاختۇرىۋېتىپ "جوڭگۇ مىللەتلىرى" ژورنىلىنىڭ 2006- يىللىق 2- سانىدىكى تۆۋەندىكى ساتىرانى كۆرۈپ قالدىم، تورداشلارنىڭ بىللە ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇم. ئاپتورغا قايىلمەن.


بىزەڭ ئېلانلار

م. جامالى

تېلىۋىزۇرنى كۈندە ئاچقۇم كېلىدۇ،
خىياللاردىن نېرى قاچقۇم كېلىدۇ.
بىر ئەرمەككە زېھىن چاچقۇم كېلىدۇ،
ئەنسىرىتەر شۇئان بىزەڭ ئېلانلار.

ھەر قانالدا پايلاپ تۇرار بىر ئېلان،
ئاختامىدا ياتقان كەبىي سۈر يىلان،
مەن ساددىنى ئوڭدا قويماق چوڭ پىلان،
بولدى شىرىن قاپقان، بىزەڭ ئېلانلار

بىرى دەيدۇ ياشىتىمەن بىر ئەسىر،
بىرى دەيدۇ سېپ بېرىمەن زەر قەسىر،
بىرى دەيدۇ مەندىكىدەك يوق تەسىر
پاختىلىرى ئالۋان بىزەڭ ئېلانلار.

باشلىنارمىش بىرلىرىدىن گۈزەللىك،
ئاشماس ئىمىش بىرلىرىدىن ئەۋزەللىك،
يەكتا ئىمىش بىرلىرىدە لەۋەنلىك،
خۇددى بىزگە ئېھسان بىزەڭ ئىلانلار.

ئەجدادىمىز نۇقۇت تېرىپ خۇي قىپتۇ،
ئالتە شىركەت تالقان سېتىپ پۇل قىپتۇ.
داۋراڭلاردىن ئۇپا سۈرۈپ توي قىپتۇ،
سېلىپ بىزگە ئالۋان بىزەڭ ئېلانلار.

ۋاپادارلىق تالقان بىلەن بولارمىش،
شاكىلاتتىن "نىمجان كۈچكە تولار"مىش،
پاستىلىرى چىشنى بازغان قىلارمىش،
بىزنى كۆرگەن گالۋاڭ بىزەڭ ئېلانلار.

پەمىدۇردىن لەۋگە سۇرۇخ يۇقارمىش،
"ناۋبەيجىن"ى كېسەك ئالتۇن تۇغارمىش،
سېغىزلىرى دۇلدۇل بولۇپ ئۇچارمىش،
مەككارلىقتا شەيتان بىزەڭ ئېلانلار.

تاققا - تۇققا، بەزى ئېلان سۆزلىرى،
قۇرۇق سۆزدىن قىزارماسكەن يۈزلىرى،
خېرىدارنىڭ ئوچۇق تۇرسا كۆزلىرى،
يالغانلىرى داستان بىزەڭ ئېلانلار.

يەر شارىدا بىر ئۆزى بار، ئۆزگە يوق،
ئۆزىن ماختاپ، باشقا مالغا قىلار دوق،
سۆزلەۋەرسە ، بېرەي دىمەي غەيرى زوق،
توقۇپ تىنماس يالغان، بىزەڭ ئېلانلار.

بەزىلىرى ئېلان ئەمەس ئاھانەت،
بىر - بىرىگە تاپا - تەنە، ھاقارەت،
نەدە بولسۇن بۇ ئېلاندا ساخاۋەت؟
مەقسەتلىرى - ھايان، بىزەڭ ئېلانلار.

جىنسىيەتتىن ئۇچۇر قېزىپ ئېكراندا،
ھىچ مەخپىيەت قالماي قالدى ئىنساندا.
(يۈرەك پوك - پوك تېلىۋېزۇر ئاچقاندا)
بىزنى خاپا قىلغان، بىزەڭ ئېلانلار.

ئاتا - ئوغۇل، ئانا - كېلىن ئىشەنچلىك،
ئاچالمىسا تېلىۋىزۇر يۈرەكلىك.
سەت ئېلانلار تۇرسا ھامان بەتلەكلىك،
يايرىغايمۇ بۇ جان، بىزەڭ ئىلانلار

قالمىغاندەك بۇ جاھاندا ساق كىشى،
ئېلانلارنىڭ "كېسەل، كېسەل..." سۆزلىشى،
بېرىپ - بېرىپ يەنە پۇلغۇ كۆزلىشى،
نىمانچىلا ئۇپقان، بىزەڭ ئېلانلار.

يېرىم سائەت ئېلان بېرىپ تويماستىن،
ئىككى مىنۇت كىنو قويا - قويماستىن،
يەنە ئېلان باشلار نومۇس قىلماستىن،
جاق تويدۇققۇ ۋايجان بىزەڭ ئېلانلار.

تېلىۋىزۇرنى ئارام ئۈچۈن كۆرەر ئەل،
ئويلاپ قويۇڭ ئەل رايىنى ئەمدى سەل،
ئازى ھەسەل، كۆپى لاۋزا - بىمەسەل،
شۇدۇر سىزدە نۇقسان، بىزەڭ ئېلانلار.

ئېلان - ئۇچۇر دەۋرىدۇر بۇ، بىلەرمىز.
سودىڭىزغا ئاسايىشلىق تىلەيمىز.
ماللىرىڭىز ياخشى بولسا كېلەرمىز،
بوپ قالمىسۇن قالقان، بىزەڭ ئېلانلار.

ئېلانغىلا سەرپ ئەتمەڭ ئاقچىنى،
باراڭ پۇل دەپ ئېيتىۋەرمەي ناخشىنى،
مەزمۇت قىلىڭ سۈپەت دېگەن ساقچىنى،
ئەمدى ئاقماس ئاسان، بىزەڭ ئېلانلار.

تىجارەتنىڭ يوللىرى كەڭ، ئىزدەنسە.
ياشنىماق بار ئاۋام غېمى كۆزلەنسە.
مۇئەللىپتىن ئەسلىي مەقسەت سۆزلەنسە،
يالجىمىسۇن بەتتام، بىزەڭ ئېلانلار

(ئاپتور: شىنجاڭ رادىئو - تېلىۋىزىيە ئىدارىسىدا)


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئەدەبىياتىىمىزدىك...
●  بەربادلىق2
●  سەن كېتىپ...
●  ئاشكارلاش .... ( نەسىرلەر )...
●  ياخشى ساتىرا، بىللە كۆرەيلى...
●  تاشبوران: تەنﻬا ئايال...
●  سۆيۆلگۈچىگە خىتاب...
●  مۇۋەششەﻫ
●  سىلەر سۇنغان،سۇناي مەنمۇ جام.....
●  (پاسئان) قانداق قۇش ئۇ...
●  ئۈچ شائىر يازغان بىر پارچە شېئىر توغرىسىدا...
●  تېڭىرقاش..
●  چۆكۈپ كەتكەن سۇئاللار.....
●  تۈندىكى نىدا
●  سۇمرۇغ چايخانىسىدىن نىمىشقا پايدىلانمايمىز.؟...
●  ئىپتىدائىي سەنئەتتە بۆرە تەسۋىرى...
●  يادىكار: ئۈچ شېئىر...
●  [ئەسلى] ئادەملەرگە قارار كۆزۈم يوق !...
●  قەشقەر
●  سەن بار

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئەدەبىياتىىمىزدىكى قار...
●  بەربادلىق2
●  سەن كېتىپ...
●  ئاشكارلاش .... ( نەسىرلەر )...
●  ياخشى ساتىرا، بىللە كۆرەيلى...
●  تاشبوران: تەنﻬا ئايال...
●  سۆيۆلگۈچىگە خىتاب...
●  مۇۋەششەﻫ
●  سىلەر سۇنغان،سۇناي مەنمۇ جام.....
●  (پاسئان) قانداق قۇش ئۇ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى