ئىپتىدائىي سەنئەتتە بۆرە تەسۋىرى
يوللانغان ۋاقتى : 2007-10-11 06:33:06 كۆرۈلۈش سانى : 151
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[size=4]توتېمىزم بىر خىل ئىپتىدائىي دىن بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىختىن بۇرۇنقى ئىسنالانرىڭ روﻫىي دۇنياسىغا ئۆچمەس تامغىلارنى باسقان ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ مۇﻫىم بىر تەركىبى قىسمىغا ئايلانغان. شۇڭا، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىپتىدائىي ﻫاياتلىق پائالىيىتى داۋامىدا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ دەسلەپكى سەنئەت پائالىيىتىنى، قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ﻫاياتلىق پائالىيىتى داۋامىدا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ دەسلەپكى سەنئەت پائالىيىتىنى، قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ توتېم پائالىيىتىنىڭ بىر تەركىبى قىسىمى دېيىشكە بولىدۇ. توتېم ئېتقادىنىڭ سەنئەتلىك ئىپادىلىرىنى ئەڭ كېچىككەندىمۇ كونا تاش قولراللار دەۋرى (40 مىڭ يىلدىن 10 مىڭ يىللار ئىلگىرى) گە مەنسۇپ ئۆڭكۈر تام رەسىملىرى ۋە قىيا تاش رەسىملىرىدىن ئىزدەش مۇمكىن. ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ياۋرۇپادا كونا تاش قۇراللار دەۋردىكى ئىنسانلانرىڭ ئىزلىرى ئاساسەن فرانسىيىدىنىڭ دوردوگىنى (Dordogne) ۋە ئىسپانىيىلىك ساتتاندرې (Santander) ئەتراپدىكى ئالتامىرا (altamira ) ئۆڭكۈر خارابىلىقىغا مەركەزلەشكەن. ئالتامىرا ئۆڭكۈر خارابىلىقىدىكى ئىپتىدائىي سەنئەت ئاساسەن ياۋا كالا (قوتاز)، بۇغا، پىل، ئېيىق ۋە بۆرىلەرنى تەسۋرىلەش ئوبيېكتى قىلغان بولۇپ، قىيا تاش ۋە ئۇچلۇق سۆكەڭلەر ئارقىلىق ئۆڭكۈر تاملىرىغا ئويۇلغان رەسىملەردە، ﻫايۋانلارنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشى ياكى باش قىسىمىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى كۆپرەك سۆرەتلەنگەن. بۇنى ئالىملار كونا تاش قوراللار دەۋردىكى ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ بىردىنبىر ئىزلىرى ياكى بۈگۈنگىچە بايقالغان ئىنسانلانرىڭ ئەڭ بالدۇرقى سەنئىتى دەپ قاراشماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا توتېم سەنئىتى بىر قەدەر تىپىك ۋە گەۋدىلىك بولغىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي سىبىرىيە رايونلىرىدا بايقالغان ئىسكف تىپىدىكى قىيا تاش رەسىملىرىدۇر. ئالتاي ۋە جەنۇبىي سىبىرىيىدىكى قارسۇق مەدەنىيەت دەۋرىگە مەنسۇپ قىيا تاش رەسىملىرىدە ئات،ئا ئارسلان، بۇغرا، ئۆكۈز، بۇغا، قاپلان، كىيىك، ئېيىق ۋە بۆرىلەرنىڭ ئوبرازلىرى مەركەزلىك تەسۋىرلەنگەن. شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدە بايقالغان ئىندىئانلارنىڭ قەدىمكى سەنئىتىمۇ دۇنيا توتېم سەنئىتىدىكى ئۆچمەس نامايەندىلەردۇر. ئىندىئانلارنىڭ توتېم سەنئىتى ئاساسەن ئۇلارنى ئىپتىدائىي توتېىم بېزەكلىرىدە، توتېم گىرىملىرىدە نۇقتىلىق ئىپادىلەنگەن، ئۇلارنىڭ توتېم سەنئىتىدە سىمۋوللۇق تۈس ئىنتايىن قويۇق بولۇپ، ئۆزىنىڭ خىلمۇخىللىقى ۋە رەڭدارلىقى بىر كىشىنى ﻫەيران قالدۇرىدۇ. خۇددى ئىندىئانلار سەنئىتىنى تەتقىق قىلغان ئامېرىكا ئالىمى فرانز بوئاس () ئېيتقاندەك: <<شىمالىي ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان قىرغانلىرىدىن بايقالغان ﻫايۋانات رەسىملىرى توتېم سىمۋوللۇق بىلەن ئىنتايىن زىچ باغلىنىشقا ئىگە. ئۇلار بىزنى تەبىئىي ﻫالدا يىرقا ئۆتمۈشتىكى تەسۋرىىي سەنئەتتە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەن ﻫايۋانات سىمۋوللۇق مەنزىرىسىگە باشلاپ بارىدۇ>>. دېمەك، توتېم سەنئىتىنى توتېم مەدەنىيىتىنىڭ مۇﻫىم بىر تەركىبى بولۇش سۈپىتى بىلەن توتېم ئېتقاندەك ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ يوشۇرۇن تەرەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن تارىختىن بۇرۇنقى ئوبرازلىق سەنئەتتۇر. ئەگەر توتېم سەنئىتىگە ئېتىبارسىز قارىلىدىكەن، ئۇ چاغدا ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق سەنئەت مىراسلىرىنىڭ مەنبەسىگە جاۋاب تېپىش قىيىن بولۇپ قالىدۇ. 1. بۆرە توتېمىنىڭ ئىپتىدائىي ئېتقادتىن سەنئەتكە تەرەققى قىىلىشى ناﻫايىتى ئېنىقكى، بۆرەت توتېمىنىڭ ئىپتىدائىي ئېتقادتىن سەنئەتكە تەرەققى قىلىشى ئۇزاق بىر تارىخى جەرياننى ياكى مۇئەييەن بىر <<ئۈندۈرمە>> دەۋرنى باشتىن كەچۈردى. چۈنكى ئىپتىدائىي ئىنسانلاردا توتېم ئېڭى پەيدا بولۇپ، ئۇزاق بىر دەۋر توتېمىغا چوقۇنغاندىن كېيىنلا، توتېمنىڭ ئۇلارنىڭ روﻫىي دۇنياسىغا قالدۇرغان چەكسىز چوڭقۇر تەسىراتى بىر خىل گۈزەللىك سۈپىتىدە مۇئەييەن بىر شەكلىنى ياكى ئىپادە ۋاسىتىسىنى ئۆزىگە تەققەززا قىلدى. مانا بۇ خىل تەققەززالىق ئىنسانلاردىكى تۇنجى گۈزەلىك تۇيغۇسى ۋە سەنئەت سېزىمى ئىدى. نەتىجىدە بۇ خىل سېزىم تۇنجى سەنئەت ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىنسانلار تۇنجى ئىلاﻫ ياكى تەڭرىنى تاپقاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇنىڭغا بېغشىلاپ سەنئەت ياراتقان. شۇڭا، تۇنجى بەدىئىي گۈزەللىكمۇ شەك - شۆبﻬىسىزكى، ئىلاﻫنىڭ سىرلىقلىقىدىن تۇغۇلغان. ئەگەردە ئىسا كرېست تاختىسىغا مىخلانمىغان بولسا، ئۇلۇغ رەسسام داۋنچىنىڭ كاللىسىغا <<ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك غىزا>> ناملىق مەشﻬۇر رەسىمنى سىزىش پىكرى كەلمىگەن بولاتتى. يەنە شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرلاردا بۇددا ۋە مانى دىنلىرىنى قوبۇل قىلمىغان بولسا، تارىم ۋادىسىدا دۇنياغا مەشﻬۇر مىڭ ئۆي بۇددىزم تام رەسىملىرى سەنئىتى بارلىققا كېلەلمىگەن بولاتتى. خۇددى ئەدەبى ئۇيغىنىش دەۋردىكى مەشﻬۇر ئىتالىيىلىك سەنئەتكار مىكېلانىلو (1475-1564). مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندەك: <<گۈزەللىك ئىلاﻫىنىڭ ئەينەكتىكى سېم\يماسىدۇر>>. (doG fo egami derorrim ehT). مۇۇش مەنىدىن ئېيتقدان، ئىنسانلاردا توتېم بى سۈرۈپ (400 مىڭ يىلدىن 10 مىڭ يىللار ئىلگىرى) گە كەلگەندە، ئاندىن توتېم سەنئىتى بارلىققا كەلگەن. شۇڭا، ئىنسانلاردا گۈزەللىكنى مەقسەت قىلغان مونتىزم سەنئەت مەيدانىغا كېلىشتىن ئىلگىرى، ئۇزاق مۇددەتلىك غەيرىي سەنئەت دەۋرى بولغان. ياكى جۇدى ئەپەندىنىڭ سۆزى بىەن ئېيتقاندا: <<<گۈزەللىك> ئۇقۇمى مەيدانغا كېلىشتىن ئ ئىلگىرى، ئىنسانلاردا كەم دېگنەدە 30 مىڭ يىللىق غەرىي سەنئەت تارىخى، يەنى ئىستىخيلىك ئىپادە سەنئىتى تارىخى بولغان>>. دېمەك، مۇشۇنداق بولغاندا، ئڭە دەسلەپكى سەنئەت، ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىدائىي دىندىن كلېىپ چىققان توتېم ئېڭى ياكى توتېم ئۇقۇمى ئەڭ دەسلەپكى سەنئەت پائالىيىتىگە چوڭقۇر ﻫەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغان. نەتىجىدە توتېم سەنئىتى ﻫېسابلانغان ئۆڭكۈر تام رەسىملىرى، قىيا تاش رەسىملىرى، توتېم تۈۋرۈكلىرىگە ئويۇلغان توتېم ئوبرازلىرى، ئادەم تېنىگە چېكىلگەن توتېم ئوبرازلىرى، توتېم گىرىملىرى، تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا چۈشۈرۈلگەن توتېم كۆرۈنۈشلىرى كەڭ تۈردە ئەۋج ئالغان. مەشﻬۇر ئېستېتىكا ئالىمى جۇ گۇاڭچىيەن ئەپەندى: <<دۇنيادىكى ﻫەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىپتىدائىي دەۋرلەردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشى دىننىڭ ئېﻬتىياجى ۋە مەنبەسىدۇر. بۇ ئاغدۇۋەتكىلى بولمايدىغان ئوبيېكتىپ تارىخى ئەمەلىيەت>> دەپ كۆرسىتىدۇ. بۆرە توتېمىنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن يىل دەۋرىگە ئېنىق بىر نېمە دېيىش تەس. بۇ ﻫەقتە ئىلىم ساﻫەسى تېخىچە كىشىنى قايىل قىلغۇدەك پاكىتقا ئېرىشكىنى يوق. بىراق، ياۋرۇپادا كونا تاش قوراللار دەۋرىگە مەنسۇپ ئۆڭكۈر تام رەسىملىرىدە بۆرە ئوبرازىنىڭ بولۇشى، جەنۇبىي سىبىرىيە، ئالتاي ۋە تەڭرى تاغلىرى رايونلىرىدا يېڭى تاش قوراللار دەۋرى ۋە برونزا (مىس) قوراللار دەۋرىگە مەنسۇپ قىيا تاش رەسىملىرىدە بۆرە تېپىدىكى ﻫايۋانلار ئوبرازىنىڭ بولۇشى، بىزگە بۆرە توتېمىنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى دەۋرلەردە ئېتقاد تۈسىگە كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا، بىز ئەجدادلىرىمىزدا بۆرە توتېمى مەيدانغا كېلىپ، ناﻫايىتى ئۇزاق دەۋرلەرگىچە (جۇغلىنىش) باسقۇچى بولغان دەپ قارايمىز. بۇ خىل جۇغلىنىش ئىپتىدائىي ئىنسانلاردىكى ئوبرازلىق تەپەككۈرنىڭ تەدرىجىي پىشىپ يېتىلىشى بولۇپ، بۇ سىرلىق توتېمنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى سىرتقا ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغان. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىدىكى پۈتكۈل ﻫېس -تۇيغۇ ۋە گۈزەللىك توتېم ﻫايۋانغا بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇ ئىپتىدائىي توپلارنىڭ نەزەرىدە قۇتقۇزغۇچى، ساقلىغۇچى ۋە گۈزەللىك ئاتا قىلغۇچى ئىلاﻫ ئىدى. توتېم ﻫايۋان مەلۇم بىر شەخسىنىڭ تاللىۋېلىشى ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن كوللېكتىپنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدىكى نۇرلۇق قۇياشقا ئايلانغان. شۇڭا، ئىپتىدائىي ئەجدادلىرىمىز پۈتكۈل توپى بىلەن توتېمدىن ئىبارەت بۇ ئىلاﻫقا بەيئەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سىرلىق شولىسى ئۇلارنىڭ قەلبىنى ۋە ئىچكى دۇنياسىنى يورتۇقان. شۇنىڭ بىەن قەلبىدىكى بۇ نۇرلۇق قۇياشنىڭ سىرتقى دۇنياغا جاكارلاشنى، ئۇنى گۈزەل شەكىللەر بىلەن ئىپادىلەشنى ئارزۇ قىلغان. بۇ خىل ئارزۇ دەل ئۇلاردىكى تۇنجى گۈزەللىك تۇنجى گۈزەللىىك تۇيغۇسى ئىدى. ئارزۇنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بەدىئىي ۋاسىتە - ئۆڭكۈر رەسىملىرى ۋە قىيا تاش رەسىملىرى تۇنجى بەدىئىي سەنئەت ئەسەرلىرى ئىدى.... گەرچە سەنئەت پائالىيىتى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا نىسبەتەن روشەن قىممەتكە ئىگە بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئىزچىل تۈردە ئۆزلىرىدىكى ئادەم ماﻫىيەتلىك كۈچىنى مەلۇم شەكىللەر ئارقىلىق ئىپادە قىلغان. توتېم ئۇلاردىكى تۇنجى كەڭ كۆلەملىك تاللاش بولۇپ، ئۇنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ۋە سىرتقى دۇنيانى ئىزدەشتىن ئىبارەت ساددا ئىستىكى يوشۇرۇنغان. شۇڭا، ﻫەرقانداق مىللەت ۋە قۇۋمنىڭ توتېم دۇنياسىغا شۇ مىللەت ۋە قۇۋمنىڭ مللىي تامغىسى بېسىلغان بولىدۇ. بىز سۆزلەۋاقان بۆرە توتېمى ۋە بۆرە سەنئىتىدىمۇ دەل تۈركى قۇۋملارنىڭ مىللىي تاغمىسى بېسىلغان روﻫىي مىراسىدۇر. شۇڭىمۇ ئېنگېلس: <<ﻫەر بىر ئۇرۇق - قۇۋمدە شەكىللەنگەن ئىلاﻫلارنىڭ ﻫەممىسى مىللىي ئىلاﻫلاردۇر>> دەيدۇ. دېمەك، توتېم سەنئىتىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، توتېىم ئېتقادىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ قەدىمكى دىننى ئۆزىگە خېمىر تۇرۇچ قىلغان. توتېم سەنئىتى ئۆز ماﻫىيىتىدىن ئېيتقاندا، ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ تۇنجى مەنىۋى تۈۋرۈك - ئىلاﻫ (توتېم) نى تاپقاندىن كېيىنكى روﻫىي سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئىچكى رېئاللىقنىڭ سىرتقا جاكارلىنىشى ياكى ئىپادىلىنىشىدۇر. شۇڭا، <<سەنئەتنىڭ بىخ سۈرگەن دەۋرىنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتىش، مەيلى نەزەرىيە ياكى ئەمەلىيەت جەﻫەتتە بولسۇن، ئاساسىدۇر>>. ئەگەردە كونا تاش قوراللار دەۋردىكى ئۆڭكۈر ۋە قىيا تاش رەسىملىرىنى ﻫەقىقەتەن ئىنسانىيەتنىڭ توتېم ئېتقادىنىڭ ئوبرازلىق كۆرۈنۈشى دېيەلىسەك، ئۇ چاغدا ئۇ خۇددى فرانسىيە ئارخېئولوگى ئېدۋاردرادېي ئېيتقاندەك: <<ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى سەنئەت ئۇقۇمىنىڭ ئىپادىلىنىشى>> بولالايدۇ. بۇنى ئەنگىلىيە ئىنسانشۇناسى ئا، س. خادوننىڭ سۆزى بىلەن ئيېتقاندا: <<كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا جەسۇر ئوۋچىلار، چوڭ مېڭىسى تەرەققى قىلغان كىشىلەر ۋە پىشقان سەنئەتكارلار مەيدانغا كەلگەن>>. ئۇلار ئېلىپ بارغان سەنئەت ئىجادىيىتى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى سەنئەت ئەسەرلىرى بولۇپ قالغان. يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، بۆرە توتېمىنىڭ ئىپتىدائىي ئېتقادتىن ئىپتىدائىي سەنئەتكە تەرەققى قىلىشى، بىر خىل ئوبيېكتىپ ﻫادىسە، شۇنداقلا توتېم تارىخىدىكى بىر قېتىملىق غايەت زور سەكرەش. ئەجدادلىرىمىز توتېمدىن ئىبارەت بۇ تۇنجى ئېتقادىنى سەنئەتكە تەرەققىي قىلدۇغاندىن كېيىنلا، چەكسىز ئۇزۇن تارىخنىڭ قاراڭغۇ تۇنلىرىنى سەنئەت قۇياشى بىلەن يورۇتۇشقا مۇۋەپپەق بولىغان. 2. بۆرە توتېمن\ئىنىڭ تەسۋىرىي سەنئەتتىكى ئىزچىللىقى ۋە تەرەققىياتى بۆرە توتېمى گەرچە تارقىلىش جەﻫەتتىن دۇنياۋى خاراكتېرغا ئىگە بولىسىمۇ، لېكىن ئەڭ تىپىك بۆرە توتېمى مەدەنىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي سىبىرىيە رايونلىرىدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئەجدادلىرى ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن، شۇنداق بولغاچقا، ئەڭ روشەن ۋە ئەڭ نەپىس بۆرە توتېمى سەنئىتىمۇ شەك - شۈبﻬىسىزكى، تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا مەنسۈپتۇر. بۆرە توتېمىنىڭ ئىپتىدائىي تەسۋىرىي سەنئەتتىكى ئىپادىلىرى بىر خىل تارىخىي ئىزچىللىقىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇنى كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپ ﻫېسابلىغاندا، ئوتتۇرا ئەسىرگىچە تەخمىنەن 10-11 مىڭ يىللىق تارىخىي جەريانغا ئىگە. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز پائالىيەت ئېلىپ بارغان جەنۇبىي سىبىرىيە يايقاللىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دالىلىرىدىكى بۆرە ئوبرازى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تەسۋىرىي سەنئەت مىراسلىرى - قىيا تاش ۋە ئۆتكۈر رەسىملىرى، ياغاچ ئويمىلار، مىس ۋە تۆمۈر بېزەكلەر... قاتارلىقلارنى تارىخىي دەۋرى جەﻫەتتىن تۆت باسقۇچقا بۆلۈش مۇمكىن. 1)ئىپتىدائىي باسقۇچ بۇ بۆرە توتېمىنىڭ ئىپتىدائىي تەسۋىرىي سەنئەتتە كۆرۈلۈشكە باشلىغان ۋە دەسلەپكى تەرەققىياتقا ئېرىشكەن دەۋرى بولۇپ، كونا تاش قوراللار دەۋردىن مىس (بونزا) دەۋرگىچە بولغان ئۇزاق بىر مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دەۋرگە مەنسۇپ تەسۋىرىي سەنئەتتە كونا تاش قوراللار دۋرىگە ئائىتلىرىنى ئۇچرىتىش تەس. ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارمۇ بۇنىڭغا قانائەتلىنەرلىك دەلىللەرنى كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس. ئېﻬتىمال، بۇ دەۋر بۆرە توتېمىنىڭ ئىپتىدائىي ئېتقادتىن ئىپتىدائىي سەنئەتكە تەرەققى قىلىشتىكى تەييارلىق باسقۇچ ياكى <<تۇرغۇنلۇق>> باسقۇچى بولسا كېرەك. يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە كەلگەندە، ئىپتىدائىي تەسۋىرىىي سەنئەتتە بۆرەسىمان ياۋايى ﻫايۋانلارنىڭ ئوبرازى رەسمىي كۆرۈلۈشكە باشلىدى. جەنۇبىي سىبىرىيە دالىسىدىكى ئوست سۇباكىننا قەدىمكى ئىزىدىن بايقالغان ﻫايۋانات سۆكەڭلىرى ئىچىددە يىرتقۇچ ﻫايۋانلارنىڭ ئوبرازى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، يىلپىز، ياۋا تۇڭگۇز (قاۋان)، ئېيىق، تۇلۇم چاشقان، بۆرە ۋە قۇش تۈرىدىكى ﻫايۋانلارنىڭ سۆكەڭلىرى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. بۇ يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت ئىز ئىدى. برونزا (مىس) دەۋرىگە كەلگەندە بۆرە ئوبرازىدا خېلى زور ئىلگىرلەش بولدى. تەسۋرىدىكى قوپاللىق ۋە ئىپادىەلشتىكى قالايمىقانچلىق زور دەرىجىدە ئىسلاﻫ قىلىنىپ، بۆرە ئوبرازى نىسبەتەن ئايدىڭلاشتى. بىراق، بۇلارنى يەنىلا مۇكەممەللىككە ئىگە دېگىلى بولمايتتى. بۇ رەسىملەردە ئومۇمىي كۆرۈنۈش جەﻫەتتىن بۆرە ئوبرازى ئىپادە قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم ئۇششاق نۇقتىلاردا - بۆرىنىڭ ئېغىزى، كۆزى، بۇرنى، قۇلىقى، پۇتى قاتارلىقلاردا نەپىسلىك ۋە ئېنىقلىق يوق ئىدى. ﻫەتتا بەزى ئەزالىرىنى پەرقلەندۈرۋېلىشمۇ ت ئەس ئىدى. شۇڭا مۇشۇ دەۋرنى - ئاخىرقى برونزا (مىس) دەۋرنى بۆرە تەسۋىرى ﻫەققىدە كەڭ كۆلەملىك ئىزدىنىش قانات يېيىۋاتقان دەۋر دېيىش مۇمكىن. ئاخىرقى برونزا دەۋردىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەسۋىرى سەنئەتتىكى ئۇلانما تەسەۋۋۇرى خېلىلا تەرەققى قىلدى. ئۇلار ئەمدىلىكتە بۆرىنى يالغۇز تەسۋىرلەش بىلەن قانائەتلەنمەيدىغان بولدى. ئۇلار بۇ دەۋردىكى سىزمىلاردا بۆرە توتېمىنىڭ ﻫەرىكەت ﻫالىتىنى ئىپادىلەشكە روشەن دىققەت قىلدى ﻫەمدە مۇشۇنداق ﻫەرىكەت تەسۋىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئادەم ماﻫىيەتلىك كۈچىنى نامايەن قىلدى. چۈنكى <<ﻫاياتلىق ﻫەرىكەتتە، ﻫەرىكەت ﻫاياتلىقتا ئىپادە قىىناتتى. بارلىق ﻫەرىكەتلەرنىڭ ﻫەممىسى ماكان خاراكتېرىگە ئىگە ئىدى>>. بۇ رەسىملەردە بۆرىلەرنىڭ ئالدىغا قاراپ خىرىس قىلىۋاتقان، باشقا غەيرى يىرتقۇچلار بىلەن چىشلىشىۋاتقان، بىر - بىرىگە يۆگىلىپ بىرنى غاجاۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ياكى بۆرە بىلەن ئەجدىﻬانىڭ بىر - بىىرگە ﻫۇجۇم قىلىۋاتقان ﻫالىتى، ئەجدىﻬانىڭ بۆرىنى چىرمىۋالغان بۆرىنىڭ ئەجدىﻬانىڭ بېشىنى چىشلەشكە تەمشىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى روشەن ئىپادىلەندى. . بۇ بۆرىنىڭ ئومۇمىي قىياپتىدىكى خېلى زور سەكرەش ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆرە تەسۋىرىي تەدرىجى يوسۇندا نەپىسلىككە ۋە سىپتىلىققا قاراپ يۈزلەندى. ﻫەمدە مەلۇم دەرىجىدە سىرلىقلىق ۋە غايىۋىلىك تۈسى بېرىلدى. چۈنكى بۇ دەۋردە ئەجدادلىرىمىزنىڭ توتېم ئېڭىدا <<ماددىيلاشقان شەكلىدىكى ئادەمنىڭ ئىچكى تەسىراتىنى ئىپادىەلش، ئىدىيىۋى ﻫېسسىياتىنى ۋە ئىجادى خاراكتېرلىك فانتازىيە سېزىمىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئېﻬتىياجى تۇغۇلغانىدى>>. شۇڭا، بۇ دەۋر تەسۋىرى سەنئىتىدە بۆرە مەزمۇن ۋە ئۇسلۇب جەﻫەتتىن يېڭىلىنىشقا ئېىرشتى. كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان قاناتلىق بۆرىلەر، ئېىغىزىنى يوغان ئېچىۋالغان مۇڭگۈزلۈك بۆرىلەر ياكى ئالاﻫىدە ئۇسلۇب بېرىلگەن بۆرە باشلىرى نۇقتىلىق تەسۋىرلەندى. يەنە بىر تەرەپتىن تەسۋرىدىكى نەپىسىك كۇنسايىن چوڭقۇرلاشتى. بولۇپمۇ بۆرە بېشى بىلەن بۆرە تىرنىقنىڭ سىپتا تەسۋىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. بۆرە بېشى تەسۋىرلەنگەن رەسىملەردە، بۆرە بېشىنىڭ ﻫەرخىل ﻫالەتلىرى - ئېغىزىنى ئېچىپ - يېپىپ تۇرغان، تىلى بىەن تۇمشۇقىنى يالاۋاتقان، ئاسمانغا قاراپ ﻫۇۋلاۋاتقان كۆرۈنۈشلەر چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، بىر خىل ﻫېسسىيات يوشۇرۇنغان. بۆرە پۇتى تەسۋىرىگە كەلەئەندە، بۆرىنىڭ تاپىنى، تىرناقلىرىنىڭ ئېچىلىپ - يۇمۇلۇشى، يەر دەسسىگەن چاغدىكى ﻫالەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئاخىرقى برونزا دەۋرىمۇ ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا، بۆە تەسۋىرىدە تېخىمۇ چوڭ سەكرەش بارلىققا كەلدى. بۇ بۇلسىمۇ بۆرە ئوبرازىنىڭ ياغاچ ئويمىلاردا تەسۋرىلىنىشىدۇر. بۆرە توتېمىنىڭ ياغاچ ئويمىلاردا تەسۋىرلىنىشى، برونزا دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەردى. بۇ دەۋر دەل شىمالىي ئاسىيا رايونىدا دى ۋە ﻫونلار كۆرۈلۈشكە باشلىغان دەۋرلەر ئىدى. شۇڭا، بۇ دەۋرلەردە ئىپتىدائىي تەسۋىرىي سەنئەت، ئۆڭكۈر ۋە قىيا تاش رەسىملىرى دەۋردىن خېلىلا ﻫالقىپ كەتتى. بۆرە ئوبرازلىرىمۇ كۆپرەك تۇرمۇشقا كېرەكلىك بولغان ياغاچ بۇيۇملاردا - ياغاچ ئويما - نەقىشلەر، ئىگەر - جابدۇقلار، ئائىلە بۇيۇملىرى ۋە باشقا خىلمۇ خىل نەرسىلەردە ئىپادىلىنىدىغان بولدى. ياغاچ ئۇيۇشقا ۋە نەقش چۈشۈرۈشكە باشقا نەرسىلەرگە قارىغاندا، قولايلىق ﻫەم ئەپلىك بولغاچقا، بۆرە ئوبرازىنىڭ تەسۋىرى سەنئەتتىكى ئىپادىلىرى سان ۋە سۈپەت جەﻫەتتىن تېز تەرەققى قىلدى. شۇڭا، مۇشۇ دەۋردىكى بۆرە ئوبرازىدا ﻫېسسىياتنى ئىپادىلەش خېلىلا ئىشقا ئاشتى، بۆرىلەرنىڭ كۆركەملىكى، ئوبرازلىقلىقى ۋە كىشىنىڭ جەلپ قىلارلىقى گەۋدىلەندى. بولۇپمۇ بۇ دەۋردە ئات جابدۇقلىرى - ئىگەر، نۇقتا، يۈگەن قاتارلىقلارغا ئويۇلغان بۆرە ئوبرازلىرى ئالاﻫىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. ئۇلاردا، بۆرىنىڭ روﻫىي ﻫالىتىنى ئىپادىلەشكە كۆپرەك ئەﻫمىيەت بەرگەن بولۇپ، بىر قارىغان كىشىگە بىر خىل گۈزەللىك سەنئەتتىكى تەرەققىياتىنى باشقا ﻫەر قانداق دەۋرلەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئات جابدۇقلىرى ۋە ئۇلاردا بۆرە تەسۋرىنىڭ پەيدا بولۇشى بىزگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇشۇ دەۋرلەردە ئاللىقاچان يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئات مەدەنىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. دېمەك، ئىپتىدائىي باسقۇچتىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي توتېم سەنئىتى ئۇزاق بىر دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پەيدا بولۇش، جۇغلىنىش ۋە دەسلەپكى تەرەققىياتقا ئېرىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. گەرچە بۇ باسقۇچتىكى بۆرەت توتىمى سەنئىتىدە ئىپتىدائىيلىق، قالايمىقانلىق ۋە قوپاللىق ئېىغر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كېيىنكى دۋر تەسۋىرى سەنىتىگە سالغان ئۇلىنى نەزەردىن ساقىت قىلىغىل بولمايۇد. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ دەۋر ئەجدادلىرىمىز سەنئىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى رېئاللىقىنى سىرتقا سەنئەت شەكلىدە ئىپادىلىشى بولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ. شۇڭا، بىز توتېم سەنئىتىنىڭ ئىپتىدائىي باسقۇچىدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۈزلۈك ئېڭى ئاللىقاچان بىخ سۈرگەن دەپ قارايمىز. مەشﻬۇر ئائىم . ئېكلسمۇ بۇ ﻫەقتە توختىلىپ: <<ئىنسانلاردا كەم دېگەندە 100 مىڭ يىل بۇرۇنلا ئۆزىنى بىلىش ئېڭى ياكى ئۆزلۈك ئېڭى شەكىللەنگەن>> دەيدۇ. 2) يىراق قەدىمكى زامان باسقۇچى بۇ باسقۇچتىكى بۆرە توتېمى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تەسۋىرى سەنئەت ئاساسەن برونزا (مىس) دەۋرى ئاخىرلاشقان دەۋرلەردىن باشلاپ ﻫونلار تارىخ سەﻫنىسىگە چىققان ۋە جۇڭگونىڭ شىمالىدا سەلتەنەت سۈرگەن مەزگىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. <<مىلادىيە>> ئەسىرلەرگىچە بولغان جەريان ﻫۇن سەنئىتىنىڭ 2- قېتىملىق تەرەققىيات باسقۇچى بولۇپ ﻫېسابلىنىۇد. بۇ چاغدا ﻫونلار بىلەن دەۋرداش بولغان ئۇسۇن قاڭلى سەنئىتىدىمۇ تەرەققى قىلىدۇ. مەسىلەن، يىرتقۇچ ﻫايۋانلاردىن بۆرە، يولۋاسلارنىڭ مالغا تېگىشى، ئۇلارنىڭ باتۇر قۇرقۇمسىزلىقى ۋە خەلق ئارىسىدا رىۋايەتكە ئايلانغان ئاجايىپ تەسۋرىلەر، دىنىي ئېتقاد، چوقۇنۇش... تۈرلىرى ﻫەرخىل سەنئەت ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى ئاساس بولۇپ قالغان. ساك، ﻫۇنلار بارلىققا كەلتۈرگەن سەنئەتنىڭ سۇژىتى كېيىنكى مەزگىللەردىكى تۈرك، موڭغۇللار ياراتقان ئىپسولار سۇژىتقا ناﻫايىتى زور دەرىجىدە ئاساس سالغان ۋە تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ دەۋرگە ئائىت تەسۋىرىي سەنئەتتە بۆرە توتېمىنىڭ بەدىئىي ئوبرازى روشەن تەرەققىياتقا ۋە كۆپ خىللىققا ئىگە بولدى. ئۇلار بۆرە ئوبرازىنى بىر خىللىقتىن كۆپ خىللىققا، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپەلىككە، ئېنىقلىقتىن سىرلىقلىققا يۈزلەندۈردى، شۇڭا، مۇشۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇرىدا زور ئىلگىرىلەشلەر مەيدانغا كەلدى دېيىشكە بولىدۇ. بۆرە ئوبرازىدىكى بۇخىل ئۆزگىرىش ئېﻬتىمال ئەينى چاغدىكى ئېتقاد ۋە گۈزەللىك تۇيغۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. چۈنكى بۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ روﻫىيتىدە ئېتقاد، گۈزەللىك تۇيغۇلىرىدىن باشقا يەنە ئەخلاق چۈشەنچىلىرىمۇ پەيدىنپەي تەرەققى قىلغان، شۇڭا ئۇلار بۆرە ئوبرازىنى ئۆزلىرىنىڭ ئېتقادى، گۈزەللىك ۋە ئەخلاقى تۇيغۇسى يول قويغان دائىرە ئىچىدە ﻫەر خىل تەسەۋۋۇر قىلغان ۋە تەسۋىرىي سەنئەتتە ئەكس ئەتتۈرگەن. خۇددى گېرمانىيىك شىللىي كۆرسىتپ ئۆتكەندەك: <<ئادەم ئۆزىنىڭ تەبىئىي ﻫالىتى ئىچىدە، تەبىئەتنىڭ كۈچىنى بوي سۇندۇرۇىدۇ. گۈزەللىك ﻫالىتى ئىچىدە ئۇنىڭ كۈچىدىن بوي سۇندۇرىدۇ. گۈزەللىك ﻫالىتى ئىچىدە ئۇنىڭ كۈچىدىن قۇتۇلىدۇ. ئەخلاق ﻫالىتى ئىچىددە بۇ خىل كۈچىنى كونترول قىلىدۇ>>. بۇ دەۋردىكى تەسۋىرىي سەنئەت ئەسەرلىرى ياغاچ ئويمىدىن تەرەققى قىلىپ، رەخت، يىپەك، كىگىز، شىرداق قاتارلىق قول ﻫۈنەر بۇيۇملىرىدا كۆرۈلىدىغان بولدى. بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ سەنئەت تارىخىدىكى يەنە بىر قېتىملىق چوڭ سەكرەش ئىدى. چۈنكى تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ مۇنداق سىپتىلىشىشى ۋە نەپىسلىككە قاراپ يۈزلىنىشى شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئېستېتىك ئېڭىدىكى غايەت زور بۇرۇلۇش ئىدى. ئۇلار ئەمدىلىكتە ئادەتتىكى ياغاچ ئويمىلار بىلەن قانائەتلەنمەيدىغان، بەلكى تېخىمۇ ئىچىكىلىكنى، تېخىمۇ گۈزەللىكنى تەلەپ قىلىدىغان بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ گۈزەللىك قارىشى دىنى، ئىلاﻫى ۋە سىرلىقلىق تۈسى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتتى. 6- رەسىدەم كۆرسىتىلگەندەك مۇقەددەس بۆرىلەرنى بەزى كۆك تەڭرىنىڭ سىرلىق ماكانى بولغان كۆكتە ۋە يۇلتۇزلار ئارىسىدا دەپ تەسەۋۋۇر قىلدى. خۇددى ئىتالىيە ئالىمى ۋىكو () كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك: <<كۆك تەڭرىنىڭ ۋۇجۇدىدا تونۇش (ﻫېس قىلىش تەس)>> بىلەن ئىجادىيەت بىر ئىش ئىدى. ﻫونلار دەۋرىدە كۆككە چوقۇنۇش ۋە كۆك تەڭرىلەرنىڭ تەڭرىسى ئىدى. توتېم ئوبېيكتى ﻫېسابلانغان بۆرىنىڭ بۈيۈك كۆك تەڭرى بىلەن بىر گەۋدە سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلنىشى، ئۇنىڭ ئىلاﻫى تۈسىنى ۋە گۈزەللىك ئىپادىسىنى مىسىلسىز كۈچەيتتى. بۇنداق ئۇلانما تەسەۋۋۇر ۋە توتېم ﻫايۋان بىلەن تەڭرىنى بىرلەشتۈرۈش ئىستىكى ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتقادى بىلەن گۈزەللىك تۇيغۇسىنى بىر نەرسە دەپ قارىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ﻫۇن دەۋرىدىكى تەسۋىرى سەنئەتتە بۆرە بىلەن بۈركۈتنى بىرلەشتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلىش ئېڭى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. بۇ تۈردىكى بۇيۇملاردا كۆپرەك كۆزگە چېلىقىدىغىنى - بۆرە باشلىق، بۈركۈت تەنلىك ئوبرازلار؛ قاناتلىق بۆرە ئوبرازى ۋە بۈركۈت تىرناقلىق بۆرە ئوبرازلىرىدۇر. ﻫەممىگە مەلۇمكى، بۈركۈت قەدىمدە شىمالدىكى يايلاق خەلقلىرى چوقۇنغان توتېملارنىڭ بىرىدۇر. بۇنىڭ ئىزنالىرىنى شىمالدىكى ﻫەرقانداق مىللەتنىڭ تۇرمۇشىدىن ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۈركۈتنىڭ توتېم قىلىنىشىمۇ كۆك تەڭرى ئېتقادى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۈركۈتنىڭ كۆ قەﻫىرىدە ئەركىن پەرۋاز قىلىشى، ئۇنىڭ كۆك تەڭرىنىڭ ئەلچىسى ياكى بىر بەلگىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. نەتىجىدە شۇ دەۋر كىشىلىرى ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىدىمۇ بۆرە بىلەن بۈركۈتتىن ئىبارەت. بۇ ئىككى بۈيۈك توتېمىنىڭ ئوبرازىنى بىرلەشتۈرۋەتكەن ۋە ئۇنىڭ ئىلاﻫى گۈزەللىكىنى كۈچەيتكەن. شۇڭا، بىز <<ﻫەقىقىي مەنىدىكى ئىپتىدائىي سەنئەت، ئەمەلىيەتتە ئىپتىدائىي دىنىي ئاڭ بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ>> دەپ قارايمىز. <<يىرتقۇچ ﻫايۋانلار تۇرمۇشنى تەسۋىرلەشتە قەدىمكى ﻫەيكەلتراشلارنىڭ كۆپرەك ئەﻫمىيەت بەرگىنى - بۆرە ئوبرازىدۇر. بۆرىگە ئەﻫمىيەت بېرىش ئىككى تۈرلۈك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە باغلىق بولغان. بىرى، بۆرىنىڭ مال - چارۋىلارغا كۆپ زىيان سېلىشى؛ يەنە بىرى، ئۇنى خاسىيەتلىك كۈچ دەپ تونۇشى. بۇ ئىككى خىل ئارقا كۆرۈنۈش بۆرىنى ﻫەرخىل تەسۋرىلەشكە سەۋەبچى بولغان>>. شۇنداق بولغاچقا، بۆرىنىڭ تەسۋىرى سەنئەتتىكى ئوبرازلىرىمۇ مۇرەككەپلىككە ۋە كۆپ خىللىققا ئىگە بولغان. [/size] |
|