يادىكار: ئۈچ شېئىر
يوللانغان ۋاقتى : 2007-10-11 05:32:22 كۆرۈلۈش سانى : 145
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
[color=Red][size=5][align=center]قېنىمدىكى سەن
قېنىمدىكى سەن سۆيگۈ ئۈچۈن ، مۇﻫەببەت ئۈچۈن مېنى ﻫەممىدىن ۋاز كەچتۈرگۈچى غالىپلىققا يۈزلەنگەن ۋەتەن ...
قېنىمدىكى سەن ئەسىرلەردىن ئۈزۈلمەي ئاققان بىر دەرياسەن دولقۇنلىرىڭدا ﻫاياتىمنى ئاﻫ داۋالغۇتقان ...
قېنىمدىكى سەن گۈلسەن چېچەك ئاچقان پەسلسز ، مەسخۇشت قىلغان دىماقلىرىمنى چۈشلىرىمگە ﻫۆكۈمران شەكسىز ...
قېنىمدىكى سەن بىر قارىسام ئوخشايسەن تاڭغا . بىر قارىسام ئوخشايسەن ئۆلۈم پۇراپ تۇرغان ﻫاڭغا ، كاتاڭغا ...
مەن ﻫەققىدە ئويلىما ئەمدى
مەن ﻫەققىدە ئويلىما ئەمدى ، ئەسلىرىڭدىن يوقات قۇشۇمنى . تېرش ئۇنتۇپ كىتىشكە مەڭگۈ ، ئاسمىنىڭدا ئۇچۇشلىرىمنى ...
مەن ﻫەققىدە ئويلىما ئەمدى ، قۇرۇپ قاقشال بولدى گۈللەرمۇ . باياۋانغا كۆچكەندە چۈشۈڭ ، باغلىرىڭدا بۇلبۇل ئۈنلەرمۇ ...
مەن ﻫەققىدە ئويلىما ئەمدى ، خىياللىرىڭ بولغۇسى بەربات . قۇمغا سىڭىپ كەتكەن سۇ كەبى ، ساڭا ئاتا قىلالماس قانات ...
مەن ﻫەققىدە ئويلىما ئەمدى ، چۈش بوپ قالسۇن چەككىنىم ئازاپ . ئىنكار قىلىپ كەپسەن سۆيگۈمنى ، ئۆتمۈشۈمنى كۆرسەم ۋاراقلاپ ...
مەن پەسلىمدىن ئاداشقان بىر قۇش
مەن پەسلىمدىن ئاداشقان بىر قۇش ، يېتەلمەستىن يىراق مەنزىلگە . بۇغۇچلانغان پەيلىرى تامام ، كۆز يېشىدەك مۇزلۇق شەﻫەردە ...
خياللىرىم مىسكىن شۇ قەدەر ، لەۋلىرىمدە يوقتۇر تەبەسسۇم . ئىلاﻫلىقىنى ئىزدىدىم لېكىن ، ئۇنتۇپ كېتىپ ئۆزۈمنى چوقۇم...
قولۇمدا بار سەن بەرگەن خەنجەر ، كۆكسۈم تامان بەتلەگلىك ئۈچى . ''قيىنمىغىن !'' مەنمۇ سەن كەبى ، بۇ ئالەمگە كەلگەن يولۇچى ...
كۆز ئالدىمدا لەيلەيدۇ تۇمان ، تۇمان ئارا بارىمەن ئۇزاپ . كەچمىشلىرىم ئىز سالغان جايغا ، ئەقىدەمنى كىپەنگە ئوراپ ...[/align][/size][/color]
[ بۇ يازما abduraxit تەرىپىدىن 2007-10-10 22:18:38 تۈزۈتۈپ تەﻫرىرلەندى . ] |
|