تۈندىكى نىدا
يوللانغان ۋاقتى : 2007-10-11 09:46:29 كۆرۈلۈش سانى : 144
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
تۈندىكى نىدا (نەسىر) ئەگەر بۇ قىسقىغىنە ئۆمرۈمدە يۈرىگىم تەلپۈنگەن ئارزۇ شاخلىرىدا ۋىسال مىۋىسىنىڭ شىرىن-شەربىتى ماڭا نېسىپ بولمىسا، ئەگەر ئۇزۇندىن بېرى ماڭا ﻫەمراﻫ بولۇپ كەلگەن ئازاپ- ئوقۇبەت چىرىغى ئاخىرقى ئۆمرۈمگىچە پىلىلداپ يېنىپ تۇرسائۇنداقتا،ئەي كەرەملىك ئىگەم،قۇللار بازىرىدا پانىيلىق بەختىگە مۇيەسسەر بولالماسلىق ﻫەسرىتنىڭ چىن مەنالىرىنى قەلبىمگە قۇيۈايسەن ﻫەم ئازاپ -ئوقۇبەت چىرىغىنىڭ نۇرلىرى بىلەن تەقدىرىم قاراڭغۇلۇغىنى يورۇقلۇققا يېتىشتۈرگەيسەن... ئەگەر ئەشۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە غايىپ بولغان شىرىن دەقىقىلەر كېيىنكى ﻫاياتىمدا زاﻫىرلىق تونىنى يېپىنمىسا؛ئەگەر شىرىن ئەسلىمىلەرنىڭ شانلىق تۇغلىرى قەلىب ئاسمىنىمدا بىر ئۆمۈر جەۋلان قىلىپ ،مېنى ئۆتمۈش ۋە بۈگۈننىڭ ئارلىقلىرى دىكى مەۋﻫۇم بوشلۇقلاردا سەرسانلىق كوچىسىغا ئېلىپ كىرسە،ئۇنداقتا بۇخىل سەرسانلىقتىن مېنى پۈتمەس ﻫاياتى كۈچكە تولدۇرغايسەن ﻫەمدە باردى -كەلدى،كەلدى-كەتتى يولۇمدىكى بارلىق توسالغۇلارنى بىتچىت قىلىپ ئالغا ئىلگىرلىشىمگە مەدەت بەرگەيسەن... ئەگەر پاني دۇنيانىڭ بارلىق ئىمتىيازلىرىدىن مەﻫرۇم بولۇپ،يوقسۇزلۇق كەپىلىرىدە ئاچلىق ۋە تەشنالىق ئاسارىتىدىن ماجا- لىمدىن كېتىپ تۈشەككە يىقىلسام، ئۇنداقتا،باقىي ئالەمنىڭ گۈزەل ۋە جەزبىدار سۈرەتلىرىنى چۈشلىرىمگە ئېۋەيتكەيسەن ...مەن ئەشۇنداق شىرىن چۈشلەرنىڭ لېۋىمدە قالغان شىرنىلىرىنى تامشىتقىنىمچە كۆزلىرىمنى ئېچىپ بىر ئۇستىخان-بىر تېرىگە ئايلانغان تېنىمنى قانائەت كېپەنلىرى بىلەن ئورىغايمەن...... ئەي، مېﻬرىبان پادىشاﻫىم! ئەي، جىمىكى مەۋجۇداتلارنىڭ پاسىبانى...يۈرىگىمنىڭ تىنىمسىز ئاۋازلىرى بىلەن ئىشىكلىرىڭنى چەككەيمەن...ئازاپ-ئوقۇبەتنىڭ چوڭقۇر مەنالىرى سىڭگەن ناخشىلىرىم بىلەن سېنى مەدﻫىيەلىگەيمەن... ئازاپلىرىم چىرىغى بىلەن تەقدىرىم قاراڭغۇلۇغىنى يورۇتقايسەن ﻫەم ﻫارام نىيەتلىك كەلكۈن سۇلىرىنىڭ لاي-لاتقىلىرى مېنى ئېقىتىپ كېتىشتىن ئاۋال مېنى ئۆلۈم سايىسىگەيۇشۇرۇپ قويغايسەن.. ...مېنى مەڭگۈلۈك ئىلكىڭگە ئالغايسەن...
[ بۇ يازما yalqunazizi تەرىپىدىن 2007-10-11 11:18:15 تۈزۈتۈپ تەﻫرىرلەندى . ] |
|