• شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، بېيجىڭ ، 20–ماي تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 17–مايدىن 19–مايغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى .خۇ جىنتاۋ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى : يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ماكانىنى كېڭەيتىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، ئېلىمىزنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ، ئورتاق پايدا ئېلىش مەقسىتىدىكى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ ، ئومۇمىي دائىرىلىك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى راۋاجلاندۇرۇشىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، چېگرانىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تەخىرسىز تەلىپى. گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى .

  • دوستلار ، تۆۋەندە سىلەرگە كۆرسەتمەكچى بولغان خەت ۋە سۈرەتلەر بىر قېتىملىق زور ئاپەتكە مۇناسىۋەتلىك . مېنىڭچە ، بۇ زور ئاپەت ئۇنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ياررۇ-بۇرادەرلىرىگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە جىسمانىي ۋە روھىي ئازاب كەلتۈردى،ئەگەر سىز روھىي جەھەتتىن يېتەرلىك تەييارلىق كۆرمىگەن بولسىڭىز ، تۆۋەندىكى خەت ۋە سۈرەتلەرنى كۆرمەڭ ، ئەگەر يۈرەك كېسىلىڭىز بولۇپ ، كۈچلۈك روھىي غىدىقلىنىشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولسىڭىز ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ . بۇنداق دېيىشىم ، پەقەت سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن ، سىزنىڭ ھاياتىڭىز ۋە روھىيىتىڭىزگە ھۆرمەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن ، جەمئىيەتنىڭ گۈزەل بولۇشى ئۈچۈندۇر .

  • گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئاشكارلىشىچە، 2009-يىلى 5-ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكا گېرمانىيەدىن گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى بىر تۈركۈم «شەرقى تۈركىستان» مەھبۇسلىرىنى قۇبۇل قىلىشنى رەسمىي ئۆتۈنگەندە گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە شىتاتى باشچىلىقىدىكى كۆپىنچە شىتات بۇ مەھبۇسلارنى قۇبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    ئەمما، 2009-يىلى 9-ماي گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كۆپىنچە شىتاتلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرى پوزىتسىيەسىنى 180 گرادۇس ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  • مىسىرنىڭ سىرلىق تۇپىرىقىدا دۇنيانىڭ قەدىمى مەدەنيىتى ئاپىرىدە بولغان ھەم نۇرغۇن سىرلىق رىۋايەتلەر  پەيدا بولغان. پىرئەۋىننىڭ قەبىرسى نۇرغۇن بايلىقلارغا تولغان خەزىنە بولغانلىقتىن، مەدەنيەتتە دائىم تىلغا ئىلىندىغان «پىرئەۋىننىڭ قارغىشى» نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان يېشىش تەس بولغان سىر بولماقتا، ئۇ ساداقەتمەنلىك بىلەن پىر ئەۋىننىڭ قەبىرسىنىڭ ئەمىنلىكىنى ساقلىماقتا. شۇنداقلا قەبىرىدىكى بايلىقلارغا ئىگە بولۇشقا ئۇرۇنغانلارنى جازالىماقتا. 1922- يىلى تۇتامكاميوننىڭ قەبىرسىنى قىزىشقا يىتەكچىلىك قىلغان ئارخېئولوگ خوكارد كات قەبىرىدىكى بىر نەچچە جايدا تەسۋېرى ئويما يىزىقنى بايقىغان، بىر جايغا «كىم پىر ئەۋىننىڭ قەبىرسىنى قالايمىقان قىلىدىكەن، ئۆلۈم ئۇنىڭ بىشىغا كىلىدۇ» دەپ يېزىلغان. يەنە بىر جايغا «قەر قانداق يامان نىيەتنى ...

  • ئالىملار كەلگۈسى 50 يىل ھەققىدە پەرەز قىلغاندا تىببى ئىلىمنىڭ تەرەققىيياتى تۈپەيلى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغان يەنە 10-20 يىل ئۇزىرايدىغانلىقىنى، مارسنى تەكشۈرۈش، ئاي شارىدا ئولتۇراقلىشىش، ئالەم بوشلۇقىدا زاۋۇت قۇرۇش، مېڭە كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قاتارلىقلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىلمى پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.  
        ئۆلۈمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كانادا بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلىككە كېلىشى، كىشىلەرنىڭ مېڭىسىسنى كومپىيۇتېرغا چېتىش ئارقىلىق تىل ۋە مائارىپ بىلىملىرىنى كۆچۈرۈش ۋە ئۆچۈرۈش، يەر كىلىماتى، تەبىئى ئاپەت، يەر شارىنىڭ ئىسسىشى، دۆلەتلەر سىياسىتىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئۆزگىرىش قاتارلىق ھازىرچە ئىلمى ئاساس بىلەن تولۇق تەمىنلىگىلى بولمايدىغان ھالقىلىق نازۇك مەسىلىلەر ھەققىدىكى پەرەزلەرنى مۇھاكىمە قىلمىدى. ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئېنىق بولمىغاچقا بۇ پەرەزلەر پەقەت ياۋروپا، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق تەرەققى تاپقان دۆلەتلەر بىلەنلا چەكلەندى

  • ناۋادا ئۆسۈمسىز مەزگىل بارلىققا كېلىپ، ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈمى بولمىسا، ئاكسىيە بازارلىرى جانلىنىپ كېتىدىكەن. ئۆسۈمسىز مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋال ئىنتايىن ناچار بولۇپ، مال باھاسى ئۈزلۈكسىز چۈشۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستىلاپ، پۇقرالار كىرىمىنىڭ ئېشىشى چەكلىنىپ قالىدىكەن ھەتتا ئازىيىپ كېتىدىكەن، شىركەتلەرنىڭ پايدىسىمۇ ياخشى بولمايدىكەن، پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەھۋالىدىمۇ ياخشىلىنىش بولمايدىكەن. ناۋادا ئېلىمىز ئۆسۈمسىز پۇل سىياسىتىنى يولغا قويسا، بۇنىڭغا قارىتا كىشىلەردە قانداق ئىدىيە تەييارلىقى بولۇشى كېرەك؟

  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، 2008-يىلى 1-دېكابر 21-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنى بولۇپ، <<ئەيدىزگە  قارشى  تۇرۇش ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلىپ، ئەيدىزنى كونتىرول قىلايلى>> دىگەن شۇئار  بۇ قېتىمقى دۇنيا  ئەيدىز  كۈنىنىڭ تەشۋىقات  تېمىسى بولدى. ئەيدىز كىسىلى ئىلىمىزدە بايقالغاندىن بۇيان شىددەت بىلەن ئېغىرلاشتى ، بولۇپمۇ  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا بۇ نىجىسنىڭ تارقىلىشى  كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىگە بىرىپ  يەتتى. بۇ كىسەلنىڭ ئالدىنى ئىلىش، داۋالاشتا مەيلى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، مەيلى جەمىيەت ياكى شەخس بولسۇن باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئىلىپ، مىللەت  ۋە خەلقنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىغا، يۇقۇملۇق كىسەلنىڭ داۋاملىق يامرىشىنى چەكلىشىگە