• ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن خىرىس-ئەيدىز

    2009-04-10

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37689013.html

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، 2008-يىلى 1-دېكابر 21-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنى بولۇپ، <<ئەيدىزگە  قارشى  تۇرۇش ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلىپ، ئەيدىزنى كونتىرول قىلايلى>> دىگەن شۇئار  بۇ قېتىمقى دۇنيا  ئەيدىز  كۈنىنىڭ تەشۋىقات  تېمىسى بولدى. ئەيدىز كىسىلى ئىلىمىزدە بايقالغاندىن بۇيان شىددەت بىلەن ئېغىرلاشتى ، بولۇپمۇ  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا بۇ نىجىسنىڭ تارقىلىشى  كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىگە بىرىپ  يەتتى. بۇ كىسەلنىڭ ئالدىنى ئىلىش، داۋالاشتا مەيلى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، مەيلى جەمىيەت ياكى شەخس بولسۇن باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئىلىپ، مىللەت  ۋە خەلقنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىغا، يۇقۇملۇق كىسەلنىڭ داۋاملىق يامرىشىنى چەكلىشىگە

    توغرا كىلىدۇ.

      1980-يىلى،بىرخىل غەلىتە  يېڭى  كىسەل ئامىرىكىنىڭ لوس ئانژىلىس شەھىرىدىكى  ھەمجىنىس  ئەركىشىنىڭ تېنىدە بايقالدى. بۇ خىل كىسەلنىڭ قىزىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش،لىنفا بەزلىرى يوغىناش،ئىچى سۈرۈش ۋە غاز ئېغىزى شەكىللىك  چاقاپەيدا  بولۇش قاتارلىق  كىلىنكىلىك ئالامەتلىرى  بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا تىببى ئىلىم  ساھەسىنىڭ يۈكسەك  دىققەت ئىتىبارىنى  قوزغىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا دوختۇرلار دورا ئارقىلىق  مىكروپ  ۋە ۋىروس كەلتۈرۈپ  چىقارغان ھەرقانداق كىسەلنى  چوقۇم داۋالاپ  ساقايتقىلى بولىدۇ، دەپ قارايتتى. ئەمما بۇ قېتىم  غەلبە قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزىم بولۇپ قالدى. 1982-يىلى بۇخىل كىسەل رەسمى ھالدا ئەيدىز كىسىلى  دەپ ئاتالدى. 1983-يىلى فىرانسىيىلىك ئالىملار  ئالدى بىلەن ئەيدىز بىمارىنىڭ قېنىدىن HIV  ۋىروسىنى بايقىدى. ئارىدىن 17يىل ئۆتۈپ 2000-يىلىغا كەلگەندە، يەر شارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 5000ئالىم، مۇتەخخەسىس بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ خىتاپنامە ئىلان قىلىپ،HIV  ۋىروسىنىڭ ئەيدىز كىسىلىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بېكىتتى. 6:Ch^c+IZ  
         ئەيدىز كىسىلىنىڭ تىببى تولۇق ئاتالمىسى<<ئېرىشمە ئىممۇنت كەمتۈكلۈكى ئونۋېرسال  سىندورمى>> بولۇپ، خەلقئارادا ئوموملاشتۇرۇپ قوللىنىۋاتقان  ئىنگىلىزچە قىسقارتىلمىسى ئەيدىز. ئەيدىز ۋىروسىنىڭ  يۇقۇش يولى  پەقەت قان ئارقىلىق يۇقۇش، جىنسى مۇناسىۋەت  ئارقىلىق يۇقۇش  ۋە ئانىدىن  بالىغا يۇقۇشتىن ئىبارەت 3خىللا بولۇپ،ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن  ئادەتتىكى  ئىجدىمائى  ئالاقە جەريانىدا ئەيدىز ۋىروسى يۇقمايدۇ.ئەيدىزنى  داۋالاش تەتقىقاتىدا بەزىبىر ھالقىش  خارەكتىرلىك  نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن  بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانلار تا  بۈگۈنگە قەدەر تېخى ئەيدىزنىڭ شىپاسىنى  تاپقىنى يوق.ئامىرىكىلىق تەتقىقاتچىلار 1981-يىلى  تۈنجى ئەيدىز بىمارىنى  بايقىغاندىن بۇيان، ئەيدىز  كىسىلى  دۇنيادا تېز يامراپ،20-21-ئەسىردىكى  ۋاباغا ئايلاندى.كىشىلەرنىڭ  ئەيدىزگە بولغان تونۇشىنى  يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەيدىزگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك  تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  1988-يىلى 1-ئايدا ھەريىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىنى <<دۇنيا ئەيدىز كۈنى>> قىلىپ  بېكىتتى. :PIF07$xl  
        كۆپ  يىللاردىن بىرى، خەلقئارا جەمىيەت ئەيدىزنى تىزگىنلەش يولىدا  زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى ھەمدە پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر  تەشكىلاتى  ئەيدىز  پىلان مەھكىمىسى 2008-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى <<2008-يىللىق دۇنيا ئەيدىز  كىسىلى  دوكلاتى>>نى ئىلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، بۇلتۇر دۇنيانىڭ  ئەيدىز  كىسىلى ۋەزىيىتىدە موھىم ئىلگىرلەش  قولغا كەلگەن بولۇپ،يېڭدىن يۇقۇملانغانلار ۋە قازا قىلغانلار ئىلگىركى يىللارغا قارىغاندا كۆرىنەرلىك  تۆۋەنلىگەن.بۇلتۇر دۇنيادا 2مىليۇن 500مىڭ كىشى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان،2مىليۇن كىشى ئەيدىز كىسىلى  سەۋەبىدىن قازا قىلغان،ھازىر دۇنيادا33مىليۇن 200مىڭ كىشى ئەيدىز  بىلەن يۇقۇملانغان. hxVKV?Fl  
        جۇڭگو سەھىيە مىنىستىرلىكى 2008-يىلى  30-سىنتەبىرگىچە  ئىلىمىزدە ئەيدىز كىسەللىك مىسالىنىڭ 264مىڭ 302 گە يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە  ئەيدىز  بىمارىنىڭ 77مىڭ 753 ئىكەنلىكىنى، 34مىڭ 864كىشىنىڭ  قازا قىلغانلىقىنى  دوكلات قىلدى. CFzNwgv]z  
    سەھىيە مىنىستىرلىكى،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كىسىلى  پىلان مەھكىمىسى  قاتارلىقلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 2008-يىلىق دۇنيا ئەيدىز كۈنى ئاخبارات ئىلان قىلىش يىغىنىدا، سەھىيە مىنىستىرلىكى كىسەل كونتىرول قىلىش ئىدارىسى  ئەيدىز كىسىلىنىڭ  ئالدىنى ئىلىش، داۋالاش  باشقارمىسىنىڭ  مۇئاۋىن باشلىقى  ۋاڭ ۋىيىن تونۇشتۇرۇپ، 2008-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، ئىلىمىزدە 44مىڭ 839 ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇنلانغۇچى ۋە ئەيدىز بىمارى بايقالدى، 6897 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى دوكلات قىلىندى، دىدى. b J=Jg ~&  
    ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان 6ئۆلكە،ئاپتۇنۇم رايۇن- يۈننەن، خېنەن، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى، گۇاڭدۇڭ،سىچۈەن بولۇپ، بۇ جايلاردا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار  دۆلىتىمىزدىكى ئومۇمى  يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 80پىرسەنتىنى ئىگىلىدى. P&9Gga^I  
         ئۇ مۇنداق  دىدى: نۆۋەتتە ئىلىمىز كىسەل ئەھۋالى ئېغىر، چەت-يىراق جايلار، يېزا قاتارلىق نوقتىلىق رايۇنلار ۋە كۆچمەن نوپۇس، ياش-ئۆسمۈرلەر قاتارلىق نوقتىلىق  كوللىكتىپقا قارىتا ئەيدىز كىسىلى  تەشۋىقات تەربىيىسىنى  داۋاملىق كۈچەيتىدۇ؛ ئارىلىشىش خىزمىتىنى داۋاملىق  كۈچەيتىپ، ئەيدىز كىسىلىنى  دورا بىلەن داۋالاش ۋە گاندومنى ئىشلىتىشنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى موقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارىلىشىش تەدبىرىنىڭ  قاپلىنىش دائىرىسىنى  كېڭەيتىپ، يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئازايتىدۇ. - }7e:!.  
         شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سەھىيە نازارىتى ئىلان قىلغان شىنجاڭدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، 2008-يىلى 9-ئايغىچە،ئاپتۇنۇم رايۇندىكى 14 ۋىلايەت،ئوبلاست،شەھەر، 94 ناھىيىدىكى  ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 24مىڭ 818بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەيدىز  بىمارى 2504،ئەيدىز كىسىلى بىلەن قازا قىلغانلار 1353بولغان، بۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى دوكلات قىلىنغانلارنىڭ 9پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئەيدىز كىسىلى ئەھۋالى مەملىكەت بويىچە 4-ئورۇندا تۇرغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 8563،ئىلى-قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستىدىكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 9579 بولغان، ئۈرۈمچى شەھىرى 34.5پىرسەنتنى ئىگىلىگەن، ئىلى-قازاق ئاپتۇنۇم  ئوبلاستى 39.3پىرسەنتنى ئىگىلىگەن.دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇيىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە  شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 3928 بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 247كىشى كۆپەيگەن. شىنجاڭدا 1995-يىلى  تۈنجى   قېتىم ئەيدىز  ۋىروسى  بايقالغاندىن بۈگۈنگىچە  ئەيدىز  كىسىلىنىڭ تارقىلىشى تېز بولغان. F(k.,0Nc  
          شىنجاڭدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ  مۇنداق 5چوڭ ئالاھىدىلىكى بار: zVXC1u9B  
    1،ئۇكۇل يىڭنىسى ئارقىلىق زەھەر چىكىش ئۇسۇلى بىلەن ئەيدىز ۋىروسىنى يۇقتۇرۇش  يەنىلا  ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.2،يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئاساسلىقى  شەھەر بىلەن يىزا-بازارلار تۇتاشقان رايۇنلاردا كۆرۈلمەكتە.3،يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ  ئارىسىدا ياشلار ئاساس بولۇپ، 20ياشتىن 40ياشقىچە بولغان ئەرلەر مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلىگەن.4،ئايال يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى  كۈنسايىن ئاشماقتا.5، نۆۋەتتە، دەسلەپكى  باسقۇچتىكى يۇقۇملانغۇچىلار كۆپىيىتىپ، زور مىقداردىكىلەر  يۇقۇملىنىش باسقۇچىغا قاراپ يۈزلەنمەكتە. [ oL.+  
         ئامىرىكا  ئىستىراتىگىيە   ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى جۇڭگودا ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئىلان قىلىپ،كەلگۈسى 5يىلدا ئەيدىز ۋىروسىنىڭ جۇڭگودىكى ئىككى رايۇنغا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ۋە تېز  تارقىلىدىغانلىقىنى، بۇ رايۇنلارنىڭ بىرى جۇڭگونىڭ جەنۇبى ۋە غەربى جەنۇبىدىكى  يۈننەن،گۇاڭشى،گۇاڭدۇڭ، خۇنەن، سىچۈەن،خەينەن بولسا، يەنە بىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى  بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. @R/07&lBR  
          دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، ئەيدىز ۋىروسى  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشكەن  بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى  بىلەن بۇ ۋىروس پاھىشىلەر ۋە تېخىمۇ كۆپ  كىشىلەرگە تارقىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ  شىنجاڭدا ئەيدىز بىلەن  يۇقۇملانغان  ھامىلدار ئاياللار ئۆزلۈكسىز  كۆپىيىۋاتقان  بولۇپ، قەشقەردە ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 3.5پىرسەنتكە يەتكەن.دوكلاتتا  يەنە  تۇرپان  ۋىلايىتىدە پاھىشىلەرنىڭ  3.4پىرسەنتىنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى،بۇ ئەھۋالنىڭ ئىلى رايۇنىدا 3.3پىرسەنت ئىكەنلىكى  يىزىلغان. -=)+dCyB^  
          ئەيدىز كىسىلىدىن ئىبارەت بۇ نىجىسقا  تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ كىسەلگە نىسبەتەن چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنداقتا ئەيدىز  كىسىلى زادى قانداق كىسەل؟ #E? (vA1  
         ئەيدىز كىسىلى  دىگىنىمىز- ئىنسانلار  ئېرىشىلمە ئىممونىت كەمتۈكلۈك كىسىلى بولۇپ، ئەيدىز  ۋىروسى  ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئىممونت سىستېمىسىنى ئاستا-ئاستا بۇزۇپ تاشلاپ، ئاخىرىدا ئادەمنى  ھىچقانداق كىسەلدىن مۇداپىئەلىنەلمەيدىغان  ئەڭ ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. شۇ چاغدا ئادەمنىڭ   بارلىق كىسەلدىن  ساقلىنىشتا ئىشلىتىدىغان مۇداپىئە سېپىلى  بىراقلا  ۋەيران بولىدۇ. ئادەم ھەممىدىن ئاجىز بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئادەم تېنى ئاستا-ئاستا ئاجىزلاپ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. (qqO jz   
         ئۇنداقتا ئەيدىز ۋىروسىنىڭ كىلىش مەنبەسى نېمە؟ ئەيدىز ۋىروسى ئەسلى ئادەم بەدىنىدە بولمىغان بىرخىل ۋىروس بولۇپ،ھايۋان تېنى  ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى.بۇ ھايۋان دەل ئافرىقا  رايۇنىدىكى مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋان- قارا ئورانگۇتان.ئالىملار قارا  ئورانگۇتان تىنىدە ئەيدىز  ۋىروسىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. u [m  
         ئۇنداقتا ئەيدىز  كىسىلىگە  تاقابىل تۇرۇشتا ئىنسانلار قانداق خىرىسقا ئۇچرىدى؟ mef<=5t  
    دۇنيا  سەھىيە تەشكىلاتى  ئىلان قىلغان دوكلاتتا بۇ ھەقتە مۇنداق  دىيىلدى: ھازىر ئەيدىزنى  داۋالاشتا  قوللىنىلىۋاتقان  ئۇسۇلنىڭ ئوموملىشىش نىسبىتى  ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ،دۇنيادا ئەيدىز  ۋىروسى  بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى  قىسمى بۇ خىل داۋالاشتىن بەھرىمان بولالمايۋاتىدۇ، يەنە نۇرغۇن  يۇقۇملانغۇچى پەقەت دەسلەپكى   باسقۇچتىلا داۋالىنالىدى، كېيىنكى  داۋالاشقا ئىرىشەلمىدى.ھازىر،دۇنيا بويىچە ئەيدىز  ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كۈنىگە 7400دىن كۆپەيمەكتە، ئەمما ھازىرقى  داۋالاش ئۇسۇلى  بىلەن  داۋالىنىۋاتقانلارغا ھازىر  ھەر كۈنى  ئاران 2700 كىشى قوشىلىۋاتىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا،كۆپ خىل  دورا شىپا بولمايدىغان ئۆپكە  تۇبىركۇليۇزى پەيدا  بولغانلىقتىن،ھەم ئەيدىز ۋىروسى بىلەن  ھەم  ئۆپكە تۇبىركۇليۇز بىلەن يۇقۇملىنىش  ئەھۋالى كۈنسىرى ئېغىرلىشىپ كەتتى. بۇخىل يۇقۇملىنىش ئەيدىز  ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى  كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان  ئاساسلىق سەۋەپ. _,xc[ 07  
          پۈتۈن  دۇنيا  ئەيدىز  تەھدىتىدە ئاساسەن مۇنداق 3جەھەتتىن خىرىسقا ئۇچرىدى. خەلقئارا جەمىيەت بۇ 3 جەھەتتە  تەدبىر قوللىنىشقا  جىددى ئىھتىياجلىق.1،ئەيدىزنىڭ  ئالدىنى ئىلىش-داۋالاشنى  داۋاملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، مەبلەغ ۋە تىخنىك جەھەتتە ئۇزاق مۇددەت يۆلەك بولۇش؛2،سەھىيە-ساقلىقنى  ساقلاش  سىستېمىسىنى ئۆزلۈكسىز  كۈچەيتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش  بىلەن بىللە، تىخنىكا  جەھەتتە پىشقان داۋالاش خادىملىرىنى  يېتەرلىك  يېتىشتۈرۈش؛3،ئالدىنى ئىلىش-داۋالاشنى  نازارەت قىلىشنى  كۈچەيتىش،ئالاقىدار  يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش لازىم. LJk@Vy <?  
        دۇنيا  سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەيدىزنىڭ ئالدىنى  ئىلىش-داۋالاش خەلقئارا جەمىيەتنىڭ بىر تۈرلۈك مۈشكۈل ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپىسى.ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى پائال ئۈنۈم   بەردى.شۇڭا بۇ تىرىشچانلىقنى داۋاملاشتۇرساقلا، بۇ ئادەتتىن تاشقىرى مۈشكۈل جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتىنى مەڭگۈلۈك جامائەت سەھىيە  نەتىجىسىگە ئايلاندۇرالايمىز. #w,D wy  
    2008-يىلى 1-دېكابر دۇنيا ئەيدىز كۈنى يېتىپ كىلىش ئالدىدا،دۇنيا  سەھىيە تەشكىلاتى ئىلان قىلغان  بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق دىيىلدى: كىشىلەر سالامەتلىك  تەكشۈرتكەنگە ئوخشاش يىلدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن  ئەيدىز ۋىروسىنى  تەكشۈرتسە ھەم مۇۋاپىق  داۋالانسا، ئون يىل ئىچىدە دۇنيادا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن  يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى 95پىرسەنت ئازايتقىلى بولىدۇ. U*( izD  
    دۇنيا  سەھىيە تەشكىلاتى خادىملىرى مۇنداق دىدى: بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى  گەرچە  شەخسلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، ۋىروسنىڭ  دورىغا چىداشچانلىقى ۋە مەبلەغ مەسىلىسى  قاتارلىقلارغا چېتىلسىمۇ بۇ نەتىجىنىڭ ئىلان قىلىنىشى مۇناسىۋەتلىك  مەسىلىلەرنىڭ تەتقىقاتى ۋە مۇھاكىمە قىلىنىشىنى  ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە كىشىلەرگە ئەيدىز   ۋىروسىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەكشۈرتۈشنىڭ موھىملىقىنى  تونۇتىدۇ. WFO4gB*  
          گەرچە ئەيدىز كىسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان  ئۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن  يۇقىرى بولسىمۇ ھەمدە  ھازىرغىچە  ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا  ياكى  داۋالاش ئۇسۇلى تىپىلمىغان بولسىمۇ ئەمما  بۇ   قورقۇنۇشلۇق كىسەلنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. oFy=-p+C  
         بىمار ئەيدىز  ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كىيىن ئەيدىز  ۋىروسىنى ئىلىپ يۈرگۈچىگە ئايلىنىدۇ،ھەم خىلى  مەزگىلگىچە بۇ كىشىدە كىسەللىك ئالامىتى بايقالمايدۇ. بىمارنىڭ سىرتقى  قىياپىتىدىن ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىروسىنى  ئىلىپ  يۈرگۈچى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ،بىراق  بۇ كىشى  ئەيدىز ۋىروسىنى  باشقىلارغا  يۇقتۇرالايدۇ. ofPHmh`  
          ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىتىلىش  يولى مۇنداق 3خىل:1،جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش: ئەر-ئاياللار ياكى  ئەرلەر بىلەن ئەرلەر  ئوتتۇرىسىدىكى  بىخەتەرلىك بولمىغان يەنى گاندوم  ئىشلىتىلمىگەن جىنسى مۇناسىۋەت  ئارقىلىق يۇقىدۇ.جىنسى ھەمراھى قانچە كۆپ بولسا خەۋپ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.2،قان ئارقىلىق يۇقۇش: بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يەتمىگەن قان ياكى قان ياسالمىلىرى سالغۇزغاندا، زەھەر چىكىدىغانلار ئىشپىرىسنى ئورتاق  ئىشلەتكەندە، شەخسى دوختۇرخانىلاردا قان سالغۇزغاندا  بىخەتەر بولمىغان قان سالغۇزغاندا يۇقىدۇ.3،ئانىدىن بالىغا  يۇقۇش: ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلدارلىق، تۇغۇش ۋە ئىمىتىش مەزگىلىدە ئەيدىز كىسىلى  ۋىروسىنى ھامىلىگە  ياكى  بالىغا  يۇقتۇرۇشى مۇمكىن.ئادەتتە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى  ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، لىكىن بۇنىڭ ئالدىنقى  شەرتى شۇ ئايالنىڭ  ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقاش كېرەك، بۇنداق بولغاندا ھەرخىل تەدبىر  قوللىنىپ  ئانىنىڭ بالىغا ئەيدىز  ۋىروسىنى  يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. i=i(%yQ%  
        ئۇنداقتا  قانداق ئەھۋاللاردا ئەيدىز  ۋىروسى كىشىلەرگە يۇقمايدۇ؟ ]Y2RqXA*  
        كۈندىلىك تۇرمۇش ۋ خىزمەت،ئۈگۈنۈش،ئادەتتىكى ئۇچرىشىش،قۇچاقلىشىش،پاراڭلىشىش، يۆتىلىش،چۈشكۈرۈش،قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈش قاتارلىق پائالىيەتلەردە شۇنداقلا  يوتقان-كۆرپىلەرنى بىللە ئىشلىتىش، ھاجەتخانىلارنى  بىللە ئىشلىتىش،بىللە سۇ ئۈزۈش، ئەمگە قۇراللىرىنى  بىللە ئىشلىتىش، بىللە تاماق يىيىش ياكى قاچىلارنى ئورتاق ئىشلىتىش، پاشا چىقىش قاتارلىقلاردا  ئەيدىز ۋىروسى  يۇقمايدۇ.ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان  كىشى قارىماققا نۇرمال كىشىغا ئوخشاش بولۇپ، تاشقى  قىياپىتىگە قاراپ ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.مۇبادا بىر كىشى ئۆزىنى  ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملاندىممىكىن دەپ گۇمان قىلسا كىسەل كونتىرول قىلىش مەركىزى ياكى  دوختۇرخانىغا بىرىپ مەسلىھەت  سورىشى ۋە قان تەكشۈرتۈشى كېرەك. ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان-يۇقۇملانمىغانلىقنى پەقەت قاندىكى ئەيدىز ۋىروسى ئانتىتلاسىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدۇ. ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملىنىش ئىھتىماللىقى  يۇقىرى بولغان ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ 3 ئايدىن كېيىن تەكشۈرۈپ بىلگىلى  بولىدۇ، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش  ئىھتىماللىقى يۇقىرى ھەركەت بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىنكى 3ئاي ۋاقىت كۆزنەك دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ،بۇ ۋاقىتتا ئەيدىز  ۋىروسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولمايدۇ. p[hZ@f(z  
          ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى يۇقۇملىنىپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىنمۇ شۇنداق نۇرمال كۆرىنىدۇ.سىرتقى قىياپىتىدە ھىچقانداق بىنۇرماللىق  بولمايدۇ.يۇقۇملانغۇچى  باشقىلارغا ئوخشاش ئۇزاق مەزگىل  نۇرمال تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ،خىزمەت قىلالايدۇ.ئەمما ئۇلارنىڭ ئىممونىت  سىستېمىسى  ئاستا-ئاستا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ،ئەگەر داۋالاش ئىلىپ بارمىغاندا تەخمىنەن 7يىلدىن 10يىلغىچە ئاجىزلىشىپ  ئەيدىز  بىمارىغا ئايلىنىدۇ ھەم تېزلا ئۆلۈپ كىتىدۇ. .q%WuQw  
         شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا ئەيدىز  ۋىروسى بايقالغاندىن بۇيانقى ئەيدىز كىسىلى ئەھۋالى: rM .|1(u  
          1995-يىلى،شىنجاڭدا تۈنجى  ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى  بايقالغاندىن ھازىرغا قەدەر بولغان قىسقىغىنا 10نەچچە يىل ئىچىدە شىنجاڭدىكى  ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كىشىنى چۆچۈتكىدەك سۈرئەت بىلەن كۆپەيمەكتە.بىز تۆۋەندىكى  سانلىق مەلۇماتلاردىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى ئەيدىز كىسىلى مەسىلىسىنىڭ سەل قارىغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. MS\>DW  
    1، 2002-يىلى 9-ئايغىچە،شىنجاڭدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 6833گە يېتىپ،جۇڭگودىكى  ئەيدىز ۋىروسى بىلەن  يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمى  سانىنىڭ 20پىرسەنتىنى ئىگىلىدى،شۇنداقلا  ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە يۈننەن ئۆلكىسىدىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇردى. * mOo@+89  
    2، 2003-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە،ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 3165كە يەتتى. 1QLbf*zeIW  
    3،2003-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە،شىنجاڭدىكى ئەيدىز  ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 8150كە يېتىپ، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپلىكى  جەھەتتە يۈننەن ئۆلكىسىدىن قالسا 2-ئورۇندا تۇردى. V n*  
    4،  2004-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا  ئەيدىز  ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى  8773كە يېتىپ، جۇڭگو بويىچە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 13پىرسەنتىنى ئىگىلىدى،ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆپلىكى جەھەتتە جۇڭگودا 4-ئورۇندا تۇردى. 5]n[]FW  
    5، 2004-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن  يۇقۇملانغۇچى 9346گە يەتتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى جۇڭگو بويىچە ئەيدىز كىسىلى ئەڭ ئېغىر رايۇنلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. RoU55mL  
    6، 2005-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچىدىكى  ئەيدىز ۋىروسى  بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 4386گە يەتتى، شىنجاڭ  بويىچە ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 10مىڭ 906گە يەتتى. 2 $?C7(kW  
    7،تەڭرىتاغ تورىنىڭ 2005-يىلى  11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى  خەۋىرىدە  ئېيتىلىشچە، ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار مۆلچەردىكى 30مىڭدىن  ئېشىپ، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىيىتىش تېزلىكى جۇڭگو بويىچە  ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. |&FkksNAl\  
    8، 2005-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى ئەيدىز ۋىروسى  بىلەن يۇقۇملانغانلار11مىڭ 303گە يەتتى. ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى جۇڭگو بويىچە 4-ئورۇندا تۇردى. ?YZ- P{rTS  
    9، 2005-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە،جۇڭگودىكى  ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 10مىڭدىن ئاشقان  ئۆلكە، ئاپتۇنۇك رايۇنلار يۈننەن،خېنەن،گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنى، شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ۋە گۇاڭدۇڭ بولغان. >sWp ?  
    10، 2005-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن  يۇقۇملانغانلار 4926گە يىتىپ، ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى بارلىق يۇقۇملۇق كىسەللىكلەر ئىچىدە ئەڭ تېز بولدى. /lo2y?CS*  
    11، 2005-يىلى 10-ئايدىن 2006-يىلى 6-ئايغىچە  شىنجاڭدا يېڭىدىن ئەيدىز  ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان 4732كىشى بايقالدى، يەنى شىنجاڭدا ئوتتۇرا  ھىساپ بىلەن ھەر كۈنى 17 ئادەم  ئەيدىز ۋىروسى  بىلەن يۇقۇملاندى.شىنجاڭدىكى ئەيدىز ۋىروسى  بىلەن يۇقۇملانغانلار 16مىڭ 35كە يەتتى. A9wh(P0\  
    12، شىنجاڭ گىزىتىنىڭ 2007-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە، 2006-يىلىدىلا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن ئەيدىز  ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 2051كە يەتكەن. tS|(K=$  

    分享到: