• ئۆسۈمسىز پۇل سىياسىتى پۇقرالار تۇرمۇشىغا قانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ؟

    2009-04-10

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/37689177.html

    پۇل مۇئامىلە كىرزىسى ئىقتىسادىي كىرزىسقا ئۆزگەرگەن پەيتتە، ياپونىيىدە بەش يىل تۆت ئاي يولغا قويغان ئۆسۈمسىز  پۇل سىياسىتى يەنە قايتىدىن يولغا قويۇلدى. ناۋادا دۆلىتىمىزدىمۇ مۇشۇنىڭدەك ئۆسۈمسىز پۇل سىياسىتى يولغا قويۇلسا، تۇرمۇشىمىزدا قانداق ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىشى مۇمكىن؟
       پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ تەسىرى پۈتۈن دۇنياغا يامراپ، ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋاستىسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئۆسۈم ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن ۋاقىت، ئۆسۈمسىز دەۋرنىڭ يېتىپ كەلگەن پەيتى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا، ياپونىيە ئۆسۈمسىز دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بۇ يىل 1- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۆسۈم نىسىبىتىنى تۆتىنچى قېتىم چۈشۈردى. نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە ئۆسۈمسىز پۇل سىياسىتى يولغا قويۇلغىنى يوق، ئەمما بۇلتۇر بەش قېتىم ئۆسۈم نىسبىتى تەڭشەلگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىز ئاللابۇرۇنلا تۆۋەن ئۆسۈم نىسبىتىلىك مەزگىلگە قەدەم قويدى. ناۋادا دۆلىتىمىز ئۆسۈمسىز دەۋرگە قەدەم قويسا، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا قانداق ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىدۇ؟
      جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى پۇل مۇئامىلە تەتقىقات ئورنىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ قارىشىچە، ناۋادا ئۆسۈمسىز مەزگىل بارلىققا كېلىپ، ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈمى بولمىسا، ئاكسىيە بازارلىرى جانلىنىپ كېتىدىكەن. ئۆسۈمسىز مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي ئەھۋال ئىنتايىن ناچار بولۇپ، مال باھاسى ئۈزلۈكسىز چۈشۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستىلاپ، پۇقرالار كىرىمىنىڭ ئېشىشى چەكلىنىپ قالىدىكەن ھەتتا ئازىيىپ كېتىدىكەن، شىركەتلەرنىڭ پايدىسىمۇ ياخشى بولمايدىكەن، پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەھۋالىدىمۇ ياخشىلىنىش بولمايدىكەن. ناۋادا ئېلىمىز ئۆسۈمسىز پۇل سىياسىتىنى يولغا قويسا، بۇنىڭغا قارىتا كىشىلەردە قانداق ئىدىيە تەييارلىقى بولۇشى كېرەك؟
      تارىختىن بۇيان ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئامانەت قارىشى كۈچىيىپ، مەبلەغ سېلىش قارىشى نىسبەتەن ئاجىزلاشقان، بولۇپمۇ تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر ياكى پېنسىيىگە چىققان ئاممىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆسۈم ئۇلارنىڭ كىرىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، مەيلى تۆۋەن ئۆسۈم نىسبىتى بولسۇن ياكى ئۆسۈمسىز مەزگىل بولسۇن، ئاھالىلەرنىڭ ئامانەت پۇلىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
       ئۆسۈم بولمىسا، بىز پۇلنى بانكىغا قويامدۇق؟ كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ مەسىلىگە گۇمان بىلەن قارايدۇ. بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ بەزىلىرى ئامانەت پۇلىنى ئېلىپ پايدىسى تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. ئىلگىرى بەش يىلدىن ئارتۇق ئۆسۈمسىز سىياسەتنى يولغا قويغان ياپونىيەدە پىنسىيىگە چىققانلارنىڭ مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچراپ، ئۇلار يۇقىرى ئىش ھەققىلىق مەبلەغ سېلىش پۇرستى ئۈستىدە ئىزدەنگەن. بۇ خىل ئەھۋال، قاقتى- سوقتى قىلىش دىلولىرىنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا، بىز بۇ خىل ئەھۋالدىن ساۋاق ئېلىپ "خەتىرى تۆۋەن، پايدىسى كۆپ" دېگەنگە ئوخشاش مالىيە باشقۇرۇش بازارلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىدىن ئېھتىيات قىلىپ، ئورۇنسىز زىياندىن ساقلىنىشىمىز لازىم.  

       پاي چېكى بازىرى نۆۋەتتە پاسسىپ ھالەتتە تۇرىۋاتسا، فوند قاتارلىق مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىدا زىيان ئېغىر كۆرىلىۋاتسا، بانكا ئۆسۈمى داۋاملىق تۆۋەنلەۋاتسا، بىز قولىمىزدىكى پۇل ئارقىلىق مالىيە باشقۇرۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇلىمىزنىڭ قىممىتىنى قانداق ئاشۇرىمىز؟ ئەمەلىيەتە ئۇنداق ئەمەس، نۇرغۇن مالىيە باشقۇرۇش مۇتەخسسسلىرىنىڭ قارىشىچە، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ياكى تۆۋەن ئۆسۈم نىسبىتىلىك دەۋردە، مالىيە باشقۇرۇشتا بىخەتەرلىك ئاساس قىلىنىشى لازىمكەن. ئامانەت قويىلىدىغان پۇلنى كۆپەيتىپ، پۇل فوندى ياكى ئاكسىيە قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىش ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدىكەن.
       ھەممىمىزگە ئايان، ئاكسىيىگە مەبلەغ سېلىشنىڭ خەتىرى تۆۋەن ھەمدە پايدىسى نىسبەتەن مۇقىم. پۇل فوندىمۇ دىرى بىخەتەر بولۇش، مەبلەغنىڭ ئايلىنىشى كۈچلۈك بولۇش، پايدىسى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇش، مەبلەغ تەننەرخى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇش،  پايدا تەخسىملەش بېجى يوق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە
    .
      بۇلتۇر كىشىلەر پايچېكى تىپىدىكى فوندتىن، پۇل فوندىغا قىزىقىشقا باشلىدى. پۇل فوندىنىڭ ئاساسلىق مەبلەغ سېلىش ئوبيېكتى زايوم، مەركىزى بانكىنىڭ ۋېكىسىل ھۆججەتلىرىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە پاي چېكى فوندى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە پۇل پاخاللىقى ۋەزىيىتىنى دەل ۋاقتىدا ئىگىلەپ، نىسبەتەن يۇقىرى ۋە مۇقىم پايدا يارىتالايدۇ
    .
       يەككە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان بانكىنىڭ قەرەلسىز پۇل ئامانىتىگە سېلىشتۇرغاندا، پۇل فوندى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ناۋادا ئېلىمىزدە ئۆسۈمسىز پۇل سىياسىتى يولغا قويۇلسا، قەرەلسىز ئامانەت پۇل فوندىغا ئۆزگىرىدىكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۆسۈمسىز پۇل سىياسىتىدە پۇل فوندى مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتىدىكى يېڭى ئېقىمغا ئايلىنىشى مۇمكىن. فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىنىستىتوتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىم:- نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئۆسۈمسىز پۇل سىياسىتى دەۋرىگە قەدەم قويسا بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئىچكى ئېھتىياج ۋە كەسپ قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسىتىش ھەمدە مۇكەممەل ھەم جانلىق ھاياتى كۈچكە ئىگە تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، نۆۋەتتىكى "پۇل جېڭى" يەنى ئۆسۈم چۈشۈرۈش جېڭى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەردىن ساقلىنىش لازىم،- دېدى
    .  دۆلىتىمىز نۆۋەتتە ئۆسۈمسىز سىياسەتنى يولغا قويمىغان بولسىمۇ ئەمما، نۆۋەتتە ئېلىمىز پۇل سىياسىتىنى بوشاشتۇردى. مەسىلەن، بۇلتۇر يىل ئاخىرقى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشتە، بىر يىللىق مۇددەتتىكى قەرز پۇلنىڭ ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتى ئەسلىدىكى 5.58 پوئىنتتىن 5.31 پوئىنتقا تەڭشەلدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، تۆۋەن ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ بىرەرمۇ توغرا يېرى يوقمۇ ئەمەس، مۇشۇ خىل سىياسەت ئارقىلىق قەرز قايتۇردىغانلارنىڭ قىسمەن يۈكى يېنىكلەيدۇ. ناۋادا "ئۆسۈمسىز" مەزگىل راستىنلا يېتىپ كېلىدىغان بولسا، ئىلگىرىكى ئامانەت قويۇش ئېڭىدىمۇ بەلگىلىك ئۆزگىرىش بولىشى مۇمكىن، قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتقان تۈزۈك.

    分享到: