• ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى،گوۋۇيۈەن شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

    2010-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/63952035.html

    خۇ جىنتاۋ ، ۋېن جياباۋ مۇھىم سۆز قىلدى ،جۇ يۇڭكاڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى 

       ۋۇ باڭگو ، جيا چىڭلىن ، لى چاڭچۈن ، شى جىنپىڭ ، لى كېچياڭ ، خې گوچياڭ يىغىنغا قاتناشتى 

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلماقتا

     

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، بېيجىڭ ، 20–ماي تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 17مايدىن 19–مايغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى .

      

       ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋۇ باڭگو ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چاڭچۈن ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې گوچياڭ ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسى–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يۇڭكاڭ يىغىنغا قاتناشتى.

       خۇ جىنتاۋ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى : يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ماكانىنى كېڭەيتىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، ئېلىمىزنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ، ئورتاق پايدا ئېلىش مەقسىتىدىكى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ ، ئومۇمىي دائىرىلىك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى راۋاجلاندۇرۇشىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، چېگرانىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تەخىرسىز تەلىپى. گۈللەنگەن، باي، ئىناق، مۇقىم سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى . پۈتۈن پارتىيە ، پۈتۈن مەملىكەت شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ ، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ ‹‹ئىككى ئومۇمىيەت›› ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى ۋە مەركەزنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستىراتېگىيەلىك تەدبىرىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يۈكسەلدۈرۈپ ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى شەرت.

       ۋېن جياباۋ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى . جۇ يۇڭكاڭ يىغىن ئاخىرلاشقاندا سۆز قىلدى.

       بۇ قېتىمقى يىغىن ئېلىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشى ئاچقۇچلۇق پەيتكە قەدەم قويغان ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى زور پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتتە ئۆتكۈزۈلدى . يىغىندا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە تەجرىبىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى ، شىنجاڭ خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ياخشى ئىشلەشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي ۋەزىپىسى ، خىزمەت تەلىپى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

       خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىگە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. مەركەز يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، جايلار، تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، شىجائەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا دىققەت قوزغىيارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭ ھازىر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار تېز راۋاجلانغان، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى روشەن ئاشقان، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشكەن مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىنىڭ ماددىي ئاساسى، سىياسىي ئاساسى، ئىدىيەۋى ئاساسى، ئاممىۋى ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىۋاتىدۇ، تۈرلۈك ئىشلار يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ.

       خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيىتى مەركەزنىڭ ھەرقايسى مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ تامامەن توغرا بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنلۇقىنى كۆرسەتتى. بىز شىنجاڭ خىزمىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ ۋە ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋەزىيەتتە، يەنە شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، تارىخ، تەبىئەت، جەمئىيەت قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭ بىلەن ئېلىمىزنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدا پەرق يەنىلا خېلى زور. مەملىكىتىمىزدىكىگە ئوخشاش، شىنجاڭدىكى ئاساسىي ئىجتىمائىي زىددىيەت يەنىلا خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەت. شىنجاڭدا يەنە بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش ھەرىكەتلىرى مەۋجۇت. بۇ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى چوقۇم شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت زور ۋە تەخىرسىز ۋەزىپىنى چۆرىدەپ ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكىنى بەلگىلىدى.

       خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى نىشان، ۋەزىپىسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، سوتسىيالىزم تۈزۈمى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ چېگرانى مۇستەھكەملەش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، باشتىن – ئاخىر ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ تۈپ كاپالىتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنى تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشنىڭ تۈپ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز شەرت.

       خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە نىشان، ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بىرىنچى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپى بويىچە شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىش، تەرەققىياتنى تېزلىتىشنى شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلىنىشىغا قەتئىي تۈرتكە بولۇش شەرت. ئىككىنچى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ تۈپ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، پۇقرالار ئويلاۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى تېزدىن ياخشىلاش شەرت. ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىش باش تېمىسىنى ئىگىلەپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش شەرت. تۆتىنچى، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىقنى، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش شەرت.

       خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يۆلەك بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسىپلىرىنى، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنىڭ قاتناش ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان ئۇل مۇئەسسەسە تۈرلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مالىيە كۈچىنى جامائەت مۇلازىمىتى ساھەسىگە، چوڭ جامائەت پاراۋانلىقى تۈرلىرىگە ئىشلىتىپ، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل – يېزىق قانۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېڭىچە يېزا ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى تېزدىن ئورنىتىپ، 2012 – يىلىغا بارغاندا شەھەر – يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان ئاساسىي داۋالاش – ساقلىق ساقلاش تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زامانىۋى، مەدەنىي تۇرمۇشقا تەدرىجىي ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسىقىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئايلانما ئىقتىسادنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، يېزا مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تاغ – دەريالىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەللىشىشىگە، بوستانلىقلىرىنىڭ تېخىمۇ ياشنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى، تاشقى جەھەتتە ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىماتىدىكى ئۇللۇق رولىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد، تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قوللاپ، چېگرا بويلىرىنى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنى تىرىشىپ ئېلىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى ۋە بازىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ياردىمى بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

       خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تېزدىن ئۆستۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ شىنجاڭغا سالغان مەبلىغى ۋە ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياردەم مەبلىغىنى نۇقتىلىق ھالدا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىش، بايلىق بېجى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھات ئارقىلىق ئاشقان مالىيە كۈچىنىمۇ نۇقتىلىق ھالدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، بايلىق ئېچىش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكەت پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۆلەش – ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىكلەرنى يۆلەش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا مۇتلەق نامراتلىق ئەھۋالىنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقىتىش كېرەك. شەھەر – يېزىلارنى قاپلىغان جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى ۋە مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنى مول مەزمۇنلۇق، ساغلام مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك.

       خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ مىللەت ۋە دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى تەشۋىقات – تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات – تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى تونۇشى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى تونۇشى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى تونۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئارمىيەنى ھىمايە قىلىپ، ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ئېتىبار بېرىش، ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىپ، خەلقنى سۆيۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە، خەلق ئورتاق قۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە – ھۆكۈمەت، ھەربىي – خەلق بىرلەشمە مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە – ھۆكۈمەت، ھەربىي – خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇش، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى قەتئىي، ئومۇميۈزلۈك، قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتى بىلەن ئاممىۋى خىزمەتنى، ئىدىيەۋى سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدىكى ئاممىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئەمىنلىك قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرگە بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ ۋە زەربە بېرىپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

       خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بويىچە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى پۇختا كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇستەھكەم، كۈچلۈك سىياسىي ۋە تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

       خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى شىنجاڭدا قۇرۇلۇش قوشۇنى، مۇستەھكەم تۈۋرۈك، پولات قورغانلىق رولىنى ئويناۋاتىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا مەدەت بېرىش سىياسىتى بىڭتۇەنگىمۇ تەتبىقلىنىدۇ، قىيىنچىلىقى بار رايونلار ۋە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىلىدىغان رايونلارغا قارىتىلغان سىياسەت بىڭتۇەننىڭ شۇ جايلاردىكى شى، تۈەن، مەيدانلىرىغىمۇ تەتبىقلىنىدۇ. شەھەرلەشتۈرۈش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە تۈزۈلمىسى بىلەن سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى قىلىپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدە مەبلەغ سېلىش بىلەن دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش خامچوتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يولى ئارقىلىق بىڭتۇەننىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى يۆلەش، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال مالىيە كۈچىگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئاممىۋى ئىشلىرى تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، چېگرانى قوغداش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

       خۇ جىنتاۋ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇستەھكەم رەھبەرلىكى، ئېلىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىغا چوقۇم يېتەلەيمىز، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى چوقۇم تېخىمۇ بەختىيار بولىدۇ.

       ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، سىياسەت جەھەتتە قوللاش سالمىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەركەز مۇنداق قارار قىلدى: شىنجاڭدا بايلىق بېجى ھەققى ئالدى بىلەن ئىسلاھ قىلىنىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقى بېجى مىقدارىغا قاراپ ئېلىشتىن باھاسىغا قاراپ ئېلىشقا ئۆزگەرتىلىدۇ؛ شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىقى بار رايونلاردىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلاردىن كارخانا تاپاۋەت بېجى ئېلىشتا ‹‹ئىككى يىل ئالماسلىق، ئۈچ يىل %50 ئېلىش›› ئېتىبار سىياسىتى قوللىنىلىدۇ؛ مەركەز سېلىنمىسى داۋاملىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۇەنگە مايىللىشىپ، ‹‹12 – بەش يىل››دا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىم مۈلكىگە سېلىنىدىغان مەبلەغ كۆلىمى ‹‹11 – بەش يىل››دىكىدىن بىردىن ئارتۇق قاتلىنىدۇ؛ ھەر خىل بانكا ئاپپاراتلىرىنىڭ چەت، يىراق رايونلاردا مۇلازىمەت تور نۇقتىسى تەسىس قىلىشىغا، پاي تۈزۈمىدىكى سودا بانكىلىرى ۋە چەت ئەل مەبلىغى بانكىلىرىنىڭ شىنجاڭدا شۆبە – تارماق ئاپپارات قۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ؛ قۇرۇلۇش يېرى كۆلىمى ۋە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قۇرۇلۇش يېرىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئىشلەتمەسلىك كۆرسەتكۈچى مۇۋاپىق ئاشۇرۇلىدۇ؛ شىنجاڭدا بايلىق ئەۋزەللىكى ھازىرلىغان ئۆز رايونى ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا بازار ئېھتىياجى بار كەسىپلەرنىڭ ئىجازەت چەكلىمىسى مۇۋاپىق بوشىتىلىدۇ؛ تەبىئىي گاز ئىشلىتىش سىياسىتى تەدرىجىي بوشاشتۇرۇلۇپ، يەرلىكنىڭ تەبىئىي گاز ئىشلىتىش كۆلىمى كېڭەيتىلىدۇ... مەركەزنىڭ بۇ سىياسەت، تەدبىرلىرىدە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى باش نىشان قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش بىلەن ئىجتىمائىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلغان؛ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ تەدبىر قىلىپ، قىسقا مەزگىللىك گەۋدىلىك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلغان؛ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئارقىلىق، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش بىلەن بازار مېخانىزمىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلغان؛ شىنجاڭنىڭ ئۆزىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى مەۋقە قىلىپ، مەركەز ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ قوللىشى، ياردىمى بىلەن شىنجاڭنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى، زاپاس تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلغان. بۇلار مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە تۈرتكە بولۇشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى كۆرسەتتى.

       جۇ يۇڭكاڭ يىغىن ئاياغلاشقاندا: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭ خىزمىتى تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىدىمۇ ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.

       جۇ يۇڭكاڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە قويۇپ پىلانلاپ، ئۆز جايى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئومۇمىي خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، توك، گاز ئىشلىتىش، مائاش تەمىناتى، ئىجتىمائىي كاپالەت، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى، ئەمگەك ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغان چوڭ ئىش، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى يەنىمۇ ياخشىلىشى كېرەك. تەرەققىياتنى تېزلىتىش، ئىلمىي تەرەققىي قىلىشقا ئائىت سىياسەت، تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە ئائىت سىياسەت، تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. مۇقىملىقنى ساقلاشقا ئائىت سىياسەت، تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى سۇبيېكتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، تارىخىي غەنىيمەت پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ھەقىقىي، ياخشى پايدىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا ۋاقتىدا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جايلار شىنجاڭنىڭ ئىشىنى ئۆز ئىشى دەپ بىلىپ، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىشى كېرەك. مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار قوللاشقا ئائىت سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئىجادىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان تۈپ، ئۇزاق مەزگىللىك، نېگىزلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

       پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بۆلۈم، مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرى، شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە چوڭ تىپتىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، گۈللەندۈرۈشكە ئائىت ئاساسىي تاكتىكىسى بېيىتىلدى ۋە راۋاجلاندۇرۇلدى، بۇ، يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شىنجاڭنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاۋاتقانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى.

       شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئاساسىي پارتىيە، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى، شۇنداقلا بىڭتۇەننىڭ شىلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئاساسىي مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، شۇنداقلا پىلانى ئايرىم شەھەرلەرنىڭ مەسئۇللىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بۆلۈم، مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 359 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

    分享到: