• ئامېرىكا يەرشارىنىڭ ئۇ تەرىپىدە

    2010-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/63947931.html

    点击查看原始尺寸
    يازغۇچىسى : ئەركىن ھاشىم ( بوغدا دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى )

    ( مەنبە : شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى تور بېتى)

    ئۆگىنىش ئېھتىياجى بىلەن ئامېرىكىغا ئىككى قېتىم باردىم. ھەر ئىككىلا قېتىمدا « ھەقىقىي ئامېرىكىلىقلار » ( ئۇلار ئىندىئانلاردىن باشقا ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا بىرىنچى قېتىم چىققان ئاق تەنلىكلەر بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە ئامېرىكا ئەنئەنىسىنىڭ ئەڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرى دەپ قارىلىدىكەن ) بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. زىيارەت جەريانىدا ئامېرىكا مەدەنىيىتى توغرىسىدا ئاز بولمىغان تەسىراتلارغا ئېرىشتىم. مەن ئېرىشكەن بۇ تەسىراتلارنىڭ بىر قىسمىنى زامانداشلىرىمنىڭ دىققىتىگە سۇنۇپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
    ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەرئۆرپ-ئادىتىنىڭ شەكىللىنىشى ئۇزۇن بىر تارىخىي جەريان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ھاياتى بۇ جەريان ئالدىدا تولىمۇ قىسقا بىر ۋاقىت. ئەلۋەتتە، بىر نەچچە ئاي ۋاقىت بىر ئادەمنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئوخشاشلا ناھايىتىمۇ قىسقا بىر مەزگىل. مۇنچىلىك قىسقا مەزگىلدە مەدەنىيەت ۋە ئۆرپ-ئادەت توغرىسىدا ئېرىشىلگەن تەسىراتلار ئەتراپلىق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بولۇپمۇ بۇ ساھەنىڭ ئەھلى بولمىغان، مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن خەۋەرسىز مەندەك بىر ئاددىي دوختۇر ئۈچۈن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق. شۇڭا، مەن بۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى ئەمەس، بەلكى ئاددىي بىر ساياھەتچى سالاھىيىتىم بىلەن مەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان ھەمدە مەندە بەلگىلىك تەسىراتلارنى قالدۇرغان نۇرغۇن ئىشلار ھەققىدىكى ھېس- تۇيغۇلىرىمنى ئېيتىپ ئۆتمەكچى. بۇ ھەقتىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي يەكۈنلەرنى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پاكىتلار ئاساسىدا چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەگەر مەن ئېرىشكەن تەسىراتلار بۇ يەكۈنلەرگە زىت بولسا، ئوقۇرمەنلەردىن ئالدىن ئەپۇ سورايمەن.

    1. ئىجادنىڭ ئورنى
    ساياھەت ياكى باشقا ئىشلار بىلەن يۇرتلىرىمىزغا كېلىپ قالغان ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇچراشسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئادەتتە كىچىك سوۋغاتلارنى بېرىشكە ئامراق ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئۇلارنىڭ بېرىدىغان سوۋغاتلىرى ئەگەر ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىگەن نەرسىلەر بولۇپ قالسا، ئۇلار بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمايدۇ. مەن بۇرۇن بۇنداق قىلىشنى ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشى بولسا كېرەك، دەپ چۈشەنگەنىدىم. ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەھەللىلىرىگە بارغاندىن كېيىن بۇنىڭ ئەسلىدە باشقىچە ئىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.
    داگ نېيخارت ئامېرىكىنىڭ شىمالى تەرىپىدىكى مېنتانا شىتاتىغا جايلاشقان لورول تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى. ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا، ئۇ ئالدى بىلەن مېنى ياتاق ئۆيىدىن باشقا ھەممە ئۆيلىرىگە باشلاپ كىردى. ھەربىر ئۆيگە كىرگىنىدە، ئۇ مۇشۇ ئائىلە ئەزالىرى ئۆز قولى بىلەن ياسىغان نەرسىلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇ ياش ۋاقتىدا ياسىغان بۇغا مۈڭگۈزىدىن ئىشلەنگەن « قۇش »لار، ئۇ ئۆزى سىزغان سىدام سىزمىلار ، ئۆزى ياسىغان قاچا-قۇچا قويىدىغان ئىشكاپ، ھويلىغا قويىدىغان چوڭ تاماق شىرەسى، ئۇنىڭ بوۋىسى ياسىغان ئىلەڭگۈچ، مومىسى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆز قولى بىلەن ياساپ سوۋغا قىلغان بوۋاقلار ئايىغىنىڭ مودېلى...قاتارلىقلار بار ئىدى. راست گەپنى دېسەم، بۇلارنىڭ ئىچىدە سىدام سىزىلغان ئىندىئانلارنىڭ رەسىملىرى ھەقىقەتەن تولىمۇ ئوخشىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان نەرسىلەرنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىدى. ئەمما، بۇ نەرسىلەر ئەڭ قىممەتلىك مۈلۈك قاتارىدا ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئۇزۇن يىللار ساقلىنىپتۇ. دائىم ئۆي كۆچۈپ يۈرىدىغان، بارغان يېرىدە ھەممە ئۆي جاھازلىرى ئالدىن تەييارلىنىپ قويۇلىدىغان ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇلار ھەقىقەتەنمۇ تازا چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر ئىش ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى زىيارەت جەريانىدا ئامېرىكىدا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ناھايىتى ئومۇمىيۈزلۈك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.
    داگ مېنى نۇرغۇن دوستلىرىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ باردى. ھەر بىر ئۆيدە خۇددى كېلىشىپ قويغاندەك ئەشۇ ئائىلىنىڭ ئەزالىرى ئۆز قولى بىلەن ياسىغان نەرسىلەرنى كۆرسىتەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭراقلىرى ئۆزلىرى قوشۇپ ياسىۋالغان بىر-ئىككى ئېغىز ئۆي ( ئامېرىكىدا ئولتۇراق ئۆيلەر پۈتۈنلەي ياغاچتىن ياسىلىدىكەن، شۇڭا « ئۆي سېلىش » دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق تاپمىدىم)، ئۆزلىرى بېزىگەن ئاشخانىلار، كىچىكرەكلىرىدىن ئۇلارنىڭ بالىلىرى سىزغان رەسىملەر، ئۇلارنىڭ بالىلىق ۋاقتىدا ياسىغان قونچاقلار ... بار ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئالاھىدە سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرسىتىلەتتى. ھەربىر ئائىلىدە تامامەن دېگۈدەك باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان سەنئەت بۇيۇملىرى ساقلىنىدىكەن. ئەنە شۇ چاغدىلا مەن ئۈرۈمچىدە ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان رەسسام غازى ئەمەتنىڭ « ئۇيغۇرئون ئىككى مۇقامى » دېگەن ماي بوياق رەسىمى ( ئەسلى سىزمىدىن تارتىلغان فوتو سۈرەت)نىڭ داگنىڭ ئۆيىدىكى مېھمانخانا ئۆينىڭ ئەڭ تۆرىگە ئېسىپ قويۇلۇشىنىڭ ماڭا بىلدۈرۈلگەن ھۆرمەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
    ھەممە ئادەمنىڭ ئۆيىدە دېگۈدەك بىر گراج (ماشىنا قويۇش ئۆيى) بولۇپ، بۇ ئۆيدە ياغاچچىلىق، رېمونتچىلىققا دائىر ئۈسكۈنىلەر تولۇق بولىدىكەن. بۇ ئۈسكۈنىلەر چوڭ تىپتىكى كەسپىي ئۈسكۈنىلەر بولۇپ، باھاسىنىڭ ئەرزان ئەمەسلىكى چىقىپ تۇراتتى. پۇلغا سەل قارىمايدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئادىتى مېنى دەسلەپ گاڭگىرىتىپ قويدى. ئەمما، تېزدىنلا مەن يۈزەكى ھادىسىدىن ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىدىكى مۇھىم بىر نۇقتىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ قەلبىدە ئىجادچانلىقنىڭ ئورنى ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەن. بۇ بىزدىكى ئىپپەت - نومۇس، ھەق-ناھەق تۇيغۇسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان، جەمئىيەت ئەزالىرى تەرىپىدىن ئومۇمىيۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان، تىرىكچىلىك ئېھتىياجىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي ئاڭ ئىكەن. بۇ ئاڭ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا شۇ قەدەر تەبىئىي ھالدا سىڭگەنكى، مەن بۇ نۇقتىنى ئۇلارغا ئەسكەرتكەن ۋاقتىمدا، ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ ھەيران قېلىشتى. مەن داگقا چۈشەندۈرۈپ: « سېنىڭ ئۆيۈڭدە قىممەتلىك نەرسىلەر خېلى بار ئىكەن. مەسىلەن، مۇنۇ پىئانىنو مېنىڭچە ئەرزان ئەمەس، شۇڭا ئەگەر بىزنىڭ يۇرتتا بولسا، كىشىلەر ئالدى بىلەن پىئانىنونىڭ ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرۇشى مۇمكىن. سەن ياسىغان مۇنۇ « قۇشلار »غا كەلسەك، راستىنى ئېيتسام، كوچىغا تاشلىۋەتسەڭ ھېچكىم تېرىۋالمايدۇ، ئەمما سەن ۋە سېنىڭ ئەتراپىڭدىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇ قىممەتلىك ئىكەن. چۈنكى، ئۇنى سەن ئىجاد قىلغان » دەپ ئېيتقاندىن كېيىن ، ئۇ خۇددى ئەزەلدىن سەزمىگەن بىر ھەقىقەتنى ھېس قىلغاندەك بېشىنى لىڭشىتتى.
    بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا مەن گال پىچاق بىلەن ئۇزاق ھەپىلىشىپ، قوللىرىمنى يېغىر قىلىپ، مىڭ تەسلىكتە ئۇزۇن ۋە تار كەلگەن پەنەركىدىن بىر « قىلىچ » ياسىغانىدىم، ئۇنىڭ سۈپىتىنىڭ قانچىلىك بولغانلىقىنى ھازىر ئۇنتۇپ كەتتىم. ئەمما، شۇ چاغدا تولىمۇ پەخىرلەنگەنلىكىم، ھاياجانلانغانلىقىم ھازىرقىدەك يادىمدا. ئەپسۇس، بىرمۇ كىشى ( مەيلى تەڭتۇشلىرىم ياكى چوڭلار)نىڭ دىققىتىنى تارتمىغانلىقى مېنى تولىمۇ مەيۈسلەندۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە كۈن ئويناپ تاشلىۋەتكەن ئىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق نەرسە ياساپ باقمىدىم. بۇنىڭدىن مەن ئىنساندىكى ئىجادىيلىققا ئىنتىلىش روھى تۇغما بولامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. ھېچ بولمىغاندا بۇ خىل روھنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكى بىر ھەقىقەت بولسا كېرەك.
    بارلىق ئىجادىيەت يېڭى يارىتىلغاندا مۇكەممەل بولمايدۇ. شۇڭا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا جىددىي قارىمايدۇ. بىز ئەنە شۇنداق بىپەرۋالىق ئىچىدە قانچىلىغان ئىجادىي روھلارنى يوق قىلغاندىمىز - ھە؟ بىز مۇكەممەللىكنى سۆيىمىز، ئۆزىمىز ۋە باشقىلاردىن مۇكەممەل بولۇشنى تەلەپ قىلىمىز، ئازراقلا كەملىكنى بايقىساق، كەمسىتىمىز. ئىجادنىڭ مۈشكۈللىكىنى، ئىجادىيلىقنىڭ نۇقسانسىز بولمايدىغانلىقىنى بىز ھېس قىلغانمۇ؟ بىز ئىجادنى قانچىلىك چوڭ بىلىمىز؟
    بىز ئامېرىكىدا قاتناشقان EMBA (سودا-سانائەت باشقۇرۇش بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنى تەربىيلەش ماگىستىرلىقى) سىنىپىدا بىر پىروفېسسور بىزگە بۈيۈك ئىجاد گۇرۇھى(big idea group) نىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلغان بۇ شىركەت مۇكەممەل بىر سىستېما ئارقىلىق كىشىلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئىجادىي قاراشلارنى تاۋارغا ئايلاندۇرۇپ پايدا تاپىدىكەن. مەن شۇ چاغدا جامائەتچىلىك ئىچىدىن شۇنچە كۆپ ئىجادىيەتلەرنىڭ چىققىنىغا ھەيران قالغانىدىم. ئەمدى بولسا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئادەت ئاساسىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ ھەقىقەتەنمۇ قۇدرەتلىك بىر كۈچ ئىدى.
    ئىنسانىيەت ئۇچۇر دەۋرىگە كىرگەن بۈگۈنكى كۈندە، يېڭىلىق يارىتىش رىقابەت كۈچىنى ساقلاشتىكى ئەڭ مۇھىم بىر ھالقىغا ئايلاندى. ئامېرىكا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنيا پەن- تېخنىكىسىنىڭ سەركىسى بولۇش ئورنىنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ خىل رېئاللىق ئەنە شۇنداق قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكمىدۇ؟ ئەگەر ئىنسانلار تەبىئىتىدە ئەزەلدىنلا ئىجادىي كۈچ بار دېيىلسە، بىزنىڭمۇ بۇ قوشۇنغا قوشۇلۇشىمىزدىن ئۈمىد بارمۇ؟ ئامېرىكىلىقلارنى قۇدرەت تاپقۇزغان بۇ كۈچ باشقا مىللەتلەرگىمۇ قۇدرەت ئېلىپ كېلەلەرمۇ؟ مېنىڭچە، جاۋاب ئېنىق. ئەمما، مۇنداق روھنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن شۇ قەدەر چوڭقۇر، شۇ قەدەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇن ئېلىشى ئانچە ئاسان ئىش بولمىسا كېرەك.

    . سەمىمىيەتنىڭ پايدىسى
    ئامېرىكىلىقلار بىلەن كۆپرەك مۇئامىلە قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار بىلەن سۆزلەشسىڭىز، ئۇلار سىزگە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە تولىمۇ ئەخمەق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكىلىقلار خۇددى كىچىك بالىغا ئوخشاش نېمە دېسىڭىز شۇنىڭغا ئىشىنىدىكەن. نيۇ-يوركتا ئولتۇرۇشلۇق دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، بەزىدە توك توختاپ قالسا، توك تەمىنلەش شىركەتلىرى توك توختىغان دائىرىدىكى ئائىلىلەرگە تېلىفون بېرىپ، توك توختاپ كېتىش سەۋەبىدىن بۇ ئائىلىگە نېمە زىيان بولغانلىقىنى سورايدىكەن. ئائىلە ئىگىسى نېمە دىسە، سۈرۈشتە قىلىپ يۈرمەيلا شۇنچىلىك پۇلنى ئەۋەتىپ بېرىدىكەن.
    سىز ئامېرىكىلىقلار بىلەن سۆزلەشسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئاساسەن راست گەپ قىلىدىغانلىقىنى، سىز دېگەن گەپلەرگە گۇمان بىلەن قارىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلالايسىز. بۇ خىل ھالەت سىزگە شۇ قەدەر يېنىكلىك ۋە لەززەت ئاتا قىلىدۇكى، بەزىدە ئۇلارغا ھەۋەس قىلىپ قالىسىز.
    سەمىمىيەتنى بىزمۇ ئۇلۇغلايمىز، سەمىمىي ئادەملەر بىزدىمۇ كۈرمىڭ. ئەمما، مەسىلە شۇ يەردىكى، سەمىمىيەتسىزلىك، ئەھۋالغا قاراپ گەپ قىلىش بىزدە ئاسانلا ئەپۇ قىلىنىدۇ. بىرقىسىم كىشىلەر سەمىمىيەتسىزلىكنى ئەقىل-پاراسەتنىڭ، پىشقانلىقنىڭ بەلگىسى، دەپ قارايدۇ. نىيۇ-يوركتىكى ئۇ دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكىدا يالغان سۆزلەشنىڭ ئاقىۋىتى تولىمۇ ئېغىر ئىكەن. دوستۇم سۆزلىگەندە دىققەت قىلماپتىمەن، ئەمما بېشىمغا كەلگەندە، بۇ نۇقتىنى ئاندىن چۈشەندىم.
    ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى كىلورايىن شىتاتىدىكى فىلورىنسىيە شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق پەت بىروۋىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر دوستۇم بار ئىدى. ئۇ بىر نەچچە قېتىم بىزنىڭكىگە كەلگەن، مەنمۇ زىيارەت بىلەن ئامېرىكىغا بارغاندا ئۇنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغان ئىدىم. بىر نەچچە يىللىق بېرىش-كېلىش جەريانىدا بىز خېلى چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان ئىدۇق. ئەمما، ئەرزىمەس بىر ئىش تۈپەيلى دوستلۇقىمىزغا دەز كەتتى.
    مەن ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكىغا بېرىپ بىر نەچچە ئاي تۇرۇپ، ئىنگىلىز تىلىنى پىششىقلىغاچ كەسپ ئۆگىنەي، دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما، تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋىزا ئېلىش مۈشكۈل ئىمىش. شۇڭا، مەن پەتكە خەت يېزىپ، راست گەپنى دېدىم ۋە ئۇنىڭدىن بىرەر دوختۇرخانىنى زىيارەت قىلىدۇ دىگەن باھانە بىلەن چاقىرىق ئەۋەتىشنى ئىلتىماس قىلدىم. بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزدا بۇ تولىمۇ ئادەتتىكى بىر ئىش ئىدى. ئەمما ئويلىمىغاندا پەت خەت قايتۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن يالغان گەپ قىلىدىغىنىمىزنى چۈشەنمىگەنلىكىنى، ئەگەر تىل ئۆگەنمەكچى بولسام چوقۇم تىل ئۆگىنىمەن دەپ چاقىرىق ئېلىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ماڭا تىل ئۈگىنىش ۋىزىسى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن خېلى تىرىشتى. كېيىن بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز بۇرۇنقىدەك قىزغىن بولماي قالدى. مەن بۇ ئىشنىڭ مېنىڭ پەتنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قېلىشىمغا سەۋەپ بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
    ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ قابىلىيەتلىك زۇڭتۇڭلارنىڭ بىرى بولغان كىلىنتون قىزلار بىلەن ئارىلىشىش سەتچىلىكى بىلەن كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. نىيۇ-يوركتىكى دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، كلىنتوننىڭ ئامېرىكىلىقلارنى غەزەپلەندۈرگىنى ئۇنىڭ قىزلار بىلەن ئارىلاشقىنى ئەمەس، بەلكى يالغان گەپ قىلغىنى ئىكەن. چۈنكى، بۇ سەتچىلىك توغرىسىدا پاراڭ بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئۇ مۇنداق ئىشنىڭ بارلىقىنى كەسكىن رەت قىلغان. كېيىن ئۇ بۇ ئىشنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، يالغان گەپ قىلغىنى ئۈچۈن قايتا-قايتا ئەپۇ سورىغان بولسىمۇ ، ئەمما كۆپ ساندىكى كىشىلەر يەنىلا ئۇنى ئەپۇ قىلمىغان. ھېلىقى دوستۇمنىڭ دېيىشىچە ئامېرىكىدا نۇرغۇن كونكرېت تۈزۈملەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئىناۋىتى كاپالەتلەندۈرۈلگەنىكەن. ئوخشاشلا، مەلۇم ساھەدە ئۆز ئىناۋىتىنى يوقاتقان كىشىنىڭمۇ شۇ ساھەدە جان باقمىغى ناھايىتى قىيىن ئىكەن. مەسىلەن، نۇرغۇن كىشىلەرگە ھەر ئايدا بانكىلاردىن قەرز ئېلىش ھوقۇقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش كېلىدىكەن. بانكىلار پۇقرالارنىڭ كىرىم- چىقىم ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىناۋىتىنى مۆلچەرلەپ، ئۇلارغا قەرز ئېلىش ھوقۇقى بېرىدىكەن. مەن نىيۇ-يوركتىكى دوستۇمدىن، ماقۇل دەپ قەرزنى ئېلىۋېلىپ، قايتۇرمىسا قانداق ئەھۋال بولىدىغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا، بانكا پۇل مىقدارى يېتەرلىك دەپ قارىسا، سوتقا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى، ئاز بولسا كارى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما، بانكا ئادەتتە كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئىناۋىتىگە مەسئۇل ئورگانلارغا ئۇقتۇرۇپ قويىدىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىشىنىڭ ئامېرىكا دائىرىسىدە قايتا قەرز ئالمىقى مەڭگۈ قىيىن بولىدىكەن.ئامېرىكىنىڭ شەخسىي ئىناۋەتنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھەممە ئادەمگە دېگۈدەك چېتىلىدىكەن. شۇڭا شەخسىي ئىناۋەتنى ساقلاش ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدىكەن.
    ئامېرىكىلىقلارمۇ يالغان گەپ قىلىدۇ. ئەمما، ئۇلار ئۆزىنىڭ گېپى بىراۋلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە تەسىر يەتمىگەندە ئاندىن قىلىدۇ. بولۇپمۇ قارشى تەرەپنى ماختاشتا ئۇلار كۆپ مەرد. مەسىلەن، سىز بىرەر سوۋغاتنى ئامېرىكىلىقلارغا بەرگەن ۋاقتىڭىزدا ياكى ئامېرىكىلارنى مېھمان قىلغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇلارنىڭ تولىمۇ ھاياجانلىنىپ ماختاپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز. ئەمىلىيەتتە، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇلارغا زادىلا ياقمىغان بولۇشى مۇمكىن. مەن لورولدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ۋاقتىمدا، داگ نېيخارت مېنى نۇرغۇن كىشىلەرگە تونۇشتۇردى. مېنىڭ ئېنگىلىزچە سەۋىيەم ئانچە ياخشى بولمىغاچ، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ بەك ئىتتىك گەپ قىلىپ كېتىپ، مېنىڭ ئۇقماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ، قارشى تەرەپكە دائىم: «ئەركىن ئىنگىلىزچىغا ئۇستا، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى ئىنگىلىزچىدىن كۆپ ياخشى، سىز ئۇيغۇرچىنى بىلمەيسىز، شۇڭا سىز ئۇنىڭغا گەپ قىلغاندا ئاستا ئوچۇق سۆزلەڭ. » دەپ ئەسكەرتىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام، ئۇدۇللا: «بۇ دوستۇم ئېنگىلىزچىنى يېڭى ئۈگىنىۋاتىدۇ، ئاستىراق گەپ قىلمىسىڭىز ئۇقمايدۇ. » دېگەن بولار ئىدىم.ئۇلارنىڭ يالغان گەپ قىلىشى قارشى تەرەپنىڭ غۇرۇرىنى ھۆرمەت قىلىشتىن ئىكەن.
    ھەممىلا يەردە راس گەپ قىلىش ئانچىمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. مەسىلەن، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە بىز ئادەتتە كېسەل ئەھۋالىنى ئېنىق دېمەسلىككە ئادەتلەنگەن. بۇ ئىشنىڭ توغرا تەرىپى بار. چۈنكى، روھىي جەھەتتىكى ئۈمىدسىزلىك كېسەلنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. ئەمما، غەربلىكلەرنىڭ بۇ جەھەتتە باشقىچە چۈشەنچىسى بار. غەربلىكلەر ئادەتتە ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىگە كېسەل ئەھۋالىنى ئەينەن ئېيتىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. چۈنكى كېسەل كىشى ئۆزىنىڭ قانچىلىك ياشاش ۋاقتى قالغانلىقىنى بىلىشى ۋە بۇ ۋاقىتنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشى كېرەك. بۇ خىلدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا داۋاملىق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، بۇ خىلدىكى مۇنازىرىلەر راست گەپ قىلىش- قىلماسلىق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن نۇرغۇن باشقا تەرەپلەرگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    فىلورونىسادا زىيارەتتە بولغان ۋاقتىمدا، شۇ يەرلىك دوختۇر دوستۇم بەن ماڭا، ئامېرىكىدا ئامبۇلاتورىيە ئېچىش ئۈچۈن ھېچقانداق ئورۇنغا تەستىقلىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سالاھىيەت كىنىشكىلىرىنى ئېسىپ قويۇپ كېسەل كۆرۈۋەرسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. مەن ھەيران بولۇپ، سالاھىيىتى يوقلارنىڭ ئامبۇلاتورىيە ئېچىپ پۇل تېپىشىنىڭ ئالدىنى قانداق ئالىدىغانلىقىنى سورىدىم. 60 ياشتىن ئاشقان بۇ كىشى مۇنداق ئەھۋالنى ھېچقاچان ئۇچراتمىغانلىقىنى ئېيتتى.
    بىزدىمۇ بەزى ئىلگىرىلەشلەر بولۇۋاتىدۇ. بۇرۇن توي قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئىدارىدىن توي قىلمىغانلىق ھەققىدە تونۇشتۇرۇش ئېلىش كېرەك ئىدى. ئىدارىسى يوقلار ئۈچۈن بۇ تولىمۇ ئاۋارىچىلىق ئىش ئىدى. ھازىرقى تۈزۈمدە توي خېتى ئالىدىغان ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ نىكاھسىز ئىكەنلىكى ھەققىدە ھۆججەت يازسىلا، توي خېتى ئېلىشقا بولىدىكەن. دېمەك ئۆزىنى ئۆزى ئىسپاتلايدىغان، مەسىلە چىقسا ئۆزى ئىگە بولىدىغان گەپ ئىكەن.


    3. ئائىلە ئۇقۇمى، تۇغقاندارچىلىق ۋە قوشنىدارچىلىق
    نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئائىلە ئۇقۇمى سۇس، تۇغقاندارچىلىق ۋە قوشنىدارچىلىقى ئاجىز دەپ قارايدۇ. بۇرۇن مەنمۇ شۇنداق ئويلايتتىم. ئەمەلىيەتتە كۆرگىنىم باشقىچە بولۇپ چىقتى. مەن كۆرگەن ئامېرىكىلىقلار ئائىلىنى ناھايىتى چوڭ بىلىدىكەن. بىزنى كۈتكەن مىكروسوفت شىركىتى باش ئورگىنىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى گەپ ئارىسىدا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باي دەپ ئاتالغان بېل گايتىسنىڭ تا ھازىرغىچە بالىلىرىنى مەكتەپتىن ئۆزى ئەكېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. داگ بىلەن ئۇنىڭ ئايالى مورېن توي قىلغىلى 20يىلدىن ئېشىپتۇ. بىر ئۆمۈر پەرزەنت كۆرمىگەن بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىق كىشى ئىشەنمىگۈدەك دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن ئىدى. مورېن دائىم دېگۈدەك كاماندىروپكىغا چىقىپ تۇرسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ تۇرغان ۋاقتى ھېچقاچان ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ باقمىغان. ئۇلار ئۈچ ۋاق تاماقنى دائىم بىللە يەيدىكەن، بىللە چېنىقىدىكەن، بىللە ساياھەتكە چىقىدىكەن، ئوخشاش كىتابلارنى كۆرىدىكەن. ئەڭ ھەيران قالغىنىم ئۇلار تېلېۋىزور كۆرمەيدىكەن. مەن ياتقان ياتاق ئۆيگە كونا شەكىلدىكى تىزگىنەكسىز تېلىۋىزور قويۇلغان بولۇپ، تېخى ئۈچ ئاينىڭ ئالدىدا كونا ماللار قاتارىدا ئون دوللارغا ئېلىنغان(ئامىرىكىدا ئون دوللارغا بىر ۋاق قورساق تويغۇزۇشمۇ قىيىن). بۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى تۇنجى تېلىۋىزور ئىكەن. سەۋەبىنى سورىسام، «تېلېۋىزور كۆرۈشكە بېرىلىپ كېتىپ، بىر-بىرىمىزگە ۋاقتىمىزنىڭ ئاز قېلىشىنى خالىمايمىز» دەپ جاۋاپ بېرىشتى. ئۇلار قىزىقىدىغان خەۋەرلىرىنى رادىئودىن ئاڭلايدىكەن ياكى توردىن كۆرىدىكەن. بالىلار پسىخىكاشۇناسى مورېن ئامېرىكىدا تەخمىنەن %50 ئائىلىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ بەختلىك ھېساپلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. مەن ئەشۇ ئاجراشمىغان %50 ئائىلىنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش مۇھەببەت ئىچىدە ئۆتىدىغان ياكى مەلۇم مەجبۇرىيەتلەر تۈپەيلى ياشاپ تۇرىدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، ئۇ مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ بەختلىك ياشايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قالغان %50 ئاجراشقان ئائىلىلەر ئىچىدىمۇ ئاز بولمىغانلىرى قايتا نىكاھلىنىپ بەختىنى تاپالايدىكەن. ئامېرىكىلىقلار بالىلىرىنى تەربىيلەشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىكەن. چوڭراق شەھەرلەردە ياخشىراق باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە يېقىن بولغان ئولتۇراق رايۇنلاردىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالاھىدە قىممەت بولىدىكەن. مەن بارغان رايونلاردىمۇ كىشىلەر بالا تەربىيىلەشنى ئالاھىدە چوڭ ئىش قاتارىدا بىلىشىدىكەن. داگنىڭ ياردەمچىسى( مۇئاۋىن مۇدىرى) نىڭ ئۆيىگىمۇ باردۇق. ئۇلارنىڭ بىر ياشتىن 10ياشقىچە قاتار تۆت بالىسى بار ئىكەن. بالىلارغا ياخشى قاراش ئۈچۈن ئايالى ئۆيدە ئولتۇرغاچقا، ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى ئەمەس ئىكەن. ئۇلار شۇ يەرگە نىسبەتەن ناھايىتى كىچىك دەپ قارالغان ئۆيدە ئولتۇرىدىكەن.(ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئولتۇراق ئۆيى㎡200 ئەتراپىدا ئىكەن.) داگ ئەر-ئاياللارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇلار بارلىق ۋاقتىنى دېگۈدەك پەرزەنتلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىكەن.
    ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ ئىشلىشىگە قارىتا ئېنىق قانۇن-بەلگىلىمىلەر بار ئىكەن. مۇشۇ بەلگىلىمە دائىرىسىدە بالىلار ئۆز يېشىغا مۇناسىپ خىزمەت تاپالايدىكەن. مەسىلەن، 12ياش ئەتراپىدىكى بالىلار قوشنىلىرىنىڭ ئىتلىرىنى شامالداتسا، 14ياش ئەتراپىدىكى بالىلار باشقىلارنىڭ پوچتا يوللانمىلىرىنى يەتكۈزىدىكەن، چىملارنى قىرقىيدىكەن. ئۇنىڭدىن چوڭراق بالىلار شاگىرت بولۇپ ئىشلەيدىكەن. ئامېرىكا بالىلىرى ئۆزلىرى ئىشلەپ، پۇل تېپىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. چوڭلارمۇ ئۇلارغا مەدەت بېرىدىكەن. ئاز بولمىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بالىلىرى پۈتۈنلەي ئۆز-ئۆزىنى باقالايدىكەن. مەن لورول ئوتتۇرا مەكتىپىنى زىيارەت قىلغاندا، مەكتەپ ھويلىسىدىكى شۇنچە كۆپ ماشىنىلارنى كۆرۈپ، مۇنچە كۆپ ئوقۇتقۇچى يوقتۇ دەپ سورىدىم. داگ كۈلۈپ كېتىپ، بۇ ماشىنىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىكەنلىكىنى ، مەيداننىڭ بىر تەرىپىگە ئايرىم توختىتىپ قويۇلغان ئازغىنە ماشىنىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئوقۇغۇچىلار ماشىنىلارنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆزلىرى تاپقان پۇلىغا سېتىۋالىدىكەن. نۇرغۇن بالىلار 18ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىغا تايىنىشنى ياخشى كۆرمەيدىكەن. بالدۇرلا جەمئىيەتكە يۈزلەنگىنى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان ئىقتىسادى مۇئامىلىسى ھەقىقەتەن ئاجىزراق ئىكەن. «ئەمما بۇ تۇغقانلىق مېھىر-مۇھەببەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ» دەپ چۈشەندۈردى مورېن ماڭا.
    داگ بىلەن مورىننىڭ ئاتا-ئانىسى باشقا شىتاتلاردا ياشايدىكەن، ئەمما دائىم دېگۈدەك تېلېفونلىشىپ تۇرىدىكەن. بايراملاردا ئۆز-ئارا سوۋغىلار ئەۋەتىشىدىكەن، بالىلىرىنى يىلدا ئىككى-ئۈچ قېتىم يوقلاپ كېلىدىكەن. ئەگەر تۇغقانلار ئارىسىدا ئېغىر ئىقتىسادى قىيىنچىلىق بولسا، ئۆز-ئارا ياردەملىشىشنى خالايدىكەن. ئەمما، كۆپرەك ئادەم باشقىلارنىڭ( تۇققان بولسىمۇ) ياردىمىنى قوبۇل قىلماي، قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
    لوروللىقلار قوشنىدارچىلىققا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىكەن، ۋاقتى بولسا بىر-بىرىنى پەتىلەيدىكەن، ئۆيلىرىگە چاقىرىدىكەن، بىرلىكتە سىرتلارغا چىقىپ سەيلى-ساياھەت قىلىشىدىكەن. قوشنىلىرىنىڭ مېھمانلىرىنى ئۆيلىرىگە چاقىرىدىكەن. ئەمما بۇ خىلدىكى ئىشلار دائىم ئاددى، تەبىئى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بىز پەتىلەپ بارغان ئۆيلەردىكى كىشىلەر بىزنى ناھايىتى قىزغىن قارشى ئالدى، ماڭا ئۆيلىرىنى تونۇشتۇردى، داگلار بىلەن مۇڭداشتى. ئەمما ھېچقايسىسى يېمەك-ئىچمەك كەلتۈرمىدى. داگ ۋە قوشنىسى مېھمانغا چاقىرغاندا مېنىڭ ئاشخانا ئۈسكۈنىلىرىدىن تارتىپ تاماق تەركىبىگىچە قويغان مۇسۇلمانچە تەلەپلىرىم، ئۇلارنى بىرئاز ئاۋارە قىلغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ناھايىتى ئاددى كۈتۈلدۇق. داگنىڭ ئۆيىگە ئون نەچچە ئائىلە ئەر-ئايال مېھمان چاقىرىلدى. ئەمما بىز پۈتۈن كۈن سىرتتا ئايلىنىپ يۈرۈپ، مېھمانلار كېلىشتىن ئىككى سائەت ئاۋۋال ئۆيگە قايتىپ كەلدۇق. ئاندىن ئۇلار قولمۇقول تۇتۇشۇپ، كالا گۆشى پىشۇردى، ۋە بىر ئاز كۆكتات توغراپ، خام قورۇما قىلدى. مېھمانلار دېيىلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ كېلىشكە باشلاپ، تەخمىنەن يېرىم سائەت ئىچىدە يىغىلىپ بولدى. بالدۇر كەلگەن مېھمانلار سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەچ، مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇشتى. ھەربىر ئايال مېھماننىڭ قولىدا بىردىن تاۋاق بولۇپ، ئىچىدە ئۆزلىرى تەييارلىغان تورت دېگەندەك نەرسىلەر بار ئىدى. بەزى ئەرلەر قويۇنلىرىغا بىرەر بوتۇلكىدىن قىزىل ھاراقلارنى سېلىپ كېلىشكەن ئىدى. سورۇن باشلانغىچە ئاياللار ياردەملىشىپ، تائاملارنى ئاشخانا ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شىرەگە تىزدى. ئاندىن ھەممەيلەن شىرەنى چۆرىدەپ تۇرغاندىن كېيىن، مېنى مېھمانلارغا تەپسىلى تونۇشتۇردى. غەربلىكلەر تونۇشتۇرغاندا تونۇشتۇرۇلغۇچىنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمىنى ۋە قانچە بالىسى بار ئىكەنلىكىنى، ھەربىر بالىسىنىڭ قانچە ياش ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. شۇ قاتاردا تونۇشتۇرۇلغۇچىنىڭ ئايالىنىڭ قانچىلىك چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتەتتى. ئاڭلىغۇچىلار تەبرىكلىشەتتى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سۈرىتى بار-يوقلۇقىنى سورايتتى ( غەربلىكلەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سۈرىتىنى يېنىدا ساقلاشقا ئادەتلەنگەن). مېھمانلارنىمۇ ماڭا تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، خىرىستىئان دىنىنىڭ ئادىتى بويىچە دۇئا قىلىشتى ۋە مېنىڭ تائامدىن كېيىن مۇسۇلمانچە دۇئا قىلىدىغانلىقىمنى، مېھمانلارنىڭ ھەمرا بولۇشىنى ئەسكەرتىپ قويدى. تائاملارنى ھەربىر ئادەم ئۆز قاچىسىغا ئۆزى ئالغاندىن كېيىن، خالىغان بىريەردە ئولتۇرۇپ غىزالانغاچ مۇڭداشتۇق. سورۇن جەريانىدا بىرەر ئادەمنى تاماق ياكى ئىچىملىككە ئۈندەيدىغان بىرمۇ سۆز-ھەرىكەت بولمىدى. مېنىڭ ھاراققا زورلاپ تۇرۇۋالسا قانداق قىلارمەن دىگەن ئەندىشەممۇ بىكار بولۇپ چىقتى. ئەكسىچە، قولى يەتمىگەن نەرسىلەرنى خالىغان بىرەيلەنگە بۇيرۇپ ئالدۇرىدىغان ئەھۋاللار ئۇچراپ تۇردى. پۈتكۈل سورۇن جەريانىدا مېھمانلار ئۆزلىرى قىزىقىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەققىدە پاراڭلاشتى. سورۇن ئاخىرلاشقاندا بارلىق كىشىلەر دېگۈدەك قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇشقا قاتناشتى، ئاندىن بىرلىكتە مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. سورۇننىڭ ئالدى-كەينىدە سورۇن داۋامىدا ھېچ بىر جىددىيلىك ۋە ھارغىنىلىق سەزمىدىم.
    ئامېرىكا مەھەللىلىرىدە يۈرسىڭىز، سىز ئۇچراتقان ھەرقانداق ئادەم سىزگە سالام قىلىپ ئۆتىدۇ. سىز بىر يەردە كۆرگەن كونا تونۇشۇم بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالىسىز. ئامېرىكىلىقلار ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆچىرەت تۇرىدىكەن، قىستاشمايدىكەن، ئۆز-ئارا بىر-بىرى بىلەن يېتەرلىك ئارىلىقنى ساقلايدىكەن. ماشىنا ھەيدىگەندە پىيادىلەرگە يول بېرىدىكەن. ئۇزۇن يولدا ماڭغاندا يول ياقىسىدا بىرەر ئادەم ياكى ماشىنىنى كۆرسە توختاپ، ياردەم كېرەكلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى سورايدىكەن.

    . ساغلاملىق ئېڭى
    ئامىرىكىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى شىتاتلاردا، بارلىق ئۆي-بىنالار ئىچىدە تاماكا چېكىش چەكلەنگەن. مەن ھاراق ئىچكەنلىكى سېزىلگەن بىرمۇ ئادەمنى ئۇچراتمىدىم. كىشىلەر بىر-بىرىگە تاماكا تۇتمايدىكەن، ھاراق زورلىمايدىكەن. تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ سانى ھەقىقەتەنمۇ ئاز ئىكەن. ئايرودرۇم قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا مەخسۇس تاماكا چېكىش ئۆيلىرى بولۇپ، ناھايىتى كىچىك لايىھەلەنگەن بۇ ئۆيلەردە دائىم دىگىدەك بىرنەچچىلا ئادەمنىڭ تاماكا چېكىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز.ئامېرىكىدا بەدەن چېنىقتۇرۇش شۇ قەدەر ئومۇملاشقانكى، ئەڭ چەت رايونلاردىمۇ چېنىقىش ئۆيلىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىر ياكى بىرنەچچە خىل تەنھەرىكەت تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرىدىكەن. كالا گۆشى، كالا سۈتى، خام كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىكەن.
    بۇلارنى كۆرۈپ بىزدىكى سۇدىن قاچىدىغان، ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدىغان، كالا گۆشى قاتارلىق سۈپەتلىك يېمەكلىكلەرنى زىيانلىق دەپ قارايدىغان، ھاراق- تاماكىنى كىشىگە زورلاپ «كۆڭلۈم» دەپ تۇرۇۋالىدىغان، كۆپچىلىكنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن دەپ تازا ئىچىپ ئاندىن قۇسۇپ ياتىدىغان.... ئەھۋاللار يادىمغا يېتىپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى. ئەجەبا ساغلاملىق بىز ئۈچۈن زۆرۈر ئەمەسمىدۇ؟
    بىر مىللەتنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ ئىلگىرىلىشى بىرنەچچە ئەۋلاد ئارقىلىق ئاندىن ئىشقا ئاشىدىغان ئۇزۇن مەزگىللىك بىر جەريان. ئېيتىلىشىچە، ياپونلۇقلارنىڭ ئوتتۇرىچە بويى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن 12سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئاشقانمىش. بۇنىڭدىكى مۇھىم بىر سەۋەپ ئۇلارنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى :«بۇنىڭدىكى مۇھىم بىر سەۋەب، بالىلارغا ھەركۈنى بىر ئىستاكان كالا سۈتى ئىچۈرۈشتىن» دەپ خۇلاسە قىلىشىپتۇ. دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىگە بارغاندىن كېيىن يۇرتىمىز كىشىلىرىنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ ھەقىقەتەن باشقا نۇرغۇن قوۋملاردىن ناچار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ خىل ئەھۋال مېنىڭچە، ئىرسىيەت تەرىپىدىن بولغان ئەمەس.تۇرمۇش ئادىتى بۇنىڭدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
    بىزنىڭ تائاملىرىمىز ھەقىقەتەن تەملىك، ئەمما ئوزۇقلۇقشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭدا ئاز بولمىغان مەسىلىلەر ساقلانغان، يەنى بىزنىڭ تائاملىرىمىزنىڭ ئاقسىل ۋە ۋىتامىن تەركىبى كەم، قەنت ۋە ماي تەركىبى يۇقىرى. بىز كالا گۆشى، تۇخۇمنىڭ ئېقى قاتارلىق ئاقسىللىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشىمىز؛ كۆكتاتلارنى ئامال بار خام يېيىشىمىز؛ كۈندە قېتىق، ئاچچىقسۇ، قارا ئاشلىق قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر كۆپرەك دەم ئېلىش سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە يېتەرلىك جىسمانىي ھەرىكەت بولمىغاندا سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلىش زادىلا مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا سۇنى يېتەرلىك ئىستېمال قىلىش، كۆپ يۇيۇنۇش، پاكىز يۈرۈش، كەيپىياتىنى ئامال بار ياخشى تۇتۇش قاتارلىقلارمۇ ساغلاملىق ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم.
    داگ بىلەن مورېنمۇ ھەركۈنى ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك تەركىبتىكى ئوزۇقلۇق ( ئاقسىل، ۋىتامىن، ماي، قەنت....قاتارلىقلارنى) قوبۇل قىلغانلىقىنى مۆلچەرلەپ تۇرالايدىكەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ جىسمانى ھەرىكىتىنىڭ يېتەرلىك بولغان- بولمىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىكەن. نامۇۋاپىق دەپ قارىسا تولۇقلايدىكەن. شۇڭا، ئەللىككە بېرىپ قالغان بۇ ئىككەيلەننىڭ تېتىكلىكى بىزنىڭ يىگىرمە نەچچە ياشلىق ياشلىرىمىزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
    بۇرۇن ياشتا چوڭراق بىر دوستۇم بولىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن سورۇنلاردا بىرگە بولاتتۇق. ئۇ بۇرۇن يېزىدا تۇرغان، بەدەن سۈپىتىمۇ قارىماققا ياخشى ئىدى. ئەمما ھاراقنى كۆپ ئىچەتتى، تاماكىمۇ چېكىپ قوياتتى. سورۇن كۆرگەن، ئوغۇل بالادارچىلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇ ئاكىمىز باشقىلارغا تاماق ۋە ھاراقنى بەكمۇ زورلايتتى. (كېيىن ئۇ ئاكىمىز ئاشقازان قاناش كېسىلى بىلەن جىددى ئاغرىپ گۆر ئاغزىدىن تەستە قۇتۇلدى ). بىر كۈنى ئۇ كىشى ماڭا: «مېنىڭ سىلىگە ھۆرمىتىم چوڭ، ئەمما بەزىدە بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ.» دېدى. «نېمىشكە ؟» دېدىم مەن ھەيران بولۇپ. «سورۇنلاردا گۈپپىدە ئىچەلمەي، سارغىيىپ تۇرۇشلىرىغىچۇ؟» دېدى ئۇ كىشى كەسكىنلىك بىلەن. مەن شۇ چاغدىلا ئىككىمىز ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ قىممەت قارىشى پەرقى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى مەن ھېچقاچان ھاراق ئىچەلمەسلىك نومۇس دەپ قارىغان ئەمەس.
    ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا ھاراق ئىچىش توغرىسىدا ئۇ ئاكىمىزدەك سول ئىدىيىدىكىلەر ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، ھاراقنىڭ كۈچلۈك ئىناۋىتى ھەرقاچان گەۋدىلىنىپ تۇرۇپتۇ: ھاراقنىڭ ئاغزى ئېچىلغاندا سورۇن ھەقىقى باشلىنىدۇ. ھاراق تۈگىمىسە سورۇن ئاخىرلاشمايدۇ. ھاراق قۇيغان كىشى سورۇن باشقۇرىدۇ، ھاراق رومكىسىنى ئالغان كىشىنىڭ نۇتۇق سۆزلەش ھوقۇقى بولىدۇ. باشقىلار قۇيۇپ بەرگەن چاينى سوۋۇپ قاپتۇ دەپ تۆكۈۋېتىشكە بولىدۇ، ئەمما باشقىلار تۇتقان ھاراقنى خالىغانچە باشقىلارغا تۇتۇۋېتىشكە ياكى تاماق شىرەسىگە قويۇپ قويۇشقا بولمايدۇ....
    بىر دوستۇم بار ئىدى، مېنىڭ تاماكا چەكمەسلىك ھەققىدىكى نەسىھەتلىرىمدىن نارازى بولۇپ ماڭا:«مېنىڭ كۆڭلۈم خوش بولىدىغان ئىشلار كۆپ ئەمەس، ئەمدى تاماكىمۇ چەكمىسەم، لەززەتسىز ياشىغىنىمنىڭ نېمىگە پايدىسى ؟» دېدى. ئۇ ئەسلى بۇ پىكرىنى تېپىلغۇسىز ھەقىقەت دەپ ئىشەنگەن ئىكەن، چۈنكى بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غالىبلىق تۇيغۇسى چىقىپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا: «مەن تاماكىنىڭ ئىسىنى پۇرىسام ئازابلىنىمەن، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالسام راھەتلىنىمەن، سەنمۇ خۇماردىن قۇتۇلۇپ، ساپ ھاۋادىن ھۇزۇرلانساڭ، راھىتىڭ بىرازمۇ كەم بولۇپ قالمايدۇ. تاماكىنىڭ راھىتى ئۈچۈن جېنىڭنى سېلىپ بېرىشكە ئەرزىمدۇ؟» دەپ سوئال قويغىنىمدا، ئۇ چۆچۈپ كەتتى.
    بىز ساغلاملىقنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلىمىز، ساغلاملىققا باشلايدىغان ئىشلاردىنمۇ بىلىدىغىنىمىز ئاز ئەمەس. ئەمما، مەدەنىيىتىمىزگە سىڭىپ كەتكەن ناتوغرا قىممەت قارىشى بىزنىڭ توغرا بولغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىزگە، ساغلام ھاياتنى قەدىرلىشىمىزگە توسالغۇ بولماقتا. ئەجىبا قامەتلىك ۋۇجۇد بىزگە ياراشماسمۇ؟ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك ياشاش بىزگە ياراشماسمۇ؟ ئەجدادلىرىمىز ئېيتقان ساغلام تەندە ساق ئەقىل، دېگەن سۆزگە بىز قانچىلىك ئەمەل قىلدۇق؟


    6. قوغدالغان تەبىئەت
    ئامېرىكا- ياۋرۇپاغا بارسىڭىز، ئۇ يەردىكى پاكىزلىق، يېشىللىق سىزنى ھاياجانغا سالماي قالمايدۇ. ئامېرىكا مەھەللىلىرىگە چۆككەندىن كېيىن مەن بۇ خىل نەتىجىنىڭ كەينىدە كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك تەبىئەتنى سۆيۈش ئېڭى، ئۇزۇن يىللىق جاپالىق تىرىشچانلىق، مۇكەممەل قانۇنىي تەرتىپ، ئۆرپ-ئادەتكە ئايلانغان قوغداش- ئاسراش جەريانىنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلدىم. ئامېرىكا شەھەرلىرىدە سىز ھېچقانداق بۇلغاش خاراكتېرىدىكى زاۋۇت-كارخانىلارنى ئۇچراتمايسىز. ئۇلارنىڭ ھەممىسى شەھەردىن يىراق جايلارغا جايلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلغاش ئەخلەتلىرى ئۈزۈل-كېسىل بىر تەرەپ قىلىنغان ئىكەن. بارلىق توپىلىقلارنى يېشىللاشتۇرۇش ياكى قاتتىقلاشتۇرۇش قانۇندا بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئەڭ چەت يېزىلاردىمۇ شامال چىقسا توپا توزىمايدىكەن. ئادەم ئايىقى باسمايدىغان چۆللەرگىمۇ قەرەللىك ھالدا شۇ يەرگە ماس كېلىدىغان ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى چېچىلىپ تۇرىدىكەن. چەكسىز كەتكەن تېز سۈرئەتلىك يوللارنىڭ ئىككى قاسنىقىغا پۈتۈنلەي چىم تېرىلغان بولۇپ، ئاساسى جەھەتتىن پىدائىيلار ھۆددىگە ئېلىپ ھەقسىز ئاسراپ تۇرىدىكەن. كوچىلارغا قالايمىقان ئەخلەت تاشلايدىغان، كۆرگەنلا يەرگە تۈكۈرىدىغان ئەھۋالنى مەن زادى ئۇچراتمىدىم. بىردىنبىر كۆرگىنىم بىچارە بەڭگىلەر بولۇپ، ئۆي ئىچىدە چېكەلمىگەندىكىن، كۆپرەك يول ياقىسىدا چېكىدىكەن. تاماكا قالدۇقىنى بىردەك ماشىنا ماڭىدىغان يولنىڭ چېتىگە تاشلايدىكەن. بۇنداق قىلىش سۈپۈرۈش ماشىنىسىنىڭ ئېلىپ كېتىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىكەن.
    نىيۇ-يوركتا ئولتۇرۇشلۇق بىردوستۇمنىڭ پىكاپىدا ساياھەتكە چىقتۇق. يولدا كېتىۋېتىپ، بۇ يەردىكى ئادىتىم بويىچە بىكار بولغان ئىچىملىك قۇتىسىنى دېرىزىدىن تاشلاشقا تەمشىلىپتمەن. دوستۇم دەرھال مېنى توستى ۋە ھەيرانلىق بىلەن ئىستېخىيىلىك ھالدا ئالىيىپ قويدى. بىز سەپەر بويى ئەخلەتلىرىمىزنى پىكاپ ئىچىدىكى سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتۇق ۋە ئەخلەت ساندۇقىنى تېپىپ تاشلىدۇق.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ يېشىللىقى كۆپىيىپ، تازىلىقى ياخشىلىنىپ ، مۇھىتتا زور ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، پۇقرالارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولغىنى يوق. مۇھىم مەسىلە- بىز خۇددى ئۆي ئىچى مۇھىتىنى ئاسرىغانغا ئوخشاش ياشاش مۇھىتىمىزنىمۇ كۆپچىلىك بىرلىكتە ئاسرىشىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلمايۋاتىمىز. ئامېرىكىلىقلار پۈتۈن مەھەللە، پۈتۈن دۆلەت ھەتتا پۈتۈن يەرشارىنى ئۆز ئۆيىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىكەن، بىز ھېچ بولمىسا ئۆز شەھىرىمىزنى ئۆز ئۆيىمىزدەك كۆرگەن بولساق، ئەھۋال كۆپ ياخشى بولغان بولار ئىدى.
    1994-يىلى زىيارەت بىلەن تۈركىيىگە بېرىپ ئىستانبولدىكى بىر يېقىنىمنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل قوندۇم.ئۇ ھەر كۈنى ئۆيدىن چىققان ئەخلەتلەرنى قارا سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ، بىنا يېنىدىكى بىر يەرگە قويۇپ قوياتتى. بىر كۈنى مەن يالغۇز قېلىپ، ئادەتتىكىدىن ۋاخچىراق ئۆيدىن چىقتىم ۋە يېقىنىمنى دوراپ، ئالغاچ چىققان ئەخلەتنى شۇ يەرگە قويۇپ كەتمەكچى بولدۇم. شۇ چاغدا ۋارقىرىغان ئاۋازدىن توختاپ قالدىم ۋە ئاۋاز يۆنىلىشى بويىچە ئۈچىنچى قەۋەتنىڭ بالكونىدا تۇرغان بىر موماينى كۆردۈم. ئۇ موماينىڭ گەپ ئورامىدىن ئەخلەتنى ئۇ يەرگە قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم ۋە دەرھال ئەخلەت قويۇشنىڭ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن قالسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن مومايغا ئۆزرىلىك ئېيتىپ، ئەخلەتنى كۆتۈرۈپ كوچىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. ئاران دېگەندە يول ياقىسىدا قاتار تۇرغان ئەخلەت ساندۇقىنى كۆرۈپ، خوشاللىق بىلەن ئۇ ئەخلەتنى ساندۇق ئىچىگە قويۇۋاتسام، بىر بوۋاي ماڭا ۋارقىراپ كەتتى. ئۇنىڭ تۇرقىدىن باشقا يەرنىڭ ئەخلىتىنى بۇ يەرگە قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدىم. ئاخىر بىر چوڭ ماگىزىنغا كىرگەندە، ئاندىن بۇ قارشى ئېلىنمايدىغان ”مېھماندىن“ قۇتۇلدۇم. شۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئۈچۈن ئىستانبول كوچىلىرىنىڭ شۇ قەدەر پاكىز تۇرىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئەسلىدە ھەر بىر شەھەر ئاھالىسى ئاڭلىق ھالدىكى قوغدىغۇچى ئىكەن.
    ئەمەلىيەتتە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بەزى شەھەرلەردە، ئەھۋال خېلىلا ياخشىلانغان. خىزمەت بىلەن شېنجېنغا بارسام پاكىزە ۋە رەتلىك شەھەردىن سۆيۈنۈپ كېتىمەن. ئەمما يامان ئادىتىم تۈپەيلى ئۇ يەردە ئامېرىكىدىنمۇ ئېغىرراق دەشنام يېدىم. شېنجېنلىق كارخانىچى بىر دوستۇمنىڭ پىكاپىدا كېتىۋاتاتتۇق. سىرتتا ناھايىتى قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى. دوستۇم بىر دانە پاس كەمپۈت سۇنغانىدى، مەن ئۇ كەمپۈتنى سويۇپلا، قەغىزىنى دېرىزىدىن سىرتقا تاشلاپتىمەن. ئادەتتە مېنى تولىمۇ ھۆرمەت قىلىدىغان دوستۇم قىلچە يۈز-خاتىرە قىلماستىن، دەرىزە سىرتىغا چاپلىشىپ قالغان قەغەزنى ياندۇرۇپ كىرىشكە بۇيرۇق قىلدى. ئاۋازى ناھايىتى قوپال چىقتى. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆڭۈشى مېنى تەمتىرىتىپ قويدى ۋە ئۆزەمنىڭ دوستۇمنىڭ نەزەرىدە قانچىلىك چوڭ گۇناھ قىلغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئەنە شۇ چاغدىلا شېنجېننىڭ گۈزەل مۇھىتىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ زور مەبلىغىدىن باشقا يەنە شۇ شەھەر ئاھالىسىنىڭ مۇھىت سۆيەر قەلبى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.


    7. مائارىپ توغرىسىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىم
    ئامېرىكىنىڭ ماڭا قالدۇرغان تەسىراتلىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭ بولغىنى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا مائارىپى بولدى. مەن ئامېرىكىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى داگ نېيخارت ئەپەندىم ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مورىننىڭ ھەمرالىقىدا، لورولدىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلدىم ۋە زىيارەت جەريانىدا ئامېرىكا مائارىپى ھەققىدە بىرئاز ساۋاتقا ئىگە بولدۇم.
    ئالتە مىڭ نوپۇسى بار لورولدا ئۈچ باشلانغۇچ مەكتەپ، ئىككى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بار ئىكەن. لورول شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە بىر مائارىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بار بولۇپ، بۇ ئىدارىدا ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن بىر مۇدىر بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئالتە كىشى جەمئىيەتتىن سايلىنىدىكەن. بۇ كىشىلەر ئىشتىن سىرت خالىس ئىشلەيدىغان بولۇپ، قەرەللىك سايلام ئارقىلىق ئالمىشىپ تۇرىدىكەن. ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرىنى مۇشۇ كومىتېت كۆرسىتىدىكەن. بۇ كومىتېت يەنە ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ۋە مەكتەپلەرنىڭ خامچوتىنى تەستىقلاشقا مەسئۇل ئىكەن. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى مەكتەپ مۇدىرى قانۇن بويىچە تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىدىكەن. مەكتەپلەرنىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتى ناھايىتى ئاددى بولۇپ، بىر مۇدىر، بىر مۇئاۋىن مۇدىر، بىر تەنتەربىيە يېتەكچىسى، بىر مەكتەپ ساقچىسى، بىر كاتىپتىن تەركىپ تاپىدىكەن.ئۇنىڭدىن باشقىلار ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئارقا سەپ خادىملىرى بولۇپ، مەكتەپنىڭ ئاشخانا قاتارلىق بارلىق قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى سىرتقا ھۆددىگە بېرىش ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىكەن.
    مەن كۆرگەن مەكتەپ بىنالىرى بىر ياكى ئىككى قەۋەت بولۇپ، قۇرۇلۇش نۇقتىسىدىن تولىمۇ ئاددى-ساددا ئىكەن. ئەمما مەكتەپ ئىچىدىكى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە تولۇق ئىكەن. ئۈستەل-ئورۇندۇق قاتارلىق نورمال ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى، مۇزىكا- سەنئەت ئەسلىھەلىرى، پىراكتىكا- ئۆگىنىش ئەسلىھەلىرى( ماشىنا رېمونت قىلىش، توكچىلىق، پاياتلاش، تاماق ئېتىش، كىيىم تىكىش....) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەخسۇس كەسپى ئورۇنلارغا ئوخشاشلا مۇكەممەل ئىكەن.
    لورول ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مەكتەپ كارىدورىغا كىرسىڭىز، كارىدورنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئېسىپ قويۇلغان ناھايىتى نۇرغۇن تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدىكى مۇكاپات بۇيۇملىرىنى كۆرىسىز. بۇلار ئۇزۇن يىللار جەريانىدا لورول ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەملىكەتلىك ۋە شىتاتلىق ھەرخىل مۇسابىقىلەردە ئېرىشكەن نەتىجىلەر بولۇپ، داگنىڭ دېيىشىچە ئامېرىكىدىكى بارلىق مەكتەپلەر بۇ خىل نەتىجىلەرنى ئەڭ چوڭ شەرەپ قاتارىدا ھېسابلايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە تەنتەربىيە ساھەسىدە ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار ئالاھىدە ئەتىۋارلىنىدىكەن. ھەر بىر مەكتەپتە بىردىن تەنتەربىيە يېتەكچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ مەمۇرى دەرىجىسى مۇئاۋىن مۇدىردىن قالسا ئەڭ يۇقىرى ئىكەن.
    ئەڭ قىزىقارلىقى دەرسخانا بولۇپ، ھەر بىر دەرسخانا ئەمەلىيەتتە شۇ سىنىپقا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشخانىسى ئىكەن. باشلانغۇچ مەكتەپتە ھەممە دەرسلەرنى بىر ئوقۇتقۇچى ئۆتىدىكەن، ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرا مەكتەپلەردە قايسى دەرسنى ئوقۇماقچى بولسا شۇ دەرسخانىغا كىرىدىكەن. يەنى ئوقۇتقۇچى بىرلا دەرسخانىدا ( ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىدا ) تۇرسا ، ئوقۇغۇچىلار ئايلىنىپ يۈرىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرسلەرنى مەلۇم دائىرىدە تاللاپ ئۆگىنىشكە بولىدىكەن. تاللاش ئىمكانىيىتى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا قاراپ ئېشىپ بارىدىكەن. دېمەك، ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىزدىكى مۇنتىزىم دەرسخ.relpost{clear:both}

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us