• مەشھۇر شەخسلەرنىڭ دانا ھېكمەتلىرىدىن...

    2010-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/63947750.html

    مەنىۋى تۇرمۇشقا باي ئادەم ئىنتايىن غايىلىك ئادەم،ئىنتايىن ئالىجاناپ ئادەم، تۇرمۇشنىڭ قۇلى بولماي پەقەت خوجايىنى
    بولىدىغان ئادەمدۇر.
    __تاۋجۇ
    ئەگەر كېمىچى ئۆزمەنزىلىنى بىلمىسە،ئۇنىڭ يەلكەنلىرىگە شامالنىڭ ئوڭ-تەتۈرلىگى نەھاجەت.
    __سېنگار
    ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغلىغى ئۇلارنىڭ نىمىش قىلىۋاتقىنىدا ئەمەس،بەلكى نىمىش قىلماقچى بولىۋاتقىنىدا.
    __روئې.بىروۋنېگ
    ئۇلۇغۋار ئىرادە ئۇلۇغۋار كىشىلەرنى يارىتىدۇ.
    __توۋ.فوللېر
    ئەتىنىڭ بار-يوقلىغىنى بىلمىگەن ئادەم نەزىرىدىكى كېچە نېمىدېگەن ئۇزۇن كېچە-ھە!
    __ئاپ
    ئومۇمەن ئۆزبەختىنى نىشان قىلغان كىشىلەر نادورۇس كىشىلەر، باشقىلارنىڭ ماختىشىنى نىشان قىلغان كىشىلەر ئاجىزكىشىلەر،
    باشقىلارنى بەخىتكە ئىرىشتۈرۈشنى نىشان قىلغان كىشىلەر پەزىلەتلىك كىشىلەردۇر.
    __لېۋ.تولۇستوي
    قاراڭغۇلىقتىن يولغا چىققان ئادەمنى سۈبىھى كۈتىۋالىدۇ.
    (ياۋروپا تەمسىللىرى)
    ھەيۋىنىڭ كۈچىدىن تىكلەنگەن ئتقات ھەقىقى ئتقات ئەمەس، ئۇ پەقەت دىننىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىگىنىڭ ھۆكۈمدارىدۇر.
    __ئېمىرسون
    ئىشەنچ بەك كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ يوقلۇق بىلەن باراۋەر بولۇپ قالىدۇ.
    __توۋ.مور
    ئىشەنچ كىشىلەرنىڭ زۆرۈرىيىتى. ھىچنىمىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ بەختىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
    __خوگو
    ھەقىقى ئتقات يولىدا ماڭماق ئۈچۈن ئتقاتسىزلىق باياۋانىدىن ئۆتمەك كېرەك.
    __گالكې
    كۆكتە قارابۇلۇت پەيدا بولغىنىدا بىز ئۇنى: بۇ پەقەتلا ۋاقىتلىق، قاراڭغۇلۇق ھامان ئۆتۈپ كىتىدۇ، سۈبىھى ئالدىمىزدىلا دەپ قەيىت
    قىلايلى.
    __ماۋزېدوڭ
    ئۈمىد ھەتتا ئەزرائىل بىلەن جان تالىشىۋاتقانلارغىمۇ ھاياتلىق بەخىش ئىتەلەيدۇ.
    __ئوۋېدېر
    ئۈمىد__گادايلارنىڭ بولكىسى.
    __جوئې.خېربېرت
    ئەگەر موھەببەتنى ئۈمۈدكە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ دىيىلسە، ئۇنداقتا موھەببەتمۇ ئۈمىدنىڭ يوقۇلىشى بىلەن تەڭلا
    يوقۇلىدۇ. چۈنكى يېقىلغۇ تۈگىسە ئوتنىڭ ئۆچۈپ قېلىشى تەبئى-دە!
    __گوۋىگ
    كىشىلىك ھايات گويا بىر ئوكيان، ئارزۇ-ئۈمىد گويا بىر كومپاس، سىلەر ئۇنىڭدىن دەھشەتلىك بوران-چاپقۇنلاردىمۇ ئۆز
    مەنزىلىڭلارنى كۆرەلەيسىلەر.
    __پېتىرروف

    分享到: