• گۇەنتانامودىكى «شەرقى تۈركىستان»چىلارنىڭ تەقدىرى

    2009-05-20

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39663423.html

    گۇەنتانامودىكى «شەرقى تۈركىستان»چىلارنىڭ تەقدىرى
    گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئاشكارلىشىچە، 2009-يىلى 5-ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكا گېرمانىيەدىن گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى بىر تۈركۈم «شەرقى تۈركىستان» مەھبۇسلىرىنى قۇبۇل قىلىشنى رەسمىي ئۆتۈنگەندە گېرمانىيەنىڭ باۋارىيە شىتاتى باشچىلىقىدىكى كۆپىنچە شىتات بۇ مەھبۇسلارنى قۇبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    ئەمما، 2009-يىلى 9-ماي گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كۆپىنچە شىتاتلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرى پوزىتسىيەسىنى 180 گرادۇس ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

    گېرمانىيەدە چىقىدىغان «سۈرەتلىك گېزىت»تە توققۇز مەھبۇسنىڭ تەپسىلىي تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان ھەم ئۇلارنىڭ «بازا» تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ئىسپاتلاندى. ئۇلار «جەمىئيەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن» دەپ تەكىتلىگەن.
    خەۋەردە  يەنە «بۇ مەھبۇسلارنىڭ يەتتىسى تېرورچى تەشكىلات «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى»نىڭ مەشىق لاگېرىدا قورال ئىشلىتىشنى مەشىق قىلغان، ئۇلار جاھىل رادىكالىزىمچىلار بولغاچقا، گېرمانىيەدىمۇ رادىكالىزىم ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن» دىيىلگەن.

    مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن گېرمانىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغاچقا، باشتا ئۇلارنى قۇبۇل قىلىشقا قوشۇلغان باۋارىيە شىتاتى، بېرلىن شىتاتى، خېسسىن شىتاتى قاتارلىق شىتاتلار پوزىتسىيەسىنى دەرھال ئۆرگەرتكەن.
    گېرمانىيە شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ جۇڭگۇ ئىشلىرى مۇتەخەسىسى گرىد نىسسىن 2009-يىلى 10-ماي مۇنداق دېدى: «بىر قانچە شىتاتنىڭ پوزىتسىيەسىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىشىگە ئۇلارنىڭ مەھبۇسلارنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكى سەۋەپ بولغان. شۇنداقلا بىر قانچە شىتات ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشۇ مەھبۇسلارنى ‹تېرورچى ئۇنسۇرلار› دېگەن قارىشىغا قوشۇلغانلىقىمۇ يەنە بىر سەۋەب»

    بىراق، گرېدنىسسىن يەنە مۇنداق دىدى:
    گېرمانىيەنىڭ «شەرقى تۈركىستانچى» مەھبۇسلارنىڭ  بىر قىسمىنى فىرانسىيەگە بۆلۈپ بەرمەكچى بولغانلىقى جۇڭگۇ-گېرمانىيە ئوتتۇرسىدىكى دىپلوماتىيە خەتىرىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن.


    مەنبە: «شىنجاڭ رادىئو-تېلىۋىزىيە گېزىتى»(2009-يىلى 14-ماي. 16-بەت)



    ئامىرىكا قوشما شتات رايونلۇق سوت مەھكمىسى 2008-يىلى 7-ئۆكتەبىر گۇۋانتانامۇ تۈرمىسگە قامالغان 17 نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قويۇپ بېرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى.
      
    ئامىرىكا سىملىق تىلىۋىزىيە خەۋەرلەر تورىنىڭ 2008-يىلى 7-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامىرىكا قۇشما شىتات رايونلۇق سوت مەھكمىسىنىڭ سوتچىسى رېكاردو ئوربىنا گۇۋانتانامۇ تۈرمىسگە قامالغان 17 نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قويۇپ بېرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن.
    ئوربىنا مۇنداق دىگەن:
    «بۇ مەھبۇسلارنىڭ دۈشمەن تەرەپ خادىمى ياكى خەتەرلىك تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغانلىقىغا دائىر  ھىچقانداق ئىسپات يوق»
    ئۇ يەنە مۇنداق دىدى:
    «كىلەر ھەپتە بۇ كىشلەرنى قانداق شەرت-شارائىت ئاستىدا ئامىرىكىدا ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى قارار قىلىش بويىچە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئىچىلىدۇ»
      
    جۇڭگو دىپلۇماتىيە مىنىسرلىكنىڭ باياناتچىسى، ئىلگىرى جۇڭگو تەرەپ ئامىرىكىنىڭ جۇڭگو تەۋەلىكدىكى تېرورلۇق جىنايەت گۇماندارلىرىنى جۇڭگوغا ئۈتكۈزۈپ بېرىشنى ئۈمىت قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
    چىنگاڭ مۇنداق دىدى:
    «ئۇلار ب د ت خەۋىپسزلىك كىڭىشى تەرىپىدىن جازالاش تىزىملىكگە كىرگۈزۈلگەن «شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيسى»غا ئۇخشاش تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى بۇلۇپ، قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، جۇڭگو ئۇلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك»

    بۇ شەرقى تۈركىستان ئۇنسۇرلىرى جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكگە خەۋپ شەكىللەندۈرىدۇ. خەلقئارا مىزان بويىچە ئېيتقاندا، جۇڭگو ھۈكۈمىتى ئەدلىيە تەرتىپى بويىچە ئۇلارغا ھۈكۈم چىقىرىشى كېرەك. ئەمما ئامىرىكا ھۈكۈمىتى ھە دىسلا «كىشلىك ھوقۇق مەسىلىسى»نى بانا قىلىپ، جۇڭگوغا ئۈتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلىپ كەلدى.
    2006-يىلى ئامىرىكا ھۈكۈمىتى گىۋاتانتامۇ تۈرمىسگە قامالغان بەش نەپەر «شەرقى تۈركىستان» مەھبۇسىنى قويۇپ بەرگەن  بۇلۇپ، ئەينى چاغدا ھىچقانداق دۆلەت ئۇلارنى قۇبۇل قىلىشنى خالىمىغاچ، ئامىرىكا مىڭ بىر جاپادا  ئاخىرى ئۇلارنى ئالبانىيەگە ئورۇنلاشتۇرغان.
      
    ئاقساراي ئامىرىكا قۇشما شىتات رايونلۇق سوت مەھكمىسىنىڭ 2008-يىلى 7-ئۆكتەبىر گۇۋانتانامۇ تۈرمىسگە قامالغان 17 نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قويۇپ بېرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەنلىكىگە كۈچلۈك  قارىشى تۇردى.
    بۇ گىۋانتانامۇ تۈرمىسگە قامالغان باشقا مەھبۈسلارنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن بىر مىسال بۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن.


    مەنبە:
    http://news.qq.com/a/20081008/001935.htm دىن تەرجىمە قىلىندى
    مەنبە:
    http://www.guldasta.cn/bbs/read.php?tid=494&fpage=5
    ئامىرىكا 17 نەپەر «شەرقىي تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قۇيۇپ بەرمەكچى

    گېرمانىيە «شەرقى تۈركىستان»چىلارغا پاناھگاھ بولارمۇ؟
    ئامېرىكا پاناھگاھ ئىزدەش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى

    گېرمانىيىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ «گۋانتانامو تاقالسا، بۇ يەردىكى مەھبۇسلارنى كىم سىغدۇرۇپ كېتەر؟» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس ئامېرىكىلىق مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تۇنجى بولۇپ: «گۋانتانامودىكى تۈرمىسىنى تاقىۋېتىمەن، قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى!» دېدى.
    ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىدە مېنىڭ پات ئارىدا ۋەزىپىسىدە ئولتۇرىدىغان زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن قارىشىم بىردەك، ئوبامانىڭ قارىشىچە، گۋانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش يېڭى ھۆكۈمەت تەختكە چىققاندىن كېيىن قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش، قىلغاندىمۇ ھەممىدىن بۇرۇن قىلىدىغان ئىش».

    ئەمما ئوباما ھۆكۈمىتىدە بىر ئورنىدا ئىزچىل تۇرۇپ قالغان بۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھازىر گۋانتانامو تۈرمىسىنى تاقاشقا زادى قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ،
    بۇ تۈرمىدە ھېلىمۇ 250 مەھبۇس بار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاز بولغاندىمۇ 50 ئادەم بىگۇناھ قامالغان. گەرچە بىگۇناھ قامالغان بۇ 50 ئادەمنى دەرھال قويۇۋېتىشكە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان بىرەر دۆلەت چىقمىدى.

    گايتىس مۇنداق دېدى: گەپنىڭ راستىنى قىلغاندا، بىز بۇ مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەرنى تاپالمىدۇق. گەرچە بەزى دۆلەتلەر قوبۇل قىلىشقا ماقۇل بولغان بولسىمۇ، لېكىن بىز ئۇلارنىڭ قايتا قولغا ئېلىنماسلىقىغا ياكى قايتا سوراق قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلمىساق بولمايدۇ. بىز ھازىر ئۇلارغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان جاينى ئىزدەۋاتىمىز.
    ھەقىقىي ئەھۋال مۇنداق: گۋانتاناموغا بىگۇناھ قامالغان مەھبۇسلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەمدى ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە قايتالمايدۇ، بۇ كىشىلەر روسىيە، لىۋىيە، تۇنىس ياكى ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن. ئەگەر بۇ كىشىلەر يۇرتىغا قايتۇرۇلىدىغان بولسا، ئۇلارنى قاتتىق قىيىن-قىستاق ۋە زىيانكەشلىك كۈتۈۋالىدۇ. زۇڭتۇڭ بۇش ئىلگىرى ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن بۇ كىشىلەرنى ئېلىپ قېلىشنى تەلەپ قىلغانىدى، ئەمما ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى ھېچكىم قوللىمىدى.


    بېرلىن بۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالىدى

    گېرمانىيىلىك دىپلوماتلار ئاشكارىلىغان خەۋەرگە قارىغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرى گۋانتانامودىن قويۇۋېتىلگەن بۇ مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە ھازىرلانغان. بۇ خەۋەرنى ئۇ ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئۆز ئاغزى بىلەن دەلىللىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سايلانغان زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ گۋانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش قارارى ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ بۇ مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلماسلىقى تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولمايدىكەن. نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گۋانتانامو تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئادۋوكاتى بىلەن گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بۇ ئىش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

    ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلماقچى بولغان دۆلەتلەر قوبۇل قىلماقچى بولغان مەھبۇسلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى بىلەن دىنىي ئېتىقادىغا چەك قويسا بولمايدىكەن.
    بۇ مەسىلە 20 دەك جۇڭگولۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانغا چېتىلىدۇ، ئۇلار ئىلگىرى جۇڭگودىن پاكىستان بىلەن ئافغانىستانغا قېچىپ بارغان، ھازىر ئۇلار گۋانتانامو تۈرمىسىگە قاماقلىق.
    جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنى تېررورچى ئۇنسۇر دەپ قارايدۇ، شۇڭا بۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلماقچى بولغان 3-دۆلەتنى ئەيىبلەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭ قارىشىچە، باشقا ئەللەرنىڭ قارشىلىقى گۋانتانامو تۈرمىسىنى تاقاشقا توسالغۇ بولالمايدىكەن.
    دىپلوماتلارنىڭ ئېيتىشىچە، گۋانتانامودىكى مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىش ئامېرىكىنىڭ يېڭى سايلانغان زۇڭتۇڭى ئوبامانى قوللاشنىڭ يەنە بىر شەكلى ئىكەن، بۇ ئۇنىڭ سايلام مەزگىلىدە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بەرگەنلىك بولىدىكەن.
    بەش بۇرجەكلىك بىنا ئالدىنقى ھەپتە ئېتىراپ قىلىپ: «بىز ھازىر گۋانتانامو تۈرمىسىنى تاقاشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتىمىز» دېدى.

    گېرمانىيىدىكى «فرانكفورد ئوبزورى گېزىتى»نىڭ ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى:
    ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ھازىر گۋانتانامودىكى تۈرمىنى تاقاش پىلانىنى يولغا قويماقچى، گېرمانىيە فېدېراتىپ ھۆكۈمىتى باشقا ياۋرو ئەللىرى بىلەن بىرلىكتە گۋانتانامودىكى مەھبۇسلاردىن ئازراق قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
    فېدىراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ۋالىيسى جونيېت نوك مۇنداق دېدى:
    گۋانتانامو ئامېرىكىنىڭ مەسىلىسى، ئەمما بۇ تۈرمىنى تاقاش كىشىلەرنىڭ بۇ يەردىكى مەھبۇسلارنى قەيەرگە قويۇشنى بىلمەسلىك تۈپەيلىدىن مەغلۇپ بولسا بولمايدۇ. شۇڭا گېرمانىيە بۇ تۈرمىدىكى مەھبۇسلاردىن نەچچە ئوننى قوبۇل قىلىشى، بولۇپمۇ يۇرتىغا قايتىشنى خالىمايدىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى قوبۇل قىلىشى لازىم.  

    فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ پەردە ئارقىسىدا جۇڭگولۇق مۇسۇلمانلارنىڭ قىسمەن ئەزالىرى بىلەن ئاللىقاچان كۆرۈشۈپ بولغانلىقى ئېنىق، ئىلگىرى پاكىستان بىلەن ئافغانىستانغا قېچىپ كەتكەن 17 ئۇيغۇر ھېلىمۇ گۋانتاناموغا قاماقلىق. ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش دىپلوماتىيە جەھەتتە ئىنتايىن قول تۇتىدىغان مەسىلە، چۈنكى جۇڭگو چوقۇم بۇ مەسىلىدە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرماي قالمايدۇ، شۇڭا گېرمانىيە فېدېراتىپ ھۆكۈمىتى ياۋروپادىكى باشقا ئەللەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ.


    تېخى ئاخىرقى قارار چىقىرىلغىنى يوق

    گېرمانىيىدىكى «فرانكفورت مەجمۇئە گېزىتى» 2008-يىلى 22-دېكابىر ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى:
    گېرمانىيە فېدېراتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ۋالىيسى جونيېت ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى. فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى يېشىل پارتىيىنىڭ رەھبىرى بېك ئۇنىڭ تەشەببۇسىنى قوللىدى. ئەمما ئۇ مۇنداق دېدى: «يېشىل پارتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارار لايىھىسى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئىتتىپاق ۋە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى قارشى تۇرغاچقا ماقۇللانمىدى. قارىغاندا، زۇڭلى مېركىل خانىم ئىپادە بىلدۈرىدىغان چاغ كېلىپ قالغاندەك تۇرىدۇ»

    گېرمانىيە يېشىل پارتىيىنىڭ رەئىسى كرايدىياروت زۇڭلى مېركىل خانىمغا: ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇچۇرى بېرىدىغان چاغ ئاللىقاچان كەلدى، بىز دەرھال بۇش ھۆكۈمىتىگە گۋانتانامودىكى مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك!» دېدى.

    ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى زۇڭتۇڭى ئوباما دۇنيا ئەھلىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان بۇ تۈرمىنى تاقىماقچى بولۇۋاتىدۇ، ئەمما بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ تۈرمىگە قامالغان 250 مەھبۇسنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
    ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتى- «خەلقئارا چوڭ كەچۈرۈم» گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن گۋانتانامودىكى مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
    بۇ تەشكىلاتنىڭ گېرمانىيە سۆھبىتىگە مەسئۇل خادىمى باربارا مۇنداق دېدى:
    «ھازىر تېزلىكتە ھەرىكەت قىلماي بولمايدۇ، ئەمدى كەينىگە تارتىش بىمەنىلىك. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپادىكى باشقا ئەل ھۆكۈمەتلىرى ھازىر بىردەك بايانات ئېلان قىلىپ، بىگۇناھ قامالغانلىقى ئېنىق ئاشۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشى زۆرۈر»
      
    باربارامۇ خۇددى جونيېتقا ئوخشاش ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ،
    ئۇ: «گېرمانىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تورى بار، شۇڭا ئۇلار بۇ دۆلەتتە يېڭى تۇرمۇشنى بىر قەدەر ئوڭاي باشلىيالىشى مۇمكىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن سۈركىلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلمايدىغان ئىشنى قىلماسلىق كېرەك» دېدى.

    2001- يىلى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى بۇش ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ گۋانتانامو بازىسىغا تۈرمە تەسىس قىلدى، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى شۇ چاغدىلا ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتى بىلەن ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە دۇچار بولغان.
    ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جايغا 2002-يىلىدىن باشلاپ تالىبان بىلەن «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرى قامالغان.
    كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئەيىبلەنمىگەن ھەمدە ئادۋوكاتنىڭ قانۇن بويىچە ئاقلىشى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ يەرگە ئۇزاققىچە قاماپ قويۇلغان، ھەتتا ئۇلار مەھبۇسلارنى قاتتىق خورلىغان.

     

    (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
    مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»

    http://www.choghlan.com/munbar/ShowPost.asp?ThreadID=11494

     
    مىيۇنخىن شەھىرىنىڭ 17 نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قۇبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقى كەسكىن مۇنازىرە قوزغىدى



    جۇڭشىن تورى 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى تىلگىراممىسى:
    ئامىرىكىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى ئوباما گۇەنتانامۇ تۇرمىسىنى تاقاش قارارىنى چىقارغاندىن كىيىن، پات ئارىدا قۇيۇپ بېرىلىدىغان 17 نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى نەگە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى گىرمانىيە، ھەتتا ئامىرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردە كەسكىن مۇنازىرە قوزغىغان.
    يېقىندا گىرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھىرىدىكى ھەرقايسى پارتىيە ۋە گوروھلار بۇ 17 نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    بىراق «گىرمانىيە ئاۋازى»نىڭ 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىدە: بۇ «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرلىرى ئاخىرىدا گىرمانىيەنىڭ پاناھلىق بېرىشىگە ئېرىشەلەمدۇ-يوق، بۇ يەنىلا گىرمانىيە فىدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى قارارىغا باغلىق ، دىيىلگەن.

    مىيۇنخىن شەھەرلىك پارلامىتنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاچقان پارلامىت يىغىنىدا، «ھەرقايسى پارتىيە ۋە گورۇھلار گۇەنتانامۇدىن قۇيۇپ بېرىلىدىغان بۇ شەرقى تۈركىستان ئۇنسۇرلىرىنى قوبۇل قىلىشقا قۇشۇلغان»

    مىيۇنخىن شەھىرى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن تەغدىردىمۇ، بىراق بۇ 17 نەپەر تۇتقۇننىڭ باۋارىيەگە چوقۇم كەلسە بولىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىكەن. چۈنكى گۇەنتانامۇدىن قويۇپ بېرىلىدىغان تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسىدە گىرمانىيە فىدىراتسىيە ھۆكۈمىتى ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقارمىغان.

    نۆۋەتتە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى گىرمانىيەنىڭ بۇ «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرلىرىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىغا قاتتىق نارازى بولۇپ، جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى ئىزچىل ھالدا، «ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ بۇ ئۇنسۇرلارنى قوبۇل قىلماسلىقىنى ھەمدە ئۇلارنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى»نى تەكىتلەپ كەلگەن.

    دوكلاتتا تونۇشتۇرۇلىشىچە، گىرمانىيە ئىچكى كابىنت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى  朔伊布勒 نىڭ باياناتچىسى: «دۆلەت تەۋەلىكى قانۇنىغا ئاساسەن، گۇەنتانامۇدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان مەھبۇسلارغا ئۆز دۆلەتلىرى مەسئۇل بولسا بولاتتى، ئەمما ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىر قىسىم مەھبۇسلارنى ئۆز دۆلىتىگە تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ، شۇڭا ئامىرىكا باشقا دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولۇپ بۇ مەھبۇسلارنىڭ بىر قىسمىنى قۇبۇل قىلىشى لازىم. ئەگەر ئامىرىكىمۇ بۇ مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلمىسا ئۇنداقتا ئامىرىكا ئۆزىنىڭ ئاساسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشى كېرەك» دەپ بىلدۈرگەن.
    ئۇ يەنە: «بىزگە نىسبەتەن گىرمانىيەنىڭ بىخەتەرلىكى بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما بىز ئامىرىكىغا سۇنغان گىرمانىيەنىڭ  ئامىرىكىنىڭ گۇەنتانامۇ تۈرمىسىنى تاقاش ئىشلىرىغا ياردەم بېرىپ ئۈچۈن قويۇپ بېرىش ئالدىدا تۇرغان مەھبۇسلارنىڭ بىر قىسمىنى قۇبۇل قىلىش تەكلىپىنىڭ جاۋابىنى ساقلىشىمىز كېرەك» دەپ بىلدۈرگەن.

     
    شىۋىتسىيە سوتى «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ماقۇللىدى

            

    شىۋىتسىيە سوت مەھكىمىسى «شەرقىي تۈركىستان» ئۇنسۇللىرىنى قۇبۇل قىلىشنى ماقۇللىدى. ئەمما شىۋىتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى بۇنىغا قارشى چىقتى

    «يەرشارى كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ ئالاھىدە مۇخبىرى لى چيۇخېڭ خەۋەر قىلىدۇ:
    «ئامىرىكا بىرلەشمە ئاگىنتلىقى»نىڭ 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىۋىتسىيە كۆچمەنلكەر سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن بىر نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنىڭ پاناھلىنىش ئىلتىماسىنى ماقۇللىغان.

    خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنىڭ ئىسمى ئادىل ھاجىم بولۇپ، بۇ يىل 34 ياشتا ئىكەن.
    11-سىنتەبىر  ۋەقەسىدىن كىيىن، ئۇ «تېرورلۇق ھۇجۇمىغا چېتىشلىق» دىگەن گۇمان بىلەن ئامىرىكا تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، كىيىن گۇەنتانامو تۈرمىسىگە قاماپ قۇيۇلغان.
    2006-يىلى، ئۇ ھەم باشقا باشقا تۆت نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرى گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كىيىن ئالبانىيەگە ماكانلاشقان.  
    كىيىن، ئادىل ھاجىم شىۋىتسىيەگە كېلىپ، ئۆتكەن يىل 11-ئايدا شىۋىتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە پاناھلىق ئىلتىمىسى سۇنغان، ئەمما ئۇلارنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.
    شىۋىتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ دىيىشىچە، ئالبانىيە ئۇنىڭغا ئاللىقاچان پاناھلىق بېرىپ بولغان بولۇپ، يەنە شىۋىتسىيەدىن پاناھلىق تىلىسە نۆۋەتتىكى قائىدىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن.

    بىراق شىۋىتسىيە سوت مەھكىمىسى 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ چىقارغان قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن بولۇپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ دىيىشىچە، ئادىل ھاجىمنىڭ ئىشى پەقەت پەۋقۇلئاددە بىر ئەھۋال بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ چىقارغان ھۆكۈمگە ئاساسەن، شىۋىتسىيەنىڭ پات ئارىدا گۇەنتانومو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلمەكچى بولغان تۇتقۇنلارغا پاناھلىق بېرىشىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن.

    شىۋىتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ دىيىشىچە، كۆچمەنلەر ئىدارىسى داۋاملىق ئالىي سوتقا نارازىلىق ئەرزى سۇنىدىكەن.  


    مەنبە: http://mil.cnwest.com/content/2009-02/20/content_1813176.htm
    مەنبە: http://bbs.misranim.com/read.php?tid=8252
     
    ئون يەتتە نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرى «ئۇۋا» تاپتى



    ئىلگىرى، بوش ھۈكۈمىتىنىڭ «شەرقى تۈركىستان»چىلارنى باشقا دۆلەتلەرگە ئۆتكۈزۈپ بىرىش تەكلىۋى 20 نەچچە دۆلەت تەرىپىدىن رەت قىلىنغان ئىدى.
    بىراق ئوباما تەختكە چىقىپ بۇ ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولدى.
    بۈگۈن ئوبامانىڭ گۈەنتانامۇ سىياسىتىگە قارىتا بىر «سوغات» بىرىلدى دىيىشكە بولىدۇ،
    يەنى مىيۇنخىن ۋە ئالبانىيە بۇ ئۇنسۇرلارنى قۇبۇل قىلىدىغانلىغىنى جاكالىدى.

    ئامىرىكىنىڭ مۇئاۋىن زوڭتۇڭى بايدىن 2009-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى «مىيۇنخىن بىخەتەرلىك مۇھاكىمە مۇنبىرى»دە ۋەزخانلىق قىلىپ، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنى ئوبامانىڭ گۈەنتانامۇ تۈرمىسىنى تاقىۋىتىش سىياسىتىنى قوللاشقا تەكلىپ قىلدى.
    ئۇ بۇ مۇنبەردە ۋەز ئېيتىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، گىرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن شەھرى ئون يەتتە نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قوبۇل قىلىش نىيىتى بارلىقىنى جاكالىغان ئىدى،
    بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدىن كىيىن، ئەتىسى ئىلگىرى بەش نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قوبۇل قىلغان ئالبانىيەمۇ يەنە بىر قېتىم بۇ ئون يەتتە نەپەر ئۇنسۇرنى قوبۇل قىلىش نىيىتىنى بىلدۈردى.

    ئەمەلىيەتتە ئامىرىكا ھۆكۈمىتى ئىلىمىزنىڭ كۆپ قېتىملىق دىپلوماتىيە قارشىلىقى ۋە ئىلىمىز بىلەن تۈزۈلگەن تىرۇرلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئەھدىنامىسىنى بۇزۇپ بۇ «شەرقى تۈركىستان» تىرۇرچىلىرىغا «ئۇۋا» ئىزدىگەن ئىدى.
    2004-يىلدىن باشلانغان بۇ قىلمىش 20 نەچچە دۆلەت تەرىپىدىن رەت قىلىنىپ كەلگەن ئىدى.
    ھالبۇكى ئوباما تەخىتكە چىققاندىن كىيىن، بۇ ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ، گەرچە كۆپ قىسىم دۆلەتلەر بۇ «قول كۆيدۈرىدىغان پىچكى»نى تۇتۇشنى خالىمىسىمۇ، لىكىن گىرمانىيە ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئامىرىكىنىڭ تەلىۋى بويىچە بۇ ئۇنسۇرلارنى قوبۇل قىلدى.

    مەنبەسى: http://news.sina.com.cn/c/sd/2009-02-13/093617207784.shtml
    مەنبە: http://www.uguzhan.cn/bbs/read.php?tid=2253
     
    ئامىرىكا «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرىنى قوبۇل قىلماقچى



    ئامىرىكا قوشما شىتات سوت مەھكىمىسىدىكى بىر سوتچى گۇانتاناموغا قاماپ قويۇلغان «شەرقى تۈركىستان» كۈچلىرىنى قويۇپ بىرىشنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئامىرىكىدا تۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.
    بۇ ئامىرىكىدا بولۇپ باقمىغان ئىش بولۇپ، ئەگەر رىئاللىققا ئايلانسا «بەلگە خاراكتىرلىك ئەدلىيە كىسىمى» بولۇپ  قالىدۇ.

    «ۋاشىنگىتون پوچتا گىزىتى»نىڭ 2008-يىلى 5-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، 2001-يىلى ئافغانىستان ئۇرۇشىدا ئافغانىستانغا يوشۇرۇنۇۋالغان «شەرقى تۈركىستان» كۈچلىرى ئامىرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن قولغا ئىلىنىپ، گۇانتانامو تۈرمىسىگە قاماپ  قويۇلغان.
    ھازىر بۇ «شەرقى تۈركىستان» كۈچلىرى ھەممە دىققەت قىلىدىغان ئوبىكىتقا ئايلانغان.
    ئامىرىكا بۇ كىشىلەرنى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بىرىشنى رەت قىلىپ، بارلىق ئامال-چارىلەر بىلەن ئۇلارنى قۇبۇل قىلىدىغان دۆلەت ئىزدىدى.
    2006-يىلى ئالبانىيە بەش نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قوبۇل قىلغاندىن بىرى، قالغان كىشىلەرنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت چىقمىدى.
    ئۇلارنىڭ ئادۇۋكاتى مۇنداق دىدى: «ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئامىرىكىغا تەھدىد ئىلىپ كەلگىنى يوق، مەن ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى ئامىرىكىدا  قالدۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن»
      
    باشقا خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىل 8-ئايدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، ئامىرىكا قوشما شىتاتى رايۇنلۇق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى لىكاردو.ئۇبىنا: «مىنىڭچە بۇ ئىجرا قىلغىلى بولىدىغان تەكلىپ»دىگەن.
    ئۇ 7-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتنىشىپ، بەش نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى قويۇپ بىرىش ۋە ئۇلارنى ئامىرىكىدا ئىلىپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
    ئادۇۋكاتلار ئەدلىيە تىكىستىنى تاپشۇرۇپ، ئۇبىنانىڭ قالغان 12 شەرقى تۈركىستان ئۇنسۇرىنىمۇ قويۇپ بىرىشنى ئويلىشىنى تەلەپ قىلىدى.
    يىقىنقى يىللاردىن بىرى گۇانتاناموغا قاماپ قويۇلغان بەش يۈزدىن ئارتۇق كىشى قويۇپ بىرىلدى.
    ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئافغانىستان، بەزىلىرى پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئەۋەتىلدى.
    ئەمما ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ ئامىرىكا ئىلىپ قالمىغان ئىدى.

    ئامىرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكىدىكى ئادۇۋكاتلار مۇنداق دىدى:  
    پەقەت ئامىرىكا زۇڭتۇڭى بوشنىڭلا بۇ كىشىلەرنى ئامىرىكىدا ئىلىپ قىلىش ھوقۇقى بار. ئەگەر ئۇلارنىڭ تىرورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بولسا، سوتچىلارنىڭمۇ ئۇلارنى ئامىرىكىدا ئىلىپ قىلىشقا ئامالى يوق.
    ئامىرىكا ئىرىشكەن ماتىرىياللارغا قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر كىشى تىرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان.
    2002-يىلى 8-ئايدا ئامىرىكا ھۆكۈمىتى بىر «شەرقى تۈركىستان» تەشكىلاتىنى «تىرورلۇق تەشكىلات» دەپ بىكىتتى.
    ئەمما، ئامىرىكىدىكى بىرقانچە  پارلامنت ئەزاسى «شەرقى تۈركىستان» تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى  قاماپ قويۇش مەسىلىسى بىلەن ئامىرىكا ھۆكۈمىتىگە پات-پات بىسىم ئىشلىتىپ، «بۇ كىشىلەر پەقەت جۇڭگونىڭ دۈشمىنى، ئۇلار ئامىرىكىنىڭ  دوستى» دەپ ئاقلىدى.
    بۇيىل 6-ئايدا، ئامىرىكا ۋاشىنگىتوندىكى بىر قوشما شىتاتلىق سوت مەھكىمىسى قاماپ قويۇلغان بىر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى «بىزگە دۈشمەن قوراللىق ئونسۇر ئەمەس» دەپ بېكىتىپ، ئۇنىڭغا ئامىرىكا رايۇنلۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەركىن ئەرز يىزىش ھوقۇقى بەرگەن ئىدى.

    خەلقئارا قائىدە بويىچە، «شەرقى تۈركىستان» كۈچلىرى جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد بولغاچقا، ئۇلارغا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەدلىيە تەرتىپى بويىچە كىسىم ئىلان قىلىشى كېرەك ئىدى.
    ئەمما ئامىرىكا «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى»نى باھانە قىلىپ، ئۇلارنى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بىرىشنى رەت قىلدى.
    2006-يىلى بەش نەپەر «شەرقى تۈركىستان» ئۇنسۇرىنى  قويۇپ بەرگەندىمۇ ئۇلارنى جۇڭگوغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدىغانلىقىدا چىڭ تۇردى. ئۇلار يىگىرمىدىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ بەش ئۇنسۇرغا پاناھلىنىدىغان دۆلەت ئىزدىدى. ئاخىرىدا ئالبانىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    ھازىر بۇ بەش «شەرقىي تۈركىستان» ئۇنسۇرىنىڭ بىرى شىۋىتسىيىدە، قالغان تۆتى ئالبانىيىدە ياشىماقتا.  

     
    «ئاساسىي قانۇن قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى» ئوباما ھۆكۈمىتىنى «گۋەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش»كە چاقىردى



    باش شتابى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون رايونىغا جايلاشقان، ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىدىكى ھوقۇقلارنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى تەرغىب قىلىدىغان مۇستەقىل قانۇنچىلىق ئورگىنى-«ئاساسىي قانۇن قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى»، ئامېرىكا ئالىي سوتىغا شىكايەتنامە يوللاپ، گۋەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرى دېلوسىنى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

    گۋەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھەق-دەردىگە قۇلاق سېلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئامېرىكا ئالىي سوتىغا يوللانغان شىكايەت 2009-يىلى 7-ماي پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ئالىي سوتىغا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىگە يوللانغان بولۇپ، «ئاساسىي قانۇن قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى»نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي مەسلىھەتچىسى Sharon Bradford Franklin خانىم، مەزكۇر شىكايەتنامىنى يوللاشتىكى مەقسىتىنىڭ، ئامېرىكا ئالىي سوتى 2008-يىلى بېكىتكەن «گۇەنتانامو مەھبۇسلىرىنىڭ ئامېرىكا سوتىغا ئەرز سۇنۇش ھوقۇقى بار»لىقى ھەققىدىكى قارارغا ئاساسەن، ئامېرىكا ۋاشىنگتون رايونلۇق سوتنىڭ گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرى ئۈستىدىن چىقارغان 2008-يىلى 5-ئۆكتەبىردىكى ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

    2008-يىلى 5-ئۆكتەبىر، ئامېرىكا ۋاشىنگتون رايونلۇق سوتنىڭ سوتچىسى ئۇربىنا ئەپەندى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتتا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئۇۋال قىلىنغانلىقىنى بېكىتكەن ھەمدە ئۇلارنى دەرھال ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھۆكۈمى چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما 2009-يىلى فېۋرالدا ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوتى، سوتچى ئۇربىنانىڭ ھۆكۈمنى بىكار قىلغان ئىدى.

    سىياسىي مەسلىھەتچىسى Sharon Bradford Franklin خانىم مۇنداق دېدى:
    «بىز بۇنىڭدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئەرزىيەت سوتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمنىڭ، ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ 2008-يىلدىكى گۋەنتانامو مەھبۇسلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ھەققىدىكى قارارىغا سەل قارىغانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئەگەر بىر سوت مەھبۇسلارنى ھېيبىيەس كورپېس ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىپ، ئەمما بۇلارنى شۇ بويىچە قويۇپ بېرەلمىسە، بۇنداق ھۆكۈم يەنىلا ئالىي سوتنىڭ 2008-يىلدىكى قارارىنى ئاقماس نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان بولىدۇ. شۇڭا ئالىي سوت بۇ دېلونى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ قارارىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك»

    نۆۋەتتە، گۇەنتانامودىكى ئون يەتتە نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ بىر قىسىمنىڭ ئامېرىكىغا ئالدىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئائىت پىكىرلەر بارغانچە ئۇلغايماقتا.
    نيۇ-يوركتىن چىقىدىغان «كۈندىلىك خەۋەرلەر» تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەپەر خادىمى، قانۇنىي، ئەقەللىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر ھەل بولسىلا ئالتە نەپەر ئۇيغۇرنىڭ گۋەنتانامودىن ئامېرىكىغا ئايروپىلان بىلەن ئېلىپ كېلىنىپ ۋىرگىنىيە شتاتىغا يەرلەشتۈرىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

    ھالبۇكى، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى تېخى بېكىتىلمىگەن بولۇپ، سىياسىي مەسلىھەتچىسىSharon Bradford Franklin خانىمىنىڭ قارىشىچە، «ھېيبىيەس كورپېستىكى» بەلگىلىمىلەر بويىچە بولغاندا، گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلار «دۇشىمەن جەڭچىسى ئەمەس» دەپ ئاقلىنىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى يەنە مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش ۋە يەنە ئۇلارنىڭ دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىش بىھاجەت ئىكەن.

    Sharon Bradford Franklin خانىم: «شۇڭا بىز يەنە، ئوباما ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر دېلودا ئالىي سوتنىڭ قارىغا قاراپ تۇرمايلا، سودىيە ئۇربىنانىڭ ھۆكۈمى بويىچە ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردۇق» دېدى.

    شىكايەتنامىنى ئامېرىكىدىكى تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان قانۇنچىلىق ئورگانلىرىدىن، نيۇ-يورك شەھىرىگە جايلاشقان برەننان ئادالەت مەركىزى، ۋىرگىنىيە شتاتىغا جايلاشقان پۇقرالار ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتلىرىدىن رۇتېرفورد تەتقىقات جەمئىيىتى، ئامېرىكا دۆلەتلىك جىنايى ئىشلار ئادۋوكاتلىرى بىرلەشمىسى ۋە نيۇ-يورك شەھەرلىك ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى قاتارلىق مۇستەقىل تەشكىلاتلار بىرلىكتە تەييارلىغان.

    Sharon Bradford Franklin خانىم ئاخىرىدا، ئەگەر ئوباما ھۆكۈمىتى گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنى دەرھال قويۇپ بەرمىسە، ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ ئۇيغۇرلار دېلوسىنى قوبۇل قىلىپ ئىجابىي قارار چىقىرىدىغانلىقىغا ئۈمىدى بارلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.


    (مەنبە: «ئامىرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى»دىن «سەلكىن»گە ئۇيغۇر-بالىسى تەييارلاپ يوللىغان)
    مەنبە: http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-77088.html
     
    «جۇڭگۇنىڭ غەزىپنى قوزغاپ قويۇش»تىن ئىھتىيات قىلىش كىرەك



    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېرلىن، 2009-يىلى 18-ماي تېلېگراممىسى:
    گېرمانىيەدىكى «ئەينەك گېزىتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: گېرمانىيدىكى ھەر قايسى ئوبلاستىلىق ھۆكۈمەت بىلەن خەلق «گېرمانىيە شەرقىي تۈركىستان تېرورچىلىرىنى  قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىش كېرەك» دەپ قارىغاچقا، ئەزەلدىن قوبۇل قىلىش تەرەپدارى بولۇۋاتقان «ئامېرىكىپەرەس» دىپلۇماتىيە مىنىستىرى ستەيىن مېيئىر پوزىتسىيىنىسىنى بىراقلا ئۆزگەرتتى.

    خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى:  
    جۇڭگۇ گۋانتانامو تۈرمىسىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» تېرورچىلىرىنى «ھەقىقىي تېرورچى» دەپ قاراپ ھەمدە ئۇلارنى ئۆتكۈزۈپ  بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقاچقا، گىرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىن مېيئىر گۋانتانامودىكى مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىش  مەسىلىسىدىكى سۆھبەتتە گېرمانىيىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» تېرورچىلىرىنى قوبۇل قىلىشقا قارشى تۇردى.

    مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»
    分享到: