• 3.ئېمپىريىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى(6.قىسىم)

    2009-05-20

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39665019.html

     گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلار توغرىسىدىكى بىلجىرلاشلىرىغا كېسەل ھالىتىدىكى جىنسىي پىسخىكىنىڭ خېلى كۆپ ئۈلۈشى سىڭگەن، بۇ ھەم شۇ چاغدىكى ئانتى سېمىتىزمچى (يەھۇدىيلارغا قارشى مەسلەكتىكى) گېزىتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىدى، كېيىنچە نيۇرنبېرگدا چىقىدىغان سېرىق «ئېسئاچىلار» دېگەن ھەپتىلىك ژۇرنالنىڭمۇ ئالاھىدىلىكىگە ئايلانغان. بۇ ژۇرنال گىتلېرنىڭ ئەڭ ئەركە ياردەمچىلىرىنىڭ بىرى، ناتسىستلار پارتىيسىنىڭ فرانكونىيىدىكى كاتتىبېشى، جىنسىي ھەۋىسىنىڭ غەيرىي نورمال بولۇشى بىلەن داڭقى چىققان ھەم 3 - ئىمپېرىيىدىكى نامى ئەڭ سېسىقلاردىن بىرى _ يۇلىئۇس سترېيچېر تەرىپىدىن نەشىر قىلىناتتى. «مېنڭ كۈرەشلىرىم» دە، ياۋۇز يەھۇدىيلارنىڭ گۆدەك مەسۇم خرىستىئان قىزلىرىنى ئالداپ نۇمۇسىغا تېگىپ، ئۇلارنىڭ قانداشلىقىنى بۇزدى دېگەن سۆزلەر خېلى ئاشكارا بىشارەت بىلەن تىلغا ئېلىنغان. گىتلېر ھەتتا «ھارامدىن بولغان ئەگرى پۇتلۇق لەنىتى يەھۇدىيلارنىڭ يۈز مىڭلىغان قىزنى ئالداپ نومۇسىغا تەگكەنلىكىدەك قوقۇنچلۇق مەنزىرە»نى يازغان. خۇددى رۇدولف ئولدېن كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، گىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇشنىڭ مەنبەلىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭ جىنسىي ھەۋەستىن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى ۋە ھەسەت قىلىشىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. گەرچە ئۇنىڭ يېشى 20 لەرنىڭ قارىسىنى كۆرگەن بولسىمۇ، مەلۇم بولغان ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇ ۋېنادىكى چاغلىرىدا ئاياللار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەتتە بولۇپ باقمىغان.

     

          «ئاستا - ئاستا» دەپ يازىدۇ گىتلېر، «ئۇلاردىن نەپرەتلىنىشكە باشلىدىم... ئۇ مەن بېشىمدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان روھىي جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ داۋالغۇش پەيتى ئىدى. ئەمدى مەن بىر مۇلايىم، مىسكىن كوسموپولتىزمچى (دۇنيا مەسلەكچىسى) بولىۋەرمەي، بەلكى ئانتى سېمىتىزمچى بولۇپ يېتىشكەنىدىم.»

     

           ئۇ تا ئۆلۈپ كەتكۈچە يەھۇدىيلارغا قارىغۇلارچە قارشى تۇرىدىغان ئەسەبىي ئانتى سېمىتىزمچى بولۇشقا ئىنتىلگەن، ئۇ ئۆلۈشتىن بىر نەچچە سائەت ئاۋۋال يازغان ئەڭ ئاخىرقى ۋەسىيىتىدىمۇ يەھۇدىيلارغا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھۇجۇمىنى قىلىپ ئۆزى باشلىغان ئۇرۇشنى شۇلارنىڭ قوزغىغانلىقىنى ، ھازىر ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ۋە 3 - ئىمپېرىيىنى دەپنە قىلغانلىقىنى ئېيتقان . بۇ خىل قاتتىق ئۆچمەنلىك ئاشۇ ئىمپېرىيىدە كېيىنچە شۇنچە كۆپ نېمىسقا تەسىر كۆرسەتتىكى ، ئەڭ ئاخىرىدا شۇ قەدەر قورقۇنچلۇق ۋە كۆلىمىمۇ شۇ قەدەر زور بولغان قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، مەدەنىيەت تارىخىدا ئىنتايىن يىرگىنچىلىك بىر جاراھەتنى قالدۇرۇشقا بېرىپ يەتتى . يەر شارىدا ئىنسانىيەت مەۋجۇتلا بولىدىكەن ، بۇ جاراھەت جەزمەن مەڭگۈ بولۇپ قالىۋېرىدۇ .

     

          1913-يىلى باھاردا ، گىتلېر ۋېنادىن ئايرىلىپ گېرمانىيىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشتى .ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ قەلبى بۇرۇندىن تارتىپ گېرمانىيىگە تەلپۈنۇپ كەلگەنىكەن .ئۇ شۇ چاغدا  24 ياشتا بولۇپ ،ئۆزىدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ھەر جەھەتتە مەغلۇپ بولدى دەپ قارايتتى ،ئۇ رەسسام بولالمىدى ،بىناكارمۇ بولالمىدى. ھەممە كىشى ئۇنىڭ ھېچبىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىغان بىر سەرگەردان _ بەلكى غەلىتە ،تالىپ مىجەز سەرگەردان ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايىتتى .ئۇنىڭ نە دوستلىرى ، ئائىلىسى ،خىزمىتى تۇرار جايى يوق ئىدى .بىراق بۇنىڭدا بىرلا خىل نەرسە : ئۆزىگە نىسبەتەن تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان ئىشەنچ ۋە چوڭقۇر ،ئوتتەك قىزغىن بۇرچ تۇيغۇسى بار ئىدى .

     

         ئۇنىڭ ئاۋىسترىيىدىن كېتىپ قېلىشى ئېھتىمال ئەسكەرلىككە ئېلىنىشتىن قېچىش ئۈچۈن بولسا كېرەك . *    ( 1910 - يىلى 21  ياشقا تولغاندىن كېيىنلا ،ئۇ ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە تېگىشلىك ئىدى ، ھېيدېننىڭ دېيىشىچە گىتلېر ۋېنادىكى چېغىدا ،ئاۋستىرىيە دائىرلىرى ئۇنى تاپالمىغان ،ئاخىر ميۇنخېندىن تېپىۋىلىپ لىنزغا  قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ۋە سالامەتلىكنى تەكشۈرتۈشكە بۇيرۇغان . جوسېف گرېينېر ئۆزىنىڭ «گىتلېر ھەققىدىكى ئەپسانىلەرگە خاتىمە» دېگەن كىتابىدا ،گىتلېرنىڭ ئاۋسترىيە ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن يېزىشقان خەتلىرىنى باسقان.  گىتلېر ئۇ خەتلەردە ئۆزىنىڭ ئاۋسترىيدە ھەربىي خىزمەت ئۆتەشتىن قېچش ئۇچۇن گېرمانىيىگە بارغانلىقىنى ئىنكار قىلغان. ئۇ يول خىراجىتىم ئاز دېگەننى باھانە قىلىپ، ميۇنخىنغا يېقىنراق بولغان سالزبۇرگدا سالامەتلكنى تەكشۈرتۈشنى تەلەپ قىلغان.1914 - يىل 5 - فېۋرالدا شۇ يەردە سالامەتلىكىنى تەكشۈرتكەن. نەتىجىدە سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقتىن ھەربىي خىزمەت، ھەتتاكى قوشۇمچە ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكىمۇ لاياقەتسىز دېگەن ھۆكۈم چىقىرىلغان _ روشەنكى، ئۇ شۇ چاغدا ئۆپكە كېسىلى ئىدى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنى 24 يېشىدا تېپىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ بېرىپ بۇ ئىشنى مەلۇم قىلغان، كېيىچە گېرمانىيدە ئامىتى كېلىشكە باشلىغاندا بۇ ئىش ئۇنى تەبىىئىي ھالدا ناھايىتى بىئارام قىلغان. گرېينېر، مەن بېرلىندىكى چاغدا ناتسىستچىلار ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن مۇنداق بىر رىۋايەتنى يەنى گېرمانىيە قوشۇنلىرى 1938-يىلى ئاۋىستىرىيىنى ئشغال قىلغاندا، گىتلېرنىڭ مەخپىي ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتىشىگە ئائىت ھۈججەتلەرنى ئىزدەشكە بۇيرىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. لىنزدىكى خاتىرىلەر تېپىلمىغاندا _ گىتلېر قاتتىق غەزەپلەنگەن. بۇ ھۈججەتلەرنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر خادىمى يۆتكىۋەتكەن بولۇپ، ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇ بۇ ھۈججەتلەرنى گرېنېرغا كۆرسەتكەن.)    بۇنداق قىلىشى ئۇنىڭ قورقۇنچاقلىقىدىن ئەمەس، بەلكى يەھۇدىيلار، سلاۋيانلار، جۈملىدىن ئىمپېريىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن بىللە ھەربىي خىزمەت ئۆتەشنى خالىمىغانلىقتىن ئىدى. گىتلېر «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتابىدا ئۆزىنىڭ 1912 - يىلى ئەتىيازدا ميۇنخېنغا بارغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بىراق ئۇ بۇ يەردە خاتالاشقان. ساقچى ئىدارىسىنىڭ تىزىم دەپتىرىدە، ۋېنادا ئۇنىڭ 1913 - يىلىنىڭ ماي ئېيىغىچە تۇرغانلىقى ئېنىق يېزىلغان.

           ئۇ ئۆزىنىڭ ئاۋىستىرىيىدىن كېتىپ قېلىشىدىكى سەۋەبىنى خېلىلا كۆپتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:

            مېنىڭ ھابىسبۇرگ دۆلىتىگە بولغان ئىچكى ئۆچمەنلىكىم بارغانسىرى كۈچەيدى...مەن پايتەختتە مىللەتلەر ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان ھادىسىنى كۆردۈم. چېخلار، پولەكلەر، ۋېنگىرلار، رۇمىنىيىلىكلەر، سېربىيىلىكلەر، كروئانلارنىڭ داشقايناقتەك ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى، يەنە ھەممىلا جايدا موگۇغا ئوخشاپ ئۈنۈپ چىققان يەھۇدىيلار _ يەھۇدىيلار، تۈگىمەس يەھۇدىيلار مېنى سەسكەندۈرۋەتتى. بۇ چوڭ شەھەر ماڭا ئىرقىي ئاينىشنىڭ سىمۋولى بولۇپ تۇيۇلدى...مەن بۇ شەھەردە قانچە ئۇزۇن تۇرغانسىرى، يات مىللەتلەرنىڭ داشقايناقلىقىدن شۇنچە سەسكىندىم. چۈنكى بۇ خىل ئارىلاشما نېمىس مەدەنىيىتىنىڭ بۇ قەدىمى ئورنىنى چىرىتىشكە باشلىغانىدى....يۇقىرىقى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، مەن ئۆسمۈر دەۋرىمدىلا يوشۇرۇنچە ئىنتىلگەن ۋە سۆيگەن جايغا بېرىشقا بارغانسىرى تەشنا بولۇشقا باشلىدىم.

          ئۆزى شۇنچىلا سۆيگەن دۆلەتتە ئۆزىنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ ھەرقانچە قىلىپمۇ تەسەۋۋۇر قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەينى چاغلاردا قانۇن جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ تېخى گېرمانىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان چەتئەللىك

    _ ئاۋىستىرىيىلىك بولۇپ، بۇ ئەھۋال تاكى ئۇ باش مىنىستىر بولۇشتىن سەل ئىلگىرىكى ۋاقىتقىچە داۋاملاشقانىدى. گىتلېرنى چۈشىنش ئۈچۈن، ئۇنى ئاۋىستىرىيىلىك دەپ قاراش كېرەك. بۇ ئاۋىستىرىيىلىك ھابىسبۇرگ خاندانلىقى ھالاك بولۇش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئون يىلدا چوڭلار سېپىگە كىرگەن بولۇپ، ئىمپېريىنىڭ مەدەنىي پايتەختىدە يىلتىز تارتالمىغاچقا، ئۇنىڭدا شۇ چاغلاردا نېمىس تىلىدا سۆزلەيدىغان رادىكاللار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بارلىق بىمەنە، بىر تەرەپلىمىلىك كۆز قاراشلار ۋە ئۆچمەنلىك بار ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنتايىن كۆپ ساندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ _ ئۇلارنىڭ چېخلار ياكى يەھۇدىيلار ۋە نېمسىلار بولۇشىدىن، كەمبەغەل ياكى باي بولۇشىدىن، قەتئىنەزەر _ تۈز، سەمىمىي ۋە قەدىرلىك پەزىلىتىنى چۈشىنەلمەيتى. شىمالدىكى ياكى غەربتىكى رېينلاند ياكى شەرقتىكى شەرقىي پرۇسسىيە ياكى ھەتتا جەنۇپتىكى باۋارىيىدىن كەلگەن بىرەر نېمىسنىڭمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى ئېھتىمال بولغان ھەرقانداق كەچۈرمىشى تۈپەيلىدىن ئۆز قېنىدا ۋە ئىدىيىسىدە ئادولف گىتلېرنى ئەڭ ئاخىردا چىققان ئېگىز چوققىغا ئىتتىرىپ چىقارغۇچىلارنىڭكىگە ئوخشاش خىلمۇ خىل ئارىلاشما تەركىبلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ناھايىتى گۇمانلىق . گىتلېردا بۇلاردىن باشقا يەنە مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن تالانت تەركىبلىرىمۇ بار ، ئەلۋەتتە .

     

         لېكىن 1913 - يىل ئەتىيازدا ، ئۇنىڭ تالانتى تېخى ئۆزىنى ئاشكارىلىمىغانىدى ، مىيۇنخېندىمۇ ۋېنادىكىگە ئوخشاشلا ئۇنىڭ چۆنتىكى قۇرۇق ، نە ئۇرۇق -تۇققانلىرى ، نە رەسمى كەسپى يوق ئىدى ، ئارقىدىنلا 1914 - يىل ئەتىيازدا ئۇرۇش پارتلاپ ،ئۇنىمۇ مىليونلىغان كىشىلەر قاتارىدا قوينىغا يۆگەپ ئەكىرىپ كەتتى . 3-ئاۋغۇستا ، ئۇ باۋارىيە كېنەزى لۇدۋىگ 3 كە خەت يېزىپ ، باۋارىيە پىيادە ئەسكەرلەر پولكىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىۋىدى ، نەتىجىدە تەستىقلىنىپ قالدى.

     

           بۇ خۇدا بەرگەن ئامەت ئىدى ، ئەمدى بۇ ياش سەرگەردان ئۆز نەزىرىدىكى ھايات - ماماتلىق كۈرىشىدە ئۆزى سۆيگەن 2 - ۋەتىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنى قاندۇرالىشى مۇمكىن بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى شەخسىي تۇرمۇشتىكى بارلىق كەيىپسىزلىك ۋە خاپىچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى .

     

           _ مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ،_ دەپ يازىدۇ ئۇ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دە. «بۇ گويا مېنى ياشلىق دەۋرىمدىكى گەجگەمدىن بېسىپ تۇرغان غۇربەتچىلىكتىن قۇتقۇزۇپ چىقىش ئىدى ، شۇنى ناھايىتى ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن ئېتىراپ قىلىمەنكى ، مەن قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىمدىن تىزلىنىپ ، تەڭرىنىڭ ماڭا بۇنداق بىر دەۋردە ياشاشتەك بەخىتلىك پۇرسەتنى ئاتا قىلغانلىقىغا چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئەيلىدىم .... مەن ئۈچۈنمۇ ، بارلىق نېمىسلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا ، ئەمدى ھاياتىمدىكى خاتىرلەشكە ئەڭ ئەرزىيدىغان دەۋر باشلانغانىدى . غايەت زور بۇ كۈرەش بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، ئۆتكەندىكىلەرنىڭ ھەممىسى غىل- پال كۆرۈنۈپ ئۆتۈپ كەتكەن تۈتەككە ئوخشاپ قالدى .»

     

           گىتلېر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆتكەنكىلەرنىڭ ھەممىسى _ نامراتچىلىق ، ئىچ پۇشۇقى ۋە كەيىپسزلىكلەرنىڭ ھەممىسى گەرچە كېيىن يەنىلا ئۇنىڭ ئىدىيىسى ۋە خارەكتېرىگە مەڭگۈ تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ _  2-ئورۇنغا چۈشتى . ئەمدى ، مىڭلىغان - مىليونلىغان كىشلەر ئۈچۈن ھالاكەت ئېلىپ كېلىۋاتقان ئۇرۇش بۇ 25 ياشلىق يىگىت ئۈچۈن ھاياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچماقتا ئىدى .

          2  - باب

     

                         ناتىسىستلار پارتىيىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى

     

            1918-يىل 10-نويابىر _ كۈزنىڭ تۇتۇق بىر يەكشەنبە كۈنى . ئادولف گىتلېر چوڭقۇر ئۆچمەنلىكى ۋە ئۈمىدسىزلىكى سەۋەبىدىن ئۆزى مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ رەزىل ۋەقە دەپ ئاتىۋالغان ئىشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقتى. *  («مېنىڭ كۈرەشلىرىم» نىڭ نېمىسچە 1 - نەشىرىدە مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلگەن. لېكىن كېيىنكى نەشىرلىرىدە «ئىنقىلاب» دەپ ئۆزگەرتىلگەن.)   بىر پوپ بېرلىننىڭ شەرقى شىمالىدىكى كىچىك بازار پومېرانىيىگە جايلاشقان پاسېۋالك ھەربىي گوسپىتالغا كېلىپ ،  يارىدار ئەسكەرلەرگە كىشى زادى ئىشىنىپ بولمايدىغان بىر خەۋەرنى ئېلان قىلدى . گىتلېر شۇ چاغدا دەل مۇشۇ گوسپىتالدا دەم ئېلىۋاتقان بولۇپ . بىر ئاي ئىلگىرى  ئىپرېيىستا ئەنگىلىيىنىڭ زەھەرلىك گازىدىن زەھەرلەنگەچكە ئىككى كۆزى ۋاقتىنچە كور بولۇپ قالغانىدى .

     

            پوپ ئۇلارغا شۇ يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن گېرمانىيە پادىشاھىنىڭ تەخىتتىن چۈشۈپ گوللاندىيىگە قېچىپ كەتكەنلىگى ، بىر كۈن ئىلگىرى بېرلىندا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ جاكارلانغانلىقى ،  ئەتە _ 11-نويابردا ، فرانسىيىنىڭ كومپيېگنې شەھىرىدە ئۇرۇش توختىتش كېلىشىمى  ئىمزالىدىغانلىقى ، گېرمانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاچقا ، ئانتانتا دۆلەتلەرنىڭ خالىغانچە ئۇيان - بۇيان قىلىشقا بويسۇنىشى كېرەك ئىكەنلىگىنى ئېيتىپ بەردى . پوپ سۆزلەۋېتىپ ئۆكسۈشكە باشلىدى .

     

           _ مەن چىداپ تۇرالمىدىم ،_  دەيدۇ گىتلېر شۇ چاغدىكى مەنزىرىنى بايان قىلىپ ، _ كۆزلىرىمگە ئۇشتۇمتۇت يەنە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى . مۈدۈرۈپ  ، سىلاپ - سىپىلاپ يۈگۈرۈپ بالنىستنىى تېپىپ قايتىپ كەلدىم - دە  ،ئۆزۈمنى كارۋاتقا تاشلاپ ، قىزىۋاتقان بېشىمنى ئەدىيال ۋە ياستۇقنىڭ ئاستىغا  تىقتىم .....شۇنداق قىلىپ ھەممسى بىكار كېتىپتۇ. قەلبىمىزنى ئۆلۈم ۋەھىمىسى چىرماپ تۇرغاندىمۇ مۇقەددەس بۇرچىمىزنى ئادا قىلىۋىدۇق ... لېكىن  بۇنداق پەيىتلەرنىڭ بارى بىكار كېتىپتۇ ؛ فرونتتا  جان  بەرگەن 2 مىليون قۇربانمۇ بىكار كېتپتۇ... لېكىن ئۇلار مۇشۇنداق  ئاقىۋەت ئۈچۈن قۇربان  بولغانمدى؟...ئەجەبا، بىزنىڭ خىلمۇخىل سەرگۈزەشتىلەرگە بەرداشلىق بېرىشىمىز بىر توپ رەزىل جىنايەتچىلەرنىڭ بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى بوزەك قىلىۋېلشىغا يول قويۇش ئۈچۈنمىدى؟

     

           ئانىسىنىڭ قەبرىسنى يوقلاشقا باشلىغاندىن بۇيان_ ئۆزىنىڭ ئېيتىشچە _ ئۇ تۇنجى قېتىم ھۆركىرەپ يىغلىۋېتىدۇ. «مەن ئۆزۈمنى باسالماي يىغلىۋەتتىم.» شۇ چاغلاردىكى ۋە كېيىنكى مىليونلىغان قېرىنداشلىرىدەك، ئۇمۇ گېرمانىيىنىڭ جەڭ مەيدانىدا مەغلۇپ بولغانلىقى، ئۇرۇشتا ئۇتقۇزۇپ قويغانلىقىدىن ئىبارەت شەپقەتسز، پولاتتەك پاكىتنى قوبۇل قىلالمىغانىدى.

     

           مىليونلىغان نېمسلارغا ئوخشاشلا، گىتلېرمۇ قورقماس، باتۇر ئەسكەر ئىدى. كېيىنچە بەزى سىياسى دۈشمەنلىرى ئۇنىڭغا جەڭدە قورقۇنچاقلىقىنى ئىپادىلىگەن دەپ  ھۇجۇم قىلدى. لېكىن بۇ يەردە شۇنداق بىر ئېغىز  ئادىل گەپ قىلىپ قويۇشقا تېگىشلىككى، ئۇنىڭ توغرىسىدا قالدۇرۇلغان خاتىرىلەردە بۇنداق ھۇجۇمنىڭ ئاساسى بارلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغان قىلچىلىكمۇ دەلىل يوق. ئۇ ئۈچ ئايغا يەتمەيدىغان مەشىقنى باشتىن كەچۈرۈپلا، 1914-يىل 10-ئايدا ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، باۋارىيە زاپاس پىيادە ئەسكەررلىرىنىڭ 16-پولك 1- باتالىئونىدا يارلىقچى ئەسكەر بولغان.1- قېتىملىق ئىپرېيس ئوپىراتسىيىدە ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى  گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئىنگلىز دېڭىزى بوغۇزىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى توسۇۋالىدۇ. شۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيىنىڭ تۆت كۈنلۇك شىددەتلىك جېڭىدە، گىتلېر تۇرغان قىسىم ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرايدۇ. گىتلېرنىڭ ميۇنخېندىكى ئۆي خوجايىنى بولمىش پوپې ئىسىملىك سەيپۇڭغا يازغان خېتىدىن قارىغاندا، تۆت كۈنلۈك شىددەتلك جەڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پولكىدىكى جەمئىي 3500 ئادەمدىن ئاران ئالتە يۈزى، ئوفىتسىرلاردىن ئاران ئوتتۇزىلا قالغان، تۆت روتىنىڭ نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋېتىشكە مەجبۇر بولۇشقان.

            ئۇرۇشتا ئۇ جەمئىي ئىككى قېتىم يارىلىنىدۇ، بىرىنچى قېتىم 1916 - يىل 7 - ئۆكتەبردە سوممې ئوپېراتسىيىسىدە پۇتى يارىلىنىدۇ. گېرمانىيىدە داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن، 1917 - يىل مارتتا مەزكۇر پولكنىڭ سابىق پولك كوماندىرىنىڭ نامى بېرىلگەن لىست پولكىغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ يېفرېيتورلۇققا ئۆستۈرۈلۈپ بولغانىدى. شۇ يىلى يازدا، ئۇ ئارراس ئوپېراتسىيىسىگە ۋە 3 - قېتىملىق ئىپرېيىس ئوپېراتسىيىسىگە قاتنىشىدۇ. 1918 - يىل ئەتىياز ۋە يازدىكى گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمىدا، ئۇلارنىڭ پولكى جەڭ ئەڭ كەسكىن كېتىۋاتقان جايدا پەيدا بولدى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئىپرېيس ئوپېرتسىيىسىدە 13 - ئۆكتەبر كۈچقۇرۇنلىقى ئەنگىلىيە قوشۇنلىرى ۋارۋىكنىڭ جەنۇبىدىكى بىر چوققىغا شىددەت بىلەن زەھەرلىك گاز چاچقاندا، ئۇ زەھەرلىنىدۇ. «مەن مۈدۈرۈپ - قوپۇپ يۈرۈپ قايتىپ كەلدىم، كۆزلىرىم ئېچىشىپ ئاغرىيتى» دەپ بايان قىلىدۇ ئۇ، «يېنىمدا مەن يەتكۈزۈشكە تېگىشلىك ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە ئۇرۇش ئەھۋالى دوكلاتى بار ئىدى. بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن كۆزلىرىم گويا قىپقىزىل كۆمۈر چوغىدەك قىزىپ، ئەتراپىمنى قاراڭغۇچىلىق بېسىپ كەتتى.»

            ئۇ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىككى قېتىم مېدالغا ئېرىشىدۇ. 1914 - يىل دېكابردا بىر دانە 2- دەرىجىلىك تۆمۈر كرېسىتلىق مېدالغا، 1918 - يىل ئاۋغۇستتا يەنە سابىق ئىمپېرىيە قوشۇنلىرىدا ئادەتتىكى ئەسكەرلەرگە ناھايىتى ئاز بېرىلىدىغان بىر دانە 1 - دەرىجىلىك تۆمۈر كرېستلىق مېدالغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ پولكداش بىر سەپدىشى ئۇ 15 نەپەر ئەنگىلىيە ئەسكىرىنى يالغۇر ئەسىرگە ئالغانلىقى ئۈچۈن كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان ئاشۇ مېدالغا ئېرشكەن دېسە، يەنە بىر  سەپدىشى  فرانسىيە ئەسكەرلىرىنى ئەسىرگە ئالغان  دەيدۇ. لىست پولكىنىڭ رەسمىي تارىخىدا بۇنداق تۆھپە توغرىسىدا ھېچنمە ئېيتىلمىغان. مېدالغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ شەخسىي نەتىجىلىرى تىلغا ئېلىنمىغان. مەيلى قانداق سەۋەب بىلەن بولمىسۇن، يېفرېيتور گىتلېرنىڭ بىر دانە 1 - دەرىجىلىك تۆمۈر كىرېستلىق مېدالغا ئېرىشكەنلىكى شەك - شۈبھىسىز ئىدى. ئۇ تا ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر شۇ مېدالنى ئىپتىخار بىلەن تاقاپ يۈرگەن.

            ھالبۇكى، جەڭچى سۈپىتىدە قارىغاندا، ئۇ يەنىلا بىر غەلىتە ئادەم ئىدى دېيىشىدۇ ئۇنىڭ خېلى كۆپ سەپداشلىرى. ئۇنىڭغا باشقا جەڭچىلەرگە ئوخشاش ھېچقاچان ئارقا سەپتىن خەت - چەك ۋە سوۋغا - سالام كېلىپ باقمىغان. ئۇ ئەزەلدىن دەم ئېلىشنىمۇ تەلەپ قىلمايتى. ھەتتاكى ئۇنىڭدا ئادەتتىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئاياللارغا بولىدىغان ھېرىسمەنلىكىمۇ يوق ئىدى. ئەڭ باتۇر ھەربىيمۇ زارلىنىشتىن خالىي بولالمايدىغان فرونتتىكى پاسكىنىچىلىق، پىتلاپ كېتىش، پاتقاقچىلىق ۋە سېسىقچىلىقلاردىن ئۇ ھېچقاچان داتلىنىپ پەرياد ئوقۇمىغان. ئۇ ئۇرۇشنىڭ مەنپەتىگە ۋە گېرمانيىنىڭ ئېنىق بۇرچىغا باشتىن- ئاخىز ئىنتايىن ئەستايىدىل بولۇپ كەلگەن قىزغىن جەڭچى ئىدى.

            «ھەممىمىز ئۇنى قاغايتۇق. ئۇنىڭغا چىداپ تۇرۇشقا بولمايدۇ دەپ قارايتتۇق » دەيدۇ ئۇ تۇرغان روتىدىكى بىر جەڭچى، كېيىنچە ئۇنى ئەسلىگىنىدە، «ھەممەيلەن ئۇرۇشنى قاغىغىلى تۇرغاندا،  ئارىمىزدىكى بۇ توقۇناق قاغا بىزنىڭ قاغاشلىرىمىزغا قوشۇلمايتى.» يەنە بىرى مۇنداق دەيدۇ:«ئۇ ئاشخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا بېشىنى چاڭگاللاپ جىمجىت خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى ۋە ئۇشتۇمتۇت ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا ئۇياندىن - بۇيانغا مېڭىپ، بىزنىڭ زەمبىرەكلىرىمىز بولغىنى بىلەنمۇ يەنىلا غەلىبە قازىنالمايۋاتىمىز، چۈنكى گېرمانىيە خەلقىنىڭ غايىبانە دۈشمىنى دۈشمەنلەرنىڭ ئەڭ چوڭ زەمبىرەكلىرىدىنمۇ خەۋپلىك دەيتتى.» ئارقىدىنلا ئۇ ئاشۇ «غايىبانە دۈشمەن» بولمىش يەھۇدىيلار بىلەن ماركىسىزىمچىلارغا زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلاتتى. ئۇ ۋېنادا ئۇلارنىڭ ھەممە يامانلىقلارنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغان ئەمەسمۇ؟

            دەرھەق، ئۇ ئۇرۇش ۋاقتىدا پۇتىنى داۋالاتقاندا گېرمانىيىنىڭ ئۆزىدە مۇشۇ نۇقتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەمەسمىدى؟ ئۇ بېرلىننىڭ يېنىدىكى پىلىزدا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، پايتەختكە بېرىپ تاماشا قىلىدۇ. ئاندىن يەنە ميۇنخېنغا بارىدۇ. ئۇ بارغانلا يېرىدە «مۇتتەھەم خۇمپەر» لەرنىڭ ئۇرۇشنى قاغاپ، ئۇنىڭ بالدۇرراق ئاياغلىشىشنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. لايغەزەللىك قىلغۇچىلار ھەممە جاينى قاپلاپ كەتكەنىدى. ئۇلار يەھۇدىيلاردىن باشقا يەنە كىم بولاتتى؟ « ئىشخانىلار يەھۇدىيلارغا توشۇپ كەتكەن، ئىش بېجىرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يەھۇدىيلار ئىدى. ھەر بىر يەھۇدىي ئىش بېجىرگۈچى بولۇۋالغان...1916 - 1917 - يىللىرىدا ئىشلەپچىقىرش خىزمەتلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك يەھۇدىيلارنىڭ مالىيە كونتىروللۇقى ئاسىتىدا قالغان..يەھۇدىيلار پۈتكۈل دۆلەتنى تالان - تاراج قىلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغانىدى...مەن بالايىئاپەتلەرنىڭ بېشىمىزغا يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنى قورقۇنچ ئىچىدە كۆردۈم....» ئۇ ئۆزى كۆرگەن ئەھۋاللارغا چىداپ تۇرالماي، ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالدىنقى سەپكە قايتىپ كېتىشىدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ كېتىدۇ.

             1918 - يىل نويابردا قەدىردان ۋەتىنى بالايىئاپەتكە ئۇچرىغاندا، ئۇ تېخىمۇ چىدىيالمايدۇ. بارلىق نېمىسلارنىڭكىگە ئوخشاش،ئۇنىڭ نەزىرىدىمۇ بۇ ئاپەت «ئىنتايىن بىمەنە» ۋە بىكاردىن - بىكارغا بولغانىدى. گېرمانىيە ئارمىيسى ھەرگىز جەڭ مەيدانىدا مەغلۇپ قىلىنغان بولماستىن، دۆلەت ئىچىدىكى ۋەتەن ساتقۇچلار ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يوشۇرۇن خەنجەر ئۇرغانىدى.

            شۇنىڭ بىلەن، گىتلېردىمۇ نۇرغۇن نېمىسلارغا ئوخشاش «ئارقىسىدىن يوشۇرۇن خەنجەر ئۇرۇلغان» دېگەن رىۋايەتكە نىسپەتەن خۇدىنى يوقاتقان بىر خىل ئېتىقاد ئاستا - ئاستا شەكىللىنىدۇ. بۇ رىۋايەت كېيىن ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق سېلىش ۋە گىتلېرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسى ئۈچۈن يول ئېچىش جەھەتلىرىدە باشقا ھەرقانداق ئىشىنمۇ زور رول ئوينىدى. ئۇ رىۋايەت تامامەن توقۇلما ئىدى. باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئەمەلىي باشلىقى گېنېرال لۇدېندورف 1918 - يىل 28 - سېنتەبردە ئۇرۇشنى «دەرھال» توختىتىشنى قەتئىي تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ پەخرىي باشلىقى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى مارشالى فوق ھىندېنبۇرگ ئۇنىڭ تەشەببۇسىنى قوللىغان. 2- ئۆكتەبر كۈنى بېرلىندا گېرمانىيە پادىشاھى ۋىليام 2 نىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوردا يىغىنىدا، ھىندېنبۇرگ  باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى قەيت قىلغان. ئۇ: «ئارمىيە يەنە 48 سائەت ساقلاپ تۇرالمايدۇ» دېگەنىدى. ھىندېنبۇرگ شۇ كۈنى يازغان بىر خېتىدە كەسكىن تۈردە، ھەربىي ۋەزىيەت «جەڭنى دەرھال توختىتىش» نى تەلەپ قىلىدۇ دەپ بايان قىلغان بولۇپ، «ئارقىسىدىن يوشۇرۇن خەنجەر ئۇرۇلغان» دېگەن گەپنى ئەسلى  تىلغا ئالمىغان. گېرمانىيىنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئۇرۇش قەھرىمانىنىڭ ھېلىقى رىۋايەتكە ئىشىنىشى بولسا كېيىنكى ئىش. ئۇرۇش تۈگەپ بىر يىلىدىن كېيىن، 1919 - يىل 18 - نويابردا ئېچىلغان دۆلەت پارلامېنتى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بىر قېتىمىلىق يىغىنىدا، ھىندېنبۇرگ «ئەنگىلىيىلىك بىر گېنېرال < گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئارقىسىدىن يوشۇرۇن خەنجەر ئۇرۇلغان> دەپ ناھايىتى دۇرۇس ئېيتتى » دېگەننى جاكارلىدى.٭ *   ( بۇ گەپنى ئەنگىلىيىلىك بىر گېنېرالنىڭ ئاغزىدىن چىقتى دېيىش ئەمەلىيەتكە ئازراقمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ۋېلېر - بېننېتنىڭ «ياغاچتىن ياسالغان گېگانت ئادەم ھىندېنبۇرگ» («Wooden Titan : Hindenburg ») دېگەن كىتابىدا، قىزىقى شۇنىڭدىكى، ئەنگىلىيىلىك ئىككى گېنېرال ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئاساسسىز رىۋايەتنىڭ داۋاملىق تارقىلىشىغا ئىمكانىيەت بېرىدىغان ئىشنى تاسادىپەن قىلىپ قويغان، دەپ چۈشەنچە بېرىدۇ. «بۇ گېنېراللارنىڭ بىرى گېنېرال مايور، سىر فرېدرىك مورىس بولۇپ، ئەنزارچىلار ئۇنىڭ 1919 - يىلى نەشر قىلىنغان <ئەڭ ئاخىرقى تۆت ئاي> («The Last Four Months») دېگەن كىتابى توغرۇلۇق گېزىتلەردە ساختا گەپلەرنى تارقىتىپ، بۇنىڭدىن گېرمانىيە قوشۇنلىرىنىڭ جەڭ مەيدانىدا مەغلۇپ بولغان بولماستىن، بەلكى ئىچكى جەھەتتە سوتسىيالىستلار پارتىيسى تەرىپىدىن سېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا پايدىلىنىشتى.» بۇ گېنېرال گېرمانىيە گېزىتلىرىنىڭ بۇ خىل چۈشەنچىسىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ. لۇدېندورف بۇ ئەنزارلاردىن پايدىلىنىپ ھىندېنبۇرگنى قايىل قىلىدۇ. ۋېلېر - بېننېتنىڭ دېيىشىچە، « يەنە بىر ئوفىتسېر ئەنگىلىيىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى گېنېرال مايور مالكولم ئىكەن. لۇدېندورف  بىر كۈنى كەچتە بۇ گېنېرال بىلەن  بىللە غىزالىنىۋېتىپ، ئادەتتىكىگە ئوخشاش مۇبالىغە ئاھاڭىدا باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھىمايىسىگە ھامان ئېرىشەلمەي كەلگەنلىكىنى، ئىنقىلابنىڭ  ئارمىيىنى سېتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان. لۇدېندورفنىڭ ئەزمە گەپلىرىدىكى مەنىنى بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئۇقۇۋېلىش ئۈچۈن ،مالكولم ئۇنىڭدىن: <گېنېرال، سىز ئارقىمىزدىن يوشۇرۇن  خەنجەر ئۇرۇشتى دېمەكچىمۇ؟> دەپ سورىغان. لۇدېندورف كۆزلىرى نۇرلىنىپ، خۇددى ئاچ ئىت سۆڭەككە تاشلانغاندەك ، بۇ گەپكە چىڭ ئېسىلىۋالغان. <ئارقىمىزدىن يوشۇرۇن خەنجەر ئۇرۇشتى؟> دەپ تەكرارلىغان ئۇ،_ <دۇرۇس، دەل شۇنداق بولغان، ئارقىمىزدىن خەنجەر ئۇرۇشتى.>»)

            ئەمەلىيەتتە، بادېندىكى شاھزادە ماركس رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت لۇدېندورفنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدىكى تەلىپىگە قارىماي، ئۇرۇشنى بىرنەچچە ھەپتىگىچە داۋاملاشتۇرغان. چۈنكى سېنتەبرنىڭ ئاخىردىن ئىلگىرى، باش قوماندانلىق شىتابى ناچارلىشىۋاتقان ھەربىي ۋەزىيەتنى ھۆكۈمەتكە ئېيتمىغانىدى. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئارىلىقىدا گېرمانىيىدە بولغان كىشىلەرلا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان بۇ رىۋايەتكە گېرمانىيە خەلقىدىكى ئىشىنىشنىڭ ئومۇملىشىش دەرىجىسىنى بىلەلەيدۇ  ، بۇ رىۋايەتنىڭ يالغانلىقىنى پاش قىلىۋېتەلەيدىغان پاكىتلار تولۇپ ياتسىمۇ ، ئوڭچى نېمىسلار ئۇنىڭغا ئېتىبار قىلىشنى خالاشمىدى ، ئۇلار خەلقنىڭ قەلبىگە گىتلېر چوڭقۇر سىڭدۈرۋەتكەن «نويابىر جىنايەتچىلىرى» جىنايەتكار دېگەن سۆزنى توۋلاشتىن زادى توختىمىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە گېرمانىيە ھەربىي تەرەپنىڭ مۇغەمبەرلىك ۋە قورقۇنچاقلىق بىلەن جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى ئالداپ ھەربىي رەھبەرلەر قەتئىي تەشەببۇس قىلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قول قويغۇزۇۋالغانلىقى ،كېيىن يەنە ھۆكۈمەتنى ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىنى قوبۇل قىلىشقا دەۋەت قىلغانلىقىدەك پاكىتلارنىڭ كارايىتى يوق ئىدى ،سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ 1918- يىلى ھاكىمىيەتنى ئىنتايىن زورمۇ زور تۈردە ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى ،بەلكى تامامەن مەملىكەتنى ساقلاپ قېلىش ئۇنى بولشېۋىزىمغا ئېلىپ بارىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى قالايمىقان ھالەتكە پاتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈنلا شۇنداق قىلغانلىقىمۇ گويا مۇھىم ئەمەس ئىدى .گېرمانىيىنىڭ گۇمران بولۇشى سوتسىيال - دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن بولماستىن ،بەلكى جاۋاپكارلىق پۈتۈنلەي ھاكىمىيەتنى ئىگىلەپ تۇرغان كونا تەرتىپتە ئىدى. *    (پەقەت ئاز ساندىكى گېنېراللار شۇنداق دېيىشكە جۈرئەت قىلىشتى، 1924-يىل 23-ئاۋغۇستا ، «فرانكفورت گېزىتى» دە بارون گېنرال فونشۇناھنىڭ گېرمانىيىنىڭ مەغلۇپ بولۇش سەۋەپلىرى تەھلىل قىلىنغان بىر ماقالىسى بېسىلدى .ئاپتۇر مۇنداق «ساقلانۈىلى بولمايدىغان يەكۈن »نى چىقارغان: «دۆلىتىمىزنىڭ ھالاك بۇلىشىدىكى سەۋەپ دۆلىتىمىزدىكى ھەربىي دائىرلەرنىڭ ئورنىنىڭ خەلىق ئىشلىرى دائىرلىرىنىڭ ئورنىدىن ئېشىپ كەتكەنلىگىدە ... ئەمىلىيەتتە ، بۇ گېرمانىيە مىلتارىزمىنىڭ ئۆزىگە ئۈلۈم يولىنى ئىزدىگەنلىكى ئىدى .»[تېلفورد تەيلور «خەنجەر ۋە    » (                                            )دېگەن كىتاپنىڭ 16-بېتىدە مۇشۇ بىر ئابزاس سۆزنى نەقىل كەلتۈرگەن .]

     

    لېكىن مىليۇنلىغان نېمىسلار بۇ نوقتىنى ئىتراپ قىلىشنى خالىمايتتى ، ئۇلار ئۇرۇشتىكى مەغلۇبىيىتى ، ئۆزلىرىنىڭ خورلىقى ۋە ئېچىنىشلىق ھالى ئۈچۈن قۇربانلىق قوي ئىزدەشتى ، ئۇلار قۇربانلىق قوينىڭ تەسلىم بۇلۇش شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان ۋە دىمەۇراتىك ھۆكۈمەت قۇرغان ھەمدە ئەسلىدىكى ئىستىبداتلىق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان « نويابىر جىنايەتچىلىرى » ئىكەنلىكىگە ئكزلىرىنى ئاسانلا ئىشەندۈرۈپ قۇيۇشتى ، نېمىسلارنىڭ ئاسانلا ئالدىنىپ كىتىدىغانلىقى - ەىتلېر «مىنىڭ كۆرەشلىرىم » دە دائىم تىلغا ئالىدىغان مەسىللەرنىڭ بىرى . ئۇ ئۇزۇن ئكتمەي بۇ نوقتىدىن تۇلۇق پايدىلاندى .

     

    1918-يىل 10-نويابىر ئاخشىمى ، ھېلىقى پوپ پاسىۋالكتىن ئايرىلغاندىن كىيىنلا ، ئادولىف گىتلېر« قورقۇنچلىق كۈنلەرنى ، ھەتتاكى تېىخمۇ قورقۇنچلىق تۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى » .«مەن بىلەتتىم -دەيدۇ .ۇ ،-ھەممە نەرسە تۈگەشكەنىدى ، پەقەت ئالدامچى ، ئەخمەق ،جىنايەتچىلەرلا دۈشمەنلەردىن شەپقەت تىلەيدۇ ،ئاشۇ تۈنلەردە ، قەلبىمدە ئكچمەنلىك ،مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلۈان كىشىلەرگە بولغان ئۆچمەنلىك قوزغالدى .... رەزىل چۈشكۈن جىنايەتچىلەر " مۇشۇ پەيتتە شۇ بىمەنە ئىشنى قانچىلىك ئورۇنلاشتۇرغۇم كەلگنسىرى ، شۇنچىلىك غەزەپلىنەتتىم ۋە نۇمۇس قىلاتتىم ، بۇنداق ئېچىنىشلىق ئەھۋال بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، كۈھۈمنىڭ ئاغرىقى ھېچنىمىگە ئەرزىمەيتتى .»

     

    شۇنداق قىلىپ ، «ئۆز ئىستىقبالىمنى ئاقىۋەت ئىنىق كۈرىۋالدىم . مەن سىياسىغا قاتنىشىشنى قارار قىلدىم .»

     

    نەتىجىدە بۇ قارارنىڭ گتلېر ئۈچۈنلا ئەمەس ، بەلكى پۈتكۈل دۇنيا ئۈچۈنمۇ تەقدىرنى ھەل قىلغۇچى قارار ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى .

    分享到: