• 3.ئېمپىريىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى(5.قىسىم)

    2009-05-20

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39664833.html

      ئەلۋەتتە _ مەنمۇ زور مىقداردا «كىتاب ئوقۇغان» بەزى كىشىلەرنى تونۇيمەن ....لېكىن ئۇلارنى ھەرگىز «بىلىملىك» سانىمايمەن .دۇرۇس، ئۇلارنىڭ «بىلىمى» جىق، لېكىن ئۇلارنىڭ كاللىسى ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان بىلىملەرنى تەشكىللىيەلمەيدۇ ۋە رەتكە سالالمايدۇ ......يەنە بىر تەرەپتىن ،توغرا كىتاب ئوقۇش سەنئىتىنى ئىگىلىگەن ئادەم .....تۇغما سەزگۈ بويىچە ،ئۆزى قايسى نەرسىلەرنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ قېلىشقا ئەرزىيدۇ ،دەپ قارايدىغانلىقىنى ،بۇ نەرسىلەرنىڭ ياكى ئۆز ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىش ۋە ياكى ئادەتتە بىلىپ قويۇشقىلا ئەرزىيدىغانلىقىنى شۇ زامان پەرق قىلالايدۇ .....كىتاب ئوقۇش سەنئىتى ،بىلىم ئېلىش سەنئىتى ....شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ مېغىزىنى ئېلىشتۇر*  (تەكىتلەش بەلگىىسى گىتلېر تەرىپىدىن قويۇلغان)  ....پەقەت مۇشۇنداق كىتاب ئوقۇشلا ئەھمىيەتلىك ،مەقسەتلىك بولىدۇ .....بۇنىڭدىن ۋىنادا ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىمنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ،ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .

     قانداق قىممەتكە ئىگە ئىدى؟ بۇ سوئالغا گىتلېرنىڭ بەرگەن جاۋابى مۇنداق : ئۇ كىتاب ئوقۇش ،ۋېنادىكى كەمبەغەللەر ئارىسىدا ياشاش ئارقىلىق كېيىنكى كۈنلەردە بىلىش ھاجەتلىك بولغان جىمىكى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغان .

     

             ۋېنا _ ئۆتمۈشتە ، بەلكى ھېلھەم يەنىلا مېنىڭ ھاياتىمدىكى شارائىتى ئەڭ جاپالىق مەكتەب بولسىمۇ ، مەن بۇ شەھەرگە قەدەم قويغىنىمدا تېخى بىر بالا بولسام ،ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندا چوڭ ئادەم بولۇپ قالغانىدىم ،خارەكتېرىممۇ تەمكىن ،جىددى بولۇپ ئۆزگەرگەن ئىدى. ئاشۇ دەۋردە، مېنىڭدە بىر خىل دۇنيا قاراش، ھايات پەلسەپىسى شەكىللەنگەن بولۇپ ،كىيىنكى كۈنلەردە ئۇ بارلىق ھەركەتلىرىمنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىغا ئايلىنىپ قالدى، شۇ چاغلاردا سېلىۋالغان ئاساسلىرىمدىن باشقا، كېيىنچە قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە كەمدىن - كەم ھاجىتىم چۈشتى، بىر نەرسىلەرنى ئۆزگەرتىپ يۈرۈشمۇ بىھاجەت بولۇپ قالدى .

     

          ئۇنداقتا، ئۆزىگە كېلىشتۈرۈپ زەربە بېرىشتە سېخىي بولغان ۋېنادىن ئىبارەت بۇ مەكتەپتە ئۇ زادى نېمىلەرنى ئۆگەنگەن ؟ ئۇ يەردىكى سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئوقۇغان كىتابلىرىدىن زادى قانداق ئىدىيىلەرنى ئۆگەنگەن ؟ ئۇنىڭ ئۆز سۆزى بويىچە ئېيتقاندا ، شۇ ئىدىيىلەر تاكى ئاداققىچە ئاساسەن ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان پېتى  ساقلانغان، ئۇ ئىدىيىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قۇرۇق ۋە چىرىك ئىدىيىلەر بولۇپ،  بەزىدە بىمەنە ھەم كۈلكىلىك بولۇپمۇ چىقاتتى، شۇنداقلا قوپال، بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايتتى. ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئازراق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولسىلا ،بۇ نۇقتا ناھايىتى ئايدىڭ بولۇپ قالىدۇ .لېكىن ئوىشاشلا ئايدىڭ نەرسە شۇكى ،بۇ ئىدىيىلەر ،خۇددى دۇنياغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايتى مۇھىم بولۇپ ئۆتكىنىگە ئوخشاش ،مۇشۇ تارىخ ئۈچۈنمۇ ناھايتى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ  .چۈنكى بۇ ئىدىيىلەر تالىپ مىجەزلىك بۇ سەرگەردان ئۇزاققا بارمايلا قۇرىدىغان 3 - ئىمپېرىيىنىڭ ئاساسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان .

     

    ئادولف گىتلېرنىڭ بىخ ھالەتتىكى ئىدىيىسى

     

           بىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، بۇ ئىدىيىلەرنىڭ ھېچقايسىسى مۇستەقىل ئىجادىي قاراش بولماستىن، بەلكى ھەممىسى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئاۋىستىرىيىدىكى سىياسىي ۋە تۇرمۇشنىڭ كۈۋەجەپ تۇرغان قايناملىرى ئىچىدىن ئۆز پېتىچە تېرىپ كېلىنگەن بىر نېمىلەردىن ئىبارەت. دوناي دەرياسى بويىدىكى بۇ ئىمپېرىيە ئەينى ۋاقىتتا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلىدىن سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ھالەتتە ئىدى. بىر قانچە ئەسىردىن بېرى، نوپۇس جەھەتتە ئاز سانلىق ئورۇننى ئىگىلەپ تۇرغان ئاۋىستىرىيىلىك نېمىسلار ئون نەچچە مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تىللىق ئىمپېرىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ تىلى ھەم مەدەنىيىتىنى ئۇنىڭغا زورلۇق بىلەن تېڭىپ كەلمەكتە ئىدى .لېكىن 1848 - يىلدىن بۇيان ،ئۇلارنىڭ كونتروللۇق ئورنى ئاجىزلىشىشقا باشلىدى .ئاۋىستىرىيە پېچ بولالمىغاچقا ،ئۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلالمىدى . 19 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا، ئىتالىيانلار بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتتى. 1867 - يىلى ۋېنگرلار قوش مۇنارخىيە تۈزۈمى ئارقىسىدا نېمىسلار بىلەن تەڭ باراۋەر ئورۇنغا ئېرىشىۋالدى.  20 - ئەسىر باشلانغان ھازىرقى پەيىتتە، سلاۋيان مىللەتلىرى _ چېخلار، سلوۋاكلار، سېربىيىلىكلەر، كروئاتلار قاتارلىقلار _ نىڭ ھەممىسى تەڭ - باراۋەر مۇئامىلىنى ھەمدە ھېچ بولمىغاندا مىللەتلەرنىڭ ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەسكىن تالاشلىرى ئاۋسترىيىدىكى سىياسىي كۈرەشلەرنىڭ مەركىزى مەسىلىسىگە ئايلىنىپ قالدى.

     

           بۇنىڭدىن باشقا ئىجتىمائىي داۋالغۇشلارمۇ مەۋجۇت بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئۇ مىللىي توقۇنۇشلارنى يوشۇرۇپ تۇراتتى. سايلام ھوقوقى يوق تۆۋەن قاتلامدىكى سىنىپلار سايلام ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇشنى تەلەپ قىلىشاتتى. ئىشچىلار مائاشلىرىنى كۆپەيتىش ۋە خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىك سىياسي نىشانىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ھەم ئىش تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى قەتئىي تەلەپ قىلىشاتتى. كېينكى ئەمەلىيەتلەرمۇ خۇددى شۇنداق بولدى. بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، يېشىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئومۇميۈزلۈك سايلام ھوقوقىغا ئىرىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئاۋىستىرىيىلىك نېمىسلارنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغىمۇ خاتىمە بېرىلدى. چۈنكى ئۇلار ئاۋىستىرىيە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاۋىستىرىيىدىن ئىبارەت بۇ يېرىمىدىكى نوپۇسىنىڭ ئاران ئۈچتىن بىرىنىلا تەشكىل قىلاتتى.

     

           لىنزدىن كەلگەن ئاۋىستىيىلىك ئەسەبىي نېمىس مىللەتچىسى ياش گىتلېر بۇ ئەھۋالغا قەتئىي قارشى ئىدى. ئۇ ئىمپېرىيە «خەتەرلىك پاتقاق»قا پېتىپ كېتىۋاتىدۇ. نېمىسلاردىن ئىبارەت ھۆكۈمران ئىرق ئەسلىدىكى مۇتلەق نوپۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىلا، ئىمپېرىيىنى قۇتقۇزۇۋالالايدۇ. غەيرىي نېمىسلار، بولۇپمۇ سلاۋيانلار، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى چېخلار _ تېگى پەس مىللەت، نېمىسلار ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىشى شەرت. پارلامېنت بىكار قىلىنىشى، دېموكراتىيە دەپ ئاتالغان «بېشەملىكلەر »نىڭ ھەممىسىگە خاتىمە بېرىلىشى شەرت دەپ قارايتتى .

     

           گىتلېر سىياسىيغا ئارىلاشمىغىنى بىلەن ،ئاۋىستىرىيىدىكى سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ،خىرىستىئان دېموكراتلار پارتىيسى، پان نېمىس مىللىي پارتىيسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ پارتىينىڭ پائالىيەتلىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ دىققەت قىلماقتا ئىدى. سىياسىي جەھەتتىكى بىر تۈرلۈك مۇغەمبەر كۆز قاراش سەدىقە ئۇماچخانىلىرىنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن بۇ دائىملىق مېھمىنىنىڭ يۈرىكىدە بىخ سۈرۈشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ ئۇنى ئەينى زاماندىكى ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ قۇدرىتى ۋە ئاجىزلىقلىرىنى ئىنتايىن ئېنىق كۆرەلەيدىغان قىلىپ قويدى. شۇنداقلا پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، گېرمانىينىڭ 1 - نومۇرلۇق قارا نىيەتچىسىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى.

     

           سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن بىر ئارىلىشىپلا، ئۇنىڭدا مەزكۇر پارتىيىگە قاتتىق ئۆچمەنلىك قوزغالدى. «مېنى ئىنتايىن نەپرەتلەندۈرگىنى» دەيدۇ ئۇ : «ئۇنىڭ نېمىس مەسلىكىنى قوغداش كۈرىشىگە دۈشمەنلىك پوزىتسىيە تۇتۇپ، سلاۋيان <يولداشلىرىغا> ئۇيالماستىن يالاقچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىدى... بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا مەن باشقىچە ئەھۋال ئاستىدا نەچچە ئونلىغان يىلدا ئاران ئېرىشىش مۇمكىن بولىدىغان نەرسىلەرگە ئېرىشتىم؛ ئىجتىمائىي گۈزەل ئەخلاق ۋە قېرىنداشلارچە دوستلۇق قىياپىتىگە كىرىۋالغان زەھەرلىك پاھىشىنىڭ تېگى-تەكتىنى كۆرۈۋالدىم»*  («مېنىڭ كۈرەشلىرىم»دېگەن كىتابىنىڭ 2 - نەشىرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەشىرلىرىدە «زەھەرلىك پاھىشە» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا «زەھەرلىك كېسەللىك» دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن.) 

     لېكىن ئۇ بۇ چاغلاردا خېلىلا ئەقىللىق بولۇپ كەتكەچكە، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيسىنىڭ ئامما ئارىسىدا  مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، بۇ ئىشچىلار پارتىيىسىگە بولغان ئۆزىدىكى ياقتۇرماسلىقننى تىزگىنلىشى كېرەكلىگىنى بىلەتتى .ئاخىردا ئۇ ئۇلارنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىدا بىر قانچە سەۋەپ بار دەپ قاراپ ،بۇ سەۋەپلەرنى ئېسىدە چىڭ ساقلىدى ،كېيىنچە شۇلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ گېرمانىيە دۆلەت سوتسىيالىستلار  پارتىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى .

     

          بىر كۈنى ، _ دەپ يازىدۇ ئۇ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتابىدا ، _ مەن ۋېنادىكى ئىشچىلارنىڭ ئاممىۋى نامايىش ئۆتكۈزۈشىنى كۆردۈم ،«ئادەملەر توپىدىن شەكىللەنگەن ئاجايىپ زور ئەجدىھانىڭ ئاستا -ئاستا كېتىۋاتقانلىقىغا نەپەس ئالماي تىكىلىپ قاراپ قالدىم . ئالاھەزەل ئىككى سائەت دېگۈدەك داۋاملاشتى بولغاي . ئەڭ ئاخىرىدا مەن ئۇ يەردىن ئايرىلىپ ، ئاستا قەدەمدە ئۆيۈمگە قايتىپ كەلگەندە ، كۆڭلۈمگە ئەنسىز خىيال چۈشتى».

     

          ئۆيگە قايىتقاندىن كېيىن ، ئۇ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ گېزىت - ژۇرناللىرىنى ئوقۇشقا باشلىدى . مەزكۇر پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ نۇتۇقلىرىنى تەھلىل قىلدى ، ئۇنىڭ تەشكىللىنىشىنى تەتقىق قىلدى ،پىسخولوگىيىلىك ھەم سىياسىي ۋاستىلىرى ئۈستىدە باش قاتۇردى ، نەتىجىلىرىنى مۆلچەرلەپ كۆردى . ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتىكى ئۈچ سەۋەپنى تېپىپ چىقتى : ئۇلار ئاممىۋى ھەركەتنى قانداق بەرپا قىلىشنى بىلىدۇ ، ھەر قانداق پارتىيە ئاممىۋى ھەركەتسىز كارغا يارىمايدۇ ؛ ئۇلار ئامما ئارىسىدا تەشۋىقات يۈرگۈزۈش سەنئىتىنى ئىگىلىگەن ؛ ئەڭ ئاخىرقى بىر نۇقتا شۇكى ، ئۇلار گىتلېر ئېيتقان «روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى تېرورلۇق» تىن پايدىلىنىشنىڭ قىممىتىنى بىلىدۇ .

     

          بۇنىڭدىكى 3 - ساۋاق _ گەرچە ئۆزىنىڭ خاتا كۆزىتىشلىرىنى ئاساس قىلغانلىقى ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ زور مىقداردىكى بىر تەرەپلىمە تار كۆز قاراشلىرىنى ئارىلاشتۇرۋەتكەنلىكى جەزمەن بولسىمۇ ، _ ياش گىتلېرنىڭ كۆڭلىدە قىزىقىش پەيدا قىلدى . ئون يىلدىن كېيىن ئۇ بۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئۆز نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

     

           مەن بۇ ھەركەتنى _ بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇرژۇئازىيە ئۈچۈن كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يامان روھىي تېررورلۇقىنى چۈشىنىمەن . ئىدىيە ۋە پىسخولوگىيە جەھەتلىرىدىن ئېيتقاندا ، بۇرژۇئازىيە بۇنداق ھۇجۇمنىڭ رەقىبى بولالمايدۇ . سىگنال بېرىلگەن ھامان ، ئەڭ خەتەرلىك دەپ قارالغان دۈشمەنگە ئۇ يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە بۆھتانلارنىڭ ھەقىقىي چوڭ ھۇجۇمىنى شۇنداق قوزغايدۇكى ، تاكى ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ روھى چىداش بېرەلمىگەنگە قەدەر داۋاملىشىدۇ ... بۇنداق تاكتىكا بارلىق ئىنسانىي ئاجىزلىقلار توغرىسىدىكى ئېنىق مۆلچەرگە ئاساسلانغان بولۇپ ، ئۇنىڭ نەتىجىسى مۇقەررەر غەلبىگە ئېلىپ بارىدۇ . مۇقەررەرلىك دەرىجىسى ماتېماتىكىغا ئوخشاش دېگۈدەك ئېنىق بولىدۇ ...

     

           مەن جىسمانىي تېررورلۇقنىڭ شەخس ۋە ئامما ئۈچۈن مۇھىملىقىنىمۇ ئوخشاشلا چۈشىنىمەن ... چۈنكى قوللىغۇچىلار ئارىسىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلىبە ئۇلارنىڭ ئۆز ئىشلىرىنىڭ ھەققانىي غەلىبىسىدەك كۆرۈنىدۇ . مەغلۇپ قىلىنغان رەقىپلەر بولسا زور كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىشكە ھېچقانداق غەلىبە ئۈمىدىدە بولمايدۇ .

     

          گىتلېرنىڭ كېيىنچە تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولغان ناتسىسىت تاكتىكىلىرى توغرىسىدا بۇ بىر ئابزاس سۆزدىنمۇ ئېنىقراق تەھلىل يوق .

     

          ۋېنادا ، ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان گىتلېرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى ئۆزىگە قاتتىق تارتىۋالغان ئىككى پارتىيە بار ئىدى . گىتلېر ئۇلارغىمۇ ئۆزىنىڭ يۈكسىلىۋاتقان قۇۋ ھەم سوغۇققان تەھلىل يۈرگۈزۈش قابىلىيىتىنى ئىشقا سالدى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە گېئورگى رىتتېر فون شورنېر قۇرغان پان نېمىس مىللىي پارتىيىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ . فون رىتتېرمۇ گىتلېرنىڭ يۇرتى _ تۆۋەن ئاۋسترىيىدىكى سپىتال كەنتىگە يېقىن بىر شىتاتتىن ئىدى .ئەينى ۋاقىتتا پان نېمىس پارتىيىسى نېمىس مىللىتىنىڭ بۇ كۆپ مىللەتلىك ئېمپىرىيىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنى ئۈچۈن ئەڭ ئاداققى كۈرەشلەرنى يۈرگۈزۈۋاتاتتى . گەرچە گىتلېر شورنېرنى «چوڭقۇر پىكىرلىك مۇتەپپەككۇر» دەپ ھېساپلىغان ، بەلكى ئۇنىڭ كۈچلۈك مىللەتچىلىكىنى ، يەھۇدىيلارغا ۋە سوتسىيالىزىمغا قارشى تۇرۇشىنى ، گېرمانىيىگە قوشۇلۇش تەشەببۇسىنى ، ھابسبۇرگ خاندانلىقىغا ۋە ۋاتىكان دىن ئوردىسىنىڭ ئاساسىي پروگراممىسىغا قارشى تۇرۇشىنى قىزغىن قوللىسىمۇ ، لېكىن ئۇ مەزكۇر پارتىيىنىڭ مەغلۇپ بولۇشتىكى سەۋەبلەرنى ناھايىتى چاپسان بايقىۋالدى .

     

          «ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمىگەنلىكتىن ، بۇ ھەركەت ھەقىقىي جەڭڭىۋارلىققا ئىگە خەلق ئاممىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ؛ ئۇنىڭ پارلامېنىتقا قاتنىشىشى ئۇنى مۇھىم ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچتىن مەھرۇم قىلىپ قويغان ۋە ئۇ پارلامېنتقا خاس بارلىق ئاجىزلىقلارنى ئۆزىگە يۇقتۇرۋالغان ؛ ئۇنىڭ كاتولىك دىنىنىڭ چېركاۋىغا قارشى تۇرۇشى ... ئۇنى يەنە ئېلىمىزنىڭ مىللەتلىرىنىڭ ئىپتىخارى سانىلىدىغان سان - ساناقسىز ئەڭ مۇنەۋۋەر ئۇنسۇرلاردىن مەھرۇم قىلىپ قويغان.»

     

           گىتلېر ۋېنادىكى چېغىدا _ گەرچە ئۇ كېيىنچە گېرمانىيىدە ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان چاغدا ئۇنتۇپ قالغان بولسىمۇ _  بىر ساۋاققا ئىگە بولغانىدى ئۇ « مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دە ، بىر پارتىيىنىڭ چېركاۋغا قارشى تۇرماقچى بولۇشىنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت نۇقتىنى كۈچىنىڭ بارىچە تەكىتلىگەن . ئۇ شورنېرنىڭ «رىمدىن ئايرىلىش» ھەركىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر تاكتىكىلىق خاتالىق بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ :« بىرەر دىننىي مەزھەپنىڭ تەنقىدلەشكە ئەرزىگۈدەك قانچىلىك يېرىنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، بىرەر پارتىيە ھەر قانداق چاغدا شۇنداق بىر ئەمەلىيەتكە سەل قارىماسلىقى كېرەككى ، ئۆتمۈشتىكى پۈتكۈل تارىخىي تەجىرىبىلەر ئىچىدە ،نوقۇل سىياسىي خاراكتېردىكى بىرەر پارتىيە - گۇرۇھنىڭ دىنغا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش يۈزىسىدىن قىلغان ئۇرۇنۇشلىرى ئەزەلدن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ باقمىغان » دەيدۇ .

     

           بىراق گىتلېر پان نېمىس پارتىيىسىنىڭ ئەڭ ئېغىر خاتالىقى يەنىلا ئۇنىڭ ئاممىنى ئويغىتالمىغانلىقىدا ، ھەتتاكى ئاددىي خەلقنىڭ پسىخولوگىيىسىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىدە دەپ قارىدى . بىز بۇنىڭ ئۇنىڭ يېشى ئەمدىلا 21 دىن ھالقىغاندا كاللىسىدا پەيدا بولۇشقا باشلىغان ئىدىيە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قايتىلاپ بەرگەن چۈشەنچىسىدىن ئۇنىڭ بۇنى ئەڭ ئېغىر خاتالىق ھېسابلىغانلىقى ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ھەرىكىتىنى قوزغىغاندا بۇ خاتالىقنى ئۆتكۈزۈشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز  .

     

          پان نېمىس پارتىيىسىنىڭ گىتلېر ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان يەنە بىر خاتالىقى بار ئىدى . ئۇ بولسىمۇ بۇ پارتىيە مەملىكەت ئىچىدىكى كۈچلۈك ،ئورنى ئۆزگەرمەس بولۇپ كەتكەن ئاپپاراتلار ئىچىدىن ئەڭ ئاز بولغاندا مەلۇم ئاپپاراتلارنىڭ قوللىشىنى _ چېركاۋنىڭ بولمىغاندىمۇ ، كەم دېگەندە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ياكى ئىچكى ئىشلار كابىنىتىنىڭ ۋە ياكى دۆلەت باشلىقىنىڭ قوللىشىنى بولسىمۇ قولغا كەلتۈرەلمىگەن . بۇ يىگىت بۇنداق قوللاشقا ئېرىشمەي تۇرۇپ ھەر قانداق سىياسىي ھەركەتنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرمىكىنىڭ _مۇمكىنچىلىكى يوق بولمىغان ھالەتتە _ ناھايىتى قىيىنغا چۈشىدىغانلىقىنى چۈشىنەتتى .1933 - يىلدىكى چوڭ ۋەزىيەتنى بەلگىلىگۈچى يانۋار ئېيىدا گىتلېرنىڭ ھىيلىگەرلىك بىلەن ئالداپ قولغا چۈشۈرۋالغىنى دەل مانا مۇشۇ خىلدىكى قوللاش ئىدى . شۇنداقلا تامامەن مۇشۇ خىلدىكى قوللاشقا تايىنىپ ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ دۆلەت سوتسىيالىستىك پارتىيىسى بىر ئۇلۇغ دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقوقىنى ئۆتكۈزۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى .

     

           گىتلىرنىڭ ۋېنادا تۇرغان دەۋىرىدە ، ئامما ئاساسىغا پارتىيە قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشىنىشتىن باشقا مۇشۇ نۇقتىنىمۇ چۈشىنىدىغان بىرلا سىياسىي داھىي مەۋجۇت ئىدى . بۇ شەخىس ۋېنا شەھىرىنىڭ باشلىقى ، خرىستىئان سوتسىياللار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى ، دوكتور كارل لۇگېر بولۇپ ، گەرچە ئىككىسى ئەزەلدىن دىدارلىشىپ باقمىغان بولسىمۇ  ، ئۇ گىتلېرغا تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغان سىياسىي ئۇستازغا ئايلىنىپ قالغانىدى  .

    گىتلېر ئىزچىل تۈردە ئۇنى «نېمىسلار تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ شەھەر باشلىقى ...زامانىمىزدىكى بارلىق ئاتالمىش <دىپلومات>لاردىنمۇ ئۇلۇغ سىياسون...... ئەگەر دوكتور كارل لۇگېر ئەينى چاغلاردا گېرمانىيىدە ياشىغان بولسا، ئېلىمىز خەلقىنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۈرلىرى قاتارىغا ئۆتكەن بولاتتى» دەپ قاراپ كەلگەنىدى.

          كېيىنكى كۈنلەردىكى گىتلېرنىڭ ۋېنادىكى تۆۋەن قاتلام ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيىدىن كېلىپ چىققان بۇ بەستلىك، تۈز مىجەز، مۇلايىم مەبۇتقا ئوخشاپ كېتىدىغان جايلىرى ناھايىتى ئاز، ئەلۋەتتە. دۇرۇس، لۇگېر نارازىلىق كەيپىياتىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە ئارىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان ھەمدە گىتلېرنىڭ كېيىنچە قىلغىنىدەك يەھۇدىيلارغا قارشى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن كەيپىياتتىن پايدىلىنىشنى سىياسىي كاپىتال قىلغان پارتىيىنىڭ داھىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شۇ چاغلاردا ئاۋىستىرىيىدىكى ئەڭ كۈچلۈك سىياسەتۋازغا ئايلانغانىدى. لېكىن تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان، يېرىم ئىشلەپ، يېرىم ئوقۇپ ئۇنۋېرستىتنى ئاران پۈتتۈرگەن لۇگېر بىلىم جەھەتتە خېلى كامالەتكە يەتكەن كىشى ئىدى. ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى، جۈملىدىن يەھۇدىيلارمۇ ئۇنىڭ خاراكتېرىدىكى ئالىيجاناپ، مەرد ۋە كەڭ قورساقلىقنى ئېتىراپ قىلىشاتتى. ئەينى ۋاقىتتا ۋېنادا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاۋىستىرىيىلىك يەھۇدىي يازغۇچى ستېفان زۋېگمۇ لۇگېرنىڭ ئەزەلدىن ئاشكارا مەيدانلاردا يەھۇدىيلارغا قارشى پوزىتسىيە تۇتقانلىقى تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلارغا ياردەم قىلىشنى خالىمىغان ئەمەسلىكىنى ياكى ئۇلارغا غەيرىي دوستانە پوزىتسىيىدە بولمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. زۋېگ مۇنداق بايان قىلىدۇ:«ئۇ شەھەر مەمۇرىيىتىنى باشقۇرۇشتا ئىنتايىن ئادىل ئىدى. ھەتتاكى دېموكراتىيىنىڭ تىپى دېيىشكە بولاتتى... يەھۇدىيلارغا قارشى بۇ پارتىيە غەلىبە قازانغاندا قورققىنىدىن يۈرەكلىرى پوكۇلداپ كەتكەن يەھۇدىيلار بۇرۇنقىدەكلا ھوقۇق ۋە ئىززەت - ھۈرمەتكە سازاۋەر تۇرمۇش كەچۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىۋەردى.»

           ياش گىتلېر بۇنى ياقتۇرمىدى. ئۇ لۇگېر بەكمۇ كەڭ قورساقلىق قىلىپ، يەھۇدىيلاردىن ئىبارەت بۇ ئىرقىي مەسىلىگە ئانچە ئېتىبار بەرمەيۋاتىدۇ دەپ قارىدى. ئۇ شەھەر باشلىقىنىڭ پان نېمىس مەسلىكىنى قوللىيالماسلىقىدىن نارازى بولدى. ئۇنىڭ رىم كاتولىك دىنى ھوقۇقچىلىقىدىن ۋە ھابىسبۇرگ خاندانلىقىغا سادىق بولۇش پوزىتسىيىسىنىڭ مۇۋاپىقلىقىدىن  گۇمانلاندى. قېرى پادىشاھ فرانز جوسېف لۇگېرنىڭ شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلىنىشىنى تەستىقلاشنى ئىككى قېتىم رەت قىلغان ئەمەسمىدى؟

           لېكىن گىتلېر ئەڭ ئاخىردا يەنىلا بۇ كىشىنىڭ تالانتىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ كىشى ئاممىنىڭ ھىمايىسىنى قانداق قولغا كەلتۈرۈشنى بىلەتتى. ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدىكى مەسىلىلەرنى ۋە تەشۋىقات بىلەن ناتىقلىقنىڭ ئاممىنى ئۇيان - بۇيان قىلىشتىكى مۇھىملىقىنى چۈشىنەتتى. لۇگېرنىڭ تەسىرى كۈچكە ئىگە چېركاۋلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى نەيرەڭلىرىگە گىتلېر پەقەت «ئۇنىڭ سىياسەتلىرى ئىنتايىن چېچەنلىك ۋە مۇغەمبەرلىك بىلەن تۈزۈلگەن» دەپ قول قوياتتى، خالاس.  لۇگېر «ئۆز ھەرىكىتىنىڭ مۇشۇ تەييار ھوقۇق مەنبەلىرىدىن كېلىدىغان ئەڭ، ئەڭ پايدىلىق شەرت - شارائىتلارغا ئېرىشىشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، نەق ۋاستىلەرنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئورنى ئۆزگەرمەس ئاپپاراتلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ماھىر ئىدى.»

           مۇشۇ بىر ئابزاس سۆزدە گىتلېرنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئۆز پارتىيىسىنى تەشكىل قىلىشقا ۋە بۇ پارتىيىنىڭ گېرمانىيىدە ھاكىمىيەت ئېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان ئىدىيىسى ۋە ۋاستىلىرى قىسقىچە يەكۈنلەنگەن. گىتلېرنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى شۇنىڭدىكى، ئۇ ئوڭچىل سىياسەتۋازلار ئارىسىدا، بۇنداق ئىدىيە ۋە ۋاستىنى گېرمانىيىنىڭ 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى سىياسىي ۋەزىيىتىگە تەتبىقلىيالىغان بىردىنبىر كىشى ئىدى. دەل مۇشۇ چاغدا، ناتسىستلار ھەرىكىتى ( بارلىق مىللەتچى ۋە كونسېرۋاتىپ پارتىيىلەر ئارىسىدا پەقەت مۇشۇلا ھەرىكەتلا) كەڭ ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى، جۇمھۇرىيەت پرىزدېنتى ۋە چوڭ كارخانىلار بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ناھايىتى چوڭ ھوقۇققا ئىگە «ئورنى ئۆزگەرمەس ئاپپارات»نىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئاقىۋەت گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈردى، نەتىجىدە ۋېنادا قوبۇل قىلىنغان ساۋاقلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى پايدىلىق ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

          دوكتور كارل لۇگېر نادىر ناتىق ئىدى، پان نېمىس پارتىيىسىدە بولسا سۆزگە ماھىر ناتىق يوق ئىدى. گىتلېر بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىپ، «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دە ناتىقلىق سەنئىتىنىڭ سىياسىيدىكى مۇھىم رولىنى قاتتىق تەكىتلىگەن:

          نۇتۇقتىن ئىبارەت سىرلىق كۈچ، بەلكى پەقەت نۇتۇقنىڭ سىرلىق كۈچىلا، يىراق قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل تۈردە تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ دىنىي ۋە سىياسىي ھەرىكەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۈچ بولۇپ كەلمەكتە.

            پەقەت نۇتۇقنىڭ كۈچىگە تايانغاندىلا، ئاندىن كەڭ خەلق ئاممىسىنى تەسىرلەندۈرگىلى بولىدۇ. ئۇلۇغ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەتتە بولىدىغان قىزغىنلىق ۋە ھېسىيات ۋولقانلىرىنىڭ پارتلىشى. ئۇلار يا شەپقەتسىز، گاداي ئايال خۇدا تەرىپىدىن، يا ئامما ئارىسىغا تاشلانغان سۆز مەشئىلىدىن پارتلىغان؛ ئۇلار تىلشۇناسلار بىلەن مېھمانخانا باتۇرلىرىنىڭ لېمون سۈيىدەك قۇرۇق پاراڭلىرى ئەمەس.

           ياش گىتلېر ئاۋىستىرىيىنىڭ سىياسىيسىغا  ئەمەلىي ئارىلاشمىغىنى بىلەن ۋېنادىكى كەمبەغەللەر مېھمان سارىيى، سەدىقە ئۇماچخانىلىرى ۋە دوقمۇشلاردىكى ئاڭلىغۇچىلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ ناتىقلىق سەنئىتىنى مەشىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ خىل ماھارىتى كېيىنچە تەرەققىي قىلىپ (ئاپتور كېيىنچە گىتلېرنىڭ نەچچە ئون قېتىملىق ئەڭ مۇھىم نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىغاچقا بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ) ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئارىلىقىدا گېرمانىيىدە ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىغان قابىلىيەتكە ئايلاندى ھەمدە ئۇنىڭ كىشىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشىدە ناھايىتى زور روللارنى ئوينىدى.

           گىتلېرنىڭ ۋېنادىكى سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تەرىپى يەھۇدىيلار بولدى. ئۇ لىنزدا يەھۇدىيلار ناھايىتى ئاز دېگەنىدى. «يۇرتۇمدا، دادام ھايات چاغدا، بۇ نامنى تىلغا ئالغىنىنى ئەسلىيەلمەيمەن.»  ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر يەھۇدىي بالا بولىدىغان _ «لېكىن بىز بۇ ئىش توغرىلىق ناھايىتى ئاز ئويلىناتتۇق...مەن ھەتتاكى ئۇلارنى (يەھۇدىيلارنى) نېمىسلار دەپ يۈرەتتىم.»

          لېكىن گىتلېرنىڭ ئۆسمۈر چېغىدىكى دوستىنىڭ ماتېرىيالىغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ دېگىنى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئاۋگۇست كۇبىزېك ئىككىسىنىڭ لىنزدا بىللە ئۆتكۈزگەن چاغلىرىنى ئەسلىگەندە مۇنداق دېگەن:«ئادولف گىتلېر بىلەن تۇنجى تونۇشقىنىمدىلا، ئۇنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى كەيپىياتى ئىپادىلەنگەنىدى...گىتلېر ۋېناغا ماڭغان چاغلاردا، ئاللىقاچان يەھۇدىيلارغا قەتئىي قارشى تۇرغۇچىغا ئايلىنىپ بولغان. ئۇنىڭ ۋېنادىكى تەجرىبىلىرى بۇ كەيپىياتنى كۈچەيتىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇنىڭ ئۇنىڭ بۇ كەيپىياتىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى سەۋەب ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.»

          _شۇنىڭ بىلەن ،_دەيدۇ گىتلېر، _مەن ۋېناغا كەلدىم.

          ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىشىم بىلەنلا خىلمۇ خىل ئاجايىپ مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ تۈگىتەلمەيلا قالدىم... كۆڭلۈمدە يەنە پېشكەللىكلەرگە تولغان تەقدىرىمنى ئويلىدىم، شۇڭا بۇ كاتتا شەھەردىكى خەلقنىڭ ئىچكى قاتلىمىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ كېتەلمىدىم. ئەينى ۋاقىتتا ۋېنادىكى 2 مىليون ئاھالىنىڭ ئىچىدە 200 مىڭچە يەھۇدىي بولغىنى بىلەن،مەن يەھۇدىيلارنى پەرق ئېتىپ كېتەلمەيتتىم. مېنىڭ قارىشىمچە، يەھۇدىيلارنىڭ ئالاھىدىلىكى يەنىلا ئۇلارنىڭ دىنىدا ئىدى. شۇڭا ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا يول قويۇش روھىغا ئاساسلىنىپ بۇ مەسىلىدىمۇ باشقا مەسىلىلەرگە ئوخشاشلا، مەن يەنىلا دىنىي ھۇجۇمغا قارشى ئىدىم. شۇڭا ۋېنادا چىقىدىغان يەھۇدىيلارغا قارشى گېزىتلەرنىڭ مۇقامى مېنى بىر ئۇلۇغ مىللەتنىڭ مەدەنىي ئەنئەنىسىنى يەرگە ئۇرغانلىق دېگەن ھېسسىياتقا كەلتۈردى.

          _ بىر قېتىم، _ دەپ بايان قىلىدۇ گىتلېر،_ شەھەر ئىچىدە سەيلە قىلىپ يۈرگىنىمدە ،ئۇشتۇمتۇت ئۇچىسىغا قارا پېرىجە كىيگەن بىر قارا ساقاللىق مەخلۇقاتنى ئۇچرىتىپ قالدىم . كاللامدىن  ھە دېگەندە بۇ يەھۇدىيمۇ ؟ دېگەن خىيال ئۆتتى . چۈنكى لىنزدىكى يەھۇدىلار بۇنداق قىياپەتتە ئەمەس ئىدى مەن ھېلىقى ئادەمگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئوغرىلىقچە سەپسالدىم .لېكىن ئۇنىڭ غەلىتە چىرايىغا قارىغانسىرى ۋە شۇ چىراينىڭ ھەر بىر ئالاھىدىلىگىنى تەتقىق قىلغانسىرى ، كاللامدا پەيدا بولغان بىرىنچى مەسىلە يېڭى تۈسكە كىرىپ باردى: بۇ نېمىسمىدۇ ؟

     

          گەرچە جاۋاپ بېرىشنىڭ ئالدىدا «گۇمانلىرىمنى كىتاب ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بەل باغلىدىم»دېگەن بولسىمۇ ،گىتلېرنىڭ جاۋابىنى قىياس قىلماق ناھايىتى ئاسان ،ئۇ يەھۇدىيلارغا قارشى كىتابلارنى باش چۆكۈرۈپ ئوقۇدى ،ئۇ چاغلاردا ۋېنادا بۇنداق كىتابلارنىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك ئىدى . ئاندىن ئۇ كوچىغا چىقىپ «ھادىسە»لەرنى تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتتى. «بارغانلا يېرىمدە ،_ دەيدۇ ئۇ ،_ يەھۇدىلارنى پەرق ئېتىشكە باشلىدىم ، قانچە كۆپ كۆرگەنسىرى ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان پەرقى نەزىرىمدە شۇنچە روشەن بولۇپ باردى .... كېيىنچە شۇنداق ئۇزۇن پېرىجىلىكنىڭ ھىدىنى پۇراپ قالساملا قۇسقۇم كېلىدىغان بولۇپ قالدى.»

     

          ئارقىدىنلا ئۆزىنىڭ «تەڭرىنىڭ» بۇ «سايلىغۇچىلىرى»  نىڭ ئەخلاقىدىكى ئىللەتلەرنى «سېزىپ» قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ. «ھەرقانداق شاللاق شەھۋەتپەرەسلىكلەرنىڭ، بولۇپمۇ مەدەنىي تۇرمۇش جەھەتلىرىدىكىنىڭ بىرەر يەھۇدىيغا چېتىلمايدىغىنىمۇ بارمۇ؟ ئەگەر بۇ يىرىڭلىق جاراھەتنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن يارىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ ئىچىدە، بەجايىكى سېسىپ كەتكەن جەسەت ئىچىدىن ئۇشتۇمتۇت يورۇقلۇقنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەن قۇرۇتقا ئوخشاش بىر يەھۇدىي ئالۋاستىنىڭ ياتقانلىقىنى كۆرىسەن!» ئۇ نومۇسىنى سېتىش ۋە ئاياللارنى ئېلىپ - سېتىشتەك ئىشلار بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى سەزگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. «بىرىنچى قېتىم» دەپ بايان قىلىدۇ ئۇ، «مەن يەھۇدىيلارنىڭ بىر چوڭ شەھەردىكى داشقال دۆۋىلىرى ئىچىدە كىشى كۆڭلىنى ئاينىتقۇدەك بۇنداق جىنايى سودا ئېلىپ بارىدىغان باغرى تاش، ئۇياتسىز، پايدىغا دۈم چۈشىدىغان كۈشكۈرتكۈچى بېدىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكىنىمدە، ۋۇجۇدۇمنى ئىختىيارسىز تىترەك باسقانىدى.»

    分享到: