• 3.ئېمپىريىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى(4.قىسىم)

    2009-05-20

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39664643.html

      بالىلىق دەۋرىدىكى بىر دوستى كېيىنچە ئۇنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ياداڭغۇ، ئاۋاق كەلگەن بالا بولۇپ، ئادەتتە ئۇياتچان، قورقۇنچاق ھەم جىمغۇر، كەم سۆز ئىدى. لېكىن ئۆز پىكرىگە قوشۇلمىغان ئادەمگە بەزىدە ئۇشتۇمتۇت ئەسەبىيلەرچە ئاچچىق سۆزلەرنى قىلىپ قالاتتى.گىتلېر سىتېفانى دېگەن بىر ئالتۇن چاچلىق گۈزەل قىزغا تۆت يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆزىچە كۆيۈپ يۈرگەن. گەرچە ئۇ قىز ئۆز ئانىسى بىلەن لىنزنىڭ راند دېگەن كوچىسىدا سەيلە قىلىپ يۈرگىنىدە گىتلېر دائىم قىزغا مەپتۇن بولۇپ تىكىلىپ قارىسىمۇ. لېكىن قىز بىلەن تونۇشۇش يۈزىسىدىن ئەزەلدىن قىلچىلىكمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باقماي، بەلكى  ئۇنى باشقا نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ئۇچقۇر فانتازىيىگە تولغان خىيالى دۇنياسىدا ساقلاپ قېلىشقا رازى بولغان، قىزغا ئاتاپ نۇررغۇن مۇھەببەت لىرىكىلىرىنى يازغان بولسىمۇ ،لېكىن ھېچبىرىنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ باقمىغان(ئۇنىڭ بىرىنىڭ ماۋزۇسى «دىلبىرىمگە قەسەم» ئىدى). لېكىن ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى سەۋرچان دوستى ئاۋگۇست كۇبزېككە بولسا زورمۇ زور ئوقۇپ بېرىپ يۈرگەن.٭ *  (كۇبىزېك گىتلېرنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى بىردىنبىر دوستىدەك قىلىدۇ. ئۇ «مەن تونۇيدىغان ئۆسمۈر گىتلېر» دېگەن كىتابىدا ئۆزىنىڭ بۇ ھەمراھىنىڭ 19 يېشىدا ۋېناغا بېرىپ سەرسانە تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن تۆت يىل ئاۋۋالقى ئەھۋالىنى ناھايىتى قىزىقارلىق دەرىجىدە بايان قىلغان. بۇ تەسۋىرلەر گېرمانىيە فىئۇرېرنىڭ ئومۇمىي تەرجىمىھالىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپلا قالماستىن بەلكى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئېقىپ يۈرگەن ئۇنىڭ بالىلىقىدىكى خاراكتېرى ھەققىدىكى تەسىراتلارنىمۇ تۈزەتتى. كۇبىزېكنىڭ ئۆز ئەھۋالى بولسا گىتلېرنىڭكى بىلەن تامامەن ئوخشىمايدۇ. لىنزدا بەخىتلىك ئائىلىسى بولغاچقا ،ئۇ ئاتا مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆي جاھازىلىرى سودىگىرى بولۇپ كېتىدۇ. خىزمەتنى قېتىرقىنىپ ئىشلەش بىلەن بىللە مۇزىكا ئۆگىنىپ، ۋېنا مۇزىكا ئىنىستىتۇتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، كېيىنچە دىرىژور ۋە كومپوزىتور بولىدۇ. بەخىتكە قارشى 1- دۇنيا ئۇرۇشى ئۇنىڭ ئىستىقبالى چەكسىز پارلاق كەسپىي ھاياتىنى بىتچىت قىلىپ تاشلايدۇ.)   بۇ مۇھەببەت لىرىكىلىرىدا ،ستېفانى« Die Walkuere» («ئايال ئەلەم خۇداسى»)٭٭*   ( ۋانگېرنىڭ «نىبېلسۇنگېننىڭ ئۈزۈكى» دېگەن ئوپېراسىدىكى بىر كۆرۈنۈش)   دىكى ئۇچىسىغا شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان زەڭگەر رەڭ غاز مامۇقى تىۋىتىدىن ئىشلەنگەن كۆڭلەك كىيىپ، ئاق ئات مىنىپ رەڭگارەڭ گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان يايلاقتا چاپتۇرۇپ كېتىۋاتقان قىز قىلىپ تەسۋىرلىگەن.

     

          گىتلېر بىرەر سەنئەتكار ،ئەڭ ياخشىسى رەسسام، ھېچبولمىغاندا بىناكار بولۇپ قېلىشقا قەتىي بەل باغلىغان بولسىمۇ، لېكىن 16 يېشىدىلا سىياسىيغا ھېرىسمەن بولۇپ قالدى. شۇ چاغلاردا گىتېلر ھابىسبۇرگ خاندانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى كۆپ مىللەتلىك ئاۋىستىرىيە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسى تەۋەلىكىدىكى بارلىق غەيرىي نېمىس مىللەتلىرىگە ئىنتايىن نەپرەتلىنەتتى. نېمىسلارنىڭ ھەممىلا نەرسىسىنى ئوخشاشلا قاتتىق سۆيەتتى. 16 ياشقا يەتكەندە، ئۇ ئاللىقاچان ئۆلگۈچە رايىدىن قايتماس ئەسەبىي نېمىس مىللەتچىسى بولۇپ قالغانىدى.

          شۇنچە ئۇزۇن تەييارتاپلىق تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگىنى بىلەن ،ئۇنىڭدىن ئادەتتىكى ياش - ئۆسمۈرلەردە بولىدىغان غەم - قايغۇسىز كەيپىيات ناھايىتى كەمدىن - كەم كۆرۈلەتتى. دۇنيانىڭ چوڭ ئىشلىرى ئۇنى گەجگىسىدىن بېسىپ نەپەس ئالغىلى قويمايتى. كۇبىزېك كېيىنچە ئەسلەپ :«ئۇ بارغانلا يېرىدە توسالغۇ ۋە دۈشمەنلىكلەرنىلا كۆرەتتى...ھەمىشە قاندقتۇر بىر نەرسىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن قېرىشىشىغا دۇچ كېلەتتى. ھەمىشە دۇنيا بىلەن ماي تارتىشىپ يۈرەتتى...ئەزەلدىن ئۇنىڭ بىرەر ئىشنى بەكمۇ ئوڭاي چاغلىغانلىقىنى كۆرگەن ئەمەسمەن...» دەيدۇ.

          دەل شۇ چاغلاردا، مەكتەپ دېسە بېشى ئاغرىيدىغان بۇ يىگىت تۇيۇقسىزلا كىتابخۇمارى بولۇپ كېتىدۇ - دە، لىنزدىكى چوڭلارنىڭ مائارىپ كۈتۈبخانىسى ۋە مۇزېيىنىڭ ئىلمىي جەمئىيتىگە قاتنىشىپ، قۇچاق- قۇچاق كىتابلارنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇشقا كىرىشىدۇ. ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى دوستىنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ ھەمىشە كىتاب دۆۋىلىرى ئىچىدىن باش كۆتۈرمەيدىكەن. بولۇپمۇ گىېرمانىيە تارىخىغا ۋە گېرمانىيە ئەپسانىلىرىگە ئائىت كىتابلارنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىكەن.

          لىنز پەقەتكىنە چەت ياقىدىكى بىر ئۆلكىنىڭ شەھىرى ھېسابلىناتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، نۇر چاقناپ تۇرغان، باروكچىسىغا*  (باروكچە _ 16 -ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 18 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ياۋروپادا كەڭ تارقالغان بىر خىل بەدىئىي خاھىش ۋە ئۇسلۇپ‏_خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن)  سېلىنغان ئىمپېرىيە پايتەختى ۋېنا بۇ جەسۇر ئىرادە، ئۇچقۇر فانتازىيىگە ئىگە يىگىتنى ئۆز قوينىغا چىللايدۇ. 1906 - يىلى 17 ياشقا تولۇپ، تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، گىتلېر ئانسى ۋە باشقا تۇغقانلىرى بەرگەن ئازغىنا پۇلنى ئېلىپ، ئاشۇ چوڭ شەھەرگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئىككى ئاي تۇرىدۇ. گەرچە ۋېنا كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق ھەتتاكى كوچىلاردا سەرگەردان بولۇش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغۇدەك چاغلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جاي بولسىمۇ ،لېكىن ئۇ تۈنجى قېتىم بارغىنىدا ،ۋېنا ئۇنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرۇۋەتكەنىدى.ئۇ كۈن بويى كوچا چىڭداپ، شەھەرنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان يولىنىڭ بويىدىكى ھەشەمەتلىك بىنالارغا ھاياجان بىلەن تىكىلىپ قارايتى.مۇزېي، ئوپېرا، تىياتىرخانىلاردا كۆرۈنگەن مەنزىرىلەر كۆزلىرىنى ئالا‏ - چەكمەن قىلىپ، ئۇنى مەست قىلىۋەتكەنىدى.

     

         ئۇ ۋېنا گۈزەل سەنئەت ئىنىستۇتىغا كىرىش رەسمىيىتىنىمۇ سۈرۈشتە قىلىپ كۆردى. بىر يىلىدىن كېيىن ‏_ 1907 - يىلى ئۆكتەبىردە ،ئۇ پايتەختكە يەنە قايتىپ كېلىپ، ئوقۇشقا كىرىش ئىمتىھانىغا قاتناشتى. بۇ ئۇنىڭ رەسسام بولۇش شېرىن خىيالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تاشلىغان تۇنجى ئەمەلىي قەدىمىي ئىدى.ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئەمدىلەتىن  18 گە كىرگەن بولۇپ، ئىنتايىن ئۈمىدۋار ئىدى. لېكىن ئۇ ئۈمىدنىڭ دەرھال كۆپۈككە ئايلانغانلىقىنى ۋېنا گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش تىزىملىكىگە قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ:

          تۆۋەندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ياخشى بولمىغانلىقىتىن قوبۇل قىلىنمىدى...

            ئادولف گىتلېر .  يۇرتى: ئىن دەرياسى بويىدىكى برائۇنائۇ .  تۇغۇلغان كۈنى: 1889- يىل 20- ئاپرېل.   مىللىتى: نېمىس.   دىنىي ئېتىقادى: كاتولىك.   دادىسىنىڭ كەسپى: خىزمەتچى.   ئوقۇش تارىخى: ئوتتۇرا مەكتەپ 4- يىللىق  . ئىمتىھان تېمىسى: پورتىرت.   باھا: سىناق رەسىمنىڭ نەتىجىسى قانائەتلىنەرلىك ئەمەس.

          ئىككىنچى يىلى گىتلېر ئىمتىھانغا يەنە قاتناشتى. بۇ دورەم ئۇنىڭ سىزمسى بەكمۇ ناچار بولغانلىقتىن، رەسمىي ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلمىدى. بۇنداق بولۇشى بۇ ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە يىگىتكە نىسبەتەن خۇددى ئۆزىنىڭ كېيىنچە دېگىنىگە ئوخشاش ئوچۈق ئاسماندا گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك كۈتۈلمىگەن ئىش ئىدى. چۈنكى ئەسلىدە ئۇ ئۆزىگە مۇتلەق ئىشىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم چوقۇم دەپ ئويلىغانىدى. ئۆزىنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتابىدا بايان قىلىشىچە، ئۇ ئىنىستىتۇت مۇدىرىدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىغان.

           ھېلىقى ئەپەندىم ماڭا ،مەن تاپشۇرغان بىرنەچچە پارچە رەسىمنىڭ رەسساملىقىنى ئۆگىنشكە لايىق ئەمەسلىكىمنى مۇئەييەن تۈردە چۈشەندۈرۈپ بەرگەنلىكىنى، مېنىڭ بىناكارلىق ئىلمىي جەھەتتە قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ ۋېنا گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتى رەسساملىق فاكۇلتىتىنىڭ ماڭا لايىق ئەمەسلىكىنىڭ ئېنىقلىقىنى ،لايىق جاينىڭ بىناكارلىق فاكۇلتىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

         ياش ئادولف بۇ نۇقتىغا قوشۇلۇشنى خالايتى، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرمىگەنلىكىنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىكەنلىكىنى دەرھال سەزدى. چۈنكى بۇنىڭ ئۇنىڭ بىناكارلىق فاكۇلتىتىغا كىرىشىگە توسالغۇلۇق قىلىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن ئىدى.

         بۇ چاغدا ئانىسى ئەجەللىك سۈت بېزى راكىغا مۇپتىلا بولغانلىقتىن، ئادولف لىنزغا قايتتى. ئۇ مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن ،كلارا گىتلېر ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى پۇل يىغىش قىلىپ، ئۇنى ئۈچ يىلغىچە بېقىپ كەلگەن بولسىمۇ ،لېكىن ئۇ ئازراقمۇ نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. 1908 - يىل 21 - دېكابر كۈنى لىنز روژدېستوۋ بايرىمىنىڭ ھەشەمەتلىك بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشكە باشلىغاندا، ئادولف گىتلېرنىڭ ئانىسى ئۇشتۇمتۇت قازا تاپتى. ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنى ئېرى لېئوندېڭنىڭ قەبرىسى بېنىغا كۆمۈپ قويۇشتى. 19 ياشلىق يىگىت ئۈچۈن ئېيقاندا:

            بۇ قورقۇنچلۇق زەربە ئىدى...مەن دادامدىن تەپتارتاتتىم- يۇ، ئانامنى ياخشى كۆرەتتىم...(ئۇنىڭ) ۋاپاتى ئۇلۇغ ئارمانلىرىمنى ئۇشتۇمتۇت ئەمەلگە ئاشماس قىلىپ قويدى...گادايلىق ھەم شەپقەتسىز رېئاللىق تېزلىكتە مېنى بىر قارارغا كېلىشكە مەجبۇرلىدى...مەن تىرىكچىلىكنىڭ ئامالىنى قىلىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنىدىم

    ئامالىنى قىلارمىش! بىرەر ھۈنىرىمۇ يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەزەلدىن جىسمانىي ئەمگەكنى ياراتمىغاچقا، ئۇ ھېچقاچان ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بىرەر سىنت پۇل تېپىشنىڭ كويىدا بولۇپ باققان ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ھەرگىز روھسىزلانمىدى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن خوشلىشىۋېتىپ، مۇرادىغا يېتەلمىسە يۇرتىغا زادى قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

          مەن يەڭگۈشلەپ كىيىدىغان كىيىملىرىم سېلىنغان چامادىنىمنى كۆتۈگەن ھالدا قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ۋېناغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. مەن ھەم تەغدىرنىڭ قولىدىن دادام 50 يىللار ئىلگىرى قولغا كەلتۈرگەندەك نەرسىلەرنى تارتىۋېلىشنى  ؛ھەم «بىرەر نەتىجە قازىنىش»نى‏ _  لېكىن ھەرگىز خىزمەتچى بولماسلىقنى ئۈمىد قىلاتتىم.

     

    «ئۆمرۈمدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق دەۋر»

     

          شۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىل (1909 _ 1913 - يىللىرى) لىنزدىن كەلگەن بۇ جاھانكەشتى يىگىت ئۈچۈن ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ۋە نامراتچىلىقتا ئۆتكەن دەۋر بولۇپ قالدى. ھابسبۇرگ خاندانلىقى تېخى گۇمران بولمىغان، ۋېنا ھېلىھەم ياۋروپانىڭ يۈرىكى، 52 مىليون ئاھالىگە ئىگە ئىمپېرىيىنىڭ پايتەختى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى قىسقىغىنا بىر نەچچە يىل ئىچىدە، بۇ شەھەر دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ پايتەختلىرىدە يوق ئۆزىگە خاس بىر خىل خۇش خۇي كەيپىياتقا ۋە مەپتۇن قىلارلىق سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىدى. بىناكارلىق، ھەيكەلتاراشلىق، مۇزىكا جەھەتلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ غەم - قايغۇسىزلىقى، راھەت-پاراغەتكە ئامراقلىقى، مەدەنىيەتكە ھېرىسمەنلىكى، نەپىس مەنىۋى تۇرمۇشقا ئىنتىلىشى جەھەتلەردە، ۋېنادا غەربتىكى ھەرقانداق شەھەردە كۆرۈلمەيدىغان ئاۋات، گۈزەل باروكچە ۋە روكېكچە*  ( روكېكچە_ 18 - ئەسىردە فرانسىيىدە بارلىققا كەلگەن بىر خىل بەدئىي ئۇسلۇب._ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن)  ئاتموسفېرادىن نەپەسلىنىشكە بولاتتى.

     

           ۋېنا ۋېناۋاردنىڭ دەرەخلەرگە پۈركەنگەن بۈك - باراقسان تاغ ئېتىكىگە ۋە زۇمرەتتەك دوناي دەرياسىنىڭ بويىغا جايلاشقان بولۇپ، تاغ قاپتاللىرىنىڭ ھەممىلا يېرىنى ساغۇچ يېشىل ئۈزۈمزارلىقلار بېزەپ تۇراتتى. تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىلەرگە تولۇپ تاشقان بۇ جاي مۇقەررەر ھالدا چەتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالاتتى. ۋېنالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئۆزلىرىنى ئالەمدە بىر سانىشاتتى. ھاۋادا شۇ يەرلىك تالانتلىق ئوغلانلارنىڭ _ ياۋروپادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇزىكانتلار ھايدىن، موزارت، بېتخوۋىن، شۇبېرتلارنىڭ يۈكسەك، نەپىس مۇزىكىلىرى ياڭرايتتى. شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە يىلدىكى ئۆلۈم ئالدىدىكى ئوڭشىلىپ قېلىشتەك تۈزىلىپ قالغان تىنچ كۈنلەردە، ۋېنانىڭ ئۆزى سۆيىدىغان يوھان سترائۇسنىڭ شادىيانە، مەست قىلغۇچى ۋالىس مۇزىكىسىمۇ بار ئىدى. بۇنداق بەختى كەلگەن ھەمدە باروكچە تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۇرمۇش گوياكى شېرىن چۈشكە ئوخشايتتى. شۇڭا شادىمان ۋېنالىقلار ئەيش -ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ئۆمۈرلىرىنىڭ كۆپ ۋاقتىنى ۋالىس ئويناش، ۋىنو ئىچىش، قەھۋەخانىلاردا سىردىشىش، كۇلۇبلاردا ئويۇن كۆرۈش، قاش-كۆز ئوينىتىش، ھۇزۇر سۈرۈشلەردەك راھەت-پاراغەت ۋە شېرىن خىياللار ئىچىدە ئۆتكۈزۈشەتتى.

     

           شۇنداقلا ئىمپېرىيىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بىر قۇرۇقلۇق ئارمىيسى ۋە دېڭىز ئارمىيسىنى تۇتۇپ تۇرۇش، قاتناشنى باشقۇرۇش، سودا - سېتىق ئىشلىرىنى ئېلىپ بىرىش، ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىشقا توغرا كېلەتتى. ئەلۋەتتە، لېكىن ۋېنادا بۇ ئىشلاردا نورمىدىن سىرت ئىشلەشكە ھاجىتى چۈشىدىغانلار ناھايىتى ئاز ئىدى، ھەتتاكى پۈتۈن كۈن ئىشلىمىسىمۇ بولىۋېرەتتى.

     

           ئۇنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىمۇ بار ئىدى، ئەلۋەتتە.  باشقا جىمىكى شەھەرلەردىكىدەك، بۇ شەھەردىمۇ ئوزۇقلىنىش ناچار، كىيىملىرى جالدۇر-جۇلدۇر، نامرات ئاھالىلەر گەمىسىدە ياشايدىغان كەمبەغەللەرمۇ بار ئىدى. لېكىن ۋېنا ئىمپېرىيە پايتەختى، بەلكى ئوتتۇرا ياۋرۇپانىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت مەركىزى بولۇش سۈپىتىدە يەنىلا ئاۋات ئىدى. بۇنداق ئاۋاتچىلىق بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك بولغاچقا، ئۇنىڭدا ھەممىلا كىشىنڭ ئۆز ئۈلۈشى بار ئىدى. تۆۋەن قاتلام ئوتتۇرا بۇرژۇئازىينىڭ ئادەم سانى كۆپ بولغانلىقتىن، ئۇلار سىياسىي جەھەتتە بۇ شەھەرنى كونترول قىلىپ تۇراتتى؛ ئىشچىلار بولسا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى تەشكىللەپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ قۇدرەتلىك پارتىيسى _ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيسىنىمۇ تەشكىللىمەكتە ئىدى. شۇ چاغلاردا پۈتۈن شەھەر نوپۇسى 2 مىليونغا كۆپىيىپ، تۇرمۇشتا قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، دېموكراتىك كۈچلەر ھابسىبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىستىبدات كۈچلىرىنى سىقىپ چىقارماقتا ئىدى. مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئاممىغا ئېچىپ بېرىلگەچكە، 1909 - يىلى گىتلېر ۋېناغا كەلگەن چېغىدا، يانچۇقىدا سۇنۇق تىيىنمۇ يوق بىرەر ياشنىڭ ئالىي مائارىپ تەربىيسى كۆرگۈدەك ياكى خېلى ئابرويلۇق خىزمەتكە ئېرىشىپ 1 مىليون چامىسىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئوخشاشلا، پايتەخت ئاھالىسىنى چۇلغاپ تۇرغان مەدەنىي كەيپىياتتا ھايات كەچۈرۈش ئىمكانىيتى بار ئىدى. گىتلېرنىڭ بىردىنبىر دوستى، ئۆزىگە ئوخشاشلا مەرتىۋىسىز، نامسىز، كۇبىزېك مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان ئەمەسمىدى؟

     

          بىراق، ياش ئادولف بىناكارلىق فاكۇلتېتىغا كىرىش ئىستىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىدى. گەرچە ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىك دىپلومى بولمىسىمۇ، بىناكارلىق فاكۇلتېتىغا كىرىۋېرىش مۇمكىنچىلىكى يەنىلا مەۋجۇت ئىدى. چۈنكى «ئالاھىدە قابىلىيەتكە ئىگە» ياشلارنىڭ بۇنداق گۇۋاھنامىسى يوق بولسىمۇ ئوقۇشقا كىرىۋېرىشكە بولاتتى. لېكىن ھازىرقى ئىگىلەنگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇ ئوقۇشقا كىرىشنى ئىلتىماس قىلمىغان. بىرەر ھۈنەرنى ئۆگىنىۋېلىش ياكى ھەرقانداق نورمال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ كويىدا بولماي، ئەكسىچە قار تازىلاش، گىلەم قېقىش، غەربىي ۋوگزالنىڭ سىرتىدا ھامماللىق قىلىش، بەزىدە قۇرۇلۇش مەيدانلىرىدا كۈنلۈك ئىشلەشتەك ھەرخىل پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلشقا رازى بولغان. 1909 - يىل نويابىردا، ۋېناغا بىرىپ «تەقدىرىنى قولىغا ئالغان»لىقىغا بىر يىل بولار-بولمايلا. ئۇ سىمون دانك كوچىسىدىكى ئىجارىگە ئالغان ئۆيىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىل داۋامىدا، پەقەت ئۇ سېلىنچىسىلا بار دەڭلەردە ياكى دوناي دەرياسى بويىدىكى ۋېنانىڭ 20 - رايون موردمان كوچىسىدىكى ئاددىيلىقى شۇ دەڭلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان بويتاقلار ياتاقخانىلىرىنى پانا جاي قىلىپ، سەدىقە ئۇماچخانىلىرىغىلا تايىنىپ كۈنلىرىنى ئاچ - زارلىقتا ئۆتكۈزىدۇ.

     

           20 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازغانلىقىدىن ئەجەبلەنگىلى بولمايدۇ:

     

             نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ۋېنا پۇخادىن چىققۇچە راھەت - پاراغەت كۆرۈپ ھۇزۇر سۈرىدىغان جەننەت، لېكىن ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا _ تۈز گەپ قىلغانلىقىمنى كەچۈرگەيسىلەر_ ئۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق دەۋرنىڭ جانلىق خاتىرىسىدۇر.

     

           مادامىكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ،  بۇ شەھەر مەندە پەقەت كۆڭۈلسىز خىياللارنىلا قوزغىتالايدۇ. بۇ بەخىرامان ئەركىن شەھەرنىڭ نامى مەن ئۈچۈن پەقەت بەش يىللىق جەبىر-جاپالىق ۋە نامرات تۇرمۇشتىنلا دېرەك بېرىدۇ. بۇ بەش يىل داۋامىدا مەن جان بىقىش يولىدا ئىش ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان، دەسلەپتە مەدىكار، كېيىنچىرەك كىچىك رەسسام بولغانىدىم. كىرىمىم شۇنچىلىك ئاز ئىدىكى. ئاچلىقتىن غولدۇرلاپ تۇرغان قورسىقىمنى تويغۇزۇشقىمۇ يەتمەيتتى.

     

         شۇ كۈنلەر ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇ ھامان ئاچ - زېرىنلىقىنى تىلغا ئېلىشتىن خالىي بولالمايتتى:

     

          شۇ چاغلاردا ئاچ - زېرىنلىق مېنىڭ سادىق ھەمراھىم بولۇپ، خۇددى سايەمدەك يېنىمدىن ئايرىلمايتتى. راھەت بولسىلا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ - ئورتاق بولاتتۇق... مېنىڭ تۇرمۇشۇم مۇشۇ رەھىمسىز دوستۇمغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېلىشىشتىن ئىبارەت بولدى.

     

           لېكىن ئاچلىق ھېچقاچان ئۇنى بىرەر مۇقىم كەسىپ تېپىشنىڭ ئىلاجىنى قىلىشقا مەجبۇر قىلالمىدى. «مېنىڭ كۈرەشلىرىم » دېگەن كىتابىدا، ئۇ ئۆزىدە ئۇششاق بۇرژۇئازىينىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن بىر خىل قورقۇنچ بارلىقىنى، يەنى پرولېتارلارنىڭ، جىسمانىي ئەمگەكچىلەرنىڭ قوشۇنىغا يەنە قېتىلىپ قېلىشتىن قاتتىق قورقىدىغانلىقىنى ئېنىق قىلپ ئېيتقانىدى _ كېيىنچە ئۇ بىرخىل قورقۇچ پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، رەھبەرلىكى كەمچىل، مائاشى تۆۋەن، ھېچكىممۇ ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئاق ياقىلىقلار قاتلىمى ئاساسىغا دۆلەت سوتسىيالىستلار پارتىيسىنى قۇردى. بۇ قاتلامدىكى مىليونلىغان كىشىلەردە ئۆزلىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى «ئشچىلار»دىن ھېچ بولمىغاندا ئازراق بولسىمۇ يۇقىرى چاغلايدىغان خاتا چۈشەنچىلەر بار ئىدى.

     

          گىتلېرنىڭ كەم دىگەندە بىر مەزگىل «كىچىك رەسسام»لىققا تايىنىپ جان باققانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى ئەقىلغا مۇۋاپىق، لېكىن ئۇ ئۆز تەرجىمھالىدا بۇ خىزمەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بەرمىگەن، پەقەتلا 1909 - ۋە 1910 - يىللىرى ھال-ئەھۋالى سەل-پەل ياخشىلانغانلىقتىن، ئاددىي مەدىكار بولۇشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقى توغرىسىدىلا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ ئۆتكەن.

     

          ئۇ:«بۇ چاغدا مەن بىر كىچىك ئاددىي سىزما رەسسامى ۋە سۇ بوياق رەسسامى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇستەقىل خىزمەت قىلىشقا باشلىغانىدىم» دەيدۇ.

     

          بۇ سۆزلەر كىشىگە ئاسانلا خاتا چۈشەنچە بىرىپ قويىدۇ. «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دىكى تەرجىمىھال خاراكتېرىنى ئالغان باشقا نۇرغۇن ئابزاسلارمۇ شۇنداق. شۇ چاغلاردا ئۇنى تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭ تەمىنلىگەن ماتېرىياللىرىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشكۈدەك ئىشەنچىلىك بولمىسىمۇ، لېكىن يىغىشتۇرۇلغان ئەھۋاللارنىڭ بىر قەدەر مۇكەممەللىكى، شۇنداقلا ئەمەلىيەتكە بىر قەدەر يېقىنلىقىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ.*   (جوسېف گرېينېر:«گىتلېر ھەققىدىكى ئەپسانىلەرگە خاتىمە»(«Das Ende des Hitler - Mythos») گە قارالسۇن.گرېينېر _ گىتلېرنىڭ ۋېنادا تۇرغان دەۋرىدىكى تونۇشى.  يەنە رۇدولف ئولدېن:«پىچكا _گىتلېر»(«Hitler the Pawn»)غا قارالسۇن. ئولدېننىڭ كىتابلىرىدا رېينھولد ھانىچنىڭ سۆھبەتلىرى خاتىرلەنگەن. رېنھولد ھانىچ سۇدېتېن رايونىدىكى بىر سەرگەردان بولۇپ، بىر مەھەل گىتلېر بىلەن كىچىك دەڭلەردە بىر خانىدا تۇرغان ۋە ئۇنىڭ رەسىملىرىنى سېتىشىپ بەرگەن. كونراد ھېيدېننىڭ «فىئۇرېر»دېگەن كىتابىدىمۇ ھانىچنىڭ ماتېرىيالى جۈملىدىن دېلونىڭ سوت مەھكىمىسىدىكى خاتىرىسى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. گىتلېر ھانىچنىڭ ئۈستىدىن ئۆزىنىڭ بىر پارچە رەسىمىنى سېتىپ كىرىمىنى ئۆزىگە تەقسىم قىلىپ بەرمىگەنلىكى ھەققىدە ئەرز قىلغانىكەن.)

     

           شۇ نۇقتىنى بىر قەدەر مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ئادلوف گىتلېر سىياسىي رەقىبلىرى تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنغندەك ھېچقاچان ئۆي سىرلىغۇچى بولۇپ باققان ئەمەس. ھېچ بولمىغاندا، ئۇنىڭ بۇنداق ئوقەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىيال يوق. ئەينى چاغلاردا ئۇنىڭ قىلىپ يۈرگەنلىرى كۆپ ھاللاردا، سان ستېفان چوڭ چېركاۋى، ئوپېراخانىلار، بېرگ تىياتىرخانىسى، شۇئېنبرۇن خان سارىيى ۋە ياكى شۇئېنبرۇن باغچىسىدىكى رىم دەۋرىدىن قالغان يادىكارلىقلارغا ئوخشاش ۋېنا شەھرىدىكى بەزەن مەشھۇر مەنزىرىلەر مەزمۇن قىلىنغان كۆرۈمسىز رەسىملەرنى سىزىشتەك ئىشلار ئىدى. تونۇشلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە تەقلىد قىلارمىشكەن؛ روشەنكى، ئۇنىڭ جانلىق مەنزىرىلەرنى سىزغۇدەك قابىلىيتى يوق ئىدى. ئۇنىڭ رەسىملىرى سۈنئيي، جانسىز بولۇپ، كىشىگە بىناكارلىقنى يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان ئادەم سىزغان قوپال تېز سىزمىلارنى ئەسلىتەتتى. بەزىدە ئۇ ئادەملەرنىمۇ قوشۇپ باقاتتى، بىراق ئۇلارمۇ شۇنداق ناچار سىزىلاتتىكى، بەجايىكى چاتما رەسىملەرگە ئوخشاپ كېتەتتى. بىر قېتىم مەن گىتلېر سىزغان تېز سىزمىنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق سۆزلەرنى يېزىپ قالدۇرغانىدىم:«بىر نەچچە چىراينىڭ پورتىرىتى. ئوسال بىرى گويا مۇردا يەيدىغان ئالۋاستىغا ئوخشاي دەپلا قاپتۇ.»  ھېيدېننىڭ نەزەرىدە، «ئۇلار خۇددى ھەيۋەتلىك ئوردا سىرتىدىكى كىچىك قۇم بارخانلىرىغا ئوخشايتتى».

     

           مۇشۇنداق بىچارە بىرنېمىلەردىن ئېھتىمال گىتلېر بىرقانچە يۈز پارچىنى سىزىپ، ئۇششاق ئېلىپ-ساتارلارنىڭ تاملارنى بېزىشى، سودىگەرلەرنىڭ تىزىپ قويۇپ ساتىدىغان رەسىم رامكىلىرىغا قادىشى، ئۆي جاھازلىرى سودىگەرلىرىنىڭ ئەرزان باھالىق سافا ۋە ئورۇندۇقلارنىڭ يۆلەنچۈكلىرىگە چاپلىشى ئۈچۈن سېتىپ بەرگەن بولىشى مۇمكىن. بۇنداق قىلىش شۇ چاغلاردا ۋېنادا بىرخىل مودا بولۇپ قالغانىدى. گىتلېر خېلىلا سودا تۈسىنى ئالغان بەزى نەرسىلەرنىمۇ سىزالايتتى. ئۇ دائىم دېگۈدەك ئۇششاق دۇككانلارغا قولتۇق سېسىقىنى داۋالايدىغان تېددېس پاراشوكى ئۈچۈن تەشۋىقات رەسىمى سىزىپ بېرەتتى. نورۇز بوۋاينىڭ رەڭگارەڭ شاملارنى سېتىۋاتقانلىقى سىزىلغان بىر رەسىمى كېيىنچە روژدېستۋو بايرىمىدا بىر ئاز پۇل تاپقان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر رەسىمدە سان ستېفان چېركاۋىنىڭ گوت پاسونىدىكى ئۇچلۇق مۇنارىنىڭ بىر دۆۋە سوپۇن ئۈستىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقى سىزىلغان. سان ستېفان چېركاۋىنىڭ مۇنارى گىتلېرنىڭ باشقىلارنىڭ رەسىمىدىن دائىم كۆچۈرۈۋالىدىغان نەرسىسى ئىدى.

     

           گىتلېرنىڭ «سەنئەت»تىكى نەتىجىسى شۇنچىلىكلا بولسىمۇ، ئۇ تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە ئۆزىنى «سەنئەتكار» ھېسابلاپ يۈردى.

     

           ۋېنادا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن يىللاردا، ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشتە بوھېمىيچە سەرگەردانلاردىن بولغانلىقىدا شەك يوق ئىدى. ئۇنى شۇ چاغلاردا تونۇيدىغانلارنىڭ كېيىنچە ئېسىگە ئېلىشىچە، ئۇ پەشلىرى ئوشۇقىغىچە چۈشىدىغان تۈرك چەكمەنلىرىگە خويما ئوخشاپ كېتىدىغان ئەسكى بىر قارا پەلتۇنىلا كىيىپ يۈرىدىكەن. بۇ كونا پەلتۇنى كونا كىيىملەرنى ساتىدىغان ۋېنگىرىيىلىك بىر يەھۇدىي بەرگەن بولۇپ، ئۇمۇ بويتاقلارنىڭ ئاشۇ ئاددىي ياتىقىدا تۇرغاندا گىتلېر بىلەن دوستلارچە ياخشى ئۆتكەنىكەن. شۇ كىشىلەرنىڭ ئەسلىشىچە، گىتلېر تۆت پەسىل يەڭگۈشلەنمەيدىغان، ياغلىشىپ پارقىراپ كەتكەن بىر قارا سوكنا شەپكە كىيىدىغان بولۇپ، چىگىش چاچلىرىنى كېيىنكى چاغلاردىكىدەكلا پېشانىسىغا چۈشۈرۈپ بىر تەرەپكە قىيپاش قىلىپ تاراپ قويىدىكەن. گەجگىسىدىكى غۇژمەكلەشكەن چاچلىرى كىرلىشىپ كەتكەن ياقىسىنى يېپىپى تۇرىدىكەن. چاچ - ساقاللىرىنى كەمدىن - كەم ئالدۇرىدىغان بولغاچقا، مەڭز ۋە ئىڭەكلىرىنى ساقال - بۇرۇت قاپلاپ تۇرىدىكەن. ئەگەر كېيىنكى كۈنلەردە سەنئەتكار بولغان ھانىچنىڭ سۆزى ئىشەنچلىك بولسا، گىتلېر « خرىستىئان دىنى مۇرىتلىرى ئارىسىدا ناھايىتى ئاز دەرىجىدە ئۇچرايدىغان بىر ئالۋاستى» غا ئوخشايدىكەن.

     

            ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە يېتىپ قوپىدىغان بەزى چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن ياشلاردىن ئۆزىدە ياشلىقتىكى ئوسال ئادەتلەرنىڭ قىلچىلىكمۇ يوقلۇقى بىلەن پەرقلىنەتتى . ئۇ تاماكا چەكمەيتتى ، ھاراقمۇ ئىچمەيتتى ، قىزلار بىلەن باردى - كەلدى قىلىشمايىتتى _ ئېنىقلانغان ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا ،ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ھېچقانداق غەيرىي نورمال پسىخولوگىيىلىك ياكى فىزىئولوگىيىلىك سەۋەبلەردىن ئەمەس ، بەلكى تامامەن ئۆزىنىڭ ئارتۇقچە تارتىنچاقلىقىدىن بولغان .

     

            گىتلېر كېيىنچە «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتابىدا ،كەم ئۇچرايدىغان يۇمۇرلۇق سۆز بىلەن :« شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ، ئەينى ۋاقىتتا تونۇشلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنى بىر  مەخلۇق ھېسابلايىتتى» دەيدۇ .

     

          ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئوخشاشلا ، بۇ كىشىلەرمۇ گىتلېرنىڭ چاقناپ تۇرىدىغان كۆزلىرىنىڭ _ بۇ ئۇنىڭ چىرايىدىكى روشەن خۇسۇسىيەت ئىدى _ خاراكتېرىدىكى ئۈستىبېشىنى كىر باسقان بىر سەرگەرداننىڭ نامرات تۇرمۇشىغا تولىمۇ ماسلاشمايدىغان مەلۇم بىر نەرسىلەرنى ئەكىس ئەتكۈزۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسلىرىگە ئېلىشىدۇ . ئۇلار يەنە بۇ يىگىتنىڭ جىسمانىي ئەمگەكتە ناھايىتى ھورۇن بولغىنى بىلەن ، كىتاپ ئوقۇشقا كەلگەندە ئۇيقۇنىمۇ ،تاماقنىمۇ ئۇنتۇپ ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلايدىغانلىقىنىمۇ ئېسىدە ساقلاپ قېلىشقان.

     

      شۇ چاغلاردا مەن زور مىقداردىكى كىتابلارنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئوقۇپ چىققان بولۇپ ،ئىشتىن سىرتقى ھەممە ۋاقتىمنى كىتاب ئوقۇشقا سەرپ قىلاتتىم .شۇنداق قىلىپ بىر نەچچە يىل ئىچىدە بىلىمگە ئاساس سېلىۋالغانلىقىمدىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يەنىلا شۇنىڭدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ كېلىۋاتىمەن .

     

          «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتابىدا ،گىتلېر كىتاب ئوقۇش سەنئىتى ئۈستىدە تەپسىلى توختىلىدۇ .

     

            «كىتاب ئوقۇش »دېگىنىمىز ، _ مېنىڭ ئېيتىدىغانلىرىم ئاتالمىش «ئىلىم ساھەسى»دىكى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشاشماي قېلىشى مۇمكىن .

    分享到: