• 3.ئېمپىريىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى(3.قىسىم)

    2009-05-20

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39664457.html

     تاموژنىنىڭ بۇ باج ئىشلىرى ئەمەلدارى تۇنجى خوتۇنى ھايات چېغىدا پەرزەنتى بولمىغاچقا كلارانى بېقىۋالغان بولۇپ، شۇ چاغلاردىلا ئۇنى ئېلىش نىيىتىنى كۆڭلىگە پۈككەن.كلارا برائۇنائۇدا ئەر -خوتۇن شكلگروبېرلار بىلەن بىر نەچچە يىل بىللە ياشىغان. ئالوئىس تۇنجى خوتۇنى كېسەل بولۇپ يىقىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆلۈشى بىلەن كلارانى خوتۇنلۇققا ئېلىۋېلىش غەرىزىدە بولغاندەك قىلىدۇ. بۇ قىز 16 ياشقا تولۇپ، قانۇنىي يوسۇندا توي قىلىش يېشىغا يەتكەندە، ئالوئىسنىڭ فامىلىسىنى رەسمىي ئۆزگەرتىش ۋە تاغىسىنىڭ (كلارانىڭ بوۋىسىنىڭ) مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت ئىشلار تۇغۇلۇپ قالغان.لېكىن ئايرىم تۇرغاندىن كېيىنمۇ خوتۇنىنىڭ ئۆلۈشى ئۇزۇنغا سۆرىلىپ كەتكەن.ئۇنىڭدىن باشقا، ئېھتىمال ئالوئىس شۇ چاغلاردا فرانزىسكا ماتزىلسبېرگېر دېگەن ئايال ئاشپەز بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقانلىقتىن بولسا كېرەك. 20 ياشلارغا كىرىپ قالغان كلارا ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىپ، ۋېناغا بېرىپ ئايال خىزمەتكار بولۇپ كەتكەن.

     كىلارا تۆت يىلدىن كىيىن يەنە ئۆزىنىڭ بىر جەمەت تاغىسىنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كەلگەن. چۈنكى فىرانزىسكامۇ ئۆلۈشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە ئايدا ئېرىنىڭ ئۆيىدىن كۆچۈپ كەتكەن. 1885 - يىل 7 - يانۋاردا ئالوئىس گىتلېر كلارا پولزل بىلەن توي قىلغان. ئالاھازەل تۆت ئاي ئون كۈنلەردىن كېيىن تۇنجى ئوغلى گۇستاۋ تۇغۇلۇپ، زاكىسىدىكى چىغىدىلا قازا تاپقان. 1886 - يىلى تۇغۇلغان 2 - بالىسى ئېدامۇ شۇنداق بولغان. ئادلوف ئالوئىسنىڭ 3 - خوتۇنىدىن بولغان 3 - بالىسى ئىدى. كېيىنچە، 1894 - يىلى ئېدموند دېگەن يەنە بىر ئىنىسى تۇغۇلۇپ، ئالتە يىللا ئۆمۈر كۆرگەن. بالىلارنىڭ بەشىنچىسى يەنى كەنجىسى پائۇلا 1896 - يىلى تۇغۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ئاتاقلىق ئاكىسىدىنمۇ ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرگەن.

          ئادولفنىڭ ئاتا بىر ئانا باشقا ئاكىسى ئالوئىس ۋە ھەدىسى ئانگېلالار (فرانزىسكا مانزىلسبېرگېر تۇغقان ئىككى بالا)مۇ چوڭ بولغان. ئانگېلا چىرايلىق قىز بولۇپ يېتىلىپ، باجگىر رائۇبالغا تۇرمۇشقا چىققان. رائۇبال ئۆلگەندىن كېيىن ،ۋېنادا غوجىدارلىق قىلغان. ئەگەر ھېيدېننىڭ ماتېرىياللىرى توغرا بولسا ،ئۇ بىر مەزگىل يەھۇدىيلار تەرىپىدىن ئېچىلغان سەدىقە ئۇماچخانىسىدا ئاشپەز بولغان، 1928 - يىلى گىتلېر ئۇنى بېرھتېگادېنغا ئالدۇرۇپ، ئۆزىگە غوجىدار قىلىۋالغان، شۇنىڭدىن كېيىن بىر مەزگىل ناتسىستلار دائىرىسىدە، ئانگېلانىڭ گىتلېرغا ئېتىپ بېرىدىغان ، گىتلېر ياخشى كۆرىدىغان ۋېناچە پېچىنە ۋە تاتلىق يېمەكلىكلىرى توغرىلىق دائىم پاراڭ بولۇپ تۇرىدىغان بولغانىدى. ئانگېلا 1936 - يىلى گىتلېردىن ئايرىلىپ ،درېسدېنلىق بىر بىناكارلىق ئىلمى پروفېسورىغا تەگكەن. ئەينى ۋاقىتلاردا باش مىنىستىر قوشۇمچە ھاكىم مۇتلەق بولغان گىتلېر ئۇنىڭ كېتىپ قېلىشىدىن قاتتىق رەنجىپ، ھەتتا تويلۇق سوۋغىلىرى ئەۋەتىشتىنمۇ باش تارتقان. ئانگېلا گىتلېر ئائىلىسىدىكىلەر ئىچىدە گىتلېرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە باردى - كەلدىسى قويۇق بولغان بىردىنبىر كىشى ھېسابلىناتتى. بىراق يەنە بىر ئەھۋال بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدىكى، ئانگېلانىڭ گېلى رائۇبال دېگەن ئالتۇن چاچلىق گۈزەل بىر قىزى بولۇپ، بىز ئۇزۇن ئۆتمەي، گىتلېرنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا پەقەت ئاشۇ قىز بىلەنلا چىن مۇھەببەت باغلىغانلىقىنى كۆرىمىز.

           ئادولف گىتلېر ئۆزىنىڭ ئاتا بىر ئانا باشقا ئاكىسىنى خەقنىڭ ئۆزى ئالدىدا تىلغا ئېلىشىنى ئەزەلدىن ياقتۇرمايتى. ئالوئىس ماتزىلسبېرگېر (كېيىنچە ئىسمىنى رەسمىي يوسۇندا ئالوئىس گىتلېر دەپ ئۆزگەرتكەن) ئاشپۇزۇللاردا تاڭجاڭلىق قىلغان بولۇپ، ئۆمرىدىكى نۇرغۇن يىللارنى قاماقتا ئۆتكۈزگەن. ھېيدېننىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇ 18 يېشىدا ئوغرىلىق قىلغىنى ئۈچۈن بەش ئايلىق قاماق جازاسىغا تارتىلغان، 20 يېشىدا يەنە شۇنداق جىنايەت بىلەن سەككىز ئاي قامالغان، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا گېرمانىيىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان - يۇ، لېكىن داۋاملىق چاتاق تېرىۋەرگەن. 1924 - يىلى ئادولف گىتلېر ميۇنخېندا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ تۈرمىگە چۈشكەندە، ئالوئىس گىتلېر ھامبۇرگدا نىكاھ ئۈستىگە نىكاھلانغىنى ئۈچۈن ئالتە ئاي قامالغان. ھېيدېننىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئەنگىلىيىگە بېرىپ، ناھايىتى تېزلىكتە ئۆي - ئوچاقلىق بولۇۋالغان - يۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بەنە ئائىلىسىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن.

            دۆلەت سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن ،ئالوئس گىتلېرنىڭ ئەھۋالى بىر ئاز ياخشىلىنىپ قالغان. ئۇ بېرلىن شەھەر ئەتراپى رايونىدا كىچىككىنە بىر پىۋىخانا ئېچىپ، ئۇرۇش پارتلاشتىن سەل ئىلگىرى پايتەختنىڭ ئاۋات غەربىي رايونىدىكى ۋىتتېنبېرگ مەيدانىغا كۆچۈپ كېلىۋالغان. ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدىكى يېمەكلىكلەر چاپ - چاپ چاغلاردىمۇ بۇ پىۋىخانىنىڭ تەمىناتى ناھايىتى باياشات بولغانلىقتىن، بەزى ناتسىسىتچى ئەمەلدارلارمۇ ئۇنىڭ دائىملىق مېھمىنى ئىدى. ئەينى چاغلاردا مەنمۇ ئۇ يەرگە پات - پات كىرىپ پۇتلىرىمغا ئارام بېرىپ قالاتتىم، سېمىز كەلگەن، ساددا كۆڭۈللۈك، مۇلايىم مىجەزلىك ئالوئىسنىڭ يېشى شۇ چاغلاردا 60 لارغا تاقاپ قالغان بولۇپ، سىرتقى قىياپىتى ئۆزىنىڭ ئاتا بىر ئانا باشقا مەشھۇر قېرىندىشىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان جايلىرى كەم دېيەرلىك ئىدى. ئەمەلىيەتتە ، گېرمانىيە ۋە ئاۋىستىرىيىدىكى نۇرغۇنلىغان كىچىك قاۋاقخانا خوجايىنلىرى ئىچىدىن ئۇنى پەرق قىلىۋېلىشمۇ ناھايىتى مۈشكۈل ئىش ئىدى ، پىۋىخانىنىڭ تاپاۋىتى تولىمۇ ئوبدان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆتمۈشتىكى ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، شۇ چاغلاردىكى ھال - ئوقىتىنىڭ تازىمۇ ئوڭۇشلۇق ئىكەنلىكى روشەن ئىدى. ئۇ بىرلا ئىشتىن، يەنى ئۆز قېرىندىشىنىڭ بىردىنلا خاپا بولۇپ ياكى يىرگىنىپ، ئۆزىنىڭ تىجارەت كېنىشكىسىنى ئەتكەس قىلىۋېتىش ئېھتىمالىدىن ئەندىشە قىلاتتى، بەزىدە مۇشۇ كىچىككىنە پىۋىخانىدا، بەزىلەر دۆلەت فىئۇرېرى قوشۇمچە باش مىنىستىرنىڭ گىتلېرلار ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقىنى ئەسكە سالغۇچى بۇ شەخستىن خاپا ئىكەنلىكى ھەققىدە پاراڭ قىلىپ قالاتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئالوئىس ئۆز قېرىندىشى توغرىسىدىكى پاراڭلارغا ئارىلىشىشنى خالىمايتى. ئۇنىڭ شۇنداق ئېھتىياتچان بولۇشى، تەبئىيكى ئاقىلانىلىق بىلەن ئۆزىنى قوغدىغانلىق ئىدى. لېكىن، بۇ ئەينى چاغلاردا ياۋروپانى بويسۇندۇرماقچى بولۇشقا باشلىغان شەخسنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە كېلىپ چىقىشىنى تەپسىلىي ئۇقۇۋېلىشقا ئۇرۇنغۇچى بىزدەك كىشىلەرنى تەبئىيكى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرەتتى.

         «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتابتا ئېيتقانلىرىدىن سىرت، گىتلېر ئۆزىنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ۋە ياشلىق دەۋرىدىكى تۇرمۇشى توغرىلىق كەمدىن - كەم سۆز ئاچاتتى _ باشقىلارنىڭمۇ ئۆزى ئالدىدا شۇ توغرىلىق گەپ ئېچىشىغا كەمدىن - كەم رۇخسەت قىلاتتى. ھالبۇكى ،«مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دە كۆزگە چېلىقىدىغان پارچە - پۇرات تەرجىمىھال ماتېرىياللىرىمۇ كىشىگە ھەمىشە خاتا چۈشەنچىلەرنى بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىتابتا نۇرغۇن ئىشلار تومتاقلا ئېيتىلغان. يۇقىرىدا بىز ئۇنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى بەزى ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپتۇق. ئۇنىڭ كىچىكلىكىدىكى تۇرمۇشى قانداق ئۆتكەنىدى؟

     

    ئادولف گىتلېرنىڭ كىچىكلىكىدىكى تۇرمۇشى

     

           58 ياشقا كىرگەن دادىسى تاموژنىدىن پېنسىيىگە چىققاندا، ئالتە ياشلىق ئادولف 1895 - يىلى لىنزنىڭ غەربىي جەنۇبىغا ئانچە يىراق بولمىغان فىشلام كەنتىدىكى ھۆكۈمەت ئاچقان باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت - بەش يىل داۋامىدا ،كۆڭلى بىر يەردە تۇرمايدىغان، پېنسىيە پۇلىغا تايىنىپ كۈن كۆرۈۋاتقان بۇ كىشى لىنز يېنىدىكى نۇرغۇن كەنتلەردە كۆچۈپلا يۈرىدۇ. ئوغلى 15 ياشقا كىرگۈچە يەتتە يەرگە كۆچۈپ، بەش مەكتەپ ئالمىشىپ بولىدۇ. گىتلېر لامباھ يېنىدىكى بېندىكت مەزھىپىدىكى مۇناستىردا ئىككى يىل ئوقۇيدۇ. چۈنكى دادىسى شۇ يەرگە يېقىن جايدىن بىر پارچە ئېتىز سېتىۋېلغانىدى. ئۇ شېئىر ئوقۇش سىنىپىدا ناخشا ئېيتىش دەرسىنى تاللىۋالىدۇ، ئۆزىنىڭ خاتىرىسى بويىچەئېيتقاندا ،ئۇ كەلگۈسىدە پوپ بولۇشنى ئارمان قىلىدىكەن. ئاخىر ،پېنسىيىگە چىققان تاموژنا خىزمەتچىسى لىنزنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونى بولغان لېئوندىڭدا ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ - دە، پۈتۈن ئائىلە شۇ يەردىكى ئۆيى ۋە گۈللۈكى بار ئاددىيغىنە قورۇدا ياشاشقا باشلايدۇ.

     

           ئادولفنى 11 يېشىدا لىنزدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دادىسىنىڭ بىر ئاز پۇل خەجلىشىگە توغرا كېلەتتى، بۇ ھەم دادىسىنىڭ ئوغلىنى ئۆزى بېسىپ ئۆتكەن يولدا ماڭغۇرۇش _ خىزمەتچى قىلىش ئىرادىسىنىڭ بارلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. لېكىن ئوغۇل بولغۇچى ئۇنداق قىلىشتىن قاتتىق بىزار بولىدۇ.

     

          گىتلېر شۇ توغرىلىق كېيىنچە ئەسلەپ ،«ئۇ چاغدا مەن ئاران 11 ياشتا بولۇپ، بىرىنچى قېتىم (دادامنىڭ خاھىشىغا) قارشىلىق قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم...مېنىڭ خىزمەتچى بولغۇم كەلمەيتى» دېگەنىدى.

     

          گىتلېرنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتابىدا روشەن، سەمىمىي پوزىتسىيىدە ئەينەن يېزىلغان تەرجىمىھال خاراكتېرىدىكى ئەمەلىيەتلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. ئۇنىڭ ئەمدىلا ئون ياشتىن ھالقىغاندا ئۆزىنىڭ تاش يۈرەك، كاج دادىسىغا قارشى ئېلىپ بارغان قەتئىي كۈرەشلىرى ئەنە شۇ ئەمەلىيەتلەر جۈملىسىگە كىرىدۇ. بۇ كۈرەشلەر ئۇنىڭ قەتئىي ، ئىگىلمەس - سۇنماس ئىرادىسىنى تۇنجى قېتىم نامايەن قىلغان بولۇپ، بۇ ئىرادە ئۇنى كېيىنكى كۈنلەردە قارىماققا يېڭىش مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدىغان قاتمۇ - قات توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆتۈپ، ئۆزى قولغا كەلتۈرگەندەك نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇردى. ھالبۇكى، ئۆزىگە قارشى تۇرغۇچىلارنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغىنى ئۇنىڭ بۇ ئىرادىسىنىڭ گېرمانىيە ھەم ياۋروپاغا ئۆچمەس تامغا بېسىپ ئۆتكەنلىكى ئىدى.

     

           مەن خىزمەتچى بولمايمەن، ياق دېدىممۇ ، ياق. بۇ كەسىپنى سۆيۈپ قالسۇن ،دەپ دادام ماڭا ئۆز ئۆمرىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەكس نەتىجە كۆرسەتتى...مەن ...بىرەر ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ،ئەركىنلىكى مەھرۇم قىلىنغان ھالدا ئۆز ۋاقىتلىرىمنى ئىختىيارى باشقۇرالماي، ئۆمرۇمنى ياڭزىمۇ ياڭزا گىراپىلارنى تولدۇرۇشقا مەجبۇر بولۇش بىلەن ئۆتكۈزۈشنى ئويلىسام كۆڭلۈم ئاينىيدۇ....

     

           ئاقىۋەت بىر كۈنى مەن رەسسام ،سەنئەتكار بولۇش قارارىغا كەلدىم...بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتكەن دادامنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قالدى.

     

          _ نېمە، رەسسام؟ سەنئەتكار؟

     

           ئۇ مېنى ساراڭ بولۇپ قالدىمىكىن دەپ گۇمان قىلدى، گېپىنى خاتا ئاڭلىغان ياكى خاتا چۈشىنىۋالغان بولۇشۇم مۇمكىن دەپ ئويلىغان بولۇشىمۇ ئېھتىمال. ئىش ئايدىڭلاشقاندىن كېيىن، بولۇپمۇ چاقچاق قىلمايۋاتقانلىقىمنى چۈشەنگەندىن كېيىن، ئۇ مېىنىڭ بۇ نىيىتىمگە ئىنتايىن قەتئىيلىك بىلەن قارشى تۇردى...

     

          _ سەنئەتكار؟ بولمايدۇ! تىنىقىم ئۈزۈلمەي تۇرۇپ بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايمەن!..._ دادام ئۆزىنىڭ «ھەرگىز قوشۇلمايمەن» دېگىنىنى قەتئىي ئۆزگەرتمىدى، مەنمۇ « ئۆز ئىرادەم »نى كۈچەيتتىم.

     

          گىتلېر كېيىنچە بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنىڭ بىر نەتىجىسى ئۆزىنىڭ مەكتەپتە قايتا ياخشى ئوقۇماس بولۇۋالغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. «مەن دادامنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى نەتىجەمنىڭ ياخشى بولمايۋاتقانلىقىنى سەزگەندىن كېيىن، مەيلى خالىسۇن- خالىمىسۇن، ئارزۇ - ئارمانلىرىمغا يېتىۋېلىشمغا يول قويۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپ ئويلايتىم».

     

          34 يىلدىن كېيىن يېزىلغان بۇ سۆزلەرنىڭ يېرىمى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى نەتىجىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لىنز ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى نەتىجىسى ئادەتتىن تاشقىرى ناچار بولغاچقا ،ئۇ ئاقىۋەت تېگىشلىك شاھادەتنامىغا ئېرىشەلمەي، لىنزدىن خېلىلا يىراقتىكى ستېير شتاتلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئالمىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ يەردىمۇ ئۇزۇن تۇرمايلا، ئوقۇش پۈتتۈرمەي كېتىپ قالىدۇ.

     

          گىتلېرنىڭ ئوقۇشتىكى مەغلۇبىيىتى كېيىنمۇ كۆڭلىدىن چىقمىدى. ئۇ ھەمىشە ئوقۇغان «ئەپەندى» لەرنى شاڭخو قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئۇنۋانلىرىنى ، دىپلوملىرىنى ، تالىپ مىجەزلىكىنى شاڭخو قىلاتتى. ھەتتاكى ئۆلۈشتىن ئۈچ - تۆت يىل ئىلگىرى ئالىي باش قوماندانلىق شىتابىدا ھەربىي ستراتىگىيە ،تاكتىكا ۋە قوماندانلىق جەھەتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلار بىلەن پايپېتەك بولۇپ يۈرگىندىمۇ ،پات - پات بىرەر ئاخشام ۋاقىت چىقىرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى كونا ھەمراھلىرىغا ئۆزى ياش چاغلىرىدا ئۇچراتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانداق ئەخمەق ئىكەنلىكلىرىنى ئەسلەپ بېرتتى. بۇ ئەسەبىي تالانت ئىگىسى شۇ چاغلاردا ۋولگا دەرياسىىدىن تاكى ئىنگىلىز بوغۇزىغىچە بولغان زور ئارمىيىنىڭ ئورنلاشتۇرۇشلىرىغا شەخسەن ئۆزى قوماندانلىق قىلىدىغان ئالىي باش قوماندان بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدا بۇ خىل پاراڭ مەزمۇنلىرىنىڭ بىر قىسىمى تېخىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە ئىدى.

    ماڭا ئوقۇتقۇچى بولغان كىشىلەرنى يادىمغا ئالسام، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكىدە ئاز - تولا ساراڭلىق باردەك تۇيۇلىدۇ، ياخشى ئوقۇتقۇچى دېيىشكە بولىدىغانلىرى ئۇلارنىڭ سىرتىدا، ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرەر ياشنىڭ يولىنى توسۇۋالغۇدەك ھوقۇققا ئىگە بولۇشى كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ئېچىندۇرىدۇ ._ 1942 - يىل 3 - مارت.

          ئۆزۈمنى ئوقۇتقان ئوقۇتقۇچىلارنى ئەسلىسەم، ناھايىتى كۆڭۈلسىزلىنىمەن. ئۇلارنىڭ تەقى - تۇرقى ئىنتايىن مەينەت، كىيىم - كېچەكلىرى رەتسىز...شەخسەن ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پىكرى يوق، نادانلىقتا ئۇچىغا چىققان پىرولېتارىياتنىڭ بۇ مەھسۇلاتلىرى چىرىپ كەتكەن ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىڭ تۈۋرۈكلىرى بولۇپ بېرىشكە تازىمۇ باپ كېلىدۇ. خۇداغا شۈكرى، بۇنداق تۈزۈم ھازىر ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار بولۇپ قالدى ._1942 - يىل 12 - ئاپرېل.

     

           ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمنى ئويلىسام ئۇلارنىڭ يېرىمىنىڭ غەيرىي نورمال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن...بىز كونا ئاۋىستىرىيىلىك ئوقۇغۇچىلار قېرىلار ۋە خوتۇن - قىزلارنى ھۈرمەت قىلىدىغان تەربىيە ئالاتتۇق. لېكىن ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا قىلچىمۇ تەكەللۇپ قىلىپ ئولتۇرمايتۇق. ئۇلار بىزنىڭ تەبئىي دۈشمەنلىرىمىز ئىدى. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ مېڭىسى ئاز - تولا ئېلىشىپ قالغان بولۇپ، تولىسى كېيىنچە راستىنلا ساراڭ بولۇپ كەتتى!...ئوقۇتقۇچىلىرىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم بەكمۇ ئوسال ئىدى. چەتئەل تىلى جەھەتتە مېنىڭ ئازراقمۇ تالانتىم يوق _ ئەگەر مۇئەللىمىم تەبئىي گالۋاڭ بولمىغان بولسا ،ئېھتىمال بۇ خىل تالانتىم بار بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئۇنى كۆرسەملا يىرگىنىپ كېتەتتىم. _1942 - يىل 29 - ئاۋغۇست.

     

            ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئىستىبدات ئالۋاستىلاردىن ئىدى. ئۇلار ياشلارغا قىلچىلىكمۇ ھېسداشلىق قىلمايتى؛ئۇلارنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى كاللىمىزغا بىر نەرسىلەرنى تىقىپ توشقۇزۇپ، بىزنىمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش بىلىملىك ئاەەمسىمان مايمۇنغا ئايلاندۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىدى. ئەگەر بىرەر ئوقۇغۇچى قىلىچىلىك مۇستەقىل ئىجادىيلىقنى نامايان قىلىپ قالىدىغان بولسا ئۇلار ئۇنى رەھىمسىزلىك بىلەن قىينايتى. ماڭا تونۇش بەزى نەمۇنىچى ئوقۇغۇچىلار كېيىنچە جەمئىيەتتە مەغلۇپ بولۇپ كەتتى ._ 1942 - يىل 7 -سېنتەبىر.

     

          ناھايىتى روشەنكى، گىتلېر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۆزىگە يامان نومۇر بەرگەنلىكىنى تاكى ئۆلگۈچە كەچۈرەلمىگەن ۋە ئۇنتۇيالمىغان بولۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى كۈلكىلىك دەرىجىدە بۇرمىلىغان.

     

          گىتلېر دۇنياغا مەشھۇر ئەربابقا ئايلانغاندىن كېىيىن،ئوقۇتقۇچىلىرى ئەينەن ۋاقىتلاردا ئۇنىڭدىن قالغان تەسىراتلارنى ئەسكە ئېلىشىپ، قىسقا خاتىرىلەرمۇ قالدۇرۇشقان. گىتلېر ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلغان ئاز ساندىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىچىدە، ئۇنىڭغا ئىلىم - پەن ئۆگەتكەن سېئودور كىسنگېر ئىسىملىك بىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ، كېيىنچە گىتلېرنى ئەسلەپ مۇنداق ەېگەنىدى: « گىتلېر لىنز ئوتتۇرا مەكتىپىدە ماڭا ياخشىمۇ ، يامانمۇ تەسىرات قالدۇرمىغان بولسىمۇ، سىىنىپتا ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغانلاردىن ئەمەسلىكى ئېنىق ئىدى. ئۇنىڭ ئىنچىكە ئۇزۇن بويى تۈز ئۆسكەن بولۇپ، تاتارغان ، ياداڭغۇ چىرايى ئۆپكە كېسىلى بار كىشىلەرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتەتتى. كۆزلىرى ھەمىشە يوغان ئېچىلغان ھالدا پارقىراپ تۇراتتى.»

     

           ئېدۋارد شۇمېر ئەپەندىمنىڭ گىتلېر يۇقىرىدا ئېيىتپ ئۆتكەن «تۇغما گالۋاڭ»لاردىن ئىكەنلىكى شەكسىز ئىدى، چۈنكى ئۇ فرانسۇز تىلىدىن دەرس بېرتتى. ئۇ 1923 - يىلى ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئوقۇغۇچىسىغا گۇۋاھلىق بېرىش يۈزىسىدىن ميۇنخېنغا بارغان. شۇ چاغدا، گىتلېر پىۋىخانا سىياسىي ئۆزگىرىشى قوزغىغانلىقى تۈپەيلىدىن ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلغان دېگەن جىنايەت بىلەن سوراققا تارتىلىۋاتاتتى. گەرچە ئۇ گىتلېرنىڭ ئارزۇسىنى تەكىتلەپ كېلىپ، ئۇنىڭ غايىلىرىنى ئورۇنلىشىغا چىن دىلىدىن تىلەكداش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ ،لېكىن ئەينى چاغلاردىكى بۇ ياش ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى قىسقىچە تۆۋەندىكىدەك تەسۋىرلىگەنىدى:

     

            مەلۇم پەنلەر جەھەتتىلا شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، گىتلېرنىڭ تالانتى بارلىقىدا گەپ يوق ئىدى. لېكىن ئۇنىڭدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش كۈچى كەم بولۇپ، سىىلىقراق ئېيتقاندا، ئۇ گەپ تالىشىشقا ئامراق، تەرسا ئىدى. ئۆزىنڭكىنىلا توغرا دەيتى، مىجەزى چۇس ئىدى. مەكتەپ ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىپ كېتەلمەيتى. ئۇ يا تىرىشمايتى، بولمىسا ئۇنداق تالانت بىلەن كۆپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولاتتى.

     

          لىنز ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى ياش ئادولف گىتلېرغا بىر خىل قۇدرەتلىك ،كېيىن ئىسپاتلىنىشىچە ھەل قىلغۇچ خاراكتېرگە ئىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇ تارىخ مۇئەللىمى دوكتۇر لېئوپولد پوئىچ ئىدى. ئۇنىڭ يۇرتى جەنۇبىي يۇگوسلاۋىيىلكلەر ئولتۇراقلاشقان  رايونغا تۇتشىدىغان ،نېمىس تىلىنى قوللىنىدىغان چېگرا رايون ئىدى. بۇ يەردە ئۇچراتقان ئىرقچىلىق ماجىرالىرىنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ئۇنى بىر ئەسەبىي نېمىس مىللەتچىسىگە ئايلاندۇرغان بولۇپ، ئۇ لىنزغا كېلىشتىن بۇرۇن ماربۇرگدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ماربۇرگ 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يۇگوسلاۋىيىگە بۆلۈپ بېرىلگەندە ، نامى مارىبورغا ئۆزگەرتىلگەن.

     

           گەرچە دوكتۇر پوئىچ بۇ ئوقۇغۇچىسىغا تارىخ دەرسىدىن ئاران ئوتتۇرا نومۇر بەرگەن بولسىمۇ ،لېكىن ئۇ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دە قىزغىن مەدھىيىلەرگە ئېرىشكەن بىردىنبىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان. گىتلېر ئاشۇ كىشىدىن پايدىلىق تەربىيە ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئىنتايىن خالايتى .

     

           بەختىمگە يارىشا ،مەن ناھايىتى ئاز كىشىلەرلا چۈشىنىدىغان...شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ مېغىزىنى ساقلاپ قېلىش پىرىنسىپىنى بىلىدىغان بىر تارىخ ئوقۇتقۇچىسىغا ئېرىشتىم. بۇ _ كېيىنكى ھاياتىمدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان بولۇشى ئېھتىمال...لىنز ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئۇستازىم دوكتۇر لېئوپولد پوئىچ بۇ شەرتىمنى ھەقىقىي تۈردە كۆڭۈلدىكىدەك قانائەتلەندۈردى. ئۇ مۇلايىم، ئەمما تەلەپچان پېشقەدەملەردىن بولۇپ، ئۆزىنىڭ چاڭىلداپ تۇرغان ناتىقلىقى بىلەن دىققىتىمىزنى جەلپ قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بىزنى خىياللارغا سېلىپ قوياتتى. مادامىكى، چاچلىرىغا ئاق كىرگەن شۇ كىشىنى ھازىرقى كۈنلەردىمۇ چىن مۇھەببىتىم بىلەن ئەسلەيمەن. ئۇنىڭ كەسكىن سۆزلىرى بەزىدە ھازىرنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، بىزنى بەجايىكى جادۇ بىلەن باغلاۋاتقاندەكلا قاتمۇ قات ۋاقىت تۇمانلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆتمۈش زامانغا ئېلىپ بېرىپ،تېتىقسىز تارىخىي ئەمەلىيەتنى جانلىق رېئال تۇرمۇشقا ئايلاندۇرۋېتەتتى. تىڭشاپ ئولتۇرغاندا قەلبىمىز ئوتتەك لاۋۇلداپ ياناتتى، بەزىدە ھەتتا تەسىرلەنگىنىمىزدىن كۆزلىرىمىزگە ياش ئالاتتۇق...بۇ بىخ ھالىتىدە تۇرغان ھەقىقىي مىللىي مۇھەببىتىمىزدىن پايدىلىنىشنى تەربىيە ۋاستىسى قىلغان ھالدا، ھەمىشە مىللىي شۆھرەت تۇيغۇمىزنى ئويغىتاتتى.

     

           شۇ ئوقۇتقۇچى تارىخنى مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دەرسىمگە ئايلاندۇرغانىدى.

     

           ئەمەلىيەت ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بولدى. گەرچە ئۇنىڭدا ھەرگىز بۇنداق غەرەز بولمىسىمۇ، لېكىن مەن دەل شۇ چاغلاردا بىر ياش ئىنقىلاپچىغا ئايلىنىپ قالغانىدىم.

     

          تەخمىنەن 35 يىل ئۆتۈپ، يەنى 1938 - يىلى, باش مىنىستىر گىتلېر ئاۋىستىرىيىنى 3 - ئىمپېرىيىگە زورلۇق بىلەن قوشۇۋالغاندىن كېيىن، ئاۋىستىرىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى غەلىبە بىلەن كۆزدىن كەچۈرۈپ يۈرگىندە، كلاگېنفۇرتتا ئالاھىدە توختاپ، ئاللىقاچان پېنسىيىگە چىققان پېشقەدەم ئۇستازىنى يوقىلىغان. ئۇ پېشقەدەم ئەپەندىنىڭ ئاۋىستىرىيە مۇستەقىل دەۋردە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان يەر ئاستى ناتسىستچىلار پارتىيىسىنىڭ ئېسئاچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتكەن ۋە بۇ پېشقەدەم ئەپەندى بىلەن خالىي تۈردە بىر سائەت پاراڭلاشقان .كېيىنچە پارتىيە ئىچىدىكى يولداشلىرىغا ؛« سىلەر مۇشۇ بوۋايدىن ئالغان پايدامنىڭ قانچىلىك زور بولغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ يېتەلمەيسىلەر» دېگەن.

     

           ئالوئىس گىتلېر 1903 - يىل 3 - يانۋاردا  ئۆپكىسىدىن قان كېتىش سەۋەبى بىلەن 65 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ، يەنى ئەتىگەنلىك سەيلە ۋاقتىدا كېسىلى تۇتۇپ قېلىپ، بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىنلا يېنىدىكى بىر قاۋاقخانىدا قوشنىسىنىڭ قۇچىقىدا جان ئۈزىدۇ. 13 ياشلىق ئوغلى دادىسىنىڭ جەسىىتىنى كۆرگەندە ئۆزىنى تۇتالماي تولا يىغلاپ بوغۇلۇپ كېتىدۇ.

     

           گىتلېرنىڭ ئانىسى شۇ چاغدا 42 ياشتا بولۇپ، لىنزنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونى ئۇرفاردىكى بىر ئاددىيغىنا ياتاققا كۆچۈپ بارىدۇ - دە، يىغقان ئازغىنە پۇلى ۋە پېنسىيە پۇلىغا تايىنىپ ئىككى يېتىم بالىسى _ ئادولف ۋە پائۇلانى باقىدۇ. گىتلېر «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتابىدا ئېيتقاندەك، ئانىسى ئېرىنىڭ ئارزۇ - ئارمىنى بويىچە ئوغلىنى داۋاملىق تۈردە ئوقۇتۇش بۇرچىنى ھېس قىلغان _ «باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا (گىتلېرنىڭ سۆزى بويىچە) مېنى ئوقۇتۇپ خىزمەتچىلىك كەسپىنى قىلدۇرماقچى بولغان.» لېكىن ،ياش تۇل جۇۋان گەرچە ئوغلىنى بەكمۇ ياخشى كۆرسىمۇ، بەلكى ئوغلىمۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى ئامراقتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئوغلى «ئاشۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللانماسلىققا تېخىمۇ قەتئىي بەل باغلايدۇ.» شۇڭا ،ئانا - بالىلىق مېھرى - مۇھەببەتنىڭ چوڭقۇر بولۇشىغا قارىماي، زىددىيەت يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئادولف ئوقۇشنى داۋاملىق تاشلىۋېتىدۇ.

     

           «ئارقىدىنلا ئۇلىشىپ كەلگەن كېسەل ئۇشتۇمتۇت ماڭا ياردەم قىلىپ قالىدى - دە، ئىستىقبالىم بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىلا بېكىتىلىپ، تۈگىمەس ئائىلە جوداسىغا خاتىمە بېرىلدى.»

     

           گىتلېر 16 گە توشاي دېگەندە ئۆپكە كېسىلىگە دۇچار بولۇپ، كەم دېگەندە بىر يىل ئوقۇشتىن قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنى يۇرتى سىپىتالغا ئەكىلىشكەندىن كېيىن ،ئۇ كىچىك ئانىسىنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل دەم ئالىدۇ. كىچىك ئانىس تېرېسا سمىت دېھقان ئايىلى ئىدى. گىتلېر كېسىلى ئوڭشالغاندىن كېيىن ستېير شتاتلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ۋاقتىنچە قايتىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شاھادەتنامىسىگە :(1905- يىل 16- سېنتەبىر) نېمىس تىلى ،خمىيە، فىزىكا، گېئومېتىرىيە، گېئومېتىرىيىلىك رەسىملەردە «قەدىر ئەھۋال»، جۇغراپىيە ۋە تارىختا «ياخشى»، ئەركىن سىزما رەسىمدە «ئەلا» دېگەن نومۇرلار توشقۇزۇلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىن ئايرىلىپ كېتەلىگىنىگە ھەددىدىن ئارتۇق خۇشال بولۇپ كەتكەن گىتلېر مەست بولغۇچە ھاراق ئىچىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۆز ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ،شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىم ھاراق ئىچىپ مەست بولۇشى ئىدى. كېيىنچە ئۆزىنىڭ ئەسلىگەنلىرىدىن قارىغاندا، سۈت ساتقۇچى بىر قىز تاڭ مەزگىلىدە ئۇنىڭ ستېير بازىرىنىڭ سىرتىدىكى سەھراغا بارىدىغان يول چېتىدە يىقىلىپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، يۆلەشتۈرۈپ يۈرۈپ بازارغا ئەكىلىپ قويۇپتۇ.ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز ھاراق ئىچمەسلىككە قەسەم قىلغانىكەن.*   (1942- يىل 8-،9- يانۋار كېچىسى ئالىي باش قوماندانلىق شىتابىدا ئۇ ئۆتمۈشنى ئەسلەپ مۇشۇ ھېكايىنى ئېيتىپ بەرگەن<«گىتلېرنىڭ مەخپىي سۆھبەت خاتىرىلىرى»[«Hitler Secret Conversations  »] نىڭ 160- بېتىگە قاراڭ> ).   ئۇ ئەڭ بولمىغاندا مۇشۇ ئىشتا بولسىمۇ ئۆز ۋەدىسىگە رىئايە قىلغان بولۇپ، كېيىنچە ھاراق ئىچمەيدىغان ھەم تاماكا چەكمەيدىغان بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە گۆشسىز غىزا يەيدىغان بولىدۇ. ئۇ دەسلەپتە ۋېنا ۋە ميۇنخېنلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىدا يانچۇقىدا بىر تىيىن پۇلمۇ يوقلۇقىدىن شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولسا ، كېيىنچە پۈتۈنلەي ئاڭلىق يوسۇندا شۇنداق قىلغان.

     

          گىتلېر شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى - ئۈچ يىلنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك  كۈنلەر ئىكەنلىكىنى كۆپ چاغلاردا تىلغا ئالاتتى.٭*   («ئاشۇ كۈنلەر گويا چۈشۈمدىكىدەك ئەڭ كۆڭۈللەر ئىدى...»<«مېنىڭ كۈرەشلىرىم»نىڭ 18 - بېتى >. گىتلېر باش مىنىستىرلىققا تەيىنلىنىپ ئالتە ئايدىن كېيىن يەنى 1933 - يىل 4 - ئاۋغۇست كۈنى ئۆزىنىڭ ئۆسمۈر دەۋرىدىكى دوستى ئاۋگۇست كۇبىزېككە :«ئۆمرۈمدە ئەڭ گۈزەل بولغان ئاشۇ يىللاردىكى كونا ئىشلارنى سەن بىلەن بىللە قايتا ئەسلىگۈم بەكمۇ كېلىدۇ» دېگەن.<كۇبىزېك:«مەن تونۇيدىغان ئۆسمۈر گىتلېر»نىڭ 273- بېتى>.)   گەرچە ئانسى ھەم ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئىشلەشكە، بىرەر كەسىپنى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىپ ھەيدەكچىلىك قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كەلگۈسىدە سەنئەتكار بولۇشتەك شېرىن چۈشلەر قوينىدا مەست بولۇپ، دوناي دەرياسىنىڭ بويلىرىدا بىكار لەلەڭشىپ يۈرىۋەردى. ئۇ 16 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكۈزگەن «لەيغەزەل كۈنلىرى»نى ،ئانىسىنىڭ باغرى، قوزىسى بولۇۋېلىپ، «مەنىسز ئارامبەخش تۇرمۇش»تىن بەھرىمەن بولغانلىقلىرىنى ئۆمۈرۋايەت ئېسىدىن چىقىرالمىدى. گەرچە ئاجىز ،كېسەلجان ئانىسى ئازغىنا كىرىمگە تايىنىپ ئاران كۈن كۆرۈۋاتسىمۇ، ياش ئادولف سىرتقا چىقىپ تۇرمۇش يولى ئىزدەش ئارقىلىق ئانىسىغا مەدەت بولۇشتىن باش تارتاتتى. ئۇ ھەرقانداق ھالال كەسپ ئارقىلىق ھەتتا ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى قامداشنى ئويلاشنىمۇ خالىمىدى ۋە ئۆمۈز بويى شۇنداق ئۆتتى.

           بالاغەتكە يېتىش ئالدىدىكى بىر نەچچە يىلدا گىتلېرنىڭ كۆڭلىنىڭ شۇنچىلىك يايراپ كېتىشىدىكى سەۋەب خىزمەت قىلمىسىمۇ بولىۋەرگەنلىكىتن، ئۇنىڭ چوڭقۇر، شېرىن خىياللارغا بېرىلىشكە، كۈندۈزى شەھەر كوچىلىرى ياكى سەھرادىكى ئېتىز - دالىلاردا بىكار ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئاغىنىلىرىگە جەمئىيەتتىكى ئىللەتلەر ۋە ئۇلارنى ئوڭشاش توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە سۆزلەشكە، كېچىلىرى باش چۆكۈرۈپ كىتاب ئوقۇشقا ،لىنز ياكى ۋېنادىكى ئوپېرالارنىڭ ئارقا رەت ئورۇندۇقلىرىنىڭ كەينىدە ئۆرە تۇرۇپ رېچارد ۋاكنېرنىڭ غەيرىي دىندىكى سىرلىق مۇزىكىلىرىنى بېرىلىپ تىڭشاشقا ۋاقتى چىققانلىقىدا ئىكەنلىكى روشەن ئىدى.

    分享到: