• 3.ئېمپىريىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى(2.قىسىم)

    2009-05-20

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39664278.html

    شۇ كۈنى ئاخشىمى گۇگۇمدىن تارتىپ تاكى تۈن نىسپىدىن خېلى ئۆتۈپ كەتكۈچە، خۇشاللىقىدىن ھەممىنى ئۇنتۇغان ناتسىستچى ئېسئاچىلار كوچىلاردا داغدۇغىلىق مەشئەل نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، غەلىبە تەنتەنىسى قىلىشتى. مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ناتسىستچى ئېسئاچىلار رەتلىك سەپ تۈزۈپ، ھايۋاناتلار باغچىسىدىن چىقىپ، براندېنبۇرگ زەپەر دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، ۋىليام كوچىسىغا يېتىپ كېلىشتى، ئۇلارنىڭ ئوركىستېرى يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋاتقان بارابانلارنىڭ تەڭكەشلىكىدە ھەربىي مۇزىكا چالاتتى. ئۇلار يېڭىدىن ئىشلەنگەن «ھورست _ ۋېسسېل ناخشىسى» ۋە باشقا خۇددى گېرمانىيىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش قەدىمى ناخشىلارنى ۋارقىراپ ئېيتىشاتتى، پۇتلىرىدىكى ئۆتۈكلەر كوچىلاردا كۈچلۈك رېتىم پەيدا قىلىپ غاچىلدايتى، ئېگىز كۆتۈرۈۋالغان مەشئەللىرى ئوت دېڭىزىنى شەكىللەندۈرۈپ، كېچە ئاسمىنىنى يورۇتۇپ، پىيادىلەر يوللىرىدىكى تاماشىغا توپلانغان كىشىلەرنىڭ ئالقىش سادالىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىتماقتا ئىدى. پرىزدېنت ھىندېنبۇرگ ئۆز سارىيىدىكى بىر دېرىزىنىڭ ئالدىدا تۆۋەنكى نامايىشچىلار توپىنىڭ ئۆتۈپ بېرىشىغا قاراپ تۇراتتى، ھاسىسىنى ھەربىي مارش ئۇدارىغا تەڭكەش قىلىپ پولنى تاقىلدىتاتتى، ئۇنىڭ ئاقىۋەت گېرمانىيە ئەنئەنىۋى ئۇسۇلى بويىچە خەلقنى ئويغىتالايدىغان باش مىنىستىر تاللاپ چىقىلغانلىقىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولۇۋاتقانلىقى روشەن ئىدى. بۇ بوۋاينىڭ قېرىلىق گاراڭلىقىدا شۇ كۈنى ئۆزىنىڭ قانداق بىر ۋەھشىي مەخلۇققا يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى قىلىچىلىك بولسمۇ سەزگەن - سەزمىگەنلىكى ئىنتايىن گۇمانلىق. ئۇزۇن ئۆتمەي بېرلىنىدا ئانچىلا ئىشەنچىلىك بولمىغان بىر رىۋايەت تارقىلىپ كەتتى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشچە، نامايشلار راسا داۋاملىشىۋاتقاندا، ئۇ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، بىر پېشقەدەم گېنېرالغا:«مۇنچىۋالا كۆپ رۇس ئەسىرلىرىنى تۇتۇۋالارمىز دەپ ئويلىمىغانىكەنمەن» دەپتۇدەكمىش.

     

         ۋىليام كوچىسىنىڭ يەنە بىر چېتىدىن ئوقيا ئوقى يەتكۈدەك يىراقلىقتىكى جايدا، باش مىنىستىر مەھكىمىسىنىڭ ئوچۇق بىر دېرىزىسىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئادولف گىتلېر خۇشلۇقىدىن ئۆزىنى ئۇنتۇپ، قىن - قىنىغا سىغماي كەتكەنىدى ،ئۇ قوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كۆتۈرۈپ، ناتسىستچە چاس بېرەتتى، گاھ تەبەسسۇم قىلىپ، گاھ قاقاقلاپ كۈلەتتى، خۇشاللىقىدىن كۆزلىرى يەنە لىققىدە ياشقا تولغانىدى.

     

         چەتئەللىك بىر كۆزەتكۈچى شۇ كېچىدىكى نامايىشنى باشقىچە ھېسسىيات بىلەن كۆزدىن كەچۈرگەن. باش ئەلچى ئاندرې فرانسوئىس - پونسېت:«ئوت دېڭىزى فرانسىيە باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئېقىپ ئۆتتى، مەن قانداقتۇر بىرەر شۇملۇقنى سەزگەندەك قايغۇلۇق كەيپىياتتا ئۇنىڭ ئۆتۈشىگە قاراپ تۇردۇم» دەپ يازغانىدى.

     

         گېببېلس شۇ كېچىسى ئۆيىگە قايتقىنىدا، سائەت ئۈچ بولۇپ كەتكەنىدى. بەكمۇ چارچىغانىغا قارىماي ئۇ ناھايىتى خۇش خۇي بولۇپ، يېتىش ئالدىدا خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازغان:«بۇ خۇددى چۈشلەردىكىگە...چۆچەكلەردىكىگە ئوخشاش دېگۈدەك بولدى...يېڭى بىر ئىمپىېرىيە دۇنياغا كەلدى.  14 يىللىق جەبىر- جاپالىق خىزمەت ئاخىر غەلىبىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. گېرمانىيە ئىنقىلابى باشلاندى!»

     

    گىتلېر لاپ ئۇرۇپ، 1933 - يىل30 - يانۋاردا دۇنياغا كەلگەن 3 - ئىمپېرىيە 1000 يىللارنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ زەئىپلەشمەيدۇ دېگەنىدى. ناتسىستلار تىلىدا 3- ئىمپېرىيە كۆپ ھاللاردا «1000 يىللىق ئىمپېرىيە» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ جەمئىي 12 يىل تۆت ئاي مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىدى. لېكىن ئۇ تارىختىكى بۇ بىردەملىك پەيتتە يەر شارىدا بارچە نەرسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان شۇنداق بىر يانار تاغ پارتلىشىنى پەيدا قىلدىكى، ئۇنىڭ شىددىتى مسىلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بولدى؛ گېرمانىيە خەلقىنى 1000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئېرىشەلمەي كەلگەن ھوقۇق چوققىسىغا ئېلىپ چىقتى؛ ئۇلارنى بىر مەھەل ئاتلانتىك ئوكياندىن ۋولگا دەرياسىغىچە ، شىمالىي تۇمشۇقتىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان ياۋروپانىڭ خوجايىنى قىلىپ قويدى؛ ئارقىدىنلا دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندا، ئۇلارنى يەنە ھالاكەت ھەم ۋەيرانچىلىقنىڭ ھاڭلىرىغا ئاپىرىپ تاشلىدى. بۇ بىر مەيدان دۇنيا ئۇرۇشىنى ئۇلارنىڭ دۆلىتى شەپقەتسىز تۈردە قوزغىغان بولۇپ، ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ دۆلىتى بويسۇندۇرۇلغان ئەللەر خەلقلىرى ئۈستىدىن تېرورلوق ھۆكۈمرانلىقى يۈرگۈزدى. غەرەزلىك تۈردە ھاياتلىقنى قىردى ۋە ئىنسانلار قەلبىنى بابۇت قىلدى. ئۇنىڭ دەرىجىسى تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردە يۈز بەرگەن ياۋۇزلارچە زۇلۇمنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشتى.

     

          3 - ئىمپېرىيىنى قۇرۇپ چىققان ،3 - ئىمپېرىيىگە شەپقەتسىزلىك بىلەن، بەلكى كۆپ ھاللاردا ئاجايىپ بىر خىل چېچەنلىك ۋە ھىيلىگەرلىك بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئۇنى كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى چاقنىتىۋېتىدىغان پەللىگە كۆتۈرۈپ چىقىپ، كېيىن يەنە مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە تاشلىۋەتكەن ئادەم جەزمەن تالانت ئىگىسى ئىدى، مەيلى بۇنداق تالانت ئىگىسى قەبىھ تالانت ئىگىسى ھېسابلانسىمۇ. دۇرۇس، ئۇ گېرمانىيە خەلقىنىڭ سىرلىق تەڭرى ئىرادىسى ۋە 1000 يىللىق سەرگۈزەشتىلەردە تاۋلىنىپ چىققان ئەينى ۋاقىتتىكى شۇ قىياپىتىدىن بىر خىل تەبئىي قورالنى تېپىۋالدى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يېتەلىدى. ۋاھالەنكى، ئەگەر ئادولف گىتلېر بولمىغان بولسا، 3 -ئىمپېرىيىنىڭ ھەرگىز بولمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى، ئادولف گىتلېر ۋەھشىي ئالۋاستىنىڭكىدەك خاراكتېرگە، گرانت تاشتەك ئىرادىگە،تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان تۇغما سەزگۈگە ، شەپقەتسىز تاش يۈرەككە، ئاجايىپ ئەقىل - پاراسەتكە، ئۇچقۇر غەلىتە خىياللارغا ،شۇنداقلا ئادەملەر ھەم ۋەزىيەت ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشتا كىشى ھەيران قالارلىق قابىلىيەتكە ئىگە ئىدى. پەقەت ئەڭ ئاخىرىدىلا ئۇ ھوقۇق ۋە غەلىبىلەردىن ئېسەنكىرەپ كەتكەنلىكتىن ئۆزىنى پايلىمىغان ئىشلارنى قىلىپ قويدى.

     

          خۇددى مەشھۇر گېرمانىيە تارىخشۇناسى فرېدرىھ مېنك ئېيتقاندەك: «بۇ _ تارىخىي تۇرمۇشتا شەخسلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ھەم مۆلچەرلىگۈسىز كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان ناھايىتى ياخشى مىسال.»

     

          بەزى نېمىسلارنىڭ ،بەلكى شەكسىز تۈردە كۆپ ساندىكى چەتئەللىكلەرنىڭ نەزەرىدە، ئەينى چاغدىكى ئەھۋال گويا بىر جاھانكەشتى ئالدامچىنىڭ بېرلىندا ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزۈۋالغانلىقىدەكلا كۆرۈنىدۇ. لېكىن نېمىسلارنىڭ زور كۆپچىلىكىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، گىتلېر ھەقىقىي تۇغما داھىيلىق جاسارىتىگە ئىگە ئىدى ۋە ياكى ئۇزۇن ئۆتمەي شۇنداق جاسارەتكە ئىگە بولالايتى. شۇڭا، ئۇلار كېيىنكى بوران - چاپقۇنلۇق 12 يىل داۋامىدا گويا گىتلېر تەڭرى ئاتا قىلىغان دانالىققا ۋە كەسكىنلىككە ئىگىدەك قارىغۇلارچە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.

     

    ئادولف گىتلېرنىڭ تۇغۇلۇشى

     

          كىشىلەر بىلەن ئوخشاشمايدىغان بۇ ئاۋىستىرىيىلىك دېھقاننىڭ ئەۋلادى 1889 - يىل 20 - ئاپرېل كۈنى كەچ سائەت ئالتە يېرىمدا باۋارىيە چېگرىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىن دەرياسى بويىغا جايلاشقان برائۇنائۇ بازىرىدىكى پومې دېگەن مېھمانخانىنىڭ كىچىككىنە خانىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ۋە كىچىكلىكىدىكى ھاياتىنى ئويلىغاندا، ئۇنىڭدىنمۇ نالايىق بىر شەخسنىڭ بىسمارك ،خوخېنزوللېرنلار جەمەتىنىڭ پادىشاھى ۋە پرىزدېنت ھىندېنبۇرگنىڭ جەندىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى تەسەۋۋۇر ئەتمەكنىڭ ئۆزى بەك مۈشكۈل ئىش.

     

          ئۇ تۇغۇلغان جاينىڭ گېرمانىيە - ئاۋىستىرىيە چېگرىسىدا بولۇپ قېلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى كېيىنچە ئىسپاتلاندى. چۈنكى، گىتلېر ياش چاغلىرىدىلا نېمىس تىلىدا سۆزلەيدىغان بۇ ئىككى مىللەت ئارىسىدا چېگرا ئايرىمچىلىقى بولماسلىقى، ئۇلار بىرلا دۆلەتكە تەۋە بولۇشى لازىم دەيدىغان ئىدىيىدە بولغانىدى، ئۇنىڭ بۇ تۇيغۇسى شۇ قەدەر كۈچلۈك ھەم چىداملىق ئىدىكى، تاكى ئۇ 35 يېشىدا گېرمانىيىدىكى بىر تۇرمىدە سولىنىپ يېتىپ ،كەلگۈسىدە 3 - ئىمپېرىيىنىڭ لايىھىسى بولۇپ قالغۇسى ئەسىرىنى ئاغزاكى يوسۇندا ئېيتىپ بېرىۋاتقاندا ، دەسلەپكى بىر نەچچە ئېغىز سۆزلىرىمۇ ئۆزى تۇغۇلغان يەرنىڭ سىموۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ چىققان. ئۇنىڭ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دېگەن كىتابى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن باشلىنىدۇ:

     

         بۈگۈن قارىسام، تەقدىرنىڭ ئىن دەرياسى ساھىلىدىكى بىرائۇنائۇنى مېنىڭ تۇغۇلۇش جايىم قىلىپ تاللىۋېلىشى گويا تەڭرىنىڭ ئىرادىسىدەك تۇرىدۇ.بۇ كىچىككىنە شەھەر ئىككى نېمىس دۆلىتىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، بىز ياش ئەۋلادلار ئەڭ بولمىغاندا، بار كۈچىمىز بىلەن ئىككى دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۇرۇشنى ئۆمۈرلۈك خىزمىتىمىز قىلىدۇق...مېنىڭچە، چېگرىدىكى بۇ كىچىككىنە  شەھەر ئۇلۇغ بىر ۋەزىپىنىڭ سمۋولى بولۇپ قالغانىدى.

     

         ئادولف گىتلېر ئاۋىستىرىيە تاموژنىسىدا ئىشلەيدىغان كىچىك بىر خىزمەتچىنىڭ 3 - نىكاھتا ئالغان خوتۇنىدىن بولغان 3 - بالا ئىدى. ئاۋىستىرىيە تاموژنىسىدا ئىشلەيدىغان بۇ كىچىك خىزمەتچىنىڭ ئۆزى نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا بولۇپ، تاكى 39 ياشقا كىرگۈچە ئىزچىل يوسۇندا ئانا جەمەتىنىڭ شكلگروبېر دېگەن فامىلىسىنى قوللىنىپ كەلگەن. گىتلېر دېگەن فامىلە ئانا تەرەپ ۋە ئاتا تەرەپ ئەجدادلىرىنىڭ ھەممىسىدە بولغانىكەن. گىتلېرنىڭ مومىسى (ئانىسىنىڭ ئانىسى) ۋە بوۋىسىنىڭ فامىلىلىرىمۇ گىتلېر بولۇپ، پەقەت ئوقۇلۇشى ئوخشاش، يېزىلىشى ھەمىشە پەرقلىنىپ، گاھى گىدلېر  (Hiedler) ، گاھى گۇتلېر (Huetler, Huettler) ، گاھىدا بولسا گىتلېر ( Hitler)دەپ يېزىلاتتى.*   ( « Hitler»دېگەن ئىسىم «ھىتلېر» دەپ ئېلىنسا توغرا بولاتتى. لېكىن كىتابىمىزدا ئەنئەنىۋى ئادەت كۆزدە تۇتۇلۇپ «گىتلېر» دەپ ئېلىندى._مۇھەررىردىن) . ئادولفنىڭ ئانىسى دادىسىنىڭ بىر نەۋرە جىيەن قىزى ئىدى. ئەينى چاغلاردا يېقىن تۇغقانلار توي قىلىشتا چېركاۋنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشقا توغرا كېلەتتى.

     

         گېرمانىيىنىڭ بۇ كەلگۈسى فىئۇرېرىنىڭ ئانا تەرەپ ۋە ئاتا تەرەپ ئەجدادلىرىنىڭ ھەممىسى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا دوناي دەرياسى بىلەن بوھېمىيە - موراۋىيە چېگرىسى ئوتتۇرىسىدىكى تۆۋەن ئاۋىستىرىيىگە  جايلاشقان ۋالدۋېرتېل ناھىيىسىدە ماكان تۇتۇپ كەلگەن. مەن ۋېنادا تۇرغان يىللىرى بەزىدە پراگا ۋە گېرمانىيىگە بارغاندا، شۇ يەردىن ئۆتۈپ قالاتتىم. بۇ يەر بۈك - باراقسان ئورمانلار بىلەن قاپلانغان ئېدىرلىق بولۇپ، نۇرغۇنلىغان دېھقانچىلىق كەنتلىرى ۋە ئېتىزلىرى بار ئىدى. گەرچە ۋېناغا ئاران 50 ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان بولسىمۇ، گويا ئاۋىستىرىيە تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بۇ يەردىن ئۆتمىگەندەك تېخىچىلا نامرات ۋە  خىلۋەت ھالەتتە ئىدى. بۇ يەردىكى ئاھالىنىڭ خاراكتېرى ناھايىتى جاھىل بولۇپ، شىمالدىكى چېخ دېھقانلىرىنىڭكىگە تولىمۇ ئوخشىشىپ كېتەتتى. يېقىن تۇغقانلار ئوتتۇرىسىدا نىكاھلىنىش ناھايىتى ئومۇملاشقان بولۇپ، گىتلېرنىڭ ئاتا- ئانىسىمۇ شۇنداق نىكاھلانغانلاردىن ئىدى، نىكاھسىز تۇغۇلغان  بالىلارمۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى.

     

          گىتلېرنىڭ ئانا تەرەپ ئەجدادلىرىنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ، كلاپوئېلزاللار ئائىلىسى تۆت ئەۋلادتىن بېرى سپىتال يېزىسىنىڭ 37 - نومۇرلۇق ئېكىنزارلىقىدا دېھقانچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن. لېكىن گىتلېرنىڭ ئاتا تەرەپ ئەجدادلىرىنىڭ ئەھۋالى ئۇلارنىڭكىدىن كۆپ پەرق قىلاتتى. بىزگە بۇ ئائىلىنىڭ فامىلىسىنىڭ دائىم دېگۈدەك ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى، تۇرالغۇسىنىڭمۇ مۇقىم ئەمەسلىقى مەلۇم. گىتلېرلار ئائىلىسىنىڭ بىر يەردە مۇقىم ئولتۇراقلاشمايدىغان تەبىئىتى بولۇپ، ھامان ئۇ مەھەللىدىن بۇ مەھەللىگە كۆچۈپ يۈرۈشنىڭ ، ئۇ كەسىپتىن بۇ كەسىپكە ئۆتۈشنىڭ كويىدا بولۇشاتتى. يېقىن قوۋمى - قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتتە بولۇشنى ياقتۇرماي، بەلكى ئاياللارغا بولغان مۇناسىۋەتتە بوھېمىيچە تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرەتتى.

          ئادولفنىڭ بوۋىسى يوھان گېئورگى گىدلېر بارغانلا يېرىدە مەدىكارلىق قىلىدىغان تۈگمەن ئىشچىسى بولۇپ، تۆۋەنكى ئاۋىستىرىيە يېزىلىرىدا قاتراپ يۈرەتتى. ئۇ 1824 - يىلى 1 - قېتىملىق تويىدىن كېيىن بەش ئاي ئۆتۈپلا بىر ئوغۇل كۆرگەن. بىراق ئايالى بىلەن ئوغلى تۇغۇتتىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن. 18 يىلدىن كېيىن دۇرۇنسائوردا ئىشلەپ يۈرگىنىدە، ترونىس يېزىسىدىكى مارىيە ئاننا شكلگروبېر ئىسىملىك ، 47 ياشلاردىكى بىر سەھرالىق ئايالغا ئۆيلەنگەن. مارىيە توي قىلىشتىن بەش يىل بۇرۇن يەنى 1837 - يىلى7 - ئىيۇندا ئالوئىس ئىسىملىك كېيىنچە ئادولف گىتلېرنىڭ دادىسى بولغۇچى نىكاھسىز  بالىسىنى تۇغقان. گەرچە بىز نەق دەلىل - ئىسپاتلارنى تاپالمىغان بولساقمۇ ، يوھان گىدلېرنىڭ ئالوئىسنىڭ دادىسى بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن. قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ،يوھان كېيىنچە شۇ ئايالنى ئالغان، لېكىن ئەينى چاغلاردىكى بۇنداق ئەھۋاللاردىكى ئادەتلەرنىڭ ئەكىسچە ،تويدىن كېيىن ئوغلىنى رەسمىي رويىخەتكە ئالدۇرۇپ قويۇش ئۇنىڭ ئېسىگە كەلمىگەنلىكتىن ،بۇ بالا تاكى چوڭ بولغۇچە ئائوئىس شكلگروبېر دەپ ئاتىلىپ يۈرىۋەرگەن.

          ئاننا 1847 - يىلى ۋاپات بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن، يوھان گىدلېر 30 يىل ئىز - دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەن. كېيىنچە ئۇ 84 ياشقا كىرگەن يىلى ۋالدۋېلتېردىكى ۋىتلا بازىرىدا فامىلىسىنى گىتلېرغا ئۆزگەرتكەن ھالدا يەنە پەيدا بولغان - دە، ئۈچ قوشۇمچە شاھىد ئالدىدا بىر گۇۋاھچىغا ئۆزىنىڭ ئالوئىس شكلگروبېرنىڭ دادىسى ئىكەنلىك ھەققىدە قەسەم ئىچىپ بەرگەن. قولغا چۈشۈرگىلى بولىدىغان خاتىرىلەرگە ئاساسلىنىپ بۇ بوۋاينىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ يىللاردىن كېيىن ئاخىر شۇنداق ۋاستىنى قوللانغانلىقىنى ئېنىق بىلگىلى بولمىدى. ھېيدېننىڭ دېيىشىچە، ئالوئىس كېيىنچە بىر دوستىغا بۇ بوۋاينىڭ ئۇنىڭ ئۆز تاغىسىدىن يەنى ھېلىقى تۈگمەنچىنىڭ ئىنىسىدىن بىرەر ۋارىسلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىۋېلىشىغا ياردىمى تېگەرمىكىن دەپ شۇنداق قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن، چۈنكى ئۇ شۇ تاغىسىنىڭ قولىدا چوڭ بولغانىكەن. قىسقىسى، يوھان گىدلېر 1876 - يىل 6 - ئىيۇلدا ئۆز ئوغلىنى شۇنچە كېچىكىپ ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، 23 - نويابىردا دولىھام دىن رايونىنىڭ پوپى گۇۋاھچىنىڭ ئىسپاتلىق باياناتىنى تاپشۇرۋېلىپ، چوقۇنۇش رويخېتىدىكى ئالوئىس شكلگروبېر دېگەن ئىسىم - فامىلىنى ئالوئىس گىتلېر دەپ ئۆزگەرتكەن.

           شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئادولفنىڭ دادىسىنىڭ قانۇنىي ئسىم - فامىلىسى ئالوئىس گىتلېر دەپ ئاتالغان ۋە بۇ فامىلە تەبئىي ھالدا ئۇنىڭ ئوغلىغىمۇ مىراس قالغان.تاكى 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىغا كەلگەندىلا ۋېنادىكى قىزىقچى مۇخبىرلاردىن رايوننىڭ دېلولىرىنى ئاختۇرۇش جەريانىدا گىتلېرنىڭ ئەجدادلىرى ھەققىدىكى پاكىتلارنى بايقاپ قېلىپ، قېرى يوھان گېئورگى گىدلېرنىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان ئوغلىنى بەكمۇ كېچىكىپ ئېتىراپ قىلىغانلىقى بىلەن كارى بولماي، ئادولف شكلگروبېر دېگەن ئىسىم - فامىلىنى ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسىنىڭ بېشىغا تاڭماقچى بولغان.

           ئادولف گىتلېرنىڭ غەلىتە ئۆمرىدە تەقدىرنىڭ كۆپ قېتىملىق ئاجايىپ - غارايىپ بۇرۇلۇشلىرى بولغان بولسىمۇ ،لېكىن ئۆزى تۇغۇلۇشتىن 13 يىل ئىلگىرىكىسىدىن ئۆتكۈدەك غەلتىلىك بولۇپ باقمىغان، ئەگەر ئاشۇ 84 ياشلىق سەرگەردان تۈگمەنچى خوتۇنى ئۆلۈپ 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇپ، ئۆزىنىڭ شۇ يىللىرى 39 ياشقا كىرگەن ئوغلىنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسا، ئادولف گىتلېرنىڭ فامىلىسى ئادولف  شكلگروبېر بولۇپ قالغان بولار ئىدى. ئەرزىمەس بىر ئىسىم - فامىلە ھېچقانچە چوڭ رول ئويناپ كېتەلمەيدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن مەن بەزى نېمىسلارنىڭ ئەگەر گىتلېر شكلگروبېر دېگەن نام بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولسا، يەنىلا گېرمانىيە ھۆكۈمرانى بولالارمىدى دەپ قىياس قىلشقانلىرىنىمۇ ئاڭلىغانىدىم. گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغانلار بۇ فامىلىنى بىر ئاز ھەييار ، كۈلكىلىك تاۋۇشتا ئوقۇشىدۇ. تەلۋە گېرمانىيە ئاممىسىنىڭ شكلگروبېر دېگەن ئىسىمنى «ياشىسۇن» دەپ توۋلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالىشىمىز مۇمكىنمۇ؟ «ياشىسۇن شكلگروبېر!» ؟  شۇنى بىلىش كېرەككى ، «ياشىسۇن گىتلېر!» دېگەن شوئار ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ تەنتەنىلىك ئاممىۋى يىغىنلىرىدا ئاممىنىڭ بىر ئېغىزدىن چوقۇنۇپ توۋلايدىغان ۋاگنېرچە شوئارىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى 3 - ئىمپېرىيە دەۋرىدە نېمىسلار ئۆز - ئارا سالاملاشقاندا قوللىنىش شەرت قىلىغان شەكىل ئىدى. بۇ ھەتتا تېلېفونلاردىمۇ شۇنداق قىلىنغان بولۇپ، بۇرۇنقى «ئاللو» دېگەن سۆز ئورنىغا دەسسىتلىگەنىدى، «ياشىسۇن شكلگروبېر» دېگەننى شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىش ھەقىقەتەنمۇ تەسىرەك.٭*   (گىتلېرنىڭ ئۆزىمۇ شۇنى ئېتىراپ قىلىغاندەك تۇرىدۇ. ئۇ ياش ۋاقتىدا ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى بىردىنبىر سىرداش دوستىغا ھېچنىمىنىڭ ئۆزىنى دادىسىنىڭ فامىلە ئۆزگەرتكەنلىكىدىن ئارتۇقراق خۇشال قىلمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ ئاۋگۇست كۇبىزېككە شكلگروبېر دېگەن فامىلە «ئۆزىنىڭ قارىشىچە ئېغىز تالدۇرىدىغانلىقىنى قويۇپ تۇرغاندىمۇ ، ئىنتايىن قوپال ۋە چاكىنا ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ <گىدلېر> دېگەندىمۇ تاۋۇشىنىڭ بەك يۇمشاق چىقىپ قالىدىغانلىقىنى، لېكىن <گىتلېر> دېگەندە ناھايىتى يېقىملىق ئاڭلىنىدىغانلىقىنى ھەم ئەستە قالدۇرۇشنىڭمۇ ئاسانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى» ئېيتىپ بەرگەن. [ئاۋگۇست كۇبىزېك:«مەن تونۇيدىغان ئۆسمۈر گىتلېر» («The young Hitler»)نىڭ 40- بېتىگە قاراڭ.])

     

           روشەنكى، ئالوئىسنىڭ ئاتا- ئانىسى توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ناھايىتى ئاز بىللە تۇرغان. شۇڭا كەلگۈسىدىكى ئادولف گىتلېرنىڭ ئاتىسى ئۆز تاغىسى تەرىپىدىن بېقىپ چوڭ قىلىنغان. ئۇنىڭ تاغىسى گەرچە يوھان گېئورگى گىدلېرنىڭ ئىنىسى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس فامىلە قوللىنىش ئادىتى بولۇپ، فامىلىسى يوھان فون نېپومۇك گۇتلېر دەپ ئاتىلاتتى. ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسىدا ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن تارتىپلا چېخلارغا چىش - تىرنىقىغىچە ئۆچمەنلىك شەكىللەنگەچكە (ئۇ ئاخىر يەنىلا بۇ دۆلەتنى بويسۇندۇردى)، مۇشۇ دىنىي ئىسىمنى قوشۇمچە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. يوھان فون نېپومۇك چېخ خەلقىنىڭ مىللىي ئەۋلىياسى بولغاچقا، بەزى تارىخشۇناسلار گىتلېرلارنىڭ ئائىلىسىدە بۇنداق بىر ئىسىمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۇلاردا چېخ قانداشلىقىنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرىدۈ، دەپ ھېسابلىشىدۇ.

           ئالوئىس دەسلىپىدە سېپىتال كەنتىدە موزدۇزلۇقنى ئۆگەنگەن. لېكىن ئۇمۇ دادىسىغا ئوخشاش تۇتامسىز بولۇپ،  ئۇزۇن ئۆتمەي روناق تېپىش ئۈچۈن ۋېناغا بارغان. 18 يېشىدا سالزبۇرگنىڭ يېنىدا ئاۋىستىرىيە تاموژنىىسىغا چېگرا ساقچىسى بولۇپ كىرىپ، توققۇز يىلدىن كېيىن تاموژنىنىڭ باج ئىشلىرى ئەمەلدارلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن، شۇ چاغدا ئۇ بىر تاموژنا ئەمەلدارىنىڭ ئاننا گلاسل خوئېرېر دېگەن ئاسراندى قىزىغا ئۆيلەنگەن. بۇ قىز ئۇنىڭغا بىر ئۈلۈش سەپ - جابدۇق ۋە ئىجتىمايى ئورۇن ئەكەلگەن ، سابىق ئاۋىستىرىيە - ۋېنگېرىيە ئىمپېرىيىسىدىكى ئۇششاق ئەمەلدارلار ئارىسىدا، بۇنداق ئەھۋاللار ناھايىتى ئادەتتىكى ئىش ھېسابلىناتتى. لېكىن بۇ قېتىمقى نىكاھ ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىغان . ئايالى ئۆزىدىن 14 ياش چوڭ بولۇپ، سالامەتلىكىمۇ ئاجىز  بولغاچقا تۇغمىغان. 16 يىلدىن كېيىن، ئىككىسى ئايرىلىپ ياشاشقا باشلىغان. يەنە ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1883 - يىلى ئايال قازا تاپقان.

          ئالوئس (ئەمدىكى رەسمىي فامىلىسى گىتلېر) خوتۇنى بىلەن ئايرىم تۇرىدىغان بولۇشنىڭ ئالدىدا، بىر مېھمانخانىنىڭ ياش ئايال ئاشپىزى فرانزىسكا ماتزىلسبېرگېر بىلەن بىللە بولغان. بۇ ئايال 1882 - يىلى ئۇنىڭغا ئالوئىس ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەن. ئالدىنقى خوتۇنىدىن ئۆلۈپ بىر ئايدىن كېيىن ،ئۇ ئايال ئاشپەز بىلەن رەسمىي توي قىلغان. ئۈچ ئايدىن كېيىن ئانگېلا ئىسىملىك بىر قىز تۇغۇلغان. ئالوئىسنىڭ 2 - نىكاھىمۇ ئۇزاققا بارالمىغان _ فرانزىسكا بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا ئۆپكە تۇبېركىليۇزى كېسىلى بىلەن قازا تاپقان، ئالتە ئايدىن كېيىن، ئالوئىس گىتلېر 3 - قېتىم يەنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆيلەنگەن.

          يېقىن كەلگۈسىدە ئادولف گىتلېرغا ئانا بولغۇسى يېڭى كېلىننىڭ ئىسمى كلارا پولزل بولۇپ، يېشى ئاران 25 تە، ئېرىنىڭ يېشى 48 دە ئىدى.ئۇلار خېلى ئۇزۇندىن بېرى تونۇش بولۇپ، كلارامۇ گىتلېرلارنىڭ يۇرتى بولغان سېپىتالدىن ئىدى، قىزنىڭ چوڭ دادىسى (ئانىسىنىڭ دادىسى) _ يوھان فون نېپومۇك گۇتلېر دەل مۇشۇ جىيەن ئوغلى ئالوئىس شكلگروبېر گىتلېرنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى ئىدى. ئالوئىس كلارانىڭ بىر جەمەت تاغىسى بولغاچقا ،توي قىلىش ئۈچۈن چېركاۋنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى.

    分享到: