• 3.ئېمپىريىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى(1.قىسىم)

    2009-05-20

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39664043.html

    ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ تارىخى

    ئاپتورى :  (ئامېرىكا) ۋىليام شىرېر

    تورغا يوللىغۇچى :   www.marwayit.com_  بۇژغۇن كىتاب گۇرۇپپىسى

    باش پىلانلىغۇچى: توغرايول

    مەسئۇل كوررېكتور: ھىلالە

    قاتناشقۇچىلار: ئايبەرچىن،ئالامەت، پەرىشتە،سۇمبۇل،نەفىسە، مۆلجەرتاغ، ھىلالە

    كىرىش سۆز 

           3 - ئىمپېرىيىنىڭ قىسقىغىنا ئۆمرىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەن شۇ يەردە ياشىغان ھەم خىزمەت قىلغانىدىم ،ئادولف گىتلېرنىڭ بۇ ئۇلۇغ ،لېكىن نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان مىللەتنىڭ ئىستىبداتى سۈپىتىدە ئۆز ھوقۇقىنى قانداق مۇستەھكەملىگەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. لېكىن 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ۋەقە يۈز بېرىپ قالمىغان بولسا ،بۇ كەچۈرمىشلىرىم مېنى بۇ كىتابنى يېزىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشقا قىزىقتۇرۇپ كېتەلمىگەن بولار ئىدى.

     

          مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ ۋەقە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئارمىيسىنىڭ، دۆلەت سوتسىيالىستلار پارتىيسىنىڭ، شۇنداقلا ھېنرىھ ھىملېرنىڭ مەخپىي ساقچىلىرىنىڭ خۇپىيانە دېلولىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى بارلىق تارماقلارنىڭ زور كۆپ ساندىكى دېلولىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى ئىدى. مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇنداق زور تۈركۈمدىكى قىممەتلىك ماتېرىياللار ھازىرقى زامان تارىخشۇناسلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەن ئىش ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس.  ئۆتكەنلەردە، خۇددى گېرمانىيە ۋە روسىيە 1918 - يىلدا دۇچ كەلگەن ئەھۋاللارغا ئوخشاش، بىرەر چوڭ دۆلەت ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ياكى ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئىنقىلابتا ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەن تەغدىردىمۇ، ئۇنىڭ دېلولىرى ھامان ئۆزىدە ساقلىنىپ كەلگەن. ئەڭ ئاخىردا، پەقەت كېيىنكى ھۆكۈمران گۇرۇھلارغا پايدىلىق ھۈججەتلەرلا ئېلان قىلىناتتى، خالاس.

           1945 - يىل باھاردا 3 - ئىمپېرىيە تېزلىكتە بەربات بولدى، شۇڭلاشقا كىشىلەر ئۇنىڭ زور مىقداردىكى مەخپىي ھۈججەتلەرنىلا ئەمەس،  بەلكى يەنە باشقا نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ماتېرىياللىرىنىمۇ، مەسىلەن، شەخىسلەرنىڭ خاتىرىلىرى، ئىنتايىن مەخپىي سۆزلەر خاتىرىلىرى، يىغن دوكلاتلىرى ۋە خەت-ئالاقىلەرنى قولغا چۈشۈرۈشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ھېرمان گېرىنگ ئاۋىئاتسىيە مىنىستىرلىقىدا تەسىس قىلغان بىر پەۋقۇلئاددە ئورگان تەرىپىدىن ئوغرىلىقچە ئاڭلاپ خاتىرىلەنگەن ناتسىستچىلار رەھبەرلىرىنىڭ تېلېفون سۆھبەتلىرىمۇ بار ئىدى. 

          مەسىلەن، گېنېرال فرانز ھالدېر كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى ئىزچىل توختاتمىغان بولۇپ، ئۇ گېبېرسبېرگېرچە تېز خاتىرلەش ئۇسۇلى بويىچە كۈندىلىك ئىشلارنىلا ئەمەس، بەلكى ھەر سائەتلىك تەرەققىياتتىن خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭغان.  1939 - يىل 14 - ئاۋغۇستتىن  1942 -يىل 24 - سېنتەبىرگىچە بولغان ھەقىقىي ئەھۋاللاردىن خەۋەر تېپىشتا بۇ تېپىلغۇسىز ماتېرىيال مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەينى چاغلاردا ئۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى باش شىتابىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، گىتلېر ۋە ناتسىستلار گېرمانىيسىنىڭ باشقا رەھبەرلىرى بىلەن ھەركۈنى ئالاقىلىشىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى نېمىسلارنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى ئىچىدە ئەھۋال ئەڭ كۆپ تەمىن ئېتىلگەن خاتىرە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن تەشۋىقات مىنىستىرى، گىتلېرنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى يېقىن خىزمەتدىشى يوسېف گېببېلسنىڭ ۋە قوراللىق قىسىملار ئالىي باش قوماندانلىق شىتابى (OKW) ئۇرۇش قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، گېنېرال ئالفرېد ئىئودېلنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا كۈندىلىك خاتىرىلەرمۇ ئىنتايىن زور قىممەتكە ئىگە. شۇنداقلا، ئالىي باش قوماندانلىق شىتابى ھەم دېڭىز ئارمىيىسى باش شىتابىنىڭمۇ كۈندىلىك خاتىرىلىرى بار. مەسىلەن، گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيسىنىڭ كوبۇرگ ئەتراپىدىكى تانباھ قورغىنىدا قولغا چۈشكەن 60 مىڭ توملۇق دېلوسى 1868 - يىلى گېرمانىيە زامانىۋى دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇلغان ۋاقىتتىن تارتىپ تاكى 1945 - يىل ئاپرېلدا قولغا چۈشۈرۈلگەنگە قەدەر بولغان گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيسىنىڭ بارلىق سىگناللىرى، پاراخوتلارنىڭ كۈندىلىك سەپەر خاتىرىلىرى. شەخسىلەرنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى ۋە ئەسلەتمە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

          گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 485 توننىلىق دېلوسى ھارز تېغىدىكى قورغانلار ۋە كان قۇدۇقلىرى ئىچىگە يوشۇرۇلغان بولۇپ، بېرلىندىن كەلگەن بۇيرۇققا بىنائەن كۆيدۈرۈلمەك بولۇپ تۇرغاندا، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ 1 - كورپۇسى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلىدۇ.  بۇ دېلولار 3 - ئىمپېرىيە دەۋرىدىكىلا ئەمەس، بەلكى ۋېيمار جۇمھۇرىيتى دەۋرى جۈملىدىن تاكى بىسماركنىڭ 2 - ئىمپېرىيىنى قۇرغان چاغلىرىغىچە بولغان ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىنكى بىر مۇنچە يىللارغىچە توننا-توننىلىغان ناتسىسىت ھۈججەتلىرى ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ ئالېكساندىرىيىدىكى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيسىنىڭ بىر چوڭ ئىسكىلاتىدا پېچەتلەنگەن پېتى تۇرىۋەردىكى، ھۆكۈمىتىمىز ئاشۇ ياغاچ ساندۇقلارنى ئېچىپ، ئىچىدە قانداق تارىخىي قىممەتكە ئىگە نەرسىلەرنىڭ بولۇشى ئېھتىماللىقىغا بىر قاراپ بېقىشقا قىززىققۇدەك ئىپادىدە بولمىدى. ئاخىر، 1955 - يىلى _ بۇ ھۈججەتلەر قولغا چۈشۈپ ئون يىلدىن كىيىن _ ئامېرىكا تارىخشۇناسلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى ۋە بەزى خۇسۇسىي فوند جەمئىيەتلىرىنىڭ ماددىي ياردىمى ئارقىسىدىلا ئالېكساندىرىيىدە ساقلىنىۋاتقان ھۈججەتلەرنىڭ پېچىتى بۇزۇلدى. شۇنىڭ بىلەن سان جەھەتتىن ئىنتايىن ئاز بولغان بىر تۈركۈم ئالىملار ئادەم ۋە قورال - سايمانلىرى كەمچىل شارائىتتا، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھۈججەتلەرنى ئالدىراپ - تېنەپ گېرمانىيگە تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ، كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە رەسىمگە ئېلىش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىۋىدى، نەتىجىدە ئۈنۈمنىڭ چوڭ بولغانلىقى ئىسپاتلاندى.  

         باشقا ھۈججەتلەرمۇ شۇنداق قىلىندى. مەسىلەن، گىتلېر باش لاگېرىنىڭ كۈندىلىك ھەربىي ۋەزىيەت ئۈستىدە تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان 51 قېتىملىق «فىئۇرېر (زۇڭتۇڭ) يىغىنى»نىڭ بىر بۆلۈك تېز يازما خاتىرىسى شۇنداقلا ئاشۇ ناتسىستلار ئۇرۇشى باش جىنايەتچىسىنىڭ ئۇرۇش ۋاقتىدا پارتىيە  ئىچىدىكى كونا ھەمشېرىكلىرى ۋە كاتىپلىرى بىلەن تاماق ئۈستىدە قىلىشقان پاراڭلىرىنىڭ بىر قەدەر مۇكەممەل خاتىرىلىرى. بۇنىڭ ئالدىنقىسىنى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ 101-ئاۋىئاترانسپورت دىۋىزىيىسىدىكى بىر ئاخباراتچى ئوفىتسېر گىتلېرنىڭ بېرھتېسگادېندا كۆيدۈرۈلۈۋاتقان ھۈججەتلىرىنىڭ كۆيۈندىلىرى ئىچىدىن قۇتقۇزۇپ چىققان، كېيىنكىسى مارتىن بورماننىڭ ھۈججەتلىرى ئىچىدىن تېپىۋېلىنغان. 

           نيۇرنبېرگدا ئاساسىي ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى سوراق قىلىنغاندا، قولغا چۈشۈرۈلگەن ناتسىسىت ھۈججەتلىرىنىڭ بىر قانچە يۈز مىڭ پارچىسى ئالدىراش شۇ يەرگە كەلتۈرۈلۈپ دەلىل - ئىسپات قىلىنغانىدى .مەن شۇ قېتىمقى سوراقنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مۇخپىرلىق قىلغىنىمدا، شىپىگىرافتا بېسىلغان باغلام - باغلام قوشۇمچە نۇسخىلارنى ۋە كېيىنچە نەشىر قىلىنغان 42 توملۇق گۇۋاھلىق سۆزلەر ھەم ھۈججەتلەرنى ، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان مۇھىم ھۈججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئون توم كىتابنى توپلىغانىدىم. نيۇرنبېرگدىكى كېيىن يەنە ئېلىپ بېرىلغان 12 قېتىملىق سوراق توغرىسىدا نەشىر قىلىنغان 15 توملۇق ماتېرىيال ئىچىدە گەرچە نۇرغۇنلىغان ھۈججەت ۋە گۇۋاھلىق سۆزلەر قىسقارتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا ناھايىتى قىممەتلىك باشقا ھۈججەتلەر بار. 

          مۇشۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى مول ھۈججەتلەردىن سىرت، ئەڭ ئاخىردا يەنە گېرمانىيە ئوفىتسېرلىرى ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى سوراق قىلىشتىن قالدۇرۇلغان تەپسىلىي خاتىرىلەر شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ھەر قېتىملىق سوراقتا قەسەم ئىچىپ ،قول قويۇپ بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزلىرى بار. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇلاردا تەمىن ئېتىلگەندىكىدەك ماتېرىياللار بۇنىڭدىن بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن ئۇرۇشلار ئاياقلاشقاندا ئەزەلدىن بۇنداق خىلدىكى مەنبەلەردىن قولغا كېلىپ باقمىغان . 

          سان جەھەتتە كىشىنى ھەيران قالدۇرارلىق بۇ ھۈججەتەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىپ كېتەلمىدىم . ئەلۋەتتە، بۇ بىرەر شەخىسنىڭ  قۇربى يېتىدىغان ئىشمۇ ئەمەس . شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ خېلى زور قىسمىنى تىرىشىپ كۆرۈپ چىقتىم . شۇغىنىسى لايىقىدىكى ئاچقۇچنىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن ،ئاشۇنداق باياشات باغچىدا ھەرقانداق خىزمەتكارنىڭ ساقلانمىقى قىيىن بولغىنىدەك ،مەنمۇ كۆرۈش سۈرئىتىمىنڭ ئاستا بولۇشىدىن ساقلىنالمىدىم . 

         ناتسىستلار دەۋرىدە ،گېرمانىيىدە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بىزگە ئوخشاش ژۇرنالىسىت ياكى دىپلوماتىك ئەمەلدار بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، 3 - ئىمپېرىيىنىڭ ھەيۋەتلىك تاشقى قىياپىتىنىڭ ئارقا تەرپىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى، ھەقىقىي ئەھۋاللارنى بىلىدىغانلىرى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگۈسىز دەرىجىدىلا ئىدى. ھوقۇقنى قاتتىق مەزكەزلەشتۈرىدىغان بىر ھاكىم مۇتلەق ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرى ئۇنىڭ ئىنتايىن خۇپىيانە ھالدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنى بەلگىلىشى مۇقەررەر. ئۇ ئۆزگىلەرنىڭ تىڭ تىڭلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇنداق مەخپىيەتلىكنى قانداق ساقلاشنمۇ بىلىدۇ. 3 - ئىمپېرىيىدە سادىر بولغان ئاپئاشكارا، كىشىنى چۆچۈتىدىغان، كۆپ ھاللاردا كۆڭلىنى ئاينىتىدىغان پاكىتلار _ گىتلېرنىڭ تەختكە چىقىشى، گېرمانىيە پارلامېنتىغا ئوت كېتىش ۋەقەسى، رومچىلارنى قاتتىق تازىلاش ،گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيىنىڭ قوشۇۋېتىلىشى ،چېمبېرلىننىڭ ميۇنخېندا تەسلىم بولۇشى، چېخوسلوۋاكىيىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى ،پولشا ،سىكاندىناۋىيە ،غەرب ،بالقان يېرىم ئارىلىدىكى ئەللەر ۋە روسىيىگە قىلىنغان ھۇجۇم ،ناتسىستچىلار ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ۋە جازا لاگىرىدىكى تېررورلۇقلار ،يەھۇدىيلارنى قىرىش زوراۋانلىقلىرى قاتارلىقلارنى خاتىرلىۋېلىش ياكى بىرەر قۇر تەسۋىرلەپ بېرىش قىيىنغا چۇشمەيدۇ .لېكىن خۇپىيانە چىقىرىلغان زور قارارلار ،سۇيىقەست ،ھىيلە - مىكىرلەر ،ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىقلاردىكى غەرەز ۋە سەۋەبلەرنى ،بۇنىڭدىكى ئاساسلىق شەخىسلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ئوينىغان روللىرىنى ،ئۇلار كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇقلارنىڭ دەرىجىسى ھەمدە شۇ تېررورلۇقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى نەيرەڭلەرنى _ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋە يەنە باشقا نۇرغۇن ئەھۋالاتلارنىڭ كۆپ قىسمىنى گېرمانىيىنىڭ مەخپىي ھۈججەتلىرى مەيدانغا چىقىشتىن بۇرۇن بىزنىڭ ئىگىلەپ كېتەلىشىمىز مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى . 

          بەزىلەر 3 - ئىمپېرىيىنىڭ تارىخىنى يېزىپ چىقىشقا ھازىر بالدۇرلۇق قىلىدۇ ،بۇ ۋەزىپىنى كېىينكى ئەۋلاد يازغۇچىلارنىڭ ئورۇنلىشىغا قالدۇرۇش لازىم ،چۈنكى ۋاقىت ئۇلارنى تارىخىي نەزەرگە ئىگە قىلىدۇ ،دەپ قاراشلىرى مۇمكىن .مەن بەزى تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش يۈزىسىدىن فرانسىيىگە بارغىنىمدا ،مۇشۇ خىلدىكى كۆز قاراشنىڭ ئۇ يەردە پەۋقۇلئاددە ئەۋج ئالغانلىقىنى بايقاپ قالدىم  . بەزىلەر ماڭا تارىخشۇناسلار يېزىشقا بولىدىغان ماتېرىياللارنىڭ ئەڭ يېقىنقىسى ناپولېئون دەۋرىدىن ئېشىپ كەتمەسىلكى لازىم دېيىشكەنىدى. 

            بۇنداق كۆز قاراشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى بار .تارىخشۇناسلارنىڭ كۆپچىلىكى 50 يىل ياكى 100 يىل ،ھەتتاكى  1000 يىلدىنمۇ ئارتۇق ۋاقىت كۈتۈپ ،ئاندىن بىرەر دۆلەتنىڭ ،ئىمپېرىيىنىڭ ياكى دەۋرنىڭ تارىخىنى يېزىشقا كىرىشىشكە پېتىنىدۇ . لېكىن، بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەپ _ مۇناسىۋەتلىك ھۈججەتلەرنىڭ ئەنە شۇنداق ئۇزاق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاران قولغا كېلىپ ،ئۇلارنى ئۆزلىرى مۇھتاج بولغان نەق ماتېرىياللارغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقىدىن بولىدۇ .ۋاقىت ئۇلارنى تارىخىي نەزەرگە ئىگە قىلسىمۇ ،لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يازماقچى بولغان دەۋردىكى تۇرمۇش ۋە كەيپىياتقا ، ئۆزلىرى يازماقچى بولغان تارىخىي شەخىسلەرگە بولغان بىۋاستە چۈشەنچىلىرى مۇقەررەر ھالدا كەمچىل بولۇش تۈپەيلىدىن ،ھامان بەزى كەمتۈكلەردىن خالىي بولالمايدۇ . 

            3 -  ئىمپېرىيىدىن ئىبارەت بۇ كونكرېت مەسىلىدە ،شۇ نەرسە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بولدىكى ،ھۈججەت -ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى  ئىمپېرىيە ھالاك بولغان مەزگىلدە خەلقى - ئالەم ئالدىدا ئاشكارلاندى ،بەلكى ھايات قالغان رەھبەرلەرنىڭ جۈملىدىن ھەربىي ياكى مۈلكىي ئەمەلدارلارنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىق سۆزلىرى بۇنى تېخىمۇ بېيىتىپ تولۇقلىدى (بەزىلىرىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى جازاغا تارتىلىش ئالدىدىلا بېرىلگەنىدى ). بۇنداق تېز سۈرئەتتە قولغا چۈشكەن تەڭدىشى يوق ماتېرىيال مەنبەسى بار بولغانلىقى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ناتسىستلار گېرمانىيىسىدىكى تۇرمۇش ،ئاشۇ دۆلەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ،بولۇپمۇ ئادولف گىتلېرنىڭ ئىپادىسى، قىلمىش - ئەتمىشلىرى ۋە تەبىئىتى توغرىسىدىكى خاتىرىلەر ھېلىھەم كۆڭۈلدىن چىقماس دەرىجىدە ئېسىمدە روشەن ساقلىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، قانداق قىلىپ بولمىسۇن 3 - ئىمپېرىيىنىڭ گۈللىنىش ۋە ھالاك بولۇش تارىخىنى يېزىپ قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ بېقىش قارارىغا كەلدىم. 

         سۇكىدىد ئۆزىنىڭ «پېلوپوننېس ئۇرۇشىنىڭ تارىخى» («History of Peloponnesian War») دېگەن يىرىك تارىخي ئەسىرىدە مۇنداق دېگەنىدى:«مەن پۈتكۈل ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈردۈم، ئەينى ۋاقىتتىكى يېشىمدا ۋەزىيەت تەرەققىياتىنى چۈشىنىپ كېتەلىگۈچىلىكىم بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشنىڭ ھەققىي قىياپىتىنى چۈشىنىپ يېتىش ئۈچۈن، ئۆزۈممۇ شۇ ۋاقتتىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا دىققەت قىلغانىدىم». 

         گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىشنىڭ ئىنتايىن قىيىنغا چۈشىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ناتايىن بولىدىغانلىقىنى سەزگەنىدىم. زور تۈركۈمدىكى ھۈججەت - ماتېرىياللارنىڭ بولغانلىقى سەۋەبىدىن ،ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنىۋېلىشقا بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ يېقىنلاشقىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن پايانسىز تۈتەك دېڭىزىغا ئوخشايدىغان بۇ ماتېرىياللار ھەمىشە كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ. ئاددىي ئادەملەر تەمىنلىگەن خاتىرە ۋە گۇۋاھلىق سۆزلەرگە كەلسەك، ئۇلاردا ئايدىڭلاشتۇرماق قىيىنغا چۈشىدىغان زىددىيەتلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تېخىمۇ تەبئىي. 

         شەك - شۈبھىسىزكى، ئۆزۈمنىڭ بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلىرىم بۇ كىتابغا كۆپ ھاللاردا دېگۈدەك ئارىلاشتۇرۇلدى. بۇ _ مېنىڭ ئۆز سەرگۈزەشتلىرىم ۋە دۇنيا قارىشىمنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى. پىرىنسىپ جەھەتتىن، مەن ھاكىم مۇتلەق ھاكىمىيەتكە ئىنتايىن قاتتىق نەپرەتلىنىمەن. چۈنكى ئۇنىڭ ئىنسانىي روھقا قىلغان رەزىل ھۇجۇملىرىنى ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەن ۋە كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم. شۇنداقتىمۇ ،مەزكۇر كىتابىمدا يەنىلا جىددىي ئوبيېكتىپ پوزىتسىيىدە بولۇشقا، پاكىتنىڭ ئۆزىنى سۆزلىتىشكە تىرىشتىم. ھالبۇكى، پەقەت ھەر بىر پاكىتنىڭ مەنبەسىنى ئىزاھلاپ قويدۇم. كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ھەرقانداق ۋەقە ،كۆرۈنۈش ۋە نەقىل كەلتۈرۈلگەن سۆزلەرنىڭ بىرەر - يېرىمىمۇ ئۆز تەسەۋۋۇرۇم بولماستىن، بەلكى پۈتۈنلەي ھۈججەتلەرگە ،ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىگە ۋە ياكى ئۆزۈمنىڭ  كۆزىتىشىمگە ئاساسلانغانلىقىمنىڭ نەتىجىسى. بەش - ئالتە جايدا، پاكىتلارنىڭ يېتىشمەسلىكى تۈپەيلىدىن، بەزى قىياسلاردىن خالى بولالمىدىم، لېكىن بۇنىمۇ يەنىلا ئاشكارا ئېيتىپ ئۆتتۈم. 

          مېنىڭ كۆز قاراشلىرىمغا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئوخشىمايدىغان پىكىرلەر قويۇشىدىن ھەرگىز گۇمانلانمايمەن. بۇ خالى بولغىلى بولمايدىغان ئىش. چۈنكى چۈشەنچىسى مۇتلەق خاتا كەتمەيدىغان بىرمۇ ئىنسان بولمايدۇ. مەزكۇر كىتابتىكى بايانلارنىڭ تېخىمۇ ئېنىق ۋە چوڭقۇر بولۇشى ئۈچۈن ھالىمغا باقماي ئوتتۇرىغا قويۇپ باققان بەزىبىر كۆز قاراشلىرىم پەقەت مېنىڭ پاكىتلارغا ۋە ئۆز چۈشەنچىلىرىم، تەجرىبىلىرىمگە ئاساسەن چامامنىڭ يېتىشىچە يەكۈنلىگەن نەرسىلەردىنلا ئىبارەت، خالاس. 

         ئادولف گىتلېرنىڭ ئالېكساندىر، كايسېر، ناپولېئونلاردەك ئەنئەنىۋى چوڭ تەۋەككۈلچى قوشۇمچە ئىستېلاچىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ قېلىشى؛ 3 -  ئىمپېرىيىنىڭ ئىلگىرىكى فرانسىيە، رىم ئىمپېرىيىسى ۋە ماكىدونىيە بېسىپ ئۆتكەن يولدىن ماڭغۇچى ئىمپېرىيىلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ قېلىشى ئېھتىمال. چۈنكى ئاز دېگەندىمۇ ۋودورود بومبىسى ،ئوق يولى شەكلىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئايغا بېرىپ تېگەلەيدىغان راكېتالارنىڭ ئۇشتۇمتۇت كەشپ قىلىنىشى ئاشۇ باسقۇچتىكى تارىخقا ئاللىقاچان خاتىمە بەردى. 

         يېڭى ،قورقۇنچلۇق قىرىش قوراللىرى ئەسلىدىكى قىرىش قوراللىرىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ بېرىۋااتقان بىزنىڭ بۇ يېڭى دەۋرىمىزدە ،زور كۆلەمدىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى پارتلاپ قالغۇدەك بولسا، ئۇ ھالدا شۇنداق بىر مەيدان ئۇرۇش جەزمەن ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلغۇچى بىرەر ساراڭنىڭ ئېلىكتېر كۇنۇپكىسىنى بېسىشى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇنداق ئۇرۇشنىڭ ۋاقتى ئۇزۇنغا سوزۇلمايدۇ ھەم ئۇنىڭغا ئۇلىنىدىغان ئۇرۇشمۇ بولمايدۇ. نەتىجىدە بويسۇندۇرغۇچىمۇ، بويسۇندۇرۇشمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ؛ كوكىسقا ئايلانغان جەسەتلەر ئادەمزاتتىن ئىزنامۇ قالمىغان بىر پلانېتقا دۆۋىلىنىپ قالىدۇ ،خالاس. 

    بىرىنچى بۆلۈم

    ئادولف گىتلېرنىڭ باش كۆتۈرۈشى 

    1- باب

    3 - ئىمپېرىيىنىڭ دۇنياغا كېلىشى 

          3 - ئىمپېرىيىنىڭ دۇنياغا كېلىش ھارپىسىدا ،بېرلىننى بىر خىل كېسەللىك ھالىتىدىكى جىددىي كەيپىيات قاپلىۋالغانىدى. ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆمرى تۈگەپ يەرلىكىگە قويۇلىۋاتقانلىقىنى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئېنىق كۆرۈپ تۇراتتى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى، ئۇ تېزلىكتە يىمىرىلىپ بارماقتا ئىدى. گېنېرال كۇرت فون ستلېيچېرمۇ جۇمھۇرىيەتنى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى فرانز فون پاپېنغا ئوخشاشلا ياقتۇرمايتى. جۇمھۇرىيەتنىڭ دېموكراتىيىسىنى ياقتۇرۇش توغرىسىدا سۆز بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى گېنېرالغا ئوخشاشلا پارلامېنتنىڭ ھوقۇق بېرىشىدىن ئۆتمەيلا پرىزدېنتنىڭ بۇيرۇقىغا تايىنىپ باش مىنىستىر بولۇۋالغان، ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ 57 كۈندىن كېيىنلا ئىككى پۇتى بىر ئۆتۈككە تىقىلىپ، مېڭىشقا يول تاپالمىغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى. 

          1933 - يىل 28 - يانۋار _ شەنبە كۈنى، جۇمھۇرىيەتنىڭ ياشىنىپ قالغان پرىزدېنتى مارشال فون ھىندېنبۇرگ ئۇشتۇمتۇت ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋەتتى. دەل شۇ چاغدا گېرمانىيىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە _ دۆلەت سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى ئادولف گىتلېر ئەسلىدە ئۆزى پاچاقلاپ تاشلاشقا قەسەم ئىچكەن دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى. 

          تەغدىرنى ھەل قىلغۇچى ئاشۇ قىش شەنبىسىدە ،كەلگۈسى ۋەزىيەت توغرىسىدىكى پىتنە - پاساتلار پايتەختكە يېغىپ كەتكەنىدى. ھالبۇكى، كېيىنكى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بۇ بولمىغۇر ئىغۋالارنىڭ ئاساسى يوق ئەمەس بولۇپ چىقتى. بەزى ئىغۋالاردا ستلېيچېر قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ، گېنېرال كۇرت فون ھاممېرستېين بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، پوتسىدام گارنىزون قىسىملىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پرىزدېنتنى قولغا ئېلىپ ھەربىي ھاكىم مۇتلەق ھاكىمىيەت قۇرماقچى بولۇۋېتىپتىمىش دېيىلسە، بەزى ئىغۋالاردا ناتسىستلار پارتىيىسى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغايمىش، بېرلىن ئېسئاچىلىرى ساقچى سىستېمىسىدىكى قوللىغۇچىلارنىڭ ياردىمىدە ۋىليام كوچىسىنى ئىشغال قىلارمىش دېيىلەتتى. ئۇ يەرگە بولسا پرىزدېنت مەھكىمىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ ساندىكى تارماقلىرى جايلىشىقلىق ئىدى. ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاش بولارمىش دېگەن ئىغۋالارمۇ بار ئىدى. 29 - يانۋار يەكشەنبە كۈنى، 100 مىڭ ئىشچى بېرلىننىڭ مەزكىزىگە جايلاشقان كۆڭۈل ئېچىش باغچىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، نامايىش ئۆتكۈزۈپ، گىتلېرنىڭ باش مىنىستىر بولۇشىغا قارشى تۇرۇشتى، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى گېنېرال فون ھاممېرستېين بىلەن ئالاقە باغلىماقچى، گىتلېر يېڭى ھۆكۈمەتكە رەھبەرلىك قىلىشقا تەيىنلىدىغان بولسا، قۇرۇقلۇق ئارمىيسى تەشكىللىك ئىشچىلار بىلەن بىرلەشمە ھەرىكەت قوللانماقچى بولۇشتى. بۇنداق ئەھۋال بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بىر قېتىم سادىر بولغان، يەنى 1920 - يىلى كاپ سىياسىي ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەندە،ھۆكۈمەت پايتەختتىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاش سادىر بولۇپ ،جۇمھۇرىيەتنى قۇتۇلدۇرپ قالغانىدى.

    يەكشەنبىدىن دۈشەنبىگە ئۆتىدىغان كېچىسى، گىتلېر كېچىچە دېگۈدەك كىرپىك قاقماي، باش مىنىستىر مەھكىمىسىگە يېقىن جايدىكى باش مىنىستىر مەيدانىغا جايلاشقان كايسېرخوف مېھمانخانىسىدا ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپلا يۈردى. نېرۋىلىرى جىددىيلىشىپ كەتكىنى بىلەن ئۇ ئۆزىگە قالتىس ئىشىنەتتى. ئۆز پەيتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنەتتى. بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى، ئۇ پاپېىن ۋە باشقا كونسېرۋاتىپ ئوڭچىلارنىڭ داھىيلىرى بىلەن ئىزچىل رەۋىشتە مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بولۇپ، بەزىبىر مۇرەسسەلەرنى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ نوقۇل بىرلا خىل قاراشتىكى ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا ئامالسىز بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بىر بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ باش مىنىستىرى بولۇشى مۇمكىن ئىدى. بۇ ھۆكۈمەتتىكى 11 نەپەر ئەزانىڭ سەككىزى ناتسىستلار پارتىيىسىدىن بولمىغىنى بىلەن ،ئۇلار ئۇنىڭ دېموكراتىك ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا قوشۇلاتتى. ئەمدى پەقەت ياشىنىپ قالغان جاھىل پرىزدېنتلا پۇتلىكاشاڭلىق قىلىۋاتقاندەك ئىدى. 26 - يانۋار يەنى تەقدىرنى ھەل قىلغۇچى شەنبىدىن ئىككى كۈن ئاۋۋال، قېرىپ پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان بۇ مارشال گېنېرال فون ھاممېرستېينغا «ئۆزىدە ھېلىقى ئاۋىستىرىيىلىك يېفرېيتورنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ياكى ئىمپېرىيىنىڭ باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش خىيالىنىڭ قىلچىلىكمۇ يوقلۇقى» نى ئېيتقانىدى. 

           لېكىن، پرىزدېنت ئۆز ئوغلى مايور ئوسكار فون ھىندېنبۇرگ، پرىزدېنتنىڭ دۆلەت ئىشلىرى بويىچە كاتىپى ئوتتو فون مېسنېر، پاپېن ۋە پىرزدېنت مەھكىمىسىدىكى باشقا يېقىنلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئاقىۋەت يۇمشىدى. ئۇ 86 گە كىرگەن بولۇپ، زېھىن كۈچى كۈنساناپ ئاجىزلىشىپ باراتتى.   29 - يانۋار _ يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن گىتلېر گېببېلس ۋە باشقا ياردەمچىلىرى بىلەن قەھۋە ئىچىپ، تورت يەۋاتقىنىدا ،ناتسىستلار پارتىيىسى ئىچىدىكى ئورنى گىتلېرنىڭ كەينىدىلا تۇرىدىغان، گېرمانىيە دۆلەت پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ھېرمان گېرىنگ ئۇشتۇمتۇت يۈگۈرۈپ كىرىپ، ئۇلارغا ئەتە گىتلىېرنىڭ باش مىنىستىرلىققا تەيىنلىنىدىغانلىقىدىن ئېنىق خەۋەر بەردى. 

          1933 - يىل 30 - يانۋار يەنى دۈشەنبە كۈنى چۈشكە يېقىن گىتلېر ماشىنىسىنى ھەيدەپ باش مىنىستىر مەھكىمىسىگە بېرىپ ھىندېنبۇرگ بىلەن كۆرۈشتى. بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشنىڭ گىتلېرنىڭ ئۆزى، گېرمانىيە ۋە پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا تەقدىرنى ھەل قىلغۇچى ئىش ئىكەنلىكى كېيىن ئىسپاتلاندى. گېببېلىس، روم ۋە ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ باشقا كاتتىباشلىرى كايسېرخوف مېھمانخانىسىنىڭ دېرىزىسىدىن باش مىنىسىتىر مەھكىمىسىنىڭ دەرۋازىسىغا كۆزلىرى تۆت بولغان ھالدا تىكىپ تۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ فىئۇرېرى ھايال ئۆتمەي شۇ دەرۋازىدىن چىقىپ كەلمەكچى ئىدى. گېببېلس ئۆز خاتىرىسىگە:«بىز ئۇنىڭ چىرايىدىنلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان -  قازانمىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز» دەپ يازغانىدى. چۈنكى ئۇلار شۇ پەيتتىمۇ تېخى تولۇق ئىشەنچىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. گېببېلس كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازغانىدى:« كۆڭلىمىزدە خىلمۇ خىل كەيپىياتلار داۋالغۇيتى، گاھ گۇمانسىراپ، گاھ ئۈمىدلىنەتتۇق، گاھ خۇش بولۇپ،گاھ ئۈمىدسىزلىنەتتۇق. ئۆتكەنلەردىكى ئۈمىدسىزلىنىشلەرنىڭ تولىمۇ كۆپ بولۇپ كېتىشى بىزنى بۇنداق ئۇلۇغ مۆجىزىنىڭ راستىنلا تۇغۇلۇشىغا ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويغانىدى.» 

         بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن بۇ مۆجىزىنى ئۇلار ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشكە نېسىپ بولدى. ھېلىقى ئەمدىلەتىن 43 كە كىرگەن، چارلىز چاپلىن پەدىسىگە بۇرۇت قويۇۋالغان، ياش چاغلىرىدا ۋېنادا ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىغان سەرگەردان، 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا نامسىز پېچكا بولۇپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىللەرنىڭ كۆڭۈلسىز كۈنلىرىدە ميۇنخېندا ھېچكىمنىڭ نەزەرىگىمۇ ئېلىنمىغان نەس باستى، پىۋىخانا سىياسىي ئۆزگىرىشىدە ئانچە- مۇنچە ھەييارلىق قىلغان داھىي، تەكتى ھەرگىز گېرمانىيىلىك ئەمەس، بەلكى ئاۋىستىرىيىلىك بولغان قۇتراتقۇ قەسەم بېرىپ ،گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى. 

         ئۇ ماشىنىسىنى ھەيدەپ بىر قانچە يۈز يارد نېرىدىكى كايسېرخوف مېھمانخانىسىغا يېتىپ كەلدى- دە، دەرھال ئۆزىنىڭ قەدىناس ھەمراھلىرى _ گېببېلس، گېرىنگ، روم جۈملىدىن ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئەگرى- توقاي، پېشكەللىك يوللىرىدا ئۆزىگە ياردەم قوللىرىنى سوزۇشقان باشقا بروۋنشىرتسىچىلار*  (بروۋنشىرتسچىلار _ ئېسئاچىلارنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى. _ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن) نىڭ ئارىسىغا قايتىپ كەلدى. گېببېلس خاتىرىسگە:« ئۇ ھېچنەرسە دېمىدى، بىزمۇ ھېچنەرسە دېمىدۇق. ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش تامچىلىرى مۆلدۈرلەپ تۇراتتى» دەپ يازغانىدى.

    分享到: