• 3.ئېمپىريىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى(7.قىسىم)

    2009-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39665164.html

    ناتسىستلار پارتىيسىنىڭ روناق تېپىشى 

    نە ئۇرۇق-تۇغقان، يار-بۇرادەرلىرى، نە تەئەللۇقات، ھۈنەر ياكى نورمال كەسپى بولمىغان, سىياسىي تەجرىبىسى يوق، ئەمدىلا 30 نىڭ قارىسىنى كۆرگەن بۇ ئاۋستىرىيىلىكنىڭ گېرمانىيىدە سىياسىي جەھەتتە راۋاج تاپماقچى بولۇشى ئىستىقبالسىز ئىش ئىدى. دەسلەپكى قىسقىغىنا بىر مەزگىلدە، گىتلېرمۇ بۇ نۇقتىنى چۈشۈنىدۇ. «بىر نەچچە كۈندىن بىرى،-دەيدۇ ئۇ،-مەن ئىزچىل تۈردە قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى ئويلاندىم . ھەر قېتىملىق ئويلىنىش نەتىجىسىدە ، مەندەك بىر نامى چىقمىغان سولتەكنىڭ ھەرقانداق پايدىلىق ھەركەت قوللىنىشى ئۈچۈن ئەقەللى ئاساسقىمۇ ئىگە ئەمەس ئىكەنلىگىنى ھامان سەگكلىك بىلەن تونۇپ يېتەتتىم .» 

    ئۇ1918-يىل نويابىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مىېيۇنخېنغا قايتىپ كەلگەندە ،ئۆزىگە قونالغۇ بەرگەن بۇ شەھەرنىڭ تونۇغۇسىز  ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكنى بايقايدۇ .بۇ يەردىمۇ ئىنقىلاپ بولۇپ ،ۋىتتېلساخ خاندانلىقىنىڭ پادىشاھىمۇ تەخىتىدىن چۇشكەن ،باۋارىيە «خەلىق دۆلىتى »نى قۇرغان بولۇپ ،باشلىقى بېرلىنداتۇغۇلغان كۇرت ئېيسنىر ئىسملىك بىر مودا پەرەس ئىىدى .ئېيىسنىر ميۇخىېندا ھەممىگە تونۇش ،يۈز كۆزىنى كۆكۈش چار ساقال باسقان بۇرنىنى قىسىپ تۇرىدىغان كۆزئەينەك تاقايدىغان ، بېشىغا قارا چوڭ شىلەپە كىيىۋالىدىغان ، بويى ھەددىدىن پاكار كىشى ئىدى . ئۇ 7-نو يابردا بىر قانچە يۈز ئادەمنى باشلاپ ، كوچىلاردىن كۆرەڭلەپ ئۆتۈپ پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت جايلاشقان ئورۇنلارنى بىر پاي ئوقمۇ چىقارمايلا بېسىۋىلىپ ،جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان . ئۈچ ئايدىن كېيىن ئا تون ئاركو -ۋاللېي ئىسىملىك گراف -بىر  ياش ئوڭچى ئوفىتسېر ئۇنى خۇپىيانە ئۆلتۈرۋىتىدۇ . ئىشچىلار شۇنىڭ بىلەن سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇۋالىدۇ يۇ ، لېكىن ئۆمرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ . 1919-يىل 1-مايدا ، بېرلىندىن ئەۋەتىلگەن مۇنتىزىم ئارمىيە بىلەن باۋارىيە « ئەركىنلىك ئىتتىپاقى » نىڭ پىدائىي قوشۇنى  مىيۇنخېنغا كىرىپ كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۋېتىدۇ .سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ رەنىگە تۇتۇپ تۇرۇلغان 10نەچچە ئادەمنى ئېتىۋەتكەنلىكىدىن قىساس ئېلىش ئۈچۈن ، ئۇلار نەچچە يۈزلىگەن ئادەمنى قىرىپ تاشلايدۇ ، قىرىلغانلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن غەيرىي كوممۇنىسىتلارمۇ بار ئىدى . گەرچە نامىدا يوھاننېس ھوفمان باشچىلىقىدىكى بىر تىنىچلىقپەرەس سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ھۆكۈمىتى ۋاقتىنچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ ، باۋارىيە سىياسىيىسىدىكى ھەقىقىي ھوقوق ئوڭچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنىدى .  

    مۇشۇنداق قالايمىقان چاغدىكى باۋارىيە ئوڭچىلىرى كىملەر ؟ ئۇلار -مۇنتىزىم دۆلەت  مۇداپىيە ئارمىيىسى ئدى : ئۇلار ۋىتتېلسباخ مۇنارخىيىسىنىڭ تىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان مۇنارخىستلار ، بېرلىن دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنى كۆزگەئلمايدىغان بىر تۈركۈم مۇتەئەسسىپلەر ئىدى .ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىمۇ تەدرىجىي ئۆزگىرىشلەر يۈزبىرىپ ، ئاساسلىق تەركىبىي سانى ئنتايىن كۆپ ، سەپتىن قايىتقان بىر تۈركۈم ھەربىيلەر بولۇپ كەتكەنىدى . ئۇلارنىڭ دۇنياسىدا 1918-يىلى يەر جاھاننى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتكىدەك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەنىدى . ئۇلار يىلتىزلىغۇدەك ماكانى يوقلاردىن بولۇپ ، يا خىزمەت، يا ئۆزلىرى 1914-يىلى ئايرىلىپ كەتكەن تىنىچ جەمىيەتكە قايتىشنىڭ يولىنى تاپالمىغانلار :

     

    ئۇرۇشتا باغرى تاشقا ئايلانغان ، مىجەزى قوپال ئادەملەر ئىدى .ئۇلار بۇنداق يىلتىزى چوڭقۇر ناچار ئادەتلىرىدىن قۇتۇلۇشالمايىتتى . چۈنكى خۇددى گىتلېرنىڭ كېيىن ئېيتقىنىەدك ، ئۇلار « ئىنقىلاپ ئۈچۈن ئىنقىلاپ قىلىدىغان ئىنقىلاپچىلارغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ ، ئىنقىلاپنىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھالەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان » لاردىن ئىدى . 

          قوراللىق ئەركىنلىك ئىتتىپاقى گېرمانىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئارقىمۇ ئارقا قۇرۇلۇشقا باشلايدۇ. ئۇلارنى دۆلەت مۇداپىيە ئامىيىسى مەخپى ھالدا قورال - ياراغ ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەپ بىرىدۇ . ئۇلار دەسلەپتە جىدەل ماجرالار بولۇپ تۇرىدىغان شەرقىي چېگرىدا  پولەكلەر ۋە بالتىق دېڭىزى ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن بولىدىغان جەڭگى جېدەللەرگە سېلىنىدۇ . لېكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇلار جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيىتى تۈزۈلمىسىنى ئاغدۇرۋىتىش سۇيقەستىنى قوللاشقا باشلايدۇ . 1920-يىل مارتتا ، ئەركىنلىك ئىتتىپاقىنىڭ نامى سېسىق ئېرھارت برىگادىسى كاپىتان ئېرھارت ئىسىملىك بىر تەۋەككۇلچىنىڭ باشلامچىلىقىدا بېرلىننى .ىشغال قىلىۋېلىپ ، ئۇچىغا چىققان ئوڭچى ، چاكىنا، قابىلىيەتسىز سىياسەتۋاز ۋولفگاڭ كاپ دېگەن دوكتۇرنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلەيدۇ . مۇنتىزىم ئارمىيە گېنېرال فون سېكىتنىڭ باشچىلىقىدا قىمىر قىلماي تۇرۇۋالىدۇ .جۇمھۇرىيەت پىرىزدىنتى بىلەن ھۆكۈمەت بولسا پەرىشانلىق بىلەن غەربىي گېرمانىگە قاچىدۇ . ھەر قايسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ بىر قېتىملىق ئومومىيۈزلۈك ئىش تاشلىشىغا تايىنىپ ، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى ئاران ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ . 

              * ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا ، لۇدېندورف يالغان ساقال ۋە قارا كۆز ئەينەك تاقاپ شۋېتسىيىگە قېچىپ كەتكەن . ئۇ 1918-يىلى فېۋرالدا گېرمانىيىگە قايتىپ كېلىپ خوتۇنىغا خەت يىزىپ : « ئىنقىلاپچىلار بىزنى تىرىك قالدۇرۇپ تولىمۇ ئەخمەقلىق قىلدى . چۈنكى ، ئەگەر مەن ھوقوق تۇتۇپ قالىدىغان بولدام ، قىلچىمۇ كەڭچىلىك قىلمايمەن . ئۇچاغدا مەن ئېبېرت ، شېيدېمان قاتارلىقلارنى دارغا ئىسىپ ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ ھاۋادا پۇلاڭلاپ تۇرغىنىنى كۆرسەم پۇخادىن چىقىۋالاتتىم » دېگەن 0 مارگارېت لۇرېندورف : « مەن لۇرېندورفنىڭ خانىمى بولغان چاغلاردا )      ئېبېرت - ۋېيمار جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك پرېزدېنتى . شېيدىمان -1-نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى . لۇرندورف گەرچە ھىندېنبۇرگدىن تۆۋەن تۇرىدىغان بولسىمۇ ،لىكىن ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى يىلىدا گېرمانىيىنىڭ ئەمەلىي مۇستەبىتى ئىدى .  

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ميۇنخېندا قوزقالغان يەنە بىر خىل سىياسىي ئۆزگىرىش بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىدۇ 1920-يىل 14-مارتتا ، دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيىسى ھوفماننىڭ سوتسىيال پارتىيىسى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۋىتىپ گۇستاۋ فون كارل باشچىلىقىدىكى ئوڭقانات ھاكىمىيەتنى قۇرىدۇ . ھازىر باۋارىيىنىڭ بۇ مەركىزى گېرمانىيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا جۇمھۇرىيەتنى ئاغدۇرۋىتىپ ، بىر ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى قۇرۇشقا بەل باغلىغان . ۋېرسال سۈلھى شەرتنامىسىنىڭ بوغۇشىنى ئنكار قىلىدىغان بارلىق خىلمۇخىل كۈچلەرنى ئۆزىگە تارتىدىغان ماگىنىت مەركىزىگە ئايلىنىپ قالغانىدى . بۇ يەردە ئەركىنلىك ئىتتىپاقىدىكى .ېرھات برىگادىسىنىڭ ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياللانما ئەسكەرلەر پاناغا ۋە قارشى ئىلىشقا ئىرىشكەن . بۇ يەردە گېنېرال لۇرېندورف سەپيىن چېكىنگەن بىر قىسىم ئوفىتسىرلار بىلەن بىللە ئو؛تۇراقلىشىپ قالغان .  

              بۇ يەردە ،ماسېئاس ئېرزبېرگېر ۋە ۋالتېر راسنا ئۇلارنى خۇپىيانە ئۆلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن قىتىملىق سىياسىي سۇيقەستلەر پىلانلانغان ئېرزبېرگېر تىنچلىقپەرەس كاتولىكچى سىياسىيون بولۇۇپ ئۇنىڭدا گېرراللار بېلىنى قويۇۋەتكەندە ئوتتۇرغا چۈشۈپ ئۇرۇش توختىتىش توختىمى ئىمزالىغۇدەك جىگەر بار ئىدى ، راسنائۇ بولسا شۇ چاغدا تالانتى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ۋە ئىنتايىن بىلىملىك تاشقى ئشلار مىنىستىرى بولۇپ ، يەھۇدىي بولغانلىقى ، شۇنداقلا مەملىكەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىپ ، ئەڭ بولمىغاندا ، ۋېرسال سۈلھى شەرتنامىسىنىڭ بىر قىسىم ماددىلىرى بولسىمۇ ئىجرا قىلىشنىڭ ئىلاجىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ، رادىكاللار ئۇنى ئىنتايىن ئۆچ كۆرەتتى .  

    ميۇنخېننىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا، ئادولف گىتلېر ئۆز پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى.

    ئۇ 1918 -يىل نويابىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ميۇنخېنغا قايتىپ كەلگەندە، ئۆزى تۇرغان باتالىئوننىڭ «ئەسكەرلەر ھەيئىتى» نىڭ چاڭگىلىدا ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. _ ئەھۋالنىڭ بۇنداق بولۇشى مېنى قاتتىق بىزار قىلغانىدى، _ دەيدۇ ئۇ، شۇنىڭ بىلەن «ئىمكان قەدەر تېزلىكتە ئايرىلىش» قارارىغا كېلىدۇ. شۇ يىلى قىشتا ئاۋىستىرىيە چېگرىسىغا يېقىن ترائۇنستېيندىكى ئۇرۇش ئەسىرلىرى لاگېرىدا مۇھاپىزەتچى بولىدۇ، 2 - يىلى ئەتىيازدا يەنە ميۇنخېنغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم» دە، سولقانات ھۆكۈمەتنىڭ «نارازىلىقىنى» نى قوزغاپ قويغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى تۇتۇشقا كەلگەن ئۈچ «خۇمپەر» گە كارابىن مىلتىقىنى تەڭلەش ئارقىلىقلا قولغا ئېلىنشتىن ئاران ساقلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدە توختالغان. كومپارتىيە ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، گىتلېر ئۆزىنىڭ ئاتالمش «ئازدۇر- كۆپتۇر سىياسىي خاراكتېرگە ئىگە تۇنجى قېتىملىق پائالىيىتى» نى دەررۇ باشلىۋېتىدۇ. يەنى 2 - پىيادىلەر پولكىنىڭ تەكشۈرۈش ھەيئىتىگە ئاخبارات بېرىدۇ. بۇ تەكشۈرۈش ھەيئىت ميۇنخېندا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ قىسقىغىنا ۋاقىت پەيدا بولالىغانلىقىغا كىمنىڭ جاۋابكار بولۇشىنى تەكشۈرۈش يۈزىسىدىن تەسىس قىلىنغانىدى.

    روشەنكى، گىتلېرنىڭ بۇ ئىش ئۈچۈن چىقارغان كۈچىنىڭ قىممىتى بار دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئۇنى داۋاملىق ياللاپ، شۇ يەردىكى ھەربىي رايون قوماندانلىق شىتابىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىنىڭ ئاخبارات ئىدارىسىدە ئىشلەشكە ئەۋەتىدۇ. گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيسى ئۆتكەندىكى ئەنئەنىلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئەمدى سىياسىيغا، بولۇپمۇ باۋارىيىدىكى سىياسىيغا بېرىلىپ، ئۇ يەردە ئاقىۋەت ئۆزىنىڭ دىتىغا ياقىدىغان بىر ھۆكۈمەتنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۆزىنىڭ مۇتەئەسسىپ تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئەسكەرلەرگە «سىياسىي تەلىم - تەربىيە» كۈرسى ئاچىدۇ . ئادولف گىتلېرمۇ ئۇنىڭدىكى سىنىپلارنىڭ بىرىگە قاتنىشىپ، دەرسنى زېھىن قويۇپ ئاڭلايدىغان كۇرسانتقا ئايلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ بايان قىلىشىچە، بىر كۈنى دەرس ئاڭلاۋاتقاندا، بىرى يەھۇدىيلار ئۈچۈن بىر ئېغىز ياخشى گەپ قىلىپ قويغاندا، ئۇ بۇنىڭغا چىداپ تۇرالماي، گېپىگە قوشۇق سالىدۇ. ئۇنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى كاتتا نەزەرىيىلىرى ئۆزىگە باشلىق بولغان ئوفىتسېرلارنى ناھايىتى خۇشال قىلىۋەتكەن بولسا كېرەك، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنى ميۇنخېندىكى بىر پولكتا ئىنىستروكتور بولۇشقا ئەۋەتىشىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى تىنچلىقپەرەسلىك، سوتسىيالىزم، دېموكراتىزملاردىن ئىبارەت خەۋپلىك ئىدىيىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش بولۇپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ نەزىرىدە، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى سادىق بولۇشقا قەسەم ئىچىشكەن دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتتىكى روللىرى ئىدى.

    گىتلېر ئۈچۈن بۇ مۇھىم بىر بۇرۇلۇش پەيتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزى كىرمەك بولغان سىياسىي ساھەدە تۇنجى قېتىملىق ئېتىراپ قىلىنىشى ئىدى. بولۇپمۇ بۇ ئۇنىڭ ناتىقلىق ئىقتىدارىنى سىناش ۋە چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرەتتى_ خۇددى ئۆزى ئەزەلدىن قاراپ كەلگىنىدەك. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر سياسىئون بولۇشتا ھازىرلىمىسا بولمايدىغان بىرىنچى ئالدىنقى شەرت ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«مەن بىردىنلا زالدا خالايىق ئالدىدا سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ قالدىم. ئۆتكەندە تامامەن ئاڭسىز تۈردە بىۋاستە سېزىمىمگە تايىنىپ ئۆزۈمدە بار دەپ قارىغان نەرسەمنىڭ بارلىقى ئىسپاتلاندى، يەنى مەن <نۇتۇق> سۆزلىيەلەيدىكەنمەن.» گەرچە بۇ بايقاش ئۇنچىلا ئەجەپلىنەرلىك ئىش بولمىسىمۇ، ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆتكەندە كېكىردىكىم ئالدىنقى سەپتە زەھەرلىنىشتىن مەڭگۈلۈك نابۇت بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئىزچىل تۈردە ئەنسىرەپ بولسا، ئەمدى، «كەم دېيىلگەندە بىر ئوتدېلىنىيە تۇرىدىغان كىچىك ئۆيىنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە» ئاڭلىتالىغۇدەك دەرىجىدە ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بايقايدۇ. بۇ ئىقتىدار كېيىن ئۇنى ناھايىتى ئاسانلا گېرمانىيىدىكى سۆزگە ئەڭ چېچەن ناتىققا ئايلاندۇرۋېتىدۇ. ئۇ رادىئو نۇتىقى سۆزلىگەندە، بىر خىل سىرلىق كۈچ ئۇنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق مىليونلىغان ئاڭلىغۇچىلارنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋالغاندەك بولاتتى.

    1919 - يىل سېنتەبىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، گىتلېر قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى سياسىي بۆلۈمىنىڭ ميۇنخېندىكى ئۆزىنى «گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى» دەپ ئاتىۋالغان كىچىككىنە بىر سىياسىي تەشكىلاتنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش تەلەپ قىلىنغان بىر بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. ھەربىي تەرەپ ئىشچىلارنىڭ پارتىيىلىرىدىن ناھايىتى خۇدۇكلىنەتتى، چۈنكى بۇنداق پارتىيىلەر سوتسىياللار پارتىيىسى بىلەن كوممۇنىستلار پارتىيىسى تەرپىدىن كونترول قىلىناتتى. بىراق بۇ پارتىيە ئۇلاردىن پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالغانىدى. گىتلېر ئۆزىنىڭ بۇ پارتىيىدىن «تامامەن خەۋەرسىز» ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. لېكىن ئۆزى تەكشۈرمەكچى بولغان مەزكۈر پارتىيىنىڭ يىغىنىدا سۆزگە چىقىشى ئالدىن بەلگىلەنگەن بىر ئادەمنى ئۇ تونۇيتى.

    ئەسلىدە بىرقانچە ھەپتىنىڭ ئالدىدا، ئۇ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ تەلىم - تەربىيە كۇرسىدا، گوتفرېد فېدېر ئۆتكەن بىر دەرسنى ئاڭلىغانىدى.  

    فېدېر بىناكارلىق ئىنژىنىرى ،ئىقتىسادشۇناسىق جەھەتتە سەل غەلىتە  بىر ئادەم بۇلۇپ .<ئىجادىيلىق > ۋە <ئىشلەپچىقىرىش خارەكتىرى >دىكى كاپتالدىن باشقا يەنە گىرمانىيەدىكى كۆپ ساندىكى ئىقتىسادى مەسىلىلەرنىڭ سەۋەپچىسى بولىۋاتقان <ھايانكەشلىك خارەكتىرى >دىكى كاپتالنىڭ بارلىقىغا قەتئى ئىشىنەتتى.ئۇ بۇنداق كاپتالنى مەنئى قىلىش تەرەپدارى بۇلۇپ،1917-يىلى <گىرمانىيە ئۆسۈم  قۇللۇقى تۈزۈمىنى بۇزۇپ تاشلاش جەڭگىۋار ئىتتىپاقى>دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلاتنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى نولغاندى،ئىقتىساتشۇناسلىقتىن  قىلچە خەۋىرى يوق بولمىغان گىتلېرغا فېدېرنىڭ نۇتىقى قاتتىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.ئۇ ،فېدېرنىڭ < 

    ئۈسۈم قۇللۇقى تۈزۈمىنى بۇزۇپ تاشلاش > تەلىپىنى <بىر يېڭى پارتىيىنىڭ ئاساسىنى قۇرۇشتىكى ئاساسلىق ئالدىنقى شەرتلەر >نىڭ دەپ قاراپ ،فېدېرنىڭ نۇتىقىدا <مۇشۇ بىر مەيدان كۈچلۈك شۇئارنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىم >دەيدۇ. 

    لېكىن دەسلىپىدە ئۇ ،گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنڭ قانچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى سەزمىگەن،پەقەت بۇيرۇققا بىنائەن مەركۇز پارتىيىنڭ يىغىلىشىغا قاتناشقاندى،سىدونناكېرائۇ پىۋىخانىسىنىڭقاراڭغۇ بىر ھۇجۇرىسىدا ئۆتكۇزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا جەمئى 25ادەم قاتناشقان بۇلۇپ ،گىتلېرنىڭ باشتىن ئاخىر ئولتۇرىدۇ،بۇ يىغىننىڭ ناھايتى زىرىكەرلىك ئېچلغانلىغىنى ھىس قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق تەسىراتقا ئىگە بۇلالمايدۇ،ئۇ مۇنداق دەيدۇ،بۇ <باشقا نۇرغۇن يېڭى تەشكىلاتلاردىن ھىچقانداق پەرقى يوق بىر يېڭى تەشكىلاتت ئىكەن ،شۇ  چاغدىكى دەۋىر  ھەرقانداق كىشى شۇ چاغدىكى ھالەتتىن نارازى بۇلۇۋاتقان ،يېڭى پارتىيە قۇرۇش زۈرۈر دەپ قاراۋاتقان دەۋىر ئىدى،بۇ خىلدىكى يېڭى تەشكىلاتلار ھەممىلا يەرگە تۇشۇپ كەتكەن بۇلۇپ ،ئۇزۇن ئۆتمەي ئۈن-تىنسىزلا غايىپ بۇلۇپ كىتىش.مەن گىرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭئۇلاردىن ھىچقانداق پەرقى يوقلىقىنى ھېس قىلدىم.> فېدېرنىڭ سۆزى تۈگەپ ،گىتلېر ئەمدى كەتمەكچى بولغاندا ،بىر < فىرافىسور> ئورنىدىن تۇرۇپ فېدېرنىڭ نۇقتىنەزەرلىرىگە رەدىيە بىرىدۇ ھەمدە باۋارىينىڭ پىرۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتنى ئۈزۈشنى ،بۇنىڭدىن باشقا ئاۋىستىريە بىلەن بىللە جەنۇبىي گېرمانىيە دۆلىتى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلىدۇ.بۇ ئۇ شۇ چاغلاردا   

    ئۇ گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى سەزمىگەن ، پەقەت بۇيرۇققا بىنائەن مەزكۇر پارتىيىنىڭ يىغىلىشىغا قاتنىشىشقا بارغانىدى . . سدونناكبرائۇ پىۋىخانىسىنىڭ قاراڭغۇ ھۇجرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىلىشىغا جەمئىي 25 ئادەم قاتناشقان بولۇپ ، ەىتلېر باشتىن ئاخېرغىچەئولتۇرىدۇ . بۇ يىغىننىڭ ناھايىتى زېرىكەرلىك ئېچىلغانكىقىنى ھىس قىلىشتىنن باشقا ھېچقانداق ياخشى تەسىراتقا ئىگە بولالمايدۇ . ئۇ مۇنداق دەيدۇ   

    ؛ بۇ « باشقا نۇرغۇن يىڭى بىر تەشكىلاتتىن پەرقى يوق بىر يېڭى بىر تەشكىلات ئىكەن شۇ چاغدىكى دەۋر ھەر قانداق كېشى شۇ چاغدىكى ھالەتتىن نارازى بولۇۋاتقان ، يېڭى بىر پارتىيە قۇرۇش زۈرۈر دەپ قاراۋاتقان دەۋر ئىدى . بۇ خىلدىكى تەشكىلاتلار ھەممىلا يەرگە توشۇپ كەتكەن بولۇپ ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈن تىنسىز غايىپ بولۇپ كىتىشەتتى . مەن گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئۇلاردىن ھىچقانداق پەرقى يوقلۇقىنى ھىس قىلدىم  .» فېدېرنىڭ سۆزى تۈگەپ ، گىتلېر ئەمدى كەتمەكچى بولغاندا ، بىر « فروفېسسور ] ئورنىدىن تۇرۇپ فېدېرنىڭ نۇقتىنەزەرلىرىگە رەدىيە بىرىدۇ ھەمدە باراۋىنىڭ پروسسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشىنى ، بۇنىڭدىن باشقا ئاۋىسترىيە بىلەن بىللە قەنۇبىي گېرمانىيە قۇرۇشنى تەكلىپ قىلىدۇ . بۇ شۇ چاغلاردا ۋېنادا ناھايىتى كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن تەشەببۇس بولسىمۇ ، گىتلېرنىڭ قاتتىق غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ . ئكشىنىڭ كېيىنچە ئىيتىشىچە ، بۇ ئىش ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ « ھېلىقى بىلىملىك ئەپەندىم » گە كېلىشتۈرۈپ رەددىيە بەرگۈزگەن ، ئۇنىڭ كەسكىن سۆزلىگىنى روشەن گىتلېرنىڭ دېيىشىچە ھېلىقى «روفېسسور » « خۇددى سۇغا چۈشكەن ئىتتەك » قۇيرۇقۇنى قىسىپ قىچىپ كەتكەن ، قالغانلار بولسا بۇ نامسىز تەنتەككە « كۆزلىرىنى پارقىراتقىنىچە ھاڭۋىقىپ » قاراپلا قالغان . بىرى گىتلېرنىڭ دېيىشىچە شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىسىم فامىلىسىنى ئىنىق ئاڭلىيا؛ماي قالغان  ، ئارقىدىن قوغلاپ كىلىپ ، ئۇنىڭ قولىغا بىر بروشورىنى تۇتقۇزۇپ قويغان . 

    بۇ كىشى كىلىىپ چىقىشى قۇلۇپچى ئانتون درېكسلېر بولۇپ ئۇنى دۆلەت سوتسىيالىزىمىنىڭ ھەقىقىي ئاساسچىسى دېيىشكە بولاتتى درېكسلېر كېسەل چىراي ،كۆزئەينەكلىك ، رەسمىي تەربىيە  كۆرمىگەن ، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان كېشى ئدى لېكىن پىكرى تار ئىدىيىسى قالايمىقان بولغاچقا ، ماقالىنى يا خشى يازالمايىتتى نۇتقى تىخىمۇ ئوسال ئىدى ، شۇ چاغلاردا مىيۇنخېن تۈمۈر يول زاۋۇتىدا خىزمەت ىقلاتتى 1918-ۇىل 7- مارتتا ، ئۇ «، مۇستەقىل ئىشچىلار ھەيئىتى»نى قۇرۇپ ، ئەركىن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى ماركىزىمچىلارغا قارشى كۆرەش ئىلىپ بىرىپ ، ەېرمانىيىدە ئادىل تىنىچلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەرغىپ قىلىدۇ . ئەمىلىيەتتە بۇ شىمالىي گېرمانىيىدە قۇرۇلغان « ئشچىلار سىنىپىنىڭ لۇشيەنى بويىچە تىنچلىقنى ئىلگىرى سسۈرۈش جەمىيىتى » دىن ئىبارەت ھەركەتنىڭ بى رتارماق ئاپاراتى ئىدى . ( ئەنى ۋاقىتتا ۋە كىيىن تاكى 1933-يىلىغا قەدەر بولغان ئارلىقتا گېرمانىيىدە ئۆزىگە بۇنداق بېسىم ئىشلىتىدىغان تەشكىلاتلار كۆپ ئىدى . ).  

     درېكسلېر يېنىغا تارتىۋالغان ئەزالار ئەزەلدىن 40تىن ئىشىپ باقمىغان . 1919-يىل يانىۋاردا ، ئۇنىڭ كومىتىتى « سىياسىي ئىشچىلار گوروھى » غا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل تەشكىلات بىلەن بىرلىشىدۇ ، بۇ تەشكىلاتقا ئەسلىدە كارل ھاررېر ئىسىملىك بىر مۇخبىر رەھبەرلىك قىلاتتى . گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى دەپ ئاتالغان يېڭى تەشكىلاتنىڭ يۈز گە يەتمەيدىغان ئەزاسى بولۇپ ھاررېرۈ ئۇنىڭ بىرىنجى نۆۋەتلىك رەئىسى ئىدى گىتلېر مىنىڭ كۆرەشلىرىمدە كىيىنچە نامى ئۆچۈپ كەتكەن دەسلەپكى مەشگىلدىكى يولداشلىرىنى ناھايىتى ئاز تىلغا ئالغان ، بولسىمۇ  ھاررېرنى« تۈز » ۋە « ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى تەربىيە كۆرگەن » كىشى دەپ ماختىغان ، بىراق ئۇنىڭ «ناتىقلىق تالانتى»نىڭ كەملىكىگە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ھاررېرنىڭ بۇ يەردە شۇنچىلىك تىلغا ئىلىنىش شەرىپىگە ئىگە بولۇشى ئاساسەن گىتلېرنىڭ ناتىقلىقىنى جاھىللىق بىلەن ئوسال دەپ قارىغانلىقىدىن بولسا كىرەك بۇنداق قاراش ناتسىتلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسىنى غەزەپلەندۈرگەن  . بولۇپ ئۇ ئۆز تەرجىمىھالىدا بۇ نۇقتىنى ئازراقمۇ يوشۇرمىغان قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، درىكسلېر كۆلىمى ناھايىتى كىچىك بۇ نامسىز گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئاساسلىق تۈرتكە كۈچىدەك قىلىدۇ .   

    ئەتىسى ئەتىگەندە گىتلېر درېكسلېر تۇتقۇزۇپ قويغان بروشورىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئوقۇپ چىقىدۇ  ، ئۇ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىنى « مىنىڭ كۆرەشلىرىم »دە تەپسىلىي يازغان . شۇ چاغ ئەتتىگەن سائەت بەشلەر ئىدى . گىتلېر ئويغىنىپ ئۆ زى ئېيتقان دائىملىق ئادىتى بويىچە ، ئىككىنچى پىيادە ئەسكەرلەر پولكى گازارمىسىنىڭ كارۋىتىدا بىر كۈن بۇرۇن كەچتە چېچىپ قويغان بولكا ئۇۋاقلىرىنى چاشقانلارنىڭ كىتىرلىتىپ غاجىلاشلىرىنى تاماشا قىلىپ ياتاتتى . « ئۆمرىدە يوقسۇزچىلىقنىڭ دەررىنى تويغۇچە تارتقانمەن . » دەيدۇ ئۇ چوڭقۇر ئويغا پڭتڭپ ، « شۇڭلاشقا كىچىك جانىۋارلارنىڭ ئاچلىقى چە خۇشاللىقىنى تازىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايمەن <» شۇ چاغدا بروشو را ئېسىگە كېلىدۇ -دە ، ئۇنى ئىلىپ ئوقۇيدۇ . بروشۇرىنىڭ نامى « مىنىڭ دىياسىي ئىڭىم » ئىدى . گىتلېرنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغىنى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا تىكلىگەن ناھايىتى نۇرغۇن ئىددىيىلىرىنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەنلىكى ئىدى . درېكسلېرنىڭ ئاساسىي نىشانى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاممىسى ئاساس قىلىنغان ، لېكىن سوتسىيال دىموكراتىك پارتىيىسىگە ئوخشىمايدىغان ، كۈچلۈك بىر مىللەتچىلىك ساقلاپ قىلىنىدىغان بىر پارتىيە قۇرۇش ئىدى درېكسلېر ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋەتەن فرونتىغا قاتناشقانۇ ،لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ فرونتنىڭ ئامما بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتەك كۆرۈنگەن ئوتتۇرا بۇرژۇئا خائىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن . بىز يۇقىرىدا ، ۋىننادىكى چا غلىرىدا ، گىتلېرنىڭمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەپ تۈپەتلىدىن بۇرژۇئازىيىنى كۆزگە ئىلمىغانلىقىنى تىلغا ئىلىپ ئۆتكەنىدۇق - ئۇلار ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئائىلىلىرى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە پۈتۈنلەي كۆڭۈل بۆلمەيتتى . شۇڭا درېكسلېرنىڭ تەشەببۇسلىرىنىڭ گىتلېرنى قىزىقتۇرىشى جەزمەن ئىدى . 

    شۇ كۈنى گىتلېر يەنە ئۆزىنىڭ گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە قوبۇل قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئاترىتكىنى ھاڭ -تاڭ بولغان ھالدا تاپشۇرۋالىدۇ . « راستلا ئاچچىقمۇ ، كۈلگۈممۇ كىلەتتى » دەپ ئەسلەيدۇ ئۇ كىيىنچە ، « تەييار بىر پارتىيىگە زادىلا قاتناشقۇم كەلمەيتتى . چۈنكى مەن ئۆزۈم بىرنى ئۇيۇشتۇرماقچى ئىدىم . ئۇلار مىنىڭ تەلىپىم توغرىسىدا بەكمۇ ئۆ بىشىمچىلىق قىلىپ كىتىپتۇ ، ئۇنى ئەسلا ئولىشىشقا بولمايىتتى » ئۇ خۇددى شۇنداق خەت يىزىپ جاۋاپ بەرمەكچى بولىدۇ ، لېكىن «قىزىقىشى يەنە ئۈستۈن »چىققانلىقتىن ، ئۇلار تەكلىپ قىلغان كومىتىت يىغىنىغا قاتنىشىپ ، « بۇ بىمەنە ، كۈلكىلىك كىچىك تەشكىلات » قا قاتناشمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى شەخسەن ئۆزى چۈشەندۈرۈش قارارىغا كىلىدۇ . 

          * يىغىن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان شارابخانا خلۇن كوچىسىغا جايلاشقان ، كونا رو سېنبارت دېگەن بىر تۆۋەن دەرىجىلىك قاۋاقخانا ئىدى ... مەن خرە ، بوش تاماق زالىدىن ئۆتۈپ ئىشىكنى ئىچىپ ئارقىدىكى بىر ئۆيدىكى كومىتىت ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشتىم . ەاز لامپىسىنىڭ خېرە شولىسىدا جوزىنى چۆرىدەپ تۆت يىگىت ئولتۇرغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بروشورىنىڭ ئاپتورىمۇ بار ئىدى ، ئۇمىنىڭ كەلگىنىمنى كۆرۈپلا گۈلقەقەلىرى ئىچىلغان ھالدا مەن بىلەن سالاملىشىپ ، ەېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ يېڭى ئەزاسى بولۇشۇمنى قارشى ئالىدىغانلىقىمنى بىلدۈردى . 

          راستىنى ئىيتسام ،مەن ئىنتايىن ھەيران قالدىم . ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆتكەن قىتىمقى يىغىننىڭ خاتىرسىنى ئوقۇدى ، كاتىپقا ئىشەنچ ئاۋازىنى بەردى ، ئارقىدىن خەزىنىچى ھىسابات دوكىلاتىنى  بەردى ، - بۇ تەشكىلاتنىڭ جەمئىي ئاران يەتتە مارك فىننى راسخۇتى بار ئىكەن - غەزنىچىگىمۇ ئىشەنچ ئاۋاز بىرىلدى . بۇلارمۇ يىغىن خاتىرسىگە كىرگۈزۈلدى ، ئارقىدىنلا 1-رەئىس كىئېلدىن ، دوسسىلدورفتىن ۋە بېرلىندىن كەلگەن خەت چەكلەرگە بىرىلىدىغان جاۋاپلارنى ئوقۇپ ئۆتتى ، ھەممەيلەن ئۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى . ئاندىن تاپشۇرۋىلىنغان خەت -چەكلەر توغرىسىدا دوكىلات بىرىلدى ...  

          تويدۇم ، تويۇپ كەتتىم !  بۇ رەسۋا كۇلۇپ تۇرمۇشى ئىدىغۇ ! ئەجەبا مەن مۇشۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىمەنمۇ ؟ 

    لېكىن بۇ قاراڭغۇ ئارقا ئۆيدە ئولتۇرغان ئەرزىمەس ئادەملەردە ئۇنى جەلىپ قىلىۋاتقان قانقاقتۇر نەرسىلەر بار ئىدى :يەنى ئۇلار «ئادەتتىكى ئەھمىيەت بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغان پارتىيىنىڭ بىر يېڭى ھەركىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ئىنتىزار ئىدى ». شۇ كۈنى كەچتە گازارمىغا قايتىپ كىلىپ «ئۇنىڭغا قاتنىشىمەنمۇ -يوق دەيدىغان ئۆمرۈمدە ئۇچراتقان ئەڭ تەس سۇئال ھەققىدە ئويلاندىم »، ئۇ ئەقىلنىڭ بۇنىڭدىن باش تارتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ . لېكىن.... دەل بۇ تەشكىلاتنىڭ كارى چاغلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا زېھىنلىك ۋە ئىدىيىلىك بىرەر يىگىتكە «ھەقىقى شەخسى پائالىيەت ئېلىپ بارغۇدەك »پۇرسەت تۇغۇلاتتى . گتلېر «بۇ ۋەزىپە ئۈچۈن »نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە قايتا-قايتا باش قاتۇرىدۇ ، 

    يانچۇقۇمدا بىر تىيىننىڭ بولماسلىقى ، كىرىمنىڭ يوقلۇقى ، مېنىڭچە ، تامامەن چىدىغىلى بولىدىغان ئىش ئىدى . ھالبۇكى قىيىنراق بولىۋاتقىنى شۇكى . مەن بىر نامسىز سولتەك تاساددىبى تىرىك يۈرسەم ياكى ئۆلۈپ كەتسەم ، ؛ئەڭ يېقىن ئولتۇرغان قوشنىلىرىممۇ دىققەت قىلمايتتى ، بۇنىڭدىن باشقا ، ئالغان تەربىيەمنىڭ كەم بولۇشىدىن مۇقەررەر ھالدا كىلىپ چىقىدىغان قىيىنچىلىقمۇ مەۋجۇت ئىدى .  

    بۇ مىنىڭ ئۆمرۈمدىكى ئنتايىن ھەل قىلغۇچ خاراكتېرگەئىگە بىر قارار بولدى . مۇشۇ قەدەم تاشلانغاندىن كىيىن ، چېكىنگۈدەك يول قالمىدى ، چېكىنىشمۇ مومكىن ئەمەس ئىدى . شۇنداق قىلىپ ، ئادولف گىتلېر گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى كومىتىتىنىڭ 7-ئەزاسى بولۇپ قالدى .  

       بۇ ئەرزىمەس پارتىيىنىڭ ئىككى ئەزاسىنى بۇ يەردە تىلغا ئىلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ . ئۇلارنىڭ كېيىنچە گىتلېرنىڭ كېيىنچە باش كۆتۈرۈپ چىقىشىدا ناھايىتى مۇھىم بولغانلىقى ئىسپاتلاندى . ميۇنخېندىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيە 7-ھەربىي رايون  شىتابىدا خىزمەت قىلىدىغان كاپىتان ئېرنست روم بۇ پارتىيىگە گىتلېردىن بۇرۇن قاتناشقان . ئۇ بەسىتلىك  نوينى بۇقىنىڭكىدەك يوغان كۆزلىرى سىمىز چوچقىنىڭكىدەك كىچىك ، يۈز كۆزىنى تارتۇق قاپلىغان بۇرنىنىڭ يىرىمىنى 1914-يىلى ئوق ئۇچۇرۇپ كەتكەن بىر كەسپىي ھەربىي ئىدى .

    ئۇ كىچىكىدىنلا سىياسىيغا قىزىقىدىغان خارەكتىرگە ، تۇغما تەشكىلاتچانلىق قابىليىتىگە ئىگە ئىدى . دېموكراتىك جۇمھۇريەتكە ۋە ئۇنىڭغا جاۋاپكار بولۇشى لازىم دەپ ھېساپلىغان «نويابىر جىنايەتچىلىرى » گە ئۇنىڭدىمۇ گتلېرنىڭكىدەكلا قاتتىق ئۆچمەنلىك بار ئىدى ، ئۇ بىر قۇدرەتلىك ، مىللەتچى گېرمانىسىنى قايتىدىن قۇرۇشنى نىشان قىلاتتى ، گتلېرغا ئوخشاشلا ، پەقەت تۆۋەن قاتلام سىنىپلارنى ئاساس قىلغان پارتىيىگە تايانغاندا ، ئاندىن بۇنى ئىشلەپ كەتكىلى بۇلىدۇ دەپ قارايتتى . مۇنتىزىم ئارمىيىدىكى كۆپ سانلىق ئوفىتسىرلارنىڭ ئەكىسچە ، ئۇنىڭ ئۆزى مۇشۇ سىنىپتىن كېلىپ چىققان بولۇپ ، زەھەرلىك ، شەپقەتسىز ، شىددەت بىلەن ئىشلەيدىغان ، بىراق ھەم دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى نۇرغۇن ناتىسىنلاردەك بەچچىۋاز ئىدى . ئۇ ناتىسلار پارتىيىسىنىڭ 1-تۈركۈم قولچۇماقلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا قاتناشقان بۇلۇپ ، بۇ تەشكىلات كېيىنچە ئېسئاچىلار قىلىپ كېڭەيتىپ قۇرۇلغان . تاكى 1934-يىلى گتلېر رومنى ئېتىپ تاشلىغانغا قەدەر ، بۇ تەشكىلات رومنىڭ رەھبەرلىكىدە بولغان . روم بۇيېڭى پارتىيىگە زور تۈركۈمدىكى سەپتىن قايتقان ھەربىلەر ۋە ئەركىنلىك ئىتتىپاقىنىڭ پىدائى ئەسكەرلىرىنى ئەكىلىپ ، ئۇلارنى پارتىيىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى تايانچىلىرىغا ئايلاندۇرغان بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۆزى باۋارىيىنى كونتىرول قىلىپ تۇرغان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ، گتلېرنى ۋە ئۇنىڭ ھەركىتىنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ قوغدىشىغا ، بەزىدە ھەتتا ھىمايىسىگىمۇ ئېرىشتۈردى . بۇنداق ياردەم بولمىغان بولسا ، گتلېرنىڭ  خەلىقنى ، جۇمھۇريەتنى ئاغدۇرۇشقا كۈشكۈرتۈش ھەركىتى ئىھتىما ل مەڭگۈ ھەقىقى تۈردە قانات يايالمىغان بولار ئىدى.  

    شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى باۋارىيە ھۆكۈمىتى ۋە ساقچىلىرىنىڭ چىداپ يول قويوشى بولمىغان بولسا گىتلېرنىڭ تېررورلۇق ۋە تەھلىكە ۋاستىلىرىنى بىخارامان قوللىنىشى مومكىن ئەمەس ئىدى .

    分享到: