• 3.ئېمپىريىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى(8.قىسىم)

    2009-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39665350.html

    دىترىھ ئېكارت گىىتلىردىن 21ياش چوڭ بۇلۇپ  ،كۈپ چاغلاردا دۈلەت سوتسېيالىزىمىنىڭ  مەنىۋى ئاساسچىسى دەپ ئاتىلاتتى .ئۇ بىر چىچەن ئاخبارات مۇخبىرى بۇلۇش بىلەن بىللە ئىقتىدارسىز شائىىر ھەم دېراممۇتۇرئگ ئىدى .ئۇ ئىبسېننىڭ <<پىر گېنت>>دىگەن ئەسىرىنى تەرجىمە ئەسىرىنى تەرجىمە قىلغان .ئەزەلدىن ئويلىنىپباقمىغان سەھنە ئەسەرلىرىنى يازغان .ئۇمۇ بېرلىندا گىتلىر ۋىنادىكى چاغدا باشتىن كەچۈرگەندەك بىر مەزگىللىك بوھېمىيچە سەرگەردانلىقنى باشتىن كەچۈرۈپ ،ھاراقكەش بۇلۇپ كەتكەن ،مورفىن چەككەن. ھېيدىېننىڭ ماتىريالىغا    ئاساسلانغاندا ،ئۇ يەنە روھىي كىسەللىك  دوختۇرىانىسىغىمۇ كىرگەن، ئۇ يەردە  كىسەللەرنى ئارتىس قىلىپ يۈرۈپ  ھەر ھالدا ئۈزىنىڭ سەھنە ئەسەرلىرىنى سەھنىگە ئاچىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشكەن .ئۇرۇش تاماملانغاندا  يۇرتى باۋارىيىگە قايتىپ  ميۇنخېندىكى سەنەتكارلار  يىغىلىدىغان  شۋاب  ئورمانچىلىق  رايونىنىڭ برىننىېرسېر  قاۋاقخانىسىدىكى بىر توپ  ھەۋەسكارلارغا  ئاريانلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەشۋىق قىلىپ  يەھۇدىلارنى يۇقۇتۇش ،بېرلىندىكى <<توڭگۇز>>لارنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلغان .   

     

    <<بىز كاتتىباشقا  مۇھتاجمىز ،>>دەيدۇ شۇ چاغدا  ميۇنىخېندا  ئاخبارات مۇخبىرى بۇلۇپ  ئىشلەۋاتقان  ھېيدېين  ئېكارتنىڭ 1919-يىلى  برىننېر سېر قاۋاقخانىسىنىڭ دائىملىق مىھمانلىرىغا سۈزلىگەن  نۇتىقىدىن    نەقىل كەلتۈرۈپ   .<<ئۇ پىلمۇت ئاۋازىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بولسۇن ئامما قورقۇتۇپ قويۇشقا موھتاج بولۇۋاتىدۇ . ئوفېتسىرلارنى ئىشقا سېلىشىمىزغا بولمايدۇ چۈنكى كۆپچىلىك ئۇلارنى ھۈرمەت قىلماس بولۇپ قالدى . ئەڭ ياخشىسى سۆزگە چېچەن بىر ئىشچى بولسۇن ... ئۇ ھېچقانداق مېڭە ئىشلەتمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ ........  ئۇنىڭ بويتاق بولۇشى شەرت . بۇنداق بولغاندا بىز ئاياللارنى جەلپ قىلالايدىغان بولىمىز .

     

    بۇ ھاراقكەش شائىر *ئادولف گتلېرنىڭ دەل ئۆزى ئىزلەپ يۈرگەن ئادەم ئىكەنلىگىنى سېزىپ قالىدۇ . بۇنىڭدىنمۇ تەبىئىي ئىش بولامدۇ ؟ئۇ گىرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسى ئىچىدە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن بۇ يىگىتنىڭ يېقىن مەسلىھەتچىسىگە ئايلىنىدۇ ، ئۇنىڭغا كىتابلارنى ئارىيەت بىرىدۇ . يازما ۋە ئېغىزچە نېمىس تىلى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەملىشىدۇ ، ئۇنى ئۆزىنىڭ بىر تالاي دوسلىرىغا تونۇشتۇرۇپ قويىدۇ . ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەزكۇر پارتىيىنىڭ  راسخوتى ۋە گتلېرنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشقا ياردەم قىلىش ئۈچۈن پۇل چىقىرىشنى خالايدىغان بايلارلا ئەمەس  ، بەلكى رۇدولف ھېس ۋە ئالفرېد  روسېنبېرگقا ئوخشاش كەلگۈسى  ياردەمچىلەرمۇ بار ئىدى . گتلېرنىڭ ئېكارتقا بولغان ئەقىدىسى باشتىن -ئاخىرغىچە تۆۋەنلەپ باقمىغان . «مىنىڭ كۈرەشلىرىم »دىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزمۇ ئۇنىڭ مۇشۇ غەلىتە ئۇستازىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىزاھلاپ بىرىدۇ :ئۇ،-دەيدۇ گتلېر مەزكۇر كىتابنىڭ خاتىمىسدە ،- «.ئەڭ مۇنەۋۋەر ئادەم ئىدى ، پۈتكۈل ئۆمرۈمنى ئۆز ئەسەرلىرى ، ئىدىيىسى ، ئەڭ ئاخىردا ئۆز ھەركەتلىرى ئارقىلىق ئېلىمىز خەلقىنى ئويغىنىشقا بېغىشلىغانىدى ، »

     

    دۆلەت سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى مانا شۇنداق ئاجايىپ -غارايىپ غەيرى نورمال بىر تۈركۈم مەخلۇقاتلار ئىدى ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ 13يىل ئىچىدىلا ياۋروپادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتنى بىر ئالدىغان ، بەلكى گېرمانىيە ئۈچۈن 3-ئىمپىرىيە قۇرۇپ بىرىدىغان بىر ھەركەتنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغانلىقلىرىنى بىلىشمەيتتى . ئىدىيىسى قالايمىقان قۇلۇپ  ئۇستىكارى درېكسىلىر بىر يادرو ، ھاراقكەش  شائىر ئېكارت بىر بۆلۈك «مەنىۋى » ئاساس ، ئىقتىسادشۇناسلىق جەھەتتىكى مەخلوقات فېدېر ئىدېئولوگىيە ھېسابلىنىدىغان نەرسىلەر ، بەچچىۋاز روم قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋە چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ھىمايىسى بىلەن تەمىنلىدى ، ئەسلىدە قاۋاقخانىلارنىڭ كىچىك ھۇجرىلىرىدا مۇنازىرە يىغىنلىرىنىلا ئۆتكۈزىدىغان بىر تەشكىلاتنى قۇدرەتلىك پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىگە كەلسەك  ، ئۇ ئەمدى يېشى تېخى 31گە توشمىغان نامسىز سەرگەردان ئادولف گتلېرنىڭ زىممىسىگە چۈشتى .

     

    ۋېنادا ئاچ يۈرگەن كۈنلەردىن بۇيان ، ئۇنىڭ قەلبىدە قايناپ تاشقان خىلمۇ -خىل ئىدىيىلەر ئەمدى ئۇرغۇپ چىقالايدىغان يول تاپقانىدى ، خارەكتىردىكى ئىزچىل كۆرىۋالغىلى بولماي كەلگەن ئىچكى زىھنىي كۈچ ئەمدى ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى .

     

    ئۇ ئەسلىدە يۈرەكسىزلىك قىلىدىغان بۇ كومىتىتنىڭ كۆلىمى زورراق يىغىلىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى . باغاقلارنىى ئۆز قۇلى بىلەن ماشىنكىدا ئۇردى ۋە تارقاتتى ، كېيىنچە ئۇ ئۆزىنىڭ بىر قېتىم 80 باغاق تارقاتقانلىقىنى سۆزلەپ كىلىپ مۇنداق دەيدۇ ل؛ «مېھمانلارنىڭ يېتىپ كىلىشىنىى  كۈتۈپ ئولتۇردۇق ، بىر سائەتتىن كېيىن ، (رەئىس ) (يىغىن ئۇچۇق )دەپ ئىلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى  ، جەمىئىي كەلگىنى يەنە شۇ يەتتە ئادەم - ئۆزىمىزنىڭ يەتتىلا ئادىمى ئىدى .»  لېكىن  ئۇ بۇنىڭلىق بىلەن بۇشىشىپ كەتمەي ، شىپىگراپتا بېسىش ئۇسۇلى ئارقىلىق باغاقلارنىڭ سانىنى كۆپەيتتى . بىر ئاز پۇل جايلاپ يەرلىك گېزىتتە بىر قېتىملىق يىغىننىڭ  ئۇقتۇرىشىنى ئېلان قىلدۇردى ، ئۇ بۇ قېتىمقىى مۇۋەپپەقىيەت ئادەمنى ھەيران قالسۇرارلىق دەرىجىدە بولدى . قاتناشقۇچىلار 116 ئادەمگە يەتتى » دەيدۇ ، ئەسلىدە ، «مىيۇنخېنلىق بىر پېروفسور » ئاساسلىق سۆزنى سۆزلىگەندىن كېيىن ، گتلېرنىڭ تۇنجى قېتىم «ئاشكارا » نۇتۇق سۆزلىشى ئالدىن بەلگىلەنگەنىدى ، لېكىن مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئاتاقتىكى باشلىقى ھاررېر بۇنداق قىلىشقا قارشى تۇردى.

     

    <بۇ ئەپەندمنىڭ كۆڭلى تۈزلىكىدە شەك يوق ئىدى> دەيدۇ، گىتلېر كىيىنچە ،<لېكىن ئۇ مىنى باشقا ئىشلارغا يارىسىمۇ ،نۇتۇق سۆزلەشكە مۇتلەق يارىمايدۇ دەپ قارايتى،مەن جەمئى30 مىنۇت سۆزلىدىم.ئىلگىرى پەقەت ئۆز تۇيغۇلىرىم ئارقىلق ھېس قىلغان ،لىكىن قىلچە ئىشەنچىم بولمىغان ئىش ھازىر كونكىرىت ئەمىلىيەت ئارقىلىق ئىسپاتلاندى،مەن نۇتۇق سۆزلىيەلمەيدىكەنمەن>  گىتلىرنىڭ دىيىشىچە ،ئۇنىڭ دولقۇنلاپ تۇرىدىغان ھەيۋەتلىك سۆزلىرى تىڭشىغۇچىلارنى <توك سۇقىۋەتكەن >دەك ھاياجانلاندۇرغان ،قوزغالغان ئىنكاسنىڭ قىزغىن بولغانلىغى يىغىندىن كىيىن كۆپچىلىكنىڭ ئۇلارغا 300 مارىك ئىئانە توپلاپ بەرگەنلىكى ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ،،بۇ ھال ئۇلارنىڭ پارتىيىسىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ۋھقتىنچە يىنىكلىتىدۇ.

     

    1920-يىلىنىڭ باشلىرىدا،گىتلېر پارتىيىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنى ئۆتكۈزۋالدى.ۋېنادا سوتسىياللار پارتىيىسىنىڭ پائالىيەتلىردىن تەشۋىقات خىزمىتىنڭ مۇھىملىغىنى كۆرىۋالغاندىن بۇيان.ئۇ ئىزچىل تۈردەە بۇ جەھەتتە ئەجىر قىلىپ كىلىۋاتاتتى.ئۇ نۇ ئېچىنارلىق كىچىك پارتىيىنىڭ چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان ئەڭ زور كۆلەمدىكى يىغىلىشنى ئۇيۇشتۇرۇشقا كىرىشتى .يىغىلىشنىڭ 1920-يىل 24-فېرۋالدا مەھشۇر ھوفبرائوھوۋسې پىۋىخانىسىنىڭ2000 كىشىگە يىقىن ئادەم سىغىدىغان زىياپەت زالىدا ئۆتكۈزىلىشى بىكىتىلدى.

     

    گىتلىرنىڭ كومتېتتىكى ھەمراھلىرى بۇنداق قىلىشنى ساراڭلىق دەپ قارىدى ،ھاررېر خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىش ئارقىلىق ئېتىراز بۈلدۈردى .ئۇنىڭ ئورنىغا درېكسلېر چىقىپ  ،ئۇمۇ يەنىلا گۇمان بىلەن قارايدغانلىغىنى بىلدۈردى*( ھاررېرمۇ گىتلېرنىڭ يەھۇدىلارغا كەسكىن قارشى تۇرىدىغان پوزىتسىيسىگە قارشى ئىدى .ئۇ گىتلېر بۇنداق قىلسا ئىشچىلار سىنىپى ئاممىسىدىن يىراقلىشىپ كېتىدۇ دەپ قارايتى،بۇ -ئۇنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەب.) گىتلېر تەييارلىق خىزمىتىنىىڭ شەخسەن ئۆزىنىڭ مەسئۇللىقىدا ئېلىپ بېرلۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.ئۇ نۇ قېتىمقى يىغىلىشقا 

     

    گىتلېرنىڭ كومېتتىكى ھەمراھلىرى بۇنداق قىلىشنى ساراڭلىق دەپ قارىدى .ھاررېر خىزمىتىدىن ئىستپا بىرىش ئارقىلق ئىتىراز بلدۈردى ئۇنىڭ ئورنىغا درېكسلېر چىقپ ،ئۇمۇ يەنىلا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىغىنى بلدۈردى*(ھاررېرمۇ گىتلىرنىڭ يەھۇدىلارغا كەسكىن قارشى تۇرىدىغان پوزتىسىيسىگە قارشى ئىدى.ئۇ گىتلىر بۇنداق قلسا  ئىشچىلار سىنىپى ئاممىسىدىن يىراقلىشىپ كىتىدۇ دەپ قارايتى.بۇ -ئۇنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىشىدىكى ھەقىقى سەۋەپ. )گىتلېر تەييارلىق خىزمىتىنڭ شەخسەن ئۆزىنىڭ مەسئۇللىقىدا ئىلىپ بېرىلۋاتقانلىغىنى تەكتىلەپ ئۆتتى،ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىلىشقا .ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەچكە< مىنىڭ كۈرەشلىرم>نىڭ 1-تومىنڭ ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى يىغىلىشنى بىرەرقۇر تۇنۇشتۇرۇپ ،بۇنداق بۇلۇشنىڭ سەۋەبى ،بۇ قېتىمقى يىغىلىشتىن باشلاپ ،<پارتىيىمىز ئەڭ كۈچلۈك ئامىل -جامائەت پىكىرىگە تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن>دەپ چۈشەندۈرىدۇ.

     

    گىتلېر ھەتتا ئۆزىنىڭ ئاساسىي نۇتۇق سۆزلىگۈچى بۇلىدىغانلىغىنى ئالدىن بەلگىلىمىدى،بۇ رول كىسەلنى ئەھۋالغا قاراپ داۋالايدىغان دوكتور يوھىننېس دىڭفېلدېر ئىسىملىك بىر دوختۇرغا قالدۇرۇلغاندى.ئۇ <گېرمانىس ئاگرىكولا >دىگەن تەخەللۇسى بىلەن گېزىتلەرگەئىختىسادشۇناسلىققا دائىر ماقالىلەرنى ئەۋەتىدىغان بىر مەخلۇق بۇلۇپ ،ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈن-تىۋىشسىز بۇلۇپ كەتتى.ئۇنىڭ نۇتىقى ئاياغلاشقاندا ،سەھنە ئاستىدىكىلەردە قىلچە ئىنكاس بولمىدى،ئارقىدىن گىتلېر نۇتۇق سۆزلەشكە باشلىدى،ئۇنىڭ تەسۋرلىشىچە شۇ چاغدىكى ئەھۋال  تۆۋەندىكىدەك بولغان:

     

    زالدا چۇقان -سۈرەن ،شىددەتلىك تاراق -تۇرۇق ئاۋازلىرى كۈتۈرۈلدى.ئەڭ سادىق سەبداشلار ۋە باشقا ھىمايىچىلەر پاراكەندىچىلىك مۇشىتلىشىشقا باشلىدى،پاراكەندىچىلەر كوممۇنىسىتلار بىلەن سوتسىياللار ئىدى،تەرتىپ خىلىدىن كىيىن ئەسلىگە كەلدى،مەن يەنە داۋاملىق سۆزلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدۇم.يېرىم سائەتتىن كىيىن ،چھۋھك ئاۋازلىرې تەتىرجى يۇسۇندا چۇقان -سۈرەنلەرنى نېسىپ چۈشۈشكە باشلىدى....تۆت سائەتكە يېقىن ۋاقىتتىن كىيىن ،يىغىن تارقىلىپ ،زال پەيدىن-پەي بوشىغاندا  ،مدن ئەمدى ھەركىتىمز پرنسىپلىرىنىڭ گىرمانىيە خەلقىگە ئەگىشىپ  سىرىتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ،بۇ پىرىنسىپلارنىڭ قايتا ئۇنتىلىشى مۇمكىن ئەمەسلىگنى چۈشەندىم.

     

    نۇتۇق سۆزلىگەندە گىتلېر گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 25ماددىلىق پروگراممىسىنى تۇنجى قىتىم شەرىھلىدى،بۇ پروگرامما درېكسلىر ،فېدېر ۋە گىتلېر ئۈچەيلەن تەرپىدىن ئالدىراش تۈزۈلگەن بۇلۇپ،يىغىندىكى ھويىت-ھويىتلارنىڭ كۆپرەكى گىتلېر ئۇقىغان پروگىراممىسىنىڭ مەزمۇنىغا قارىتىلغاندى،لېكىن ئۇ يەنىلا پروگرامما تامامەن ماقۇللاندى دەپ ھىساپلىدى .1920-يىل 1-ئاپىرىلدا ،پارتىيىنىڭ نامى دۆلەت سوتسىيالىزىم گىرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەندە ،بۇ پروگرامما مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەسمى پروگراممىسىغا ئايلاندى،كىيىنچە تاكتىكا جەھەتتىكى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن گىتلېر 1926-يىلى بۇ پروگراممىنى < ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ >دەپ جاكارلىدى.

     

    بۇ پروگرامما ئىشچىلارنى تۈۋەن قاتلام ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە ۋە دىھقانلارنى ئالدايدىغان چوڭ داشقايناق ئىدى ئەلۋەتتە . ناتىستلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندا ، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى يەتتە قات ئاسماننىڭ نېرىسىغا چكرۈۋېتىلدى . گېرمانىيە مەسىلىسى توغرىسىدا ماقالە يازغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى زاڭلىق قىلغان ، كېيىن بەزىلەر ئۇنىڭدىكى مەلۇم مەزمۇنلارنى تىلغا ئالغاندا ، ناتىستلار پارتىيىسىنىڭ  بۇ داھىيىسى بەكمۇ ئوسال بولۇپ سەھنىدىن چۈشەلمەي قالغانىدى . لېكىن خۇددى «مېنىڭ كۈرەشلىرىم »دە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان مۇھىم پىرىنسىپلارغا ئوخشاشلا ، بۇ پىروگراممىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىنى 3-ئىمپىرىيە ئىجرا قىلغان بولۇپ ئۇ گېرمانىيىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى مىليۇنلىغان خەلىق ئۈچۈن ئېغىر بالايئاپەتلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .پىروگرامنىڭ 1-ماددىسىدا بارلىق نېمىسلارنىڭ بىر بۈيۈك گېرمانىيە دۆلىتىدە بىرلىككە كىلىشى تەلەپ قىلىنغان ، گتلېر باش مىنىستىر بولغاندىن كىيىن ، ئاۋىستىرىيە ۋە ئۇنىڭدىكى 6مىليۇن نىمىسنى يۇتۇۋالغانىدا  ، سۇدېتىن رايۇنى ۋە ئۇنىڭدىكى 3مىليۇن نېمىسنى بېسىۋالغاندا ، ئۇنىڭ قەتئىي تەلەپ قىلغىنى ۋەئېرىشكىنى دەل مۇشۇ نوقتا ئەمەسمىدى ؟ ئۇنىڭ دانزىگ ۋە پولشا چىگرىسى  ئىچىدىكى ئاساسەن  نىمىسلار ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارنى قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ ، گېرمىانىيىنىڭ پولشىغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى دەل مۇشۇ نوقتا ئۈچۈن ئەمەسمىدى ؟ ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ئارلىقىدا ، تالاي ئادەملەرنىڭ گتلېرنىڭ زېرىكمەي يازغان قەغەز يۈزىدىكى ناتسىستلار نىشانىغا يا پەرۋامۇ قىلمىغانلىقىنىى ، يا كۈلۈپلا قۇيۇش بىلەن چەكلەنگەنلىكلىرىنى ئەجەبا دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتسىز ئىش دىگىلى بولمامدىكەن ؟ 1920-يىل 24-فېۋرال ئاخشىمى مىيۇنىخېندىكى پىۋىخانىدا ئىلان قىلىنغان پىروگراممىدىكى يەھۇدىلارغا قارشى

     

    بەزى ماددىلارنىڭ شۇملۇقتىن بېرىلگەن بىشارەت ئىكەنلىگى جەزمەن ئىدى. ئۇنىڭدا يەھۇدىلارنىڭ گېرمانىيىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىدە بولۇشىغا ، ھەتتاكى گىراژدانلىق ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولۇشقا ۋە ئاخپارات خىزمىتىگە قاتنىشىشغا بولمايدۇ ، 1914-يىل 2-ئاۋغۇستىن كېيىن گېرمانىيىگە كەلگەن يەھۇدىلار بىردەك چىگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەنىدى . پارتىيە پىروگراممسىدىكى بىر مۇنچە ئابزاسلارنىڭ تۆۋەن قاتلام سىنىپلار ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا ئىدى ، رادىكال ھەتتاكى سوتسىيالىستىك شوئارلارمۇ ئۇلارنى ناھايتى ئاسانلا تەسىرلەندۈررەتتى، مەسىلەن ، پىروگراممىنىڭ 11-ماددىسىدا ئەجرىسىز كىلىدىغان   كىرىملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، 12-ماددىسىدا تېرستلارنى دۆلەت ئېختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋىلىش ،13-ماددىسىدا دۆلەت يىرىك سانائەت پايدىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، 14-ماددىسىدا يەر ئىجارىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە يەر ھايەنكەشلىكىنى چەكلەش 18-ماددىسىدا ۋەتەن ساتقۇچىلار،جازانىخورلار ۋە ھايەنكەشلەر ئۇنسۇرلارغا ئۆلۇم جازاسىنى بىرىش ، 16-ماددىسىدا«ساغلام بىر ئوتتۇرا بۇرژۇئا سىنىپى »نى ساقلاپ قېلىش تەلەپ قىلىنغان . مونوپولىيە خارەكتىردىكى چوڭ تۈرلۈك ماللار ماگىزىنلىرىنى ئۇمۇمنىڭ ئختىيارىغا ئۆتكۈزىۋېلىپ ، ئۇششاق سودىگەرلەرگە ئەرزان باھادا ئجارىگە بىرىش قەتتىئي تەشەببۇس قىلىنغان ، بۇ تەلەپلەر درېكسلېر بىلەن فېدىرنىڭ قاتتىق تۇرۇشى ئاستىدا پىروگراممىغا كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ . بۇنىڭدىن ئۇ ئىككىسىنىڭ دۆلەت سوتسىيالىزىمنىڭ «سوتسىيالىزىمى » غا راستىنلا ئىشىنىپ كەتكەنلىگى ئېنىق كۆرىنىپ تۇرىدۇ ، كېيىنچە يىرىك سانائەتچىلەر بىلەن چوڭ پومىچىكلار زور تۈركۈمدىكى ئئانە پۇللىرىنى ناتسىتسلار پارتىيىسىگە بىرىشكە باشلىغاندا ، بۇ تەلەپلەر گتلېرنىى تولىمۇ ئۇسال قىلىۋەتكەن ، ئۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشنى ئەسلا تىلغا ئېلىشقا بولماي قالغان ، ئەلۋەتتە .

     

    ئاخىرىدا پىروگىراممىدىكى ئىككى نۇقتا گىتلېر باش مىنىستىر بولۇشى بىلەنلا ئىجىرا قىلىنغان. بۇ ئىككى نۇقتا ۋېرسال سۈلھ شەرتنامىسىنىۋە سان گېرمائىن شەرتنامىسىنىڭ 2-ماددىسىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى تەلەپ ئىدى،ئەڭ ئاخىرقى 25-ماددىدا «ھوقوقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرىدىغان قۇدىرەتلىك بىر دۆلەت قۇرۇش»قەتئىي تەشەببۇس قىلىنغان بولۇپ ،بۇ ماددا بارلىق نېمىسلارنى گىرمانىيدە بىرلىككە كەلتۈرۈش دېگەن 1-ماددىغا ۋە سۈلىھ شەرتنامىسىنى بىكار قىلىش دېگەن 2-ماددىغا ئوخشاش گىتلېرنىڭ چىڭ تۇرۇشى ئارقىسىدا پىروگىراممىسىغا كىرگۈزدى.بۇ نۇقتا شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى،مادامىكى ئۇنىڭ پارتىيىسى مىيۇنخېننىڭ سىرتىدا ناھايىتى ئازز ساندىكى ئادەملەرگە تونۇشلۇق چاغلاردىمۇ،ئۇ شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ قوللىشىنى قولدىن بېرىپ قويۇش خەۋىپىگە قارىماي،نەزىرىنى تېخىمۇ يىراق يەرلەرگە تاشلاشقا باشلىغان.چۈنكى شۇ چاغلاردا باۋارىيىلىكلەر دائىم بېرلىندىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن تونۇشۇپ تۇراتتى.باۋارىيىنى ئۆ-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى يولغا  قويۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلار مەركەزنىڭ ھوقوقىنى كۆپەيتىشنى ئەمەس،بەلكى ئازايتىشنى تەلەپ قىلاتتى.ئەمىلىيەتت ئەينى چاغدىكى ئەمىلىي ئەھۋال شۇنداق بولۇپ،بېرلىن بۇيرۇقلىرىنىڭ ھەر قايسى شىتاتاردا ھېچقانداق نوپۇزى يوق ئىدى.گېتلىر باۋارىيىنىڭلا  ئەمەس،بەلكى ئەڭ ئاخىرىدا مەملقكەتنىڭ ھوقوقىنى ئالماچقى ئىدى.بۇ ھوقوقنى ئىگەللەش ۋە يۈرگۈزۈش ئۈچۈن خۇددى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدەك بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن ھوقوق ئورگىنى قىلىشقا،ھەر قايسى شىتاتلارنىڭ يېرىم ئاپتونومىيىلىك  ئورنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا توغرا كېەلتتى.ھالبۇكى،ۋېيمار جۇمھۇرىتيىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىمۇ خوخېنزوللېرن ئىمپىرىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە ئوخشاش ھەر قايسى شىتاتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا پارلامىنتى ۋە ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمىتى بار ئىدى،.ئۇنىڭ 1933-يىل30-يانىۋاردا تەخىتكە چىققاندىن كېيىنلا قوللانغان تەدبىرلىرىنىڭ بىرى مەزكۇر پارتىيىنىڭ پىروگىراممىسىدىكى ناھايىتىى ئاز  ساندىكى كىشىلەر دىققەت قىلغان ياكى ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان ئەڭ ئاخىرقى مۇشۇ ماددىنى تېز سۈرئەتتە يولغا قويغانلىىق بولدى.

     

    بىز ئۇنى قىلىدىغانلىرىنى ئالدى نئېيتىپ قويمىغان دەپ ئەيىپكە بۇيرىيالمايمىز.چۈنكى ئۇ باشتىلا كىتاپ يۈزىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنىدى.

     

         كىشىلەر دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش ۋە ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىۋاتقان بىر پارتىيە ئۈچۈن ئېيىتقاند ا،كىشىلەرنى قۇتىرىتالايدىغان ناتىقلىق   ئىقتىدارى ۋە ھەممە جەھەتتن ئۆز ئىچىگە ئالغان رادىكال پوزىتسىيلىك پىروگىرامما ئىنتايىن مۇھىم،ئەلۋەتتە.،لىكىن مۇشۇنچىلىك شەرت-شارائىت كۇپايە قىلمايدۇ، گىتلېر ئەمدى تېخىمۇ كۆپ- ناھايتى كۆپ شەرىت -شارائىتلار بىلەن تەمىن ئىتىشكە دىققەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئاجايىپ تالانتى بىخ سۈرۈپ رول ئويناشقا باشلىدى.ئۇ شۇنداق ھېس قىلاتتىكى ،ئامما بەزى تەشەببۇسلارغا -يەنى ئۆزى ئۇلارنىڭ قەلبىگە ۈزلۈكسىز تۈردە  كىرگۈزەلەيدىغان بەزى ئاددى تەشەببۇسلارغا مۇھتاج بۇلۇپلا قالماستىن ،بەلكى  بەلگە ۋە سىموۋولغىمۇ مۇھتاج ئىدى.شۇنداق قىلغاندىلا  ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بۇلاتتى. ئۇلار جانلىق ،ھەيۋەتلىك سۇرۇنلارغا مۇھتاج ئىدى،شۇنداق قىلغاندىلا ئۇلارنىڭ  قىزغىنلىقىنى ئويغىتىشقا بۇلاتتى ئۇلار  زوراۋان كۈچ ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە مۇھتاج ىدى،بۇنداق ھەرىكەت مۇۋاپپىقىيەت  قازانسا ،ئەگەشكۈچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالايتى ھەمدە ئۇلارنى ئاجىزلارنى بېسىپ چۈشىدىغان كۈچكە ئىگە ھىسىياتقا كەلتۈرەلەيتتى

    نېمىسلارنىڭ زور كۆپچىلىگى كۈچلۈكلەرگە ئىتقاد قىلىدىغانلار ئەمەسمىدى ؟)

     

    بىز يۇقىردا ئۇنىڭ ۋېنادىكى چاغلىرىدا ، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئۆزلىرىنىڭ سىياسى دۈشمەنلىرىگە «شەرمەندىلەرچە روھى ۋە جىسمانى جەھەتلەردىكى تېرورلوق ۋاستىلىرى »نى قوللانغان دەپ قارىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق * ئۇ ئۆزى ئېيتقان بۇنداق تىرورلۇق ۋاستىسى »گە ناھايتى قىزىقاتتى ، ئەمدى ئۆزىنىڭ سوتسىيالىزىمغا قارشى پارتىيىسىى ئىچىدە بۇنداق تىرورلۇق ۋاستىسىدىن تولۇق پايدىىلاندى

    دەسلىپىدە،سەپتىن چىكىنگەن ھەربىيىلەرنىڭ يىغلىشلاردىكى ۋەزىپىسى پاراكەندىچىلىكلەرنى بېسىش ، زۆرۇر بولسا ئۇلارنى قوغلاپ چىقىش بولغانىدى .1920 -يىليازدا،مەزكۇر پارتىيىنىڭ  «گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيسىى»دېگەن نامنىڭ ئالدىغا [دۆلەت سوتسىيالىزىم»دېگەن سۆز قۇشۇلۇپ، دۆلەت سوتسىيالىزىم گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيسىگە ئايلاندى (قىسقارتىلىپ يىزىلىشى  قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى ناتىستلار **پارتىيىسى ، بۇنىڭدىن  كۆپچىلىكنىڭ خەۋىرى بار ) كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ، گتلېتر تۈرمىدىن چىققان سائەتچى ئېمىل مورس قوماندانلىقىدىكى بىر تۈركۈم سەپتىن قايتقان ئەمەل ھەربىلەردىن «تەرتىپ ساقلاش ئەترىتى »(                                               ) نى تەشكىل قىلدى بېرلىن ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۋېتىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار بىر مەزگىل مەزكۇر پارتىيىنىڭ «تەرتەنبىيە بۇيۇمىى » دېگەن نىقاب ئاستىدا تۇرۇشتى ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ، 1920-يىل 5-ئۆكتەبىردە ئۇلارغا ئېسئاچىلار (                           نىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى يەنى        . ھۇجۇمچىلار مەنىسىدە )دېگەن رەسمى نام بىرىلدى ، ئىسئاچىلار جىگەر رەڭ فورما كىيەتتى ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئەركىنلىك ئىتتىپاقىدىكى تەۋەككۈلچىلەردىن بولۇپ . مەسئۇل كوماندىرى ئۇلرىھ كىلنتزىھ ئىدى ، ئۇ نامى سېسىق كاپىتان ئېرھارتنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەم بۇلۇپ ، ئېرھارت ئېرزبېر گېرنى قەسىت قىلىپ ئۆلتۈرۈش ئەنزىسىگە چېتىشقانلىقى سەۋەبىدىن جازاغا ھۆكۈم قىلىنىپ ، يېقىندىلا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنىدى .

    فورما كىيگەن بۇ مۇتھەملەر كېيىنچە ناتىستلار پارتىيىسىنىڭ يىغىن تەرتىپىنى ساقلاش بىلەن قانائەتلەنمەي قالدى ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار باشقا پارتىيىلەرنىڭ يىغلىشلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىشقا باشلىدى ، 1921-يىلى بىر قېتىم گتلېر ئۆزى ئسئاچىلارغا باشلامچىلىق قىلىپ ، باللېرستد ئىسىملىك باۋارىيە قوشما شىتاتچىسى نۇتۇق سۆزلىمەكچى بولغان يىغىلىشقا ھوجۇم قىلىپ ، ئۇنى ئۇرغۇزىۋەتكەن ، شۇ سەۋەپتىن گتلېر ئۈچ ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ، ئەمەلىيەتتە بىر ئايلا قامالغانىدى ، بۇ ئۇنىڭ تۆمۈر پەنجىرىنىڭ تەمىنى تۇنجى قېتىم تېتىپ كۆرىشى ئىدى ، ئۇ تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن ، گويا بىر ئىرادىلىك جەڭچىگە ئايلانغاندەك كىشىلەرنىك ھىمايىسىگە بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپرەك ئېرىشىپ كەتتى . «بۇنىڭ ھېچقىسى يوق ، »دېگەنىدى ، گتلېر ساقچى دائىرىلىرىگە پو ئېتىپ «بىز مەقسىتىمىزگە يىتىۋالدۇق ، باللېرتد قىلماقچى بولغان گېپىنى قىلالمىدى ، » بىر قانچە ئاينىڭ ئادىدا گتلېرنىڭ بىر تۈركۈم ئاڭلىغۇچىلارغا ئېيتقىنىدەك .«دۆلەت سوتسىيالىزىم ھەركىتى كەلگۈسىدە قىلچە تەكەللۇپ قىلىپ تۇرماستىن ، ئېلىمىزدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئىدىيىسىنى چېچىېېتىش مۇمكىن بولغان بارلىق يىغىلىش ۋە نۇتۇقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك». ئىدى

    گىتلېر سەنئەتكار بولۇشتا مۇۋەپپەقىىيەت قازىنالمىغىنى بىلەن تەشۋىقاتچى بولۇشتا پىرغا ئايلاندى. ئۇ 1920 - يىل يازدا شۇنداق بىر ئەقىلغا كەلدىكى، بۇنى تالانتنىڭ ئىپادىسى دەپ ھېسابلىماي بولمايدۇ. ئۇ ناتسىستلار پارتىيىسىدە بۇ يېڭى تەشكلاتنىڭ تەشەببۇسلىرىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان، ئاممىنىڭ قەلبىنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان بىرەر بەلگە . بايراق سىمىۋولنىڭ كەم بۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغانىىدى . گتلېر ئاممىنىڭ ئەگىشىپ ماڭىدىغان ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان بىر روشەن بايرىقى بولۇشى كېرەك دەپ قارايتتىى . ئۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئويلىنىش ۋە كۆپلىگەن ئۆرنەكلەرنى سىناق قىلىش ئارقىلىق تېگى قىىزىل ، مەركىزى ئاق چەمبەر ، ئوتتۇرىسىغا قارا  خېتى نەقىشلەنگەن بىر بايراقنى ئويلاپ چىقتى . بۇنداق ئلمەكلىك خېتىدىن شەكىللەنگەن خېتىى گەرچە قەدىمكى زاماندىن قۇبۇل قىلىنغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ كىيىن ناتىسلار پارتىيىسىنىڭ  ، ئاخىردا ھەم ناتىستلار گېرمانيىسىنىڭ قۇدرەتلىك قورقۇتارلىق بەلگىسى بولۇپ قالدى ،

     

    گتلېر «مىنىڭ كۈرەشلىرىم » دە گەرچە بۇ ئىش ھەققىدە ناھايتى ئۇزاق توختالغان بولسىمۇ ، لېكىن خېتىنى پارتىيە بايرىقى ۋە پارتىيە گېربى قىلىش خىيالىنىڭ نەدىن كەلگەنلىگىنى تىلغا ئالمىغان .

     

        خېتىنىڭ تارىخى ئىنسانىيەت تارىخىغا ئوخشاشلا ئۇزۇن ، ترويان مىسىر ۋە جوڭگۇدىكى خارابىلىقلاردىن     خېتىنى بايقىغانلار بار *مەن ئۆزۈممۇ ھىندىستاندا قەدىمكى ھىندى دىنى ۋە بۇددا دىنى يادىكارلىقلىرى ئىچىدە ئۇنى كۆرگەنىدىم ، يېقىنقى زاماندا ، ئۇ ئېستونىيە فىنلاندىيىگە ئوخشاش بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ گىرىبلىرىدىمۇ كۆرۈلگەنىدى ،

     گېرمانىيە ئەركىنلىك ئتتىپاقىنىڭ خادىملىرى 1918-يىلدىن 1919-يىلغىچە بولغان ئۇرۇشتا ئۇنى شۇ يەردە كۆرگەن ، ئېرھات بېرىگادىسى 1920-يىلدىكى كاپ سىياسى ئۆزگىرىشى مەزگىلدە بىرلىنغا كىرگەندە ئۇنى كاسكىلىرىغا سىر بىلەن يېزىۋالغان ؛ گتلېتر ئاۋىستىرىيىدە بولغىنىدا  ، يەھۇدىلارغا قارشى مەلۇم پارتىيىنىڭ پارتىيە گربىدە ئۇنى كۆرگەن بۇلىشى شەكسىز ، ئېرھات برىگادىسنىڭ مىيۇنخېنغا كېلىشى ئۇنىڭ بۇ تەسىراتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان بولىشمۇ مۇمكىن ، ئۇ نۇرغۇن پارتىيە ئەزالىرى تەۋسىيە قىلغان ئۆرنەكلەردە كېلىشىۋالغاندەكلا     خېتى بار ئىدى ، بەلكى «ستېربېرگدىن كەلگەن چىش ۋىراجى » ھەقىقەتەنمۇ «خېلىلا تۈزۈك ، ئۇنىڭ  ئۈستىگە مېنىڭ  ئۆرنىكىمگە ناھايتىى ئوخشىشىپ كىتىدىغان  » بىر بايراق ئۆرنىكىنى كۆرسەتكەنىدى ، دەيدۇ ،. رەڭ مەسىلىسىگە كەلسەك ، گتلېر ئۆزى قاتتىق ئۆچ كۈرىدىغان ۋېيمار جۇۇمھىريىتىنىىڭ  قارا ، قىزىل ، سېرىق ، ئۈچ خىل رەڭگىنى ئشلەتمەيتتى ، ئەلۋەتتە . ئۇ سابىق ئمپىرىيىنىڭ قىزىل ، ئاق ، قارا ئۈچ خىل رەڭلىك بايراقنى قوللىنىشىنى خالىمايتتى ، لېكىن ئۆزى بۇ ئۈچ خىل رەڭنى ياخشى كۆرەتتى . چۈنكى ئۇنىڭ ئېيتىشچە -بۇ ئۈچ خىل رەڭ ھازىر بار بولغان رەڭلەر ئىچىدىكى ئەڭ ماسلىشالايدىغان رەڭلەر »بۇلۇپلا قالماستىن ، بەلكى گېرمانىيە ئارمىيىسى بايرىقىنىڭ رەڭگى ئىدى ، يەنە كىلىپ ئۇ مۇشۇ بايراق ئۈچۈن كۈرەش قىلغانىدى ، بىراق ئۇلارنىڭ  شەكلىنى ئۆزگەرتىپ قۇيۇشقا توغرا كەلگەچكە ،     خېتى قوشۇپ قۇيۇلدى ، 

    گتلېر ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مۇستەقىل ئىجاتىيىتىدىن  ئنىتايىن خۇشال بولدى . «بۇ -بىر ھەقىقى سىمۋول »دەيدۇ  ئۇ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم »دە زوقلىنىپ . قىزىل رەڭ ھەركىتىمىزنىڭ ئىجدىمائىي ئەھمىيىتىنىڭ سىمۋولى ، ئاق رەڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ سىمۋولى ،        خېتى -ئاريانلار غەلبىسىنى قولغا  كەلتۈرۈش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇرچنىڭ سىمۋولى .»

     

    ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيەنە ئېسئاچىلار بىلەن پارتىيە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ فورمىسى ئۈچۈن    خەتلىك يەڭ بەلگىسى لاھىيلىدى.ئىككى يىلدىن كىيىن گىتلېر ئاممىۋى نامايىشلاردا ئىشلىتىش ېە ئاممىۋى يىغىلىشلاردا رەئىس سەھنىسىنى بىزەش ئۈچۈن ناتىسىستلارنىڭ لەۋھە بايرىقىنى لاھىيلەپ چىقتى . قەدىمكى رىم ئۆرنەكلىرىگە تەقلىد قىلپ ياسالغان بۇ لەۋھەنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىگە قارا مىتالدىن ياسالغان      خىتى چۈشۈرۈلگەن بۇلۇپ كۈمۈش رەڭ چەمبىرەكنى  بىر  بۇركۈت دەسسەپ تۇرىدۇ، .استىنقى تەرىپىگە ئۇزۇنچاق تۆت بۇلۇڭلۇق مىتال رامكا  چۈشۈرۈلگەن بۇلۇپ،ئۇنىڭغا ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ قىسقارتىلما نامى ئۇيۇلغان ۋە پۈپۈكلەر ئېسىلغان . پۈتۈن لەۋھە     خەتلىك تۆت چاسا شەكىلدىكى بىر بايراقتىن ئىبارەت بۇلۇپ ،ئۈستىگە < ئويغان گىرمانىيە >دەپ يېزىلغان .

     

    بۇنى < سەنئەت > دىيىشكە بولماس، لىكىن ئۇ ئەڭ نادىر تەشۋىقات ئىدى. ناتسىستلار پارتىيىسى ئەمدى باشقا ھىچقانداق پارتىيىنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بولمايدىغان بىر بەلگىگە ئىگە بولغاندى. ئىلمەكلىك + خىتى بەجايىكى بىر خىل سىرلىق كۈچكە ئىگىدەك ،ئۇرۇشتىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگلدىكى مالىماتاڭ يىللاردا يۈلەنچۈكسىز تېڭىرقاپ قالغان ،تۇرمۇشى كاپالەتسىز بولغان تۆۋەن قاتلام ئوتتۇرا بۇرژۇئا  سىنىپىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ،ئۇلارنى بىر يېڭى يۈلۈنۈشكە قاراپ ھەرىكەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇراتتى.ئۇلار بۇ بايراقنىڭ ئاستىغا توپلىنىشقا  باشلىدى.

     

    分享到: