• 3.ئېمپىريىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى(9.قىسىم)

    2009-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39665466.html

     <فئۇرېر >نىڭ پەيدا بۇلىشى

     

    1921-يىل يازدا ،كىيىن يىتىلگەن بۇ مۇنەۋەر ئوت قۇيرۇق ناتىق بۇلۇش سۈپىتى بىلەنلا ئەمەس،بەلكى تەشكىلاتچى ۋە تەشۋىقاتچى بۇلۇش جەھەتتىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قابىلىيىتىنى نامايەن قىلغاندىن كىيىن ،مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا پارتىيىنىڭ رەھەرلىك ھوقوقىنى قولغا ئالدى ۋە يولداشلىرىغا دەررۇ ئۆزىنىڭ تاش يۈرەك ،شەپقەتسىز ،پەملىك ،مۇغەمبەرلىك ۋاستىلىرىنىڭ تەمىنى تۇنجى قېتىم تېتىتپ قويدى،شۇنداقلا  مۇشۇ شەپقەتسىز ۋە مۇغەمبەرلىك ۋاستىلىرىگە تايىنىپ كىيىنكى چاغلاردىكى نۇرغۇنلىغان تېخىمۇ خەۋىپلىك پەيىتلەردە كۆپلىگەن مۇۋاپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

    يازنىڭ باشلىرىدا ،گىتلېر بېرلىنغا كىلىپ شىمالىي گېرمانىيە مىللەتچىلىرى بىلەن ئالاقە قىلدى ھەمدى ئۇلانىڭ مەشىق لاگىرى بولغان مىللىي كۇلۇپقا بېرىپ نۇتۇق سۆزلىدى..ئۇ بۇ سەپىرىدە ئۆز ھەرىكىتىنى  باۋارىيە شىتاتىنىڭ سىرتىغا ، پۈتكۈل گېر مانىيىگە كېڭەيتىش مۇمكىنچىلىكىنى دەڭسەپ كۆرمەكچى ئىدى.بەلكىم مۇشۇ مەخسەت يولىدا بەزى پايدىلىق ئىتتىپاقلارنى تۈزىۋېلىشى مۇمكىنمۇ بۇلار ئىدى ،لىكىن ئۇ سىرىتتكى چاغدا  ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ كومتېتتىكى باشقا ئەزالار ئۇنىڭ رەھبەرلىگنى ئاغدۇرۋىتىش پەيتى كەلدى دەپ ھىساپلىشاتتى .

    چۈنكى ئۇ ئۇلارغا بەكمۇ زوراۋانلىق قىلىپ كەتكەنىدى. ئۇلار جەنۇبىي گېرمانىيىدىكى شۇنداق ئىدىيىگە ئىگە تەشكىلاتلار بىلەن ،بۇلۇپمۇ <گىرمانىيە سوتسىياللار پارتىيىسى > بىلەن  ئىتتىپاق تۈزمەكچى بۇلۇشتى ،بۇ پارتىيە گىتلېرنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ۋەرىقانەتچىسى ،مەھشۇر ئانتى سېمتىزمچى يۇلئۇس سترېيچېر تەرىپىدىن نيۇرنىبېرگىدا تەشكىل قىلىنغاندى،كومتېت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئەگەر بۇ تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ قارا نىيىەتچى داھىيلىرى ناتسىسلار پارتىيىسى بىلەن قۇشىلۇپ كىتەلەيدىغان بولسا گىتلېرنىڭ ئورنى تۆۋەنلەيدۇ دەپ ھىساپلىشاتتى.

     

    گىتلېر ئۆز ئورنىنىڭ تەھدىتكە ئۇچىرغانلىغىنى سەزگەندىن كىيىن ،دەرھال مىيۇنخېنغا قايتىپ ،بۇ ئەخمەق ساراڭلارنىڭ -ئۇ < مىنىڭ كۈرەشلىرىم > دە ئۇلارنى شۇنداق دەپ ئاتىغان -سۈيقەسىتنى جىمىقتۇرۋەتتى. ئۇ پارتىيىدىن چىكىنپ چىقىشنى خالايدىغانلىغنى بىلدۈردى.بۇنداق قىلىشقا پارتىيە چىداشلىق بىرەلمەيتتى. چۇنكى كومىتېتتىكى باشقا ئەزالار دەرھال شۇنى تۇنۇپ يەتتىكى ،گىتلېر ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۇستا ناتىقى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى ئەڭ مۇنەۋەر تەشكىلاتچىسى ھەم تەشۋىقاتچىسى ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا ،ئۇلارنىڭ راسخوتىنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرمۇ ئۇنىڭغا تايىنىپ يوپلىناتتى، بۇنىڭ مەنبەسى -ئۇ نۇتۇق سۆزلەيدىغان ئاممىىۋى يىغىلىشلاردىكى ئىئانە پۇللىرىدىن سىرىت ،باشقا تەرەپلەرنى ،جۈمىلىدىن ئارمىيە تەرەپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئەگەر ئۇ كىتىپ قالىدىغان بولسا،ناتسىسلار پارتىيىسى جەزمەن بۈشىكىدىلا  نابۇت بۇلاتتى . 

    كومىتېت ئۇنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىشىگە يول قويمىدى.ئورنى مۇستەھكەملەنگەندىن كىيىن ،گىتلېر باشقا داھىيلارنى ئۇمۇمىيۈزلۈك تەسلىم بۇلۇشقا مەجبۇرلىدى. ئۇ  ئۆزىنىڭ پارتىيىنىڭ بىر دىن -بىر داھىيسى بۇلۇشىنى ،كومىتېتنى .ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ، سترېيچېرنىڭ تەشكىلاتىغا ئوخشايدىغان باشقا تەشكىلاتلار بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

     

    باشقا ھەيئەتلەرنىڭ قارىشىچە  ،بۇ تەلەپلەر بەكمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك ئىدەى. ئۇلار پارتىيىنىڭ قۇرغۇچىسى ئانتون دېركسلېرنىڭ رەھبەرلىگىدە ،نۇ كەلگۈسىدىكى مۇستەبىتكە ھۇجۇم قىلىدىغان بىر جىنايەتنامە يېزىپ چىقىپ،بروشورا قىلىپ بېسىپتارقاتتى.بۇ گىتلېر ئۆز پارتىيىسى ئىچىدە ئەڭ دەھشەتلىك بىر قېتىملىق ھۇخۇم ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئۇنىڭ خارەكتىرى ېە ئىستىلىغا قارىتا بىۋاستە تەسىراتلارغا ئىگە ئىدى .

    ھوقۇق تەمەسى ھەم شەخسي قارا نىيەت گتلېر  ئەپەندىمنى بېرلىندا ئالتە ھەپتە تۇرغۇزۈاندىن كىيىن ئۈز ئورنىغا قايتىپ كەلدى ، لېكىن ئۇنىڭ بېرلىنغا قىلغان سەپىرىنىڭ مەقسىتى ھازىرغىچە ئاشكارلانمىدى ، ئۇ پۇرسەت پىشىپ يېتىشتى دەپ ئويلاپ ، ئارقىدىكى پۇزڭتسىيىسى تۇتۇق كىشىلەرنىڭ قولىنى ئۆتنە ئېلىپ ، قوشىنىمىزدا بكلگۈنچىلىك ۋە ئىناقسىزلىق تۇغدۇرۇش ئارقىلىق يەھۇدىلار ۋە ئۇلارنىڭ دوسلىرىنىڭ پايىدىسىنى ئلگىرى سۈرمەكچى بولدى ، شۇ نەرسە بارغانسىرى ئايدىڭلىشىۋاتىدۇكى ، مۇشۇ ھالقىلىق پەيتتە پارتىيىنىى باشقا بىر يولدا مېڭىشقا زورلاش ئۈچۈن ، ئۇ دۆلەت سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن تامامەن سەكرەش تاختىسى ئورنىدا پايدىلىنىپ ، ئۆزىنىڭ ئەخلاقسىز مۇددىئاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، رەھبەرلىك ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان . بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇ پارتىيە رەھبەرلىرىگە تارقاتقان ئۇلتىماتۇم بۇ نوقتىنى ئىنتايىن ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ . ئۇ ئۇلتىماتۇمدا تۈرلۈك تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويغان بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ پارتىيىگە نىسبەتەن بىردىنبىر ھەم مۇتلەق ھۇقۇققا ئىگە بۇلۇشنى . كومىتىتنىڭ ، جۈملىدىن پارتىيە قۇرغۇچىسى ۋە داھىيىسى ، قۇلۇپ ئۇستىكارى ئانتون دىرىكسىلېرنىڭ چېكىنىشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت .

     

     ئۇ ئۆز پائالىيەتلىرىنى قانداق ئېلىپ باردى ؟ تامامەن يەھۇدىلارغا ئوخشاش ئېلىپ باردى . ئۇ ھەر بىر پاكىتنى بۇرمىلىدى ...... دۆلەت سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى  بۇنداق پىرسۇنىاژ توغرىسىدا تېزدىن بىر  پىكىرگە كىلىڭلار    ھەرگىز خاتا قارار چىقىرىپ قويماڭلار  گتلېر  --قارا نىيەتچى ...... ئۇ.... خىلمۇ-خىل يالغان گەپلەر بىلەن سىلەرنى ئالداپ كىتەلەيمەن دەپ ھىساپلىماقتا .

     

    بۇ ئەيىبلەشلەر گەرچە يەھۇدىلارغا قارشى ئازراق كۈلكىلىك تەركىبنىڭ بۇلىشى بىلەن كۈچى ئاجىزلاپ قالغان بولسىمۇ (گتلېرنىڭ ھەركىتى يەھۇدىلارنىڭكىگە ئوخشايتتى ) ئاساسەن توغرا ئىدى . لېكىن بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئاشكارىلاش ئىسيانچىلارنى مۆلچەرلىگەن نەتىجىگە ئىرىشتۈرمىدى . گتلكېر  ئۆزىگە بىروشورا ئاپتۇرنىڭ تۆھمەت چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا دەرھال ئەرىز بەردى . شۇنىڭ بىلەن درېكسلېرنىىڭ ئۆزى بىر قېتىملىق ئاشكارا يىغىلىشتا بۇ بروشورىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇر بولدى. پارتىيە ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق پەۋقۇلئاددە يىغىندا، گىتلېر ئۆزىنىڭ مۇرەسسە قىلىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى قارشى تەرەپكە زورلۇق بىلەن قوبۇل قىلدۇردى، پارتىيە نىزامنامىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، كومېتىتنى ئەمەلدىن قالدۇردى، رەئىسلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ مۇستەبىت ھوقۇققا ئىگە بولدى. مەغلۇپ بولۇپ خورلانغان درېكسلېر پەخرىي رەئىس بولدى. بۇ كۆرۈنۈشتە ئۆستۈرۈلۈش، ئاستىرىتتىن تۆۋەنلىتىش ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي درېكسلېرنىڭ ئىز - دېرىكىمۇ قالمىدى.*  (ئۇ 1923 - يىلى پارتىيىدىن ئايرىلغان. 1924 - يىلىدىن 1928 - يىلىغىچە باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1930 - يىلى گىتلېر بىلەن ياراشقان، ئەمما ئەمەلىي سىياسىي پائالىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىگەن. خۇددى ھېيدېننىڭ دېگىنىدەك، درېكسلېر ئىختىساسلىق كىشىلەرنى بايقىغان كىشىلەر خالى بولالمايدىغان تەقدىرگە دۇچار بولغان.)  خۇددى ھېيدېىن ئېيتقاندەك، بۇ مۇنارخستلار پارتىيىسىنىڭ يۇمىلاق باشلار پارتىيىسى ئۈستىدىن قىلغان غەلبىسى ئىدى.

    (مۇنارخستلار پارتىيىسى _ ئەنگىلىيە پادىشاھى چارلىز 1 نىڭ دەۋرىدە چارلىزنى قوللىغان تەرەپ. يۇمىلاق باشلار پارتىيىسى شۇ چاغدىكى پارلامېنتتا مۇنارخستلار پارتىيىسىگە قارشى تۇرغان تەرەپ بولۇپ، ئەزالىرى چېچىنى كالتە قىلىپ قىرقىتىدىغان بولغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان._ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن). لېكىن ئۇنىڭ ئەھمىيىتى بۇنىڭلىق بىلەنل چەكلىنىپ قالمىدى. خۇددى شۇ ۋاقىت، شۇ جايدا، 1921 - يىل ئىيۇلدا «داھىي پرىنسىپلىرى» تۇرغۇزۇلۇپ. بۇ پرىنسىپلار ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى قىلىنىشقا باشلىدى. كېيىن 3 - ئىمپېرىيىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا ئايلاندى. گېرمانىيە سەھنىسىدە «فىئۇرېر» پەيدا بولدى.*    («فىئۇرېر» بىلەن «داھىي پرىنسىپلىرى» دىكى «داھىي» دېگەن سۆز بىر سۆز بولۇپ، نېمىسچە Fuhrer دېيىلىدۇ. ئۇ ئىنگلىزچىدىكى leader بىلەن باراۋەر ،بۇلار ئۇيغۇرچىغا «داھىي» دەپ تەرجىمە قىلىنىشلىرى كېرەك ئىدى. لېكىن كونا كىتابلاردا «فىئۇرېر» دەپ ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردىمۇ شۇنداق دەپ ئېلىندى._ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن.) 

    «فىئۇرېر» ئەمدى ناتسىستلار پارتىيىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشكە باشلىدى. سىدونناكبرائۇ قاۋاقخانىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ھاراق ئىچىلىدىغان قاراڭغۇ ئۆي گىتلېرنىڭ  نەزىرىدە ئەسلا «بىر ئىشخانا ئەمەس، ئۆلۈك قويىدىغان ئۆي» بولغاچقا ، ئەمدى ئىشلىتىلمەيدىغان بولدى. كونىلىس كوچىسىدىكى بىر قاۋاقخانىدا باشقىدىن يېڭى بىر ئىشخانا تەسىس قىلىندى. بۇ يەر ئازادىرەك ھەم يورۇقراق ئىدى. ئالدى بىلەن ئىشخانىغا ئېدېلى ماركىلىق كونا بىر ماشىنكا نېسىگە سېتىۋېتىلىندى، كېيىنچە يەنە تەدىرىجىي تۈردە بىخەتەرلىك ساندۇقى، ماتېرىيال ئىشكابى، ئۆي بىساتلىرى سېتىۋېلىندى. تېلېفون ئورنىتىلدى، كەسپىي كاتىپ تەكلىپ قىلىندى.

     

    ئاقچىنىڭمۇ ئاخىرى ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشىلىدى. بۇنىڭدىن بىر يىلچە بۇرۇن _ 1920 - يىل دېكابردا، ناتسىستلار پارتىيىسى قاتمۇ قات قەرزگە بوغۇلغان، زىيان تارتىۋاتقان بىر گېزىتخانىنى سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ نامىنى «خەلق كۆزەتكۈچىسى گېزىتى» ئىدى. يەھۇدىيلارغا قارشى بۇ كىچىك گېزىت ھەپتىدە ئىككى قېتىم چىقاتتى. گىتلېر بۇ گېزىتخانىنى سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلىنغان 60 مىڭ ماركنىڭ زادى نەدىن كەلگەنلىكىنى قاتتىق مەخپىي تۇتاتتى. لېكىن ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ پۇل ئېكارت بىلەن رومنىڭ گېنېرال مايور رىتتېر فون ئېپقا پەندى - نەسىھەت قىلىشى ئارقىلىق توپلانغانىكەن! گېنېرال مايور ئېپ دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيىسىدە رومنىڭ كوماندىرى بولغان بولۇپ، ئۆزىمۇ ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى. بۇ پۇلنىڭ ھەربىي تەرەپنىڭ مەخپىي خىراجىتىدىن كەلگەن بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. 1923 - يىلنىڭ باشلىرىدا، «خەلق كۆزەتكۈچىسى گېزىتى» كۈندىلىك گېزىت قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. شۇنىڭ بىلەن، گىتلېر گېرمانىيدىكى بارلىق پارتىيىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك شەرت - شارائىتقا _ بىر گېزىت ئارقىلىق پارتىيىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان شەرت - شارائىتقا ئىگە بولدى.

    سىياسىي خاراكتېرلىك بىرەر گېزىتنى چىقىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ نۇرغۇن بۇل كېتەتتى. پارتىيە ئىچىدىكى مەلۇم بىر قەدەر پرولېتارلاشقان تومپايلارنىڭ نەزەرىدە، ھازىرقى بۇ پۇللارنىڭ مەنبەسى جەزمەن غەلىتىرەك ئىدى. پىئانىنو ياسىغۇچى باي سودىگەرنىڭ خوتۇنى ھېلىن بېھستېين خانىم شۇ مەنبەلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ بۇ ياش قۇتراتقۇنى تۇنجى قېتىم ئۇچراتقاندىلا ياقتۇرۇپ قالىدۇ. گىتلېر بېرلىندىكى چاغلاردا، ئۇنى ئۆز ئۆيىگە چۈشۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ شەنىگە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، بايلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە خېلىلا كۆپ پۇل ئىنئام قىلىدۇ.

     

    بۇ يېڭى گېزىتنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ياردەم قلىنغان راسخوتنىڭ يەنە بىر قىسىمى گېرترۇد فون سېدلىتز خانىمدىن كېلەتتى. ئۇ بالتىق دېڭىزى بويىدىن بولۇپ، فىنلاندىيىدىكى ئوقىتى ياخشى بىرنەچچە قەغەز زاۋۇتىغا پاي قوشقانىدى.

     

    1923 - يىل مارتتا، ھاۋر ئۇنۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەن ئېرنىست (پۇتز) ھانفىستانگىل ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى «خەلق كۆزەتكۈچىسى گېزىتى» نى گۆرۈ قىلىش شەرتى بىلەن ناتسىستلار پارتىيىسىگە 1000 ئامېرىكا دوللىرى قەرز بېرىدۇ. ئېرنىست ھانفىستانگلنىڭ ئانىسى ئامېرىكىلىق ئىدى. ئۇنىڭ لاتاپىتىگە بېرىلىدىغان ئائىلىسى ناھايىتى باي بولۇپ، ميۇنخېندا بىر سەنئەت نەشرىيات شىركىتىنى تەسىس قىلغانىدى.*   (ھانفىستانگل ئۆزىنىڭ «سوت مەيدانىغا چىقمىغان گۇۋاھچى» («Unheard Witness») دېگەن ئەسلىمىسىدە، ئەينى چاغلاردا ئۆزىنىڭ بىر ئامېرىكىلىقنىڭ كۆرسىتىشى ئارقىلىق گىتېلر بىلەن تونۇشقانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئامېرىكىلىق ئامېرىكىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ھەربىي ئەمەلدارى، كاپىتان ترۇمىن سىمىت ئىدى. 1922 - يىلى نويابردا، سىمت باش ئەلچىخانىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، ئادولف گىتلېر ئىسىملىك بىر سىياسىي قۇتراتقۇنى ۋە ئۇنىڭ يېڭىدىن قۇرغان دۆلەت سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ميۇنخېنغا بارغان. ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ بىر ياش كەسپىي ئوفىتسىېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كاپىتان سىمت سىياسىي تەھلىل جەھەتتە ئالاھىدە قابىلىيەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ ميۇنخېندا 15 - نويابردىن 22 - نويابرغىچە ئاران بىر ھەپتە تۇرغان بولسىمۇ، لۇدېندورف، تەخت ۋارىسى رۇپرېھت ۋە باۋارىيىنىڭ سىياسىي ساھەدىكى ئون نەچچە رەھبىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۇنىڭغا گىتلېرنىڭ يېڭىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان بىر چولپان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى تېزدىن راۋاجلىنىۋاتقان بىر سىياسي كۈچ ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان. سىمت پۇرسەتنى قىلچە قولدىن بەرمەي، ناتسىستلار پارتىيىسنىڭ بىر قېتىملىق سىرتتا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشىغا قاتناشقان. گىتلېر يىغىندا سۆز قىلغان.سىمت كېيىن خاتىرىسىگە دەرھال مۇنداق دەپ يازغان:«ئۆمرۈمدە بۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن!»  «گىتلېر بىلەن كۆرۈشتۈم» دەپ يازغان ئۇ . «ئۇ دۈشەنبە كۈنى مېنىا قوبۇل قىلىپ ئۆز مەقسىتىنى شەرھلەپ بېرىشكە ماقۇل بولدى.» دۈشەنبە كۈنى، سىمت گىتلېر تۇرۇشلۇق جايغا بارغان _ ئۇنىڭ تەسۋىرلىشىچە، ئۇ يەر «ۋەيرانە بىر بىنانىڭ 2 - قەۋىتىگە جايلاشقان كىچىككىنە، ئاددىي ياتاقخانا ئىكەن» _ ئۇ ميۇنخېننىڭ سىرتىدا ناھايىتى ئاز كىشىلەرگە تونۇش بولغان بۇ كەلگۈسىدىكى مۇستەبىت بىلەن ئۇزاق پاراڭلاشقان. «بىر نادىر قۇتراتقۇ!» دەپ باشلايدۇ بۇ ئامېرىكا مۇئاۋىن ھەربىي ئەمەلدارى شۇ كۈنى كەچتە كۈندىلىك خاتىرىسىنى، «بۇنداق گېپى ئوڭلۇق ھەم قىزغىنلىقى كىشىنى مەست قىلارلىق ئادەمنىڭ نۇتىقىنى ناھايىتى ئاز ئاڭلىغانمەن.» بۇ كۈن _ 1922 - يىلنىڭ 22 - نويابرى ئىدى.

     

    شۇ كۈنى كەچتە بېرلىنغا قايتىش ئالدىدا، سىمت ھانفىستانگلنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ گىتلېر بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتقان ھەمدە ئۇنى گىتلېرنى كۆرۈپ قويۇشقا دەۋەت قىلغان. ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى شۇ كۈنى كەچتە بىر قېتىملىق ئاممىۋى يىغىلىشتا نۇتۇق سۆزلىمەكچى ئىدى؛ سىمت ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىق بېلىتىنى ھانفىستانگلغا بەرگەن. ھانفىستانگل خۇددى باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاشلا گىتلېرنىڭ دولقۇنلۇق ۋەزلىرىدىن ئېرىپ كېتىپ، يىغىندىن كېيىن ئۇنى دەررۇ ئىزدەپ بارغان ۋە ناتسىستىزمغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان.

     

    سىمت شۇ چاغلاردا گىتلېر نەزەرگە ئېلىنمىغان بېرلىنغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇزۇن بىر دوكلات يازغان. بۇ دوكلات 1922 - يىل 25 - نويابردا باش ئەلچىخانا تەرىپىدىن ۋاشىنگتونغا ئەۋەتىلگەن. ئەگەر يېزىلىش ۋاقتى نەزەردە تۇتۇلىدىغان بولسا، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ  بىر نادىر دوكلات ھېسابلىنىدۇ.

     

    نۆۋەتتە باۋارىيىدىكى  ئەڭ جانلىق سىياسىي كۈچ <دەپ يازىدۇ سىمت> _ دۆلەت سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسى ، ئۇنى بىر سىياسىي پارتىيە دېگەندىن كۆرە ئاممىۋى ھەرىكەت دېگەن تۈزۈك، بىز ئۇنى ئىتالىيە فاشىزم ھەرىكىتىنىڭ باۋارىيىدىكى قايتىلىنىشى دەپ قارىشىمىز كېرەك....ئۇنىڭ يېقىندا قولغا كەلتۈرگەن سىياسىي تەسىرىنى ئۇنىڭ ئەمەلىي پارتىيە ئەزالىرىنى سانى بىلەن نىسبەتلەشتۈرۈشكە تامامەن بولمايدۇ....

     

    گتلېر «مىنىڭ كۈرەشلىرىم » دە گەرچە بۇ ئىش ھەققىدە ناھايتى ئۇزاق توختالغان بولسىمۇ ، لېكىن خېتىنى پارتىيە بايرىقى ۋە پارتىيە گېربى قىلىش خىيالىنىڭ نەدىن كەلگەنلىگىنى تىلغا ئالمىغان .

     

        خېتىنىڭ تارىخى ئىنسانىيەت تارىخىغا ئوخشاشلا ئۇزۇن ، ترويان مىسىر ۋە جوڭگۇدىكى خارابىلىقلاردىن     خېتىنى بايقىغانلار بار *مەن ئۆزۈممۇ ھىندىستاندا قەدىمكى ھىندى دىنى ۋە بۇددا دىنى يادىكارلىقلىرى ئىچىدە ئۇنى كۆرگەنىدىم ، يېقىنقى زاماندا ، ئۇ ئېستونىيە فىنلاندىيىگە ئوخشاش بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ گىرىبلىرىدىمۇ كۆرۈلگەنىدى ،

     گېرمانىيە ئەركىنلىك ئتتىپاقىنىڭ خادىملىرى 1918-يىلدىن 1919-يىلغىچە بولغان ئۇرۇشتا ئۇنى شۇ يەردە كۆرگەن ، ئېرھات بېرىگادىسى 1920-يىلدىكى كاپ سىياسى ئۆزگىرىشى مەزگىلدە بىرلىنغا كىرگەندە ئۇنى كاسكىلىرىغا سىر بىلەن يېزىۋالغان ؛ گتلېتر ئاۋىستىرىيىدە بولغىنىدا  ، يەھۇدىلارغا قارشى مەلۇم پارتىيىنىڭ پارتىيە گربىدە ئۇنى كۆرگەن بۇلىشى شەكسىز ، ئېرھات برىگادىسنىڭ مىيۇنخېنغا كېلىشى ئۇنىڭ بۇ تەسىراتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان بولىشمۇ مۇمكىن ، ئۇ نۇرغۇن پارتىيە ئەزالىرى تەۋسىيە قىلغان ئۆرنەكلەردە كېلىشىۋالغاندەكلا     خېتى بار ئىدى ، بەلكى «ستېربېرگدىن كەلگەن چىش ۋىراجى » ھەقىقەتەنمۇ «خېلىلا تۈزۈك ، ئۇنىڭ  ئۈستىگە مېنىڭ  ئۆرنىكىمگە ناھايتىى ئوخشىشىپ كىتىدىغان  » بىر بايراق ئۆرنىكىنى كۆرسەتكەنىدى ، دەيدۇ ،. رەڭ مەسىلىسىگە كەلسەك ، گتلېر ئۆزى قاتتىق ئۆچ كۈرىدىغان ۋېيمار جۇۇمھىريىتىنىىڭ  قارا ، قىزىل ، سېرىق ، ئۈچ خىل رەڭگىنى ئشلەتمەيتتى ، ئەلۋەتتە . ئۇ سابىق ئمپىرىيىنىڭ قىزىل ، ئاق ، قارا ئۈچ خىل رەڭلىك بايراقنى قوللىنىشىنى خالىمايتتى ، لېكىن ئۆزى بۇ ئۈچ خىل رەڭنى ياخشى كۆرەتتى . چۈنكى ئۇنىڭ ئېيتىشچە -بۇ ئۈچ خىل رەڭ ھازىر بار بولغان رەڭلەر ئىچىدىكى ئەڭ ماسلىشالايدىغان رەڭلەر »بۇلۇپلا قالماستىن ، بەلكى گېرمانىيە ئارمىيىسى بايرىقىنىڭ رەڭگى ئىدى ، يەنە كىلىپ ئۇ مۇشۇ بايراق ئۈچۈن كۈرەش قىلغانىدى ، بىراق ئۇلارنىڭ  شەكلىنى ئۆزگەرتىپ قۇيۇشقا توغرا كەلگەچكە ،     خېتى قوشۇپ قۇيۇلدى ، 

    گتلېر ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مۇستەقىل ئىجاتىيىتىدىن  ئنىتايىن خۇشال بولدى . «بۇ -بىر ھەقىقى سىمۋول »دەيدۇ  ئۇ «مېنىڭ كۈرەشلىرىم »دە زوقلىنىپ . قىزىل رەڭ ھەركىتىمىزنىڭ ئىجدىمائىي ئەھمىيىتىنىڭ سىمۋولى ، ئاق رەڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ سىمۋولى ،        خېتى -ئاريانلار غەلبىسىنى قولغا  كەلتۈرۈش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇرچنىڭ سىمۋولى .»

     

    ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇيەنە ئېسئاچىلار بىلەن پارتىيە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ فورمىسى ئۈچۈن    خەتلىك يەڭ بەلگىسى لاھىيلىدى.ئىككى يىلدىن كىيىن گىتلېر ئاممىۋى نامايىشلاردا ئىشلىتىش ېە ئاممىۋى يىغىلىشلاردا رەئىس سەھنىسىنى بىزەش ئۈچۈن ناتىسىستلارنىڭ لەۋھە بايرىقىنى لاھىيلەپ چىقتى . قەدىمكى رىم ئۆرنەكلىرىگە تەقلىد قىلپ ياسالغان بۇ لەۋھەنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىگە قارا مىتالدىن ياسالغان      خىتى چۈشۈرۈلگەن بۇلۇپ كۈمۈش رەڭ چەمبىرەكنى  بىر  بۇركۈت دەسسەپ تۇرىدۇ، .استىنقى تەرىپىگە ئۇزۇنچاق تۆت بۇلۇڭلۇق مىتال رامكا  چۈشۈرۈلگەن بۇلۇپ،ئۇنىڭغا ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ قىسقارتىلما نامى ئۇيۇلغان ۋە پۈپۈكلەر ئېسىلغان . پۈتۈن لەۋھە     خەتلىك تۆت چاسا شەكىلدىكى بىر بايراقتىن ئىبارەت بۇلۇپ ،ئۈستىگە < ئويغان گىرمانىيە >دەپ يېزىلغان .

     

    بۇنى < سەنئەت > دىيىشكە بولماس، لىكىن ئۇ ئەڭ نادىر تەشۋىقات ئىدى. ناتسىستلار پارتىيىسى ئەمدى باشقا ھىچقانداق پارتىيىنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بولمايدىغان بىر بەلگىگە ئىگە بولغاندى. ئىلمەكلىك + خىتى بەجايىكى بىر خىل سىرلىق كۈچكە ئىگىدەك ،ئۇرۇشتىن كىيىنكى دەسلەپكى مەزگلدىكى مالىماتاڭ يىللاردا يۈلەنچۈكسىز تېڭىرقاپ قالغان ،تۇرمۇشى كاپالەتسىز بولغان تۆۋەن قاتلام ئوتتۇرا بۇرژۇئا  سىنىپىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ،ئۇلارنى بىر يېڭى يۈلۈنۈشكە قاراپ ھەرىكەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇراتتى.ئۇلار بۇ بايراقنىڭ ئاستىغا توپلىنىشقا  باشلىدى.

     

     

       <فئۇرېر >نىڭ پەيدا بۇلىشى

     

    1921-يىل يازدا ،كىيىن يىتىلگەن بۇ مۇنەۋەر ئوت قۇيرۇق ناتىق بۇلۇش سۈپىتى بىلەنلا ئەمەس،بەلكى تەشكىلاتچى ۋە تەشۋىقاتچى بۇلۇش جەھەتتىمۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قابىلىيىتىنى نامايەن قىلغاندىن كىيىن ،مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا پارتىيىنىڭ رەھەرلىك ھوقوقىنى قولغا ئالدى ۋە يولداشلىرىغا دەررۇ ئۆزىنىڭ تاش يۈرەك ،شەپقەتسىز ،پەملىك ،مۇغەمبەرلىك ۋاستىلىرىنىڭ تەمىنى تۇنجى قېتىم تېتىتپ قويدى،شۇنداقلا  مۇشۇ شەپقەتسىز ۋە مۇغەمبەرلىك ۋاستىلىرىگە تايىنىپ كىيىنكى چاغلاردىكى نۇرغۇنلىغان تېخىمۇ خەۋىپلىك پەيىتلەردە كۆپلىگەن مۇۋاپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

     

    يازنىڭ باشلىرىدا ،گىتلېر بېرلىنغا كىلىپ شىمالىي گېرمانىيە مىللەتچىلىرى بىلەن ئالاقە قىلدى ھەمدى ئۇلانىڭ مەشىق لاگىرى بولغان مىللىي كۇلۇپقا بېرىپ نۇتۇق سۆزلىدى..ئۇ بۇ سەپىرىدە ئۆز ھەرىكىتىنى  باۋارىيە شىتاتىنىڭ سىرتىغا ، پۈتكۈل گېر مانىيىگە كېڭەيتىش مۇمكىنچىلىكىنى دەڭسەپ كۆرمەكچى ئىدى.بەلكىم مۇشۇ مەخسەت يولىدا بەزى پايدىلىق ئىتتىپاقلارنى تۈزىۋېلىشى مۇمكىنمۇ بۇلار ئىدى ،لىكىن ئۇ سىرىتتكى چاغدا  ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ كومتېتتىكى باشقا ئەزالار ئۇنىڭ رەھبەرلىگنى ئاغدۇرۋىتىش پەيتى كەلدى دەپ ھىساپلىشاتتى .

    چۈنكى ئۇ ئۇلارغا بەكمۇ زوراۋانلىق قىلىپ كەتكەنىدى. ئۇلار جەنۇبىي گېرمانىيىدىكى شۇنداق ئىدىيىگە ئىگە تەشكىلاتلار بىلەن ،بۇلۇپمۇ <گىرمانىيە سوتسىياللار پارتىيىسى > بىلەن  ئىتتىپاق تۈزمەكچى بۇلۇشتى ،بۇ پارتىيە گىتلېرنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ۋەرىقانەتچىسى ،مەھشۇر ئانتى سېمتىزمچى يۇلئۇس سترېيچېر تەرىپىدىن نيۇرنىبېرگىدا تەشكىل قىلىنغاندى،كومتېت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئەگەر بۇ تەشكىلاتلار ۋە ئۇلارنىڭ قارا نىيىەتچى داھىيلىرى ناتسىسلار پارتىيىسى بىلەن قۇشىلۇپ كىتەلەيدىغان بولسا گىتلېرنىڭ ئورنى تۆۋەنلەيدۇ دەپ ھىساپلىشاتتى.

     

    گىتلېر ئۆز ئورنىنىڭ تەھدىتكە ئۇچىرغانلىغىنى سەزگەندىن كىيىن ،دەرھال مىيۇنخېنغا قايتىپ ،بۇ ئەخمەق ساراڭلارنىڭ -ئۇ < مىنىڭ كۈرەشلىرىم > دە ئۇلارنى شۇنداق دەپ ئاتىغان -سۈيقەسىتنى جىمىقتۇرۋەتتى. ئۇ پارتىيىدىن چىكىنپ چىقىشنى خالايدىغانلىغنى بىلدۈردى.بۇنداق قىلىشقا پارتىيە چىداشلىق بىرەلمەيتتى. چۇنكى كومىتېتتىكى باشقا ئەزالار دەرھال شۇنى تۇنۇپ يەتتىكى ،گىتلېر ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۇستا ناتىقى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى ئەڭ مۇنەۋەر تەشكىلاتچىسى ھەم تەشۋىقاتچىسى ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا ،ئۇلارنىڭ راسخوتىنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرمۇ ئۇنىڭغا تايىنىپ يوپلىناتتى، بۇنىڭ مەنبەسى -ئۇ نۇتۇق سۆزلەيدىغان ئاممىىۋى يىغىلىشلاردىكى ئىئانە پۇللىرىدىن سىرىت ،باشقا تەرەپلەرنى ،جۈمىلىدىن ئارمىيە تەرەپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئەگەر ئۇ كىتىپ قالىدىغان بولسا،ناتسىسلار پارتىيىسى جەزمەن بۈشىكىدىلا  نابۇت بۇلاتتى . 

    كومىتېت ئۇنىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىشىگە يول قويمىدى.ئورنى مۇستەھكەملەنگەندىن كىيىن ،گىتلېر باشقا داھىيلارنى ئۇمۇمىيۈزلۈك تەسلىم بۇلۇشقا مەجبۇرلىدى. ئۇ  ئۆزىنىڭ پارتىيىنىڭ بىر دىن -بىر داھىيسى بۇلۇشىنى ،كومىتېتنى .ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ، سترېيچېرنىڭ تەشكىلاتىغا ئوخشايدىغان باشقا تەشكىلاتلار بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

     

    باشقا ھەيئەتلەرنىڭ قارىشىچە  ،بۇ تەلەپلەر بەكمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك ئىدەى. ئۇلار پارتىيىنىڭ قۇرغۇچىسى ئانتون دېركسلېرنىڭ رەھبەرلىگىدە ،نۇ كەلگۈسىدىكى مۇستەبىتكە ھۇجۇم قىلىدىغان بىر جىنايەتنامە يېزىپ چىقىپ،بروشورا قىلىپ بېسىپتارقاتتى.بۇ گىتلېر ئۆز پارتىيىسى ئىچىدە ئەڭ دەھشەتلىك بىر قېتىملىق ھۇخۇم ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار ئۇنىڭ خارەكتىرى ېە ئىستىلىغا قارىتا بىۋاستە تەسىراتلارغا ئىگە ئىدى .

    ھوقۇق تەمەسى ھەم شەخسي قارا نىيەت گتلېر  ئەپەندىمنى بېرلىندا ئالتە ھەپتە تۇرغۇزۈاندىن كىيىن ئۈز ئورنىغا قايتىپ كەلدى ، لېكىن ئۇنىڭ بېرلىنغا قىلغان سەپىرىنىڭ مەقسىتى ھازىرغىچە ئاشكارلانمىدى ، ئۇ پۇرسەت پىشىپ يېتىشتى دەپ ئويلاپ ، ئارقىدىكى پۇزڭتسىيىسى تۇتۇق كىشىلەرنىڭ قولىنى ئۆتنە ئېلىپ ، قوشىنىمىزدا بكلگۈنچىلىك ۋە ئىناقسىزلىق تۇغدۇرۇش ئارقىلىق يەھۇدىلار ۋە ئۇلارنىڭ دوسلىرىنىڭ پايىدىسىنى ئلگىرى سۈرمەكچى بولدى ، شۇ نەرسە بارغانسىرى ئايدىڭلىشىۋاتىدۇكى ، مۇشۇ ھالقىلىق پەيتتە پارتىيىنىى باشقا بىر يولدا مېڭىشقا زورلاش ئۈچۈن ، ئۇ دۆلەت سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن تامامەن سەكرەش تاختىسى ئورنىدا پايدىلىنىپ ، ئۆزىنىڭ ئەخلاقسىز مۇددىئاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، رەھبەرلىك ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان . بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا ئۇ پارتىيە رەھبەرلىرىگە تارقاتقان ئۇلتىماتۇم بۇ نوقتىنى ئىنتايىن ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ . ئۇ ئۇلتىماتۇمدا تۈرلۈك تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويغان بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ پارتىيىگە نىسبەتەن بىردىنبىر ھەم مۇتلەق ھۇقۇققا ئىگە بۇلۇشنى . كومىتىتنىڭ ، جۈملىدىن پارتىيە قۇرغۇچىسى ۋە داھىيىسى ، قۇلۇپ ئۇستىكارى ئانتون دىرىكسىلېرنىڭ چېكىنىشنى تەلەپ قىلىشتىن ئىبارەت .

     

     ئۇ ئۆز پائالىيەتلىرىنى قانداق ئېلىپ باردى ؟ تامامەن يەھۇدىلارغا ئوخشاش ئېلىپ باردى . ئۇ ھەر بىر پاكىتنى بۇرمىلىدى ...... دۆلەت سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى  بۇنداق پىرسۇنىاژ توغرىسىدا تېزدىن بىر  پىكىرگە كىلىڭلار    ھەرگىز خاتا قارار چىقىرىپ قويماڭلار  گتلېر  --قارا نىيەتچى ...... ئۇ.... خىلمۇ-خىل يالغان گەپلەر بىلەن سىلەرنى ئالداپ كىتەلەيمەن دەپ ھىساپلىماقتا .

     

    بۇ ئەيىبلەشلەر گەرچە يەھۇدىلارغا قارشى ئازراق كۈلكىلىك تەركىبنىڭ بۇلىشى بىلەن كۈچى ئاجىزلاپ قالغان بولسىمۇ (گتلېرنىڭ ھەركىتى يەھۇدىلارنىڭكىگە ئوخشايتتى ) ئاساسەن توغرا ئىدى . لېكىن بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئاشكارىلاش ئىسيانچىلارنى مۆلچەرلىگەن نەتىجىگە ئىرىشتۈرمىدى . گتلكېر  ئۆزىگە بىروشورا ئاپتۇرنىڭ تۆھمەت چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا دەرھال ئەرىز بەردى . شۇنىڭ بىلەن درېكسلېرنىىڭ ئۆزى بىر قېتىملىق ئاشكارا يىغىلىشتا بۇ بروشورىنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇر بولدى. پارتىيە ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى قېتىملىق پەۋقۇلئاددە يىغىندا، گىتلېر ئۆزىنىڭ مۇرەسسە قىلىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى قارشى تەرەپكە زورلۇق بىلەن قوبۇل قىلدۇردى، پارتىيە نىزامنامىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، كومېتىتنى ئەمەلدىن قالدۇردى، رەئىسلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ مۇستەبىت ھوقۇققا ئىگە بولدى. مەغلۇپ بولۇپ خورلانغان درېكسلېر پەخرىي رەئىس بولدى. بۇ كۆرۈنۈشتە ئۆستۈرۈلۈش، ئاستىرىتتىن تۆۋەنلىتىش ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي درېكسلېر

    分享到: