• 3.ئېمپىريىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى(10.قىسىم)

    2009-05-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39665577.html

    (مۇنارخستلار پارتىيىسى _ ئەنگىلىيە پادىشاھى چارلىز 1 نىڭ دەۋرىدە چارلىزنى قوللىغان تەرەپ. يۇمىلاق باشلار پارتىيىسى شۇ چاغدىكى پارلامېنتتا مۇنارخستلار پارتىيىسىگە قارشى تۇرغان تەرەپ بولۇپ، ئەزالىرى چېچىنى كالتە قىلىپ قىرقىتىدىغان بولغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان._ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن). لېكىن ئۇنىڭ ئەھمىيىتى بۇنىڭلىق بىلەنل چەكلىنىپ قالمىدى. خۇددى شۇ ۋاقىت، شۇ جايدا، 1921 - يىل ئىيۇلدا «داھىي پرىنسىپلىرى» تۇرغۇزۇلۇپ. بۇ پرىنسىپلار ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى قىلىنىشقا باشلىدى. كېيىن 3 - ئىمپېرىيىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا ئايلاندى. گېرمانىيە سەھنىسىدە «فىئۇرېر» پەيدا بولدى.*    («فىئۇرېر» بىلەن «داھىي پرىنسىپلىرى» دىكى «داھىي» دېگەن سۆز بىر سۆز بولۇپ، نېمىسچە Fuhrer دېيىلىدۇ. ئۇ ئىنگلىزچىدىكى leader بىلەن باراۋەر ،بۇلار ئۇيغۇرچىغا «داھىي» دەپ تەرجىمە قىلىنىشلىرى كېرەك ئىدى. لېكىن كونا كىتابلاردا «فىئۇرېر» دەپ ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەردىمۇ شۇنداق دەپ ئېلىندى._ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن.) 

    «فىئۇرېر» ئەمدى ناتسىستلار پارتىيىسىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەشكە باشلىدى. سىدونناكبرائۇ قاۋاقخانىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ھاراق ئىچىلىدىغان قاراڭغۇ ئۆي گىتلېرنىڭ  نەزىرىدە ئەسلا «بىر ئىشخانا ئەمەس، ئۆلۈك قويىدىغان ئۆي» بولغاچقا ، ئەمدى ئىشلىتىلمەيدىغان بولدى. كونىلىس كوچىسىدىكى بىر قاۋاقخانىدا باشقىدىن يېڭى بىر ئىشخانا تەسىس قىلىندى. بۇ يەر ئازادىرەك ھەم يورۇقراق ئىدى. ئالدى بىلەن ئىشخانىغا ئېدېلى ماركىلىق كونا بىر ماشىنكا نېسىگە سېتىۋېتىلىندى، كېيىنچە يەنە تەدىرىجىي تۈردە بىخەتەرلىك ساندۇقى، ماتېرىيال ئىشكابى، ئۆي بىساتلىرى سېتىۋېلىندى. تېلېفون ئورنىتىلدى، كەسپىي كاتىپ تەكلىپ قىلىندى.

     

    ئاقچىنىڭمۇ ئاخىرى ئۈزۈلمەي كېلىشكە باشىلىدى. بۇنىڭدىن بىر يىلچە بۇرۇن _ 1920 - يىل دېكابردا، ناتسىستلار پارتىيىسى قاتمۇ قات قەرزگە بوغۇلغان، زىيان تارتىۋاتقان بىر گېزىتخانىنى سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ نامىنى «خەلق كۆزەتكۈچىسى گېزىتى» ئىدى. يەھۇدىيلارغا قارشى بۇ كىچىك گېزىت ھەپتىدە ئىككى قېتىم چىقاتتى. گىتلېر بۇ گېزىتخانىنى سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلىنغان 60 مىڭ ماركنىڭ زادى نەدىن كەلگەنلىكىنى قاتتىق مەخپىي تۇتاتتى. لېكىن ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ پۇل ئېكارت بىلەن رومنىڭ گېنېرال مايور رىتتېر فون ئېپقا پەندى - نەسىھەت قىلىشى ئارقىلىق توپلانغانىكەن! گېنېرال مايور ئېپ دۆلەت مۇداپىيە ئارمىيىسىدە رومنىڭ كوماندىرى بولغان بولۇپ، ئۆزىمۇ ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى. بۇ پۇلنىڭ ھەربىي تەرەپنىڭ مەخپىي خىراجىتىدىن كەلگەن بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. 1923 - يىلنىڭ باشلىرىدا، «خەلق كۆزەتكۈچىسى گېزىتى» كۈندىلىك گېزىت قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. شۇنىڭ بىلەن، گىتلېر گېرمانىيدىكى بارلىق پارتىيىلەردە بولۇشقا تېگىشلىك شەرت - شارائىتقا _ بىر گېزىت ئارقىلىق پارتىيىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان شەرت - شارائىتقا ئىگە بولدى.

    سىياسىي خاراكتېرلىك بىرەر گېزىتنى چىقىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ نۇرغۇن بۇل كېتەتتى. پارتىيە ئىچىدىكى مەلۇم بىر قەدەر پرولېتارلاشقان تومپايلارنىڭ نەزەرىدە، ھازىرقى بۇ پۇللارنىڭ مەنبەسى جەزمەن غەلىتىرەك ئىدى. پىئانىنو ياسىغۇچى باي سودىگەرنىڭ خوتۇنى ھېلىن بېھستېين خانىم شۇ مەنبەلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ بۇ ياش قۇتراتقۇنى تۇنجى قېتىم ئۇچراتقاندىلا ياقتۇرۇپ قالىدۇ. گىتلېر بېرلىندىكى چاغلاردا، ئۇنى ئۆز ئۆيىگە چۈشۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ شەنىگە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، بايلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە خېلىلا كۆپ پۇل ئىنئام قىلىدۇ.

     

    بۇ يېڭى گېزىتنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ياردەم قلىنغان راسخوتنىڭ يەنە بىر قىسىمى گېرترۇد فون سېدلىتز خانىمدىن كېلەتتى. ئۇ بالتىق دېڭىزى بويىدىن بولۇپ، فىنلاندىيىدىكى ئوقىتى ياخشى بىرنەچچە قەغەز زاۋۇتىغا پاي قوشقانىدى.

     

    1923 - يىل مارتتا، ھاۋر ئۇنۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەن ئېرنىست (پۇتز) ھانفىستانگىل ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى «خەلق كۆزەتكۈچىسى گېزىتى» نى گۆرۈ قىلىش شەرتى بىلەن ناتسىستلار پارتىيىسىگە 1000 ئامېرىكا دوللىرى قەرز بېرىدۇ. ئېرنىست ھانفىستانگلنىڭ ئانىسى ئامېرىكىلىق ئىدى. ئۇنىڭ لاتاپىتىگە بېرىلىدىغان ئائىلىسى ناھايىتى باي بولۇپ، ميۇنخېندا بىر سەنئەت نەشرىيات شىركىتىنى تەسىس قىلغانىدى.*   (ھانفىستانگل ئۆزىنىڭ «سوت مەيدانىغا چىقمىغان گۇۋاھچى» («Unheard Witness») دېگەن ئەسلىمىسىدە، ئەينى چاغلاردا ئۆزىنىڭ بىر ئامېرىكىلىقنىڭ كۆرسىتىشى ئارقىلىق گىتېلر بىلەن تونۇشقانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئامېرىكىلىق ئامېرىكىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ھەربىي ئەمەلدارى، كاپىتان ترۇمىن سىمىت ئىدى. 1922 - يىلى نويابردا، سىمت باش ئەلچىخانىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، ئادولف گىتلېر ئىسىملىك بىر سىياسىي قۇتراتقۇنى ۋە ئۇنىڭ يېڭىدىن قۇرغان دۆلەت سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ميۇنخېنغا بارغان. ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ بىر ياش كەسپىي ئوفىتسىېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كاپىتان سىمت سىياسىي تەھلىل جەھەتتە ئالاھىدە قابىلىيەتكە ئىگە ئىدى. ئۇ ميۇنخېندا 15 - نويابردىن 22 - نويابرغىچە ئاران بىر ھەپتە تۇرغان بولسىمۇ، لۇدېندورف، تەخت ۋارىسى رۇپرېھت ۋە باۋارىيىنىڭ سىياسىي ساھەدىكى ئون نەچچە رەھبىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۇنىڭغا گىتلېرنىڭ يېڭىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان بىر چولپان ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھەرىكىتى تېزدىن راۋاجلىنىۋاتقان بىر سىياسي كۈچ ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان. سىمت پۇرسەتنى قىلچە قولدىن بەرمەي، ناتسىستلار پارتىيىسنىڭ بىر قېتىملىق سىرتتا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشىغا قاتناشقان. گىتلېر يىغىندا سۆز قىلغان.سىمت كېيىن خاتىرىسىگە دەرھال مۇنداق دەپ يازغان:«ئۆمرۈمدە بۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن!»  «گىتلېر بىلەن كۆرۈشتۈم» دەپ يازغان ئۇ . «ئۇ دۈشەنبە كۈنى مېنىا قوبۇل قىلىپ ئۆز مەقسىتىنى شەرھلەپ بېرىشكە ماقۇل بولدى.» دۈشەنبە كۈنى، سىمت گىتلېر تۇرۇشلۇق جايغا بارغان _ ئۇنىڭ تەسۋىرلىشىچە، ئۇ يەر «ۋەيرانە بىر بىنانىڭ 2 - قەۋىتىگە جايلاشقان كىچىككىنە، ئاددىي ياتاقخانا ئىكەن» _ ئۇ ميۇنخېننىڭ سىرتىدا ناھايىتى ئاز كىشىلەرگە تونۇش بولغان بۇ كەلگۈسىدىكى مۇستەبىت بىلەن ئۇزاق پاراڭلاشقان. «بىر نادىر قۇتراتقۇ!» دەپ باشلايدۇ بۇ ئامېرىكا مۇئاۋىن ھەربىي ئەمەلدارى شۇ كۈنى كەچتە كۈندىلىك خاتىرىسىنى، «بۇنداق گېپى ئوڭلۇق ھەم قىزغىنلىقى كىشىنى مەست قىلارلىق ئادەمنىڭ نۇتىقىنى ناھايىتى ئاز ئاڭلىغانمەن.» بۇ كۈن _ 1922 - يىلنىڭ 22 - نويابرى ئىدى.

     

    شۇ كۈنى كەچتە بېرلىنغا قايتىش ئالدىدا، سىمت ھانفىستانگلنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ گىتلېر بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتقان ھەمدە ئۇنى گىتلېرنى كۆرۈپ قويۇشقا دەۋەت قىلغان. ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى شۇ كۈنى كەچتە بىر قېتىملىق ئاممىۋى يىغىلىشتا نۇتۇق سۆزلىمەكچى ئىدى؛ سىمت ئۆزىنىڭ مۇخبىرلىق بېلىتىنى ھانفىستانگلغا بەرگەن. ھانفىستانگل خۇددى باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاشلا گىتلېرنىڭ دولقۇنلۇق ۋەزلىرىدىن ئېرىپ كېتىپ، يىغىندىن كېيىن ئۇنى دەررۇ ئىزدەپ بارغان ۋە ناتسىستىزمغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان.

     

    سىمت شۇ چاغلاردا گىتلېر نەزەرگە ئېلىنمىغان بېرلىنغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇزۇن بىر دوكلات يازغان. بۇ دوكلات 1922 - يىل 25 - نويابردا باش ئەلچىخانا تەرىپىدىن ۋاشىنگتونغا ئەۋەتىلگەن. ئەگەر يېزىلىش ۋاقتى نەزەردە تۇتۇلىدىغان بولسا، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ  بىر نادىر دوكلات ھېسابلىنىدۇ.

     

    نۆۋەتتە باۋارىيىدىكى  ئەڭ جانلىق سىياسىي كۈچ <دەپ يازىدۇ سىمت> _ دۆلەت سوتسىيالىزم ئىشچىلار پارتىيىسى ، ئۇنى بىر سىياسىي پارتىيە دېگەندىن كۆرە ئاممىۋى ھەرىكەت دېگەن تۈزۈك، بىز ئۇنى ئىتالىيە فاشىزم ھەرىكىتىنىڭ باۋارىيىدىكى قايتىلىنىشى دەپ قارىشىمىز كېرەك....ئۇنىڭ يېقىندا قولغا كەلتۈرگەن سىياسىي تەسىرىنى ئۇنىڭ ئەمەلىي پارتىيە ئەزالىرىنى سانى بىلەن نىسبەتلەشتۈرۈشكە تامامەن بولمايدۇ....

     

    ئادولف گىتلېر باشتىن باشلاپ بۇ ھەرىكەتنىڭ يېتەكچى كۈچى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ شەخسنىڭ خاراكتېرى بۇ ھەرىكەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا ئەڭ مۇھىم بىرئامىل ئىكەنلىكى چوقۇم...ئۇنىڭ بىرەر ئاممىۋى يىغىلىشنى ئۇيان - بۇيان قىلىشتىكى ئىقتىدارىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. خۇسۇسىي سۆھبەتلەردە، ئۇ ئۆزىنىڭ تىلى بۇنىڭ ئۆتكۈر، مەنتىقىسى ئېنىق كىشى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭدىكى ئەسەبىي ئەستايىدىل پوزىتسىيە بىرەر بىتەرەپ تىڭشىغۇچنى ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلالايدۇ.

     

    ناتسىستلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئامېرىكىنىڭ بېرلىندا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارى بولغان سىمت (بۇ چاغدا ئۇ پولكوۋنىك ئىدى) ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ۋە ميۇنخېنغا قىلغان شۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ خاتىرىسىنى ئاپتورنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سېخىيلىك بىلەن ئارىيەت بەرگەن. بۇ ماتېرىياللار مۇشۇ بابنى يېزىپ چىقىشقا چوڭ قىممەتكە ئىگە بولدى.)   پۇل پاخاللاشقان كۈنلەردە بۇ ئامېرىكا دوللىرى ماركقا سۇندۇرۇلسا، كىشىنى چۆچۈتكىدەك زور مىقداردىكى پۇلغا ئايلانغاچقا، ناتسىستلار پارتىيىسى ۋە ئۇنىڭ گېزىتىگە ناھايىتى زور ياردەم كۆرسەتكەندى. شۇنداق بولۇپلا قالماستىن، ھانفىستالگللار ئائىلىسنىڭ دوستلۇقى پۇل جەھەتتىكى ياردەم بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئۇلار ميۇنخېندىكى بۇ ئىش تېرىغۇچى چۇقانچى ياش سىياسەتۋازغا بىرىنچى بولۇپ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەرگەن ئىناۋەتلىك باي ئائىلە ئىدى. پۇتز گىتلېرنىڭ ئامراق دوستىغا ئايلاندى. گىتلېر ئۇنى كېيىن مەزكۈر پارتىيىنىڭ چەتئەل گېزىتلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىقىغا تەيىنلەندى. ھانفىستانگل بىر ئۇستىخان، بىر تېرە دېگۈدەك ئورۇق، غەلىتە ئادەم بولۇپ، كىشىگە نەشتەر بولۇپ سانجىلىدىغان پاراسىتى ئاددىي كاللىسىنى ئانچە - مۇنچە تولدۇرۇپ تۇراتتى. ئۇ رويالچى ئىدى. كەچلىرى بىز بىلەن بىللە بولغاندا كۆپ قېتىم، ھەتتاكى ئۇنىڭ دوستى بېرلىندا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىنمۇ دائىم دېگۈدەك ئولتۇرۇش يېرىملاشمايلا چاقىرىققا بىنائەن فىئۇرېر بىلەن كۆرۈشۈشكە كېتەتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ رويال چېلىشى_ ئۇ رويالنىڭ تىلىنى قاتتىق ئۇرۇپ چالاتتى_ ۋە قىزىق - قىزىق پاراڭلىرى كۈن بويى ئالدىراشلا يۈرىدىغان گىتلېرغا نېرۋا تىنچلاندۇرىدىغان ھەتتا روھىنى تېتىكلەشتۈرىدىغان رول ئوينايدىكەن. ھاۋر ئۇنۋېرستىتىنى پۈتتۈرگەن بۇ مىجەزى غەلىتە، لېكىن خاراكتېرى مۇلايىم ئوقۇغۇچىمۇ كىيىنھە گىتلېرنىڭ دەسلەپكى باشقا ھەمراھلىرىدەك گېرمانىيىدىن جېنىنى ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولدى.*( ھانفىستانگىل 2-دۇنيا ئۇرىشى داۋامىدا ۋاشىنگىتوندا بىر مەزگىل تۇرغان .كۈرۈنۈشتە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان دۈشمەن مۇھاجىرى .ئەمىلىيەتتە ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ناتسىستلار گېرمانىيىسى مەسىلىلىرى بويۇنچە (مەسلىھەتچىسى)نولغان.ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا زىممىسىگە ئالغان بۇ ۋەزىپە ئۇنى ھەم ناتسىستلار گرېرمانىيىسىنى چۈشىنىدىغانلارنىڭ نەزىرىدە بەكمۇ بىمەنە ھەم كۈلكىلىك ئىدى. ھالبۇكى ئۇنىڭ ئۆزىگە بۇ چۇقۇم قىزىق تۇيۇلاتتى.)

     

    گىتلېرنىڭ كېيىنكى ئەڭ يېقىن قول ئاستىدىكىلەرنىڭ كۆپچىلىگى بۇ چاغدا پارتىيىگە كىرىپ بولغان ياكى ئۇزۇن ئۆتمەيلا كىرىش ئالدىدا تۇراتتى. رۇدولۇف ھېس 1920-يىلى كىرگەن .ئۇ مىسىردا تۇرۇشلۇق گېرمانىيىلىك بىر دۇڭ ساتقۇچى سودىگەرنىڭ ئوغلى بۇلۇپ ،14يېشىغىچە مىسەردا تۇرغان ، 14 ياشتىن كىيىن رېيىنلاندقا قايتىپ كىلىپ ئۇقۇشقا كىرگەن .ئۇقۇش مەزگىلىدە گەرچەبىر بىرى بىلەن تۇنۇشمىسىمۇ ،بىر مەھەل گىتلېر بىلەن لىسىت پولىكىدا بىرگە بولغان .ئىككى قېتىم يارلانغاندىن كىيىن ئۇچقۇچى بولغان.ئۇرۇشتىن كىيىن مىيىنخىن ئۇنۋىرسىتىدا ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئۈگەنگەن،لىكىن ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسمىنى يەھۇدىيلارغا قارشى بروشلارنى تارقىتىپ ۋە شۇ چاغلاردا باۋارىيدىكى ئىنتايىن غالجىرلىشىپ كەتكەن خىلمى-خىل قۇراللىق تەشكىلاتلار بىلەن مۇشىتلىتشىپ ئۆتكۈزگەندەك قىلىدۇ.

    1919-يىل بىرىنچى مايدا ميۇنخېن سوۋت ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندا ، ئۇ دەل ئوقلار يامغۇردەك يىغىۋاتقان يەردە تۇرغان بولۇپ ، ئايىغى يارلىنىدۇ . بى ريىلدىن كىيىنكى بىر كەچقۇرۇنلىقى گىتلېرنىڭ نۇتىقىنى ئاڭلىغىلى بېرىپ ، ئۇنىڭ ناتىقلىق تالانتىغا توققۇز تازىم بىلەن قول قويىدۇ - دە پارتىيىگە كىرىپ ، بۇ داھىنىڭ يىقىن دوستى ، سادىق مۇرىتى ۋە شەخسىي كاتىپىغا ئايلىنىدۇ . دەل ئۇنىڭ ئۆزى گىتلېرغا ئەينى ۋاقىتتىكى ميۇنخېن ئۇنۋېرسىتىتېمىڭ جۇغراپىيە سىساسىيشۇناسلىقى پىروفېسسورى ، گېنېرال كارل ھوسھوفېرنىڭ جۇغراپىيە سىياسىيشۇناسلىقى نەزەرىيىسىنى تونۇشتۇرغانىدى .

     

          ھېس« گېرمانىيىنىڭ ئۆتكەنكى شەرەپلىك ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلغۇچى قانداق ئادەم بولۇش لازىم ؟» دېگەن سەرلەۋ ھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىسسېرتاتسىيە ياقلىغان بولۇۇپ ، بۇ ماقالە گىتلېرغا تولىمۇ ياققانىدى .

     

         بارلىق نۇپۇزلار سۈپۈرۈلۈپ تۈگىگەندە ، پەقەت خەلىق ئىچىدىن چىقان بىرەر ئىختىساسلىق ئادەملا ھەقىقىي تۈردە نوپۇز تىكلىيەلەيدۇ ... مۇستەبىت كەڭ ئامما ئارىسىدا قانچىلىك قوڭقۇر يىلتىز تارتسا ، ئۇ پسىخولوگىيە جەھەتتىن ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش لازىملىقىنى شۇنچە چۈشىنەلەيدۇ ، ئىشچىلارمۇ ئۇنىڭغا شۇنچە ئىشەنمەي قالمايدۇ ، ئۇ ئەڭ جانلىق خەلق قاتلىمىدىمۇ شۇنچە كۆپ ھىمايىگە ئېرىشىدۇ . ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئامما بىلەن ئورتاقلىقى بولمايدۇ : خۇددى بارلىق ئۇلۇغلاردىكىگە ئوخشاش ئۇنىڭدىمۇ ئۇلۇغ خىسلەت بولىدۇ ... زۈرۈر تېپىلغاندا قان تۆكۈلۈشتىن قورقۇپ ئارقىغا چېكىنمەيدۇ . زور مەسىلىلەر ھامان قان ۋە پولات تەرىپىدىن بىكىتىلىدۇ ....ئۆز مەخسىتىگە يىتىش يولىدا ، ئۇ ئڭ يېقىن دوستلىرىنىمۇ ئاياغ ئاستى قىلىشتىن يانمايدۇ ... قانۇن تۇرغۇزغۇچىلارنىڭ تاش يۈرەك شەوقەتسىز بولۇشى شەرت . ... زۆرۈر تېپىلغاندا ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەربىي ئۆتۈكى بىلەن ئۇلارنى دەسسەپ ئلگىرىيەلەيدۇ ...

     

          گىتلېرنىڭ بۇ يىگىتنى ياقتۇرۇپ قېلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ئىدى . ھېسنىڭ تەسۋىرىدىكى داھىي ئېھتىمال  گىتلېرنىڭ شۇ چاغدىكى پورتىرىتى بولماسلىقى مومكىن ، لېكىن گىتلېر ئەمەلگە .اشۇرماقچى بولغان - بەلكى كېيىن راستىنلا ئەمەلگە ئاشۇرغان - پورتىرت ئىدى. ھېس باشقىلارغا تەلەپچان ئۆزىمۇ ئۈگىنىشكە ئخلاسمەن بولغىنى بىلەن ، يەنىلا ئىقتىدارى چەكلىك ئادەم بولۇپ ، يوقىلاڭ پىكىرلەرنى ئاسانلا تىڭشاپ قالماستىن ، بەلككى ئۇنى ئىنتايىن ئەسەبىيلىك ىلەن ئىجرا قىلاتتى . ئۇ تاكى ئەڭ ئاخىرغىچە گىتلېرنىڭ ئەڭ سادىق ۋە ئەڭ ئىشەنچىلىك ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ شۇنداقلا شەىسىي قارانىيىتى يوق ئاز ساندىكى كىشىلىرىنىڭ بىرى ئىدى . 

    ئالفرېد روسېبېرگ گەرچە دائىم ناتىستلار پارتتىيىسىنىڭ «ئىدىيۋى داھىسى » دەپ ئاتالسىمۇ ، بەلكى ھەقىقەتەنمۇ ناتىستلار پارتىيىسىنىڭ «پەيلاسوپ  » ى بولسىمۇ ، لېكىن ئۇمۇ ئىقتىدارى ئادەتتىكىدەكلا بىر كىشى ئىدى . بەز ىلەرنىڭ روسىنبىرگنى رۇس دەپ قارىشىدا بەلكىم بەزى ئاساسلار بۇلۇشى مۇمكىن . خۇددى نۇرغۇن رۇس «زىيالىي » لىرىغا ئوخشاش ، ئۇمۇ  بالتىق دېڭىزى قىرغاقلىرىدا ياشايدىغان نېمىسلار ئەۋلاردىن ئىدى .

    ئۇ بىر موزدوزنىڭ ئوغلى بۇلۇپ ،1893-يىل 12-يانىۋاردا ئېستونىيىنىڭ رېۋال (ھازىرقى تاللىن) شەھرىدە تۇغۇلغان .ئېستونىيە 1721-يىلدىن ئىتىبارەن چار پاتىشاھ ئىمپىريىسىنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ كەلگەندى. روسېنبىرگ ئۇقۇشقا بېرىشقا گېرمانىيىنى ئەمەس روسىيىنى تاللايدۇ ،1917-يىلى موسكىۋا ئۇنۋېرسىتېتىدا بىناكارلىق ئىلىمىنى پۈتتۈرگەنلىك دىپلومىغا ئىرىشىدۇ .پولشېۋىك ئىنقىلابى بولغدان چاغلاردا ،ئىزچىل تۈردە موسكىۋادا تۇرىدۇ .ناتسىستلار پارتىيىسى ئىچىدىكى بەزى دۈشمەنلىرى ئېيىتقاندەك ،ئەينى چاغدا ئۇنىڭدا بىر ياش پولشېۋىك ئىنقىلاپچىسى بۇلۇش خىيالى بولغانلىغى ئېھتىمالغا ناھايتتى يېقىن . 1918-يىل فېۋرالدا ،ئۇ رېۋالغا قايتىپ ،شۇ چاغدا بۇ شەھەرگە كىرگەن گېرمانىيە ئارمىيىسىگە ئۆزئىختىيارى بىلەن قاتناشماقچى بۇلىدۇ ، لىكىن <روس >بولغانلىقى سەۋەبىدىن رەت قىلىنىدۇ .1918-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاقىۋەت مېيونخىنغا بارىدۇ ،قۇتراشنى دەسلەپتە شۇ يەردە ئېقىپ يۈرگەن بېلورۇسلار ئىچىدە باشلايدۇ .

     

    رۇسېنبېرگ بۇ چاغدا دىترىھ ئېكارت بىلەن تۇنۇشۇپ ،ئېكارتنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق گىتلىر بىلەن تۇنىشىدۇ .روسېنبېرگ 1919-يىلنىڭ ئاخىرىدا ناتسىستلار پارتىيىسىگە قاتنىشىدۇ . قولىدا بىناكارچىلىق ئىلىمىنى پۈتتۈرگەنلىك دىپلومى بار بىر كىشىنىڭ بىناكارچىلىق فاكولتىېتىغا ئىمتاھان بىرىپمۇ كىرەلمىگەن كىشىدە چۇڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇرۇشنى خالى بولغىلى بولمايدىغان ئىش ئىدى . روسېنبىرگنىڭ .بىلىم >لىرىمۇ گىتلېرنىكارامەت قايىل قىلىدۇ ،شۇنداقلا ئۇ بۇ ياش بالتىقلنىڭيەھۇدىيلارغا ۋەپولشېۋىكلارغا بولغان نەپرىتىنى ياقتۇرىدۇ .1923-يىلنىڭ ئاخىرىدا ،ئىكارت ئۈلۈشتىن سەل بۇرۇن ،گىتلېر روسېنبىرگنى < خەلق كۆزەتكۈچىسى گېزىتى >نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بۇلۇشقا ئەۋەتىدۇ .

    شۇنىڭدىن كىيىنكى نۇرغۇن يىللار داۋامىدا ،ئۇ كاللىسى تامامەن ئىلىشىپ كەتكەن ،تەپەككۇرى قالايىمقانلاشقان ھەم يۈزە بولغان بۇ "پەيلاسوپ" نى داۋاملىق كۆككە كۆتۈرۈپ ،ئۇنى ناتسىستلار ھەرىكىتىنىڭ ئىدىيىۋى ئۇستازى، دىپلوماتىك سىياسەت جەھەتتكى نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ بىرى قىلىۋاتىدۇ.

     

    ھېرمان گېرىنگمۇ رۇدولف ھېسقا ئوخشاش، ئۇرۇش تۈگەپ بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئۆگىنىش نامى بىلەن ميۇنخېن ئۇنۋىرسىتېتىغا كېلىدۇ. ئۇمۇ ئادولف گېتلىرنىڭ شەخسىي سېھرى كۈچىگە باش ئۇرىدۇ. گېرىنگ گېرمانىيىدىكى ئاتاقلىق ئۇرۇش قەھرىمانلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ، ئاتاقلىق رىھتھوفېن كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرى فلوتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كوماندىرى، گېر- مانىيىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئالىي دەرىجىلىك مېدالى_خىزمەت كۆرسەتكەنلىك مېدالىغا ئېرىشكۈچى ئىدى. ئۇ تېنىچ دەۋردىكى زېرىكەرلىك، پۇقراچە تۇرمۇش ئىچىگە قايتىپ كېلىشنى سەپتىن قايتقان كۆپ ساندىكى ھەربىيلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قىيىن ھېس قىلىدۇ. دەسلەپتە دانىيىدە، كېيىن شېۋىتسىيىدە بىر مەزگىل قاتناش ئايرۇپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسى بولىدۇ. بىر كۈنى، ئۇ گراف ئېرىك فون روسىېننى ئايرۇپىلان بىلەن ئۇنىڭ سىتوكھولمنىڭ يېنىدىكى ئۆيىگە ئاپىرىپ، شۇ يەردە مېھمان بولۇۋاتقىنىدا، گراف روسېننىڭ خانىمىنڭ سىڭلىسى،شۋېتسىيىدىكى داڭلىق گۈزەل كارىن فون كانتزوۋ خانىم بىلەن (ئانا تەرەپ فامىلىسى بارونە فوركېر ) ئاشىق-مەشۇق بۇلۇشۇپ قالىدۇ. قىيىن يېرى شۇنىڭدىكى، كارىن فون كانتزوۋ خانىمنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بۇلۇپ، تۇمۇش قۇرغان ۋە سەككىز ياشلىق ئوغلى بار ئىدى. لېكىن بۇ خانىم يەنىلا بىر ئىلاج قىلىپ ئەسلىدىكى نىكاھتىن ئاجراپ، بۇ غەيۇر ياش ئۇچقۇچىغا تۇرمۇشقا چىقىدۇ.

    ئۇنىڭ مال-مۈلىكى نۇرغۇن ئىدى. ئۇ ياش ئېرى بىلەن بللە ميۇنخېنغا بېرىپ، ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ ھەمدە ئېرىنىڭ ئۇنۋېرسىتېتتا بەتقىلىقلىق قىلىپ يۈرۈشىگە يول قويىدۇ.

    بۇنداق كۈنلەر ئانچە ئۇزاققا بارمايدۇ.گېرىنگ 1921-يىلدىلا گېتلىر بىلەن تونۇشۇپ پارتىگە كىرىپ، پارتىيىگە(ۋە گېتلىرنىڭ ئۆزىگە) مەردلىك بىلەن ئىئانە تەقدىم قىلىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر زېھنى ئارقىلىق رومنىڭ ئېسئاچىلارنى تەشكىللىشىگە ياردەم قىلىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن، 1922-يىلى، ئۇ ئېسئاچىلارنىڭ ئەترەت باشلىقى بولىدۇ.

     

    ناتسىستلار پارتىيىسىنىڭ مۇستەبىتىنىڭ ئەتراپىدا ئانچە داڭقى چىقمىغان، لېكىن كۆپىنچىسىنىڭ نامى سېسىقراق بولغان يەنە زور بىر تۈركۈم ئادەم بارئىدى.گېتلىرنىڭ لىست پولكىدا تۇرغان چېغىدىكى سىتارشى سېرژانتى ماركىس ئومان قوپال ئادەم بولسىمۇ، لېكىن تەشكىلىي خىزمەت ئىشلەشتە ناھايىتى ئىقتىدارلىق ئىدى. ئۇ پارتىيىنىڭ خوجىلىق ئىشلىرى مۇدىرى ۋە "خەلق كۈزەتكۈچىسى گېزىتى " نىڭ دىرېكتورى قىلىپ ئەۋەتىلىگەندىن كېيىن ، ئىككى تەرەپنىڭ مالىيە ئەھۋالى ناھايىتى تېزلىكتە تەرتىپكە سېلىنىدۇ.گېتلىر ئۇلرىھ گراف ئىسىملىك بىر ئادەمنى ئۆزىنىڭ شەخسىي مۇھاپىزەتچىلىكىگە تاللىۋالغان بۇلۇپ، گراف ئىشتىن سىرتقى چېلىشچى، قاسساپنىڭ ياردەمچىسى، داڭلىق جىدەلخور ئىدى. ئاقساق ھېنرىھ ھوفمان "ئوردا فوتو سۈرەتچىسى " ئىدى، ئۇ نۇرغۇن يىللاردىن بېرى گېتلىرنىڭ سۈرىتىنى تارتىشتا ئالاھىدە ئىجازەتلىك بىردىنبىر فوتو سۈرەتچى ھېسابلىناتتى. ئۆز خوجايىنىغا ئىتتەك سادىق بۇلۇش ئۇنىڭ ئۇنى ئەڭ ئاخىرىدا بېيىتىپ مېليونىرغا ئايلاندۇرۋەتتى.

    يەنە بىر يېقىنقى ئات سودىگىرى كىرستىئان ۋېبېر بۇلۇپ، ئەسلىدە ميۇنىخېندىكى بىر قاۋاقخانىدا قوغدىغۇچى بولغان،پېۋا دېسە جېنىنى بېرىدىغان ئادەم ئىدى. ئاشۇ كۈنلەردە گېتلىرغا يېقىنلاشقانلارئىچىدە يەنە ھېرمان ئېسسېر بار بۇلۇپ، ئۇنىڭ ناتىقلىق قابىلىيىتى داھېيسىنىڭكىدىن قېلىشمايتتى،"خەلق كۆزەتكۈچىسى گېزىتى " دە ئېلان قىلغان يەھۇدىيلارغا قارشى ماقالىلىرى پارتىيە گېزىتىنىڭ بىر ئاساسىي ئالاھىدىلىكى ھېسابلىناتتى.ئۇ ھېچنىمىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمايتتى:بىر مەزگىل ئۇ بىر قانچە ئاشنىسى بەرگەن ئۈستەك پۇلغا تايىنىپ راھەت تۇرمۇش ئۆتكۈزگەن.ئۇ شۇنداق داڭلىق قاقتى-سوقتى قىلىش ماھىرى ئىدىكى، ھەتتاكى ئۆزىنىڭ  پارتىيە ئىچىدىكى يولداشلىرى ئۇنىڭ چىشىغا تىگىپ قويىدىغان بولسا،ئۇلارنىمۇ "پاش قىلۋېتەتتى" . شۇڭا پارتىيە ئىچىدىكى ياشقا چوڭراق، باشقىلارغا ئوڭلۇقراق مۇئامىلىدە بولىدىغان بەزى كىشىلەر قاتتىق بىزار بۇلۇپ، ئۇنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلىشقانىدى. "مەن ئېسسېرنىڭ مۇتتەھەم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن" دەيدۇ گېتلىر بىر قېتىم ئاشكارا سورۇندا جاۋاپ بېرىپ، "لېكىن ئۇنىڭ ماڭا بىر كۈنلۈك پايدىسى تىگىدىكەن،مەن ئۇنى بىر كۈن يېنىمدا قالدۇرىمەن." ئۇ ئۆز يېقىنلىرىنىڭ ھەممىسىگە _ئۇلارنىڭ تارىخى ، ھتتا ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ قانچىلىك تۇتۇق بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر _ شۇنداق مۇئامىلە قىلاتتى.ئادەم ئۆلتۈرگۈچى قاتللار،لايغەزەللەر،جىنسىي ھەۋىسى تەتۈرلەر،زەھەرلىك چىكىملىك چەككۈچىلەر ياكى ئادتتىكى مۇتتەھەملەر بولسۇن، ئۇنىڭ نەزەرىدە ئۆزىگە پايدىسى تېگىدىغانلىكى بولسىلا بولىۋېرەتتى.

     

    مەسىلەن، ئۇ يۇلئۇس سترېيچېرغا باشتىن-ئاخىر دېگۈدەك چىداپ يول قويۇپ كەلگەن. سترېيچېر كىشلەرنى ئەسەبىيلىك بىلەن خارلايدىغان ئەخلاقى بۇزۇق ئادەم ئىدى.

    ئۇ ئەسلىدە بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ،1922-يىلدىن ئېتبارەن گىتلېرنىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى نامى ئەڭ ئوسال كىشلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. 1939-يىلغا كەلگەندە ، ئاخىر ئۇنىڭ ئامىتى ئاخىرلىشىىدۇ ، ئۇ ئويناش تۇتۇشنىڭ مەشھۇر ماھىرمەن . ھەتتا ئوينىشىمنىڭ ئېرى قاقتى -سوقتى قىلالايمەن دەپ ماختىناتتى ، قارىغۇلارچە ۋە ئەسەبىلەرچە ئېلىپ بارغان يەھۇدىلارغا قارشى پائالىىيەتلىرى ئۇنىڭ سېسىق نامىنى پۇر كەتكۈزۈپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇنى يەنە زور تۈركۈمدىكى پۇل ۋە مال -مۈلۈكلەرنى يۇلىۋېلىش ئىمكانىيىتىگەئىگە قىلىدۇ.ئۇ چىقارغان داڭلىق«ئېسئاچى» ھەپتىلىك ژۇرنىلى مەخسۇس تۈردە يەھۇدىيلارنىڭ جىنسى جىنايەتلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ«قۇربانلىققا ئادەم سويۇشى» توغرىسىدىكى تېررورلۇق ھېكايىلەرنى بېسىشقا تايىنىپ پۇل تاپاتتى.،ئۇنىڭ مەزمونى شۇنچىلىك شەھۋانىي پەسكەشلىكلەرگە تولغانىدىكى،ھەتتا نۇرغۇن ناتسىستچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىنىمۇ ئاينىتىۋەتكەنىدى.سترېيچېر ھەم شىھۋانىي ئەدەبىياتنىڭ مەشھۇر تەشەببۇسكارى ئىدى.ئۇنىڭ لەقىمى«

    (123- بەت)

    «فرانكونىيىنىڭ تاجىسىز پادىشاھى» بولۇپ، كونا ئۇۋىسى نيۇرنبېرگدا ئىدى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ دېگىنى قانۇن ھېسابلىناتتى. كىمدە - كىم ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويىدىغان بولسا، تۈرمىگە سولىنىش ياكى قاتتىق جازالىنىشتىن خالىي بولالمايتى. ئەڭ ئاخىردا مەن ئۇنىڭ نيۇرنبېرگدا ئەيىبلەنگۈچى ئورنىدا روھسىز ئولتۇرۇپ سوراققا تارتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشۈمدىن ئىلگىرى، ھەر قېتىم ئۇچراشقىنىمدا، ئۇنىڭ ھامان بىر تاسما قامچىنى قولىدا تۇتقان ياكى بېلىگە قىستۇرغان ھالدا باشقىلارنى ھەددى - ھېسابسىز قامچىلىغانلىقى ھەققىدە ھەمىشە قاقاقلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ ماختىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرەتتىم.

    مانا بۇلار گىتلېرنىڭ دۇنياغا لۇتېر، كانت، گيوتې، شىلېر، باھ، بېتخوۋېن، برامىلارنى تەقدىم قىلغان مىللەتنىڭ مۇستەبىتى بولماقچى بولۇۋاتقان چېغىمدا چۆرىسىگە توپلىغان كىشىلىرى ئىدى.

    1920 - يىل 1 - ئاپرېلدا، گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ نامى دۆلەت سوتسىيالىزم گېرمانىيە ئىشچىلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن _ «ناتسىست» دېگەن قىسقارتىلغان نام شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان _ كۈندە گىتلېر ئارمىيىدىن رەسمىي ئايرىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ۋاقتىنى ناتسىستلار پارتىيىسىگە سەرپ قىلماقچى بولىدۇ. مەيلى شۇ ۋاقىتتا ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن بولسۇن، ئۇ ئەزەلدىن پارتىيىدىن ھېچقانداق مائاش ئېلىپ باقمىغان.

    شۇڭا، بەزىلەر ئۇ نېمىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن؟ دەپ سوراپ قېلىشى مۇمكىن. پارتىيە ئىچىدىكى خىزمەتداشلىرىمۇ بەزىدە بۇنىڭدىن بۇرۇقتۇرما بولاتتى. 1921 - يىل ئىيۇلدا، پارتىيە كومىتېتىدىكى بەزى ئىسيانچى ھەيئەت ئەزالىرى يازغان جىنايەتنامىدە بۇ مەسىلە ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «ئەگەر ھەرقانداق پارتىيە ئەزاسى ئۇنىڭدىن  نېمىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى ،ئەسلىدىكى كەسپىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سوراپ قالىدىغانلا بولسا، ئۇ قاتتىق غەزەبلىنىپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ئۇ تاكى ھازىرغىچە جاۋاپ بېرىپ باققىنى يوق، شۇڭا ، ئۇنىڭ ۋىجدانى پاكلىققا مۇناسىپ ئەمەس، بولۇپمۇ ئاياللار بىلەن باردى - كەلدىسى قويۇق بولۇپ، پۇلنى ئايىماي خەجلەيدۇ، ئاياللارنىڭ ئالدىدا تېخى ئۆزىنى <ميۇنخېننىڭ پادىشاھى> دەپ ئاتايدۇ.

    گىتلېر كېيىنچە بۇ بروشورىنىڭ ئاپتورىنى تۆھمەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ئەرز قىلىدۇ ۋە سوراق ۋاقتىدا بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىدۇ. سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ نېمىسىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى سورىغاندا، ئۇ جاۋاب بېرىپ:« مەن دۆلەت سوتسىياللار پارتىيىسى ئۈچۈن نۇتۇق سۆزلىگەندە بىر تىيىنمۇ ئالمايمەن. لېكىن باشقا تەشكىلاتلار ئۈچۈنمۇ نۇتۇق سۆزلەيمەن...بۇنداق ئەھۋالدا مەلۇم ھەق ئالىمەن، ئەلۋەتتە. چۈشلۈك تامىقىمنى نۆۋەتلىشىپ پارتىيە ئىچىدىكى يولداشلار بىلەن بىرگە يەيمەن. بۇلاردىن سىرت يەنە پارتىيە ئىچىدىكى بەزى يولداشلار ماڭا ئاز - تولا ياردەم قىلىدۇ» دەيدۇ.

     

    بۇ ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇنراق بولۇشى مۇمكىن، دىترىھ ئېكارت، گېرىنگ، ھانفىستانگللارغا ئوخشاش ھال - ئوقىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان دوستلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆي ئىجارىسى، كىيىم - كېچەك، ئاش - تاماقلىرىنىڭ خىراجىتىگە كېتىدىغان پۇللارنى «ئۆتنە» بېرىپ تۇرغانلىقى شۈبھىسىز. ئۇنىڭ ئېھتىياجىمۇ ناھايىتى ئاددىيلا ئىدى. 1929 - يىلىدىن بۇرۇن، ئۇ ئىسار دەرياسىنىڭ يېنىدىكى  تىرچى كوچىسىغا جايلاشقان تۆۋەن قاتلام ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە رايونىدىكى ئىككى ئېغىزلىق بىر يۈرۈش مېھمان سارايدا تۇرۇپ كەلگەنىدى. قىش كۈنلىرى ئۇ كونا ھەربىيچە پەلتۇ كىيىپ يۈرەتتى، كېيىنچە نۇرغۇنلىغان رەسىم تارتىشلار تۈپەيلىدىن، بۇ پەلتۇ گېرمانىيىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك ناھايىتى تونۇش بولۇپ كەتكەن. ياز كۈنلىرى ئۇ دائىم باۋارىيىلىكلەرنىڭ كۆپچىلىكى يېقىملىق ھاۋادا كىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان « رېيد ھوسېن» دەپ ئاتىلىدىغان كالتە شالۋۇر كىيىۋالاتتى.

    1923 - يىلى، ئېكارت بىلەن ئېسسېر گىتلېرنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەل - ئاغىنىلىرىنىڭ يازدا سالقىنلايدىغان جاي قىلىۋېلىشى ئۈچۈن بېرھتېسگادېننىڭ يېنىدىكى برانھوف مېھمانخانىسىنى قولغا چۈشۈرىدۇ. گىتلېرغا تاغ ئارىسىدىكى بۇ گۈزەل سەھرا مەنزىرىسى ناھايىتى ياقىدۇ. كېيىنچە بۇ يەرگە ئازادە قىلىپ بېرگىھوف داچىسى سېلىنىپ، ئۇرۇش  پارتلاشتىن ئىلگىرى گىتلېرنىڭ ئۆيىگە ئايلىنىدۇ. گىتلېر كۆپ ۋاقتىنى  شۇ يەردە ئۆتكۈزىدۇ.

     

     

    داۋامىنى ئىنكاس ئورنىدىن كۆرۈڭ!

    分享到:

    评论



  • 1921_1923 - يىللىرىدىكى داۋالغۇپ تۇرىدىغان مەزگىللەردە، ئۇنىڭ دەم ئېلىپ، ئويناپ - كۈلگىدەك ۋاقىتلىرى ناھايىتى ئاز بولدى. ئۇ بىر پارتىيىنى قۇرۇشنى، ئۆزىگە ئوخشاشلا ۋاستە تاللىمايدىغان بىر تۈركۈم ۋاپاسىز كىشىلەر بىلەن بولغان كەسكىن رىقابەتلەردە ئۆز كونترولۇقىنى ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۇستىگە باۋارىيىدە جامائەتنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى ۋە ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ئوڭ قانات ھەرىكەتلەر خېلى بار بولۇپ، ناتسىستلار پارتىيىسى پەقەت شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىلا ئىدى، خالاس؛ كەڭرەك مەنىدە ئېيتقاندا، گېرمانىيە بويىچە بۇنداق ئوڭ قانات ھەرىكەتتىن يەنە تالايلىرى بار ئىدى.

    سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغۇچى بىرەر كىشىنىڭ كۆزىتىشى، تەھلىل قىلىشى ھەم پايدىلىنىشى كېرەك بولغان ۋەقەلەر ۋە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغان ۋەزىيەتلەر ھەقىقەتەنمۇ بىر - بىرىگە ئۇلىشىپ كەتكەن بولۇپ، كۆزىنى قاماشتۇرۇپ، باشنى ئايلاندۇرۇۋېتەتتى. 1921 - يىل ئاپرېلدا، ئانتانتا دۆلەتلەر گېرمانىيىگە ئۇرۇش چىقىمىنى تۆلەش تەلىپىنى قويدى _ ئۇنىڭ مىقدارى 132 مىليارد ئالتۇن ماركقا يەنى ئامېرىكا دوللىرىغا سۇندۇرغاندا 33 مىلياردقا يېتىپ باراتتى. نېمىسلار ئۆزلىرىنىڭ تۆلەشكە ئامالسز ئىكەنلىكلىرى توغرىسىدا دەررۇ داۋراڭ كۆتۈرۈشتى. ماركنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان سېلىشتۇرما قىممىتى ئەسلىدە تۆتتە بىر بولۇپ، ئەمدى چۈشۈشكە باشلىغانىدى. 1921 - يىل يازغا بارغاندا 75 تە بىرگە، بىر يىلدىن كېيىن 400 دە بىرگە چۈشۈپ كەتتى. ئېرزبېرگېر 1921 - يىل ئاۋغۇستتا خۇپىيانە ئۆلتۈرۈلدى. 1922 - يىل ئىيۇندا، دەسلەپكى چاغدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان سوتسىيالىست فىلىپ شېيدېماننى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. شۇ ئاينىڭ 24 - كۈنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راسنائۇ كوچىدا ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. بۇ ئۇچ دېلوغا ئائىت قاتىللارنىڭ ھەممىسى ئوڭ قاناتلاردىن ئىدى. بېرلىندىكى غۇلاش ئالدىدا تۇرغان مەملىكەتلىك ھۆكۈمەت بۇنداق ئىغىۋاگەرچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئاقىۋەت جۇمھۇرىيەتنى قوغداش يۈزىسىدىن ئالاھىدە بەلگىلىمىلىك قانۇن جاكارلىدى. ئۇنىڭدا سىياسىي تېرورلۇق ھەرىكەتلەرنى قاتتىق جازالاش چارىلىرى بەلگىلەندى. بېرلىن تەرەپ نۇرغۇن قوراللىق تەشكىلاتلارنى تارقىتىۋېتىش ۋە سىياسىي جەھەتتىكى مۇتتەھەملىكلەرگە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن، باۋارىيە ھۆكۈمىتى مۆتىدىلپەرەسلەردىن گراف لېرھېنفېلدنىڭ

    (ئۇ 1921 - يىلى رادىكال كارلنىڭ ئورنىغا چىققان) رەھبەرلىكىدە تۇرۇۋاتقان ھالەتتىمۇ، بېرلىندىكى مەملىكەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ قارارلىرىغا ئەمەل قىلماقنىڭ ناھايىتى قىيىن ئىكەنلىكىنى سەزدى. بېرلىن ھۆكۈمىتى تېرورلۇق ھەرىكەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇشقا ئۇرۇنغان چاغدا، باۋارىيىدىكى ئوڭچىلار (ھازىر گىتلېر ئۇلارنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلغان ياش داھىيلىرىنىڭ بىرى ئىدى) لېرھېنفېلدنى ئاغدۇرۋېتىش ۋە بېرلىنغا يۈرۈش قىلىپ جۇمھۇرىيەتنى گۇمران قىلىش سۇيىقەستىنى ئۇيۇشتۇردى.

    دېموكراتىك ۋېيمار جۇمھۇرىيىتى زاكىسىدىلا قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلارغا پاتتى. ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى دائىم ئىنتايىن ئوڭ تەرەپتىنلا ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن سول تەرەپتىنمۇ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرگە ئۇچراپ تۇرماقتا ئىدى.