• ئۆزىڭىزدىن سوراپ باقتىڭىزمۇ ؟

    2009-05-20

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39662965.html

    بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئويلىنىپ ،ئۆزىڭىزدىن سوراپ باقتىڭىزمۇ ؟ قەبرەمدىكى تۇنجى كۈنى ماڭا قانداق ئىشلار يۈز بېرەر ؟
    ئۆلۈم ئۈچۈن نېمىلەرنى تەييارلىدىم ؟
    جەننەتتە بولارمەنمۇ  ؟ دوزاختىمۇ ؟ قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتم ئۆلۈمنى ئەسلىدىم ؟
    جەسىتىڭىز يۇيۇلۇۋاتقان ۋە گۆرگە ئەكىرىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ .كىشىلەر سىزنى كۆتۈرۈپ قەبرىستانلىققا ئەكىتىۋاتقان كۈننى ئويلاڭ
    ئائىلىڭىزدىكىلەر يىغلاۋاتقان ،سىزنى قەبرىگە ئەكىرىۋاتقان ۋاقىتنى ئويلاڭ .
    ئۆزىڭىزنىڭ ئېتىۋېتىلگەن قاراڭغۇ   قەبرە ئىچىدىكى ۋاقتىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ .
    يالغۇزلۇق ،بەكمۇ قاراڭغۇ ،ياردەم سوراپ يىغلايسىز ،ئەمما جاۋاب بولمايدۇ ،ھېچكىم سىزگە ياردم قىلالمايدۇ ،قەبرە بەكمۇ تار ،ئۇستىخانلىرىڭىزنى قىسىدۇ ...
    ھاياتلىقىڭىزدا قىلغان بارلىق يامان ئىشلىرىڭىزغا پۇشايمان قىلىسىز ،5 ۋاخ نامىزىڭىزنى قولدىن بېرىپ قويغانغا پۇشايمان قىلىسىز .
    مۇزىكا ئاڭلىغانغا پۇشايمان قىلىسىز .
    باشقىلارغا قىلغان بولۇپمۇ ئاتا-ئانىڭىزغا قىلغان ھۆرمەتسىزلىكىڭىزگە پۇشايمان قىلىسىز .
    ئەۋرەتلىرىڭىزنى تولۇق يۆگىمىگەنلىكىڭىزگە پۇشايمان قىلىسىز .
    ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىغا سۇسلۇق قىلغانلىقىڭىزغا پۇشايمان قىلىسىز .
    ئىسلامىي بىلىملەرنى ئۆگەنمىگىنىڭىزگە پۇشايمان قىلىسىز .
    ئۆزىڭىز قىلغان بارلىق يامان ئىشلارغا پۇشايمان قىلىسىز ...
    ھېچيەرگە قاچالمايسىز ،ئۆزىڭىز قىلغان ھەربىر كىچىك گۇناھقا بېرىلىدىغان جازاغا يۈز كەلتۈرىسىز ...
    قەبرىڭىزدە پەقەت قىلغان ئەمەلىڭىزلا سىز بىلەن بىرگە بولىدۇ ،پۇلىڭىز ،زىبۇ-زىننەتلىرىڭىز ،..ھېچنىمىڭىز .....ھېچنىمىڭىز  .....بولمايدۇ .پەقەتلا ئەمەلىڭىز ....
    قەبرىگە توپا تاشلىنىپ بولغاندا ...
    سىز چىقىراپ ھەممە ئادەمگە كەتمەڭلار ،يېنىمدا تۇرۇڭلار دېگۈڭىز كېلىدۇ .لېكىن ،ئاۋازىڭىزنى ئۇلار ئاڭلىمايدۇ ،ئۇلار كېتىدۇ ،ئۇلارنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلايسىز ،ئۇلار يىغلايدۇ ،ئاندىن .....تىنچلىنىدۇ .
    سىز بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ئۆلمەي ياشايمەن دەپ ئويلىغانمىدىڭىز ،ئائىلىڭىزدىكىلەر ۋە دوسلىرىڭىزنى مەڭگۈ مەندىن ئايرىلمايدۇ دەپ ئويلىغانمىدىڭىز ؟مەڭگۈ خۇشال كۈلۈپ ئۆتىمەن دەپ ئويلىغانمىدىڭىز....
    خاتالاشتىڭىز...
    ھەممىسى سىزنى يالغۇز قويىدۇ .....
    بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ كەلگۈسىدىكى ئۆيىڭىزگە قاراپ قويۇڭ ،ئاندىن ئۆمرىڭىزدىكى بارلىق ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپ ئۇنىڭغا بېرىشقا تەييارلىق قىلىڭ ....

    分享到: