• ئاتا - ئانىمىزنى قەدىرلەيلى!

    2009-05-20

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39662160.html

       
     
    ئاتا-ئانا دۇۇنيادىكى ئاڭ ئۇلۇغ ئىنسان،ئۇلارنى قانچە تەرىپلىسەكمۇ ئازلىق قىلمايدۇ.ئۇلار بىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقۇچەمىڭ بىر جاپا -مۇشەقەتلەرنى ئىسىق -سوغۇقلارنى بېشدىن ئۆتكۇزىدىكەن.بىز ئۇلارنىڭ ئەجىرگە قانچا قىلساقمۇ ئەرزىيدۇ. لىكىن بىز ئۇلانىڭ بىزنى بېقىپ مۇشۇ ياشقا ئەكەلگۇچە قانداق جاپالارنى تارتقىننى ئويلاپ قويمايدىكەنمىز ، ئۇلار بىزنى كىچىكىمىزدىن تارتىپ پەپىلەپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قۇشۇپ ئۆيلۇك -ئۇچاقلىق قىلدىكەن،بىز تۇرمۇشقا چىقىۋېلىپ ئازراخ ھالىنىۋېلىپ ئۇلارنى پۇتۇنلەي ئۇنتۇپ كىتىدىكەنمىز.   4ئۇلارنى يوقلاپ بېرىپمۇ قويمايدىكەنمىز ،ئۇلار بىزنىڭ يۇلىمىزغا قاراپ ئاھ سۇنغان ھالدا ئىچىگەيۇتۇپ قالىدىكەن.
    بىز رېستۇران قاۋاقلاردا ئويناپ كۇلۇپ يۇرگەن ۋاقىتلىرىمىزدا يالغۇز ئويدە بىر -بىرىگە قارىشىپ بىزدىن ئەنسىرەپ كىرپىك قاقماي كىچىنى كۇندۇزگە ئۇلاپ بىزنىڭ يۇلىمىزغاتەلمۇرۇپ قاراپ قالغان مىھرىبان ،جاپاكەش،ئاق كۆڭۇل ،سەمىمى ئاتا -ئانىمىزنى قىلچىمۇ يادىمىزغا كەلتۇرۇپ قويمايدىكەنمىز . باشقىلار بىلەن سائەت -سائەتلەپ تىلفۇندا پاراڭلىشىدىكەنمىز ،لىكىن نەچچە مىنۇت ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ تىلفۇن ئۇرۇپ ھال -ئەخۋالىنى  سۇراپ قويمايدىكەنمىز. ناخشىلىرىمزدا ،ئەسەرلىرىمىزدە ،گىزىتلىرىمىزدە  ئاتا -ئانا دەپ تەرىپلەيدىكەنمىز . لىكىن ئەمىلىيەتتە ئۇنداق قىلدىغانلىرىمىز ساناقلىقلا ئىكەن. ھېيىت -بايرام كۇنلىرى باشلىقلىرىمىزنى ،دوستلىرىمىزنى ،خىزمەتداشلىرىمىزنى ،سورۇنداشلىرىمىزنى يوقلايدىكەنمىز . لىكىن بىزنى تەربىيلەپ مۇشۇ كۇنگە ئەكەلگەن دۇنيادىكى ئەڭ سېخى ئىنسان بولغان يەنە شۇ ئاتا -ئانىمىزنىڭ قۇتلۇق مۇبارەك ھېيىت - بايراملىرىنى تەبرىكلەپ قويمايدىكەنمىز .ئۇلار بىزنىڭ ئۇماق نەۋرىلىرىنىڭ يۇلىغا قاراپ دەرۋازىنىڭ تاراققىدە ئېچىلىپ  بىزنىڭ ئاتا -ئانا  نەۋرىلىرىنىڭ بۇۋا -مۇما  دەپ ئىلىق باغرىغا ئۈزنى ئېتىپ تاتلىق ئەركىلەشلىرىنى تەقەزالىق بىلەن كۇتىدىكەن ،ئەپسۇس....... لىكىن  بىز ئۇنداق قىلالمايدىكەنمىز. .6 ئۇلار يەنەشۇيالغۇز ئۆيدە جوزىغا تىزىلغان ئاددى لىكىن ھالال مىھر -مۇھەببىتى بىلەن يۇغرۇلغانھېيتلىق نازۇ - نىمەتلىرىگە قاراپ ئولتۇردىكەن . يەنە تېخى مۇشۇ قىلغانلىرىمىز ئازدەك ،توي قىلىمىز، چاي قىلىمىز ،ئۇنى قىلىمىز بۇنى قىلىمىز دەپ ئۇلارغا بىر مۇنچە ئىقدىسادى سېلىقنى سېلىپ قۇيدىكەنمىز.ئاتا -ئانىمىزنىڭ قۇلىنىڭ يىتىشىچە قىلغانلىرىدىن قىلچىمۇ رازى بولمايدىكەنمىز.بىلسەك ئۇلارنىڭ مۇشۇنچىلىك تۇرۇپ بەرگىنى بىز ئۇچۇن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىدى . ھاراقنى دوسلار بىلەن ئىچىپ ئۆيگە مەس كىلىپ  ئاتا -ئانىمىزنى قاقشىتىپ ، ھەتتا ئۇلارغا قول ياندۇرۇپ  ئۇلارنى پۇتمەس -تۇگمەس ئازاپقا سېلىپ كۆزلىرىدىن جاپا - مۇشەققەت  ئىسىق -سوغۇق ئاققۇزالمىغان ئىسىق ياشلىرىنى بىزدەك پەپىلەپ چوڭ قىلغان ۋاپاسىز باللىرى ئاققۇزدىكەنمىز . دوسلار ئۇنداق قىلمايلى ،ئاتا -ئانىمىزنى قەدىرلەيلى ،ھالىغا يىتەيلى .بۇ  تۆت كۇنلۇك ئالامدە ئۇلارنى خورلىمايلى ،بىزمۇ بىر كۇنلەردە شۇلارغا ئوخشاش ئاتا -ئانا بۇلىمىز ،ئۈزىمىزگە يېنىپ قالمىسۇن. ئۇلار ھايات ۋاقتىدا يوقلاپ تۇرايلى تىلفۇندا بولسىمۇ ھال -ئەخۋالىنى سۇراپ تۇرايلى ،ئۇلار كەتكەندىن كىيىن قانچە قىلساقمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ. چۇنكى ئۇلار دۇنيادىكى تىل بىلەن تەرىپلەپ بولغىلى بولمايدىغان ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان .مەن ئاخىرىدا دۇنيادىكى بارلىق ئاتا -ئانىلارنىڭ ئۆمۇرىنىڭ ئۇزۇن تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەم ئۈتۇشىنى،  بارلىق پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا -ئانىلارغا ۋاپا دارلىقىنى يەتكۇزۇشىنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيمەن ! 

    分享到: