• ياشلار ھاياتلىقتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلار

    2009-05-17

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39548145.html

    1 . ھەر كۈنى ئۆزىڭىزگە : مەن ھەقىقەتەن ياخشى تۇرىۋاتىمەن دەڭ .
    2 . غەزەبلىنىش - باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن ئۆزىنى جازالاشتىن ئىبارەت .
    3 . تۇرمۇشتا دوست بولمىسا خۇددى قۇياش نۇرى بولمىغاندەكلا ئىش .
    4 . ئەتىكى ئۈمىد بىزگە بۈگۈنكى ئازابنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ .
    5 . ھاياتتا غايە ، ئارزۇ - ئارمان بولمىسا ، ئۇ خۇددى قۇرۇق جازىغا ئوخشاپ قالىدۇ . 
    6 . نۇر چېچىش قۇياشنىڭلا پاتېنتى ئەمەس ، سىزمۇ ياشلىقىڭىز ئارقىلىق ئەتىراپقا نۇر چاچالايسىز .
    7 . نادانلار جىسمى ئارقىلىق روھىنى نازارەت قىلىدۇ ، ئاقىللار بولسا روھى ئارقىلىق جىسمىنى نازارەت قىلىدۇ .
    8 . بەخىتكە ئېرىشىشنىڭ بىردىن - بىر يولى - ئۆزى ئىگە بولغان نەرسىلەرنى قەدىرلەش ، ئېرىشەلمىگەننى بولسا ئۇنتۇشتۇر .
    9 . ئاچكۆزلۈك ئەڭ چوڭ نامراتلىق ، قانائەت بولسا ئەڭ چوڭ بايلىق . 
    10 . سىز مۇھەببەت ئارقىلىق كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيسىز ، نەپرەت ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوقىتىسىز .
    11 . ئىنساننىڭ قىممىتى - ئازدۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەندە شۇ دەقىقىدە بەلگىلىنىدۇ .
    12 . ياشلىق - بىزنىڭ غايىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھوقۇقىمىز بار بولغان بىردىن بىر چېغىمىز .
    13 . ھەر بىر ئىزنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تۇرۇپ كۆزىتىشنى ئۈگىنىۋېلىش كېرەك . 
    14 . ھەقىقىي مۇھەببەت ھاياتلىقنىڭ ، قەلىبنىڭ ، روھنىڭ چېگرىسىدىن ھالقىپ كېتىدۇ .
    15 . مېھرى - مۇھەببەت سۇسلاشقان جەمىيەتتىن ئادىمىيلىك يوقايدۇ . 
    16 . بىر ئادەم ھەقىقىي ئويغىنىشقا ئېرىشكەندە ، سىرىتقى دۇنيانىڭ بايلىقلىرىنى ئىزدەشتىن قەلب دۇنياسىدىكى ھەقىقىي بايلىقنى ئىزدەشكە ئاتلىنىدۇ . 
    17 . مەيلى سىز قاچان باشلىغان بولۇڭ ، مۇھىمى سىزنىڭ قاچان ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلماسلىقىڭىز .
    18 . مەيلى سىز قاچان باشلىغان بولۇڭ مۇھىمى سىزنىڭ باشلىغاندىن كېيىن توختاپ قالماسلىقىڭىز . 
    19 . كىشىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى - ئۇنىڭ ئۆزى . 
    20 . « مۇمكىن ئەمەس » دېگەن سۆز پەقەت جۈرئەتسىزلەرنىڭ لۇغىتىدىلا ئۇچىرايدۇ .
    21 . ئۆزىنى يېڭەلىگەندىلا ئەڭ چوڭ غەلبە قولغا كېلىدۇ ، ئۆزىنى يوقىتىش - بارلىق مەغلۇبىيەتنىڭ باشلىنىشى . 
    22 . گۈزەل تۇرمۇش - ئارزۇ قىلىش ، ھەيران قېلىش ، مىننەتتار بولۇش بىلەن بېزىلىدۇ .
    23 . ساختىلىق بىلەن جان بېقىشتىنمۇ زېرىكىشلىك ، مەنىسىز تۇرمۇش بولمايدۇ . 
    24 . كىشى ئۆز نىشانىنى يوقىتىپ قويمىسىلا ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدۇ

    分享到:

    评论