• ئۇيغۇرلارنىڭ خوشنىدارچىلىق مەدىنىيىتى

    2009-05-17

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39547745.html

    ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخى تۇرمۇشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا ئاز بولمىغان ئۆزىگە خاس مەدىنىيەتلەرنى يارىتىپ، دەۋرلەردىن دەۋرلەرگىچە ئەلۋادمۇ - ئەۋلاد داۋام ئەتكۈزۈپ، تا ھازىرغىچە مىللىي ئەنئەنە سۈپىتىدە ساقلاپ كەلمەكتە.
    ئۇيغۇرلارنىڭ خوشنىدارچىلىق مەدىنىيىتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئىككى تەرەپ خوشنىلار ۋە كۆچۈپ كەتكەن خوشنىلار بىلەنمۇ خۇددى بىر تۇققان قېرىنداشلاردەك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتۈشتەك خاسلىقى بىلەن باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

    خوشنىدارچىلىقنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە:
    1. ئۇيغۇرلاردا «يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى خوشنا ئەلا» دەيدىغان ماقال بار، دېمەك ئىنساننىڭ بېشىغا ئىش كەلمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ، بەندىنىڭ ئاللاھقا ھاجىتى چۈشكەندىن سىرت، بىر - بىرىگە ھاجىتى چۈشۈپ تۇرۇش ئادەتتىكى ئەھۋال، ھەر قانچە باي - باياشات ئائىلىلەردىمۇ ھەر كۈنى توققۇزى تەل بولۇپ تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، ئويلىمىغان يەردىن تۇيۇقسىز بىرەر نەرسە لازىم بولۇپ قالغاندا دەرھال خوشنىلارنىڭ ئۆيىگە سوراپ كىرسە شۇ نەرسە بولسىلا ئايىماستىن، ئۆزىگە قالماسلىقىدىن ۋە بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەستىن دەرھال ئەپچىقىپ ھاجەت بولغۇچىغا بېرىدۇ. نەرسە سوراپ كىرىشنىڭ نەقەدەر قىيىن ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بولسىمۇ ئوڭايسىز ئەھۋالدا قالدۇرمايدۇ.

    2. بىرەر ئىشتا كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچراپ، ئىچى سىقىلىپ ئولتۇرغاندا، يېقىن خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ھال - مۇڭ بولۇشقا دىلى تارتىپ، يولۇققان مەسىلىلەرنى ئېيتىشىپ، بىر - بىرىگە تەسەللى بېرىپ يىنىكلەپ چىقىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋال داۋاملىق بولمىسىمۇ تۇرمۇشتا ھەر كۈنى خۇشال ياشايمەن دېگىلى بولمىغاچقا بەزى كۈنلىرى ئادەمنىڭ كەيپىياتى بىنۇرمال، ھېچ ئىشقا قولى بارمايدىغان، تۇراقسىز ھالەت كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، تۇققانلارنى ئىزدەپ پاراڭلىشاي دېسە دېگۈچىلىكى يوق ئىشلار، ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرىۋەرسە تېخىمۇ سىقىلىپ، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئاسانلا ئازارلىشىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى سالامەتلىككە ئىنتايىن  زىيانلىق، شۇڭا بۇنداق چاغلاردا دىلى تارتىدىغان خوشنىلارنىڭ تەسەللىسى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.

    3. كىچىك باللىرى بار كىشىلەر دەرھال سىرتقا چىقىدىغان بولۇپ قالغاندا بالىسىنى ئۆيدە يالغۇز قويۇپ قويۇش ئەپسىز بولسا خوشنىلارنىڭ ئۆيلىرىگە تارتىنماي كىرىپ بالىغا قاراپ تۇرۇشنى ھەمدە ھويلا - ئاراملىرىغا ئىگە بولۇپ قويۇشنى تاپىلىغاندا خوشنىسى خۇددى ئۆزىنىڭ بالىسىغا قارىغاندەك قاراپ قويىدۇ، ھەتتا قوچاقتىكى بالا بولمىسىلا بىر نەچچە كۈنلەپ «ئامانەت بالا» دەپ ئەتىۋارلاپ ياخشى كۈتۈپ قاراپ تۇرىدۇ، پات - پات چىقىپ خوشنىسىنىڭ ئىشىكىنى يوقلاپ تۇرىدۇ، كېچىسى تاراق - تۇرۇق ئاۋاز ئاڭلانسا ئالايىتەندە چىقىپ خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ باقىدۇ. بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى باللىرىدىن ھېچقانداق غەم - ئەندىشىسىز خاتىرجەم جىددى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ قايتىپ كېلىپلا ئۇدۇل خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ رەھمەتلىرىنى ئېيتىشىپ باللىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ.

    4. تاماق ئەتكەندە ئاز دېگەندىمۇ بىر -ئىككى  كىشىلىك تاماقنى كۆپرەك ئېتىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان، شۇڭا ئۇيغۇرلار  ئۇشتۇمتۇت بىر نەچچە مېھمان كىرىپ قالسا، ئارتۇق ئەتكەن تاماققا ئۆزلىرى يىمەكچى بولغان تاماقتىن ئازراقتىن قىسىپ ھەتتا 3-4 مېھماننىمۇ چاندۇرماي تاماقلاندۇرالايدۇ. «ئەتكەن تامىقىڭدا خوشناڭنىڭمۇ ھەققى بار» دېگەن ماقال خەلق ئىچىدە كەڭ تارقالغان بولۇپ  ھېچكىم كىرمىگەن كۈنلىرى يان -  بەل خۇشنىلىرىغا بىر چىنىدىن تاماق سۇنۇشۇپ بارنى تەڭ كۆرۈشنى ئۆز ئادىتىگە ئايلاندۇرغان. بولۇپمۇ داۋاملىق ئەتمەيدىغان، قول تۇتىدىغان،  تاڭسىق، ياكى ئالاھىدە دورىلىق تاماقلارنى (ئۆپكە - ھېسىپ، كۆك چۆچۈرىسى، كاۋا مانتىسى، چۈلە، يومدان.....قاتارلىق) ئەتكەندە ئىككى يان، ئۇدۇل، ئارقا تەرەپتىكى بىر قانچە خوشنىلارغا سۇنۇپ تەڭ يەيدىغان، ئوخشىغان تاماقلىرىنى بىر - بىرىگە سىقىنىدىغان ئادەت خوشنىدارچىلىق مەدىنىيىتىمىزدىكى ئالاھىدە تۈرلەرنىڭ بىرىدۇر.

    5. ئۆيدە يالغۇز قېلىپ ياكى كىچىك بالىلىرى بىلەن قالغاندا تۇيۇقسىز بىتاپ بولۇپ قالسا، ھەتتا ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقى ئاغرىپ كەتسە دەرھال تەجرىبىلىك خوشنىسىنى چاقىرتىدۇ، خوشنىلارمۇ ھەر قانچە زۆرۈل ئىشى بولسىمۇ تاشلاپ، ئۇ ئىشقا جىددى قاراپ يۈگرەپ كىرىپ قولىدىن كېلىشىچە ياردىمىنى ئايىماي چارە - ئاماللارنى ئىزدەيدۇ، ئېغىرراق ياتقان بولسا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتۈشكە ياردەملىشىدۇ، يەڭگىلرەك كېسەل بولسا دەرھال لازىملىق نەرسىلەرنى تەييارلاپ ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىشقا تېرىشىدۇ، ئەگەر بىر نەچچە كۈن يېتىپ قالغۇدەك بولسا ھەر كۈنلىكى تاماق ئېتىپ بېرىپ كېسىلىنى باقىدۇ، ئۇششاق باللىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، يوقلاپ كىرگەنلەرنى خۇددى ئۆزىنىڭ مېھمىنىنى كۈتكەندەك كۈتۈپ يولغا سالىدۇ. خوشنىسى بالنىستا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان بولسا باشقا خوشنىلار ھەر قانچە يىراق بولسىمۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلايدۇ، ھەرگىزمۇ چىرايىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى، كېسىلىنىڭ ئېغىر ئېكەنلىكىنى تىلغا ئالمايدۇ.

    6. كۈندە ئۇچرىشىپ سالاملىشىپ تۇرىدىغان خوشنىلاردىن بىرەرسى بىر - ئىككى كۈن يوقاپ كەتسە ئەنسىرەپ سۈرۈشتىسىنى قىلىشىدۇ ۋە ئۆيلىرىگە كىرىپ ئالاھىدە ھال - ئەھۋال سورايدۇ، ئۆي ئىگىسىمۇ خۇددى يىراقتىن كەلگەن ئېزىز مېھماننى كۈتىۋالغاندەك ئاستىغا كۆرپە سېلىپ، قولغا سۇ بېرىپ، داستىخان ھازىرلاپ، چاي دەملەپ،  بار نىئىمەتلىرى بىلەن قىزغىن كۈتىۋالىدۇ، شۇ ئارقىلىق رەھمىتىنى ئىپادىلەيدۇ.

    7. خوشنىسىنىڭ ئۆيىدە توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يىتىم ئىشلىرى بولغاندا ئۆز ئىشىدەك بىلىپ باغاق تارقىتىدىغان، ئەتتىگەندە سەھەر تۇرۇپ مېھمانلار كېلىشتىن بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ ۋە شۇ خوشنىسىنىڭ ئىشىك ئالدىلىرىنى پاكىز سۈپۈرۈپ، سۇ سېپىپ ئادەتتىكى كۈنلەردىن باشقىچە پاكىز مۇھىت يارىتىپ بېرىدىغان، باشقا مېھمانلاردىن بۇرۇن كىرىپ ئېغىر - يىنىك ئىشلىرىغا قارىشىپ بېرىدىغان، يىراقنى يېقىن قىلىدىغان، ياخشى مەسلەھەتلەرنى بېرىدىغان، ئائىلە سايمانلىرى يىتىشمەي قالسا ئۆزىنىڭكىنى ۋە باشقا خوشنىلارنىڭكىنى يىغىپ تەڭ ئىشلىتىدىغان، مېھمانلارنى بىرلىكتە ئۇزۇتىدىغان، يىراقتىن كەلگەن مېھمانلىرى كۆپ بولسا ئۆيلىرىگە ئاچىقىپ قوندۇرىدىغان، ھاردۇق تاماقلىرىنى ئېتىپ ئەكىرىپ مەرىكە ئىگىسىگە ئىچكۈزىدىغان، مەرىكە ئاخىرلاشقاندا بولسا خوشنىلار كىرىپ ھاردۇق سورايدىغان ئادەتلەر ئالاھىدە  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئېسىل ئادەتلەرنىڭ بىرىدۇر.

    8. خوشنىسى مۇسىبەتلىك بولۇپ يىراققا ئۆلۈم ئۇزاتقىلى كەتكەن بولسا خوشنىلار ئۆز - ئارا يىغىلىپ ئارقىسىدىن بېرىپ پەتە ئوقۇيدۇ، ھال - ئەھۋال سورايدۇ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يەنى نەزىر ئاخىرلاشقاندا بېرىپ يۆتكەپ ئەكىلىدۇ. قولى ئىشقا بارغۇچە ھەر كۈنى بىر خوشنا تاماق ئېتىپ ئەكىرىپ ئىسسىقلىق بېرىدۇ.

    9. بىرەر خوشنىسى مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن باشقا جايغا كۆچۈپ كەتكەن بولسا ئۆي كۆچۈش، يۇغۇشتۇرۇش ئىشلىرىغا ياردەملەشكەندىن سېرت، ئارقىسىدىن بېرىپ ھاردۇق سورايدۇ ۋە يېڭى ئۆيىنى مۇبارەكلىشىدۇ. «كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق» قىلماي پات - پات  بېرىپ ئەھۋاللىشىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا ھەر قانداق ئىشلىرى بولسا خۇددى بۇرۇنقىدەكلا ئىزدىشىپ مەرىكىلەرگەچاقىرىشىپ بىللە بېرىشىدۇ، ئالاقىسىنى ئۈزىۋەتمەيدۇ.

    10. خوشنىلارنىڭ باللىرى جىدەللىشىپ قالغان بولسا ئاتا - ئانا بولغۇچىلار ئالدىراپ بالا ئارىسىغا كىرمەيدۇ، خېلى ئېغىر زەخمىلىنىش كېلىپ چىققان بولسىمۇ چاندۇرماي داۋالىتىپ ساقايتىۋالىدۇ، قارشى تەرەپمۇ خىجىللىقىنى بىلدۈرۈپ بىرلىكتە داۋالىتىپ ، كۈندە ئەھۋال سوراپ تۇرىدۇ، ۋە باللىرىغا تەربىيە بېرىپ ئۆز - ئارا ئەپلىشىپ ئويناشقا دەۋەت قىلىشىدۇ.

    11. خوشنىلار مەيلى باشقا مىللەتتىن بولسۇن، مەيلى باشقا يۇرتلاردىن كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولسۇن خوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ، يۇرتۋازلىق قىلىنمايدۇ، قېرىنداش مىللەتلەر بولسا ئۇلارنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا مۇئامىلە قىلىدۇ، گەپ - سۆزدە ئېھتىيات قىلىشىدۇ.

    12. تونۇرغا نان ياقماقچى بولغانلىرىدا ياكى چوڭراق مەرىكىلەرنىڭ تەييارلىقلىرىنى قىلغاندا ئەتراپتىكى بارلىق خوشنىلار بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ قىلىشىپ بېرىدۇ، تونۇر بېشىدا مۇڭداشقاچ، تەجرىبە ئالماشتۇرغاچ نان ئېچىشىپ، نان ياقالمايدىغانلارغا يېقىپ بېرىپ، بىر - بىرىگە ئىسسىق نان سۇنۇشۇپ بارنى تەڭ كۆرۈپ ئۆتىدۇ.

    13. روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، نەۋرۇز بايراملىرىدا ئەڭ ئاۋال ئاتا - ئانىلارنى، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ قەۋرىلىرىنى يوقلاپ كېلىپلا تۇنجى بولۇپ يېقىن خولۇم - خوشنىلارنىڭ ئۆيلىرىگە پەتە (سۈرە فاتىھە) ئوقۇيدۇ، بىر نەچچە خوشنىلار يىغىلىپ باشقا خوشنىلارنىڭ ئۆيلىرىگە پەتە ئوقۇپ كىرىدۇ، چوڭلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن باللىرىنىڭمۇ ھېيتلىرىنى تەبرىكلەپ ھېيتلىق بېرىپ كىچىكلەرنىمۇ خۇش قىلىدۇ. جامائەت سورۇنلىرىدىمۇ يىقىن خوشنىلار ئۆز ئارا ئىززەت - ھۆرمەت قىلىشىپ ئولتۇرىدۇ.

    14. ئويلىمىغان يەردىن كېلىشمەسلىك بولۇپ خوشنىسىنىڭ ئېغىر كۈنگە قالغانلىقىنى سەزگەندە قۇربىتىنىڭ يېتىشىچە ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەم قولىنى سېخىلىق بىلەن سۇنىشىدۇ، پۇل قەرز بېرىپ تۇرغان بولسا قايتۇرالمىغۇدەك ھالدىكىلەرنى قەرزنى سۈيلەپ خىجەلەت قىلمايدۇ، خوشنىلار ئىچىدە پېقىر، يىتىم، ئاجىز كىشىلەر بولسا بېشىنى سىلاپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئۆيلىنەلمىگەنلەرنى ئۆيلەپ، ئۆيى يوقلارنىڭ ئۆي سېلىۋېلىشىغا ياردەملىشىدۇ.

    15. خوشنىسى يىراق سەپەرگە ئاتلانماقچى بولۇپ خوشلۇشۇپ كىرسە يولدا كېرەكلىك نەرسە - كېرەك ۋە يېمەكلىك بىلەن چىرايلىق ئىززەتلەپ يوللۇق تۇتۇپ ، ياخشى تېلەكلەر بىلەن ئۇزۇتۇپ يولغا سالىدۇ. قايتىپ كەلگەندە ئالاھىدە  ئىسسىقلىق ئېلىپ ھاردۇق سوراپ كىرىدۇ، ياكى تاماق ئېتىپ ئۆيىگە چاقىرىۋالىدۇ.

    16. تېرىلغۇ  ۋە ئورام - يىغىم  مەزگىللىرىدە ئېتىز - ئېرىقنىڭ ئىشلىرى، سۇ تۇتۇپ قويۇش، تېرىش، ئوراش، يىغىۋېلىش، كۆچەت تىكىپ باغ ئەھيا قىلىش،،،،، قاتارلىق ئىشلاردا خوشنىلار  بىرلىشىپ بىر ئائىلىنىڭ ئىشىنى تۈگىتىپ بولۇپ يەنە بىر ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىدۇ.

    مانا بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ خوشنىدارچىلىقىدىكى ئېسىل ئادىتلىرىدۇر.

    تەرەققىياتقا ئەگىشىپ ھازىرقى ئۆيلىرىمىز قەۋەتلىك بىنالارغا مەركەزلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنە يۇقۇرقى ئادەتلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ساغلام ھالەتتە ساقلىنىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ، تېخىمۇ ياخشى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن زور تېرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە مۇشۇنداق ئېسىل خىسلەتلىرىمىزنى يوقاتماي گۈزەل، ئىناق، ئىتتىپاق بولغان يېقىن خوشنىدارچىلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ ئۆتۈشىمىز لازىم.

    ئاتا - ئانىمىزنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى ۋە چوڭلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئۆزىمىزنىڭ ئەمىليىتىمىزدە قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى قىسقارتىپ يېزىپ چىقتىم، يەنە ئوخشىمايدىغان ھەمدە چالا قالغان تەرەپلىرى بولسا كۆپچىلىكنىڭ تولۇقلىما بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    分享到: