• چەتئەل ئائىلە تەربىيىسىدىكى 40ماددا

    2009-05-17

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39509040.html

       
       

    چەتئەل ئائىلە تەربىيىسىدىكى 40ماددا 

    ئامېرىكا ئالىمى داۋىي يەكۈنلىگەن بالاتەربىيىسىدىكى 40ماددىدا غەربنىڭ ئائىلە تەربىيىسى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن:

    1.بالىلار سورىغان سۇئاللارغا سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىش؛

    2.بالىلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسلىە ۋە كۆزقاراشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش؛

    3.بالىلار ئۆزئەسەرلىرىنى تىزىپ تولۇق نامايەن قىلىدىغان ئىشكاب ئورنىتىب بېرىش؛

    4.بالىلارنىڭ ھوجرىسى ،شۇنداقلا ئۈستەللەرنىڭ ئۈستى ناھايىتى قالايمىقان بولسىمۇ پەقەت ئۇلارنىڭ ئىجادى پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا ،ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىك؛

    5.بالىلارنىڭ ئوينىشىغا بىرەرئۆي ياكى ئۆينىڭ بىرقىسمىنى بېرىش؛

    6.بالىلارغا ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئوماق ئىكەنلىكىنى ،ئۆزىنى قايتا كۆرسىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش؛

    7.بالىلارغا ئۆزى قىلالىغۇدەك ئىشنى ئۆزىگەقىلدۇرۇش؛

    8.بالىلارغا ئۆزى قىلالىغۇدەك ئىشنى ئۆزىگەقىلدۇرۇش؛

    9.بالىلارنى ئۆزى قىزىقىدىغان جايغا ئاپىرىپ ئوينىتىش؛

    10.بالىلارنىڭ تاپشۇرۇغىنى تۈزىتىشىگەياردەم بېرىش؛

    11.بالىلارنىڭ ئوخشىمىغان ئىجتىمائى مەدەنىيەت قاتلىمىدىن كەلگەن بالىلار بىلەن نورمال بېرىپ-كېلىش قىلىشىغا

    ياردەم بېرىش ؛

    12.ئائىلە باشلىقلىرى يېتىلدۈرەەنمۇۋاپىق ھەكەت ئادىتىنى بالىلارغا كۆڭۈل قويۇپ دوراتقۇزۇش؛

    13.بالىلارغا ئۆزلىرىنىڭ باشقا بالىلاردىن ناچار ئىكەنلىكىنى ئېيتماسلىق؛

    14.بالىلارنى ئائىلە ئىشلىرى پىلانىنى تۈزۈشكە قاتناشتۇرۇش ۋە سىرتقا ساياھەتكە چىقىش ئىشىغا قاتناشتۇرۇش؛

    15.بالىلارنىڭ ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلاربىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇش؛

    16.بالىلارغا چوڭ ئادەملەربىلەن ئەركىن ئالاقە قىلشنى ئۆگىتىش؛

    17.بالىلارغا قەرەللىك كىتاب ئوقۇپ بېرىش؛

    18.بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاب كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش؛

    19.بالىلارنى ھېكايە ئوقۇشقا ،خىيال قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش؛

    20.بالىلارنىڭ شەخسى تەلىپىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش؛

    21.ھەركۈنى ۋاقىت چىقىرىپ ،بالىلاربىلەن بىللە بولۇش؛

    22.بالىلارنى تىل-ئاھانەت بىلەن ئەيىبلىمەسلىك؛

    23.بالىلارنى خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن مەسخىرە قىلماسلىق؛

    24.بالىلارنىڭ شېئىر يادلىيالايىدىغانلىقى ،ھېكايە ئېيتالايدىغانلىقى ۋە ناخشا ئېيتالايدىغانلىقىنى دائىم ماختاش؛

    25.بالىلارغا مەسىلىلەرئۈستىدە مۇستەقىل پىكىر قىلدۇرۇش؛

    26.ئىنچىكەتەجرىبە پىلانى تۈزۈپ ،بالىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى چۈشىنۋېلىشىغا يادرەم بېرىش؛

    27.بالىلانىڭ ھەرخىل تاشلاندۇق نەرسىلەرنى ئوينىشىغا يول قويماسلىق؛

    28.بالىلارنىڭ مەسىلىلەرنى بايقىشغا ،ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ئىلھام بېرىش؛

    29.بالىلار قىلغان ئىشلار ئىچىدىن ماختاشقا ئەرزىگۈچىلىگى بار جايلارنى ئۈزلۈكسىزئىزدپ تۇرۇش؛

    30.بالىلارنى قۇرۇق ۋە سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن تەقدىرلىمەسلىك؛

    31.ئۆزىنىڭ بالىلارغا بولغان بولغان ھېسياتىغا سەمىمى باھا بېرىش؛

    32.ئائىلە باشلىغىنىڭ بالىلاربىلەن مۇزاكىرە قىلسا بولمايدىغان گەپ تېمىسى بولماسلىق؛

    33.پۇرسەت بولسىلا ،بالىلارنىڭ ھەقىقى قارارچىقىرىشىغا يول قويۇش؛

    34.بالىلارنىڭ خاس خاراكتېرغا ئىگەبولىشغا ياردەم بېرىش؛

    35.بالىلارنىڭ دىققەت قىلىشقائەرزىيدىغان تېلىۋىزىيە نومۇرلىرىنى تېپىپ چىقىشغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش؛

    36.بالىلارنىڭ ئۆزقابىلىيىتىنى تونۇش ئىقتىدارىنى پائال جارى قىلدۇرۇش؛

    37.بالىلارمەغلۇپ بولغاندا ،كۆزگەئىلماسلىق پوزىتسىيەسىنى تۇتماسلىق ھەمدە بالىغا نىسبەتەن <<مەنمۇ مەغلۇب بولۇشۇم مۇمكىن>>دېيىش؛

    38.بالىلارنىڭ ئىمكانقەدەر چوڭلارغا يۆلىنۋالماسلىقىغا ئىلھام بېرىش؛

    39.بالىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ئىشىنىش؛

    40.بالىلارنىڭ ئۆزلىرى شۇغۇللىنۋاتقان خىزمەتنىڭ ئاساسى قىسمىنى مۇستەقىل ئورۇندىشغا يول قويۇش،نەتىجىلك ئاخرلاشتۇرىدىغانلىقىدن ئەنسىرمەسلىك؛

    分享到: