• تاماكا تاشلاشنىڭ بىر يۈرۈش چارە-ئۇسۇللىرى

    2009-05-16

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39483774.html

    تاماكا تاشلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ شەرت

    تاماكا چەككۈچىلەر تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى چۈشەنگەن ھامان، كۆپىنچىسىدە تاماكا تاشلاش ئويى تۇغۇلىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشى ھەمىشە قەتئىي ئىرادىگە كېلەلمىگەنلىكتىن تاماكا تاشلاشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسالمايدۇ. پائالىيەت پېنى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىرادە، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ماھارەت مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماكا تاشلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ شەرت ئىكەن.
      قەتئىي ئىرادىگە كېلىش. ئاۋۋال تاماكا چېكىشنىڭ ئۆز سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنىنى تولۇق تونۇپ يېتىش ھەمدە تاماكا تاشلاشتىكى سەۋەبنى كۆزگە چىلىقىدىغان جايغا يېزىپ قويۇش، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۇنى بىرنەچچە قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇش كېرەك. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان «خۇمار تۇتۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامىتى»نى نىكوتىننىڭ بەدەندىن چىقىرىلىپ، ساغلاملىقنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالى دەپ قاراپ، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن سالماق مۇئامىلە قىلىش لازىم. تاماكا تاشلاشتا باسقۇچلۇق ئۈنۈمگە ئېرىشكەندە ئۆز-ئۆزىنى مۇكاپاتلاپ، تاماكا تاشلاشنىڭ ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيىتىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
      ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ساقلاش. ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان تاماكا تاشلاش تەجرىبىسىنى «مەغلۇبىيەت» دەپ قارىماسلىق كېرەك. ئەگەر ئۇنى بىر قېتىملىق ئۆگىنىش پۇرسىتى دەپ قارىساق تاماكا تاشلاش ئىشەنچىمىز تېخمۇ كۈچىيىدۇ. تاماكا تاشلاشنى يېڭى باشلىغاندا ئۆمۈرلۈك تاماكا تاشلاشتەك چوڭ نىشاننى بىراقلا تۇرغۇزۇۋالماسلىق كېرەك. ئەگەر ھەر قېتىمدا ئەمەلگە ئاشسا، شۈبھىسىزكى تاماكا تاشلاش ئىشەنچىمىز زور دەرىجىدە كۈچىيىدۇ.
      ماھارەتنى ئىگىلەش. تاماكا تاشلاشنى باشلايدىغان كۈنگە ئاي بېشى، تۇغۇلغان كۈن دېگەندەك يېڭى باشلىنىشنى بىلدۈرىدىغان كۈنلەرنى تاللىغاندا، تاماكا تاشلاشقا ياخشى كەيپىيات ئاتا قىلغىلى بولىدۇ. تاماكا خۇمارى تۇتقاندا چوڭقۇر نەپەسلىنىش، سۇ ئىچىش، سېغىز چايناش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا دىققەتنى ئۈنۈملۈك بۇرىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دوستلارنىڭ تاماكا تۇتۇشى، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئاۋارىگەرچىلىككە ئۇچراش، كەيپىيات چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا مۇناسىپ قارشى تەدبىر تۈزۈپ، «سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇش» كېرەك. تاماكا تاشلاش جەريانىدا تاماكا تاشلاش دورىلىرىنى ئىشلىتىش، يىڭنە سانجىش دېگەندەك قوشۇمچە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدىن مەقسەت تاماكا تاشلاشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئازابنى يېنىكلىتىپ، تاماكا تاشلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
      قىسقىسى، قەتئىي ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، تاماكا تاشلاشنى بىر «جەريان» دەپ بىلىپ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بوشاشماس روھ بىلەن خىرىسنى ئۈزلۈكسىز كۈتۈۋالسىڭىزلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز.

    تاماكا تاشلاشنىڭ ئالتە ئېپى

      1. تاماكا تاشلاش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. تاماكا تاشلىغۇچىلار تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى بىۋاستە ھېس قىلىپ، تاماكا تاشلاشنى ئاڭلىق تەلەپ قىلىشى لازىم.
      2. ياخشى بولغان ئورنىغا دەسسىتىش ئۇسۇلىنى تېپىش كېرەك. تاماكا تاشلىغۇچىلار تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ھەمىشە «قىلغىلى ئىش قالمىغان»دەك ھېس قىلىدۇ، خىزمەت ئورنى ياكى ئۆيگە سېغىز، گازىر، مېۋە-چېۋە دېگەنلەرنى قويۇپ قويغاندا، ئۈلارغا «مەنىسىزلىك»نى ھېس قىلدۇرماسلىقى مۇمكىن.
      3. تاماكا چېكىش سايمانلىرىنى، مەسىلەن، چاقماق، كۈلدان، تاماكا قاتارلىقلارنى تاشلىۋېتىپ، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ «شەرتلىك رېفلېكس»ىنى ئازايتىش كېرەك.
      4. تاماكا چېكىشنىڭ قىزىقتۇرۇشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىپ، دوست-بۇرادەر ۋە خىز مەتداشلارنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ يېڭى باشلىغاندا تېخىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك.
      5. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ۋە ئۈنۈملۈك تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىش، شۇنداقلا كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ باشقا قىزىقارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا دىققەتنى بۇرىغىلى بولىدۇ. تەنھەرىكەت جىددىيلەشكەن نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرىدۇ. كەيپىيات مۇقىم بولغاندىلا ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
      6. قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، قايتا چېكىشنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىش كېرەك. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن يەنە بىرنى تارتىپ قويۇش ياكى بىر تال چېكىپ سېلىش تاماكا تاشلاش مەغلۇپ بولغانغا تەڭ ئەمەس، سەۋەبىنى كۆڭۈل قويۇپ تېپىپ چىقىپ، تەكرار سادىر قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.


    تاماكا تاشلاشقا ياردەم بېرىدىغان قىزىقارلىق 15 ئۇسۇل


      تاماكا تاشلاپ باققانلارنىڭ ھەممىسى تاماكا تاشلاش تەس، تاماكا تاشلاش كەمپۈتى يېگەن، تاماكا تاشلاش مۇشتىكى سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ ئادەمنىڭ ئىچى پۇشۇپ تىتىلداپ، ئاخىرقى بىر تالنى چېكىۋالغۇسى كېلىدۇ، نەتىجىدە تاماكا تاشلاش پىلانىنى تاماملىيالمايدۇ، دەيدۇ. تۆۋەندە سىزگە تاماكا تاشلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان بەزى قىزىقارلىق ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرىمىز:  

    1. ئۆزىڭىزنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىلىك پىلانىڭىزنى تۈزۈپ، ۋاقىت جەدۋىلىنى ئۆزىڭىزگە تاماكا چەككىلى بىر سېكۇنتمۇ ۋاقىت قالمىغۈدەك ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
      2. تاماكىنىڭ ھەممىسىنى تاشلىۋېتىڭ؛ ناۋادا بىر كىمنى ياقتۇرمىسىڭىز، شۇنىڭغا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
      3. ھەر كۈنى سەھەردە ئۆزىڭىزگە: مەن تاماكىدىن بىزار، مەن تاماكىغا ئۆچ، دەڭ.
      4. بىر يۈرۈش ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئۆگىنىپ، تاماكا چەككۈڭىز كەلگەندە سەكرەپ-تاقلاپ تازا تەرلەڭ.
      5. بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ياكى چىلان-لوڭيەن چېيى تەييارلاپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنى: سالامەتلىك كۆڭۈل قويۇپ ئاسراشقا موھتاج، دەپ ئاگاھلاندۇرۇڭ.
      6. ھېسابلاپ بېقىڭ: بىر يىللىق تاماكا پۇلىنى ئىقتىساد قىلسىڭىز داڭلىق سائەتتىن بىرنى ئارتۇق سېتىۋالالىشىڭىز مۇمكىن.
      7. ئىلگىرىكى تاماكا سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىدىغان پۇلنى «ئۈمىد قۇرۇلۇشى»غا ئىئانە قىلىشمۇ توغرا تاللاشتۇر.
      8. بىر نەچچە تەشتەك چىرايلىق گۈل ئۆستۈرۈپ، مىجەزنى تاۋلاپ، دىققەتنى ئىمكانقەدەر بۇراڭ.
      9. ئۆيلەرنى تازىلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيارىڭىزنى پاكىزە، رەتلىك، ساپ تۇتۇڭ.
      10. ئۆزىڭىز ئادەتتە ياخشى كۆرىدىغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەردىن سېتىۋېلىڭ، مېۋە-چېۋىنى كۆپ يەڭ.
      11. ئەتراپىڭىزدىكى دوستلىرىڭىزغا: «مەن تاماكا تاشلىدىم» دەپ، ئۇلارنى تاماكا تاشلىغانلىقڭىزغا گۇۋاھچى قىلىڭ.
      12. تاماكا چېكىۋاتقانلارنى كۆرگەندە كۆڭلىڭىزدە: «ئەخمەق، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىۋاتىسەن» دەڭ.
      13. ئەگەر بىرسى سىزگە تاماكا تۇتسا، سىز ئۇنىڭغا باشقىلار بىلەن باغلاشقانلىقڭىزنى، ئەگەر بىر تال چېكىپلا قالسىڭىز 15-قەۋەتتىن سەكرىشىڭىزگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىڭ.
      14. ئۆزىڭىزنى: مېنىڭ ئىرادەم ھەقىقەتەن كۈچلۈك، ھەتتا تاماكىنىمۇ تاشلىۋەتتىم، دېمەك مەن قىلالمايدىغان ئىش يوق، دەپ ماختاڭ.
      15. دائىم ئۆينى يوقلاپ تۇرۇڭ، تاماكا ئالىدىغان پۇلغا ئازراق سوۋغات سېتىۋىلىپ ئاتا-ئانىڭىزغا تەقدىم قىلىڭ.

    تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماكا تاشلاشنىڭ 12 ئۇسۇلى

      تاماكا چېكىش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق، شۇڭا تاماكىنى بۇرۇنراق تاشلاش كېرەك. تاماكا تاشلاشنىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى كۆپ، تۆۋەندىكى 12خىل تاماكا تاشلاش چارىسىنى كۆپچىلىك سىناپ باقسا بولىدۇ:
      1. مەقسەتلىك ھالدا بىر-ئىككى كۈن تاماكىنى مىقداردىن ئارتۇق چېكىپ (ھەر كۈنى ئىككى قاپ ئەتراپىدا)، بەدەننى تاماكىنىڭ پۇرىقىدىن بىزار قىلىش ئارقىلىق تاماكا تاشلاش ياكى سوغۇق تېگىپ زۇكامداپ تاماكا چەككۈسى كەلمەي قالغاندا تاماكا تاشلاش كېرەك.
      2. ئۆزىڭىزنىڭ تاماكا چېكىۋاتقانلىقڭىزنى ئويلاش بىلەن بىرگە كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان ئىشلارنى (مەسىلەن، قولىڭىزدىكى تاماكا قېپى ياكى تاماكىغا بەلغەم يۇقۇپ قالغان دېگەندەك) تەسەۋۋۇر قىلىڭ.
      3. تاماكا تاشلىشىڭىزدىكى سەۋەبنى قەغەزگە يېزىپ، دائىم ئوقۇپ تۇرۇڭ؛ مۇمكىن بولسا ئىمكانقەدەر يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ تۇرۇڭ.
      4. ستېۋىلىشنى ئويلىغان نەرسىلەرنى يېزىپ، ئۇنىڭ باھاسى بويىچە شۇ پۇلغا قانچە قاپ تاماكا سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاڭ. ھەر كۈنى تاماكا ئالىدىغان پۇلنى غەللىگە سېلىڭ. ھەر ئايدا بىر قېتىم پۇلنى ساناپ تۇرۇڭ.
      5. دوستلىرىڭىز بىلەن باغلىشىپ، تاماكا تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىڭ، ئەلۋەتتە بۇنىڭدا ئۆزىڭىزنىڭ تاماكا پۇلىڭىزنى «دوغا تىكسىز».
      6. پاچكىلاپ تاماكا سېتىۋالماڭ.
      7. تاماكا، سەرەڭگە ياكى چاقماقنى يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرمەڭ.
      8. تاماكىڭىزنىڭ ماركىسىنى ھەر ھەپتىدە بىر ئالماشتۇرۇڭ، ئەمما يېڭى ماركىدىكى تاماكىنىڭ كوكس مېيى مىقدارى بۇرۇنقى ماركىدىكى تاماكىنىڭكىدىن چوقۇم تۆۋەن بولسۇن.
      9. ئىس تەركىبىدىكى زەھەرنىڭ ئۆپكە، بۆرەك ۋە قان تومۇرغا يەتكۈزىدىغان زىيىنىنى دائىم مۇلاھىزە قىلىڭ.
      10. تاماكا پۇرىقىنىڭ نەپەسلىنىش، كىيىم-كېچەك ۋە ئۆي ئىچىدىكى بىساتلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىڭ.
      11. ئۆز قىلمىشىڭىزنىڭ ئائىلىدىكى باشقا ئەزالارغا يەتكۈزۈدىغان زىيىنىنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ، ئۇلار بۇلغانغان ھاۋادىن نەپەسلىنىۋاتىدۇ.
      12. ئۆزىڭىزدىن ساغلاملىقىڭىزنىڭ ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىڭىز، دوستلىرىڭىز ئۈچۈن مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكىنى سوراپ بېقىڭ.

    قانداق قىلغاندا تاماكىنى ئۈنۈملۈك تاشلىغىلى بولىدۇ؟

      ئاۋۋال تاماكا تاشلاشنىڭ پايدىسىنى تونۇپ يېتىش كېرەك. پەقەت بىر كۈن تاماكا تاشلىسىلا تاماكا تاشلاشنىڭ يۈرەك، قان بېسىمى ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا ئېلىپ كىلىدىغان پايدىسى ئېنىق ئايان بولىدۇ. تاماكا تاشلاپ بىر يىلدا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ھەددىدىن زىيادە خەۋپى داۋاملىق تاماكا چەككۈچىلەرگە قارىغاندا %50 تۆۋەنلەيدۇ.
      تاماكا تاشلاپ 5-15يىلدىن كېيىن سەكتە بولۇش خەۋپى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ سەۋىيىسىگە چۈشىدۇ.
      تاماكا تاشلاپ 10يىلدا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى داۋاملىق تاماكا چېكىدىغانلارغا قارىغاندا %50 تۆۋەنلەيدۇ. ئېغىز بوشلۇقى راكى، كېكىردەك راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، دوۋساق راكى، بۆرەك راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى تۆۋەنلەيدۇ، ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەيدۇ.
      تاماكا تاشلاپ 15يىلدا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن تەڭلىشىدۇ. ئۆلۈپ كېتىش ئومومىي خەتىرى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ سەۋىيىسىگە قايتىپ كېلىدۇ. شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا تاماكا تاشلاش كېچىككەنلىك ھېسابلانمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ ياخشىسى ساغلاملىققا ئېغىر زىيان يېتىشتىن ئاۋۋال تاماكىنى تاشلاش كېرەك.
      1.تاماكىنى قانداق تاشلاش كېرەك؟  (1) تاماكىنى تاشلاشنى ھازىردىن باشلاش كېرەك، تاماكىنى مۇتلەق تاشلاش ياكى تاماكا چېكىش قېتىم سانىنى تەدرىجى ئازايتىش ئۇسۇلىدا ئادەتتەئۈچ-تۆت ئايدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.
      (2) بارلىق تاماكا، چاقماق، سەرەڭگە ۋە كۈلدانلارنى تاشلىۋېتىش كېرەك.
      (3) ئىلگىرىكى دائىم تاماكا چېكىدىغان سورۇنلارغا بېرىشتىن ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
      (4) تاماقتىن كېيىن سۇ ئېچىش، مېۋە-چېۋە يېيىش ياكى سەيلە قىلىش لازىم، تاماقتىن كېيىن بىر تال چېكىۋېلىش ئويىدىن قۇتۇلۇش كېرەك.
      (5) تاماكا خۇمارى تۇتقاندا دەرھال چوڭقۇر نەپەسلىنىش ھەرىكىتىنى ئىشلەش ياكى شېكەرسىز سېغىز چايناش كېرەك. ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى تاماكىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشتىن ساقلىنىش لازىم، ئۇنداق قىلمىغاندا قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىش، بەدەن سەمىرىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.
      (6) تاماكىنىڭ قىزىقتۇرۇشىنى قەتئىي رەت قىلىش، يەنە بىر تال تاماكا چەكسىلا تاماكا تاشلاش پىلانىنىڭ نۆلگە تەڭ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزىنى دائىم ئاگاھلاندۇرۇش كېرەك.
      2. تاماكا تاشلىغاندا چىداش تەس بولغان دەسلەپكى بەش كۈننى قانداق ئۆتكۈزۈش كېرەك؟
    تۆۋەندىكى يەتتە تۈرلۈك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ:
      (1) ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا 6-8 ئىستاكان سۇ ئىچىپ، نىكوتىننىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
      (2) ھەر كۈنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇش، تاماكا خۇمارىغا چىدىيالمىغاندا دەرھال يۇيۇنىۋېلىش كېرەك.
      (3) تاماكا تاشلىغان بەش كۈندە يېتەرلىك دەم ئېلىش، تۇرمۇش قانۇنىيەتلىك بولۇش لازىم.
      (4) تاماقتىن كېيىن سىرتقا چىقىپ سەيلە قىلىش، 15-30مىنۇتقىچە چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ھەرىكىتى ئىشلەش كېرەك.
      (5) غىدىقلاش تەسىرىگە ئىگە ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە بولمايدۇ، ئۇنى سۈت، يېڭى مېۋە شەربىتى ۋە دانلىقلار تۈرىدىكى ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە ئۆزگەرتىش كېرەك.
      (6) ئۆي قۇشلىرى تۈرىدىكى يېمەكلىك، مايلىق يېمەكلىك، قەنت-گىزەك، تاتلىق-تۈرۈملەرنى يېيىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.
      (7) ۋىتامىنB تۈرىدىكىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ نىكوتىننى چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ.
    دوختۇرلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، دەسلەپكى بەش كۈن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بويىچە تاماكا تاشلاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملىسە بولىدىكەن:  

    1. تاماقتىن كېيىن چىش چوتكىلاش ياكى ئېغىزنى چايقاش، پاكىزە، تاماكا پۇرىقى يوق كىيىملەرنى كىيىش.
      2. قولىدا تاماكا تۇتىدىغان ئادەتنىڭ ئورنىغا سىياھ قەلەم ياكى قېرىنداش تۇتۇشنى دەسسىتىش.
      3. كۆپرەك ۋاقىتنى كۇتۇپخانىدا ياكى تاماكا چېكىشكە رۇخسەت قىلىنمايدىغان باشقا جايلاردا ئۆتكۈزۈش.
      4. قاۋاققا ۋە زىياپەتكە بېرىشتىن ساقلىنىش، تاماكا خۇمارى ئېغىر كىشىلەر بىلەن بىللە تۇرۇشتىن ساقلىنىش.
      5. تاماكا چەكمەي ئىقتىساد قىلغان پۇلغا ئۆزى ئۈچۈن بىر سوۋغات سېتىۋېلىش.
      6. ئىككى-ئۈچ ھەپتىدە تاماكا چەككۈسى كېلىدىغان ئادەتنى تاشلاشقا ھازىرلىق كۆرۈش.
      يۇقارقىلارنى بىرلەشتۈرگەندە تاماكىنى تامامەن تاشلىغىلى بولىدۇ، مۇھىمى قەتئىي ئىرادە.
    قوشۇمچە:

    تاماكا تاشلاپ 20مىنۇتتىن 15يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەيران قالارلىق بايقاش

      خۇشخەۋەر! سالامەتلىكىڭىز سىز ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تاماكىنى چەككەندىن باشلاپ ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى!
      تاماكا تاشلاپ 20 مىنۇتتىن كېيىن: نىكوتىن قاننىڭ ئېقىشىنى چەكلەيدۇ، شۇڭا تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندىكى نىكوتىن مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن بەدەننىڭ ئايلىنىش سىستېمىسى ياخشىلىنىدۇ، بولۇپمۇ قول ۋە پۇت قىسمىنىڭ شۇنداق بولىدۇ.
      تاماكا تاشلاپ سەككىز سائەتتىن كېيىن: قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارى تاماكا چەكمىگەن چاغدىكى سەۋىيىگە يېتىدۇ، شۇنداقلا بەدەندىكى كاربون چالا ئوكسىدنىڭ مىقدارى %50 ئازىيىدۇ.
      تاماكا تاشلاپ 24 سائەتتىن كېيىن: بەدەندە قىپقالغان كاربون چالا ئوكسىد ئاساسەن يوقىلىدۇ، ئۆپكە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ۋە ئادەمنى بىزار قىلىدىغان باشقا تاماكا قالدۇق ماددىلىرىنى چىقىرىشقا باشلايدۇ.
      تاماكا تاشلاپ 48 سائەتتىن كېيىن: نىكوتىن تولۇق يوقايدۇ، تەم سەزگۈڭىز ۋە پۇراش سېزىمىڭىزنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
      تاماكا تاشلاپ 72 سائەتتىن كېيىن: نەپەسلىنىش تېخىمۇ يەڭگىلىشىدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن روھىي ھالىتىڭىزدە ياخشىلىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايسىز.
      تاماكا تاشلاپ ئۈچ ئايدىن توققۇز ئايغىچە: ھەر قانداق نەپەس مەسىلىلىرى ياخشىلىنىدۇ ھەمدە ئۆپكىنىڭ ئۈنۈمى %10 ئاشىدۇ.
      تاماكا تاشلاپ بىر يىلدىن كېيىن: كۆپىيىش ئىقتىدارى %33 ئاشىدۇ.
      تاماكا تاشلاپ بەش يىلدىن كېيىن: يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تاماكا چېكىشتىن ئاۋۋالقىنىڭ يىرىمىغا تۆۋەنلەيدۇ، سەكتە بولۇش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن تەڭلىشىدۇ.
      تاماكا تاشلاپ 10 يىلدىن كېيىن: ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى نورمال ئادەملەرنىڭ يېرىمىغا يېتىدۇ.
      تاماكا تاشلاپ 15 يىلدىن كېيىن: يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن تەڭلىشىدۇ.
      ئەگەر سىز 35 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن تاماكىنى مۇۋەەپەقىيەتلىك تاشلىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ كۆزلەنگەن ئۆمرىڭىز نورمال كىشىلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

    分享到: