• ئەقىللىق قىز بولاي دېسىڭىز بۇنى كۆرۇڭ!

    2009-05-16

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39483544.html

    1. سىزگە ئېتىبار قىلمىغان يىگىتتىن يىراق تۇرۇڭ، چۈنكى سىزگە كۆڭۇل بۆلمىگەن يىگىتتىن ئايرىلماي يورۇش ياكى داۋاملىق ئۇنىڭ ئۇچۇن مېھرىبانلىق ۋە سۆيگۈڭىزنى ئىپادىلەش ئاخماقلىق بولىدۇ.
    2. ھەر قانداق چاغدا بىر مەسئۇلىيەتسىز يىگىت ئۇچۇن ئازابلانماڭ، قىزلار ئاسان ئازابلىنىپ قالىدۇ.. بىراق چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ ئەرزىمەيدۇ چۈنكى بەكرەك ئازابلىنىدىغىنى ئاخىرى يەنىلا ئۆزىڭىز بولىسىز شۇڭا ئازابلىنىشلارنى يىغىشتۇرۇپ خوشال ياشاشنى بىلىڭ.
    3. ياخشى كۆرگەن يىگىتىڭىزنىڭ ئەتراپىدا توختىماي ئايلىنىپ يۈرمەڭ،سىز ئۇنى ئۆلگۈچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ بىراق يەنىلا ئۇنىڭ ئۇچۇن بىر بوشلۇق بېرىشىڭىز كېرەك بولمىسا ئۇنى بىزار قىلىپ قويىسىز..
    4. ئەگەر يىگىتىڭىز سىزگە :"ئايرىلىپ كېتەيلى!.." دېگەندە ھەرگىز كۆز يېشى قىلىپ يۈرمەڭ،غەيرەتلىك بولۇڭدە كۇلۇپ تۇرۇپ :"خوش!" دەڭ.
    5. ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، ئوزىڭىزنىڭگە مۇئامىلىڭىز ھەرۋاقىت ياخشى بولسۇن،چۈنكى ھاياتلىق سىزنىڭ.
    6. ھەر كۈنى ئەتىگەن ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا يارىشىملىق كىيىنىپ كۈلۈمسىرەپ چىقىڭ.
    7. يىگىتىڭىز ئۇچۇن كۇلۇمسىرىشىڭىزنى ئايىماڭ.
    8. بەدەن شەكلى ۋە تېرىڭىزنى ئاسراشنى بىلىڭ.
    9. تاماكا چەكمەڭ، ھاراق ئىچمەڭ.
    10.ئىچىڭىز پۇشىپ كەتسىمۇ قاۋاقخانىلارغا بېرىپ يۈرمەڭ،يالغۇز قالغان چاغدا شۇ يالغۇزلۇقتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ.
    11. ھەرگىز يالغان ھەسىياتتا بولماڭ، بۇنداق قىلىش يۈرىكىڭىزگە ئاچچىق تامغا بېسىپ قويىدۇ.
    12. ئىگىز پاشنىلىق ئاياق كىيىپ يۈرۈڭ، بىراق بەك ھەددىدىن ئىگىز بولۇپ كەتمىسۇن.
    13. يالغۇز قالغىنىڭىزدا سىزنى :"ياخشى كۆرىمەن" دېگەن ئىنساننىڭ نېمىشقا سىزنى يالغۇز قالدۇرغانلىقىدىن ئازابلىنىپ كەتمەڭ.بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇ ئوبدان بىلىدۇ.
    14. ئۆمۇرلۇك ھەمرىيىڭىزنى تاللىغاندا كۆزىڭىزنى چوڭ ئېچىڭ. ئەگەر خاتا تاللاپ قويغان بولسىڭىز ۋاقتىدا ئايرىلىپ كېتىڭ. سۇنىڭ ئېقىشىغا باقماڭ.بۇ ئىككىڭلار ئۇچۇن ياخشى.
    15. يىگىتلەرگە قول ئۇزارتماڭ. چۈنكى بىرىنچىدىن: سىز ئۇلار بىلەن تەڭ بولالمايسىز. ئىككىنچىدىن: سىز بىلەن قول ئۇزارتىشىپ سوقۇشقان يىگىت چوقۇم ساراڭ .. شۇڭا ئۇرۇشقاندىن ئۇرۇشمىغان ياخشى.
    16. دائىم سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىپ كېلىڭ.بۇ سىزنى ناھايىتى ئۇمۇدلۇك ۋە روھلۇق قىلىدۇ.
    17. دائىم ئۆزىڭىزگە تەملىك چاي دەملەپ ئىچىپ ، كىتاب كۆرۈب، مۇزىكا ئاڭلاپ ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ.
    18. ئۆزىڭىزگە لايىق كىيىم-كېچەك سېتىۋېلىشنى بىلىڭ. ئۆزىڭىزگە يارىغىنى خانغا يارىغىنى. ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئۇستى بېشىغا ھەۋەس قىلىپ كەتمەڭ.
    19. سىز ياخشى كۆرمىگەن يىگىتنىڭ سوۋغىسىنى ئەڭ ياخشىسى قوبۇل قىلماڭ.
    20. بىر قېتىمدا پەقەت بىرلا يىگىتنى سۆيۈڭ.
    21. ئۆزىڭىزنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ يىگىتلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.
    22. ئۆزىڭىزنى پەقەت يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈنلا خالىغان بىر يىگىت بىلەن ئارلاشماڭ، بۇ سىز ۋە ئۇنىڭ ئۇچۇن تەڭسىزلىك بولىدۇ. ھەمدە ھىسياتىڭىزغا نىسبەتەن تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بولىدۇ.
    23. سىز ياخشى كۆرمىگەن يىگىت ئەتىراپىڭىزدا پەرۋانە بولسىمۇ ، سىز چوقۇم ھىسياتىڭىزنى چوقۇم ئېنىق ئىپادىلىشىڭىز كېرەك.
    24. خىزمىتىڭىزگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ. خىزمەت بەلكىم سۆيگۈدەك يۇرىكىڭىزنى تىتىرىتەلمەسلىكى مۇمكىن، بىراق خىزمەت سىزنىڭ قوسۇغىڭىزنى تويغۇزىدۇ، تۇرغىدەك ئويگە ئىگە قىلىدۇ. بىراق مۇقۇملاشمىغان سۆيگۈ سىزگە بۇلارنى بېرىلمەيدۇ.... شۇڭا چوقۇم ياخشى ئشلەڭ.
    25. ئىللىق كەيپىيات ساقلاشنى بىلىشىڭىز كېرەك. قانداق سورۇنغا قانداق كىيىنىپ بېرىشنىمۇ بىلىشىڭىز كېرەك.
    26. قولدىن بېرىپ قويغان ياخشى يىگىت ئۇچۇن پۇشمان قىلىپ كەتمەڭ، چۈنكى ئۇلار سىزگە ئاش بولمايدۇ، كۆزىڭىزنى چوڭ ئېچىپ يەنە بىرنى ئىزدەڭ.
    27. كىيىملىرىڭىز چوقۇم ماسلاشقان بولسۇن، ئۇستى بېشىڭىزدىن ئاياللىق توكۇلۇپ تۇرسۇن.
    28. ئائىلىسى بار ئەرلەرنى ياخشى كورۇپ قالماڭ. چۈنكى ئۇلار ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىپ سىز بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقى ھەيران قىلارلىق ئەمەس. ئۇ چوقۇم يەنە بىر قىز بىلەن شۇنداق قىلالايدۇ.
    29. تۇغۇلغان كۇنىڭىزدە ياكى قىزلار بايرىمىدا سىزگە گۈل سوغا قىلىدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك يوق. سىز ئۆزىڭىز شۇ گۈللەرنى سېتىۋېلىپ سىزنى ئاپىرىدە قىلغان ئاتا ئانىڭىزغا سوغا قىلىڭ.
    30. سىز ياخشى كۆرگەن ھەر قانداق يېققصن  كىشىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ.ئەلۋەتتە ئوزىڭىزمۇ بۇنىڭ ئىچىدە.
    31. سىز ئەلۋەتتە بىر يىگىتنى ياخشى كۆرسىڭىز بولىدۇ ، بىراق بارلىق سويگۇڭىزنى ئۇنىڭ قوينىغا توكۇپ بەرمەڭ.چۈنكى ھاياتلىقتا ھاياتىڭىزنى سەپ بېرىپ سۆيگۈدەك يىگىت مەۋجۇتمىدۇ؟... شۇڭا ئۆزىڭىزنى قەدىرلەشنى بىلىڭ. چۈنكى ئۆزىڭىزنى قەدىرلىگەندىلا باشقىلارنىڭ ياخشى كۈرىشىگە ئېرىشەلەيسىز...
    32. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن كىشىگە ئۇچۇر ئەۋەتىڭ. ئەگەر ئۇنىڭدىن ئىنكاس بولمىسا سىزمۇ چېكىت ئۇرۇڭ.
    33. يالغۇزلۇق ھېس قىلسىڭىز. دوسلىرىڭىزنى ئىزدەڭ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىڭ،كوچا چوگىلەڭ،بىرگە تاماق يەڭ.. يالغۇزلۇق ئىچىدە ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ.
    34. ئۆزىڭىز ئۇچۇن ناخشا ئېتىشنى بىلىڭ. ياخشى ئېيتالمىسىڭىزمۇ مەيلى. چوقۇم ئۆزىڭىز ئۇچۇن ياخشى ياشاڭ.
    35. ئەگەر كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ يىغلىغىڭىز كەلسە، ئىشەنچلىك بىرىنىڭ ئالدىغا بېرىڭ. ھەرگىزمۇ خالىغانلا بىرىنىڭ مۈرىسىنى،ئىجارىگە ئېلىپ يۈرمەڭ.
    36. ئەتتىگەن سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئەينەككە قاراپ ئۆزىڭىزگە ئىللىق بىر كۇلۇمسىرەشنى ئۇنۇتماڭ.
    37. بۇندىن كېيىن ئەقىللىقراق بولۇڭ، يىگىتىڭىزنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغان كورمەيدىغانلىقىنى سوراۋەرمەڭ،ئۇ ياخشى كۆرسە چوقۇم تەبىئىي ھالدا دەيدۇ. سىزدىن سورىلىپ بەرمەكچى بولغان جاۋابىدىن ئۇ مەغرۇرلۇق،ھېس قىلىپ سىزگە ئەتىبارسىزلىشىدۇ.
    38. سويگۇڭىزگە تەڭ نىسبەتتە مۇئامىلە قىلىڭ كوپ كېمىگە دەسسىسىڭىز كېمە ھامىنى ئۇرۇلۇپ چۈشىدۇ.
    39. 24 سائەت بىر يىگىتنى ئويلاپلا ئوتمەڭ. باشقا دوسلىرىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگىمۇ ۋاقىت بېرىڭ.
    40. ئەگەر بىرسىنى ياخشى كۆرسىڭىز. مۇۋاپىق ۋاقتىنى تېپىپ بۇ ھىسياتىڭىزنى چوقۇم بىلدۇرۇڭ،بەلكىم بۇنىڭدىن سىز جاۋابقا ئېرىشەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن بىراق سىز ئوز سويگۇڭىز ئۇچۇن ھامىنى تىرىشتىڭىز شۇڭا ھەرگىز پۇشمان قىلمايسىز...تەنگە ئاچچىق ھالدا تەنھا سىڭىپ كەتكەن سۆيگۈ تولىمۇ ئازابلىق ئېچىنىشلىق بولىدۇ.
    41. ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان مۇۋاپىق بىر سورۇنىڭىز بولىشى كېرەك. مەسىلەن: كىتابخانا،كۇتۇپخانا... دېگەندەك. بۇ يەردىكى مۇلازىملار سىزنى تونۇپ كەتسۇن. بۇنداق بولغاندا زېرىكىپ قالغاندا بارىدىغان ئىللىق ماكانغا ئېرىشكەندەك بولىسىز..
    42. ئەگەر بىرە "يىگىت سىزنى ياخشى كۆرىمەن" دېسە ئىشىنىڭ. "سىزنى ياخشى كىرمەيدىغان بولۇپ قالدىم" دېسىمۇ ئىشىنىڭ چۈنكى، سىزنى ياخشى كىرمەيدىغان ئىنسان بىلەن پاتراق يىراق بولسىڭىز بۇ سىزنىڭ تەلىيىڭىز...
    43. باشقىلارنىڭ گېپىنى قىلىش توغرا كەلگەندە ھەرگىزمۇ ئۇنى يامان تىلدا تەسۋىرلىمەڭ. دېيىش كەلسىمۇ ياخشى تەرەپتىن سۆزلەڭ.
    44. ئۆزىڭىزگە يارىشىملىق، چىرايلىق ئۇخلاش كىيىمى سېتىۋېلىڭ،بۇ كىيىم بەك رومانتىك بولسىمۇ مەيلى...
    45. قولىڭىزنى ئاسراڭ. چۈنكى قولىڭىز سىزنىڭ ئىككىنچى يۇزىڭىز. بىراق ئاسىرىدىم دەپ ھىچ ئىشنى قىلمىسىڭىز تېخى بولمايدۇ.
    46. ئاتا-ئانىڭىزنى ئەسلەپ تۇرۇڭ. ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ كويىمىنى بىلدۇرۇڭ، ئۇلارنىڭ يۈرۇكىنى يېنىك قىلىڭ..
    47. ئويىڭىزدىكى گۈللەرگە سۇ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ. كاماندىروپكىغا ياكى يىراق بىرە جايغا بېرىشنىڭ ئالدىدا ئۆيىڭىزنى ياخشى تازىلاپ قويۇڭ. بۇنداق قىلغاندا قايتىپ كەلگەندە ئىللىق ئائىلىنىڭ مېھرىدىن بەھرىمان بولىسىز..
    48. ئامال بار ئۇزۇن چاچ قويۇڭ. چۈنكى قىسقا چاچ گەرچە يېقىملىق بولغىنى بىلەن ئاياللىق جەزبىدارلىقىڭىزنى نامايان قىلىپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ.
    49. ناۋادا يىگىت ئوزىنىڭ خىزمەت ئالدىراشلىقىنى بانە قىلىپ، ياكى باشقا ئالدىراشلىقلىرىنى باھانە قىلىپ سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىزغا ئىنكاس قىلمىسا،سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىزغا كوڭۇل بولمىسا،غەيرەتلىك بولۇپ سىزمۇ ئوزلىكىڭىزدىن يىراقلىشىڭ.ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز كۆڭۈل بولگەندىن ئارتۇق ھەقىقەت مەۋجۇت ئەمەس.سىزنى ياخشى كورمەيدىغان ئىنسانغا بېرىلىشىڭىز ۋاقىت ۋە ھېسيات ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس..
    50. يىگىت سىزدىن چىڭ كۆڭلىدىن ئەپۇ سورىسا ئۇنى كەچۈرۈشنى بىلىڭ. كەچۇرۇمگە ئېرىشكەن بۇ يىگىت يىگىت سىزدەك بىر مېھىرلىك قىزدىن ئايرىلىپ قىلىشىدىن ئةنسصرةيدۇ.

    分享到: