• ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق ئادەتلىرى

    2009-05-17

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39547619.html

    ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيادا ياشىغۇچى قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇسھ سۈپىتى بىلەن، تۇركى مىللەتلەر مەدەنىيەت تارىخىدا ئالاھىدە شۆھرەتلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. جۈملىدىن ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى - ئادەتلىرى ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا قىزىقىدىغان، ئۇلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بولىدىغان بارلىق كىسھىلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش، ئۆزىنى ئۇيغۇر دېگۈچى ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز ئەلۋەتتە. ئۇيغۇر فولكلورىغا بولغان كەسپى قىزىقىش مېنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئادەتلەر ھەققىدە ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇردى. مەن بۇ مەيداندا ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدىكى يەرلىك ئادەتلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىمنى كوپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

    مېھماننى قەدىرلەش، مېھماننى ئىززەتلەش ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر مىللىتى تولىمۇ مېھماندوست خۇشخۇي، داستىخىنى كەڭ مىللەت بولۇپ، مېھماننى ناھايىتىئى چوڭ كۆرىدۇ. ئۇيغۇرلاردا "ياخشى تامىقىڭنى مېھمانغا بەر، چىرايلىق ئىگىنىڭنى ئۆزۇڭ كىي " دەيدىغان ھېكمەت بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆز تۇرمۇشىدا بۇنىڭغا ناھايىتى قئاتتىق ئەمەل قىلىپ كەلگەن، ئۇيغۇرلاردا يىراقتىن بىر كىشى ئۆز مەھەللىسى ياكى ئۆز يېزىسىغا تئۇغقان يوقلاپ كەلگەن بولسا مەيلى ئۇ كىشىنى تونۇسۇن ياكى تونۇمىسۇن ئۇنىڭدىن ھال سورئاپ كىرىدىغان، ئۇنى نۆۋەت بىلەن ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىدىغان ئادەت بار، ئۇيغۇرلاردا" مېھمئان كەلدى بەرىكەت كەلدى. " "مېھماننى خۇدايىم رىزقى بىلەن ئەكېلىدۇ " دەيدىغان ماقال - تئەمسىللەر بار بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئۆرپ-ئادەتلىرى- ئادەت تەربىيىسى بەرگەن چېگھىدا مېھماننى ئىززەتلەش ھەققىدە ئالاھىدە تەربىيە بېرىدىغان بولۇپ، قىز - يىگىت نىكاھ تئويىدا قىزغا تويلۇق مېلى ئالغاندا تويلۇق مال ئىچىدە داستىخان بىلەن پەرتۇقنىمۇ قوشئۇپ ئالىدۇ، قىزغا "ئاقلىق چاي "( چوڭ چاي ياكى تويلۇق مال ) ئەكىرگەن كۈنى يۇرت - جامائەت ئالدىدا قىزنىڭ ئانىسىغا تويلۇق ماللارنى قويغان چاغدا، يىگىت تەرەپنىڭ ئەلچىسى سئاندۇقنى ئېچىپ، ئالدى بىلەن داستىخان ۋە پەرتۇقنى قويۇپ " قىزىمىزنىڭ داستىخىنى كەڭ بولغاي، مېھمانغا خۇش چىراي ئاچقاي ؛سەھەر تۇرۇپ تۈڭلۈكنى ئاچقاي، ئۆيىگە بەرىكەت ياققاي...." دېگەنگە ئوخشاش تىلەكلىرىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئېڭىغا مېھماننى ئىززەتلەش ئېڭى سىغىپ كەتكەن بولۇپ، مەيلى چاقىرىلغان مېھمان بولسۇن ياكى چاقىرىلمىغان مېھمان بولسۇن، ئىززەت - ئىكرام بىلەن قارشى ئېلىپ ئاستىغا كۆرپە سېلىپ قىزغىن كۈتۈۋېلىشتىن تاشقىرى، ئۇلارنىڭ ئات-ئۇلاغلىرىدىنمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىپ، قايتىشىدا ساق-سالامەت ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
    ئۇيغۇرلارنىڭ مېھمان كۈتۈش ئادەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان ئۆزگىچىلىكلەر ئىپادىلەنگەن بولۇپ، تۆۋەندە مەن بۇنى باسقۇچلارغا بولۇپ بايان قىلماقچىمەن.

    1. مېھمان كېلىشتىن بۇرۇن چوڭ تازىلىق قىلىش ئادىتى.

    ئۇيغۇرلاردا چاقىرىلغان مېھمان كېلىشتىن بىر ياكى بىرنەچچە كۈن ئاۋۋال ھويلا - ئارئام، ئايۋان - ساراي، ھەتتا كوچا-كويلارنى تازىلاپ مېھماننى پاكىزە ئازادە مۇھىت ئىچىدئە كۈتۈۋالىدىغان ئادەت ئومۇملاشقان، بولۇپمۇ توي-تۆكۈن ھېيت - بايراملاردا ساراي ئوي ئالاھىدە تازىلىنىپ، كۆرپىلەر سېلىنىپ قويۇلىدۇ.ئۆلۈم-يىتىم نەزىر چىراغ قاتارلىق مۇسىبئەت كۈنلىرىدىمۇ قولۇم - قوشنا، ئۇرۇق -تۇغقانلار مۇسىبەت بولغۇچىغا ياردەملىشىپ ئوي تازىلاپ كەلگەن جامائەتنى ئۇزىتىشىپ بېرىدۇ.

    2. ئىشىك- دەرۋازىلارنى ئوچۇق قويۇش ئادىتى.

    ئۇيغۇرلاردا مېھمان كېلىدىغان كۈنى ئىشىك - دەرۋازىلار ئوچۇق قويۇلىدۇ، ھېيت - بايرام، توي - تۆكۈن، نەزىر-چىراغلاردا بولسا دەرۋازا ئۇلۇغ ئوچۇق قويۇلىدىغان بولۇپ، مئېھمانلارنىڭ ئىشىكنى چېكىپ كىرىشى ساھىپخان ئۈچۈن نومۇس ئىش ھېسابلىنىدۇ.

    3. مېھمانلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۇسۇلىدىكى ئۆزگىچىلىك.

    مېھمانلار كەلگەندە ساھىپخان مېھماننىڭ ئالدىغا چىقىپ سالاملىشىدۇ، ئەرلەر ئوڭ قئولىنى سول كۆكرىكىگە ( يۈرىكى ئۈستىگە ) قويۇپ، "سالامۇەلەيكۇم "دەپ ياكى ئۆز- ئارا قول ئېلىشئىپ كۆرۈشىدۇ، يېقىن ئۇرۇق - تۇغقان، ئەل -ئاغىنىلەر سالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ ؛ ئاياللار مەڭزىنى مەڭزىگە يېقىپ، ياكى ئىككى قولىنى كۆكرىكىگە ئۈستىگە قويۇپ، ئالدىغا سەل ئېگىلىپ سالاملىشىدۇ ؛ ئۇيغۇرلاردا ئەر - ئاياللار ئۆز- ئارا سالاملاشقاندا قارشى تەرەپنىڭ قولىنى تۇتمايدىغان بولۇپ، بىر - بىرىگە قارىشىپ باش لىڭشىتىپ، ئالدىغا سەل ئېگىلىپ ئامانلىق سورىشىدۇ، ئەگەر قارشى تەرەپ ياشانغان كىشى بولسا ئاۋۋال سالام بېرىپ ئاندىن ئالدىغا بېرىپ، ئىككى قولىنى تۇتۇپ قىزغىن سالاملىشىدۇ ياشانغان كىشى ياشلارنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويىدۇ، بالىلار بىلەن چوڭلار كۆرۈشكەندە ئاۋۋال بالئىلار چوڭلارغا سالام بېرىدۇ، ئاندىن چوڭلار " خۇدايىم بەختىڭنى بەرسۇن، پېشانەڭ ئوچۇق بولسۇن" دېگەنگە ئوخشاش تىلەكلەرنى بىلدۈرۈپ بالىلارنىڭ پېشانىسىگە ۋە مئەڭزىگە سويۇپ قويىدۇ.

    4. چاقىرىلغان مېھمانغا قۇرۇق قول بارماسلىق.

    ئۇيغۇرلاردا چاقىرىلغان مېھمان ساھىبخانىنىڭ ئۆيىگە قۇرۇق قول بارمايدۇ. ئادەتتە ئايال مېھمانلار داستىخان ھازىرلاپ كېلىدۇ، ئۇيغۇرلاردا ئەرلەر ئادەمگەرچىلىك ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغان بولۇپ، مېھمان كۈتۈش، مېھمانغا بارغاندا سوۋغا - سالام تئەييارلاش ئاياللارنىڭ ئىشى، ئەرلەر پەقەت ئىقتىسادى جەھەتتە ئايالنىڭ تەلىپىنى قاندۇرىدۇ. ساھىپخان مېھمانلار بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئايال ساھىپخان مېھماننىڭ قولىدىن رەھمەت - ھەشقاللا ئېيتىپ، داستىخاننى ئېلىپ مېھمانلارنى ساراي ئۆيگە باشلايدۇ.

    5. مېھمانلارنىڭ ئولتۇرۇش تەرتىپى

    ئۇيغۇرلاردا ئۆينىڭ ئوڭ تەرىپى تور، سول تەرىپى پەگا دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا مېھمانلار ئادئەتتە ئوينىڭ ئوڭ تەرىپىگە ھەم يۇقىرىغا باشلىنىدۇ. مېھمانلار ئۆزىنىڭ ياش قۇرامى بئويىچە ئولتۇرىدۇ، يېشى چوڭلار تۆردە ياشلار پەگادا ئولتۇرىدۇ. چوڭ مەرىكىلەردە ئەر - ئاياللار ئايرىم ئۆيلەرگە باشلىنىپ داستىخان سېلىنىدۇ، ئەر مېھمانلار بىلەن ئايال مېھمانلئارنىڭ ئولتۇرۇش قاىدىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئەرلەر كۆرپە ئۈستىدە باداشقان قۇرۇپ، ياكى يۈكئۈنۈپ ئولتۇرىدۇ ؛ ئاياللار تىزىنى يانتۇراق ئېگىپ، ئىككى پۇتىنى جۈپلەپ، پۇتىنى كۆرسەتمىگەن ئاساستا يېنىچە ئولتۇرىدۇ، داستىخان ئۈستىدە پۇتىنى سۇنۇپ خالىغانچە ئولتۇرۇش بولۇپمۇ پۇتئىنى مېھمانلارغا قارىتىپ خالىغانچە ئولتۇرۇش ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلىنىدۇ. مېھمانلار ئولتۇرۇپ جايلىشىۋالغاندىن كېيىن، ساھىپخان بىلەن قايتا - تىنچلىق سورىشىدۇ، بۇچاغدا ئورنىدىن سەل قوزغىلىپ ياكى ئورنىدىن تۇرۇپ قايتىدىن ئۆز- ئارا تىنچلىق -ئامانلىق تىلىشىدۇ. كېچىكىپ كەلگەن مېھمانلار بىلەن ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ كۆرۈشىدۇ ۋە ئۇلارنى تۆرگئە تەكلىپ قىلىدۇ، كېچىكىپ كەلگەن مېھمانلار ئۆزىنىڭ يېشىغا يارىشا مۇۋاپىق ئورۇن تئېپىپ ئولتۇرىدۇ، كېچىكىپ كېلىپ باشقىلارنى ئورنىدىن قوزغىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سورايدۇ.
    ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق ئادەتلىرى

    6. قولغا سۇ بېرىش ئادىتى.

    ئۇيغۇرلاردا ئۆيگە كەلگەن ھەرقانداق مېھماننىڭ قولىغا سۇ بېرىش ئادىتى بولۇپ، ساھىپخان مۈرىسىگە لەڭگە ئارتىپ، سول قولىدا چىلاپچا، ئوڭ قولىدا ئاپتوۋا كۆتۈرۈپ كىرىپ مېھمانلارنىڭ كەينى تەرىپىدىن كېلىپ مېھمانلارنىڭ قولىغا سۇ بېرىدۇ، مېھمانلار ئۆزرە ئېيتىپ قولىنى چايقايدۇ، قولىنى چايقىغاندا سۇنى چاچراتماي ئۇچ قېتىم چايقايدۇ. ساھىپخانمۇ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ ئۇچ قېتىم سۇ بېرىدۇ. قولىنى يۇغاندا سۇنى چاچرىتىپ يۇيۇسھ ۋە قولىنى سىلكىش ئۇيغۇرلاردا ئېغىر ئېلىنىدۇ.

    سەۋەبى ئۇيغۇرلاردا سۇنى پاكلىقنىڭ، مۇقەددەسلىكنىڭ سىمۋولى دەپ قارىغاچقا، " بئەرىكەت " "بەخت" نىڭ سىمۋولى بولغان مېھمانلارنىڭ قولىغا پاكىز سۇ بېرىش، مېھمانغا بولغان ئالاھىدە ھۆرمەت ئېھتىرام ھېسابلىنىدۇ.

    7. داستىخانغا ھەممىدىن ئاۋۋال نان قويۇش ئادىتى.

    ئۇيغۇرلاردا مېھمانلارغا تاماق تاماق تارتىشتىن ئاۋۋال داستىخانغا ئاۋۋال نان قويۇلۇپ ئاندىن باشقا تاتلىق تۇرۇملار قويۇلۇپ مېھمانلارغا چاي بېرىلىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىدا نان ئۇلۇغلىنىدىغان بولۇپ، نان قۇرئان بىلەن باراۋەر ئورۇنغا قويۇلىدۇ، بۇ خىل ئادەت ئەسلى ئۇيغۇرلاردىكى ئۆسۈملۈكلەرگە بولغان ئېتىقادتىن كەلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار يىراق قەدىمكى زامانلاردا شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مەزگىللەردە دەل - دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلاپ، ئۇلارغا ئېتىقاد قىلغان، كېيىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بۇ خىل ئەقىدە ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى ئىچىگە سىڭىپ، ئىسلام دىنى مۇھىتىدا يېڭىچھە شەكىلدە خەلق ئىچىدە تارقالغان. ئۇيغۇرلاردا " ئاش پەيغەمبەر، نان ئەۋلىيا " " نان دەسسىسەڭ كۆزۈڭ كور بولىدۇ " " نان دەسسەپ قەسەم قىلىپ بېرەي " دېگەن ماقال-تەمسىللەر مانا شۇ ئەقىدىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.

    8. مېھمانلارغا پۇچۇق ۋە دەز چىنىدە چاي بەرمەسلىك.

    ئۇيغۇرلاردا مەيلى مېھمانلار بولسۇن ياكى ئۆزلىرى بولسۇن پۇچۇق -دەز چىنىدە چاي ئىچمەيدۇ. چۈنكى ئاسمان گۈمبىزىنىڭ سىمۋولى بولغان چىنە چوقۇم بېجىرىم ۋە پۈتۈن بولۇشى كېرەك دەپ قارىلىدۇ. چاي قۇيۇلغان چىنىلەر پەتنۇسقا سېلىنىپ، ئىككى قوللاپ مېھمانغا سۇنۇلىدۇ، چاينى بىر قولىدا سۇنۇشقا بولمايدۇ، ئەگەر بىر قولىدا سۇنۇشقا توغرا كەلگەندە ئاۋۋال ئۆزرە ئېيتىلىپ ئاندىن يېنىچە تۇرۇپ سۇنۇلىدۇ، مېھمانلارمۇ چوقئۇم چاينى ئىككى قولى بىلەن رەھمەت ئېيتىپ ئېلىشى شەرت. چاينى كۆپۈك چىقىرىپ پىيالىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كوركىرىتىپ قۇيۇش ئەدەپسىزلىك ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا چاي پىيالىنىڭ گىرۋىكىدىن سئىلىق قۇيۇلىدۇ.

    9. تاماق تۇرلىرى ۋە تاماق تارتىش تەرتىپى.

    سىنچايدىن كېيىن تاماق تارتىلىدىغان بولۇپ، ئاۋۋال قويۇق تاماقلار ئاندىن سۇيۇق تامئاقلار نۆۋىتى بويىچە تارتىلىدۇ. ئاساسلىق مېھمان تاماقلىرىدىن پولۇ، مانتا، گۆشنان، قئورداق، سامسا، كاۋاپ، نارىن، ئۆپكە - ھېسىپ، لەڭمەن، قولداما، قاتارلىق قويۇق تاماقلئار ؛ چۆچۈرە، ئۈگرە، سۇيۇق ئاش، كوجا، ئۇماچقا ئوخشاش سۇيۇق تاماقلار بولۇپ، ساھىبخان مېھمانلارنىڭ تەلىپى ۋە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا مۇۋاپىق تاللاپ تەييارلايدۇ.

    10.تاماق ئۈستىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار.

    ئۇيغۇرلار تاماق ئۈستىدە قائىدە - يوسۇنلارغا ناھايىتى قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان بولۇپ، داستىخانغا تاماقلار تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ساھىبخانىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئاۋۋال چونگلار ئاندىن ياشلار تەكەللۇپ بىلەن قول سۇنۇپ، تاماقنى ئالدىرىماي، ئاۋاز چىقارماي، ھەر كىم ئۆز ئالدىدىن ئېلىپ ئەدەپ بىلەن يەيدۇ، باشقىلارنىڭ ئالدىدىن قولنى ئۇزىتىپ ئاش ئېلىپ يېيىش ئەدەپسىزلىك ھېسابلىنىدۇ ئەگەر يېگۈسى بولسا ئەدەپ بىلەن شۇ كىشىدىن ئۆزىگە تاماق ئېلىپ بېرئىشنى تەلەپ قىلىپ تەخسىسىنى سۇنسا بولىدۇ. تاماقنى زىيادە تويۇپ يېيىشكە، تاماق ئۈستىدە كەكىرىشكە، ئۆز قاچىسىدىكى تاماقنى يېمەي ئاشۇرۇپ قويۇشقا، تاقاق ئۈستىدە يەل قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. ئۇيغۇرلاردا تاماقنى يەپ بولالماي ئاشۇرۇپ قويۇش ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ، شۇڭا ھەر كىم تاماقنى ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ مۇۋاپىق سېلىپ يەيدۇ. ھەتتا دئاستىخان ئۈستىدە ئۇۋىلىپ كەتكەن نان ئۇۋاقلىرىنىمۇ تەرىپ يەۋېتىدۇ، ياكى قۇشلارغا بېرىسھ ئۈچۈن داستىخاننىڭ چېتىگە يىغىپ قويىدۇ. توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ قاتارلىق چوڭ مەرىكىلەردە ئىككى ياكى ئۇچ ئادەمگە بىر تاۋاقتىن ئاش تارتىلىدىغان بولۇپ، مېھمانلار تەكەللۇپ بىلەن ئاشقا قول ئۇزىتىدۇ، ئاساسەن تاماقنى ئاشۇرۇپ قويمايدۇ ئەگەر ئېشىپ قالسئا تاۋاقنىڭ ئوتتۇرىسىغا يىغىپ قويىدۇ، ساھىپخان ئاشقان تاماقلارنى بىر تاۋاققا يىغئىپ تاۋاقلارنى بىر - بىرىگە، يۈزىنى قارىتىپ جۈپلەپ يىغىۋېتىدۇ، ئاشقان تاماقلار تۆكۇۋېتئىلمەيدۇ، مېھمانلار كەتكەندە زەللە قىلىپ ئېلىپ كېتىدۇ ياكى نامراتلارغا، مۇساپىرلارگھا بېرىۋېتىلىدۇ.

    11. تاماقتىن كېيىن ئۇسسۇزلۇق ۋە مېۋە چېۋىلەر بىلەن مېھماننى كۈتۈش ئادىتى.

    تاماق تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن قاچىلار يىغىۋېلىنىپ، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا ھەر كىم ئۆز ھالىغا يارىشا تۈرلۈك مېۋىلەر ۋە يېڭى دەملەنگەن چاي ۋە شەربەتلەر ئېلىپ كېلئىنىپ ساھىپخان بىلەن مېھمانلار ئۆز-ئارا ھال مۇڭ ئېيتىشىدۇ. بۇ چاغدىكى پاالىيەتلەر بئىرقەدەر ئەركىن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، مېھمانلار ساھىبخانىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە بولىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ساز ناخشا مۇزىكىلىرى ئېيتىلىپ مېھمانلار كۆڭۈللۈك ئولتۇرىدۇ.

    12. مېھماننى ئۇزىتىش ۋە زەللە يۆگەپ بېرىش.

    ئۇيغۇرلاردا مېھمانلار قايتىدىغان چاغدا ساھىپخان شۇ كۈنكى تاماق ۋە تاتلىق-تئۇرۇملاردىن ئۆيىدە قالغان، مېھماندارچىلىققا كېلەلمىگەن بالىلار ۋە باشقىلارغا ئېلئىپ كەتىشكە بېرىدىغان بولۇپ بۇ ئۇيغۇرلاردا " زەللە بېرىلدى " دېيىلىدۇ مېھمانلار تەكەللۇپ ۋە رەخمەتلەر بىلەن زەللىنى ئالىدۇ، ساھىپخان مېھمان ئۇزاتقاندا، دەرۋازا سىرتىغىچھە ئىززەت -ئىكرام بىلەن ئۇزىتىپ، يولغا سېلىپ قويىدۇ.

    قىسقىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندارچىلىق ئادىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، مېھماندارچىلىقنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى چۈشىنىشتىكى بىر كۆزنەك دېيىش مۇمكىن.
    分享到: