• دېھقانلىرىمىز نېمة ئۈچۈن باي بولالمايدۇ؟!

    2009-05-17

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39543248.html

    گېزىت-ژورنال،كىتاب ۋة كىنو-تېلىۋىزورلارغا قارىساق،شاڭگاڭ ۋة ئىچكىردىكى باشقا ئۆلكىلةردة ساپلا نةچچة يۈزمىڭ،نةچچة ئونمىڭنىڭ گېپى.يېزىدىمۇ،شةھةردىمۇ،دېھقانلارنىڭمۇ،كادىرلارنىڭمۇ ،كىرىمىمۇ،چىقىمىمۇ،ھةتتا خىيانةت قىلغان،ئاشنا ئوينىغان پۇللىرىمۇ ھةرگىز يۈز مىڭ،ھةتتا،مىليۇن يۈةندىن كةم ئةمةس.
    ئةكسىچة،بىزنىڭ جةنۇبى شىنجاڭ رايۇنمزدا،مۇتلةق كۆپ قىسىم دېھقانلىرىمىز يةر تېرىپ،ئۈچ يۈز ئاتمىش كۈن ئىشلةپ،يةنىلا  قورسىقى ئاچ،ئۇچىسى يالىڭاچ قالمايدىغان‹‹ئۆلمةس ئاغرىق،چىقماس جان››ھالةتتة ياشاپ كېلىۋاتماقتا.ھةتتا،بىر قىسىم دېھقانلىرىمىزنىڭ قىشلىق تۇرمۇشى تېلىۋىزورلاردا كۆرسىتىلگةندةك شةھةردىكى رةھبىرى كادىرلارنىڭ بىرقانچة خالتا ئۇن،بىرةر توڭ ياغ ئىئانة قىلىشى بىلةن كاپالةتكة ئىگة بولىدۇ.قانۇنچىلىق گېزىتىدة بايان قىلىنغاندةك بىر ئۇيغۇر يةنة بىر ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۋةتكةن بولسا،بۇنىڭ سةۋةبى بىر-ئىككى مىڭ،ھةتا بةزىلىرىنىڭ سةۋةبى قىرىق-ئةللىك يۈةن ياكى شۇنچىلىك مةنپئةت توقۇنىشى ئۈچۈن بولۇپ ئادةمنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ.
    ئىچكىرى ئۆلكىلةر توغىرسىكى ئاڭلىغانلىرىمنى يالغانمىكىن دةي دېسةم،يۇرتىمىزغا ئىچكىرىدىن چىققان خةنزۇ يولداشلارنىڭمۇ بىر-ئىككى يىلدىلا باي بولۇپ،كۆتۈرۈلۈپ كةتكىنىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلةن كۆرۈۋاتىمىز!(.شىنجاڭدىكى ئالتة چوڭ بايغا قاراپ باقساقمۇ بولىدۇ: ‹‹گۇاڭخۇي گوروھى›› سۈن گۇڭشىن،‹‹ خۇالىڭ گوروھى››دىكى مى ئىنخۇا،  ‹‹ جىننيۇ›› مەبلەغچىلىكىدىكى فېڭ لىدۇ جەمەتى،‹‹تىيانشان ئىلىكتىرىكى ››دىكى جاڭ شىن،‹‹خۇاڭجىڭ›› مەبلەغچىلىكدىكى فىڭ لىجيەنخۇا،‹‹ شىنجاڭ ياۋا ئېتى ››دىكى چېن جىفىڭ ئىكەن ).
    ئۇنداقتا،بىزنىڭ دېھقانلىرىمىز نېمة ئۈچۈن باي بولالمايدۇ؟مةن بىر ئىككى يىل جةريانىدا كۆرگةن ۋة ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسةن تۆۋةندىكىدةك بىر قانچة تۈرلۈك تاشقى سةۋةبنى يةكۈنلةپ چىقتىم.

    1.پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسى
    80-يىللاردا يةر يېڭىلا كۆتۈرة بېرىلىپ،بازار ئىگىلىكى يېڭىدىن
    يولغا قويۇلغاندا،ھېچكىم دېھقاننىڭ نېمة تېرىشىغا،قانداق تېرىشىغا،قانداق پةرۋىش قىلىشىغا ئارلاشمايتى.دېھقان گويا باشلانغۇچ مةكتةپنىڭ سةبىي ئوقۇغۇچىسىدةك بىر خىل ئاكتىپ ۋة قىزغىن پوزۇتسىية بىلةن ئىشلةپ،تۈرلۈك كةسپلةر بىلةن شۇغۇللىناتتى. ئومۇمةن، بارچة دېھقاننىڭ چېھرىدىن كۈلكة ياغاتتى.
    90-يىلللاردىن باشلاپ بۇ خىل ۋةزىيةت ئۆزگىرىپ،دېھقان گويا يېزا،كةنت كادىرىنىڭ يىللىقچىسىغا ئوخشاپ قالدى.ئۇلار نېمة تېرىغۇزغىسى كةلسة،شۇنى تېرىغۇزىدۇ.قاچان تېرىغۇزغىسى كةلسة شۇ چاغدا تېرىغۇزىدۇ.قانداق پةرۋىش قىلدۇرغۇسى كةلسة،شۇنداق قىلىدۇ.قارىماققا نېمىنىڭ باھاسى ئۆرلىسة شۇنى تېرىغىلى قويماي،نېمىنىڭ بازىرى كاسات بولسا،شۇنىڭغا زورلاۋاتقاندةكلا تۇيۇلىدۇ.
    دېھقانغا تېرىغۇزماقچى بولغان شۇ نةرسىنىڭ دېھقان سېتىۋالىدىغان ئۇرۇقىنىڭ باھاسى ئوتتۇز پۇل،دېھقان ساتىدىغان مةھسۇلاتىنىڭ باھاسى تۇققۇز پۇل.بۇ تېرىغۇزماقچى ياكى تىككۇزمةكچى بولغان نةرسة ئةمةليةتتة ئةمةلدار غوجامنىڭ شىرىكىنىڭ ساتالماي بېسىلىپ قالغان مةھسۇلاتى.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھةرقانداق زاماندا،ھةرقانداق جايدا،ھةرقانداق ئادةم ئېھتىياجلىق بولىدىغان،دېھقان خالىغان چاغدا،خالىغان جايدا سېتىپ پۇل قىلالايدىغان،ساتالماي قالسا،چارۋا-ماللارغا بىرىپ،باقمىچىلىق بىلةن شۇغۇللانسىمۇ بولىدىغان ئاشلىق ۋة مايلىقدان تېرىش نوپۇسقا بىرمو ياكى بىريېرىم دارئىرىسىدة چةكلىنىپ،شىركةت ئۆزى خالىغان باھادا،خالىغانچة تاللاپ،خالىغانچة شاللاپ ئالمىسا ھېچكىم ئالمايدىغان،يةنة كىلىپ ئۇرۇقىنى شۇ شىركةتتىن قىمممةت باھادا نةق سېتىۋالىدىغان ئاتالمىش‹‹ئىقتىسادىي زىرائةت››تېرىش دېھقاننى بةكلا بىچارة قىلىپ قويدى.ئةڭ يامان بولغىنى بۇ چوڭ شىرىكةتلةرنىڭ خوجايىنلىرى قېچىپ كىتىشى بىلةن دېھقاننىڭ مةھسۇلاتلىرنىڭ بېسىلىپ قېلىشى.
    مةن‹‹كاتتا››لىرىمىزنىڭ پۈتۈن بىر ناھىية،پۈتۈن بىر يېزا خةلقىنىڭ تةقدىرىنى شوخىلا ،لازا ياكى ياڭيو پىششىقلاپ ئىشلةيدىغان بىرلا خوجايىنغا،بىرلا خوجايىننىڭ زاۋۇتىغا،سودىسغا چېتىپ قويغىنىغا بةكمۇ ھةيرانمةن.
    2.يةرلىك قورۇقچىلىقنىڭ يولغا قويۇلۇشى.
    بىز بايا دېگةن خوجايىنلار ئۆزلىرى ئىشلةپچىقارغان مةھسۇلاتنى قةيةردة يوقۇرى باھادا ساتقىلى بولسا،شۇ يةرگة ئاپىرىپ ئۆزلىرى خالىغانچة باھا بىكىتىپ ساتىدۇ.قاراپ باقىدىغان بولساق ئىچكىرىدىن نۇرغۇن ئىشلىتىش قىمممىتى بار مةھسۇلاتلار بىلةن بىرگة يالغان،ساختا مةھسۇلاتلار، ھةتتا خىروئىندىن ئىبارةت زةھةرمۇ ساقچىلارنىڭ كۆزىنى غةلةت قىلىپ يۇرتلىرىمىزدا  پۇلغا ئايلىنىۋاتىدۇ.
    بىزنىڭ دېھانلىرىمىزغا سةي-كۆكتات،مېۋة-چىۋة ۋة چارۋىلىرىدىن باشقا ھېچنىمىسىنى سىرتقا ئاچقىپ سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ.كېۋةز تېرىش يولغا قويۇلغان ئوننةچچة يىلدىن بېرى ھةر يىلى پاختا ئېچىلغاندىن كېيىنلا ناھىية بىلةن ناھىية ئارلىقىدىكى يول ئېغىزلىرىغا توساقلار قويۇلۇپ كةلدى.پاختىلا ئةمةس،ناھيىلىك ۋة يېزىلىق ھۆكۈمةتلةر تېرىغىلى قويمايۋاتقان بوغداي ۋةقوناق قاتارلىقلار پىشقاندىمۇ شۇنداق.پاختا  ۋة ئاشلىق سودىگةرلىرىنىڭ(ئةتىرةت ۋة كةنتلةردىكى بۇ دېھقانلار كادىرلارنىڭ تىلىدا ھايانكةشلةر دىيىلىدۇ)يول ئېغىزلىرىدا توسۇلۇپ قېلىشى(سىرتقا يۆتكىيةلمةسلىكى) بىلةن دېھقانلارنىڭ مةھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى چۈشۈپ كىرىمى يةنة تۆۋةنلةيدۇ.
    3.دېھقانلارنىڭ  ۋاقتىنىڭ  تارتىۋېلىنىشى
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا ئىگىلىك ئورۇنلىرىنىڭ تةجىرىبة قىلماقچى بولغان بىر قىسىم تۈرلىرى تېخنىكلارنىڭ كۆرسةتمىسى بۇيىچة دېھقاننىڭ ئېتىزىدا دېھقاننىڭ قولى ئارقىلىق تةجىرىبة قىلىندى.دېھقان تةجىرىبنىڭ مۇۋاپىقىيةت قازنالمىغانلىقى سةۋةبىدىن تارتقان زىياندىن باشقا يةنة نۇرغۇن ۋاقىتلىرى ئېتىزلىقتا يوقلىمىغا قاراش بىلةن ئۆلۈپ كةتتى.80-يىلللاردا قالاق ئىشلةپچىقىرىش ۋاستىللىرى بىلةن ئوتتۇز –قىرىق مو يةرنى تېرىغاننىڭ سىرتىدا يةنة بىر نةچچة خىل قوشۇمچة كةسىپ بىلةن شۇغۇللىنالايدىغان بىر دېھقان ھازىر ماشىنلاشقان ئىشلةپچىقىرىش ۋاستىلىرى بىلةن ئۈچ-تۆت مو يةرنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزى يالغۇز چىقىپ بولالمايدۇ.چۈنكى ھةر كۈنى دېگۈدةك سائةت بۇيىچة ھةقسىز ھاشاغا چىقىپ يوقلىمىغا قاتنىشىپ  يةنة سائةت بۇيىچة ئىش(ھاشا)دىن چۈشكةندة ئاندىن يېرىگة ئىشلىمىسة بولمايدۇ.كةنت رادئىۇ  كارنىيى ھةر كۈنى سةھةردة ئۆمةرجان ئالىمنىڭ ناخشىسىدىن كېيىنلا دېھقاننى يا جىددىي  ھاشارغا ياكى جىددىي يىغىنغا چاقىرىدۇ.
    قىسقىسى،دېھقان ئېتىزغا كۆزگةكۆرۈنمةس زةنجىر بىلةن باغلانغان. ئۇنىڭ ئىككىنچى بىر كةسىپ بىلةن شۇغۇللىنىدىغانغا  بوش ۋاقتى  يوق.
    4.دېھقانلاردىكى ئاكتىپلىق،قىزغىنلىقنىڭ ئۆلۈشى
    يوقارقىدةك بىر قاتار دېھقاننىڭ يىللىقچى ئورنىدا ئىشلىتىشى،ئىجاتچانلىقىنىڭ،بازار ئېڭىنىڭ بۇغۇلۇشى،ئۇنىڭ ئۈستىگة ئةڭ تۆۋةن كاپالةت پۇلى،پىلانلىق تۇغۇت مۇكاپات پۇلى ئالىدىغان ۋة قىشلىق قۇتقۇزۇلدىغانلارنىڭ سانىنىڭ يىلدىن يىلغا كۆپۈيشىگة ئةگشىپ بىر قىسىم دېھقانلاردا قېيدايدىغان،كۈن ئۆتكۈزدىغان، ئومۇمةن  ھةيدىمىسة  ئىشلىمةيدىغان،مىدىرمايدىغان بىر خىل پاسسىپ كةيپىيات ئةۋج ئالغان.يةنة بىر قىسىم دېھقانلاردا تاماگۈرلۈك،ئۇتتۇر تاپقىنىنى ئۇتتۇر يېۋىتىش ۋة يوقۇرىغا تاينىۋېلىشتةك چۈشكۈنلۈك كةيپىياتى شةكىللةنگةن.
    5.ھاراققا،تاماكىغا بېرىلىش
    يوقاردا بايان قىلىپ ئۆتكۈنىمىزدةك ئىجاتچانلىق بۇغۇلغان،ئۆزگةرمةس ھاشا-پاشا،كةتمةن-گۈرجةكنىڭ ئىشى دېھقان ياشلىرىدا كىمگىدور قېيىداش ۋة قېيىداش سةۋةبىدىن ھاراققا ۋة تاماكىغا بېرىلىشنى كةلتۈرۈپ چىقارغان.مۇشۇ سةۋةبتىن‹‹بار پۇلۇمنى ئوغۇرى ئالدى،قالغىنى رةمبال››دېگةندةك ئىشلةپچىقىرىشقا قارتا ئېشىنچة ئىقتىساد جۇغلىيالمىغان.
    6.داۋالىنىش ۋة مائارىپ خىراجىتى
    ھازىرقى داۋالىنىش خىراجىتى شارائىتىدا مةيلى ھةمكارلىشىپ داۋالاشقا قاتناشقان دېھقان بولسۇن،مةيلى داۋالىنىش سۇغۇرتا كىنىشكىسىگة داۋالىنىدىغان ئادةتتىكى خىزمةتچى بولسۇن ئائىلىسىىدىكى بىر ئادةمگة ‹‹ئوبدانراق›› كېسةلدىن بىرىلا چاپلاشسا،ئۇ ئائىلىنىڭ بةش ئون يىللىق ئىقتىسادىي جۇغلانمىسىنىڭ كۈلى كۆككة سورىدۇ.ھالبۇكى،‹‹كىيىك ئۇچرار ئوقسىزغا،بالا كېلةر يوقسۇزغا››دېگةندةك  مۇشۇ كۈنلةردة كېسةلمۇ بىز خةققة ئامراقلىشىپ كېتىپ بارىدۇ.
    ھېچقانداق بىر ئةزاسىغا كېسةل كةلمىگةن تةقدىردىمۇ بىرةر بالىسىنى ئالىي مةكتةپتة ئوقۇتۇپ قالسا،بۇ دېھقان بالىسى ئالىي مةكتةپ تة قانچة يىل  ئوقۇسا،شۇنچة يىلغىچة تاپقان تةرگىنىنى شۇ بالىسىنىڭ ئوقۇشىغا ئاتىۋةتمىسة بولمايدۇ.

    يوقارقىلار مېنىڭ ناھيىمىزنىڭ ئةمىليىتىدىن ھېس قىلغان مۇلاھىزىلىرىم.بةلكىم باشقا يۇرتلاردا ئۇنداق ئةمةستور.تورداشلارنىڭ تةنقىدىي يۇسۇندا مۇلاھىزة قىلىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمةن.
    مەنبە :
    http://aqqush.com/bbs/read.php?tid=2852

    分享到: