• 1994.يىلىدىكى قاراماي شەھىرىدىكى زور ئوت ئاپىتىنىڭ سىرى.

    2009-06-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/41313604.html

    1994.يىلىدىكى قاراماي شەھىرىدىكى زور ئوت ئاپىتى.

    1994-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى قاراماي شەھىرىدىكى دوستلۇق سارىيىدا زور ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ، قاراماي شەھەر رايونىدىكى يەتتە ئوتتۇرا مەكتەپ ، سەككىز باشلانغۇچ مەكتەپتىن 284 نەپەر ئوقۇغۇچى ، 17 نەپەر ئوقۇتقۇچى ، 22 نەپەر مۇناسىۋەتلىك خىزمەتچى خادىم ، جەمئىي 323 ئادەم بۇ ۋەقەدە قازا قىلدى ( بۇلارنىڭ ئىچىدە 238 نەپىرى خەنزۇ مىللىتىدىن ، 36 نەپىرى ئۇيغۇر مىللىتىدىن ، 21 نەپىرى خۈيزۇ مىللىتىدىن ، 15 نەپىرى قازاق مىللىتىدىن ، ئۈچ نەپىرى موڭغۇل مىللىتىدىن ، ئىككى نەپىرى روس مىللىتىدىن ، ئىككى نەپىرى مانجۇ مىللىتىدىن ، ئىككى نەپىرى مياۋزۇ مىللىتىدىن ، ئىككى نەپىرى شىبە مىللىتىدىن ، بىر نەپىرى جۇاڭزۇ مىللىتىدىن ، بىر نەپىرى داغۇر مىللىتىدىن ) . 
    بۇ ھەقتە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى چېن ياۋۋېن 2007-يىلى ئاشكارىلىغان تۆۋەندىكى ئەسلىمە ...

    قاراماي << 8-دېكابىر زور ئوت ئاپىتى >>دىكى سىرلار
    قەلەم تەۋرەتكۈچى :چېن ياۋۋېن (陈耀文) .

    دوستلار ، تۆۋەندە سىلەرگە كۆرسەتمەكچى بولغان خەت ۋە سۈرەتلەر بىر قېتىملىق زور ئاپەتكە مۇناسىۋەتلىك . مېنىڭچە ، بۇ زور ئاپەت ئۇنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ياررۇ-بۇرادەرلىرىگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە جىسمانىي ۋە روھىي ئازاب كەلتۈردى، شۇنداقلا مۇشۇ خىلدىكى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان دوستلارنىڭ قەلبىگە ئۆچۈرگۈسىز ئىزلارنى سالدى . 2007-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى شەرق تېلېۋىزىيىسى << 1994-يىلىدىكى قاراماي ئوت ئاپىتى >> نامىدا مەزكۇر ئوت ئاپىتىنىڭ بىر قىسىم ئەھۋاللىرىنى خەۋەر قىلدى . بۇ پىروگرامما كۆرسىتىلگەندىن كېيىن ، ئوت ئاپىتى تۈپەيلى قەلبى ئېغىر جاراھەتلەنگەن دوستلار بۇنىڭغا قارىتا ھەر خىل ئىنكاس قايتۇرۇشتى . كۆپچىلىككە ئايانكى ، بىر قىسىم دوستلار بۇ << يارا ئېغىزى>>نى يەنە قايتا ئېچىشنى خالىمايدۇ ، مەن ئۇلارنى توغرا چۈشىنىمەن ، ھۆرمەت قىلىمەن . شۇڭا ، مەزكۇر يازمامدا ئالدى بىلەن سۆيۈملۈك دوستلارغا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىمەنكى ، ئەگەر سىز روھىي جەھەتتىن يېتەرلىك تەييارلىق كۆرمىگەن بولسىڭىز ، تۆۋەندىكى خەت ۋە سۈرەتلەرنى كۆرمەڭ ، ئەگەر يۈرەك كېسىلىڭىز بولۇپ ، كۈچلۈك روھىي غىدىقلىنىشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولسىڭىز ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ . بۇنداق دېيىشىم ، پەقەت سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن ، سىزنىڭ ھاياتىڭىز ۋە روھىيىتىڭىزگە ھۆرمەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن ، جەمئىيەتنىڭ گۈزەل بولۇشى ئۈچۈندۇر . كۆپچىلىككە رەھمەت .
    چېن ياۋۋېن  2007-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈن كېچە


    12 يىل بۇرۇن قارامايدا يۈز بەرگەن زور ئوت ئاپىتى مېنى چىدىغۇسىز ئازابقا سېلىپ كېلىۋاتىدۇ . مەن قەلبىمدىكى قايناقچىلىقنى پەقەتلا تىزگىنلىيەلمەي قالدىم ، ئاشۇ چاغدا بىگۇناھ كەتكەنلەر ، بىمەھەل سۇلغان غۇنچىلار ، ئۆلگەندىنمۇ بەتتەر تۇرۇۋاتقان يارىدارلار ، غەزەپ ئوتىدا كۆيۈۋاتقانلار كاللامغا كىرىۋېلىپ ، << ئاز-تولا بىر ئىش قىلسامكەن >> دېگەننى خىيال قىلىپلا تۇرىمەن ...

    2006-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، كۆپ مېدىئا تېخنىكى مېڭ شياڭ ۋە ۋاڭ جۈەننىڭ ياردىمىدە ، مەن 12 يىلنىڭ ئالدىدا تېلېۋىزىيىدە كۆرسىتىلمىگەن سىن كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەت شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ تەييارلىدىم .

    12 يىل ئالدىدىكى قاراماي سەپىرىمدە شۇ يەرلىك بەزى كەسىپداشلار ۋە ئاق نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئىدىم . مۇخبىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ، مەن ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى سىن كۆرۈنۈشلىرى ۋە سۈرەتلەرگە ئىگە بولدۇم ، بۇلار مېنىڭ ھۆكۈمىم ۋە تەپەككۇرۇمنى زور بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى ، بىر قىسىم پەرەزلەرنى دەلىللىدى ، بىر قىسىم پاكىتلارنى ئايدىڭلاشتۇردى . 12 يىل بولدى ، ئاشۇ چاغدا ماڭا بۇ ماتېرىياللارنى يەتكۈزگەن دوستلار ھازىر قانداقراق تۇرۇۋاتقاندۇ ؟ ئۇلارنى ئاۋارە قىلىپ كۆڭلىنى يەنە پاراكەندە قىلماسلىق ئۈچۈن ، مەن ئۇلار بىلەن قايتا ئالاقىلىشىپ باقمىغان ئىدىم . ئەمما ، ئۇلارنى ھېلىھەم ئەسلەپ تۇرۇۋاتىمەن !

     1994-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئۆزئەرك ( ئاپتونوم ) رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەشكىللىكىدىكى << ئىككى ئاساسەن >> تەكشۈرۈش ئۆمىكى ( 23 كىشى ) قارامايغا كەلدى . 12-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئالتىدە ، قاراماي شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى دوستلۇق سارىيىدا مەزكۇر ئۆمەكنى قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن سەنئەت كېچىلىكى ئۇيۇشتۇردى ، قاراماي شەھىرىدىكى يەتتە باشلانغۇچ مەكتەپ ، سەككىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئوقۇغۇچى ، ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى-خىزمەتچى ۋە قاراماي شەھىرى ، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بولۇپ 796 كىشى بۇ كېچىلىككە قاتناشتى .

    سۈرەتتە ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بارابانچىلار ئەترىتى دوستلۇق سارىيى ئالدىدا رەھبەرلەرنى كۈتۈۋالماقتا .

    ياڭراق  بارابان ساداسىدا ، رەھبەرلەر سارايغا كىرمەكتە .

    بۇ سۈرەتتە ، شۇ كۈندىكى كېچىلىكتىكى ئىككى نەپەر ئېلانچىك قىزچاق ، بىرسىنىڭ ئىسمى جاۋ ياجىڭ ( ئىسمى ۋە چىرايىغا ئاساسەن ، ئوڭ تەرەپتىكى قىزچاق شۇ دەپ ئويلايمەن ) ، قاراماي شەھەرلىك سەككىزىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى . بەختكە يارىشا ، ئوت ئاپىتىدە ئۇ ئامان قالغان .

    كېچىلىكتە كۈنتەرتىپنىڭ بىرىنچىسى _ رەھبەرلەرگە مەدھىيە سۆزى . سۈرەتتە بالىلار گۈل تۇتۇشۇپ ، كېچىلىككە قەدەم تەشرىپ قىلغان ۋە ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن رەھبەرلەرگە قارىتا مەدھىيە سۆزلىرىنى بىرلىكتە دېكلاماتسىيە قىلماقتا . دېكلاماتسىيەدىن كېيىن بالىلار سەھنىدىن چۈشۈپ ، قولىدىكى گۈللەرنى رەھبەرلەرگە تۇتتى .

    كېچىلىكتىكى تۇنجى نومۇر _ ئۇسسۇل << ئىللىغان ئۆسمۈرلەر قەلبى >> ، قاراماي شەھەرلىك سەككىزىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇندىغان . مەزكۇر نومۇرنىڭ ئىسمى كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە قالسۇن ، جاھاندا بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق كىنايە سۆزى تېپىلماس ...

    كېچىلىكتىكى تۇنجى نومۇر _ ئۇسسۇل << ئىللىغان ئۆسمۈرلەر قەلبى >>.

    ئويۇن كۆرۈۋاتقان رەھبەرلەر . ئۇلار مۇشۇ ۋاقىتتا بالىلار ۋە ئاۋامنىڭ قەلبىدە باھار كەبىي مەبۇد قارىلاتتى . قاراڭ ، ئۇلارنىڭ ئالىيجاناب سالاپىتىگە ! ...

    بۇ ، بىرىنچى نومۇرنىڭ ئاخىرلىشىش كۆرۈنۈشى .
    ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر دوستۇمدىن ئۇقۇشۇمچە ، مۇشۇ كۆرۈنۈشنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ، سىنئالغۇنىڭ توكى تۈگەپ كەتكەنلىكتىن ، سىنئالغۇچى زالنىڭ ئالدىدىكى ئۆيگە بېرىپ ماي ئالماشتۇرۇۋاتقاندا ، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

    ئوت كېتىشتىن بۇرۇن سىنغا ئېلىنغان كۆرۈرمەنلەر ئورنى . دوستلۇق سارىيىدا جەمئىي 831 كىشىلىك ئورۇن بار ، سۆيۈملۈك رەھبەرلەر تامامەن دېگۈدەك ئالدىنقى ئىككى رەتتە ئولتۇرغان ، بىرىنچى رەتتىكى رەھبەرلەرنىڭ ئالدىغا ئۈستەل تىزىلغان . كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، ئۇلار مۇشۇ جايىدىن كەينى تەرىپىدىكى چىقىش ئېغىزىغا بارغۇچە ئەڭ كۆپ ئارىلىقنى باسىدۇ . ھالبۇكى ، قاراماينىڭ شۇ يەرلىك رەھبەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتىن قۇتۇلۇپ قالغان ، ئاز ساندىكى بىر نەچچىسى كۆيۈپ يارىلانغان . بۇ ۋەقەدە ، << ئىككى ئاساسەن >> تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ 23 نەپەر ئەزاسىدىن 17سى قازا قىلغان ، قالغانلىرى ئوتتا يارىلانغان . شۇ يەرلىك كىشىلەردىن قايتا – قايتا دەلىللەش ئارقىلىق ئېرىشكىنىم شۇكى : ئاپتونوم رايون تەشكىللىگەن << ئىككى ئاساسەن >> تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە باشقا ۋىلايەتلەرنىڭ مائارىپ كومىتېتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەركىب تاپقان ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسىنىڭ قارامايغا تۇنجى قېتىم كېلىشى ئىكەن . شۇ كۈنى ، ئۇلار دوستلۇق سارىيىدىن ئورۇن ئېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوت كەتكەن . ئۇلار ئولتۇرغان ئورۇننىڭ سول تەرىپىدىن ئون نەچچە مېتىر يىراقلىقتا ، يەنى سەھنىگە يېقىن جايدا ئارام ئېلىش كارىدورىغا چىققىلى بولىدىغان ئىشىك بار بولۇپ ، بۇ ئىشىك قۇلۇپلانمىغان ، چۈنكى بۇ كارىدوردا ھاجەتخانىدىن ئىككىسى بار ئىدى . شۇ يەرلىك رەھبەرلەر بۇ سارايدا دائىم يىغىن ئاچىدۇ ، ئويۇن كۆرىدۇ ، بۇ يەرنىڭ يوللىرىغا پىششىق بولۇپ كەتكەن ، شۇڭا ئۇلار ئوت كەتكەندە پاتپاراقتا قالغان بالىلار ۋە سىرتتىن كەلگەن مېھمانلار بىلەن كارى بولماي ، قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ تىكىۋەتكەن .

    يۇقىرىقى سۈرەتتە قاراماي شەھەرلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنباسار ( مۇئاۋىن ) مۇدىرى ، باش كاتىپى جاڭ تاڭخۇامۇ بار ( سۈرەتتە قايسى كىشى شۇ ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن ) ، پەرىزىمچە ئۇ بىرىنچى رەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جايدا ئولتۇرغان . تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە ، ياشقا چوڭىيىپ قالغان جاڭ تاڭخۇانىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئىستىكى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا ، يا سەبىي بالىلارنى تەرتىپلىك ھالدا يۆتكەپ چىقىپ كېتىشكە تەشكىللىمەي ، يا كەلگەن مېھمانلارغا يول كۆرسەتمەي ، ئۆزى يالغۇزلا ھېلىقى ھاجەتخانىغا قېچىپ كىرىۋېلىپ ، جېنى ئامان قالغان . 12 يىلنىڭ ئالدىدا ئىگەللىگەن خەۋىرىمدە ، جاڭ تاڭخۇاغا پارتىيىلىكى ساقلىنىپ بىر يىل سىناش ، ئورۇنباسار مۇدىرىلىقتىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلگەن . كېيىنچە جىنايى جازاغا بۇيرۇلغانلار تىزىملىكىدە ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇچراتمىدىم .

    سۈرەتتە ، يىغىن زالىنىڭ شىمال تەرەپ ئالدى قىسمىدىكى كۆرۈنۈش . كەينىدە ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشىغا قارىغاندا ، ئالدى تەرەپتە ئولتۇرغانلار مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ياكى ئوقۇتقۇچىلىرى . ئۇلارنىڭ سول تەرىپىدىن بىر نەچچە مېتىر نېرىدا بايا ئېيتىلغان ھېلىقى ھاجەتخانىغا تۇتىشىدىغان ئىشىك بار ، ئارىلىق يېقىن بولغاچقا ، ئۇلار ئىشىكنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ . ئەگەر ئۇلار كەينىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن كارى بولماي ، بىر نەچچە قەدەم ئالسىلا ، بۇ ئىشىكتىن چىقىپ كېتىپ ئوتتىن ئامان قالالايدۇ . بىراق ، ئاخىرقى سىتاتىستىكا نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، 12-ئاينىڭ 8-كۈنى پائالىيەتكە قاتناشقان 40 نەچچە نەپەر ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى-خىزمەتچىدىن 36 نەپىرى ئۆلۈپ كەتكەن ، قالغانلىرى ئوتتا يارىلانغان .

    شۇ كۈندىكى تۇنجى نومۇرنى يۇقىرىقى سۈرەتتىكى ئاق كىيىملىك مۇئەللىمە تەييارلىغان . ئۇنىڭ ئىسمى جاڭ يەن ، سەككىزىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا مۇئەللىمەسى ، 1965-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى تۇغۇلغان . شۇ قېتىمقى ئاپەتتە ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى 16 نەپەر سەبىي قىز تېخى بايىلا نومۇر ئورۇنلىغان سەھنىدىن ئايرىلا-ئايرىلالماي تۇرۇپلا ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈپ كەتكەن .

    جاڭ يەن مۇزىكا ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان ئون نەچچە يىلدا كۆپلىگەن شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن .

    سۈرەتتە جاڭ يەننىڭ قەبرە تېشى .
    ئۇ ئوماق ئوغلىنى تاشلاپ كېتىپ قالدى . ئۇ شۇ چاغدا 29 ياشتا ئىدى . بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، 29 ياش خېلىلا چوڭ بىلىنسىمۇ ، ئەمما ياشىنىپ قالغان ھېلىقى رەھبەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا ، جاڭ يەن تېخى ياشلىقىنىڭ باھار پەسلىدە ئىدى .

    سۈرەتتە قاراماي شەھەرلىك سەككىزىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق 2-سىنىپنىڭ كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلىرى بۇ كېچىلىككە قاتناشقان . سۈرەت ئوت كېتىشتىن بىر نەچچە مىنۇت بۇرۇن تارتىلغان ( كىمنىڭ تارتقانلىقى ئېنىق ئەمەس ) .بۇ سىنىپتا جەمئىي 43 نەپەر ئوقۇغۇچى بار ، كېچىلىككە قاتناشقىنى 42 نەپەر . بىردىنبىر ھايات قالغۇچى بىر قىز ئوقۇغۇچى بولۇپ ، ئۇ شۇ كۈنى مەكتەپكە بارغان چېغىدا مەكتەپ فورمىسىنى كىيمىگەنلىكتىن ، ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇۋەتكەن . بۇ بالىنىڭ ئائىلە شارائىتى ناچار ، شەھەر سىرتىغا جايلاشقان ئۆيىدە تېلېفۇنمۇ بولمىغاچقا ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر شۇ كۈندىكى دوستلۇق سارىيىدا نېمە ئىشلار بولغانلىقىنى بىلمەيتتى .

    سۈرەتنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىسى بايا سۈرىتى كۆرسىتىلگەن 3-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئولتۇرغان ئورۇنلار ، سول تەرىپىدىكى يورۇق جاي بولسا سەھنىگە يېقىن جايدىكى چىقىش ئىشىكى . كۆزنى چاقنىتىدىغان بۇ يورۇقتىن بىز سىرتتىكى ئەركىن-ئازادىلىكنى بايقىيالايمىز ، ئەمما ئوت كەتكەن ۋاقىتتا بۇ ئىشىك قۇلۇپلاقلىق ئىدى .

    قاراماي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ دوستلۇق سارىيىنىڭ تېمىغا يامىشىپ دېرىزىگە ئورنىتىلغان تۆمۈر رىشاتكا ئىچىگە قولىنى تىقىپ ئەينەكلەرنى چېقىۋاتقانلىقىدەك قەھرىمانانە كۆرۈنۈشلىرىنى سىنغا ئېلىۋالغان . ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئوت ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلارغا پەقەت ئوكسىگېن يەتكۈزۈپ بېرەلەيتتى ، ئۇلارغا بولغان خەۋپنى يوقىتالمايتتى .

    نەق مەيداننى تازىلىغان چاغدىلا ئاندىن قومۇرۇلغان بۇ ئىشىكنىڭ قۇلۇپى 1994-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ( ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ) سىنغا ئالغان ۋاقتىمىزدا يەنىلا ئېچىلمىغان ئىدى . تۆمۈردىن ياسالغان نەرسە ئوتتا مۇشۇنچىلىك تۇرغان بولسا ، بۇ ئىشىكنىڭ ئارقىدا جان تالىشىۋاتقان سەبىيلەر قانچىلىك بولماقچى ئىدى ؟ ...

    سۈرەتتە ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان 8 ياشلىق گاۋ شياۋيىننىڭ دادىسى گاۋ لى . ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ، مۇنداق دېدى : رەھبەرلەر بالىلارغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك ئىدى ، ئۆزىنى قوغداشنى بىلمەيدىغان بالىلارنى تاشلاپ قويۇپ ، ئۆزىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇشى ئادەمنى غەزەپلەندۈرىدۇ ، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن ئۆزگە ئىش ئەمەس . ئۇلارنىڭ ئوت مەيدانىدىن قېچىشى ئادەم ئۆلتۈرۈش قىلمىشىنىڭ باشلانغانلىقى ، مەيداندىن قېچىپ چىقالىشى ئادەم ئۆلتۈرۈش قىلمىشىنىڭ تاماملىنىشى ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ، ئۇلارنى قەستەن قاتىللىق جىنايىتى بويىچە جازاغا تارتىش كېرەك !

    سۈرەتتە : سەككىزىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ ئۈچىنچى يىللىق ئىككىنچى سىنىپ . بىز بۇ سىنىپ ئىچىنى سىنغا ئېلىۋاتقىنىمىزدا ، ياندىكى سىنىپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇۋاتقاندىكى چۈچۈك ئاۋازلىرى ئاڭلاندى ، كۆڭلىمىز بۇزۇلۇپ ، بۇ سىنىپقا ئىچكىرىلەپ كىرەلمەي تۇرۇپ قالدۇق ...

    بۇ سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن بىردىنبىر ھايات قالغۇچى مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ھېلىقى قىز ئوقۇغۇچى ، ئۇ يۈز بەرگەن ئىشلاردىن خەۋەرسىز بولغاچقا ، 12-ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەردە سىنىپقا يېتىپ كەلگەن . بۇ چاغدا كېچىلىككە قاتناشمىغان ئوقۇتقۇچىلار قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ ، مەكتەپ ، ھەتتا پۈتكۈل قاراماي شەھىرى بىر كېچە ئۇخلىمىغاندەكلا ئىدى . مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئىش تۈپەيلى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقمىغان بۇ قىزچاق مەكتەپتە يەنە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان باشقا ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرۈپ ، ئۇلاردىن : << مۇئەللىم ، مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم كۆرۈنمەيدىغۇ ؟ >> دەپ سورىغان ، ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭ ھايات قالغانلىق سەۋەبىنى ئۇققاندىن كېيىن ، ئۇنى قۇچاقلاپ يىغلىشىپ كەتكەن ...

    ئوقۇتقۇچىلاردىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ، يۈرىكىم تىترەپ كەتتى ... بۇ قىزنىڭ ئىسمىنىمۇ خاتىرىلىۋالماپتۇق ، بۇ نەچچە يىلدىن بېرى ئۇنىڭ كۈنلىرى قانداق ئۆتتىكىن ؟ ...

    سۈرەتتە : قاراماي شەھەرلىك بىرىنچى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يېتەكچىسى لى پىڭ ( شۇ چاغدا 35 ياش ) .

    ئوت كەتكەن كۈنى ، لى پىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئېلىپ نومۇر ئورۇنداشقا بارغان . ئۇلارنىڭ نومۇرى كەينىگىرەك ئورۇنلاشتۇرۇلغاچقا ، ئۇ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە كۆرۈرمەنلەر ئورنىنىڭ ئارقىدىن سانىغاندا ئىككىنچى قاتارىدا ساقلاپ ئولتۇرغان . بىرىنچى نومۇر ئاخىرلىشاي دېگەندە ، ئۇ سەھنىنىڭ ئۈستىدىن بىر پارچە ئوت شارىنىڭ چۈشكىنىنى كۆرگەن ، دەسلىپىدە ئويۇن ئۈچۈن چىقىرىلغان سەھنە لايىھەسى ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ، كېيىن بۇنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان . دەل شۇ چاغدا بىرىنچى نومۇر تۈگەپ سەھنە ئېكرانى يېپىلغان ، ئۇ شۇئان يەنە بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن 12 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى ئېلىپ سول تەرەپتىكى چىقىش ئېغىزى ئارقىلىق ئالدى زالغا كەلگەن ، ئۇ يەردىن بىردىنبىر ئوچۇق ئىشىككە قاراپ مېڭىشىغىلا ، زال ئىچىدىن زور پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان ، ھاۋا دولقۇنى زەربە بىلەن ئۇلارنى ئالدى زال تەرەپكە تۈرتۈپ يىقىتىۋەتكەن .

     لى پىڭ دەرھال ئوقۇغۇچىلىرىنى سىرتقا ئىتتىرىپ ئەمدى تېخى بىر نەچچىسى سىرتقا چىقىپ تۇرۇشىغا ، ئىشىك ئۆزلۈكىدىن تۆۋەنگە چۈشۈشكە باشلىغان ( يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ تاقىلىدىغان ئىشىك ) ، لى پىڭ شۇئان ئورۇق گەۋدىسى بىلەن ئېغىر تۆمۈر ئىشىكنى يۇقىرىغا تىرەپ تۇرغان ، ئوقۇغۇچىلارنى سىرتقا چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇلار نەق مەيدانغا قايتىپ باشقىلارنىمۇ قۇتقۇزماقچى بولغاندا ، ئىشىك پۈتۈنلەي تاقىلىپ كېتىپ ، ئامال بولمىغان . شۇ چاغدا لى پىڭنىڭ ئون ياشلىق ئوغلى تېڭ تېڭ زال ئىچىدە بار بولغاچقا ، لى پىڭ دوستلۇق سارىيىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ : << تېڭ تېڭ ، ئوغلۇم ! قەيەردە سەن ؟ >> دەپ قايتا-قايتا توۋلىغان . بەلكىم تېڭ تېڭمۇ ئوت ئىچىدە ئاپىسىنى چاقىرغان بولغىيتى ؟ ...

    زىيارەت جەريانىدا ، لى پىڭ : << مېنىڭ نۇرغۇن خىزمەتداشلىرىم زالنىڭ كەينى قاتارىدىكى ئورۇنلاردا ئولتۇرغانىدى ، ئۇلار ئىشىككە يېقىن بولسىمۇ ، ئەمما قېچىپ چىقالمىدى ، چۈنكى ئۇلار ئۆز يانلىرىدا ئولتۇرۇشقان ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغدىشى كېرەك ئىدى ، ئەمما ئالدىنقى قاتاردا ئىشىككە ئەڭ يىراق جايدا ئولتۇرغان رەھبەرلەر قېچىپ چىقالىدى ، شۇنىڭغا ھەيرانمەن ... >>

    مەن تەپتىش خادىمىنى زىيارەت قىلغىنىمدا ،مەسىلە ئايدىڭلاشتى : نەق مەيداننى تازىلىغان چاغدا بايقالدىكى ، زالدا ئىستىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن بالىلارنىڭ بەدىنىدە چوڭ ئادەملەرنىڭ ئاياغ ئىزى قېپقالغان !

    سۈرەتتە لى پىڭ مۇئەللىمنىڭ ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغان ئوغلى تېڭ تېڭ .
    تېڭ تېڭ 1984-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلغان . لى پىڭنىڭ ئېيتىشىچە ، تېڭ تېڭ كىچىكىدىن ئاغرىقچان بولۇپ ، مۇشۇ يېشىغا كەلگۈچە لى پىڭ كۆپ جاپا-مۇشەققەت چەككەن . تېڭ تېڭ بىرىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ بەشىنچى يىللىق ئىككىنچى سىنىپنىڭ پىئونېرلار ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ كادىرى بولۇپ ، ئۆگىنىشتە-ئەخلاقتا ياخشى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى ئىدى . لى پىڭنىڭ بۇ سۈرىتىنى كۆرۈپ ئويلىدىم : ئۇ ھايات بولغان بولسا ، ھازىر بەلكىم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولغان ، ۋە بەلكىم بىر توقاي گۇۋاھنامە ۋە تەرجىمىھالىنى كۆتۈرۈۋېلىپ خىزمەت كويىدا يۈرگەن ياكى مائاشلىقلار قاتارىغا ئۆتۈپ ، جاپاكەش ئانىسىنىڭ جاپاسىنى يەڭگىللىتىۋاتقان بولاتتى ...

    ئىدارەمدە ، ھەر كۈنى ئىشقا بارغىنىمدا تېڭ تېڭ بىلەن قۇرداش ياش بالىلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمەن ، ئۇلار چېچىلاڭغۇ ، مىجەزى غەلىتە ، كىيىنىشلىرى ئاندىن غەلىتە ، گەپ-سۆزلىرىنى بىر ئاڭلىشىمدا چۈشىنەلمەي قالىمەن . ئەلۋەتتە ، ئۇلار خىزمىتىنى سۆيىدۇ ، تەپەككۇرى ئۆتكۈر ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىپ تۇرىدۇ ، شۇنداقلا ھەر ئايدا قولىغا كېلىدىغان مائاشىنى تېخىمۇ سۆيىدۇ ... تېڭ تېڭ ، سەن ئۇ ئالەمدە مۇشۇنداق جاپا تارتىپ يۈرەمسەن ؟ ئۇ يەردىمۇ ئىككى-تۆت تال پۇل ئۈچۈن ھەر ياققا قاترايدىغان ئىشلارمۇ بارمۇ ؟ ئۇ يەردىمۇ توختاملىق ، تەكلىپلىك ، پىراكتىكانت خىزمەتچىلەر دەپ پەرق بارمۇ ؟ ...

    ئەگەر مېنىڭ يەنە بىر قېتىم تۇغۇلۇش پۇرسىتىم بولسا ، مەن چوڭ بولماسلىقنى ، مۇھەببەتلەشمەسلىكنى ، توي قىلماسلىقنى ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئوخشاش جايلاردا ئىشلىمەسلىكنى خالايمەن ، جان بېقىش ئۈچۈن بۇنداق روھىي قىستاقلاردا يۈرگۈم يوق .

    تېڭ تېڭ ، سۈرىتىڭگە قاراپ ئولتۇرۇپ دەردىمنى تۆكۈپ سالدىم ، چۈنكى سەن بۇلارنى چۈشەنمەيسەن ، سەن ھەم ئۇنچىۋالا كۆپ رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان ، ھەتتا سېنى كىملەر ئۆلتۈرگەنلىكىنىمۇ بىلمەيسەن . شۇنداقلا ، بىر جەمئىيەتنىڭ كۆپلىگەن مەسئۇلىيەتچان ، باتۇر ، ئاق نىيەتلىك كىشىلەرنى ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەنمەيسەن ، ئاشۇنداق جەمئىيەتنى جەمئىيەت دېيەلەيمىز . پايدا-مەنپەئەت ئالدىدا ، ئورۇن تالىشىدىغان چاغدا ، كىشىلەر كۆپ چوڭ سورۇنلاردا ، تۆۋەندىكىلەرنى تەنقىدلىگەن چاغدا زورىيىپ كېتىدىغان ئاشۇ رەھبەرلەر قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق بولغان ئاجىز سەبىيلەر ئالدىدا شەخسىيەتلىكىنى ، قوتۇر قەلبىنى ئاشكارىلىدى ...

    بۇ سۈرەتتە ، ئالدىنقى قاتارنىڭ سول تەرىپىدە رەھبەر چىراي بىر ئايال ئولتۇرغان . بىر ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۇ قەدىرلەشكە ، كۆيۈنۈشكە تېگىشلىك ، ئەمما 12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئاشۇ كېچىدە ، مائارىپ كومىتېتى پارتىكومىنىڭ ئورۇنباسار سېكرىتارى ، قوشۇمچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى ئورنىدىكى بۇ ئايال كېچىلىكتىكى قىلمىشى تۈپەيلى ئۇ پۈتكۈل جۇڭگونى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغۇدەك << نام قازاندى >> :

     مەلۇم بولۇشىچە ، زور كۈچ سەرپ قىلىنىپ ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ كېچىلىكنى پىلانلاشقا كۇاڭ لى ئىسىملىك بۇ ئايالمۇ باشتىن-ئاياغ قاتناشقان . ئوت كەتكەن شۇ پەيتلەردە بۇ ئايال ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ شىمال تەرەپ كارىدوردىكى ئاياللار ھاجەتخانىسىغا قاراپ چاپقان ، دېزىنىڭ تۆمۈر رىشاتكىسى بەك مۇستەھكەم بولغاچقا ، ئۇ قومۇرالماي ، ئەينەكنى چېقىپ ساپا ھاۋادىن نەپەسلىنىش ئىمكانىيىتىنى ياراتقان . ئەمەلىيەتتە ئوت كۆيۈپ كارىدور تەرەپكە تۇتاشمىغان بولسىمۇ ، كۇاڭ لى زال تەرەپتىن كەلگەن زەھەرلىك گازنى توسۇش ئۈچۈن ، ھاجەتخانا ئىشىكىنى چىڭ تىرەپ تۇرۇۋالغان ، زال ئىچىدىن يۈگۈرۈپ كەلگەن بالىلار ئىشىكنى قانچە ئۇرۇپ ئىتتىرسىمۇ ، ئۇ ئىشىكنى قەتئىي ئاچمىغان .

    ئاياللار ھاجەتخانىسى ...

    تەپتىش خادىمىنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا ، ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ ھاجەتخانىنى كۆرۈپ چىقتۇق . ئىچىدە ئورەكتىن ئونى ، تېشىدا قول يۇيۇش كۆلچىكىدىن ئىككىسى بار بۇ ھاجەتخانا تەخمىنەن 25 كىۋادرات مېتىر چوڭلۇقتا ئىدى . ئەگەر كۇاڭ لى شۇ چاغدا بالىلارنى ھاجەتخانىغا كىرگۈزۈۋېلىپ ئاندىن ئىشىكنى تاقىۋالغان بولسا ، يەنىمۇ كۆپلىگەن بالىلار ئامان قالغان بولاتتى ...

    ئۇنىڭ يۇقىرىقى قىلمىشلىرىنى تەپتىش خادىملىرى دەلىللەپ چىقتى . قارامايلىق جىن شىنجيەن ئىسىملىك كىشى شۇ چاغدا دوستلۇق سارىيى سىرتىدا قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ياردەملىشىۋاتقاندا ، ھاجەتخانا ئىچىدە ئىشىكىن تاقاپ چىڭ تىرەجەپ تۇرۇۋالغان كۇاڭ لىنى كۆرگەن ھەمدە تەپتىش مەھكىمىسى بۇ ئىشنى تەكشۈرگەندە بۇ ئەھۋالنى ئۇلارغا يەتكۈزگەن . ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بىز جىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىدۇق ، ھازىر مېنىڭ خاتىرە دەپتىرىمدە ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ تېلېفۇن نومۇرى يەنىلا ساقلاقلىق .

    1994-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قاراماي قاماقخانىسىدا ، مەن كۇاڭ لى ۋە ئۇنىڭ << سەپداش >>لىرى بىلەن كۆرۈشتۈم . ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ئوت ئاپىتىنىڭ ھېچقانداق ئىزناسى يوق ئىدى ( ئۇلار شۇ چاغدا ساق قالغان-دە ) . كۇاڭ سېكرىتار ئەمدىلا 40 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ ، ئەمما ھارغىن ، مىسكىن كۆرۈنەتتى . ئۇ قىلمىشى ئۈچۈن تۆت يىللىق مۇددەتلىك تۆت يىللىق قاماق جازاسىغا كېسىلدى . كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش كېرەك دەپ قارىسىمۇ ، ئاخىرىدا قانۇننىڭ دېگىنى ھېساب بولىدۇ .

    چاچلىرى ئاقارغان بۇ كىشىنىڭ ئىسمى فاڭ تيەنلۇ ، ئۇ شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئورۇنباسار باشلىقلىق سالاھىيىتى بىلەن شۇ كۈندىكى كېچىلىك باشلىنىشتىن بۇرۇن قارشى ئېلىش سۆزى قىلغان . ئوت كېتىشتىن بۇرۇن ، فاڭ تيەنلۇ بىلەن قاراماي شەھىرىنىڭ ئورۇنباسار باشلىقى جاۋ شيۇلەن شۇ چاغدىكى نەق مەيداندا ئەڭ ئالىي مەمۇرىي رەھبەر بولغاچ ، كۆرۈرمەنلەر قاتارىنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئولتۇرغان . ئۇنىڭ قانداق ئاماللار بىلەن ئوت دېڭىزىدىن قېچىپ قۇتۇلغانلىقىنى بىلگىلى بولمىدى ، بەلكىم << ئوقۇغۇچىلار مىدىرلىماڭلار ، رەھبەرلەر باشتا مېڭىۋالسۇن ! >> دېگەن بىر جۈملە سۆز ئۇنىڭغا ياردەم قىلغاندۇ . تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە ، ئوت مەيدانىدىن خېلى بالدۇر قېچىپ چىققاندىن كېيىن ، باش قىسمى ، يۈزى ۋە قولى يېنىك دەرىجىدە كۆيگەن فاڭ تيەنلۇ رەھبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن نەق مەيداندا باشقىلارنى ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش تەدبىرى ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللىمەكتە يوق ، ئەكسىچە دوختۇرخانىغا يارىسىنى بىر تەرەپ قىلغىلى چاپقان . ھەتتا ئۇ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ئالدىدىن ئۆتكەندە ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىغا ئەھۋال مەلۇم قىلماي ، ئوت ئۆچۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن . فاڭ تيەنلۇ ئاخىرىدا خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن تۆت يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى .

    نەچچە ئون مىنۇت زىيارەت قىلىنىپ تۈگىگەندىن كېيىن ، ئۇنى تۈرمە ساقچىسى ئېلىپ تاكى كۆزىمىزدىن يىتكۈچە ، بىز ئىشىكنىڭ كىچىككىنە يوچۇقىدىن ئۇنى ئىزچىل سىنغا ئېلىپ تۇردۇق . [/size]

    توردا ئۇچۇر ئىزدەپ باقسىڭىز ، << قاراماي شەھىرى رەھبەرلىرىدىن تاڭ جيەن >> دېگەن مەلۇماتلارنى ئۇچرىتىسىز . مەن چۈشەنچە بېرەي : قارامايدىكى ئوت ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى تاڭ جيەن بار ، بىرسى ، ھازىرقى قاراماي شەھەرلىك پارتىكوم سېكرىتارى ، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىكومىنىڭ سېكرىتارى تاڭ جيەن ، شۇ يەردىكىلەر ئۇنى << چوڭ تاڭجيەن >> دېيىشىدۇ ؛ يەنە بىرى ، قاراماي مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئورۇنباسار مۇدىرى تاڭ جيەن ، يەنى << كىچىك تاڭ جيەن >> . يۇقىرىقى سۈرەتتىكىسى دەل كىچىك تاڭ جيەن . ئۇ 8-دېكابىر كېچىلىكىنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى ، كۇاڭ لى بىلەن خىزمەتنى بۆلۈشۈۋالغان ، يەنى نەق مەيداندا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا كىچىك تاڭ جيەن مەسئۇل ئىدى . ئوت ئاپىتىدە ئۇ كۆيۈپ يېنىك يارىلانغان ھەمدە ئۆزى سىرتقا قېچىپ چىقىۋالالىغان . كېيىن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى . بەزى تورداشلار ئۇنى جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قايتا ئەتىۋارلىنىشقا ئېرىشىپ يەنە يۇقىرى ئورۇنغا چىقىۋالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قاپتۇ ، بۇ بىر ئۇقۇشماسلىق . ئەينى ۋاقىتتا << پارتىيىدە قالدۇرۇلۇپ ئاگاھلاندۇرۇلۇش >> چارىسى بېرىلگەن ، كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئۆزلۈكىدىن قالدۇرۇلۇپ ، ھازىر يەنە ئۆز ئەمىلىگە قايتقان تاڭ جيەن بولسا تۆۋەندىكى چوڭ تاڭ جيەن شۇ .

    چوڭ تاڭجيەن ...

    مەن ئىگەللىگەن ماتېرىياللاردا ، چوڭ تاڭ جيەننىڭ سۈرەتلىرىدىن پەقەت مۇشۇ بىر نەچچە چىراي ئىپادىسىلا بار . ئۇ شۇ كۈنكى پائالىيەتكە قاتناشمىغان ، ئەمما ئۇ شۇ چاغدىكى شەھەرلىك پارتىكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان ئەڭ ئالىي رەھبەر .
    يۇقىرىدىكى سۈرەتلەردە ئۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سىنغا ئېلىش ئۆيىدە ئالدىن سىنغا ئېلىنغان << شەھەر خەلقىدىن كەچۈرۈم سوراش >> پىروگراممىسىدا .
    قايغۇرۇش ، ئۆكۈنۈش ، ئاللا-توۋا كۆتۈرۈش ئۇنىڭ بۇ پىروگراممىدىكى ئاساسلىق كۆرۈنۈشلىرى . بۇ پىروگرامما قويۇلغاندىن كېيىن ، قاراماي شەھەر ئاھالىسىنىڭ بۇنىڭغا بىلدۈرگەن نارازىلىقىنىڭ ئىپادىسى : تولىمۇ غەلىتە ، بىنورمال ، ھەزىل ، تېتىقسىز ... بولغان .
    شەھەر ئاھالىلىرى نەچچە يېرى كېسىۋېتىلگەن بۇ پىروگراممىنىڭ سىنغا ئېلىنغان چاغدىكى ھەقىقىي ئەھۋالىنى تولۇق بىلمەيتتى : شەھەرلىك پارتىكومنىڭ سېكرىتارى ، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىكوم سېكرىتارى تاڭ جيەن سىنغا ئېلىش ئۆيىدە گېپىنى ئەمدىلا باشلاپ تۇرۇشىغا خۇددى ئارتىسلارچە بىر نەچچە مىنۇت يىغلاپ كەتكەن ، يەنە << ھەي بالىلار ، مەن گۇناھكار ، مەن سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن >> دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان ، شۇ يەردىكى خىزمەتچى خادىملار ئامالسىزلىقتىن ئۇنى يۆلەپ چۈشۈپ كەتكەن . ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۇ قايتىپ چىقىپ ، ئالدىن تۈزۈپ تەييارلانغان نۇتقىنى سۆزلىگەن ...

    سۈرەتتە : ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەھنە چىرىغى .

    ئوت ئاپىتىدىن كېيىنكى دوستلۇق سارىيىنىڭ كۆرۈرمەنلەر ئورنى . كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، تامدىكى زىننەت بۇيۇملىرى ۋە ئورۇندۇقتىكى يۇمشاق توقۇلمىلىق بۇيۇملار كۆيۈپ تۈگىگەن . مانا شۇ نەرسىلەر كۆيگەندە زەھەرلىك گاز چىقىرىپ ، زور تالاپەتكە سەۋەبكار بولغان .

    سۈرەتتە : دوستلۇق سارىيىنىڭ ئالدى زالى . سول تەرىپى ساراي سىرتىغا ، ئوڭ تەرىپى كۆرۈرمەنلەر ئورنىغا تۇتىشىدۇ . يەردە يېيىلىپ ياتقىنى بالىلارنىڭ دەرسلىك كىتاب-دەپتەرلىرى ، چوڭ-كىچىك ئاياغلار ، شۇنداقلا گاڭفەن ، موما ، قاتلىما قاتارلىق يېمەكلىكلەر قاچىلانغان ئاليۇمىن قاچىلار .

    دوستلۇق سارىيىنىڭ سول تەرەپ كارىدورى . كۇاڭ لى ۋە جاڭ تاڭخۇا جېنىنى ساقلاپ قالغان ئەر-ئاياللار ھاجەتخانىسى مۇشۇ سۈرەتتە قاراڭغۇ كۆرۈنگەن جاينىڭ سول تەرىپىدە . ئېنىقكى ، بۇ كارىدورغا ئوت يېتىپ كەلمىگەن ، يەردىكى ئەينەك پارچىلىرى بولسا ، سىرتتىكىلەر چاققاندا يەرگە چۈشكەن دېرىزە ئەينەكلىرىدۇر .

    دوستلۇق سارىيىنىڭ ئوڭ تەرەپ كارىدورى . ئوت كەتكەندە ، بۇ كارىدور بىلەن ئالدى زال ئارىسىدا قۇلۇپ سېلىنغان بىر تۆمۈر رېشاتكا بار ئىدى ، شۇڭا زالدىكىلەر قېچىپ بۇ كارىدورغا كەلسە ، يەنىلا ئامان قالمايتتى .

    دوستلۇق سارىيىنىڭ شۇ چاغدىكى ئالدى كۆرۈنۈشى . بۇ ساراي غەربكە قارىتىپ سېلىنغان . ساراي ئىشىكى ئالدىدىكى ئالتە تۈۋرۈك ئارىسىغا چىقىش ئېغىزىدىن ئۈچى بېكىتىلگەن . ئاشۇ كۈنى ، ئوڭ تەرەپتىكى ئىشىكلا ئېچىپ قويۇلغان . بىز ھېسابلاپ باقايلى : ساراينىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي تەرىپىدىكى يان ئىشىكلىرىنى قوشقاندا ، بۇ ساراينىڭ جەمئىي 7 يېرىدە كىرىش-چىقىش ئېغىزى بار . قائىدە بويىچە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېچىۋېتىلگەن بولسا ، ئۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە بۇنچە كۆپ جان ھاياتىدىن ئايرىلمايتتى ، ھەتتا نەق مەيداندىكى رەھبەرلەر << ئوقۇغۇچىلار جىم تۇرۇڭلار ، رەھبەرلەر ئاۋۋال مېڭىۋالسۇن ! >> دەپ كاركىرىسىمۇ ... ! ھازىر دوستلۇق سارىيىنىڭ ئالدى تېمىلا قېپقالدى .

    分享到:

    评论

  • ھەققەتەن بەك ئىچىنشىق كورۇنشلەركەن