• رەھبەرنىڭ پائالىيتىدىن خەۋەر يېزىش

    2009-06-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/41297402.html

    چېنشياۋدوڭ 

    گىزىتخاننىڭ يىڭى مۇخبىرى رەھبەرنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىدىن خەۋەر برىشكە مەسئۇل بولدى،يېغىنداسۆزلىگەن سۆز،خىزمەت تەكشۈرۈش قاتارلىقلاردىن خەۋەر بىرىش ئوڭاي ،ئەمما رەھبەرنىڭ باشقا پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق يازغان خەۋەرلىرىنى مەسئۇل مۇھەررىر شاللىۋىتىپ ئارام بەرمىدى.ئامالسىز قالغان يېڭى مۇخبىر تەجىربىلىك  پىشقەدەم مۇخبىردىن ياردەم سوردى :
    رەھبەر سۇ ئامبىرغا بىرىپ بېلىق تۇتۇپ كۆڭۈل ئاچسا نىمە دەپ يېزىش كىرەك ؟
    ــ  سۇئامبىرنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرنى تەكشۈرۇپ،تاشقىندىن مۇداپىئەكۈرۈش خىزمىتىگە يول يۇرۇق بەردى،دەپ يازمىز..
    .ــ رەھبەر تاققا ئوۋ ئولاشقا چىقسىچۇ؟
    ــ  ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ئىكىلۇگىيلىك قۇرلۇش ۋەئورمان ئاسراش خىزمىتنى تەكشۈردى..
    .ــ  رەھبەر ھۆكمەت پۇلغا مىھمان چاقىرسىچۇ؟
    ــ  سەييارە سودىگەرلەرنى قۇبۇل قىلىپ خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرى ھەققىدە كىڭەشتى..
    .ــ  رەھبەر چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقسىچۇ؟
    ــ  تۈرلەرنى كۆزدىن كەچرۈپ چەت ئەللەرنىڭ ئىلغار تەجىربىلىرىنى ئۈگنىشكە باردى..
    .ــ  رەھبەر يېزغا تۇققان يوقلاشقا بارسىچۇ؟
    ــ  تۇۋەنگە چوڭقۇر چۆكۈپ نامراتلاردىن ھال سوردى..
    .ــ  رەھبەر دائىم تاڭسىخانغا بارسىچۇ؟
    _ ئامما بىلەن ئىچقۇيۇن - تاشقۇيۇن بولدى
    .ــ  رەھبەر ھەر تەرەپكە قاتراپ ئۆزنى قوللايدىغانلارنى ئىزدىسىچۇ؟
    ــ جاپادىن قورقىماي  ئاساسى قاتلامغا بېرىپ بىر كۇندە سەككىز ئورۇننى تەكشۇرۈپ تەتقىق قىلدى..
    ياش مۇخبىر بۇ سۆزلەردىن رەھبەرلىك توغرىسدا خەۋەر يېزىشتا نۇرغۇن ئىلىم بارلىقنى بايقىدى ۋە تېخمۇ ئىچكىرلەپ بىرنەچچە سوئال سوردى :
    ــ  رەھبەر قۇرلۇش تۈرنى ئۆزيېقىنلىرغا بەرسىچۇ؟
    ــ  نازارەت قىلىشقا قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن  ئەھۋالنى پىششىق بىلىش كىرەك..
     .ــ  رەھبەرنىڭ ياردەمچىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋتىنىڭ ناچارلىقى يۇقۇرنىڭ قۇلقىغا يەتسىچۇ؟
    ــ قول ئاستىدىكىلەرگە قاتتىق قول بۇلۇپ، ئۇلار خاتالىق ئوتكۈزسە قەتئى قانات ئاستىغا ئالمايدۇ..
    .ــ  رەھبەر ئايال يولداشلاربىلەن بىنۇرمال مۇناسىۋەتتە بولسىچۇ؟ــ  ئاممىنىڭ تۇرمۇشغا كۆڭۈل بولدۇ
    .ــرەھبەرنىڭ خۇتنى دائىم ئىدارىگە كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن سۇقۇشساچۇ؟
    ــ  ئائىلسىدىكىلەرنىڭ چۈشەنمەسلىكگەپەرۋا قىلماستىن خىزمىتگە سادىق بولغان..
     .ــ  ئەگەر رەھبەر تۇيۇقسىز قاتناش ۋەقەسىدە قازاقىلسا ھەمدە ئۇنىڭ ماشىنىسدا بىر ياش قىز بولسا قانداق يازمىز.
    ياش مۇخبىر كۆڭلىدە ئەمدىغۇ چىرايلىق گەپ تىپىلماس دەپ ئويلىدى،ئەمما ئويلىمغان يەردىن :
    _«ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن ،ھاياتى خەۋىپ ئىچدە قالغانلارنى قۇتقۇزۇش يۇلدا ھاياتىدىن ئايرىلدى!دەپ يازىمىز،....»دېدى پىشقەدەم مۇخبىر    
    ئەقلىمە ئابدۇللا ـ تەرجىمسى   
    مەنبە :  ئىلى گىزىتىدىن ئېلىندى
    分享到: