• خوتۇن ئېلىش ھەققىدە

    2010-06-21

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/66642611.html

    خوتۇن ئېلىش ھەققىدە

    بىلگىنكى ھەر قاچان خوتۇن ئالساڭ خوتۇنۇڭنى ھۆرمەت قىل ۋە ھەرقانچە قەدىرلىك نەرسەڭ بولسىمۇ ساڭا ئىتائەت قىلغان، ئاق كۈڭۈل، توغرا يوللۇق خوتۇنۇڭ ۋە ئوغلىڭدىن ئايىما، قىزغانما . خوتۇن ئېلىشتا خوتۇننىڭ مال-مۈلكىدىن، پۇلىدىن بىر نەرسە ئېلىشنى ئىزدىمە ۋە خوتۇننىڭ تولىمۇ گۈزىلىنى ئىزدىمە . چۈنكى گۈزەللەر كۆپۈنچە ئويناش (ئاشنا تۇتۇش)نى ئىزدەيدۇ.ئالغان خوتۇنۇڭ شۇنداق بولسۇنكى، يارىماس ئادەملەردىن يۇزى پاك ، دىنى پاك بولسۇن، قورامى ئوتتۇر ياشلىق ۋە خوتۇنلۇققا ، ئۆي تۇتۇشقا لاياقىتى بولسۇن.ئۆي ئىشلىرىنى بىلىدىغان، ئۆزىنىڭ ھالال ئېرىنى سۆيگۈچى، ھايالىق نۇمۇسلۇق، ئۆزىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى بولسۇن. بۇ سۈپەتكە لايىق بولغان خوتۇن يامان ئىشلاردىن ئۆزىنى ساقلىغۇچى بولىدۇ.
    يەنە، ئۆز مەرتىۋەڭدىن يۇقىرى، ئۆزىڭدىن باي خوتۇن ئالما، تاكى خوتۇنۇڭ ئالدىدا تۆۋەن ئورۇندا بولمىغايسەن. چۇقۇم قىز ئېلىش ئەۋزەل، ئەردىن قالغان تۇل خوتۇننى ئالما .چۈنكى قىزنىڭ قەلبىدە سىنىڭ مۇھەببىتىڭدىن باشقا ئەرنىڭ مۇھەببىتى بولمايدۇ.
    باشقىلارنىمۇ ساڭا ئوخشاش دەپ بىلىدۇ، باشقىلارنى تەما قىلمايدۇ،ئارزۇ قىلمايدۇ.
    ھەر خوتۇنكى ئەقىللىق بولمىسا ، ساڭا تىل ئۇزىتىپ سەندىن ئارتۇق ئۈستۈنلۈكنى دەۋا قىلىدۇ.مۇنداق خوتۇندىن قېچىش كېرەك . ئالىملار ئېيتقانكى :<ئەر كىشى بۇلاققا ئۇخشايدۇ، ئەقىللىق ۋە تەدبىرلىك خوتۇن يەرگە ئوخشايدۇ.> ئەر  كەسىپ قىلىپ تاپقان نەرسىلەر يەرگە سۇ يىغىلىپ كۆل بولغاندەك خوتۇن قۇلىغا يېغىلىدۇ. لىكىن، خوتۇن سىنى باشقۇرۇپ، سىنىڭ رىزىق-ئۇزۇق تەسەررۇپلىرىڭنى قۇلىغا ئېلىۋالمىسۇن،توسالغۇ بولمىسۇن. ئەگەر خوتۇن سىنىڭ ئېگىلىكىڭنى ئېلىۋېلىپ سىنى ئېگە قىلمىسا ياكى ئۆز مال مۈلكۈڭگە سۆزىڭ ئۆتمىسە،خوتۇنۇڭنىڭ قۇلىغا قاراپ قالساڭ،بۇ ئەرلىك ئورنۇڭنى يوقاتقىنىڭدۇر. سەن خوتۇن بولىسەن ، خوتۇنۇڭ ئەر بۇلىدۇ. بۇ ھال ساڭا بۇ دۇنيادا ، خوتۇنۇڭغا ئۇ دۇنيادا خارلىق كەلتۇرىدۇ. 
    كىشى ئۆزىنىڭ خوتۇنىدىن مەغلۇپ بولسا بۇ غەيرەتسىزلىكتۇر.مەشھۇر ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىنگە:<ئىران شاھى دارانىڭ قىزى شۇنچىۋالا گۈزەل تۇرسا، نىمە ئۈچۈن ئۇنى ئالمايسەن ؟>دىيىلگەندە ئىسكەندەر :< بۇ چوڭ ئەيىپ ئىشتۇر، مەن پۈتۈن دۇنيا ئەرلىرىدىن غەلبە قىلدىم،بى خوتۇن ماڭا غالىپ كەلسە،ماڭا ھۆكۈمرانلىق قىلسا، بۇ بىر ئەر ئۈچۈن كۆتۈرۈپ تۈرۈشقا بۇلىدىغان ئىش ئەمەس >دەپ جاۋاپ بەرگەن .

    ئەي ئوغۇل خوتۇنۇڭ بالاغەتكە يەتكەن، ئەقىللىق بۇلىشى لازىم.ئۇ ئۆي تۇتۇش يوللىرىنى بىلسۇن، بەك ياش بۇيىغا يىتەر يەتمىگەن كىچىك قىزنى ئالما . چۈنكى, مەرد ئادەملەر خوتۇننى ئۆي ئىشلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئالىدۇ, پەقەت جىما ئۈچۈنلا ئالمايدۇ. ئالغان قىز, خوتۇنۇڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ, مەكتەپنىڭ توغرا تەربىيىسىنى ئالغان, ئۆي تۇتۇش تەدبىرلىرىنى ئۆگەنگەن بولسۇن. مۇنداق قىز, خوتۇن قولۇڭغا كىرەر بولسا, ئۇنى ئېلىشتا بىپەرۋالىق قىلما, ھېچ ۋاقىت خوتۇنۇڭغا يامانلىق قىلما. خوتۇنۇڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىڭنى خۇش تۇتۇشۇڭ كېرەك. خوتۇنۇڭمۇ سېنى ياخشى كۆرۈپ مۇھەببەت باغلىسۇن, ساڭا ئىززەت ۋە ھۆرمەت قىلسۇن. ساڭا ئۇنىڭدىن ياخشى دوست بولمايدۇ. ئەگەر خوتۇنۇڭغا قاتتىقلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق قىلساڭ, ساڭا ئۇنىڭدىن ئارتۇق دۈشمەن بولمايدۇ. يات دۈشمەندىن ساقلىنىش مۇمكىن, ئەمما خوتۇنۇڭ بىلەن ئوتتۇراڭدا دۈشمەنلىك بولسا ساقلىنىش مۈشكۈل.

        ئەي ئوغۇل, ئەگەر قىز ئالساڭ غايەت مۇشتاق بولۇپ, ھەر كېچىسى جىما قىلما, خوتۇنۇڭ << ئەرلەرنىڭ ئادىتى ھەر كېچىسى جىما قىلىش ئىكەن >> دەپ , بۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالمىسۇن. مۇبادا ساڭا بىر زۆرۈرىيەت كېلىپ قالسا ياكى سەپەرگە كەتسەڭ, سەن قايتىپ كەلگۈچە ھەر كېچىسى جىماغا ئادەتلەنگەن خوتۇن ئۈچۈن يالغۇزلۇق ئېغىر كېلىدۇ. يەنى ئادىتى بويىچە ھەر كېچىسى جىما قىلدۇرۇشنى ئىزدەيدۇ. مۇنداق ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن. ھەر ھالدا ئەرلىك غورۇرۇڭنى ساقلىغايسەن. غەيرەتسىز ۋە ھىممەتسىزلەر قاتارىغا كىرىپ قالما. كىمنىڭ غەيرىتى يوق بولىدىكەن, دىنىمۇ يوقتۇر. << كىمنىڭ غەيرىتى يوقتۇر, دىنى ھەم يوقتۇر >> دېيىلگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. ھەقىقىي سادىق ھەم مېھرىبان, ياخشى سۈپەتلىك خوتۇنۇڭ بولسا, ئوغۇل-قىز پەرزەنتىڭنى ياخشى تەربىلەپ چىقالايسەن.

    مەنبە : قابۇسنامە

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us