• «پىرئەۋىننىڭ قارغىشى» راسىتمۇ؟

    2009-05-15

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39406213.html

        مىسىرنىڭ سىرلىق تۇپىرىقىدا دۇنيانىڭ قەدىمى مەدەنيىتى ئاپىرىدە بولغان ھەم نۇرغۇن سىرلىق رىۋايەتلەر  پەيدا بولغان. پىرئەۋىننىڭ قەبىرسى نۇرغۇن بايلىقلارغا تولغان خەزىنە بولغانلىقتىن، مەدەنيەتتە دائىم تىلغا ئىلىندىغان «پىرئەۋىننىڭ قارغىشى» نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان يېشىش تەس بولغان سىر بولماقتا، ئۇ ساداقەتمەنلىك بىلەن پىر ئەۋىننىڭ قەبىرسىنىڭ ئەمىنلىكىنى ساقلىماقتا. شۇنداقلا قەبىرىدىكى بايلىقلارغا ئىگە بولۇشقا ئۇرۇنغانلارنى جازالىماقتا.

        1922- يىلى تۇتامكاميوننىڭ قەبىرسىنى قىزىشقا يىتەكچىلىك قىلغان ئارخېئولوگ خوكارد كات قەبىرىدىكى بىر نەچچە جايدا تەسۋېرى ئويما يىزىقنى بايقىغان، بىر جايغا «كىم پىر ئەۋىننىڭ قەبىرسىنى قالايمىقان قىلىدىكەن، ئۆلۈم ئۇنىڭ بىشىغا كىلىدۇ» دەپ يېزىلغان. يەنە بىر جايغا «قەر قانداق يامان نىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بۇ قەبىرىگە كىرگەنلەرنىڭ بوينىنى قاغىنىڭ بوينىنى بوغقاندەك بوغىمەن» دەپ يېزىلغان ئىكەن.  كىيىن  تۇتامكاميوننىڭ قەبىرسىنى ئېچىشنى چۆرىدىگەن ھالدا نۇرغۇن سىرلىق ئۆلۈم ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن.  ئەينى ۋەقىتتا ئاخپارات ساھەسىدىلەر بۇ ۋەقەلەرنى «پىرئەۋىننىڭ قارغىشى» دەپ قارىغان. تۇنجى قېتىم قارغىشقا ئۇچىرغىنى ئارخئولوگىيە ھەۋەسكارى گىراف كاناف، ئۇ تۇتامكاميۇننىڭ قەبىرسىگە كىرگەندە پاشا چېقىۋالغانلىقتىن، ئۈچ ھەپتىدىن كىيىن ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي يەنە بىر ئارخئولوگمۇ نېرۋىسى قالايمىقانلىشىش كېسلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلگەن. پىرئەۋىننىڭ مۇمىياسىنى تۇنجى بولۇپ X نۇرى بىلەن سۈرۈتكە ئالغۇچى، X نۇرى مۇتەخخەسسىسى دوگلاس رېدمۇ ئۇزاق ئۆتمەي پىرئەۋىننىڭ قەبىرسىنىڭ «قۇربانلىقى» بولغان. 1924- يىلى ئەنگىلىيە تەۋەلىكىدىكى مىسىرلىق بىئولۇگ ۋايىت پىر  ئەۋىننىڭ قەبىرسىگە كىرگەن، ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان. ئۇ ۋەسىيەتنامىسىدە ئۆزىنىڭ ئۆلۈۋىلىشىغا پىرئەۋىننىڭ «قارغىشى» سەۋەپ بولغانلىقىنى يازغان. قاھىرە مۇزىيىنىڭ باشلىقى كامىل مەھلىر «قەبىرە تېشىنىڭ قارغىشى»غا ئىشەنمەي، «مەن مىسىرنىڭ قەدىمى قەبىرلىرى بىلەن ئالاقە قىلغىلى ئۇزۇن يىل بولدى، ھازىرغىچە ساغلام تۇرمامدىم؟» دېگەن سۆزنى قىلىپ تۆت ھەپتىدىن كىيىن تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن.

         بۇ بىر قاتار ۋەقەلەردىن كىيىن يىل ئىچىدە 35391_2قىزىشقا قاتناشقانلاردىن 22 سى سەۋەپسىزلا ئۆلۈپ كەتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ پىر ئەۋىننىڭ قەبىرسىنىڭ «قوربانلىقى» بولغانلىقى توغىرسىدىكى خەۋەر ئۈزۈلمىگەن. قەبىرە تېشىدىكى ئەپسۇن ھەقىقەتەن توغىرا چىقامدۇ؟ بەزىلەر : قەبىرە يولدىكى تامدا بىر قەۋەت ھال رەڭ رە سۇس يېشىل رەڭلىك نەرسە بار، بۇ قەۋەت ئۆلتۈرگۈچ نۇر تارقىتىدىغان بولۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ جىننى ئىلىشى مۇمكىن، دىگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قويغان. ئەمما رادىئاتسىيە ئالىمىلىرى پىرئەۋىننىڭ قەبىرسىنىڭ رادىئاتسىيە تارقىتىشىنى ئۆلچىگەندە ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بايقىغان.  يەنە بەزى ئالىملار: قەدىمكى مىسىر ئۆتكۈر زىيانداش ھاشارەت ياكى زەھەرلىك قورالغا ئىگە بولغان، بۇ قورال ئارقىلىق مىسىر ھۆكۈمراننىڭ قەبىرسىنى قوغدىغان، دىگەن كۆز قاراشقا مايىل بولغان. 1956- يىلى جۇغراپىيە ئالىمى ۋايتىس، رۇكابلىنىڭ قەبىرسىنى كولىغاندا شەپەرەڭنىڭ ھۇجۇمىغا ئوچىرغان، شۇڭا بۇ قاراش ھاشارەتشۇناسلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرغان.  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىسمەن بىئۇلوگىيە ئالىملىرى پىر ئەۋىننىڭ «قارغىشى» ئارقىلىق ئۆلۈپ كېتىش ھادىسلىرىنى بىئولوگىيە پېنى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. قاھىرا ئۇنۋىرسىتېتىنىڭ بىر بىئولوگىيە ئىلىمى دوكتورى 1963-يىلى موزىيدىكى ئارخىلوگلار ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرگەندە ، ئۇلارنىڭ مۇسكۇللىرىدا قىزىتمىنى ئۆرلىتىۋىتىدىغان بىر خىل ۋېرۇسنىڭ بارلىقىنى ، ئۇنىڭ نەپەس يولىنى يۇقۇملاندۇرۇپ ئاخىرى ئۆلۈمگە ئىلىپ باردىغانلىقىنى بايقىغان. ئامما قەبىرىدىكى بۇخىل ۋېرۇسنىڭ ھاياتى كۈچى شۇنچىلىك چوڭمۇ؟ مۇمىيا بىلەن 4000 يىلدىن ئۇزاق ۋاقىتقىچە بىللە تۇرالامدۇ؟ ئالىمىلار بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىگەن.

         1983 -يىلى فىرانسىيىلىك بىر ئايال دوختۇر : پىرئەۋىننىڭ ھەمدەپنە بويۇملىرىنىڭ چېرىشىدىن كۆز بىلەن ئاسان كۆرگىلى بولمايدىغانgg152_1 بىر خىل زەھەرلىك باكتىريە پەيدا بولىدۇ. ئۇ ئادەم بەدىنىگە نەپەس يولى ئارقىلىق كىرگەندىن كىيىن ، نەپەسنى قىيىنلاشتۇرۇپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەپ چۈشەندۈرگەن.  ئەمما تۇنجى قېتىم قەبىرىنى قازغۇچى قازغۇچى ئارخئولوگ خوكارىد  ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن. ئۇ قەبىرە قىزىشقا قاتنىشىپ 27 يىل تېنىچ ياشىغان. ھەتتا ئايال پادىشاھنىڭ قەبىرسىنى قىزشىقا قاتناشقان. ئۇماقالە ئېلان قىلىپ : «مىسىرلىقلارنىڭ دىنى ئەنئەسىدە قارغاشقا روخسەت قىلىنمايدۇ» دىگەن.  «پىرئەۋىننىڭ قارغىشى» راسىمۇ؟ ھىلىقى تەسۋىرى ئويما يىزىقتىن قارىغاندا ، ئۇچوقۇم مەۋجۈت، بىراق ئالىملار ھازىرغا قەدەر يەنىلا بۇ ھەقتە ئېنىق بىر نىمە دىيەلمەيدۇ.

         مەنبە: «جۇڭگو ياشلىرى ژورنىلىدىن» 

    35380_1




       











     



                 

    分享到: