• قۇرئان كەرىمدىكى ماتېماتىكىلىق ھەقىقەتلەر

    2009-05-14

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39396814.html

    «قۇرئان كەرىم» نىڭ ماتېمىكىلىق تۇزۇلۇشكە ئىگە ئىكەنلىكىگە دائىر دەلىللەردىن بىرسى سۆز تەكرارلىقىدۇر. «قۇرئان كەرىم» دىكى بەزى سۆزلەر جەلپ قىلارلىق بىر شەكىلدە ئوخشاش قېتىم تەكرالىنىدۇ. قۇرئاندىكى بۇ سۆز تەكرارلىقىنىڭ بەزىلىرى شۇلاردۇر:

    مەلەك 88 قېتىم، شەيتان 88 قېتىم تەكرارلانغان.
    جەننەت 77 قېتىم، جەھەننەم 77 قېتىم تەكرارلانغان.
    دۇنيا 115 قېتىم، ئاخىرەت 115 قېتىم تەكرارلانغان.
    ئۆسۈملۈك 26 قېتىم، دەرەخ 26 قېتىم تەكرارلانغان.
    ياز-ئىسسىق 5 قېتىم، قىش-سوغۇق 5قېتىم تەكرارلانغان.
    جازا 117 قېتىم، ئەپۇ قىلماق 2* 117 تەكرارلانغان.
    يەتتە ئاسمان 7 قېتىم، ئاسمانلارنىڭ يارىتىلىشى 7 قېتىم تەكرارلانغان.
    زاكات 32 قېتىم، بەرىكەت 32 قېتىم تەكرارلانغان.
    شاراپ 6 قېتىم، مەستلىك 6 قېتىم تەكرارلانغان.
    رەھمەت 79 قېتىم، ھىدايەت 79 قېتىم تەكرارلانغان.
    نامراتلىق 13 قېتىم، بايلىق 2 *13 تەكرارلانغان.
    ”دە“ سۆزى 332 قېتىم، ”دېدىلەر“ سۆزى 332 قېتىم تەكرارلانغان.

    ئايغا چىقىش تارىخى

    «قۇرئان كەرىم»دىكى”قەمەر“ سۈرىسىدە ئايغا بارماقنىڭ مۇمكىنلىكىگە دائىر ئىشارەتلەر بار. ”قەمەر“ سۆزى تىلىمىزدا ”ئاي“ دېمەكتۇر. سۈرىدە ئاي سۆزى بىرىنچى ئايەتتە ئورۇن ئالماقتا: قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى («قىيامەت» سۈرىسى، 1-ئايەت). مانا بۇ ئايەتتىن «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئاخىرىغا قەدەر نەق1389ئايەت بار. ھىجرىيە كالىندارى بويىچە 1389-يىلى مىلادىيە بويىچە 1969-يىلىغا تەڭ كەلمەكتە، بۇ ئايغا چىقىش تارىخىدۇر. قىسقىسى، ئاي (قەمەر) سۈرىسى ئىنسانلىق تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرەققىياتىدىن بىرى بولغان بۇ ۋەقەنى ئالدىن خەۋەر بەرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يۇقىرىقى ئايەتتە قوللىنىلغان”شەققە (يېرىلدى)“ سۆزى ئوخشاش ۋاقىتتا” تۇپراقنىڭ يېرىلىشى، قېزىلىشى“ مەنىسىدىمۇ قوللىنىلماقتا. شۇنىڭدەك، ئايغا بارغان”ئاپوللو11“ ئالەم كېمىسىمۇ ئاي تۇپرىقىدىن نۇرغۇن پارچە ئېلىپ دۇنياغا قايتقانىدى. بۇنىڭدىمۇ بىر ماس كېلىش (پارالىللىق) بار.

    ئاينىڭ ئوربېتىسى

    قۇرئاندا ئالەم جىسمى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان ئاي(قەمەر) سۆزى تولۇق 27قېتىم ئۇچرايدۇ. ئوخشاشلا ئاينىڭ يەر شارى ئەتراپىدىكى ئىللىپىس شەكىللىك ئايلىنىشىمۇ 27 كۈندۇر. پەقەت قەدىمقى دەۋرلەردە ياشىغان ئىنسانلار بۇنىڭدىن بەك خەۋەردار ئەمەس ئىدى. چۈنكى يەر يۈزىدىن قارىغان ھەر قانداق بىر كىشى تولۇن ئايلار ئارىسىدا 29 كۈنلۈك مۇددەت بولغانلىقتىن ئاينىڭ بىر ئايلىنىشىنى 29 كۈن دەپ ئويلايتتى. ھالبۇكى، ئاي يەر شارى ئەتراپىدا ئايلانغاندا يەر شارىمۇ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ. يەنى يەر شارى ئايلانغانلىقتىن، ئاي ئۆزىنىڭ ئايلىنىشىنى ئىككى كۈن كېچىكىپ تاماملايدۇ. بۇ مۇھىم بىلىم ئەسىرلەر ئاۋۋال قۇرئاندا ئورۇن ئالغان.

    دېڭىز-قۇرۇقلۇق نىسبىتى

    «قۇرئان كەرىم» دە ئۇچرايدىغان دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق كەلىمىلىرىنىڭ سان بويىچە بىر بىرىگە نىسبىتى بۈگۈن زامانىۋى بىلىمدىكى نىسپەت بىلەن بىرمۇ بىر ئوخشاشتۇر. ھالبۇكى، ئۇ يىللاردا قىتئەلەر تېخى نامەلۇم ئىدى ۋە قۇرۇقلۇق-دېڭىز نىسبىتىنىڭ ئىلمىي جەھەتتىن ئېنىقلىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، ئامېرىكىدەك چوڭ بىر قۇرۇقلۇق پارچىسىنىڭ بارلىقى پەقەت 15-ئەسىردە بايقالدى.
    قۇرئاندا جەمئىي 13قېتىم”قۇرۇقلۇق“ (بەر، ياباس) ئىپادىسى ئۇچرىماقتا. دېڭىز (بەھر) سۆزى 32 قېتىم ئۇچرىماقتا. يەنى دېڭىز نىسبىتى 45\32، قۇرۇقلۇق نىسبىتى بولسا 45\13 ھالدا بېرىلمەكتە. يۈز نىسبەتكە ئايلاندۇرغىنىمىزدا دېڭىز نىسبىتى يۈزدە %71، قۇرۇقلۇق نىسبىتى يۈزدە %29 بولماقتا. زامانىۋى بىلىمنىڭ نەتىجىلىرىدىنمۇ دېڭىز دۇنيانىڭ يۈزدە %71ىنى، قۇرۇقلۇق بولسا يۈزدە %29 ىنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا.
    خۇلاسە سۈپىتىدە «قۇرئان كەرىم» دۇنيانىڭ يۈزدە %71ىنى دېڭىزلارنىڭ، يۈزدە %29ىنى بولسا قۇرۇقلۇقلارنىڭ ئىگىلىگەنلىكىنى ئەسىرلەر ئاۋۋال خەۋەر بەرمەكتە. ھازىرقى ئالىملار بولسا بۇنداق ئىنچكە ھېسابلاشلارنى سۈنئىي ھەمراھ فوتوگرافلىرى ۋە كومپيۇتېر بىلەن ئېلىپ بارالىماقتا.

    تۆمۈرنىڭ ئاتوم نومۇرى

    قۇرئاندىكى”ھەدىد“ (تۆمۈر) ناملىق سۈرىدە ناھايىتى قىزىقارلىق بىر چۈشەنچە بار. بۇ سۈرىدە تۆمۈرنىڭ ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. ئاۋۋال بۇ ئايەتنى تەھلىل قىلايلى: ... بىز تۆمۈرنىمۇ چۈشۈردۇقكى، ئۇنىڭدا بۈيۈك بىر قۇۋۋەت ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن مەنپەئەتلەر بار... («ھەدىد» سۈرىسى، 25-ئايەت). بۇ ئايەتتە قوللىنىلغان” اَنزَل (ئەنزەل) “ ”چۈشۈرمەك“سۆزى تۆمۈرنىڭ دۇنيا سىرتىدىن كەلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. قۇرئاننىڭ دېگىنىدەك، بۈگۈنكى ئاسترونومىيە بىلىمىمۇ تۆمۈر ماددىلىرىنىڭ ئالەمدىكى چوڭ يۇلتۇزلاردىن كەلگەنلىكىنى يەكۈنلىدى.
    ”سۈپەرنوۋا“ دەپ نام بېرىلگەن بۇ يۇلتۇزلاردا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشلار نەتىجىسىدە تۆمۈر پارچىلىرى ئالەمگە چېچىلىپ دۇنياغا چۈشكەن.
    شۇنداقلا ھەدىد، يەنى تۆمۈر سۈرىسى تۆمۈر ئېلىمېنتىنىڭ خىمىيىلىك بەلگىسىگىمۇ ئىشارەت بەرمەكتە. چۈنكى بۇ سۈرىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى ئايەتنىڭ ئەرەبچە ئوقۇلىشى فە ھەرپلىرى بىلەن باشلىنىدۇ. تۆمۈر ئېلىمېنتىمۇ خىمىيىدە Fe ھەرپى بىلەن كۆرسىتىلمەكتە.
    شۇنىڭدەك ھەدىد، يەنى تۆمۈر سۆزىنىڭ ئەرەبچىدىكى سانلىق قىممىتى 26، تۆمۈرنىڭ ئاتوم نومۇرىسىمۇ يەنە 26. ئاتوم نومۇرىسى تۆمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئېلىمېنتلەر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئۇقۇمدۇر. ئېلىمېنتلارمۇ ھەقىقەتەن ئاتوم نومۇرلىرىغا ئاساسەن رەتكە تۇرغۇزۇلغان.
    جىنس ۋە 23-خروموسوم جۈپلۈكى
    ئىنسانلارنىڭ ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ گېن تۈزۈلۈشى خوروموسوملارغا باغلىق ھەمدە DNA لار بۇ خروموسوملاردا ئورناشقان.
    جىنسنىڭ ئېنىقلىنىشى بولسا 23-خروموسوم جۈپلۈكىگە باغلىق. يەنى ئەر بىلەن ئايال ئارىسىدىكى ۋۇجۇد پەرقى 23-خروموسوم جۈپلۈكىدىن كېلىدۇ. ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ 23-خروموسوم جۈپلۈكى XX شەكلىدە بولسا ئايال جىنسلىق، XY بولسا ئەر جىنسلىق بولىدۇ.
    ئەر-ئايال پەرقىنى ساقلايدىغان 23-خروموسوم جۈپلۈكىگە قارىتا «قۇرئان كەرىم» مۇ دىققەتنى جەلپ قىلىدۇ. چۈنكى قۇرئاندا ”ئەر“ ھەم ”ئايال“ سۆزى ئايرىم-ئايرىم 23 قېتىم تەكرارلىنىدۇ.
    يېقىنقى زامانلاردا ئېرىشىلگەن ئىلمىي نەتىجىلەرنى قۇرئان ئەسىرلەر ئاۋۋال خەۋەر بەرمەكتە. ئەر بىلەن ئايال ئارىسىدىكى ئاساسىي پەرقنىڭ23 رەقىمىدە يوشۇرۇنىشى ئوچۇق بىر شەكىلدە تىلغا ئېلىنماقتا.


    DNA نىڭ بايقىلىشى


    يەر يۈزىدىكى جىمى جانلىقلار ئۆز تۈرلىرىنىڭ پۈتۈن خاسلىقلىرىنى ئەۋلادلىرىغا DNA ئارقىلىق يەتكۈزىدۇ.
    ئىنسانلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا ئوخشىشىنىڭ سەۋەبىمۇ DNA دىن. ئاتا-ئانىلارنىڭ گېن خاسلىقلىرى بالىلارغا DNA ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ. كىمگە مەنسۇپلۇقى نامەلۇم بولغان بالىلارنىڭ ئاتىسىنى تاپماق ئۈچۈنمۇ ھازىر DNA سىنىقىغا مۇراجىئەت قىلىنىدۇ.
    بايا بىز تەھلىل قىلغان «شۇئەرا» سۈرىسىدە ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىنى ئىگىلگەنىدۇق.
    ئىسرائىلىيە قۇرۇلغان يىللاردا DNA بايقالغان ۋە بۇ مۇھىم ھادىسە يەنە «شۇئەرا» سۈرىسىدە ساقلانماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلۇش يىلىنى تاپقاندىن كېيىنلا بىر قانچە جۈملىدىن كېيىن 74-ئايەتتە ناھايىتى قىزىقارلىق بىر ئىپادىگە دۇچ كېلىمىز. بۇ ئايەت شۇ شەكىلدە:
    ”ئۇلار ئېيتتى: ’ئۇنداق ئەمەس، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى بايقىدۇق‘“ («شۇئەرا» سۈرىسى، 74-ئايەت).
    بۇ ئايەتتە ئاللاھقا ئىمان ئېيتمايدىغانلار يامان ئادەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتىلىرىدىن قالغىنىنى باھانە قىلىۋالماقتا. بايا ئاتىنىڭ خاسلىقلىرىنىڭ بالىلارغا DNA ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدۇق.
    يۇقىرىدىكى 74-ئايەتنىڭ ئەرەبچىسىنى يازغىنىمىزدىمۇ DNA غا ئىشارەت قىلىنغىنىنى كۆرەلەيسىز. چۈنكى سۈرىدىكى 227 ئايەت ئىچىدە پەقەت 74- ئايەتتە D-N-A ھەرپلىرى يانمۇ يان كېلىدۇ. 74- ئايەتنىڭ ئوقۇلۇشى شۇ شەكىلدە:
    قالوا بل وجدنا آباءنا كذالك يفعلون (قالۇ بەل ۋەجەدنا ئابائەنا كەزالىكە يەفئەلۇن) («شۇئەرا»سۈرىسى، 74-ئايەت).
    باشقا ئۆرنەكلەردە قىلغىنىمىزدەك، بۇ يەردىمۇ سۆز سانى بىلەن ئايەت نومۇرىنى جەملەيمىز، ئاندىن DNA نىڭ بايقالغان تارىخى بولغان 1953-يىل كېلىپ چىقىدۇ.  
    1299 سۆز
    ئاتىدىن بالىغا قېلىشى سۆزلىنىدىغان ۋە DNA ھەرپلىرى يانمۇيان كەلگەن 74-ئايەتنى سۈرىدىكى سۆز سانى بىلەن جەملەيلى:
    1299+74= (مىلادىيە) 1373 ھىجرىيە 1953
    ئالدىنقى ئۆرنەكتە بولغاندەك بۇ يەردىمۇ نەتىجە ھىجرىيە تارىخى بويىچە چىقتى.
    ”ھاياتلىق مالىكۇلىسى“ دەپ ئاتالغان DNA نىڭ تۈزۈلۈشىنى 1953-يىلى ۋاتسون ۋە كرىك دېگەن ئىككى ئالىم تاپقان. بۇ تېپىلىش نەتىجىسىدە مېدىتسىنا، گېن ۋە باشقا ساھەلەردە ناھايىتى زور ئىلگىرلەشلەر بولدى.DNA  نىڭ تېپىلىشى بىلەن بۈگۈن ئالىملار گېن شېفىرىنى يەشتى. خاسلىقلارنىڭ نەسىلدىن نەسىلگە يەتكۈزۈلۈشىنى ساقلايدىغانDNA  ھەر ئىنساننىڭ ھۈجەيرىسىدە مەۋجۇتتۇر.
    DNA نىڭ بايقىلىشى بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى ھاياتلىق، شۇنداقلا جانلىقلارنىڭ تەسادىپەن كېلىپ چىقمىغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلانغان بولدى. چۈنكى كىچىك بىر DNA زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇن پروتېئىن (جانلىق ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاساسىي ماددىسىنى شەكىللەندۈرىدىغان، تەركىبىدە ئاساسەن گۇڭگۈرت، ئوكسېگىن ۋە كاربۇن ئېلىمېنتلىرى بولغان ئامىنۇ كىسلاتاسى بىرىكمىسىدىن تەركىپ تاپقان مۇرەككەپ تۈزۈلمىلىك تەبىئىي ماددا) شەكىللەندۈرۈشى ئۈچۈن كېرەك بولغان ئاتوم تۈزۈلۈشىنىڭ شەكىللىنىش ئېھتىمالى 400گە يېقىن بىر رەقەمگە توغرا كېلىدۇ. يەنى پەقەت بىر پروتېئىن مالىكۇلىسىنىڭمۇ شەكىللىنىش ئېھتىمالى ترىليوندىن بىردىنمۇ نەچچە ھەسسە كىچىك بىر ئېھتىمالدۇر. بۇنىمۇ چەكسىز كۈچكە ئىگە ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا مەنسۇپ قىلىمىز.

    ئايروپىلاننىڭ كەشپ قىلىنىشى

    ئەسىرلەر ئاۋۋال ”ئاسماندا ئۇچماق“ ئىنسانلار ئۈچۈن مۇمكىنسىز ئىدى.
    قۇرئاننىڭ بەزى ئايەتلىرىدە ھاۋا بوشلۇقى ۋە ئاسمانلار توغرۇلۇق بايانلار بار. پەقەت «ھەج» سۈرىسىنىڭ 31-ئايىتىدە قۇرئاننىڭ باشقا ھېچ بىر يېرىدە يوق سۆزلەر مەۋجۇت. بۇ ئايەتتە ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇشقا ئوچۇق بىر شەكىلدە بېشارەت بېرىلىدۇ.
    31-ئايەتتە ھاۋا بوشلۇقىدىن چۈشكەن بىر كىملەر ئىبرەت سۈپىتىدە بېرىلىدۇ. پەقەت ئۇ زاماندا ياشىغان ئىنسانلار ئۈچۈن بۇ ئىمكانسىز ئىدى. چۈنكى سىزلەرنىڭمۇ بىلگىنىڭىزدەك، بىر كىشىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشى ئۈچۈن ھاۋادا ئۇچۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئايروپىلان ياكى تىك ئۇچارغا ئوخشاش ئۇچۇش ۋاسىتىلىرى لازىم.
    يەنە بۇ ئايەتتە ”بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك“ ئىپادىسى قوللىنىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ بوران، يەنى ھاۋا ئېقىمى، ئايروپىلانلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر، چۈنكى ئايروپىلانلار ھاۋانى يېرىپ يول ئاچىدۇ. ئالەم بوشلۇقىدا بولسا ھاۋا يوق.
    دېگىنىمىز 31-ئايەتتىكى جۈملە شۇ شەكىلدە:
    ... ئۇ گويا ئاسماندىن تاشلىنىپ، قۇشلار ئۇنى ئېلىپ قاچقاندەك، ياكى بوران ئۇنى ئېلىپ بېرىپ يىراق جايغا تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ («ھەج» سۈرىسى، 31-ئايەت).
    «ھەج» سۈرىسىنى تەھلىل قىلسىڭىز، بۇ ئايەتتىن كېيىنلا ئاللاھنىڭ بېشارەتلىرىگە(مۆجىزىلىرىگە) ھۆرمەت قىلىنىش لازىملىقى تەكىتلىنىدۇ.
    مانا دەل بۇ ئايەتنىڭ نومۇرى 31، بۇنى سۈرىدىكى سۆز سانى بىلەن جەملىگىنىمىزدە ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش تارىخى باشلانغان 1905-يىل كېلىپ چىقىدۇ.
    1291سۆز
    «ھەج» سۈرىسىدە جەمئىي 1291 سۆز بار.
    بايا بىز تەھلىل قىلغان، ئۇچۇش ئۇقۇمىدىن گەپ ئاچقان بىردىنبىر ئايەت بولغان 31-ئايەتنىڭ نومۇرىنى جەملەيلى:
    1291+31=  (مىلادىيە 1905)  ھىجرىيە 1322
    زامانىۋى ئاۋىئاتسىيە تارىخىنى باشلاتقان كىشىلەر سۈپىتىدە تارىختا ئۆتكەن ”ئاكا-ئۇكا رايىتلار“ تۇنجى قېتىم ماتۇرلۇق ھاۋا قاتناش قوراللىرىنى ياساشتا مۇۋاپپەقىيەت قازاندى. 1903-يىلدا ئۇلار بىر ئۇچۇش سىنىقى ئېلىپ باردى، لېكىن ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋادا ئۇچۇشى پەقەت سېكونتلارچە داۋاملاشتى. 1905-يىلدا ياسىغان ئايروپىلانى بولسا ھاۋادا يېرىم سائەت مۇۋاپپەقىيەتلىك ئۇچتى، شۇ زاماندا ئۇ ئايروپىلان مانېۋىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى. قىسقا بىر ۋاقىتتىن كېيىن تۇنجى تىك ئۇچار ئايروپىلان ياسالدى.

    تۇنجى سۇ ئاستى كېمىسى

    بۈگۈنكى كۈندە قوللىنىلىدىغان دېڭىز قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئىككى تۈرگە ئايرىيالايمىز: كېمە-پاراخوت ۋە سۇ ئاستى كېمىسى.
    ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن يىللاردا كېمىلەر بار ئىدى، ئەمما سۇ ئاستى كېمىلىرى دېگەننى بىر كىم ئاڭلاپ باقمىغانىدى.
    «قۇرئان كەرىم» دە ئارىلاپ ”كېمىلەر“ سۆزى كېلىدۇ. پەقەت «شۇرا» سۈرىسىنىڭ 32-ئايىتىدە يەنە باشقىچە بىر ئەھۋالغا دۇچ كېلىمىز. بۇ ئايەتتە ”كېمە“ سۆزى كەلمەيدۇ، پەقەت ”دېڭىزدا تاغدەك ھەرىكەتلىنىدىغانلار“ جۈملىسى كېلىدۇ. يەنى كېمىدىن پەرقلىق چوڭ بىر دېڭىز قاتناش ۋاسىتىسى تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ دېڭىز قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئادەتتىكى كېمە ئەمەسلىكىگە قارىغاندا ئۇ سۇ ئاستى كېمىسى. چۈنكى دېڭىز قاتناش ۋاسىتىلىرى ئىككىگە ئايرىلىدۇ دېگەنىدۇق. شۇڭا باشقا بىر دېڭىز قاتناش قورالى بولغان سۇ ئاستى كېمىسىگە دىققەت مەركەزلىشىدۇ.
    دېڭىزدا تاغدەك ھەرىكەتلىنىدىغانلارمۇ يەنە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر («شۇرا» سۈرىسى، 32-ئايەت).
    بەزى تەرجىمىلەردە بۇ ئايەتكە ”كېمە“ سۆزى ئارتۇقچە قوشۇلغان (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ شۇنداق بولغان— ت). تەرجىمە قىلغۇچىلار ئايەت مەنىسىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن ”كېمە“سۆزىنى قوشقان بولۇشى مۇمكىن.
    بۇ ئايەتنىڭ ئەرەبچىسى شۇ شەكىلدە بولۇپ، ”كېمە“سۆزى يوق.
    ومن آياته الجوار فى البحر كالأعلام (ۋە مىن ئاياتىھىلجەۋارى فىيلباھرى كەلئالام)
    بۇ ئايەتنىڭ نومۇرىنى سۈرىدىكى سۆز سانى بىلەن جەملىگىنىمىزدە تۇنجى مۇۋاپپەقىيەت قازانغان سۇ ئاستى كېمىسى—”ھوللاند“ نىڭ ياسىلىش تارىخى (1898) كېلىپ چىقىدۇ.
    ئەمدى بىز سۇ ئاستى كېمىسىگە بېشارەت بەرگەن ئايەتنىڭ نومۇرى 32 بىلەن سۈرىدىكى سۆز سانىنى جەملەيلى.
    866 (1) سۆز
    بىز ئالدىنقى قېتىم سۈرىلەرنىڭ 1-ئايىتىدە يوشۇرۇن سمۋوللارنىڭ بارلىقىنى ۋە دىنىي ئالىملارنىڭ بۇلارنى چۈشەندۈرەلمىگەنلىكىنى ئېيتقانىدۇق. بۇ يەردىكى «شۇرا» سۈرىسىنىڭ 1-ئايىتىدىمۇ يوشۇرۇن سمۋوللار بار.
    (1)    پەقەت 32-ئايەتتىلا سۇ ئاستى كېمىسىگە بېشارەت بېرىلىدۇ.
    866+32=1898 تۇنجى سۇ ئاستى كېمىسى
    دېڭىزچىلىك تارىخىدا تۇنجى سۇ ئاستى كېمىسى دەپ قارالغان ۋە 1898-يىلدا ياسالغان ”ھوللاند“ ناملىق سۇ ئاستى كېمىسىدىن ئاۋۋال بەزى سۇ ئاستى كېمىلىرى ياسالغان، لېكىن ئىقتىدارى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. چۈنكى ”ھوللاند“ نىڭ ئېلىكتىرلىق ۋە بېنزىن موتورلىرى بار ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئامېرىكا ئۇ سۇ ئاستى كېمىسىنى ياخشىلاپ چوڭايتىپ قوللانغان.
    سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشى ھەربىي ۋە ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى بۈيۈك ئەمما خەتەرلىك بىر تەرەققىياتتۇر. چۈنكى نۇرغۇن سودا ۋە ئۇرۇش پاراخوتى سۇ ئاستى كېمىسى بىلەن چۆكتۈرۈۋېتىلگەن. 1- دۇنيا ئۇرۇشىدىمۇ سۇ ئاستى كېمىلىرى ئىتتىپاقداش پاراخوتلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك چۆكتۈرۈۋەتكەن. ئۇ ۋاقىتلاردا سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ ئورنىنى بىلەلەيدىغان ھېچقانداق ئېلىكتىرىك ئۈسكۈنە يوق ئىدى، شۇڭا ئۇ تولىمۇ خەتەرلىك ئىدى.

    قىتئەلەرنىڭ قېيىشى

    «قۇرئان كەرىم» دە”قىتئە“ سۆزىنىڭ پەقەت بىر يەردە ئۇچرىشى قىزىقارلىق بىر ئەھۋالدۇر. ”قىتئە“ سۆزى پەقەت «رەئد» سۈرىسىنىڭ 4-ئايىتىدە ئۇچرايدۇ ۋە بۇ ئايەتتە قىتئەلەرنىڭ بىر-بىرىگە يېقىن ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ. ئايەت شۇنداق:
    يەر يۈزىدە بىر-بىرىگە تۇتىشاڭغۇ قىتئەلەر بار ۋە تۈرلۈك زىرائەتلەر بار... («رەئد» سۈرىسى، 4-ئايەت).
    قىتئەلەرنىڭ ئەسلىدە بىر-بىرىگە تۇتاش ئىكەنلىكىنىڭ بىلدۈرۈلۈشى ھەقىقەتەن ئاجايىپ. چۈنكى ئالىملار دۇنيانىڭ باشلانغۇچىدا پەقەت بىر قىتئە توپلىمىنىڭ بارلىقىنى ۋە زامانلار ئۆتكەنسېرى بۇلارنىڭ بۆلۈنۈپ بارا-بارا بىر-بىرىدىن ئايرىلغانلىقىنى يېقىندا جەزملەشتۈردى.
    1858 ۋە 1859-يىللاردا پېللىگرىنى-ئانتونىئو سنىدېر قىتئەلەرنىڭ بۇرۇن تۇتاش ئىكەنلىكىنى ۋە زامانلار ئۆتكەنسېرى بىر-بىرىدىن يىراقلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن بۇ نەزەرىيە ئەللىك يىلغا يېقىن ھېچ دىققەتكە ئېرىشەلمىگەن، ئاخىردا ۋېگېنېر ئىسىملىك ئالىم تەرىپىدىن توغرا دەپ قارالغان. ئىلىم تارىخىدا چوڭ بىر ئىلگىرلەش بولغان قىتئەلەرنىڭ قېيىشى نەزەرىيىسى ئارقىلىق نۇرغۇن ئىلمىي ھادىسىلەر چۈشەندۈرۈلدى.
    ئەسىرلەر ئاۋۋال قۇرئان، ئالىملارنىڭ بۇنى بايقايدىغانلىقىنى يىلى بىلەن بىللە خەۋەر بەرمەكتە.
    855 (1) سۆز
    ”قىتئە“ سۆزى قۇرئاندا ئۇچرايدىغان بىردىنبىر ئايەت 4-ئايەتتۇر. («رەئد» سۈرىسىدە)
    (1)855+4=1859  قىتئە نەزەرىيىسى يىلى

    تۈركىيە ئالىمى ئۆمەر ئىبنى چىلىكنىڭ< قۇرئان كەرىم سىرلىرى> دىگەن كىتابىدىن ئېلىندى

    كىتابنىڭ تولۇق PDF نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ
    http://www.islamhouse.com/d/files/ug/ih_books/ug_Quran_Kerimning_Sirliri.pdf

    分享到: