• WINRARنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى

    2009-05-14

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39361003.html

    WINRARنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار.WINRARنى ھەممىمىز بىلىمىز ،بۇ ئختىدارى ياخشى بولغان پىرىسلاش ۋە پىرىستىن يېشىش دىتالى.بۇدىتال ئاساسەن ھەممە كومپىيۇتىرلارغا قاچىلاغلىق.
    بۇدىتالنى  ئىشلىتىشنى كۆپىنچە تورداشلىرىمىز تولۇق بىلىشى مومكىن ،ئەمما بەزى يېڭى ئۈگەنگۈچلەر  ھۆججەت پىرىسلاش ۋە يېشىش ئىختىدارىنىلا بىلشى مومكىن )بۇرۇن مەنمۇ شۇنداق ئىدىم(..
      تۆۋەندە ،ئۇنىڭ يەنە ھۆججەت پارچىلاش ،ھۆججەتكە مەخپى شىفىر ئورنىتىش،بەلگىلەنگەن مۇندەرجىگە  ھۆججەت كۆچۈرۈش،ئجراقىلىش قاتارلىق ئختىدارلىرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.
             
                            ھۆججەت پارچىلاش
    مەلۇم بىر ھۆججەتنىڭ سىغىمى 200مىگا بايىت، بىزدىكى بارماق دىسكا128مىگا بايىت بولسا ،شۇھۆججەتنى باشقا كومپىيۇتېرغا كۆچۈرۈشكە توغراكەلسە قانداق قىلىمىز ؟ئەنسىرمەڭ WINRARنىڭ ھۆججەت پارچىلاش ئىختىداردىن پايدىلنىمىىز.ئالدى بىلەن پارچىلىماقچى بولغان ھۆججەت ئۈستىگە مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىمىز.چىققان تىزىملىكتىن پىنيىنچەAھەرپى بار خەتنى باسىمىز  .

    ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن چەمبەر ئىچىگە ئېلىنغان ئورۇنغا ھەر بارچىسىنى قانچىلىك چوڭلۇقتا پارچىلىماقچى بولساق شۇساننى كىرگۈزىمىز )بىرلىكى چوقۇم**mbبولشى كېرەك(.ئاندىن جەزىملەرنى باسىمىز.كىيىن بۇ پھرچىلىغان ھۆججەتلەرنى يەشمەكچى بولساق، ھەممە پارچىسىنى بىر ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە كۆچۈرۈپ خالىغان بىرسىنى پىرىستىن يەشسەكلا بولىدۇ.

        ھۆججەتكە مەخپى شىفىر ئورنىتىش(بىخەتەرلىكى نىسپەتەن تۆۋەن ھۆججەتلەرگە ماس كېلدۇ)                                                                                                                                           بىرە ھۆججەتنى باشقىلار كۆرمىسۇن دىسەك شۇ ھۆججتنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئوڭ چېكىپچىققان تىزىملىكتىن پىنيىنچە Aھەرپى بار خەتنى بېسىپ چىققان كۆزنەكتىن يۇقۇرى دەرجە)قىزىل رامكىغا ئېلىپ قويۇدۇم(نى بېسىپ،يەنە چىققان كۆزنەكتىن شىفرلاش (پىنيىنچە pھەرپى بار)نى باسىمىز.

    ئاندىن چىققان كۆزنەكتىكى بىرىنچى كاتەككە مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزىمىز.ئىككىنچى كاتەككىمۇ شۇ مەخپى نۇمۇرنى كىرگۈزىمىز.

    ئاندىن جەزىملەشنى باسساق بولدۇ.

      بەلگىلەنگەن مۇندەرجىگەھۆججەت كۆچۈرۈش،ئىجراقىلىشexe.ھۆججىتى ياساش.
    بەزىدە بىرە دىتالنىڭ ئۇيغۇرچە يامىقىنى تورغا يوللايمىز ،ئۇنىڭ چۈشەندۇرلىشىنى ،پالانى مۇندەرجە ئاستىدىكى ،پوكۇنى ئىسىملىك قىسقۇچقا كۆچۈرۈپ،ئاندىن پۇستانى ھۆججەتنى ئىجرا قىلىمىز دەپ چۈشەدۈرۈشكە توغرا كېلدۇ.بۇجەريانلارنى بەزىلەر توغرا قىلالىسىمۇ ،يەنە بەزىلەر قىلالماسلىقى مومكىن. شۇڭا WINRARنىڭ ئۆزى بەلگىلەش ئىختىداردىن پايىدلانساق بولىدۇ.
    كۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت(ياماق)نى ئوڭ چېكىپ پىنيىنچە Aھەرپى بار خەتنى بېسىپ چىققان  كۆزنەكتىكى پىنيىنچە Xخېتى بار تىزىملىككە بەلگە قويۇپ،جەزىملەشنى باسساق ،قاچلىندىغان ئورۇننى ئۆزىمىز بەلگىلەيدىغانexeھۆججىتى ھاسىل بولدۇ.ئەگەر قاچلىندىغان ئورۇننى ئالدىن بەلگىلەنگەن exeھۆججىتى ھاسىل قىلماقچى بولساق،كۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت(ياماق)نى ئوڭ چېكىپ پىنيىنچە Aھەرپى بار خەتنى بېسىپ چىققان  كۆزنەكتىكى پىنيىنچە Xخېتى بار تىزىملىككە بەلگە قويۇپ،ئەڭ ئۈستىدىكى يۇقۇرى دەرجە(قىزىل رامكىغا ئېلىپ قويدۇم)نى بېسىپ،

    ئاندىن ئۇستىدىكى بىرىنچى بوش ئورۇنغا شۇ دىتال(ياماق)نى قاچلىماقچى بولغان مۇندەرجىنى تولدۇرمىز .ئاستىدىكى  ئككىنچى بوش ئورۇنغا قاچلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئاپتۇماتىك ئجرا بولدىغان ھۆججەتنىڭ ئورنى ،ئىسمىنى كىرگۈزىمىز.ئاندىن جزىملەشنى باسىمىز.  

    WINRARنىڭ مەن بىلدىغان ئختىدارلىرى مۇشىنچىلىككەن.تېخمۇ كۆپ ئىختىدارلىرنى بىلدىغان تورداشلار بولسا يوللاپ قويساق ،مەندەك بىلمەيدىغانلارمۇبىلىۋالساق .

    بۇ تېما ئىنتىل ۋە ئاقىللار تور ىغا ئورتاق تەۋە ،كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.

    分享到: