• سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەرنىڭ 21 تۈرلۈك ئىپادىسى(قىزلار ئۈچۈن)

    2009-05-14

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39392410.html

    1. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر، سىزنىڭ قەيىرىڭىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىردەمدىلا ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.پەقەتلا بىلىدىغىنى ئۇ باشقىلارغا دىققەت قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن.
          
    .سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،ئەمىليەتتە دائىم سىزنى خاپا قىلىدۇ،لىكىن سىز ئۇنىڭ زادى نىمە ئىشنى خاتا قىلغانلىقىنى بايقىيالمايسىز.

    3.سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،سىزنى ئالدىڭىزدا ناھايتى ئازماختايدۇ،لىكىن كۆڭلىدە بولسا سىزنى ئەڭ قالتىس چاغلايدۇ

    .
    4. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،سىز ئۇنىڭغا قىسقا ئۇچۇر قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغان ۋاقتىڭىزدا سىزنى راسا بىر تىللىۋالىدۇ.   
     
    5.سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،پەقەت ۋە پەقەت سىزنىڭ ئالدىڭىزدىلا ياش تۆكەلەيدۇ،ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىنىڭىزدا،سىزنىڭ تۇتىدىغىنىڭىز پەقەتلە سىز ئۈچۈن سوقىۋاتقان يۈرەكنىڭ سوقۇشى.


    6.سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،بىلىپ بىلمەي دەپ سالغان كىچىككىنە گەپلىرىڭىزنىمۇ ئېسىدە چىڭ تۇتىۋالىدۇ-دە،مەلۇم ۋاقىتلاردا شۇ گەپنى قايتا تەكرارلايدۇ.

    7. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،ئاسانلىقچە سىزگە ۋەدە بەرمەيدۇ.چۈنكى ئۇ سىزنىڭ كۆڭلىڭىدىكى ئەڭ گېپىدە تۇرىدىغان ئەر بولۇشنى،سىزگە ئەڭ ئىشەنچلىك مۇھەببەتنى ئاتا قىلىشنى ئويلايدۇ.
     
    8.سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،ھەر دائىم سىزگە قالايمىقان خىيال قىلماسلىقى ئېيتىدۇ-يۇ،ئەمىليەتتە ئۆزى ھەر دائىم سىلەرنىڭ ئەڭ گۈزەل كەلگۈسىڭلارھەققىدە ئويلايدۇ.شۇنداقلا ئۇ سىزنى تۇيۇقسىز خوشال قىلىشنى ئويلايدۇ.
     
    9.سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،بەلكىم سىزگە ئوخشاش بەزى خاتىرە كۈنلەرنى ئېسىدە ساقلىشى ناتايىن،ئۇنىڭچە بولغاندا سىز بىلەن ئۆتكەن ھەر بىر كۈن ئەھمىيەتلىك بولۇپ بۇ بىر نەچچە خاتىرە كۈنلەر بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.   
       
    10. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،ھەرگىزمۇ ئاسانلىقچە«سىزنى ياخشى كۆرىمەن»دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چىقارمايدۇ،چۈنكى ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن قىلغان ھەر بىر ئىشى بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.پەقەت بەزى ئالاھىدە ۋاقىتلاردا سىزنى خاتا چۈشەنچىگە كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش يۈزىسىدىنلا ئاغزىدىن چىقىرىدۇ.

       
    11. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،بەزى سۆزلەرنى پەقەت بىر قېتىم دىيىشلا كۇپايە دەپ قارايدۇ.چۈنكى سىز ئاللىبۇرۇن ئۇنى چۈشىنىسىز-دە،ئۇ كۆپ دەۋەرسە قىممەتلىك ئەمەس دەپ قارايدۇ.

    12.سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،مۇبادا سىزنى ئالغىلى ئايردىرۇمغا بارسا،ھەرگىزمۇ سىز ئۈمىد قىلغاندەك ئۇنداق بىر دەستا گغلنى ئېلىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا «قەدىرلىكىم» دەپ چاقىرمايدۇ،پەقەتلا تەبىئىي ھالدا قولىڭىزدىكى سومكىنى ئېلىپ،كۆزى ئارقىلىق سىزنى قۇچاقلىماقچى بولغاندەك تەلمۈرۈپ قاراپ،ئىچ ئاغرىتقان ھالدا«نىمانچىۋالا ئورۇقلاپ كەتتىڭىز»دەيدۇ.

    12.سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،ئاچچىقىڭىز كەلگەندە،سىزنىڭ ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىپ بولۇشىڭىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ.ئاندىن ئاستا «سىز ئەتە يەنە ئىشقا بارىسىز،بالدۇرراق ئۇخلاڭ» دەيدۇ.
     
    13.سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،سىز ئاچچىقلاپ تېلىفۇننى قويۇۋەتكىنىڭىزدە ھەرگىزمۇ قايتىلاپلا تېلىفۇن قىلمايدۇ،نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كىيىن سىزگە قىسقا ئۇچۇر يوللاپ ئاچچەقىڭىزنىڭ بېسىققان بېسىقمىغانلىقىنى سورايدۇ،مۇبادا سىز ئۇنىڭدىن نىمىشقا شۇنچە كىيىن سىزنى ئىزدىگىنىنى سورىسىڭىز،ئۇ ناھايتىمۇ مەردانىلىك بىلەن،سىز ئاچچىقلاۋاتقان ۋاقىتتا ھەر قانچە چۈشەندۈرسەممۇپايدىسى يوق،سىزنىڭ ئاچچەقىڭىز بېسىققاندا ئاندىن چۈشەندۈرەي دىدىم دەيدۇ.
     
    14.سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،ھەر دائىم سىزنى كىچىك قىزچاق دەپ چاقىرىدۇ.بىراق ھەر قېتىم چوڭ-چوڭ قارارلارنى چىقارغاندا دائىم سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى ئاڭلايدۇ.

    15.سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،قونچاق مۆشۈكئېيىقنى ياقتۇرمايدۇ،بىراق سىز سوۋغا قىلغان قونچاق دائىم ئۇنىڭ كارۋىتىنىڭ بېشىدا.

    16.سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،سىز بىلەن تالىشىپ قالغاندا،دائىم ئالدى بىلەن چېكىنىپ چىقىدۇ.ھەم «مەن خاتا قىلدىم»دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.بىر ئازدىن كىيىن ئۇچۇر يوللاپ،«ساراڭ» بىلەن باشلىنىپ«قوزام» بىلەن ئاخىرلاشتۇرىدۇ.ئەمىليەتتە ئۇ كۆڭلىدە سىزنىڭ بۇ قېتىم راستىنلا ئازراق ئاشۇرۋەتكىنىڭىزنى ئېنىق بىلىدۇ.
     
    17. سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،سىزنى بەك سېغىنىپ كەتكەن ۋاقىتتا،سىزگە سوۋغا قىلىش ئۈچۈن ئەتىرگۈل سېتىۋېلىپ سىزنى ئەخمەقلەرچە ساقلايدۇ،بىراق ئايلارنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئەستى چىقىرىپ قويىدۇ.ھېچقىسى يڭق،ئۇنىڭ كۆڭلىدە سوۋغا قىلغىنى ئەتىرگۈل.

     
    19.سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،ئاغزى تاتلىق ئەمەس بىراق ئۇنىڭ سۆيۈشىدىن ئۇنىڭ بارلىق قىزغىنلىقىنى ھېس قىلالايسىز.

    20.سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،ئۇنىڭغا« ئاچچىق »گەپلەرنى قىلغىنىڭىزدا يالغاندىن قېيدىۋالىدۇ،بىراق ئەمىليەتتە كۆڭلىدە ئىنتايىن تاتلىق سېزىم پەيدا بولىدۇ
    .
    21.سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئەر،ئەگەر دائىم سىزنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىسا،سىزنى تولا ئويلىماسلىق ئۈچۈن ئالدىراش بولىۋالىدۇ،چۈنكى سىزنى بىرلا ئەسلەپ قالسا ئىشىنى قويۇپ قويىدىغانلىقىن ئۇ ئېنىق بىلىدۇ.

    分享到: