• تەسىرلىك مۇھەببەت ھىكايىلىرى

    2009-05-14

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39392648.html

    بىر قىز پۇتى تازا ياخشى باسمىغاچقا، ئەتىدىن-كەچكىچە ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ، باشقا بالىلارنىڭ ئوينىشغا قاراپ تۇراتتى. بىر يىلى يازدا قوشنىسنىڭ شەھەردىكى تۇغقىنى بۇ يەرگە ئوينىغىلى كەلدى. ئۇلارنىڭ بۇ قىزدىن بەش ياش چوڭ بىر ئوغلىمۇ كەلگەنىدى.
    شەھەرلىك بالا ناھايىتى تېزلا ئۇلار بىلەن چىقىشىپ كەتتى يېزا باللىرى بىلەن تاغقا چىقىپ سۇغا چۆمۈلدى، تېرىلىرى كۆيۈپ قارىداپ كەتتى، ئۇ ناھايىتى خۇشاللىققا چۆمگەنىدى. ئۇ يېزا بالىلىرىدەك قوپال گەپ قىلمايتتى. بالىلارنىڭ ئويۇنىغا ئارلاشماي ، ئۇلارنىڭ ئويۇنىغا قىزىقسىنىپ قاراپ تۇرىدىغان ھېلىقى قىز بۇ شەھەرلىك بالىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
    تۇتۇۋالغان يىڭناغۇچنى تۇنجى بولۇپ قىزغا تەڭلىگەن، قىزنى يۈدۈپ دەريا بويىغا ئاپارغان، تۇنجى قىتىم ھېكايە ئېتىپ بەرگەن، پۇتىنىڭ ساقىيىدىغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ ئېيىتقان ئادەم دەل شۇ بالا ئىدى. بۇ بالىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، قىزنىڭ چىرايىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى، چۈنكى ئۇنىڭغا بۇنداق سۆزلەرنى ، بۇنداق كۆيۈنگەن ئادەم، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى ئادەم ئاشۇ شەھەرلىك بالا ئىدى.
    يازمۇ تۈگىدى، شەھەرلىك بالىنىڭ ئۆيىدىكىلەر بۇ يەردىن كەتمەكچى بولدى. قىز ئۇنى ئۇزاتقىلى بارغاندا ، كۆز يېشىنى توختىتالمىدى، ئۇ ھېلىقى بالىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ تۇرۇپ:« پۇتۇم ساقايغاندىن كىيىن، سىزگە ياتلىق بولسام بولامدۇ؟» دېدى. بالا ماقۇللىقىنى بىلدۈرۈپ بېشنى لىڭشىتتى.
    كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 20 يىل ئۆتۈپ كەتتى. شەھەرلىك بالا بىر سەبىي بالىدىن كېلىشكەن يىگىتكە ئايلاندى. ئۇ بىر قەھۋەخانا ئاچتى، توي قىلىشقا پۈتۈشكەن لايىقىمۇ بار بولدى، تۇرمۇشى ناھايتى خاتىرجەم ئىدى. بىر كۈنى يىگىتكە بىر قىزدىن:« پۇتۇم ساقايدى، مەن سىزنى ئىزدەپ بۇ شەھەرگە كەلدىم»دەپ تېلېفون كەلدى. يىگىت بۇ قىزنى ھىچ ئويلاپ ئېسىگە ئالالمىدى، ئەمما قىزنى قەھۋەخانىسدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى. قىز ناھايىتى كەم سۆز ئىدى، يىگىت ئۇنىڭغا ئارتوقچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىدى.
    يىگىتنىڭ لايىقى باشقا بىرسىنىڭ بالىسغا ئېغىرئاياغ بولۇپ قالدى. يىگىت بۇنى بىلىپ قاتتىق ئاچچىقلاندى، پۈتۈن دەردىنى ھاراقتىن ئېلىپ ، كۈنبويى مەس يۈرىدىغان بولىۋالدى، مىجەزىمۇ تەرسالىشىپ ، باشقىلارنىڭ ياخشى كۆڭۈللۈك بىلەن قىلغان نەسىھىتىگە قۇلاق سالمىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي قاتتىق ئاغرىپ قالدى، قىز كىچە-كۈندۈز ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. يىگىت قىزنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيىتتى.
    شۇنداق قىلىپ يەنە بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. يىگىت بىرنەچچە قىز بىلەن ئارىلىشىپ باقتى، ئەمما ھىچقايسىسى كۆڭلىگە ياقمىدى. قىزمۇ تەنھا يۈرۈۋەردى. بىر كۈنى يىگىت قىزغا :«سىز خېلى كېلىشكەن قىز، قوغلىشىدىغانلار كۆپ بولغاندىن كىيىن ، ئوقۇرىڭىزنى ئېگىز قىلىۋالماڭ» دېدى. قىز كۈلۈپلا قويدى.
    يىگىت مەنىسىز تۇرمۇشتىن زىرىكىپ، چەت ئەلگە چىقىپ ئايلىنىپ كەلمەكچى بولدى. پاسپورتىنى ئېلىشتىن ئىلگىرى يىگىت قەھۋەخانىنى قىزغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. قىز يىگىتنىڭ تاللىشىغا قارشى چىقمىدى ھەمدە قەھۋەخانىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ تۇرىدىغان بولدى.
    چەت ئەلدىكى جاپالىق كۈنلەر يىگىتنى تېخىمۇ تاۋلىدى، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ھەسرەتلىرى يوقالدى. شۇچاغدىلا ئۇ ھەرقانداق چاغدا ، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاشۇ قىزنىڭلا ئۆزىگە ئەڭ ياخشى ھەمرا بولالايدىغانلىقىنى ھىس قىلدى. ئۇ نەگىلا بارمىسۇن قىزنىڭ مىھرىبانلىققا تولغان خېتىنى تاپشۇرۇۋالاتتى . يىگىت قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، ھەممە نەرسىسىنىڭ ئۆز جايىدا تۇرغانلىقىنى ، قەھۋەخانا تىجارىتىنىڭمۇ ناھايىتى ياخشى كىتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ قىزدىن شۇنداق رازى بولدى ۋە ئۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەندى. ئۇ قىزنى ئۈنلۈك توۋلىدى، ئەمما ھىچقانداق جاۋاپ كەلمىدى. قەھۋەخانىنىڭ ۋاقىتلىق باشقۇرغۇچىسى ئۇنىڭغا قىزنىڭ قاتتىق چارچاپ كەتكەنلىكتىن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ، يېرىم يىل ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيىتتى . ئەسلىدە قىزنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ، يىگىتكە بىرەيلەن قىز يىزىپ تەييارلاپ قويغان نەچچە يۈز پارچە خەتنى ئەۋەتىپ ، قەھۋەخانىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ تۇرغانىكەن. ئۇ قىزنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىلىرىنى يىگىتكە بەردى. قىزنىڭ نەرسىلىرى ئىچىدە يىڭناغۇچنىڭ ئەۋرىشكىسى ، يەنە بىر ئۈن لىنتىسىمۇ بار ئىدى. ئۈن لىنتىغا قىزنىڭ سەكرات ئالدىدا قىلغان سۆزى ئېلىنغان ئىدى. ئۈن لىنتىدىن :« مەن ساقايدىم، ...سىزگە ... ياتلىق... بولسام... بولامدۇ؟»دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. يىگىت بۇنى ئاڭلاپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.


    ********************************************** 

    بىر جۈپ ئەر - ئايال بار ئىكەن ، ئايالى ئېرىدىن پەقەتلا رازى بولمايدىكەن ، ئۆزىنى بەك شور پىشانە ھېس قىلىدىكەن . ئېرى كېلىشى بىلەنلا ئۇ تۈگىمەس تاپا - تەنە ، نارازىلىقلىرىنى ياغدۇرىۋېتىدىكەن ، لېكىن ئېرى ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ قارىشى گەپ قىلمايدىكەن . سىزنىڭ دېگىنىڭىز توغرا ، مەن خاتا قىپتىمەن دەيدىكەن . بىر كۈنى ئۇ خوتۇن زادى چىدىغۇچىلىكى قالماي ئېرى ئىشتىن كېلىشىگىلا ئۇنى ئولتۇرغۇزۇۋېلىپ مۇنداق دەپتۇ :
    __ مېنىڭ زادى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى ، بۈگۈن بىز بىر - بىرىمىزنىڭ كەمچىلىكلىرىمىزنى ئۆز - ئارا سۆزلەپ چىقايلى ۋە شۇنىڭغا قارىتا تۈزىتەيلى ، قېنى كىم باشتا سۆزلەيدۇ ؟
    ئېرى تاماكىسىنى پۇرقىرىتىپ چەككىنىچە :
    __ قېنى ، سىز باشلاڭ ، __ دەپتۇ .
    ئايال بارماقلىرىنى پۈكۈپ بىر باشتىن ساناشقا باشلاپتۇ :
    1 . سىزنىڭ پۇتىڭىز پۇرايدۇ ؛ 2 . پايپىقىڭىزنى ۋاقتىدا يۇمايسىز ؛ 3 . ھەممىلا يىردە بىر نەرسىلىرىڭىز چېچىلىپ تۇرىدۇ ؛ 4 . تاماكا چىكىپ ئۆينىڭ تاملىرىنى ئىسلىتىۋېتىسىز ؛ 5 . ئۆيگە كىرگۈچە ئايىقىڭىزنى تېگىنى پاكىز سۈرتۈپ كىرمەيسىز ..... دېگەندەك 28 خىل يېتەرسىزلىكلىرىنى ساناپ چىقىپتۇ ۋە ھېرىپ كېتىپ توختاپتۇ - دە ، ئېرىگە :
    __ قېنى ئەمدى سىز ئېيتىڭە ، مېنىڭ قانداق يېتەرسىزلىكلىرىم بار ؟ _ دەپتۇ .
    ئېرى تاماكىنىڭ ئىسلىرى كۆزلىرىگە كىرىپ ، كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرغىنىچە خوتۇنىغا بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن مۇنداق دەپتۇ :
    __ قەدىرلىكىم ، ھەرقانچە ئويلاپمۇ سىزنىڭ قانداق يېتەرسىزلىكلىكىڭىز بارلىقىنى بىلەلمىدىم .
    ئايال بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئېرىنى قۇچاقلاپ ھۆكىرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ ۋە شۇندىن ئېتىبارەن ئېرىدىن قۇسۇر ئىزدىمەيدىغان بوپتۇ .

    مانا بەخت دېگەن ، بۇنىڭ ئۆزى مۇھەببەت ، بارلىق تەرەپلىرىنى ياخشى كۆرۈش ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنىمۇ ياخشى كۆرسە ، كەڭ قورساقلىق قىلالىسا ئاندىن ئۇ ھەقىقىي مۇھەببەت بۇلىدۇ . قانچىلىك ئايال مۇشۇنداق مۇھەببەتكە سازاۋەر بۇلالايدۇ ؟ قانداق ئايال مۇشۇنداق مۇھەببەتنى ، بەختنى ھېس قىلالايدۇ ؟
    ئادەتتە رېئال تۇرمۇشتا ھامان باشقىلارنىڭ تاشقى كۆرۈنىشىدىكى << بەخت >> لىرىگە تىكىلىپ تۇرىۋالىمىز ، باشقىلارنىڭ بىزدىن<< ئېشىپ >> كەتكەن تەرەپلىرىنىلا كۆرۈپ ، ئۆزىمىزنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز . << بەخت ئىچىدە تۇرۇپ ، بەختنى كۆرەلمەيمىز >> .

    ********************************************** 

    بىر يىگىت بولۇپ، قىز دوستىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى. قىزنى خۇددى گۆھەرنى قوغدىغاندەك قوغدايتى. يامغۇر ياققاندا يىگىت كۈنلۈكنى قىز تەرەپكە تۇتاتتى. ھەمدە ئۆزىنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكەن بەدىنىگە قاراپ تاتلىق كۈلەتتى. قىز يىگىتنىڭ قىلغانلىرىدىن ناھايىتى تەسىرلىنەتتى، شۇنداقلا يىگىتنىڭ ئۆزىنى شۇنداق قوغدىشىنى ياخشى كۆرەتتى. بىر كۈنى ئۇلار بىللە ئايلىنىپ قايتىپ كىلىۋاتقاندا بىر قۇرلۇش ئورنىدىن ئۆتۈپ قالدى. تۇيۇقسىز ئۇستى تەرەپتىن بىر تاش چۇشتى. يىگىت قىزنى دەرھال قۇچاقلىۋالدى. ئەمما يەنە تۇيۇقسىز بەدىنىنى بۇرىۋالدى. قىز ئوغۇلنىڭ ئۇستىگىلا يىقىلىپ چۇشتى، تاش بولسا ئۇنىڭ قىزنىڭ نەق پىشانىسىگە چۇشۇپ، قان ئاققىلى تۇردى. قىز يىغلاپ يۇگۇرگىنچە ئۆيگە قايتتى. ئۇ ناھايىتى ئۈمىدسىزلەندى...........يىگىت ئۇنىڭغا نۇرغۇن قىتىم تىلفۇن قىلدى، قىز تىلفۇننى ئالماي ئىتىۋەتتى، ھەمدە ئۆيگە بىكنىۋىلىپ يىغلاشقا باشلىدى. تاكى ئانىسى ئىشكىنى قاققىچە يىغلىدى. ئانىسى ئۇنىڭغا يىگىتنىڭ ئۆپكىسىنى پولات زىقچە تىشىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن قان كۆپ چىقىپ كىتىپ، بۇ دۇنيادىن ئايرىلغانلىقىنى ئىيىتتى. قىز بۇنى ئاڭلاپ ساراڭلاردەڭ يۇگۈرگىنىچە دوختۇرخانىغا باردى. يىگىت ئاپپاق كارىۋات ئۇستىدە تىلفۇنىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە ياتاتتى. تىلفۇندا بىر ئۇچۇر يىزىقلىق ئىدى: < قەدىرلىكىم، مەن يەردىكى پولات زىقچىنى كۆرگەن ۋاقىتتا سەن ئۈچۈن تاشنى تۇسۇپ قىلىشقا ئامالسىز قالدىم. قەدرىلىكىم، ئاغىرۋاتامدۇ؟>
    قىز يىگىتنىڭ جەسىدىنى قۇچاقلاپ، ئىچىنىشلىق يىغلاشقا باشلىدى.

    ********************************************** 

        بۇرۇن بىر يىگىت بىلەن بىر قىز ئۆز ئارا تونۇشۇپ قاپتۇھەمدە مۇھەببەتلىشىپتۇ. بىراق،ئۇ يىگىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يۈرەك كېسىلى بار ئىكەن. قىز بولسا بۇنى بىلمەيدىكەن. يىگىت ئاخىرى قىزنىڭ قوينىغا ھوشسىزلىنىپ يېقىلىپ چۈشۈپتۇ.شۇ چاغدىلا قىز ئاندىن يىگىتنىڭ ئۆمرىنىڭ ئازقالغانلىقىنى بىلىپتۇ. خوشاللىنارلىقى شۇكى ، يىگىت يۈرەك كۆچۈرۈشئوپىراتسىيىسىنى قوبۇل قىلسا نورمال ياشالايدىكەن. بىراق،ئۇ بۇخىل ئوپىراتسىيەنى رەت قىلىپتۇ. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلسىمۇ ئۇنىماپتۇ.ھەتتا، ئۇنىڭ قىزدوستىمۇئۇنىڭدىن يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىنى قىلدۇرۇشنى ئۆتۈنۈپتۇ،بىراق يىگىت يەنىلا ئۇنىماپتۇ. قىز بولسا يىگىتنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇ ئوپىراتسىيىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى، نىمە ئۈچۈن ھاياتىدىن ۋاز كەچمەكچى بولغىنىنى زادىلا بىلمەيدىكەن. يىگىتنىڭ جاھىللىقىغا قاراپ قىزچاق بەكلا ئاچچىقلىنىپتۇ ۋە يىگىتكە خاپا بولۇپ  قاپتۇ. ئەجىبا.. قىز سۆيگەن يارىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلۈپ كېتىشىگە مۇشۇنداقلا قاراپ تۇرارمۇ؟؟ ئەجىبا..يىگىت قىزنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالغانمىدۇ؟؟ يىگىت قاتتىق ئازاپ ئىچىدە ئاخىرى ئۆزىنىڭ سۆيگەن يارىدىن ۋە دۇنيادىن خوشلىشىپتۇ. ناھايىتى ئۇزۇن كۈنلەر ئۆتكەندىن كىيىن قىزچاق يىگىتنىڭ ئاپىسىنىڭ قولىدىن بىر كۈندىلىك خاتىرە دەپتەرنى تاپشۇرۋاپتۇ. بۇخاتىرە ئەسلىدە يىگىتنىڭ ئۆلۈشتىن بۇرۇن يازغان ئەڭ ئاخىرقى خاتىرىسى ئىكەن. قىزچاق خاتىرىنى ئېچىپ ئوقۇپتۇ. تۇيۇقسىز خاتىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر بېتىدە مۇنداق بىر سۆزنىڭ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپتۇ: ( ئۆلۈشكە رازىمەنكى،ئۆزەمدىن باشقا بىر ئادەمنىڭ يۈرىكى ئارقىلىق سىزنى سۆيۈش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ ). قىزچاق شۇ چاغدىلا يىگىتنىڭ نىمە ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپتۇ ھەمدە قاتتىق ئازاپ ئىچىدە كۆز ياشلىرى توختىماي تۆكۈلۈپتۇ. 

    **********************************************   

    قىز شەھەردىكى ئىنتايىن ياخشى شېركەتتە ئىشلەيدۇ.

    لېكىن يىگىت بولسا يۇك توشغۇچى ئىشچى ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرىگەندىن كېيىن ،ئىككىسىنىڭ تەقدىرى پۇتۇنلەي بىر - بىرسىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ چىقسىمۇ ،ئۇلار داۋاملىق مۇھەببەت مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالماقتا ئىدى . لېكىن پەقەتلا داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى .

     

    قىزچاق ، كۇندە شىېركىتىدە قىممەت باھالىق قەھۋە ئىچىسە ،ئىشتىن چۇشكەندىن كېيىن ، يىگىتى ئېلىپ بەرگەن ئەرزان باھالىق چوكا مۇزنى يەيتى . چۈشلىكى شىېركىتىدە ئېسل تائام يېسە ،كەچلىكى يىگىتى بىلەن ئادەتتىكى ،تازلىقى ناچار بولغان ئاشخانلارغا كىرىپ كالا گۆشى ئۈگىرىسى يەيتى . بۇ ئىشلاردىن قىزچاق ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئىنتايىن قالايمىقان ،رەتسىزدەك ھېس قىلاتتى .

     

    باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ،دەسلەپكى كۇندىن باشلاپلا مەلۇم بىر خىل خاتىمىدىن دېرەك بەرگەندەكلا تۇراتتى . يىگىت ھەر كۇنى قىزچاقنىڭ شىېركىتىگە ئالغىلى بېرىپ ،ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ <<خەيىرلىك -كەچ>> دەپ قويۇپلا قايتىپ كېتەتتى . مەلۇم بىر كۇنى قىزچاقنىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ ،ئۇنىڭ كاللىسىغا تۇيۇقسىز بىر ئىش كېلىپ قالغان ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن قىزچاق يىگىتكە ئەركىلەپ تۇرۇپ : مېنى يۇدۇپ پەلەمپەيدىن مېڭىپ 13-قەۋەتتىكى ئۆيۇمگە ئەپ چىقىپ قويۇڭ دېدى . يىگىت لېغىتكە قارىدى ، ئۇ قىزچاقنى ئاۋايلاپ يۇدۇپ 1-قەۋەتتىن ئۇستىگە قاراپ مېڭىشقا باشلىدى.

    يۇدۇپ مېڭىپ يېرىمىغا كەلگەندە يىگىت :بەك ھېرىپ كەتتىم ، ئازراق دەم ئېلىۋالسام بولامدۇ دېگەندە ، قىزچاق ئەركىلەپ تۇرۇپ ، بولمايدۇ ، بىر مىنۇتمۇ دەم ئېلىشقا رۇخسەت يوق ،دېدى . يىگىت قىلچىلىك گەپ - سۆز قىلماستىن يەنە داۋاملىق يوقىرىغا قاراپ مېڭىشقا باشلىدى ، ئاخىرى 13-قەۋەتتىكى قىزچاقنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەندىلا ئاندىن قىزچاقنى شۇنچىلىك ئاۋايلىغىنىچە يەرگە قويدى . قىزچاق ئۇنىڭدىن : چارچىدىڭىزمۇ ؟،دەپ سورىغاندا يىگىت : شۇنداق ، يۇك توشىغاندىنمۇ بەكرەك چارچىدىم ،دېدى . قىزچاق ئۇنىڭ راسىت سۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ ،تەسىرلەنگەنلىكىدىن ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدى .

     

    لېكىن ئۇلار يەنىلا ئايرىلىپ كەتتى . چۇنكى بەزى ۋاقىتلاردا پەقەتلا تەسىرلىنىشتەك ھېس - تۇيغۇغا تايىنىپلا مۇھەببەتنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايتتى .

    شەھەردە يىگىتتەك بىرەر يۇك توشىغۇچى كەملىك قىلمايتى ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېزىغا قايتىپ كەتتى .

    **********************************************


    ساڭا بولغان پاك سۆيگۈمنى ئالداپ ، ۋاپاسىزلىق قىلغان بولساڭمۇ سېغىندىم . بۇنى سەن ئويلاپ يېتەلەمسەن؟ شۇ سېغىنىشقا سىڭگەن يۈرەك سىرلىرىمنى چۈشىنەلەمسەن ؟!
    ھىچ بىلمىدىم ، شۇ تاپتا سەندىن نەپرەتلىنىۋاتىمەن ، شۇنداقلا سېنى يەنە سېغىنىۋاتىمەن . بەلكىم نەپرەتلىنىش مۇھەببەتنىڭ
    ئەڭ يوقىرى پەللىسى بولسا كېرەك . مەن سەن بىلەن تونۇشۇپ ئالەمچە خۇشاللىققا ئېرىشكەنىدىم . ئەپسۇس، سەن يۈرىكىمگە
    مەڭگۈ ئۆچمەس داغ سېلىپ ، ئۈن-تىنسىز كېتىپ قالدىڭ .
    سەندىن پەخىرلىنىمەن . چۈنكى مېنىڭ مەنىسىزلىككە تولغان تۇرمۇشۇمغا سىڭىپ كىرىپ ، قەلبىمدىكى ئۈمىدسىزلىك تۇمانلىرىنى تارقىتىپ ، ھاياتقا ، تۇرمۇشقا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ ، ئوتلۇق مۇھەببەت ئويغىتىپ، تۇرمۇشۇمنى رەڭدار مەزمۇنلار بىلەن بېزەپ ، سۆيگۈ قۇدرىتىنى ۋە ھايات گۈزەللىكىنى ھەقىقى ھېس قىلدۇراتتىڭ .
    سەندىن نەپرەتلىنىمەن .چۈنكى سەن ماڭا مۇھەببەت ھەققىدە سىرلىق ، گۈزەل بىر ھېكايىنى ئېيتىپ بېرىپ ، مېنى شېرىن تۇيغۇلار ئىلكىدە تاتلىققىنە ئۇخلىتىپ قويۇپ ، يېنىمدىن شەپىسىز كېتىپ قالدىڭ .
    سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن .سەن كۆڭۈل تەختىمنى ئىگىلەپ ، ئوتلۇق يۈرۈكۈمنى سۇغۇرۇپ كەتتىڭ . شۇڭا ھازىرغىچە يۈرىگىمنى تاپالماي تىرىك مۇردا بولۇپ ياشماقتىمەن .
    يۈرىگىمنى قايتۇرۇپ بېرەرسەنمۇ ؟

    ********************************************** 

          ئاھ ! ئامرىقىم .
    سېنىڭ مىنى ئەمەس باشقا بىرسىنى سۆيدىغانلىقىڭنى بىلدىم ،سۆيگەن قىزنىڭ ماڭا مەڭگۇ نىسىپ بولمايدىغانلىقىنى بېلىپ قەلبىنى بىر ھەسەت ئوتى قاپلىدى شۇنداق تۇرۇپمۇ ساڭا بەخت تىلىدىم . سىنىڭ پاك مۇھەببىتىڭ ئۇچۇن بەرگەن بەدەللىرىڭنى ئاڭلاپ كۆزۇمگە ياش كەلدى . بۇگۇن سىنى يوقلاپ بالنىسقا بارغىنىمدا سېنىڭ ھالىڭنى كۆرۇپ ياتاقنىڭ ئالدىدا ئوتۇرۇپ يىغلىغىنىمچە تۇرۇپلا قالدىم . سەن ئۆزۇڭنىڭ قانچىلىك <بىچارە> ھالەتكە چۇشۇپ قالغىنىڭنى سەزدىڭمىكى . . .
    ساڭا قاراپ ئولتۇرىمەن ، سەن بەئەينى <ئۆسۇملۇك ئادەم>گە ئوخشاش بىر نوختىغا قاراپ ياتاتتىڭ . گەپلىرىمنى ئاڭلاۋاتامسەن . . .
    سىستىرا ياتاققا كىرىپ سېنىڭ دوراڭنى ئىچكۈزۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى ، سېنىڭ دورا ئىچىۋاتقان ھالىتىڭگە قاراپ يىغلاپ تاشلىدىم . سەن دورا ئەمەس زەھەر ئىچىۋاتقان ئادەمدەك ئاغزىڭغا بىر پارچە چوغنى سىلىپ قويغاندەك تولغۇنۇپ كەتتىڭ .
    ئاھ خۇدا ! ساڭا نىمە كەلگۈلىك بۇ !
    شۇ تاپ مەن سىنىڭ يىنىڭدا مەڭگۇ تۇرۇپ سېنىڭ ھالىڭدىن خەۋەر ئىلىشنى كۆڭلۇمگە پۇكۇپ ئولتۇردۇم . كۆڭلۇمنىڭ بەزىبىر يەرلىرىدىن سېنى مەڭگۇ مۇشۇنداق ياتسىكەن دەپمۇ ئويلاپ قالدىم ، سۇ چاغدىلا مەن سىنىڭ يىنىڭدا ئۇزۇنراق تۇرالايدىكەنمەن .
    ياق . . . ياق . . .
    توۋا قىلدىم . توۋا ! ئاغزىمغا تاش-تۇپراق ! سەن ئەتىلا ساقىيىپ كەت ، ھازىرلا ئورنىڭدىن تۈرۇپ مىنى كەتكۈزىۋات !
    سەن ھازىر بۇ خەتلىرىمنى كۆرمەيسەن ، لىكىن چۇقۇم بىر كۈنى كۆرىدىغانلىقىڭغا ئىشەنچىم كامىل . كۆڭلۇمدىكى گەپلەرنى بۇگۇن دىۋالمىسام مەڭگۇ دىيەلمەيدىغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن . 
    مەن سېنى چىن كۆڭلۇمدىن ياخشى كۆرىمەن . مەيلى سەن <ئۇ> نى بىر ئۆمۇر ياخشى كۆرۇپ ئۆتۇپ كەتسەڭمۇ مەيلى . ماڭا ئاشۇ شېكەستىلەنگەن يۇرىكىڭنى ئازىراق ساقىندىسى بەرسەڭلا مەن شۇنىڭغا شۇكىرى قىلىمەن ! ماڭا ئاشۇنداق كۈنلەر نىسىپ بولارمۇ ؟ ئاشۇ كۈنلەرنى ماڭا كۆرسىتەرسەنمۇ ؟  

     ********************************************** 

    مەن سېنى بىر چاغلاردا شۇ قەدەر پاكىز ھېسلىرىم بىلەن سۆيگەن ئىدىم ، سەن قەلبىمدە جاھانغا باراۋەر ئىدىڭ ، سەنمۇ مېنى بارلىقىڭ بىلەن سۆيەتتىڭ .بىراق سەن ھاياتتىن يېڭى بىر مەنە ئىزدەپ، ھاياتنىڭ تېراگىدىيەلىىك قاينىمىغاچۆكۈپ كەتكىنىڭنى سېزەلمىدىڭ .بىلەمسەن؟تۇرمۇش سېنى ئالدىدى ، ھايات سېنى ئالدىدى ، خۇددى تۇيغۇلىرىم ئالدانغان كەبى !چەكلىك ھاياتنىڭ چەكسىز قىسمەتلىرى بار .

    分享到: