-
بالامغا نەسىھەت
2009-05-15
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39431865.html
بالام ، قۇرامىڭغا يەتتىڭ ، تۇرمۇش ئىشىنى سوقوققانلىق بىلەن ئويلىشىشىڭغا توغرا كېلىدۇ .
مۇھەببەت دېگەننى ئۆگەتكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس ، نىكاھتىن بۇرۇن كۆزۈڭنى ئوبدان ئېچىپ قارمىساڭ ،
تويدىن كېيىن كۆزۈڭنى ئېچىشقىمۇ پېتىنالمايسەن . سەمىڭگە سېلىپ قويايكى ، بىر قىزغا ئۇنىڭ قەددى - قامىتىنىڭ
كېلىشكەنلىكىگە قاراپلا ئۆيلىنىش ، خۇددى بازاردىن زۆرۈريەتسىز بولسىمۇ ، كۆزىگە ياخشى كۆرۈنگەنلىكى ئۈچۈنلا سېتىۋالغان نەرسىگە ئوخشايدۇ . نىكاھتىن كېيىن ، پەرزەنتلەرگە ئۆي تۇتۇشنى ، خوتۇننى تۇتۇشنى ، ئۆزىنى تۇتۇشنى ، ئائىلىسىگە كۆيۈنۈشنى ئۆگۈتۈش كېرەك .بالام ، ئەمدى سەن بىر ئائىلىنىڭ ئىگىسى بولدۇڭ . بالىلىق ساياقلىىقىڭ تۈگدى . ئەمدى سەن ئەرلىك خسىلىتىڭنى جارى قىلدۇرۇپ ، بىر ئائىلىنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈشكە بەل بەغلىشىڭ كېرەك . ئايالىڭغا ھەققى كۆيۈن ، يوق ئىشلارنى تۇتۇۋېلىپ ئۇنىڭغا ئازار بەرمە . ئايالىڭنىڭ كۆڭلىنى ئاياشنى بىل ، ئۆزۈڭنى ھەم ئايا ، ئۆزۈڭنى تۇتۇشنى بىل . ئەر دېگەن خۇتۇن نىمە دېسە ھە دەۋېردىغان يۇمشاقۋاش بولۇپ قالسا بولمايدۇ . توغرا بولسا قۇبۇل قىل ، ئەگەر مۇناسىپ بولمىغان گەپ - سۆز بولسا دەرھال نەسىھەت قىل ، ئەر - خوتۇنچىلىقتا ئۆزئارا بىر - بىرگە ئىگە بولمىسا بولمايدۇ ، مۇھىم ئىشلاردا قاتتىق تەلەپ قوي ، ئادەتتىكى ئىشلارغا ئېسىلىۋالماي ، كۆرمەسكە سال ؛ ئۆي ئىشلىرىغا كۆپ ئارلىشىۋالما ، كىيىم - كېچەك ۋە پۇلدىن قىسما . ئايالىڭغا ھەرقانچە ئىشەنسەڭمۇ ، ئۆيدە ئۇزۇن ۋاقىت يالغۇز تاشلاپ قويما ، يالغۇز سەپەرگە چىقارما ، ئۆزۈڭ بىرگە بولمىغان ئولتۇرۇن - قوپۇشلارغا بارغۇزما . ئائىلەڭدە ئىقتىسادى ئورتاقلىق بولسۇن ، ئىقتىسادى ئورتاقلىق بولمىغان ئائىلە ئىشەنچىلىك ئائىلە ئەمەس ، سەن ھەرقانچە چوڭقۇر ئىشەنچ ھاسىل قىلغان بولساڭمۇ دېيىشكە بولمايدىغان سىرلىرىڭنى ئايالىڭغا ئېيتمىغىن ، بۇ قەدىمكىلەردىن قالغان تەجىربە ساۋاق .بالام ، كونىلاردا < كوچا سۆيگۈسى ئۆينى بەرپات قىلار ، ئۆيۈڭنى خوتۇن مېھرى ئاۋات قىلار > دېگەن گەپ بار ، ھەرگىز كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمىگىن . < كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ ، كۆڭۈل ھەر جايغا باشلايدۇ ، سەمەرقەنت ئالمىسىدەك ئاپىرىپ چۆللەرگە تاشلايدۇ > خوتۇنىڭغا قانداق تەلەپ قويساڭ ئۆزۈڭگىمۇ شۇنداق تەلەپ قويغىن ، ھەرگىز ۋىجدانىڭنى قولۇڭدىن بېرىپ قويمىغايسەن .历史上的今天:
ۋاز كىچىشنىمۇ ئۈگۈنۈپ قۇيۇڭ ! 2009-05-15دۇنيادىكى ئون چوڭ سىر. 2009-05-15ئەرلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىدىغان 10 جۈملە سۆز 2009-05-15مۇنداق چۈش كۆرسىڭىز دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ 2009-05-15مەغلۇبىيەتنىڭ 31 خىل سەۋەبىنى بىلەمسىز؟ 2009-05-15