• مەغلۇبىيەتنىڭ 31 خىل سەۋەبىنى بىلەمسىز؟

    2009-05-15

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39408347.html

    1.تۇغما  كەمتۈكلۈك.
    ئەقلى  قابىلىيتى  تۇغما  كەمتۈك  كىشىلەرنىڭ  يىتەرسىزلىگىنى   تۇلۇقلاش  ئىمكانىيتى  بولمايدۇ، تۇغما  كەمتۈكلۈكنى  ئادەمنىڭ  تىرىشچانلىغى  بىلەن  تۈگەتكىلى  بولمايدۇ.
    2.تۇرمۇشتا  ئىنىق  نىشان  بولماسلىق.
    ئىنىق  كۈرەش  نىشانى  ياكى  تىرىشچانلىق  يولىنىشى  بولمىغان  كىشىنىڭ  مۇۋاپىقىيەت  قازىنىشىدىن  ئۈمۈت  كۈتكىلى  بولمايدۇ.
    3.يۈكسەك  ئىرادە  ۋە  جاسارەت  كەمچىل  بۇلۇش.
    كىشىلىك  ھاياتتا  ئالغا  ئىنتىلىشنى  ئويلىمايدىغان،  بەدەل  تۈلەشنى  خالىمايدىغان  پەرۋاسىز  ئادەملەر  مۇۋاپىقىيەت  قازئنالمايدۇ.
    4.يىتەرلىك  تەربىيە  كورمەسلىك.
    ھاسىلات   ئۈزىڭىز < بىلگەن>  نەرسىدىن  كىلىدۇ.  بىراق  ئەڭ  مۇھىمى  ئاشۇ  بىلگەن  نەرسىلىرىڭىزنى  <ئەمىلىيەتكە  تەدبىقلاش >تۇر.
    5.ئوزىنى  كونتۇرول  قىلالماسلىق.
    بۇ  ئادەم  ئۈزىدىكى  ھەرقانداق  پاسسىپ  ئىدىيەنە  كونتۇرول  قىلىش  دىگەنلىكتۇر.
    6.تىنى  ساغلام  بولماسلىق.
    تىنى  ساغلام  بولمىغان  كىشى  مۇۋاپىقىيەتنىڭ  خۇشاللىغىدىن  بەھرىمەن  بۇلالمايدۇ.
    7.ئوسمۈرلۈك  چاغلىرىدا  ناچار  مۇھىيىتنىڭ  تەسىرىگە  ئۇچراش.
    كۈچەتكە  تىرەك  قويمىسا  قىڭغىر  ئوسىدۇ،  مايسا  كوكىدىن  مەلۇم  بۇلىدۇ،  ئوسمۈرلىك  چاغدىكى  ناچار  مۇھىت  كىيىن  مۇۋاپىقىيەت  قازىنىشقا  تەسىر  قىلىدۇ.
    8.سورەلمىلىك  قىلىش.
    بۇ  مەغلۇبىيەتچىلەردە  ئومۇمىيۈزلۇك  ساقلىنىۋاتقان  مەسىلە.
    9.ئىرادسىزلىك.
    بەزىلەر  ئوڭۇشسۇزلۇققا  يولۇققان  ھامان  بەل  قۇيىۋېتىدۇ،  بىراق  كۈچلۇك  ئىرادىلىك  كىشى  {مەغلۇبىيەت }نىڭ  چىكىنگەنلىگىنى  كۈرىدۇ، مەغلۇبىيەت  كۈچلۇك  ئىرادىگە
    تەڭ   كىلەلمەيدۇ.
    10.پاسسىپ  خارەكتىر.
    خارەكتىرى  پاسسىپ  كىشىلەردىن  باشقىلار  قاچىدۇ،  بۇنداق  كىشىلەرنىڭ  مۇۋاپىقىيەت  قازىنىشىدىن  ئۈمۈت  كۈتكىلى  بولمايدۇ.
    11.جىنسى  ھەۋەسنى  كونتۇرۇل  قىلالماسلىق.
    جىنسىيەتنىڭ  كۈچى  ئەڭ  زور  بۇلىدۇ،  شۇڭا  ئۇنى  كونتۇرول  قىلىش  بىلەن  بىرگە  باشقا  بىر  خىل  كۈچكە  ئايلاندۇرۇشقا  توغرا  كىلىدۇ.
    12.ئشلىمەي _ چىشلەشكە  ئىنتىلىش.
    بۇ  خىل  پۇرسەت  پەرەسلىك  نەچچە  مىڭلىغان  كىشىنى  مەغلۇبەيەتكە  يۈزلەندۈرىدۇ.
    13.تەدبىر  كەسكىن  بولماسلىق.
    غالىپلار  ھەر  ئشتا  كەسكىن  تەدبىر  كۈرىدۇ،  مەغلۇبىيەتچىلەر  بولسا  ئككىلىنىپ  تەدبىر  بەلگۈلەش  ۋاختىنى  ئوتكۈزىۋاتىدۇ،  بۇنىڭ   نەتىجىسى  مەغلۇبىيەتكە  باشلايدۇ.
    14.تەشۋىشلىنىش.
    ئۇز  مۇلازىمىتىنى  ئوڭۇشلۇق  بازارغا  سېلىش  ئۈچۈن،  تەشۋىش  ۋە  ۋەھىمىنى  چۇقۇم  يىڭىش  لازىم.
    15.جورىسىنى  مۇۋاپىق  تاللىيالماسلىق.
    بۇ  مەغلۇبىيەتكە  سەۋەپ  بۇلىدىغان  ئادەتتىكى  ئامىللاردۇر،  بەخىتسىزلىك  بىلەن  ئازاپ  بولسا،  كىشىنىڭ  جەسۇرلىقى  ۋە  ئارزۇ _ ئارمانلىرىنى  يوققا  چىقىرىدۇ.
    16.ھەددىدىن  زىيادە  ئېھتىياتچانلىق.
    ھەددىدىن  زىيادە  ئېھتىياتچانلىق  ۋە  ھەددىدىن  زىيادە  ئھتىياتسىزلىقمۇ  ئوخشاشلا  زىيانلىق.
    17.كەسپى  ھەمرانى  مۇۋاپىق  تاللىيالماسلىق.
    ئوز  مۇلازىمىتىنى  بازارغا  سېلىشتا،  ياللىغۇچى  ياكى  خۇجايىننى  ئەستايدىل  تاللاش  كىرەك،  كەسپى  ھەمرانىڭ  مۇۋاپىق  بۇلۇش  بولماسلىغى  مەغلۇبىيەتى  ياكى  غەلبىنى  بەلگۈلەيدۇ.
    18.خۇراپىلىق  ۋە  بىر  تەرەپلىمىلىك.
    19.كەسىپنى  خاتا  تاللاش.
    ئۈزى  ياخشى  كورمىگەن  كەسىپتە  مۇۋاپىقىيەت  قازىنىش  مۈمكىن  ئەمەس، شۇڭا  ئۈزى  ياخشى  كورگەن  كەسىپنى  تاللاپ  پۈتۈن  كۈچ  بىلەن  كىرىشىش  كىرەك.
    20.نىشانى  ئنىق  بولماسلىق.
    ئنىق  نىشانى  يوق  كىشىنىڭ  ئىشى  ئاقمايدۇ.
    21.خالىغانچە  ئسراپخورلۇق  قىلىش.
    ئسراپخور  ئادەمنىڭمۇ  مۇۋاپىقىيەت  قازىنىشى  مۇمكىن  ئەمەس،  چۈنكى  بۇنداق  ئادەم  مەڭگۈ  نامراتلىق  ۋەھىمىسى  ئىچىدە  ئۇتىدۇ.
    22.قىزغىن  بۇلالماسلىق.
    سۇغۇق  تەلەت  كىشىنىڭ  قايىل  قىلىش  كۈچى  بولمايدۇ،  قىزغىنلىق  بىرخىل  تەسىرچانلىققا  ئگە  بۇلىدۇ، ئالقىشقا  ئرىشەلەيدۇ.
    23.كاجلىق.
    كاج  ئچى  تار  ئادەمنىڭ  ئالغا  باسمىغى  بەك  تەس،  بىلىم  ئېلىشتا  تەشەببۇسكار  بولمايدۇ.
    24.قېلىپسىزلىق.
    بۇلىشىغا  يەپ- ئىچىش  ۋە  جىنسىيەتكە  ھەددىدىن  زىيادە  بىرىلىپ  كىتىش_ زىيىنى  ئەڭ  ئېغىر  قېلىپسىزلىق،  بۇ  قېلىپسىزلىق  مۇۋاپىقىيەتنىڭ  ئەڭ  چوڭ  دۈشمىنى.
    25ھەمكارلىشىشقا  ماھىر  بولماسلىق.
    ئاقىل  سودىگەر  ياكى  رەھبەر  ھەمكارلىققا  ھەرگىز  سەل  قارىمايدۇ.
    26.ئاسانلا  كىلىپ  قالغان  ئامەت.
    ئاسانلا  قولغا  كەلگەن  بايلىق_ مۇۋاپىقىيەتكە  ئەجەللىك  زەربە  بىرىدىغان  ئامىل.
    27.قەستەن  ساداقەتسىزلىك  قىلىش.
    ساداقەت _ ھېچقانداق  نەرسە  ئورنىنى  باسالمايدىغان  ئسىل  خىسلەت.
    28.شەخسىيەتچىلىك  ۋە  شۇھرەتپەرەسلىك.
    بۇ  ئىللەت  سىگىنال  چىرىغىغا  ئوخشاش  باشقىلارنى  ئاشۇ  كىشىدىن  يىراقلىشىشقا  ئاگاھلاندۇرۇپ  تۇرىدۇ.
    29.پەرەزگىلا  تايىنىپ  پىكىر  يۈرگۈزمەسلىك.
    نۇرغۇن  كىشىلەر  پاكىتلار  ئۈستىدە  پىكىر  يۈرگۈزۇپ  بېقىشقا  ئىرەنسىزلىك  قىلىدۇ.
    30.مەبلەغ  يىتىشمەسلىك.
    بۇ  ئىشقا  يىڭىدىن  كىرىشكەنلەرنىڭ  مەغلۇبىيىتىدىكى  ئورتاق  ئامىللاردىن  ھىساپلىنىدۇ.
    31باشقا  سەۋەپلەر.
    سىزمۇ  مەغلۇبىيەتنىڭ  يۇقاردا  تىلغا  ئېلىنمىغان  سەۋەپلىرىنى  تىزىپ  چىقالايسىز، مەغلۇبىيەتنىڭ  سەۋەپلىرىنى  ئانالىز  قىلىپ،  ئۇنى  ئۇزىڭىزنىڭ  ئەمىلىيتىگە  سېلىشتۇرۇپ
    كورسىڭىز،  شۈبھىسىزكى،  بۇنىڭ  سىزگە  ياردىمى  بۇلىدۇ.

    分享到: