• مۇنداق چۈش كۆرسىڭىز دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ

    2009-05-15

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39429369.html

       
     
    ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى دوختۇرلار كۆپ يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سەككىز خىل چۈشنىڭ كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكنى بايقىغان:
    1- چۈشىڭىزدە بىرەر ئادەم ياكى باشقا غەلىتە مەخلۇقنىڭ بېشىڭىزغا ئۇرغاندەك ئالامەتلەرنى كۆرسىڭىز، سىزنىڭ مېڭە ئۆسمىسى ۋە نېرۋا سىستېمىڭىزدا كېسەللىك پەيدا بولغان بولۇشى مۈمكىن ئىكەن.  
    2- ئەگەر سىز چۈشىڭىزدە غەلىتە ئاۋازلارنى ئاڭلىغان بولسىڭىز، بەلكىم ئاڭلاش سېزىم مەركىزىدە بەزى كسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان ياكى شۇنىڭغا يېقىن قان تومۇرلاردا قېتىشىش ئەھۋالى پەيدا بولغان بولۇشى مۈمكىن.  
    3- چۈشىڭىزدە كانىيىڭىز بوغۇلغاندەك، نەپسىڭىز راۋان بولمىغاندەك، تۇنجۇقۇپ قالغاندەك بولسىڭىز، بەلكىم سىزنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىڭىزدا كېسەللىك پەيدا بولغان بولۇشى مۈمكىن.
    4- ئەگەر چۈشىڭىزدە مەلۇم بىر نەرسە قوغلاۋاتقاندەك، ۋەھىمە باسقاندەك، قاچاي دېسىڭىز يۈگۈرەلمەيۋاتقاندەك، چۆچۈپ ئويغانغاندا يۈرىكىڭىز ئورنىغا چۈشمىگەندەك بولۇپ، تەرلەپ، يۈرەك سوقۇشىڭىز تېخىمۇ تېزلىشىپ كەتكەن بولسا، بەلكىم سىزدە يۈرەك تاجىسىمان ئارتېرىيىنىڭ قان يەتكۈزۈپ بېرەلمەسلىك كېسەللىكى پەيدا بولغان بولۇشى مۈمكىن.
    5- چۈشىڭىزدە يول ماڭغاندا تەڭپۇڭلىقىڭىزنى ساقلىيالمىغاندەك، بەدىنىڭىز تولغىنىپ كېتىۋاتقاندەك، پۇت- قوللىرىڭىز ئېغىرلىشىپ، ماڭالماي يىقىلىپ كېتىۋاتقاندەك بولسىڭىز، شۇنداقلا چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتسىڭىز، بۇ بەلكىم سانجىقنىڭ ئالدىن شەپىسى بولۇشى مۈمكىن.  
    6 - چۈشىڭىزدە ئېگىزدىن پەسكە چۈشۈپ كەتكەندەك بولۇپ، يەرگە چۈشمەستىنلا چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتسىڭىز، بۇ بەلكى يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىن بېشارىتى بولۇشى مۈمكىن.
    7- چۈشىڭىزدە سۇ كۆرۈنۈشى، يەنى كەلكۈن، سازلىق قاتارلىقلارنى كۆرگەن بولسىڭىز، بەلكىم جىگەر، ئۆت، يۈرەك قاتارلىق ئەزالىرىڭىزدا كېسەللىك پەيدا بولغان بولۇشى مۈمكىن.  
    8  چۈشڭىزدە باشقىلاردىن تاياق يەپ ئويغىنىپ كەتكەندىن كېيىن تاياق يېگەن ئورۇن ئاغرىغاندەك بولسا، شۇ ئورۇندىكى ئەزالاردا كېسەللىك پەيدا بولغاننىڭ بېشارىتى بولۇشى مۈمكىن.  
    ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى كىشىلەرنىڭ كۆرگەن چۈشى ئۆزىدىكى كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەسىلەن، نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش ئەھۋالى بولىدۇ؛ دائىم كۆڭۈلسىز چۈشلەرنى كۆپ كۆرىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى بار كىشىلەر چۈشىدە ئېگىزگە يامىشىپ چىقىش، ئۇچۇش، ئاچچىقلىنىش قاتارلىق چۈشلەرنى كۆرىدىكەن. ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر چۈشىدە ماڭغاندا چارچايدىكەن. روھي كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر قورقۇنۇشلۇق ئەھۋاللارنى چۈشەيدىكەن.  
        شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر: يۇقىرقىدەك چۈشلەرنى كۆپ كۆرۈدىغانلار ۋاختىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئومۇميۈزلۈك بەدەن تەكشۈرتۈشى كېرەك، دەپ تەۋسىيە قىلىدۇ.

    分享到: