• مانا بۇ ئىسلام دىنى

    2009-05-15

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39407758.html

    مانا بۇ ئىسلام دىنى

    تەرجىمە

     

    ئىسلام دىنى مىھرىبانلىق ، ئادالەت ، تۇققاندارچىلىق ، راستىچىللىق ۋەبارلىق گۈزەل ئەخلاقلارغا بۇيرۇيدۇ . ئۇ زۇلۇم ، زىنىا ، ئوغۇرلۇق ، كىشىلەرنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىش ، ئالدامچىلىق ، گۇناھسىزلارنى ئۆلتۈرۈش ، خيانەتكارلىق ، كاززاپلىق ، پەخىرۋازلىق ، ئادەم تىللاش ، قاتارلىق بارلىق ناچار ئەخلاقلاردىن توسىدۇ .

    ئىسلام دىنى  ئەبەدىيلىك تەۋبىگە بۇيرۇيدۇ، كىمكى بىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ پۇشايمان قىلىپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتسا ئاللاھ تائالادىن كەچۈرۈم سورىسا ئاللاھ تائالا  ئۇنى كەچۈرىدۇ . ھىچكىم ئاللاھ تائالا  بىلەن بەندە ئوتتورسىدكى تەۋبىگە ۋاستە بولمايدۇ . چۈنكى ئاللاھ تائالا  ئۆزى بىلەن بەندە ئوتتورسىدىكى تەۋبە مۇناسىۋىتىنى ئاڭلاپ كۈرۈپ تۇرغۇچىدۇر.

    ئىسلام دىنى  پاكىزلىققابۇيرۇيدۇ . ئۇ ھەر قانداق جايدىكى ئىنسانغا زىيان يەتكۈزىدىغان نىجاسەتلەرنى تازلاشقا بۇيرۇيدۇ.

    ئىسلام دىنى  ئاياللارنى ھۆرمەتلەشنى ، تۇرمۇش راسخوتى، مىراس  قاتارلىق ھەقلەرنى تولوق بىرىشكە بۇيرۇيدۇ .

    ئىسلام دىنى  كىشىلەر ھاياتىغا ئاسانلىق يارىتىپ بىرىدىغان ھەر قانداق ئۈنۈملۈك ئەسلەھەلەردىن پايدىلىنىشنى دۇرۇس دەپ قارايدۇ .

     ئىسلام دىنى  بولسا چەك چىگرىسى ئىنىق دىن بولوپ ئۇنىڭدا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر بىر ئىبادىتىنىڭ ئىنىق ئاشكارا ئۆلچىمى ۋە شەرئى دەلىللىرى بار.ئۇ ئىنساننىڭ كۆز قارشى ئەمەس ، بەلكى بارلىق ئىنسانلار ئىتائەت قىلىشقا تىگىشلىك زات ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ قارارىدۇر.

    ئىسلام دىنى  كىشىلەرنىڭ ،جانلىرى ، ماللىرى ، ئەقلى ، روھى ، بىخەتەرلىكىگەكاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، جىنايەتلەر بىلەن كۆرەش قىلىدۇر ،ۋە جىنايەتكارلارنى جازالايدۇ .

    ئىسلام دىنى  دىگەنلىك يەككە يىگانە ئىبادەتكە لايىق، بۈيۈك ئەرىش ئۈستىدە بەندىلەرنىڭ ئىش پائالىيەتلەرنى كۆرۈپ خەۋەردار بولوپ تۇرغۇچى بىردىن بىر ئاللاھتائالاغا ئىبادەت قىلىش ، ئۇندىن غەيرىگە قۇلچىلىق قىلىشنى تەرىك ئىتىشتىن ئىبارەت .

    ئىسلام دىنى  دىگەن ئاللاھ تائالانىڭ ۋەھى ئىلىپ چۈشۈشكە مۇئەككەل پەرىشتە  جىبرىئىل ۋە جان ئىلىشقا مۇئەككەل ئۆلۈم پەرىشتىسىگە ئوخشاش  مەلۇم ۋەزىپىلەر ئۈچۈن نۇردىن يارتىلغان، ئىنسانلارغا ئوخشىمايدىغان مالائىكىلىرىنىڭ بارلىقىغا ئىيمان ئىيتىشدىن ئىبارەت .

    ئىسلام دىنى  دىگەنلىك ئاللاھ تائالانىڭ تەۋرات ، ئىنجىل، زەبۇر ،ۋە ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئوخشاش كىتاپلارنى نازىل قىلغانلىقىغا بۇ كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يەككە يىگانە ئاللاھ تائالاغا شىرىك كەلتۈرمەستىن ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدىغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدىن مۇھەممەد ئەلەيھسسالامغا نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمدىن باشقىلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يىۋىلىش مەقسىتىدىكى جان باقارلار تەرپىدىن ئۆزگەرتىپ تاشلانغانلىقى ، پەقەت قۇرئان كەرىمنىڭلا ئاللاھ تائالانىڭ ساقلىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ قەلىبلىرىدە ئۆزگەرتىلىش ، زايا بولوپ كىتىشلەردىن مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ئىلگىركى كىتاپلارغا نازارەتچى قىلىپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر مۆجىزە سۈپىتىدە نازىل قىلغانلىقىغا ئىيمان ئىيتىشتىن ئىبارەت.

    ئىسلام دىنى  دىگەن ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئەجدادى بولغان ئادەمنى ئاللاھ تائالا نىڭ لايدىن يارىتىپ ئۆز جەننىتىدىن جاي بەرگەنلىكى ، شەيتاننىڭ ئازدۇرشى بىلەن خاتالاشقانلغى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ىنىڭ ئۇنى جەننەتتىن چىقىرىپ تەۋبە قىلغاندىن كىين ئۇنى زىمىنغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى سىناش ئۈچۈن ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىگە، زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىشىلەرنى شەيتان ئازدۇرۇپ ئادەملەر بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا باشلىغاندائاللاھ تائالا نىڭ ئىنسانلار ئىچىدىن يەككە يىگانە ئاللاھ تائالا قا ئىبادەت قىلىش ، پەيغەمبەرلەرگە ئەگىىششتىن ئىبارەت ئىلاھى ۋەزىپىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈشى ئۈچۈن نۇھ ، ئىبراھىم ، مۇسا ، ئەيسا ، ۋە ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھسسالام قاتارلىق ئەلچىلەرنى ئىۋەتكەنلىكىگە ئىيمان ئيتىشتىن ئىبارەت .

    ئىسلام دىنى  دىگەن ئاللاھ تائالانىڭ خالايىقلارنى بىھۇدە ئەمەس  بەلكى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقانلىقى ، ئاخىرەتتە ئۇلارنى قايتىدىن تىرگۈزۈپ دۇنيادىكى ئىشلىرىدىن ھىساپ ئالىدىغانلىقىغا ئىيمان ئىيتىشدۇر.

    ئىسلام دىنى  دىگەن كائىناتتا يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھادىسلەر يۈز بىرىشتىن بۇرۇن تەقدىر قىلىشى بىلەن بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت روھى خاتىرجەمىلىككە ئىيمان ئىيتشتۇر.

    ئىسلام دىنى  دىگەن ئاللاھ بىلەن بەندە ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بەش ۋاخ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى تەلىم بەرگەن ئۇسلۇب بويىچە ئاداقىلىشدۇر .

    ئىسلام دىنى  ئىقتىسادنى پاكىزلەش ،پەقىرلەرگە كۆيۈنۈش ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا ئىقتىسادقا ئىرىشكەن كىشىلەرنىڭ مۇھتاجلارغا ئۆز ئىقتىسادىدىن بىر قىسمىنى ئاجرىتىشقا بۇيرۇيدۇ.

    ئىسلام دىنى  يىلدا بىر ئاي رامىزان روزىسىنى تۇتۇشقا بويرۇلغان بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە ،پەقىرچىلىكنى ئەسلىتىش، ساغلاملىقنى قوغداش ، ئاجىزلارغا كۆيۈنۈشنى ئۈگىتىدۇ، روزا تۇتۇش بەندىنىڭ پەرۋەردىگارىغا بولغان ئىتىقادىنى سىناش ئۈچۈن كۈن چىققاندىن تارتىپ ، كۈن پاتقىچە يىمەك –ئىچمەكتىن ئۆزىنى تارتىشتۇر.

    ئىسلام دىنى  قۇدرىتى يەتكەن كىشىگە ئۆمىرىدە بىر قىتىم ھەج قىلىشقا بۇيرۇيدۇ . ھەج قىلىش دىگەن مەككىگە بىرىپ ئىبراھىم،ئەيسا ؟ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھسسالام قاتارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئۈلگە قىلىپ مەخسۇس پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئىبارەت .

    ئىسلام دىنى  مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ بارلىق ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىپ ئىۋەتىلگەنلىكى، ئاڭلىغان كىشىنىڭ ئۇنىڭغا ئىيمان ئىيتىپ ئىتائەت قىلىشى كىرەكلىكى ،ئىتائەت قىلمىغانلارنىڭ قىيامەت كۈنىى دەۋزەخكە تاشلىنىپ پۇشايمانغا قالىدىغانلقى ،دۇنياغا قايتىپ ئىيمان ئيىتپ قايتىدىن ئىتائەت قىلىشنى ئۈمۈد قىلسىمۇ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىشتۇر.

    ئىسلام دىنى  دىگەن پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھسسالام ئىلىپ كەلگەن يول بويىچە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بولوپ ، مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ سۈننەتلىرى بۇخارى ۋە مۇسلىمغا ئوخشاش ھەدىس پىشۋالىرىنىڭ توپلاملىرىدا خاتىرلەنگەن ، مۇسۇلمان بولغان كىشى ، ئەقىل ۋە دىنغا زىد كىلىدىغان خۇراپاتلارغا ئەگەشمەسلىكى كىرەك .

    ئىسلام دىنى قەبىرە- مازالار ئەتراپىدا تاۋاپ قىلىش ، قەبرە ئىگىسىدىن تىلەشتىن چەكلەيدۇ .

    ئىسلام دىنى ئاخرەتنى ئەسلەش ، ئەرلەرنىڭلا قەبرىلەرنى تىز سۈرئەتتە زىيارەت قىلىشىغا قىزىقتۇرىدۇ . مەلۇم شەخسلەرنى ،ئۈلۈكلەر ۋە كونا بىنالارنى مۇقەددەسلەشتۇرۇشتە قارشى تۇرىدۇ .

    ئىسلام دىنى  ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشتا ۋە ھەر ئىشقا سەۋەب قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. تۇمار ئىسىش، ۋە سىھرىگەر كاھىنلار، ۋە كىشىلەرنىڭ پۇللىرىنى ئالداپ يىگۈچى كاززاپلارنىڭ قىشىغا بىرىشتىن توسىدۇ.

    ئىسلام دىننىڭ روزى ھىيت ۋە قۇربان ھىيتتىن ئىبارەت ئىككى بايرىمى بار بولوپ ،كىشىلەر ئويدۇرپ چىقارغان تۈرلۈك بىدئەت ھىيت بايراملارنى ئىتىراپ قىلمايدۇ .

    ئىسلام دىنى  دىنى مۇسۇلمانلارنى تاھارەت ، ناماز ، زاكات ، روزا، ھەج ۋە مۇئامىلات قاتارلىق شەرئى ئەھكاملارنى ئۈگۈنۈشكە چاقىردۇ . ئىسلام دىنى  دىگەن ئاللاھدىن باشقا ھىچ بىر ئىلاھ يوق . مۇھەممەد ئەلەيھسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر . دەپ گۇۋاھلىق بىرىش، جەننەتكە ئىرىشش  دەۋزەختىن ساقلىنىش ئۈچۈن ،ئاللاھنىڭ ھوزورىغا بارغىچە شۇ گۇۋاھلىق سۆزىگە ئەمەل قىلىشتۇر .

    ئىسلام دىنى  دىنغا تۇنجى قىتىم كىرگەندە، مەنى چىققاندا ،ھەيز نىپاسدار ئاياللار پاكلانغاندا غۇسلى قىلىشقا بۇيرىيدۇ.

    ئىسلام دىنى  تۆۋەندىكىدەك تاھارەت ئىلىشنى بۇيرۇيدۇ . ئىككى قولنىڭ ئالىقنى بىر دىن ئۈچ قىتىمغىچە يۇيۇش .

    ئىغىز بۇرۇنغا سۇ ئىلىپ بىر قىتىمدىن ئۈچۈ قىتىمغىچە چايقاش ،

    بىر قىتىمدىن ئۈچ قىتىمغىچە يۈز يۇيۇش  ، بىر قىتىمدىن ئۈچ قىتىمغىچە ئوڭ ۋە سول قولنى جەينەككىچە يۇيۇش ،باش قىسمىغا قولاق بىلەن قوشۇپ مەسى قىلىش ، ئىككى پۇتنى بىر قىتىمدىن ئۈچ قىتىمغىچە ھوشوققىچە يۇيۇش.

    分享到: