• ئىللەت تۈزەلمىسە مىللەت تۈزەلمەيدۇ

    2009-05-15

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/bilim-kuq-logs/39407682.html

    1. ھاكاۋۇرلۇق، مەنمەنلىك ، ماختانچاقلىقتىن ساقلىنىڭ .
    2. خوشنا -خۇلۇم ، دوست -بۇرادەر ، خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلماڭ .
    3. سەۋرى - تاقەت بۇلۇڭ . ھەر قانداق جايدا باشقىلارنىڭ سۆزى تۈگىمىگۈچە ئالدىراپ گەپنىڭ بىلىگە تېپىپ ، قوشۇق سالماڭ .
    4. ئۆزىڭىزگە تەلەپچان بۇلۇپ ، كۆڭۈل -كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ .
    5. مېھماندارچىلىققا بارغاندا ، ئۆز -ئارا قۇلاقنى قۇلاققا يېقىپ پىچىرلاشماڭ .
    6. ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەڭ .
    7. سۆز قىلغاندا مۇلايىم ، سەمىمى ، كەمتەر بۇلۇڭ .
    8. يول يۈرگەندە ياكى بىرەرسى بىلەن سۆزلەشكەندە ، ئىككى قولىڭىزنى كەينىڭىزگە تۇتۇپ تۇرماڭ ، بۇنداق تۇرۇش كىشىلەرگە ھاكاۋۇردەك تۇيغۇ بېرىدۇ .
    9. ئەرلەر بار سورۇندا سەت چاخچاقلارنى قىلىشتىن ساقلىنىڭ .
    10. تاماق يەۋاتقاندا بۇرۇن - قۇلاق كوچىلىماڭ ، تۈكۈرمەڭ ، بۇرۇن قاقماڭ ، بېشىڭىزنى قاشلىماڭ ، تىرناق ئالماڭ ، تىرنىقىڭىزنى چىشلىمەڭ .
    11. باشقىلاردىن نەرسە - كېرەكلەرنى تولا سورىماڭ ، ئۆتنە ئالغان نەرسىلەرنى ئۆز ۋاختىدا قايتۇرۇپ بېرىڭ .
    12 يالغانچىلىق قىلماڭ ، راستچىل بۇلۇڭ ، ئۆز - ئارا گەپ توشىماڭ .
    13. ئىشىك ماراپ گەپ تىڭشىماڭ ، بۇ خۇلۇم - خوشنىلار ئارا ئىتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان سەت قىلىق .
    14. ياش قورامىڭىزغا قارىماي ئاجايىپ - غارايىپ كىيىنىشتىن ، دەرىجىدىن تاشقىرى ھۆسۈن تۈزەشتىن ساقلىنىڭ .
    15. ھەسەتخورلۇق ، ئىچى تارلىق كېسىلىنى يۇقتۇرىۋالماڭ .
    16. دوستلىرىڭىزنىڭ سىزگە ئىشىنىپ دىگەن مەخپىيەتلىكىنى ئىچىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ ھەرگىز ئاشكارلاپ قويماڭ .
    17. خوشامەتچىلىك ، تەخسىكەشلىك قىلماڭ .
    18. باشقىلارغا قىلغان ياردىمىڭىزگە مىننەت قىلماڭ .
    19. ئالدىدا بىرخىل ، كەينىدە بىرخىل ، ئىككى يۈزلىمە بولماڭ ، سۆزىڭىز بىلەن ئەمىليىتىڭىز ، تىلىڭىز بىلەن دىلىڭىز بىردەك بولسۇن .
    20. ۋىجدانغا ھۆرمەت قىلىپ ، غورۇرىڭىز بىلەن ياشاڭ .
    21. ئۆزىڭىزنى تولىمۇ ئىقتىدارسىز ، يارىماس چاغلاپ روھىڭىزنى چۈشۈرمەڭ . ئۈمۈدۋار بۇلۇڭ .
    22. باشقىلار مىنىڭ ھۆرمىتىمنى قىلمىدى ، مىنى ۋاي دىمىدى ، كۆزگە ئىلمىدى دەپ زارلانماڭ ، ئۆز ھۆرمىتىڭىزنى ئۆزىڭىز ساقلاڭ .
    23. زىبۇ - زىننەتنى زىيادە چوڭ ياكى مۇرەككەپ تاقىماڭ .
    24. كىيىم - كېچەكنى زىيادە چاكىنا كەيمەڭ .
    分享到: