كۆرۈش: 1033|ئىنكاس: 8

تاماكا چەككەنگە تويە![ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
شىرئەلى ئابدۇقادىر
تىللا
1442
تۆھپە
266
UID
377
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 05:18:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشىن تورىنىڭ بۈگۈن سەھەر سائەت 1 دە بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلگەن:
مۇشۇ ئاينىڭ 19 - كۈنى نەسىھەتنى ئاڭلىماي بىليارتخانىدا تاماكا چەككەن ئىككى ياشقا قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايۇنلۇق ساقچىخانا تەرىپىدىن ئىككى كۈنلۈك مەمۇرى تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى بېرىلگەن. بۇ قاراماي شەھىرى ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چەككۈچىلەرگە بېرىلگەن مەمۇرى تۇتۇپ تۇرۇش جازاسى ئىكەن.
قولۇمدا تاماكا، يۇقارقى خەۋەرنى ئوقىۋېتىپ تېنىمنى تىترەك باستى. ئۆتكەن يىلى ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىش قانۇن بويىچە چەكلەنگەندىن كېيىن، ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چەكمەس بولغان ئىدىم، لېكىنزە تاماكا چېكىدىغان يەرنى ئىزدەپلا يۈرەتتىم. ھى ھى ھى....
تاماكا تاشلاشقا خېلى ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولساممۇ بۇ نىجىسنى تاشلاش تەس كېلىۋاتاتتى. نېمىلا دېگەن بىلەن 16 يىل بولدى ئەمەسمۇ؟ ھاراقنى تاشلىۋېتىپمۇ ئۆزۈمنى تولىمۇ يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلغان ئىدىم. مەززىسىز ئولتۇرۇشلار، جاننى قىيناپ كېچىلەپ ئىچىشلەردىن تولۇق قۇتۇلۇپ، ۋاقتىمنى ئۆگىنىشكە سەرىپ قىلالايدىغان بولدۇم. ئەمدى شۇ يامان ئادەتلىرىمدىن تاماكا قەپ قالدى. مۇشۇنى تاشلىۋالسام ھاراق ئىچمەيدىغان، تاماكا چەكلەيدىغان، قىمار ئوينىمايدىغان "3 تە ياخشى ئەر" بولىۋالىمەن.
يۇقارقى خەۋەرنى ماڭا ئوخشاش بەڭگىلەرگە جىدىي ئاگاھلاندۇرۇش بولسۇن دەپ بۇ مەزمۇننى يوللىدىم. مەمۇرى جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇش دېگەنلىك "تۈرمىگە كىردى" دىگەن بىلەن باراۋەر بولىدۇ. پالانىچى "تۈرمىگە كىرىپ چىقىپتۇ" دىسە نېمە دىگەن سەتچىلىك؟ قىلايچۇ دېسەكلا، ئىرادىلا بولسا قىلغىلى بولمايدىغان نېمە ئىش بار؟ شۇڭا بەڭگى دوستلىرىم، ئولاش - چولاش مۇشۇ تاماكىنى تاشلىۋەتمەمدۇق؟

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەتىللايىغىشسەۋەبى
تەڭرىتاغ + 5 + 5

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 5 تىللا + 5  باھا خاتىرىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
701
تۆھپە
376
UID
1140

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 10:49:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ياخشى. مەن تېخى ئوقماپتىمەن، يولدىشىمغا تېز خەۋەر قىلىپ قوياي جۇمۇ.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
209
تۆھپە
85
UID
1173
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 13:18:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بۇ قىرىندىشىمىزنىڭ ئۆپكىسى ئوچاقنىڭ مورىسى بوپتۇ ئەمسە


Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
2
UID
2104
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 14:06:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراماي شەھىرى شۇڭلاشقا پاك-پاكىز تۇرىدۇ ،،


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
1144
تۆھپە
697
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 16:20:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      پۇتۇن جەمىيەت ھەركەتكە كىلىپ، تاماكا چىكىشنى چەكلەيلى!


Rank: 4

تىللا
233
تۆھپە
130
UID
1406
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 17:24:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ ،چەككەندىن پۇرۇغان يامانكەن.
تاماكا چەككۈچىلەر دىققەت!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
                F[3]THZ6BVOI6F{Y6Y6KL_2.jpg




Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەقسەت ئوغلى
تىللا
528
تۆھپە
248
UID
1425
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-29 01:37:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەببۇسىڭىز ياخشى، ھەركەتنى ئاۋال ئۆزىڭىزدىن باشلىمامسىز!


Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
4
UID
14498
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكىنىڭ قېپىغا زىيانلىق دەپ يېزىپ قويمىسا قانچىلىك چىكەتتىڭلار، ئاغىنىلەر!
ھازىر سىلەردىن ئېشىپ باراۋەرلىك تۇيغۇسى ئاستىدا ئاچا-سىڭىللىرىمىز ھەم تاماكا چەكمەكتە. بۇ رېئاللىق.
تاماكا ماھىيەتتە نەشىگە، ئاققا ئاپىرىدىغان پەلەمپەي!
شۇ بەڭگىلەرگە ھەيرانمەن، رامىزاندا 10نەچچە سائەت چەكمەي چىدىيالايدۇ-يۇ، ئادەتتىكى ۋاقىتتا چىدىيالمايدۇ. دېمەك ئىرادە بىلەن ئىتىقاتقا تايانساڭلار چوقۇم يىڭەلەيسىلەر ئۇ نىجىسنى. غەيرەتلىك بولۇڭلار.


Rank: 4

تىللا
215
تۆھپە
157
UID
5327
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكا سانائىتىنى چەكلىۋەتسىلا بولاتتى، تاماكا زاۋۇتلىرى تاقالسا ياخشى بولاتتى،


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-6 01:43, Processed in 0.096391 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991